تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1581|ئىنكاس: 0

مۇناپىقلىقنى ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن ئاقلىغىلى بولمايدۇ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
122
(ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكىسۆھبەتكە رەددىيە)
يېقىندىن بېرى مەملىكەت ئىچىدىكىتوربەتلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەھەسىدىكى ئاتالمىش داڭلىقلارنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنىقايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇلارغا قايتا باھا بېرىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭدائاساسەن 1950-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قىسمەن بۈگۈنگىچىمۇ داۋامقىلىۋاتقان قۇلچىلىق ئىدىيىسىدىكى ئەسەرلەر ۋە ئاپتورلار ئوبېكت قىلىنغان بولۇپ،مېنىڭچە بۇ بىر خىل ئويغۇنۇشنىڭ مەھسۇلى، يېرىم ئەسىرلىك مېڭە يۇيۇش ۋەپىسخولوگىيىلىك قايتا شەكىللەندۈرۈشكە قارشى جەڭ ئېلان قىلىش بولۇپ، مىللىتىنىسۆيۈدۇغان ھەر ئۇيغۇر سۆيۈنۈشكە تېگىشلىك بىر ئەھۋال ئىدى. خۇددى ئۇ دۇنيادائاللاھنىڭ ھىساپ-كىتابى بولمىغان بولسا (ئۇنىڭ مەنىۋىي چەكلىمىسى ۋە قورقۇنچىبولمىغان بولسا) ئىنسانلارنىڭ گۇناھ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتمايدىغانلىقىغائوخشاش، مۇشۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆزىدىمۇ، قانۇننىڭ چەكلىمىسى ۋە كۆرۈنمەس ۋەھىمىسىبولمىسا ئىنسانلارنى جىنايەتتىن توسقىلى بولمىغانغا ئوخشاش، بىر مىللەتتە مۇناپىقلاردىن،مۇناپىقلقتىن ھىساپ ئالۇدۇغان روھ ۋە ئادەت بولمىسا مۇناپىقلىقمۇ خۇددى شۇنداقيامراپ، ئادەتتىكى ئىشقا، ئانچىكى ئىشقا، نورمال ئىشقا ئايلىنىپ قالۇدۇ.
بىر مەھەل توربەتلەردە قانات يايغان بۇ خىلئويغۇنۇش سەمەرىلىرىدىن چۆچۈگەن خىتايلار، يەنە بىر تۈركۈم ئادەملەرنى سەپەرۋەرقىلىپ، ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن بۇ «مېۋىلەر»نى قوغداش كۆرۈشىگە ئاتلاندى. بۇقوغدىغۇچىلارنىڭ كۆرسەتكەن باھانىسىمۇ دەل « گەرچە ئۆزى ئىستىمىگەنبولسىمۇ لېكىن مۇشۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنى يېزىشقا مەجبۇر بولغان» دېگەندىن ئىبارەتبولۇپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، «توغرا چۈشۈنۈش»ىمىز تەۋسىيە قىلىنغان.ئىنكاسلاردىكى كەسكىن سوئاللارغا، يەنى «مەجبۇر بولغان دېگەن قانداق؟ بېشىدا قىلىچتەڭلەپ تۇرۇپ يازدۇرغانمۇ؟ ھىچ يازمىغان بولسا، شائىر بولمايلا قوياي، مۇناپىقشائىر بولغاندىن كۆرە، دېسە بولمامتى؟ دەسلەپكى دەۋرلەردە ئازغانمۇ بولسۇن، ئەممائۆمرى بويىچىمۇ ئازدىمۇ؟ نۇرغۇنلىرى كېيىن ئۆزگەردى، بەزىلىرى كېيىن يېزىشنىتوختاتتى، قالغانلىرىمۇ شۇنداق قىلسىمۇ بولاتتىغۇ؟.... » دېگەندەك سوئاللارغاجاۋاپ بېرىشتىن غەرەزلىك ھالدا ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قەستەن يۆنۈلۈشنى بۇراپ، بۇنىماجراغا ئايلاندۇرۇپ، ئىنكاسلارنىڭ ئاخىرى ھاقارەتلىشىشكە بېرىپ، شۇنىڭ بىلەن بۇبەس-مۇنازىرىگە خاتىمە بېرىلگەن ئىدى.
چۈنكىخىتايلار يېرىم ئەسىرلىك ئىدىئولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھۇلى تەۋرەۋاتقانلىقىدىنسەراسىمىگە چۈشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ مېڭە يۇيۇشلىرى، ئىدىيە ئۆزگەرتىشلىرى، «سوتسىيالىستىكئاڭغا ئىگە يېڭى جۇڭخۇا مىللىتى بەرپا قىلىش» ئۇرۇنۇشلىرى دەل مۇشۇ مۇناپىقئەدىپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق روياپقا چىققان بولۇپ، ئەگەر خىتايلار ئۆزلىرىئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇشۇنداق قايتا قۇرۇش ئېلىپ بارغان بولسا، يا مۈمكىن بولمايتى،يا بىر ھەسسە كۆپ ۋاقىت ھەم كۈچ كەتكەن بولاتتى. چۈنكى خەلقىمىز ئەزەلدىنخىتايلارنى پەس كۆرەتتى. بارلىق سەلبىي ئىشلارنى، يامان ئىشلارنى، پاسكىنىچىلىق،ئىنسانىيەتسىزلىكلەرنى «خىتايدەك» دەپ سۈپەتلەشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن، بۇ كوللىكتىپيوشۇرۇن ئېڭىمىزدىن ئورۇن ئالغان ياتلىق تۇيغۇسى، يات كۆرۈش تۇيغۇسى ئىدى. دەلئاشۇ ئەدىپلەر «خىتاي» دېگەننى خەنزۇ دېيىشكە، پەس خىتايلار، «ماڭقىلار» دېيىلىپسۈپەتلىنىدىغان خىتايلارنى ئالىي دەرىجىلىك ئىنسان قىلىپ تەسۋىرلەش بىلەن،كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئېڭىمىزدىكى خىتاينى يات كۆرۈش، پەس كۆرۈش تۇيغۇمىزنى تەدرىجىييەڭگۈشلەپ، خىتايلارنىڭ «ئۇلۇغلۇقى»غا قول قويۇدۇغان يېڭى ئاڭ شەكىللەندۈرگەنئەمەسمىدى. ئۆزىمىز كاتتا بىلگەن، ئۆزىمىز ھۆرمەت قىلىدىغان بىلەرمەنلىرىمىزنىڭئاغزىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، خىتايلارنىڭ باسقۇنچى ئەمەس، قۇتقازغۇچى، پەس ئەمەسئۇلۇغ، ياۋۇز ئەمەس، رەھىمدىل ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىدۇقمۇ؟ ئەمدىلىكتە مۇشۇ روھىقۇرۇلۇشنىڭ مىمارلىرى سوت سەھنىسىدە ئەيىپكار ئورنىغا چىقىرىلىدىغان بولساخىتايلارنىڭ جىمىكى ئەقىدىسى بىكار بولۇدۇ-دە! مانا شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايلار بۇ ئىشنىجىددىي تۈگۈتۈشكە ئاتلىنىپ، تېز ئارىدىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراپ، نىشاننىبۇرمۇلاپ، ئادەتتىكى ماقراغا ئايلاندۇرۇپ تۈگەتكەن ئىدى.
ئەمدىلىكتەخۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا چەتئەلدىكى ئەركىن مەتبۇئاتتا بۇ تېمىدا سۆھبەتئېلان قىلىنىپ، خۇددى ئوخشاش باھانە بىلەن مۇناپىقلىق ۋە مۇناپىق ئەدىپلەرئاقلاشقا ئۇرۇنۇلغان. بۇنىڭدا نېمىگە ئاساسلانغان؟ ھەق ئۆلچەم قىلىنغانمۇ؟ مىللىيمەنپەئەت ئۆلچەم قىلىنغانمۇ؟ ياكى تەرەپدارلىق ئۆلچەم قىلىنغانمۇ؟ ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ روھىنى قايتا قۇرۇش يولىدا ئاۋانگارت بولۇشى كۈتۈلگەن كىشىلىرىمىزنىڭدەل شۇ قايتا قۇرۇشنى زۆرۈرى قىلغان بۇزۇقلۇقنى، قايتا قۇرۇشقا مەجبۇر قىلغانقۇلچىلىق روھىنىڭ مىمارلىرىنى ئاقلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرۇدۇ.
مۇنداقبىر مىسالنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: خىتايغا قارشى يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسىتۇتۇلۇپ قالغان بولسۇن، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن خىتايلارنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلاربىلەن زورلىشى، قىيىن-قىستاقلىرى تۈپەيلى سېتىلغان بولسۇن، بىز ئۇنى ھىچئىككىلەنمەي خائىن دەيمىز، مۇناپىق دەيمىز. ئەمما ئۇنىڭچىلىكمۇ زورلانمىغانمۇناپىق ئەدىپلەرنى نېمە ئۈچۈن «مەجبۇر بولغان» دەپ ئاقلايمىز؟ بىر سىياسىي مەھبۇستىنمۇ بەكرەك زورلانغانمۇ؟ قىيىن قىستاققائېلىنغانمۇ؟ بىر سىياسىي مەھبۇس قىيىن قىستاققا چىدىيالماي سېتىلىپ كەتكەن بولسائۆزىنىڭ مۇناسىۋەت ھالقىسىدىكى ئىككى ئادەمنى ساتىدۇ. ئاشۇنچىلىك زىيان ئۈچۈنمۇئۇنى مۇناپىق دەيمىز، ئەمما پۈتۈن مىللەتنىڭ مەنەۋىي قۇرۇلمىسىنى چىرىتىۋەتكەنمۇناپىق ئەدىپلەرنى نېمىشكە ئۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ؟ بۇنىڭدىكى مەنتىقە نېمە؟بىرىنىڭ زىيىنى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىشى مۈمكىن، ئەمما يەنە بىرىنىڭزىيىنىنى ئىككى ئەۋلات داۋالاپمۇ يىلتىزىنى قېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇمۇ تېخىداۋالاش ئىختىيارىمىز، ئىمكانلىرىمىز بولغاندىلا ئاندىن شۇنداق. خۇددىسۆھبەتلەشكۈچىنىڭ ئېڭىغا ئەركىن دۇنيادا بولۇشىغا قارىماي تېخىچە ھۆكۈمرانلىقىنىداۋام قىلدۇرۇۋاتقان يىلتىزى چوڭقۇر ئىدىئولوگىيە ئاشۇ ئەمەسمۇ!؟
باھانە قىلىنغان تاشقىي سەۋەپلەر ھەققىدىمۇبىر ئاز تەھلىل يۈرگۈزۈشىمىز مۈمكىن:
نۇرغۇن ئاڭلىق كىشىلىرىمىز ئەللىكىنچىيىللارنىڭ دەسلىپىدە ئالدانغان دېگەن باھانىنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا، بۇئالدانغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئالدىنىۋەرگەنلىكىنى قانداق چۈشۈنۈمىزۋە قانداق چۈشەندۈرۈمىز؟ مەسىلەن: 1955-يىلىغا كەلگىچە خېلى كۆپ كىشىلەردەخىتايلار بىزنى ئازات قىلىۋېتىپ چىقىپ كېتىدۇ دېگەن ئەخمىقانە ئومۇنۇش بولغانلىقىراست؛ خىتايلارنىڭ بۇ چاغلاردىكى شۇئارلىرىمۇ خۇددى شۇنداق ئىدى. ئەمما 1955-يىلىنە مۇستەقىللىق، نە فىدراتسىيە ئەمەس، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نۇرغۇنسەرخىللىرىمىز قارشى مەيدانغا ئۆتتى. ئەسلىدە خىتاي چۈمپەردىسىنى يېتەرلىك دەرىجىدەئاچتى دېيىشكە بولاتتى. ئەنە شۇ چاغلارغا كەلگەندە زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردىقاتارلىق كىشىلەر ئاشكارە سورۇنلاردا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ يۈرگەن. شۇڭا ھۆكۈمەتھۆججەتلىرى ۋە تەشۋىقات كىتاپچىلىرىدا ئىسمى ئاتىلىپ تەنقىت قىلىنغان ئىدى. كېيىنئۇلار رەسمىي قولغا ئېلىندى ۋە ئۇلارغا قېتىپ مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدىن مىڭلىغانسەرخىل كىشىلىرىمىز تۇتقۇن قىلىنىپ زىندانغا تاشلاندى ۋە كۆپىنچىسى تىرىك قايتىپچىقالماي يوق بولدى! بۇ ئەمەلىيەت بولسا يەنە باشقا بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ كۆزىنىئېچىشقا يەتتى. بەزىلىرى ھىچنەرسە يازماس بولۇۋالدى، بەزىلەر مۇھەببەت، ئائىلەتېمىلىرى، تەبىئەت لېرىكىلىرى يېزىش ئارقىلىق، غالچىلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولدى.سۆھبەت بايان قىلغۇچى بۇ قاراشلىرىمىزنى مۇنداق تەستىقلايدۇ: « مەسىلەن، ‹چېنىقىش›ھېكايىسىگە قارايدىغان بولساق، يازغۇچى گەرچە خەلق كوممۇناسىنى مەدھىيىلەۋاتقاندەككۆرۈنسىمۇ، لېكىن مەتنىيازنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىشق-مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىگە باغلاپتەسۋىرلىگەن. يەنى يازغۇچى ئۇستىلىق بىلەن ئەسەرنى سىياسىيدىن يىراقلاشتۇرۇشقاتىرىشقان. ئەگەردە يازغۇچى ئەسەرگە مۇھەببەت دېتالىنى قوشمىغان تەقدىردەمەتنىيازنىڭ ئۆزگىرىشىنى پارتىيىنىڭ تەربىيىسىدىن بولغان دېگەن بايان بىلەنچۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولاتتى. شۇڭا زۇنۇن قادىر بۇ دېتالنى پىلانلىقئورۇنلاشتۇرغان دېيىشكە بولىدۇ». خوش، «سىياسىي تېمىلارغا مەجبۇر قىلىنغان»دېيىلگەن باھانىنى قوبۇل قىلىشقا بولغان تەقدىردىمۇ، خۇددى زۇنۇن قادىردەك ئۆزىنىقاچۇرۇش يوللىرى بار ئىكەنغۇ؟ شۇنى كۆرۈش كېرەككى، «سىنىپىيكۆرەش» دېگەندەك ئومۇمىي تېمىلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، دېيىلسىمۇ، شۇۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى ئاكتىۋال شۇئار-چاقىرىقلارغا دەرھال ئاۋاز قوشۇش، خۇددى كانايغائوخشاش بۇ ۋاقىت خاراكتېرلىق شۇئارلارنى ياڭرىتىپ بېرىش، شۇنداقلا خاتاقىلىۋاتقانلىقىنى ئۆمۈر بويىمۇ تونىماسلىق، مىللىي كىملىكىنى ھىچقاچان ئەكسئەتتۈرمەستىن ھامان سىياسىي چاقىرىقلارغىلا ماسلىشىش يەنە باشقا بىر مەسىلە.
شۇندىن كېيىنكى ئاخىرى ئۈزۈلمىگەن سىياسىيھەركەتلەردە يەنە نۇرغۇن سەرخىل كىشىلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. بۇنداق پاجىئەلەردىنمۇكۆزىنى ئاچمىغان، ئاخىرقى ھاياتىغىچە غالچىلىق، قۇلچىلىق قلغانلارمۇ مۇناپىقئەمەسمۇ؟
ئەمدى مەلۇم سىياسىي مەسلەكنى قوبۇل قىلىشياكى توغرا دەپ قاراش، مەلۇم پەلسەپە سىستېمىسىنى مېنىڭسىمەك باشقا بىر گەپ؛تاجاۋۇزچىلارنى قۇتقازغۇچى، مۇنقەرزلىكنى ئازاتلىق، دۈشمەننى دوست، تامامەن ياتبولغان بىر قەۋمنى ئۆزى بىلەن قېرىنداش، تاجاۋۇزچىلار ۋەتىنىنى ئۆزىنىڭمۇ ۋەتىنىدېيىش يەنە باشقا بىر مەسىلە. مەسىلەن: قىرىقىنچى يىللاردىن باشلاپ بىر قىسىمزىيالىلىرىمىز كوممۇنىزم مەسلىكىنى مېنىڭسىدى. (ھەتتا بەزى زىيالىلىرىمىز1918-1922 يىللىرىغىچە خەلقارا كوممۇنىزم ھەركىتىگىمۇ ئىشتراك قىلىپ، كوممۇنىزملاگىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق مۇستەقىللىققا ئېرىشىش شېرىن چۈشىنىمۇ چۈشىگەن ئىدى) تاكى1980-يىللارغىچىمۇ كوممۇنىزم مەسلىكىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاپەت ئىكەنلىكىنى،خۇددى فاشىزمغا ئوخشاشلا خەتەرلىك مەپكۈرە ئىكەنلىنى تونۇمىدى. ئەمما بەزىلىرىكوممۇنىزمنى بەخت كەلتۈرۈدۇ دەپ ئىشىنىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا مىللەتچى بولدى. مەسىلەن:زىيا سەمەدى بۇنداقلارنىڭ ۋەكىلى. ئۇ 50-يىللارنىڭ بېشىدىلا خىتايغا قارشى 51لەرگەقاتناشقان، ئەمما بۇ ئۇنىڭ كوممۇنىزمغىمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ئۇئىزچىل كوممۇنىست ئىدى، ئەمما، خىتايغا قارشى ئىدى. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ1970-يىللاردا يازغان «غېنى باتۇر» رومانىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولۇدۇ. بۇ نۇقتىنىيەنە ئىسا يۈسۈپنىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» ناملىق كىتابىنىڭ زىيا سەمەدىيبىلەن تۈركىيەدە كۆرۈشۈپ، ئاشۇ يىللاردىكى ئىدىئولوگىيەسى ھەققىدەسورىغانلىرىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولۇدۇ. يەنە زۇنۇن قادىرنىڭ سىياسىيدىن قاچقاندەكقىلىپمۇ، سىنىپىي كۆرەش فورمىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەسلىكىمۇ مەپكۈرىنىمېنىڭسىگەنلىكنىڭ مەھسۇلى. ئەمما مۇناپىقلىق مەپكۈرە ئەمەس، بەلكى قىلمىش.مۇناپىقلىقنىڭ مەپكۈرىسى يوق، ئۇنىڭ كۆزلەيدىغىنى پەقەتلا مەنپەئەت!
بىز بۇ يەردە مەپكۈرە تۈپەيلى بىرىنىمۇناپىق دىيەلمەيمىز ھەم ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، نۇرغۇن دۆلەتلەردە كوممۇنىستلاربار، مەسىلەن، تۈركىيەدىمۇ نۇرغۇن كوممۇنىستلار بار، ئوخشىمىغان پەلەسەپىگەئىشىنىدىغانلار بار، بۇلارنىڭ قايسى بىرىنى مۇناپىق دېگىلى بولۇدۇ؟ دېمەك كۆزدەتۇتۇۋاتقىنىمىز ئەمەلىي قىلمىشلار بولۇپ، مىللەتنىڭ ئەبەدىي دۈشمىنى ئۈچۈنقىلىنغان خىزمەت. ئۆز مىللىتى خەلقىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى قۇللۇق روھى بىلەنتولدۇرۇشقا يارايدىغان پەسكەش مەنەۋىيەت مەھسۇللىرى! دەل شۇلارنىڭ ئاشۇ مۇناپىقانەخىزمەتلىرى خاسىيىتىدە خىتايلار مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا مېڭىمىزنى يۇيۇپ، يوشۇرۇنئېڭىمىزغا قۇللۇقنى، قورقۇنۇچنى قاچىلىيالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز چەتئەللەردەتۇرۇپمۇ شۇنچە ئۇزاقتىكى خىتايدىن قورقۇپ، ھىچ ئىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان،تەشكىلاتلىنالمايدىغان، ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈدۇغان بولۇپ قالدۇق. تېخىمۇ يامىنى «ئۇ»ياكى «ئۇلار» مېڭىزگە قاچىلىنىۋېلىپ، «مەن» بولۇپ پىكىر قىلىدىغان بولدى. خېلىئۇقۇمۇشلۇق ئادەملىرىمىزمۇ «ئۆزى» سۈپىتىدە پىكىر قىلماي، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىنى،باشقىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈدۇغان بولۇپ قالدى. يەنىمۇ يامان بولغىنى ئۇلارئۆزلىرىنى ئۇقۇمۇشلۇق ھىساپلىغاچقا، «بۇ دەۋاتقانلار ‹ئۆز› پىكرىڭ ‹ئۆز› ئىدىيەڭئەمەس، ساڭا ‹ئۆزەڭ›دەك تۇيۇلۇۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ باشقىلار قاچىلاپ قويغانئىدىيە، قاراشلاردۇر» دەيدىغان بولسىڭىز، ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ، «مەن دېگەنزىيالىي تۇرسام، ئۆزەمگە خاس قارىشىم بولمايتىمۇ؟» دەپ تېرىكىدۇ. مېڭە يۇيۇشقائۇچراش دەرىجىمىز ۋە قايتا شەكىللەندۈرۈلۈش دەرىجىمىز مانا بۇ ھالغا يەتكەن.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاي جاۋاپكارمۇ؟ ياكى ئۆز ئىچىمىزدىن خىتايغاياردەملەشكەنلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارمۇ؟
«ئالاھىدەۋەزىيەت ۋە تارىخىي شارائىت بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈش كېرەك»، « شۇڭا ئۇلارغا ۋەئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ھەر ئىككى تەرەپتىن مۇۋاپىق باھا بېرىلىشى كېرەك» دېگەننىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرى نېمە؟ بۇ قانداق تومتاق، داڭقان پۇتىگەپ؟ مۇناپىق دېيىشتىن باشقا، «قۇلچىلىق ئەدەبىياتى» دېگەندىن باشقا يەنە قانداقباھا بېرىلىدۇ؟ بولۇپمۇ مىسال ئۈچۈن تىلغا ئېلىنغان مۇناپىقلاردىن ت. ئېلىيىۋ،قەييۇم تۇردى، ئەلقەم ئەختەم قاتارلىقلار ۋە شۇلارنىڭ تىپىدىكىلەرگە يەنە قانداقباھا بەرسەك بولۇدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ «دەۋر چەكلىمىسى، مەجبۇرلىنىش» دېگەندەكسەۋەپلەرنىڭ ئاللىقاچان مېزىنى چۇۋۇلۇپ بولدى، ئەمدى يەنە باشقا سەۋەپلەر بارمۇ؟بولسا مەرھەممەت!
ئاشكارە مۇناپىقلىققا قارىتامۇ كەسكىن باھابېرەلمەسلىكىمىزنىڭ ئۆزىمۇ بىزگە بىر ئەينەك بولالمامدۇ؟ بۇ بىزنىڭ ھەق-ناھەققەباھا بېرىش مىزانلىرىمىزنىڭ، توغرا خاتا، شەرەپ-نومۇس ھەققىدىكى مىزانلىرىمىزنىڭ،ئىستېتىك ئۆلچەملىرىمىزنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكى ئەمەسمۇ؟ بۇ مەنىۋىيبۇزغۇنچۇلۇقلارنىڭ جاۋاپكارى دەل ئاشۇ مۇناپىقلار بولماي كىم؟ بىز قانداقئۆلچەمدىكىلەرنى مۇناپىق دەيمىز؟ شۇ قەدەر شەرمەندە نەرسىلەرنى يازغانلارنىمۇيەنىلا مۇناپىق دېگىلى بولمىسا، مۇناپىقلار ھەققىدىكى ئۆلچەملىرىمىز زادى قانداق؟
ئەمدى،«ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بەرگەندە ئالدى بىلەنئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش، بېيىتىش ھەمدەئىپادىلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردىكى تۆھپىلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىشكېرەك» دېگەنگە كەلسەك، بۇنى تېخىمۇ كونكرېتراق،تەپسىلىيراق شەرھىيلەشكە تېگىشلىك. بىر نېمە يازغانلا ئادەم ئەدەبىي تىلىنىراۋاجلاندۇرۇشقا، ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىمۇ ناتايىن. دەل ئەكسىچەتىلنى بۇزۇش رولى ئوينايدىغانلىرىمۇ بولۇدۇ. دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن سانسىزلىغانئەدىپلەردىن تىل ئۇستىسى دەپ قارىلىدىغانلىرى، تىرىك سۆزلۈك دەپ قارىلىدىغانلىرى،ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتكەن ياكى كۆپەيتكەنلىرى بارماق بىلەن سانىغۇدەك ئازبولۇدۇ. شۇڭا يازغۇچى دېيلىگنلىرى كۆپ بولسىمۇ سەنئەتكار دېيىلىدىغانلىرى بەك ئازبولۇدۇ. ئەنئەنىۋىي، تۈز بايانلاردا ئەسەر يېزىپلا ئۆتكەن بىر ئەدىپنىڭ بۇنداق بىرخىزمىتى بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت بىر مىللىي ئەدەبىياتتائىلگىرى كۆرۈلمىگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلى، تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئىشلەتكەنكەنلەر،يېڭىچە ئۇسلۇپ قوللانغانلارلا مىللەتكە مۇشۇنداق خىزمەت بېرەلىگەنلەر بولۇدۇ.كوممۇنىست ئىستىلاسىدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي روھىيئالاھىدىلىكى تەسلىمچىلىك، قۇلچۇلۇق بولدى. بۇ كوممۇنىستلارنىڭ مېڭە يۇيۇشئوپېراتسىيىسى ئۈچۈن مىسلىسىز مۇۋەپپىقىيەتلەر كەلتۈرگەن بىر ئەدەبىيات بولدى. بەدىئىيسەۋىيەسى جەھەتتىن كىلاسسىك ئەدەبىيات سەۋىيەسىدىن ئېشىپ چۈشكەن بىرەر تەرەققىياتسەمەرىسى كۆرۈلگىنى يوق. ئۇنداق ئىكەن، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا قوشقانتۆھپىلىرىنىمۇ ئالەمشۇمۇل دەپ كېتەلمەيمىز. بولسىمۇ باردۇر، بەلكىم، دېڭىزدىكى بىرتامچىدەك، ئەمما ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىگە كەلتۈرگەن زەرەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تىلغائالغۇچىلىكى يوق.
نېمە ئۈچۈن بۇ تارىختىكى تارىخىي شەخسلەردىنقىلمىشلىرى ئۈچۈن باھا بېرىش ئارقىلىق ھىساپ ئېلىنىشى كېرەك؟ خۇددى يوقۇرىدا زىكرىقىلىنغاندەك، ھىساپ ئېلىش بولغاندىلا ئاندىن چەكلىمە كۈچى شەكىللىنىدۇ.مۇناپىقلىقنىڭ ئادەتتىكى ئىشقا، نورمال ئىشقا ئايلىنىپ قېلىشىغا «ئومۇمىيخور»ئېلىشىغا چەك قويغىلى بولۇدۇ. بۇنىڭغا قانداقتۇر «كەڭ قورساقلىق»، «ئادىمىگەرچىلىك»دېگەندەكلەر ئۆلچەم بولالمايدۇ، «شەپقەتلىكراق» بولۇشنى خالىسىڭىز، ئۆزىڭىزگەزۇلۇم قىلغان بولۇسىز. پەقەت مىللىي مەنپەئەتنىلا ئۆلچەم قىلىشقا مەجبۇرمىز.ئۇنداق قىلمىساق مۇناپىقلىق قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك چەكلىگىلى بولمايدۇ. چۈنكىبۇنداق ئۇچىغا چىققان پەسكەش ئەدەبىيات تاكى 80-يىللارغىچە ئومۇمىي تۈس ئالغان بولسا،بۈگۈنگىچە قىسمەنلىكتە داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلارنىڭمۇكۆپچۈلۈكى ئاشۇ پىشقەدەملەرنىڭ ھايات قالغانلىرى، 50-يىللارنىڭ تەۋەرۈكلىرىئىكەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز.
ھەيران قالارلىق بىر نۇقتا شۇكى، بۇ تېمىنىڭمەملىكەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ھۆكۈمەت دەستەكلىك كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەپۇچانپوزىتسىيە تۇتۇش» تەشەببۇس قىلىنىپ، ئارقىدىن تېمىنى ئاستا-ئاستا باشقا تەرەپكەيۆنلەندۈرۈپ، ماجراغا ئايلاندۇرۇپ تۈگەتكەن بىر ۋاقىتتا، ئەركىن دۇنيادىمۇ ئوخشاشبىر خىل ئاقلاش ئۇرۇنۇشىنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە قانداق مۇناسىۋەت باردۇ؟ بۇ ئاددىيلاتەرەپدارلىقمىدۇ؟ ياكى بەك «ئاقكۆڭۈللۈك»ىدىن كېلىپ چىققان كەڭ قوساقلىقتىنمىدۇ؟ مادارىچىلىق«خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت» تىپىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى بىر خىل ئۇسۇلبولۇپ، بۇنداق كەسكىن تۈردە مىللىي مەنپەئەتكە تاقىلىدىغان، تارىخي جىنايەتتىپىدىكى مۇناپىقلىقنى باھالاشتا مادارىچىلىقنىڭ ھىچ ئىشى يوق، لازىمى يوق،مۇناسىۋىتىمۇ يوق!
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مۇناپىقلىقھەرقانداق بىر سەۋەپ بىلەن ئاقلىغىلى بولۇدۇغان قىلمىش ئەمەس!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2018-2-18 13:12 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.206800 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 26 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش