تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2025|ئىنكاس: 0

RFA غا ياقىدىغان تېمىلاردىن بىرى بۇ ئىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
122
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتقان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-5 09:49  

ئامېرىكىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ئۆتكەن يىللاردا مەشۇر روزى(يېۋ)نىڭ «ئۇيغۇر زېمىنىدە» ناملىق كىتابىنىڭ قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغانلىقىنى گويا ئالەمشۇمۇل ئۇلۇغ بىر ئەسەر مەيدانغا كەلگەندەك خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ كىتاپنىڭ ئاپتورى بولغان مەشۇر (مەنسۇر) ئەپەندىنىمۇ گويا تارىخمىزنى پارلاق ئىش-ئىزلىرى بىلەن بېزىگەن بىر قەھرىمان سۈپىتىدە تەقدىم ئەتكەن ئىدى.
مەنسۇر ئەپەندىنىڭ ئىسمى پېقىرغا تونۇشلۇق ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتى تارىخىنى تەتقىق قىلىش، ئۆگۈنۈش جەريانىدا قولۇمدىن ئۆتكەن ئونمىڭلاپ بەتلىك تارىخىي ماتىرىياللار ۋە ئۇچراشقان ھايات شاھىتلارنىڭ ھىكايىلىرى ئارىسىدا بۇ مۇبارەك ئىسىمغا ئۇچرىغانلىقىمنى ئېسىمگە ئېلىپ، بۇ كىتاپقا قاتتىق قىزىقتىم. چۈنكى، مېنىڭ ئۆگەنگەنلىرىمدە مەنسۇر ئەپەندى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن مۇتىخەسىسلەرنىڭ بىرى ۋە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەرتىۋىسى ئەڭ يوقۇرى بولغان بىرى ئىدى. ئۇ شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى بولغان. شىڭ دۇبەن كۇرسىدا ماركسزمدىن دەرس ئۆتكەن بىر زات بولۇپ، ۋەتىنىمىز تەرەپتىكى تارىخىي ماتىرىياللاردا ئۇ ھامان سەلبىي شەخس سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. ئەمدى تۇرۇپلا ئۇنىڭ بىزنىڭ بەخت-سائادىتىمىز ئۈچۈن يۈرەك-قېنىنى سەرپ قىلغان قەھرىمان بولۇپ قېلىشى كىمنى قىزىقتۇرمىسۇن؟
كىتاپنى ئاخىرى تاپتىم. ئېلكىتاپ نۇسقىسى ئىدى. كوميۇتېردا ئوقۇشقا قېيىق بولساممۇ تىرىشىپ ئوقۇدۇم. شۇنى كۆردۈمكى، بۇ ئەپەندى، بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا قەھرىمان دەپ بىلگەن كىشىلىرىمىز(خوجانىياز ھاجى، مەھمۇت مۇھىتى، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى ئەپەندى،...)نىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك سەلبىي شەخس سۈپىتىدە تەسۋىرلەپتۇ؛ بىز دۈشمەن دەپ بىلگەنلەرنى بولسا پەدەزلەپ كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنۇپتۇ. مانا مۇشۇنداق بىر كىتاپنى ئىلىم ئەھلىلىرى، ئەللامەلەر توپلانغان رادىئو خۇش خەۋەر تەرىقىسىدە ئاڭلاتقان ئىدى. بۇ _ كىتاپنى كۆپ ئوقۇپ پاڭ بولۇپ كەتكەن جاناپلار، خۇددى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ بۈگۈنگىچىمۇ «لېنىن ئوردىنى» بىلەن ماختىنىپ يۈرۈدۇغان گاراڭلىقىنى بىلمەيدىغاندەك، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇخبىرنىڭ يوللىغان خەۋىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنىمۇ ئارتۇقچە بىلىپ، ئاتموسفراغا يېيىۋېرىشكەن. رادىئونىڭ زادى قانداق تېمىلارنى ياقتۇرۇدۇغانلىقى ھەققىدە سوئاللار سورالغان. بۇ تېما ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاپ بولۇپمۇ خىزمەت قىلىدۇ.
بۇ كىتاپتا نېمىلەر يېزىلغان؟ مانا بۇ مەزمۇنلار:
ئالدى بىلەن بۇ ئادەم ئۆزىنى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى يوشۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ۋەتەنگە خىزمەت قىلغىلى بارغان قىلىپ كۆرسۈتۈپتۇ. ئەمما كېلىشىگىلا شىڭ شىسەيدەك بىر زالىم بۇ ئىختىيارى كەلگەن خىزمەتچىنى قوبۇل قىپتۇ. ئۆيگە جايلاشتۇرۇپتۇ...
ئۇ ئاساسەن خوجانىياز ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ھەم ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى بولغان. يەنە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغىمۇ مۇئاۋىن بولغان. ئۇنىڭ كىتاپتا بايان قىلغىنى شىڭ شىسەينىڭ قانداق زالىملىقى ئەمەس، خوجانىياز ھاجىنىڭ نەقەدەر زالىم، جاللاتلىقى بولغان. ھاجىنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭمۇ ھەممىسى سەلبىي تەسۋىرلەنگەن بىرەر جاسۇس، يامان ئادەم سۈپىتىدە كۆرسۈتۈلگەن. ئۇ ئۆزى كېلىشتىن بۇرۇنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە، شەخسلەر ھەققىدىمۇ ئۆز باھالىرىنى ۋاستىلىك بايان قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئېنگىلىز دەستىكى بىلەن قۇرۇلغان قورچاق دۆلەت دەپ سۈپەتلىگەن. سابىت داموللا، مەمتىمىن بۇغرا، مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرمۇ سەلبىي سۈپەتتە باھالانغان.
ئۇنىڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن ھاجىنى قارىلاشلىرىدا ھەتتا ھاجى بىر خىتاي جالىپى بىلەن يوشۇرۇن ئەر-خوتۇنچۇلۇق مۇناسىۋىتىدە!
ناھىيىلەرگە زىيارەت قىلىپ قايتقان ئەزىمخان تۆرە ھاجىمغا جايلاردا بولۇۋاتقان زۇلۇم، مىللىي خورلۇق، تەڭسىزلىكلەردىن دوكلات قىلىدۇ، ئەمما مەنسۇر ئەپەندى بۇنىڭغا ھىچ ئىشەنمەيدۇ ۋە بۇ بىر ئىغۋا بولۇشى مۈمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭچە خىتايلار بۇنداق قىلمايتى. ئۇنىڭچە ھاجىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاشۇ كىشىلەر دايىملا ئاشۇنداق ئىغۋالارنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ، ھاجىنىڭ ساۋاتسىز نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ خىتايلارغا قارىتا ئۆچمەنلىكىنى قوزغاشقا، تەكرار قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇترۇتۇشقا ئۇرۇنۇدۇغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ. ئۇ خىتايلارنى »خەنزۇ يولداشلار« دەپ تىلغا ئالىدۇ.
شىڭ شىسەينىڭ سىياسىي ئۆزگۈرۈش قىلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت »ئاپرىل ئۆزگۈرۈشى«نى »ئاپرىل ئىنقىلابى« دەپ سۈپەتلەپ ئاتايدۇ.
ئۇ جەنۇپقا «تەپتىش ئۆمىگى»گە مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىلىش سەپىرىنى تەسۋىرلىگەندە، خوجانىياز تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىپ قوشۇپ قويۇلغان، قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ كۆرەش قەھرىمانى مەمەتنىياز لەنجاڭنى ئۇلارنى نازارەت قىلىپ مېڭىش ئۈچۈنلا قوشۇپ قويۇلغان بىر جاسۇس سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ.
يولدا ئۇ بىر ئۇيغۇرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ئۇنىڭغا «مانا سىز تەشنا بولغان ئادىل ھۆكۈمەت،... تىرىشىپ ئىشلەڭ» دەيدۇ. ئۇ ئۇيغۇرمۇ تەسىرلىنىپ: «خەلقپەرۋەر ھۆكۈمىتىمىزگە مىڭ رەخمەت» دەيدۇ.
باشتىن ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ سىنىپ ۋە سىنىپىي زىددىيەت ئۇقۇمى سىڭدۈرۈلگەن كىتاپتا، جەنۇپقا ئەۋەتىلگەن تەپتىش ئۆمىكى جايلاردا باي-زومىگەرلەرنىڭ زۇلمىنى تۈگۈتۈش ھەققىدىكى خىزمەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. زۇلۇممۇ خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىدىن ئەمەس، ئۆز ئىچىمىزدىكى ئۈستۈن سىنىپ تەرىپىدىن بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈدۇ.
ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تارقىلىشى ھەققىدىمۇ خاتا مەلۇمات بېرىدۇ: ئىسلام سەركەردىسى قۇتەيبە ئىسلام قوشۇنلىرىنى باشلاپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ، قىلىچنىڭ كۈچى بىلەن بۇ يەردىكى خەلقنى مەجبۇرىي ئىسلامغا كىرگۈزگەنمىش!... ئىسلام دىنى روھانىيلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇددا مىڭئۆيلىرىنى ۋەھشىيلەرچە بۇزۇۋەتكەنمىش. ھەتتا چەتئەللىكلەر بۇددا دەۋرىگە ئائىت قىممەتلىك ماتىرىياللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتسا ئىسلام روھانىيلىرى خوشال-خورام تاماشا كۆرۈپ تۇرغان. «بۇ نېمە دېگەن تارىخىي خىيانەت! بۇ نېمە دېگەن تارىخىي جىنايەت!» دەيدۇ ئۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ سوۋېت مالىيى بولۇپ، قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭمۇ بىر تارخىىي جىنايەت بولۇشى ھەققىدە ئويلاپ باقمايدۇ.
خەلقنىڭ ئۇزاق تارىخلاردىن بېرى چەككەن جەبرۇ-جاپالىرى، ئاققان قان-ياشلىرى ھەققىدە «چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ»يۇ، بۇ زۇلۇملارنىڭ مەنبەسى، زالىم ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇدۇ. ھىچ يەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا سەۋەپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالمايدۇ. يەنە گەپنى چۆگۈلۈتۈپ كېلىپ، قۇمۇل ئىنقىلابى، ئاققان قانلارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ئاپرىل ئۆزگۈرۈشى — شىڭ شىسەينىڭ تەختكە چىقىشى ئارزۇ قىلىنغان نەتىجە قىلىپ كۆرسۈتۈلۈدۇ.
يولدا ئۇلار بىر تۈرمىنى تەكشۈرۈدۇ. ئۇ يەردىكى ئىنسانىيەتسىزلىكلەرگە چىدپ تۇرالمىغان ئۆمەك باشلىقى خۇ نازىر «ۋەھشىيلەر! قاتىللار! » دەپ تىللاپ كېتىدۇ! نەقەدەر ئاقكۆڭۈل، رەھىم شەپقەتلىك خىتاي-ھە، بۇ؟! بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بۇنداق رەھىمدىللىكنى خىتايلاردىن كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، بۇ يەردە مەنسۇر ئەپەندىنىڭ تەسۋىرلىرىدىن ئاڭلاپ تۇرۇۋاتاتتۇق.
«ئاپرىل ئىنقىلانىمۇ ئاساسەن مىللىي ئىنقلاپ بولغاچقا، ئەزگۈچى، ئېزىلگۈچى سىنىپلار ساقلىنىپ قالدى» دەيدۇ ئۇ.
تەپتىش ئۆمىكى جايلاردا مەكتەپلەرنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ چاغلاردىكى مەكتەپلەردە دىن بىلەن بىللە ئۆگۈتۈلەتتى. مانا بۇ تەرىپى مەنسۇر ئەپەندىگە ھىچ ماقۇل كەلمەيدۇ. ئۇ دايىملا پەن بىلەن دىننىڭ توقۇنۇش كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كوممۇنىست ئىدىئولگىيىسىنى بازارغا سېلىپ، پەننىي مۇئەللىملەر بىلەن دىنىي مۇئەللىملەر ئارىسىدا دايىملا جىدەل بولۇپ تۇرۇدۇغانلىقىنى ئالاھىدە تەسۋىرلەيدۇ. ھەتتا بۇنداق جىدەللەرنىڭ سەۋەبىنى ئوبرازلىق كۆرسۈتۈش ئۈچۈن جانلىق مىساللارنىمۇ بېرىپ، دىندارلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئوقۇغۇچىغا ھىس قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، ئۇ پەننىي مۇئەللىملەرگە نەسىھەت قىلىپ: «ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل سىياسىتىنى موللىلار دىن بىلەن، قۇرئان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ، بىز ئىلمىي چۈشەندۈرۈۋاتىمىز، شۇڭا ئۇلار بىلەن ياقا سىقىشىپ مەسىلە ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ ئاڭ سەۋىيە مەسىلىسى، خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى كۆتۈرۈلسە بۇ ئىشلار ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇدۇ. سىزمۇ ئەگەر ئوقۇغۇچىلىرىڭىز <مۇئەللىم، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى سىز تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە بولدى، دەيسىز، موللام ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولدى دەيدۇ، قايسىسى راست؟> دەپ سورىسا، <ئۆزۈڭلار ئويلۇنۇپ كۆرۈڭلار> دەپلا جاۋاپ بېرىڭ» دەپ ئەقىل بېرىدۇ. مەنسۇر ئەپەندى، تەبىئەت قانۇنلىرى كىم تەرىپىدىن قويۇلغانلىقىنى ئويلاپ كۆرمىسە كېرەك.
بۇ تەپتىش ئۆمىكى ھەتتا شىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قۇرئانى كەرىم بىلەن قىياسلاشقىچە، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئوخشاش دەپ چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقىچە بېرىپ يېتىدۇ!
ھەممە يەردە تولۇپ ياتقان سىنىپىي زۇلۇم مىساللىرى بېرىلىدۇ ۋە بۇ مىساللارنىڭ نەقەدەر سۈنئىي، كوممۇنىست كىتاپلىرىدا ئىنسانلارنىڭ ئېڭىنى يۇيۇپ، ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پروگراممىلىق ھالدا تۈزۈپ چىقىلغان ھىكايىلەرنىڭ ئەينەن ئۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇ ئادەم ئۆزى كاپىر بولغانلىقى، ئىسلام دىنىنى چۈشەنمىگەنلىكى، چۈشەندىم دېگەنلىرى كوممۇنىستلار تەرىپىدىن بۇرمۇلاپ چۈشەندۈرۈلگەن بۇزۇق ئۇقۇملاردىن نېرىغا ئۆتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك زالىملار ھەققىدە ئەنە شۇ كوممۇنىست ئىدىئولوگىيىسىنىڭ سىنىپىي زۇلۇم نەزىرىيىسىگە ئۇيغۇن توقۇلما ھىكايىلەرنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگىمۇ تەدبىقلاشقا ئۇرۇنۇدۇ. تۈگۈمەس قەرزلەر (ئۆسۈملىرىنىڭ ئېغىرلىقىدىن تۆلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ)، يەر ئىگىلىرىنىڭ زالىم ۋە ئىنساپسىزلىقى، يولسىزلىقى،.... بۇنداق ئوپ-ئوچۇق زالىملىقنىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي ئەخلاق تەرىپىدىن لەنەتلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ۋەتىنىمىزدىكىدەك مۇسۇلمان ئاھالە ئىچىدە بۇنداق زۇلۇملارنىڭ ئومۇمىي ھادىسە بولۇشى مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئويلاپ كۆرمەيلا كىتاپلاردىكى يالغان ھىكايىلەرنىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا خۇددى شۇنداق بولغان دەپ ھىكايە توقۇيدۇ. زۇلۇم ھەققىدە گەپ كېتىۋاتقاندىمۇ، (ئەگەر بۇ راست بولسا) بۇنىڭ ئەڭ ئاساسىي جاۋاپكارى دۈشمەن ھۆكۈمەت بولۇدۇغانلىقىدەك ئاددىي رىجە يادىغىمۇ يەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزى زالىم شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمتاۋىقى بولغانلىقى ئۈچۈن.
بۇ ئادەمنىڭ ئىمانسىزلىقى، ئەجداتلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىسلام دىنى ھەققىدە ھىچنېمە بىلمەيدىغانلىقى سەۋەپلىك، دىنىمىزغا يەنە شۇنداقمۇ تۆھمەت قىلىدۇ: ئۇ كۇچار ئاياللىرىنىڭ داڭلىق بولۇدۇغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ ئاساسەن تۇل بولۇدۇغانلىقىنى، ئەرلىرى پۇل تېپىپ كېلىش ئۈچۈن تاغ ئارقىسىغا ياكى ئەنجان تەرەپلەرگە كېتىدىغانلىقىنى بايان قىپتۇ. ئاندىن، باشقا شەھەرلەرنىڭ سودىگەرلىرى كۇچاردىن ئۆتۈۋاتقىچە بۇ گۈزەل ئاياللارغا كۆيۈپ قالىدىغانلىقى، ئەمما مۇناسىۋەت قىلىش دىنغا خىلاپ بولغاچقا، غەيرى-رەسمىي مۇناسىۋەتتە بولالمايدىغانلىقى؛ ئەمما يەرلىك موللىلارنىڭ بۇنىڭغىمۇ پەتىۋا بېرىپ، «شەرىئەتنىڭ مىڭ بىر پۇتىقى بار» دېگەندەك، «بىرەر پۇتىقىغا توغرا كەلتۈرۈپ» ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى، يەنى، پۇلغا سېتىلىپ، «ۋاقىتلىق نىكاھ ئارقىلىق ھالاللاپ بېرىدىغانلىقىنى»، شۇنىڭ بىلەن كۇچار ئاياللىرى بىر كېچىلىك، بەزىلىرى (ئەگەر سودىگەرنىڭ كۇچاردا ئىشى بولۇپ تۇرۇپ قالسا) بىرنەچچە كېچىلىك خوتۇن بولۇدۇغانلىقىنى؛ شەرىئەت بۇنداق يەنە ئاجرىشىپ، يەنە نىكاھلىنىشلارنىڭ قانچە قېتىم بولۇپ كەتسىمۇ مەيلى دەۋېرىدىغان بولغاچقا، بۇ ئاياللار ئەنە شۇنداق، بىكار تۇرماي «ئەرگە تېگىپ» تۇرۇدۇغانلىقىنى بايان قىلىدۇ! «ۋاقىتلىق نىكاھ»نىڭ ئىسلامدا ھارام قىلىنغانلىقىنى، زىنا بىلەن ئوخشاشلىقىنى بۇ ئادەم بىلمىگەچكە مانا شۇنداق تۆھمەتنى چاپلاپ، ئىسلامنى رەزىل كۆرسۈتۈشكە تىرىشىدۇ.
دولانلارنىڭ يېزىسىدا كۆرسۈتۈلگەن بىر دراما ئالاھىدە تەپسىلىي تەسۋىرلىنىدۇ. درامىدا ئېرى ئۆلگەن بىر چوكان ئېرىنىڭ ئاكىسىغا تېگىشكە مەجبۇرلۇنۇدۇ. قېينى ئاكىسىنىڭ ئەسلىدىمۇ ئىككى خوتۇنى بارىدى. بۇ چوكان قەيسەرلىك بىلەن بۇ نىكاغا قارشى چىقىدۇ. موللا كىتاپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ
\(قۇرئان بولسا كېرەك) پەتىۋا بېرىدۇكى، ئېرى ئۆلگەن ئايال بالىلىرىنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئېرىنىڭ قېرىندىشىغا تېگىشى كېرەك! چوكان يەنىلا قارشىلىق قىلىدۇ!... بۇ قالاقلىق پاش قىلىنغان ئويۇن بولۇپ، كوممۇنىست تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇئەللىپەر تەرىپىدىن يېزىلغان، ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ نىكاھ پىرىنسىپىنى چۈشەنمىگەن ياكى قەستەن تۆھمەت قىلغان. ئىسلامدا نىكاھنىڭ ئەڭ موھىم شەرتلىرىدىن بىرى نىكاھلانغۇچى ئايال (ياكى قىز)نىڭ رازىلىقى ئىكەنلىكىنى بۇرمۇلاپ كۆرسەتكەن.
قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىنكى خىزمەتلىرى: كېلىپ، قەشقەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغان سەترىلىرىدە ماھمۇت مۇھىتىغا شۇنداق باھا بېرىدۇ: «قەشقەردىكى ئۇيغۇر ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سىجاڭى، يەنى دىۋىزىيە كوماندىرلىرى، 56-57 ياشلاردا، دوغلاڭ (؟)، تەمبەللىك (؟)، سالاپەتلىك، ئوتتۇرادىن يۇقۇرى بويلۇق، سەل قارايغان بۇغداي ئۆڭلۈك، بىر ئاز دۈڭگە قاپاق (؟)، كۆزلىرى سەل ئولتىرىشقان، قوي كۆزلۈك، قارامتۇ(؟) قويۇق ساقىلى ياسالغان. چىرايى تۇتۇق، جىددىي، "قاپىقى ئېچىلماس" دېگەنلەرگە ئوخشاش سۈرلۈك. دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك، چالا ساۋات، ئىلىم-پەننىڭ قۇرئان قانۇنلىرى ئاساسىدا تەرەققىي ئېتىشى لازىم دەيدىغانلارنى ياقلايدىغان ئادەم. مۇتىئەسسىپ، رېئاكسيون، كوممۇنىستلارنى ‹ئوغرىلار› دەيدىغانلاردىن». ئەمدى ئۇ يېڭىشەھەردە تۇرۇشلۇق خىتاي قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ۋە قەشقەر گارنىزونىنىڭ قوماندانى ليۇ بىڭنى شۇنداق تونۇشتۇرۇدۇ: «گېنېرال ليۇ بىڭ. قەشقەرىيە ھەربىي ئوكرۇگىنىڭ قوماندانى 1930-يىللاردا غۇلجىدىمۇ موشۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىغان. يېشى 50تىن ئاشقان پاكىنەك، دوغلاڭ، قارا چىراي، ھەرىكەتچان، تېتىك، تەجرىبىلىك ھەربىي باشلىق ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇدۇ. ئوچۇق، خۇش مىجەز، كىچىك پېئىللىق، ھەممىگە ئارىلىشىدىغان، تاكتىكىلىق، ئازىراق قۇۋلۇغى ھەم دىپلوماتلىقى بار ئادەم. مىللىتى خەنزۇ. ئىچكىرىدە ھەربىي مەلۇمات ۋە ئۇنۋان ئالغان. خەلقچىللىق سەياسىتىنى ياقلايدىغانلىقى گەپ-سۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرۇدۇ».
قۇتلۇق شەۋقى ھەققىدە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «قۇتلۇق شەۋقى. ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ۋىلايەتلىك "يېڭى ھايات" گېزىتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى. يېشى يەتمىشكە يېتىپ قالغان، بويى پاكىنەك، چۈگدەك، ئورۇق-ھاغدا (؟)، تىرىك-تېتىك، ھەرىكەتچان. چىرايى ئاق-قىزىل، ساقال-بۇرۇتى ئاقىرىپ قالغان. بۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە ئۈرۈمچىدە غايىۋانە ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن شەخسەن ئۇچرۇشۇپ، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەپكۈرەۋىي ھەم ئومۇمىي پائالىيىتى توغرۇلۇق خېلە مەلۇماتلار ئېنىقلاندى: بارلىق پائالىيىتى ماركسزىم-لېنىنىزم غايىلىرىگە قارشى قارىتىلغان. كوممۇنىزىم مەسلىكىنى، كوممۇنىستىك ھەركەتنى دەھشەتلىك دەپ قارايدۇ ھەم پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ئۆچ كۆرۈدۇ. مۇنداق ئادەملەر كىشىلەر قەشقەر ۋىلايىتىدە خۇسۇسەن قەشقەردە ئاز ئەمەس. شەۋقى پان ئىسلامىزم، پان تۈركىزم، بايراقلىرىنىڭ بىرىدۇر».
سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەۋەتىلىپ، مەھمۇت مۇھىتىنى تەقىپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېقىنىغا قويۇپ قويۇلغان ئاتالمىش مۇشاۋۇر رىبالكىن (روزىيېۋ ئۇنى رىبالكو دەپ يازغان) شۇنداق سۈپەتلىنىدۇ: «رىبالكو. گېنېرال، مەھمۇت سىجاڭنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى، ئىنقىلابىي جەڭلەردە تاۋلانغان تەجرىبىلىك ۋە تالانتلىق گېنېرال. كېيىنكى مىللىي ئازاتلىق جەڭلىرى(؟)دە پىداكارلىق كۆرسۈتۈپ تونۇلغان. ھەربىي ئىلىم ئاساسىدا ئۈگۈتۈلمىگەن ئۇيغۇر دىۋىزىياسىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى سەرپ قىلىپ، ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىشتە، ئۇلارنى ھەقىقىي مۇنتەزىم ھەم ئۈگۈتۈلگەن ھەربىي قىسىم دەرىجىسىگە يەتكۈزۈشكە گېنېرال رىبالكونىڭ شۇ مەرەككەپ (مۇرەككەپ؟) كۈنلەردە كۆرسەتكەن خىزمىتى ۋە قىلغان ئەمگىكى بىباھا بولۇپ، ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ چەكسىز تەشەككۈرىگە ۋە ئالقىشىغا (؟) مۇيەسسەر بولغان... »
مەنسۇر ئەپەندى مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى يازىدۇ. سۆھبەتتە باشتىن ئاياق ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل، مىللەتلەر دوستلۇقى ۋە باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەيدانىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، ئەمما مەھمۇت مۇھىتىنىڭ پاسسىپ ئىنكاستا بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. «يېڭى ھايات» گېزىتى نېمىشقا ھۆكۈمەتنىڭ ئالتە بۈيۈك سىياسىتىنى تەشۋىق قىلمايدۇ؟ دەپ سوئال قويسا مەھمۇت مۇھىتى «بۇنى مۇھەررىردىن سوراڭ» دەپ توڭلۇق بىلەن جاۋاپ بېرىپتۇ. ھەتتا تەپتىش ئۆمۈكىنىڭ قەشقەرگە كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرمۇ بېرىپ قويمىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. بۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەي جىم بولۇۋالىدۇ (گېزىتنىڭ بۇ قىلىقى ھەققىدىكى بۇ ئاغرىنىش ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم تىلغا ئېلىنغان ئىدى).
مەنسۇر ئەپەندى قەشقەردىكى چېغىدا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە داخىل بولغان «12-ئاپرىل» بايرىمىدىكى مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتۇق مەزمۇنىدىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى ئازاتلىق كۆرەشلىرىنى ئەسلىتىپ، ئاخىرىدا خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە كۆرسۈتۈلۈۋاتقان «ئاپرىل ئۆزگۈرۈشى» (شىڭ شىسەينىڭ تەختنى تارتىۋېلىشى) گە كەلگەندىلا ھەقىقىي باراۋەرلىككە، ئازاتلىققا، مىللىي ھوقۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى زوق-شوقى بىلەن بايان قىلىدۇ. گويا خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر خەلق قوزغىلىڭىنىڭ مەخسىدى شىڭ شىسەينى تەختكە چىقىرىشتىن ئىبارەتتەك، بۇ ئىنقىلاپنى غەلىبىگە ئېرىشتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ دېپىنى چېلىۋاتقان خوجايىنلىرى ھىسابىغا ئىش قىلىۋاتقان، گەپ-سۆزىدىمۇ شۇ ئىزچىللىقىنى ساقلاۋاتقان بۇ يازمىشىدا ھەتتا خوجانىياز ھاجىنىڭ قورچاق بولۇپ قالغىنى، ھوقۇقسىزلىقى، ئېتى بار سېپى يوقلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىي پاكىتنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمەتتە ھەممە مىللەت باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى بازارغا سالىدۇ.
ئۇ مەمتىلى ئەپەندى بىلەن ئۇچراشقان جەرياننى شۇنداق بايان قىپتۇ[①]: «بىز قەشقەر ئەتراپىدىكى يېزا ۋە باشقا ئادەم تۇرۇشلۇق جايلارنى ئارىلاپ جۈرۈپ، يۇقارقى ئاتۇشتىكى[②] ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغان بىر ئاجايىپ مەكتەپنى كۆرۈشكە باردۇق.
«مەكتەپتە 7-8 مۇئەللىم بولۇپ، 400 بالا ئوقۇيدىكەن. مەكتەپ مۇدىرى مەمتىلى ئەپەندى دېگەن 35 ياشلاردىكى ئۇيغۇر كىشى تۈركىيادا )ستانبۇلدا( ئوقۇپ، تەلىمات ئالغان ئىكەن. باشقا 4-5 ئۇيغۇر مۇئەللىمى مەزكۈر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يار-يلۆلەك بولۇشى بىلەن شۇ جايدا ئوقۇپ، بىلىم ئىگىلەپتۇ. يېڭىلمىسام، مۇئەللىملەرنىڭ بىرى ئوسمانلى تۈركلەردىن بولۇشى كېرەك.
«بىر قىزىق يېرى شۇ ئىكەنكى، مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇئەللىملىرى ئۆزلىرىنى تۈرك مىللىتى دەپ ھىساپلاپ، ئوسمانلى تۈرك تىلىدا سۆيلەيدىكەن. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئەزەربەيجان ۋاھاكازالار تۈركىي تىلدا سۆزلۈشۈدۇغان مىللەتلەر بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىنىڭ نامى بولغىنىغا ئوخشاش، ئوسمانلى تۈركلەرمۇ شۇ تۈركى تىلىدا سۆزلۈشۈدۇغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تارىخ ئىسپاتلىغان. بۇ مەكتەپنىڭ بالىلىرىغىمۇ شۇ ئوسمانلى تۈركلەرنىڭ تىلى ئۈگۈتۈلۈپتۇ. "مىللىتىڭ كىم؟" دەپ سورىساڭ، "مىللىتىم تۈرك، تۈرك ئوغلىدۇرمەن" دەپ ئوسمانلى تۈرك تىلىدا جاۋاپ بېرىدىكەن.
«15 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان 200چە بالىغا بېرىلىدىغان ھەربىي مەشق دەرسىنى بىزگە كۆرسەتمەكچى بولۇشتى: ئۇلار ياغاچتىن ياسالغان ھەربىي قوراللىرىنى ئىشلەتكەن ھالدا، تۈركچە تىلدا بېرىلگەن كوماندا بىلەن مەشق كۆنۈكمىلىرىنى كۆرسەتتى. بۇلارنى كۆرۈپ، ئالغان تەسىراتلىرىمىز شۇ بولدىكى، بۇلارغا ئادەتتىكى پەنلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى ئوقۇتۇشتىن كۆرە، تولاراق ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق ھەربىي خادىملارنى ھازىرلاش كۆزدە تۇتۇلۇدۇكەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلدۇق».
ئۇ يەنە شۇنداق بايانلارنى بېرىپ، تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ: «مەن بۇ يەردە سەل ئالغا يۈگرەپ، بەزى بىر قىزىق پاكىتلار ئۈستىدە ئازغىنە توختۇلۇپ ئۆتكۈم كەلدى. ئېيتماقچى بولغان گېپىم شۇكى، مەزكۈر مەكتەپ مۇدىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ (تەخەللۇسى يادىمدا يوق) "كوممۇنىست مەنسۇر قەشقەردە" دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىسى پارىژدا نەشىر قىلىنىدىغان "ياش تۈركلەر"[③]ناملىق ژۇرنالنىڭ شۇ كۈنلەردە بېسىلىپ چىققان بىر سانىدا ئېلان قىلىنىپ، بىز قەشقەرىيادىن ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلگىچە مەزكۈر ژۇرنالنىڭ بۇ يەردە تارقىلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، دۈشمەنلەر ئىغۋاسىنىڭ سۈرئىتىگە قايىل بولدۇق».
قەشقەردىكى ئومۇمىي ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ شۇنداق يازىدۇ: «... تەكشۈرۈش پائالىيىتىمىز نەتىجىسىدە شۇنىڭغا كۆزۈمىز تولۇق يەتتىكى، مەھمۇت ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى ئەپەندىلەرنىڭ پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم ئېقىملىرىنىڭ مەپكۈرىداشلىرىدىن بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ چەتئەللىك غوجايىنلىرىنىڭ، شۇنداقلا "ياش تۈركىستان"، "ياپون مۇخبىرلىرى"، "چىنى تۈركىستان" ئوخشاش ژۇرناللارنىڭ سۆزسىز تەسىرى ئاستىدا بولغانلىقى ھەقىقەت.» ئۇ يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان مىللىي قەھرىمانلىرىمىز ھەققىدە گويا ئۇلار چەتئەل جاھانگىرلىكىنىڭ گۇماشتىسى دېمەكچى بولغاندەك، «چەتئەللىك غوجايىنلىرىنىڭ... » دەيدۇ-يۇ، ئۆزىنىڭ خوجايىنلىرى ھەققىدە، ئۆزىنىڭ كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئويلاپ كۆرمەيدۇ. (مەنسۇر ئەپەندى بىلەن مەمتىلى ئەپەندى ئارىسىدا بولغان مۇنازىرىلەر ھەققىدە تەپسىلات ئۈچۈن تارىخىي رومان «باياۋاندىكى گۈلخان»غا قارالسۇن).
بۇ ئادەمنىڭ ناھايىتى قىزىق بىر بايانىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈر. ئۇ قەشقەرگە كېلىپلا يەرلىكلەر سالامغا كېلىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىدا _ قەشقەر مەدەنىي ئاقارتىش جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇراھمانھاجى ھەققىدە شۇنداق يازىدۇ: « ... يېشى ئاتمىشتىن ئاشقان ساۋاتلىق، ئوتتۇرا بويلۇق، تەنبەللىك، قاراقۇمچاق ھاجىھەرەم ئەيلىگىنىگە قارىماي، تەرەققىيپەرۋەرلەر جامائەتچىلىكى ئىچىدە ئابرويلۇق كىشى.» بۇنىڭدىكى «ھاجىھەرەم ئەيلىگەن» دېگىنىنى «ھەج قىلغان» دېيىشكە بولسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزمۇن «ھەج قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ئابرويى بار» دېگەن بولۇدۇ. دېمەك ئۇ ئادەمنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بولغاندا ھەج قىلغان ئادەملەرنىڭ ئابرويى بولماسلىقى كېرەك ئىكەن! بۇ ئادەم كاپىر بولغاندىمۇ تازا قارا كاپىر ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن سەترىلەردە ئاشكارىلايدۇ.
ئۇ ئىجابىي باھالىغان ئادەملەرنىڭ بىرى ئابدىغوپۇر داموللا بولۇپ، ئۇنى دەسلەپكى تونۇشتۇرۇشتا «ئاقكۆڭۈل ئادەم» دەپ تونۇشتۇرغان بولسا، كېيىن قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا ھامان ئابدىغوپۇر داموللا ئاغزىدىن چۈشمەيدۇ. ئۇلار قەشقەردىن كېتىش ھارپىسىدا (داموللىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بېرىپ شىڭ شىسەي قاتارلىق چوڭلارغا سالام بېرىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، تەپتىش ئۆمۈكىدىكىلەرمۇ ئۇنى بىللە ئېلىپ مېڭىشقا قوشۇلغان) داموللا تۈمەن بويىدا ئۆلتۈرۈلگەندە بولسا، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۇنىڭ تەسۋىرلىگىنى بويىچە پۈتۈن قەشقەر ئاھالىسى قاتتىق مۇسىبەتكە چۆمۈدۇ؛ پۈتۈن خەلق داموللىنى بەكمۇ سۆيۈدۇغانلىقى بىلىنىدۇ. ئۇ ئابدىغوپۇر داموللا ھەققىدىكى ئاخىرقى باھاسىدا شۇنداق يازىدۇ: «ئابدىغوپۇر داموللا شۇ مەزگىلنىڭ ۋەزىيىتى تەلەپ قىلغان دىنىي تەرغىباتنى ھۆكۈمەت سەياسىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا تىرىشقان ئادەم ئىدى. شۇنىڭغا ئۇ خەلق مەنپىيىتى ئۈچۈن ژۈرگۈزۈلگەن كۆرەشنىڭ قەھرىمانى ۋە ئىنقىلاپ قۇرۋىنى (قۇربانى _ دېمەكچى) سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلقى تارىخىنىڭ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئەرباپتۇر.»
ئۇ مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ئاخىرقى قېتىملىق خوشلۇشۇش ئۇچرۇشۇشىدا مەھمۇت مۇھىتىغا چۈشەندۈرۈپ: «كېڭەش ئىتتىپاقى مۇستەملىكىچىلىك سەياسىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقان بىردىن-بىر دۆلەتتۇر» دەيدۇ. ئەمما شۇنى دەۋاتقاندا ئۆزى ياشىغان قازاقىستاننىڭ مۇستەملىكە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ كۆرەي دېمەيدۇ.
قەشقەردىكى چېغىدا ئەنگىلىيە كونسولىنىڭ مىھماندارچىلىقىغا بارىدۇ. زىياپەت ئارىسىدا تانسا بولۇدۇ. باش كونسۇلنىڭ خانىمى مەنسۇر ئەپەندىنى تانسىغا تارتىدۇ. ئەمما ئۇ ئوينىيالمايدىغان بولغاچقا چىقمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئىككى خىتاي ئوينايدۇ. ئۇ بولسا ئۇلارغا قاراپ «مەدەنىيەتسىزلىكىمگە قاتتىق ئەپسۇسلاندىم» دەيدۇ. بۇ ئادەمنىڭ چۈشەنچىسىنى قاراڭلار! مەدەنىيەتنى تانسا بىلىش بىلەن ئۆلچەيدۇ!
ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەنسۇر ئەپەندى خوجانىياز ھاجىغا مەھمۇت مۇھىتىنى چېقىپ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىشەشسىزلىك ئۇرۇقى چاچقانلىقىنىمۇ بىر خىل ئىجابىي ئىش سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن شۇ سەترىلەرنى يازىدۇ: «مەھمۇت سىجاڭنىڭ مەپكۈرىسى، پائالىيىتى، نىيىتى، مەخسىدى ھەققىدە بىزنىڭ بەرگەن باھالىرىمىز، مۇلاھىزە ھەم تەخمىنلىرىمىز توغرا بولۇپ چىقتى. ئۇ 1937-يىلىنىڭ بېشىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆلكە ھۆكۈمىتىگە بېقىنمايدىغان، پان ئىسلامىزم-پان تۈركىزم غايىسىگە ئاساسلانغان، چەتئەل جاھانگىرلىرىنىڭ ھىمايىسىگە تايىنىدىغان مۇستەبىت سۇلتانلىق-ئىسلام دۆلىتى ئورنۇتۇش غەرىزىدە قوراللىق ئىسيان كۆتەردى.»
بۇ ئىسيان ۋەقەسىنى تارىخىي پاكىتلارغا زىت خاتا بايان قىلىدۇ. (ئەسلىدە مەھمۇت سىجاڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئابدۇنىيازنىڭ باشچىلىقىدا قوزغۇلاڭ قىلىنغان). بايانلاردا ھامان قوزغۇلاڭچىلاردىن دۈشمەن سۈپىتىدە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن ئۆز سۈپىتىدە بايان بېرىدۇ. قوزغۇلاڭچىلارنىڭ قىلغانلىرى «ۋەھشىيلەرچە... » دېگەندەك سۈپەتلىنىدۇ. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاخىرقى قىسمەتلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىمۇ تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
خوجانىيازھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن مەنسۇر ئەپەندى ھاجى بىلەن تۈرمىدە كۆرۈشۈدۇ. بەلكىم بۇ كۆرۈشۈش جەريانىدىكى گەپلەر شىڭ شىسەينىڭ يالغان دىلولىرىدىكى ھىكايە بولۇشى چوقۇم. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە خوجىنىڭ ئىنىسى ھەجگە بېرىپ يېنىشىدا ئىستانبۇلدا مەلۇم بىر شەخسكە يولۇقۇپ قاپتۇ، بۇ شەخس ئۇنىڭغا ھاجىمغا بېرىپ قويۇش ئۈچۈن ئىككى پارچە رەسىم ۋە بىر پارچە خەت بېرىدۇ. رەسىمدىكى ئادەملەر ياپونىيىلىكلەر بولۇپ، كەلگۈسىدە ھاجىم بىلەن ئالاقىلىشىدىكەن، مانا شۇ چاغدا رەسىمدىكىگە ئوخشۇتۇپ، ئاندىن ئىشەنچ قىلسا بولۇدۇكەن. قالغان ئىشلارنى ئەنە شۇ كىشىلەر ئېيتارمىش.... بۇ شىڭ شىسەي تەرىپىدىن خوجانىياز ھاجىغا ئارتىلغان چەتئەل جاھانگىرلىرىنىڭ گۇماشتىسى دېگەندەك بۆھتانلارغا «پاكىت» ئويدۇرۇش ئۈچۈن توقۇلغان ھىكايە بولۇشى كېرەك. بۇ ھىكايە سوۋېت تەرەپتىن توقۇلۇپ، مەنسۇر ئەپەندى ئارقىلىق شىڭ شىسەيگە يەتكۈزۈلگەنلىكىدە گەپ يوق.
مەنسۇر ئەپەندى شىڭ شىەينىڭ يالغان دىلو ياساپ چىقىپ (ستالىن ئەندىزىسى بىلەن) ئېلىپ بارغان تۇتقۇنلىرى باشلانغاندىن كېيىن پەقەت شىڭ شىسەينىڭ مڭا مۇناسىۋىتى سوغۇقلاشتى دەپ ئەيپلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا مەھمۇت مۇھىتى قوشۇنلىرىنىڭ قايتا ئىسيان كۆتۈرگەندىن كېيىن خەلق ئاممىسىغا كەلتۈرگەن بالايى-ئاپەتلىرىنى تەسۋىرلەشكە رەغدى بارىدۇ.
ئۇمۇ تۇتقۇن قىلىنىپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ تۈرمە ھاياتى باشقا ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن ئالاھىدە بولغانلىقىنى يوشۇرماپتۇ: ھەركۈنى ئەتتىگەنلىك ناشتا ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىردانە يېڭى ياققان تونۇر نېنى ۋە بىر چىنە (ئاپقۇر) قايماقلىق سۈت بېرىپتۇ. بۇنداق تۇرمۇش تۈرمىدە ئەمەس تاشقىرىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ نېسىپ بولمايدىغانلىقىنى كۆپچۈلۈك بىلسە كېرەك؛ ھەتتا 30-يىللاردا ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇنداق ناشتا قىلىدىغان تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى ئۇيغۇرلار پىرسەنتكە توشمىسا كېرەك. ئەمما ئۇنىڭغا بېرىلگەن باشقا تاماقلار تېخىمۇ ئالىي بولغان ئەلۋەتتە. يەتتە كۈندە يەتتە خىل تاماق بېرىلگەن! بۇرھان شەھىدى بىلەن بىر كامېردا يېتىپتۇ. ئاجايىپ توغرا كېلىپ قېلىش! بۇرھان ھەققىدىكى باھاسىمۇ شۇنداق ئوبدان. ماختاشقا سۆز تاپالماي قالغاندەك قىلىدۇ.
دىپلوماتىك يوللار بىلەن مەنسۇر تۈرمىدىن چىقىرىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىدىغان چاغدا خەلق ئۇنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان توپ بولۇشۇپ، كۆز ياشلىرى، چوڭقۇر ھۆرمەت مۇھەببىتى بىلەن ئۇزۇتۇدۇ (بەلكىم راستتۇر، چۈنكى خىتاي دەسلەپ كەلگەندىمۇ چاجاڭ قۇرۇپ كۈتۈۋالغان خەلق ئەمەسمۇ). بۇ ئاجايىپ مەنزىرىدىن تەسىرلەنگەن خىتاي ھەمرالىرىدىن بىرى سورايدۇ: «
_ بۇ نېمە ئالامەت؟ _ دېدى لى ئېنچى ھەيران بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ.
_ بۇنىڭغا ھەيران بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، _ دەپ جاۋاپ بەردى جىن يۇجىڭ، _ ھەرقانداق ئېزىلگەن خەلق ئۆزىنى ئازاتلىققا، پارلاق ھاياتقا باشلاپ ماڭىدىغان ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ئىچىدىن چىققان مۇناسىپ رەھبەرگە تەشنا بولۇدۇ. مەنسۇر ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىگە ئەينە شۇنداق رەھبەر بولۇپ تونۇلۇپ، ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە زور ئابرويغا ئىگە بولدى.... »
مەنسۇر ئەپەندى ئالمۇتىدا مىھمانخانىدا قۇربا نىياز بىلەن ئۇچرۇشۇدۇ. (قۇربان نىياز مەھمۇت مۇھىتى دىۋىزىيىسىدىكى پولكوۋنىكلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1937-يىلىدىكى ئىسياندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئېتىلغان، پۇتىدىن يارىدار بولغان. تاشكەنتكە داۋالىنىشقا كېلىپ قايتىۋاتقان ئىكەن) ئەنە شۇ چاغدىمۇ (شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە يېتىپ چىققان، شىڭ شىسەي چۈمبەردىسىنى ئاچقاندىن كېيىنمۇ) يەنىلا يېڭى ھۆكۈمەت ھەققىدە ئىجابىي، قوزغىلاڭچىلار ھەققىدە سەلبىي پوزىتسىيىدە بولۇشنى داۋام قىلىدۇ.
بۇ ئادەم قىرىق يىل ئۆتۈپ بۇ ئەسلىمىنى يېزىۋاتقان چاغدا بولسىمۇ خاتالىرىنى تونۇپ، نومۇس قىلىش ئورنىغا، يەنىلا شۇ مەيدانىدا قېلىۋەرگەن. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى بۇ كىتاپقا كىرىش سۆز يازغان شائىرنىڭ مەتۇلقى. ئۇ بىر شائىر ئىكەنۇ، ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى (يېقىنقى زامان تارىخى) ھەققىدە ھىچنېمە بىلمەيدىغاندەك، «لېنىن ئوردىنى» بىلەن ماختىنىدىغانلار تىپىدا بۇ كىتاپنى ماختاپ كىرىش سۆز يازىدۇ. مىللىي مەنپەئەتكە قارشى، مۇستەملىكىچىلەر ئۈچۈن ئىشلىگەن مەنسۇر ئەپەندىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى دەپ سۈپەتلەيدۇ. بۇ كىتاپ نەشىر قىلىنىۋاتقان 2000-يىلارنىڭ ئاخىرلىرىدىمۇ تېخىچە «چۆگۈلۈتۈپ قويۇپ بېرىلگەندەك» يۈرگەن بۇ ئايلامباش شائىر ئادەمنى ئېچىندۇرۇدۇ.


[①]بۇ ئۇچرۇشۇش ھەققىدە تارىخي رومان »باياۋاندىكى گۈلخان«دا تەپسىلىي بايان بېرىلگەن، — ئا.

[②]يۇقاقى ئاتۇش دەپ ئاتىغىنى توغرا ئەمەس، ئاستىن ئاتۇش ۋە ئۈستۈن ئاتۇش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بارغان يېرى مەمتىلى ئەپەندى بار مەكتەپ بولغىنىدىن قارىغاندا ئاستىن ئاتۇش، مۇئەللىپ بۇ يەردە ئورۇننى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، _ ئا.

[③]بۇ ژۇرنالنىڭ توغرا نامى »ياش تۈركىستان« بولۇپ، پارىژدا نەشىر قىلىناتتى. غەربىي تۈركىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلەر ۋەتەنلىرى بولشىۋىكلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىپ قۇرغان تەشكىلاتنىڭ ئورگان ژۇرنىلى ئىدى. مۇھەررىرى قوقان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق باش مىنىستېرى مۇستاپا چوقايئوغلى ئىدى. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ سابىق مىنىستېرى پروففىسسور ئەخەت ئەندىجاننىڭ »جەدىتىزىمدىن مۇستەقىللىققىچە _ چەتئەللەردە تۈركىستان كۆرىشى« ناملىق كىتابىغا قارالسۇن، _ ئا.





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:10 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.173454 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش