تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1565|ئىنكاس: 0

قارا ئۆڭكۈرلەر ۋە قىيامەتنىڭ قوپۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

5

يازما

93

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
93

ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ – ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﺎﺷﻘﺎﺋﺎﻟﻪﻡ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
» ﺋﺎﺳﻤﺎﻥﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺩﯦﯖﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ،ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ- ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻛﻠﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ )« ( ﺋﯩﻨﻔﯩﺘﺎﺭ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 1-4 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )
»ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﯞﺭﻩﻳﺪﯗ.ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻪﻳﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺯﯗﭖ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ). « ( ﺗﯘﺭ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 9-10 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )
» ﻛﯜﻧﻨﯩﯔﻧﯘﺭﻯ ﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺗﺎﻏﻼﺭ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ « (ﺗﻪﻛﯟﯨﺮﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 1-3 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )
»ﺋﯘﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ( ﭘﯜﺗﯜﻛﭽﻰ ) ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﻳﯚﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯚﮔﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﻰﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺷﯘ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. (ﺑﯘ ) ﺑﯩﺰﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺩﯨﺪﯗﺭ، ( ﺋﯘﻧﻰ ) ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ( ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 104- ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﭘﯩﻼﻧﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﯞﻩ ﻣﯜﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﯟﯨﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰﺋﻮﺭﺑﯩﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭺ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﯩﺪﯗﺭ؟
ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ» ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ«   ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ :
ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﺘﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰﻛﯜﭺ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﮔﻪ، ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶﻛﯜﭼﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﯘﺯﯨﺌﻮﻥ – Fusion ﭘﺎﺭﺗﯩﻼﺷﻠﯩﺮﻯ. ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻕ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯚﻛﯜﺷﻜﻪﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭼﯚﻛﻜﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺟﯩﻘﺎﻳﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯚﻛﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻡﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﯞﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﺪﻩ» ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ «ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻜﯘﻧﺘﺘﺎ 300 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻣﯘﻗﺎﺭﺍ ئﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭ.
»ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ. ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻧﯩﻤﯩﺪﯗﺭ. ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺴﻪﻥ؟ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥﭘﻪﺭﯞﺍﻧﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻏﻼﺭ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯘﯕﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. « ( ﻗﺎﺭىئە ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 1-5 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )
   »ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺩﯦﯖﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ…« ( ﺋﯩﻨﺘﯩﻔﺎﺭ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 1-3 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ)
      ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ئاللاھﻧﯩﯔ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺕ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﮔﺎﺯﻻﺭ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ ( مەسىلەن: ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ) ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺰ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﯞﺍ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙﺋﯩﭽﻜﻰ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ-ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰﺋﺎﺳﺘﺮﻭﺋﯩﺪ ﺑﻪﻟﯟﯨﻐﯩﺪﺍ (ﻣﺎﺭﯨﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﭘﯩﺘﯧﺮ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ) ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺮﻟﯩﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ( ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﺋﯩﺪ، ﻣﯧﺘﯩﺌﻮﺭﯨﺖ ﯞﻩ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ) ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ئاللاھﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻕ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻘﺎﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﭘﯘﺷﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝﮔﯩﺌﻮﻣﯧﺘﺮﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺷﺘﺎ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ.ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ »ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺱ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ« ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﺎﺭ. ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ. ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ» ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ «ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺋﺎﻟﻪﻡ – ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯘﻧﯩﻠﯩﻤﯘ؟«  ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ »ﺋﺎﻟﻪﻡ – ﺯﺍﻣﺎﻥ « (Space–Time) ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻲ ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﻧﯩﯔﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﭖ ﺳﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ،   »ﺋﺎﻟﻪﻡ – ﺯﺍﻣﺎﻥ « ﺗﻮﺭﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞﺋﺎﻟﻪﻡ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ – ﺳﻮﺯۇﻼﻻﻳﺪﯗ. ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ – ﺗﺎﺭﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯗ . ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﺘﯘﺭ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪﻛﯩﺮﮔﻪﻥ »ﺋﺎﻟﻪﻡ –ﺯﺍﻣﺎﻥ «ﺗﻮﺭﻯ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼﻡ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ» ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ –ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ«. ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ »ﺋﺎﻟﻪﻡ – ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯜﺯﻟﯩﻜﻰ«، ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ» ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ «ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ »ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﺷﻜﻪ «ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. »ﺋﺎﻟﻪﻡ – ﺯﺍﻣﺎﻥ « ﺗﯜﺯﻟۈﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﭙﻴﯧﯖﻰ »ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ «ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻛﯜﭼﻜﻪﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ » ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ «ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕﺋﺎﻟﻪﻣﻰ… » ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩﺯﯦﻤﯩﻨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ «(ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 48- ﺋﺎﻳﻪﺕ )
ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
» ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﮔﻪﺩﻩﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ..، ﺗﺎﻛﻰ ﺗﯚﮔﻪ ﻳﯩﯖﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺷﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯩﭽﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ «….(ﺋﻪﺋﺮﺍﻑ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 40- ﺋﺎﻳﻪﺕ )
ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ »ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﯖﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺷﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ «ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ »ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ «ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﻳﯩﯖﻨﯩﻨﯩﯔﻛﯚﺯﯨﭽﯩﻠﯩﻚ «ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﺰﮔﻪﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺶ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﭽﻜﯩﻠﻪﭖ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﭗ ﻫﺎﻟﯩﻐﺎﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﻣﯩﯔ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ »ﺋﺎﻟﻪﻡ –ﺯﺍﻣﺎﻥ «ﺗﻮﺭﻯ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﭙﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻨﯩﭽﻜﯩﻠﻪﭖ، ﺋﯘﺯﯨﺮﺍﭖ ﻫﻪﺟﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ »ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﺭ«ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﯓ ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﻰ Event» Horizon (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪﺋﯘﭘﯘﻗﻰ)« ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯜﭼﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ »ﻛﺎﻧﺎﻳﻨﯩﯔ «ﺋﯩﻨﯩﭽﻜﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ singularite»  (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ) «ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.  »ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ«ﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ »ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ «ﻗﺎﻧﯘﻧﻰﻫﯜﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ،ﺋﯚﺯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﻫﻪﺟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ »ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ «ﺗﯧﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻟﻪﻡ- ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ «ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ»ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ « ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺭﯗﻧﻼﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﻪﭼﯩﺴﻰ Paul Davies ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﺋﺎﻟﻪﻡ،ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ –ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﭗ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ – ﻗﺎﺗﻼﻧﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺯﺍﻣﺎﻧﻤﯘ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ – ﻗﺎﺗﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯗ.
ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪﯗﺭ. ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﯜﺗﯜﻥﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﭙﻴﯧﯖﻰﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. »ﺋﯘ ﻳﻪﺭ «ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻘﺎ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺯﺍﻣﺎﻥ، ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﺑﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ: »ﺑﺎﺷﻘﺎﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ «ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﯕﺸﯩﺪﯗﻕ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ »ﺋﯘﺯۇﺘۇﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ«. ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ– ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ »ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﻰ«ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻣﯧﯖﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻫﻪﺟﯩﻤﻰ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰ 1 ﺳﯩﻜﯘﻧﺘﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ 3.3 ﺳﯧﻜﯘﻧﺘﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ 33ﺳﯧﻜﯘﻧﺖ ﭘﻪﺭﻕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ 1 ﺳﯧﻜﯘﻧﺖ ﭘﻪﺭﻕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﯩﻼﺷﻘﺎﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ »ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ «ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺯۇﺮﺍﺷﻨﻰﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ »ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ «ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﻱﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﭙﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﺯﯨﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻜﯘﻧﺖ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ، ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻫﺎﺩﯨﺴﻪﺋﯘﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯘ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻜﯘﻧﯩﺘﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﺴﻰ » ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺗﯜﺷﯩﻜﻰ «ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ »ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩ«ﺪﯨﻦ ﻳﯩﭙﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ »ﺑﺎﺷﻘﺎ «ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﻩ، ﻧﯘﺭﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ«ﻣﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗۇﺘۇﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﺪﯨﻜﻰﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﻧﯘﺭ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎﻗﺎﻧﯘﻧﻰ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ- ﻛﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﯞﻩ ﺋﯘ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻧﻰﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ.
ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ »ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ «ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﺮ »ﺋﯜﻣﯩﺪﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ« ﻫﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ »ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ « ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻼﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﺳﻤﯩﻚ ﻧﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ، ﻧﯘﺭﺩﯨﻦﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﺰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﺳﻤﯩﻚ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻣﯘ» ﺭﻭﻫﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭ «ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ، »ﺭﻭﻫﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ«ﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻫﯩﺴﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯘﺧﺎﺗﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥﻫﻪﺳﺴﻪ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﻭﻫﻰ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﻨﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ »ﻳﯧﭙﯩﻖ« ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯜﻧﺴﯩﺮﻯ ﺟﯩﻘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ، ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﭗ ﻳﯧﯖﻰﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰﻫﯩﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐانﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ »ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ «ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﻫﯩﭽﻜﯩﻢ ﭘﻪﺭﻩﺯﻣﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﻼﻫﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ »ﺋﺎﺳﺘﻰ-ﺋﯜﺳﺘﻰ «ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯩﭽﻜﯩﻢ ﺗﻪﺧﻤﯩﻦﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟ ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯨﻨﻰ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔﺋﻪﯓ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ.
ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻼﺭ «ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺑﻪﺯﻯ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ »ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ ﯞﻩ ﺳﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺱ «ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﯞﻩﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ.
ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﻧﻰ ﻧﯩﯔﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ: »ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﺳۈﺘۈﻠﺪﻯ. ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﻣﯧﻨﻰﺧﻮﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ  ‹ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ‹ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ‹ﺋﯘﻧﯩﻤﻪ؟› ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﻣﺎﯕﺎ: ‹ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﭘﯩﺪﯗ› ﺩېيىلﺪﻯ. «ﺑﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ »ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﺪﻯ «ﺩﻩﭖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ( ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭﺍﺯﺍﻕ ﺳﺎﻧﺎﻧﻰ، ﻣﯘﺳﻪﻧﻨﻪﻑ 3 .5599-5560 )
ﺑﯘ ﻫﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﺩېﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ »ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯘﻗﺘﺎ «ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺋﯩﺴﻼﻡﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ »ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ «ﯞﻩ » ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺱ «ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺯﺍﺩﻯﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯ-ﻗﺎﺭﺍﺵ، ﭘﻪﺭﻩﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﺋﺎﺳﻤﺎﻥﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ،ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ... « ( ﺋﯩﻨﺸﻘﺎﻕ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 1-2 ﺋﺎﻳﻪﺕ )ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ، ﻫﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ( ﺭﻩﺩﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻧﻬﯘ)  »ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ- ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ «ﺩﻩﭖ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ »ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ – ﺗﯩﺸﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗﺭ« ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ »ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ«ﻧﻰ ﺷﺎﻫﺎﺩﻩﺕ ﺋﺎﻟﻪﻣﻰ ﺩېﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ، ﻳﻪﻧﻰﺋﺎﻟﻪﻡ – ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔﺋﯚﺯﮔۈﺮۈﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ» ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ «ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩﺑﯘ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ:  »ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ،ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻝ  (ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻰ، ﺩﻩﻟﯩﻞ) ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. »ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩ«ﻨﯩﯔ 32- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺋﯚﮔﺰﻩ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ «ﺩېﮕﻪﻥ ﺋﯩﻼﻫﻰ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﺑﯘ» ﺋﯚﮔﺰﯨﻨﯩﯔ «ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ »ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ «ﻳﻪﻧﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﻩﺋﺎﻟﻪﻡ- ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻐﺎﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ »ﻳﯧﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ «»ﻣﯜﻟﻚ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩ«ﻨﯩﯔ 3- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﻠﯩﺪﯗ: »ﺳﻪﻥ (ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ) ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﻮﭼﯘﻗﻨﻰﻛﯚﺭﻩﻣﺴﻪﻥ« ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ »ﻳﯧﺮﯨﻠﯩش«ﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. »ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ،ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. «  (»ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ« 48- ﺋﺎﻳﻪﺕ). ﺑﯘﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ- ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖﺋﺎﻟﻪﻡ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺯﯨﻤﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯚﺗۈﺪۇﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺱ
1968- ﻳﯩﻠﻰﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺱ Joseph Weber ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ Weber ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﺑﯩﺰ ﺗﻪﯞﻩﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺗﯜﺭﻛۈﻤﻰ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔﺩﻩﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﻮﺳﻤﯩﻚﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻮﺳﻤﯩﻚ ﻧﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳۈﺘۈﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 3ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺳﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺯﻭﺭﻛﻰ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﻧﯘﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﻐﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶﻛﯜﭼﻰ 40 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺕ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﻴﺘﺮﻭﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯨﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﻴﺘﺮﻭﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮﺩﯗﺭ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻣﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯﻳﻮﻏﯩﻨﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻗﯘﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥﻛﯧﯖﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﻔﯩﺮﺍ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻧﯘﺭﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ: ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺳﯩﻜﯘﻧﺘﯩﻐﺎ 50ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﺗﯘﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ! ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ »ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﺎﻻﻛﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ «ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﯚﭼﯜﺗﺘﻰ. ﻗﯘﻳﺎﺵ Hercules ﻳﻪﻧﻰ ﮔﯩﮕﺎﻧﯩﺖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ VEGA ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ،ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﻗﯘﺗﯘﭖ ﺋﻮﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 37 ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﯓ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻡﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﺑﯘﻟﯘﯕﻐﺎ   «solar apex»ﺩﻩﭖﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺩﻩﻝ ﺑﯘ VEGA ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﯩﻜﯘﻧﯩﺘﯩﻐﺎ 20 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ» ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ «ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ »ﻗﯧﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﭼﯩﻐﺎﻥ« ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ »ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ «ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪﺵ ﻫﺎﺩﯨﺴﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﯘﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﺭ! ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻕ ﭘﻪﺗﻪﻙﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﭘﻪﺗﻪﻙ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﻳﺎﻛﻰ Pulsar، ﻧﯧﻴﺘﺮﻭﻥﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺟﺎﯞﺍﭘﻰ: ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﺩﯗﺭ.
ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ »ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯘﻗﺘﺎ«ﻧﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶﺋﯩﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ Kipp Thorne ﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﭽﻪ »ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ – ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﺑﺎﺭ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺑﺎر«.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺟﯘﭘﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﯗﺭ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑوﻟۇﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺭ ﭼﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﻳﻮﻕ، ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺟﯜﭘﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔۈﺘۈﭗ، ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟۇﺸﻰﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﺭﺍﻥ، ﻧﯧﭙﺘﯘﻥ ﯞﻩ ﭘﻠﯘﺗﯘﻥ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ.
ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻟﯘﻕﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﭘﻠﯘﺗﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻮﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ. ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺪﺍ 12 ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ. ﺑﯘ12 ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﻡ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ Tietz-Bode، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ، ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ 374.8 ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗﻫﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻠﯘﺗﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ 3ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، 1900- ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﺟﻪﺩﯨﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥﺑﻪﺩﯨﺌﯘﺯ-ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﻧﯘﺭﺳﻰ ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ 12 ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻪﺩﯨﺌﯘﺯ-ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ »ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺱ «ﺩېﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺭﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ (ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ، ﺑﻪﺩﯨﺌﯘﺯ-ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻫﯩﭽﻜﯩﻢﻫﯩﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ).
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍﻳﻪﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ »ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺱ«ﻧﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﺎﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔۈﺘۈﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔﺟﯜﭖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﭼﻮﯓ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﺰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﯜﭘﺘﯩﺪﯨﻦﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﯓ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
» ﻛﯜﻥﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﻪﻳﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘ، ﻏﺎﻟﯩﺐ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﺌﺎﻻﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﺪﯗﺭ.« ( ﺳﯜﺭﻩ ﻳﺎﺳﯩﻦ38- ﺋﺎﻳﻪﺕ ). ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺕ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ– ﺷﯘﻣﯘﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﻪﺩﯨﺌﯘﺯ-ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻫﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ: »ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ.
» ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ– ﺷﯘﻣﯘﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺋﺎﻟﻪﻣﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯗ.
» ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ– ﺷﯘﻣﯘﺳﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 50 ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺯﺍﻣﺎﻥﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻧﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦﺟﯩﻖ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﺎﺭ«.
ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨلەﺭﺩە ﺭﺍﺑﺒﯘﺱ-ﺷﯩﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰﻗﯘﻳﺎﺵ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﯩﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ؟ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭘﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥﺋﯩﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯖﻼ ﺟﯜﭘﺘﻰ ﻳﻮﻕ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺟﯜﭘﺘﻰ ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯩﻦﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ! ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﻰﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯘﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﯘﺭ.
ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، 6000 ﻧﯘﺭ ﻳﯩﻠﻰﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ Cygnus X-1 ﺟﯜﭖﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﮔﯩﮕﺎﻧﯩﺖ HDE-226868 ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﻙ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱﻳﻮﻏﯩﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯘﭼﻪ ﻳﯩﯖﻨﯩﺪﻩﻙ ﺳﻮﺯﯗﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯩﺮ »ﺳﯘﺭ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ«ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯦﻨﺘﯩﮕﯧﻦ ﻧﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
-1987 ﻳﯩﻠﻰﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺳﻰ، ﯞﺍﺷﯩﯖﺘﻮﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﯞﻩﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ: ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ 200 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﻟﻪﻡ- ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﻧﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ:ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺳﯧﻜﯘﻧﯩﺘﯩﻐﺎ 700 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ، 300 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻧﯘﺭ ﻳﯩﻠﻰﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ Hydra-Cenaurus ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﻠﯩﻚﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﻮﻧﻤﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﻨﻰﭘﺎﺗﻘﯘﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﺭ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘﻧﯩﯔﺑﯩﺮ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﮔﻪ» بۈيۈكﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﻰ «ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ Great Attractor ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﯞﻩﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ »بۈيۈك ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﻰ«ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯘﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﭖﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ 900 ﺩﯨﻦ ﺟﯩﻖ، ﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ.
ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ
» ﺋﺎﺳﻤﺎﻥﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.« (ﻧﻪﺑﻪ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 19- ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ- ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ »ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ «ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻨﻰ ﻛﻮﺳﻤﯩﻚ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻴﺎﻻﻳﻤﯩﺰ؟ »ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ«ﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔﻫﻪﺩﯨﺴﺪﯨﻜﻰ »ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕﻗﻮﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯘﻗﺘﺎ «ﯞﻩ ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ- ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺋﯩﺪﻯ: »ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻣﻪﺟﻪﺭﺭﺍ، ﺋﻪﺭﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯗﺭ «.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺎﻻﻡ، ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺸﻼﺭﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﯗﺭ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ»ﻳﯩﻼﻥ« ﺳﯚﺯﯨﺪﯗﺭ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺩﺍ، ﺋﯩكﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﺗﻮﻧﯩﻞ-ﺷﯩﻼﻧﻜﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ Worm hole ﻳﻪﻧﻰ »ﻗﯘﺭﺕ ﻛﺎﻣﯩﺮﻯ «ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﯩﻼﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦﻧﻪﭼﭽﻪ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯘﺗﺎﻻﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯩﺮ »ﺗﻮﻧﯩﻞ«ﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﻪﺭﺵﺋﺎﻟﯩﻤﯩﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﯩﻼﻥ ﺳﯚﺯﻯﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯗﺭ. ( ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ﺍﷲ )
ﮔﯩﺌﻮﻣﯧﺘﺮﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟۇﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ-ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻲ ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ- ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ، ﺋﺎﻟﻪﻡ –ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯜﺯﻟﯩﻜﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، »ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ «، ﭘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺋﻮﺭﺑﯩﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ »ﺗﯚﻛۈﻠۈﺪﯗ«. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ »ﻳﯩﭙﻠﯩﺮﻯ« ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ »ﻧﺎﺯﯗﻙ ﮔﯩﺌﻮﻣﯧﺘﺮﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﯕﭙﯘﻟﯘﻕ ﻳﯩﭙﻰﺋﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ «ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ »ﻳﯩﭙﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﻼﺭﺩﻩﻙ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ«. ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺳﻰ Stephen Hawking »ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﯨﮕﻪﻥﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻜﻰﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔﺳﺎﻣﺎﻧﻴﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 200 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺑﺎﺭ! ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺗﺘﺎ Stephen Hawking ﻧﯩﯖﻤﯘ :
» ﺋﻪﺟﻪﺑﺎﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﺩﺍ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﯘﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻳﻮﻕﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯚﺗﻪﻣﺪﯗ؟ ….. « ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﻐﺎﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟۇﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ، »ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﯘﻕ« ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ» ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺱ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ«، ﻫﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ »ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕﻗﻮﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﺟﻪﺭﺭﺍ«ﻻﺭ ﯞﻩ VEGA ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻣﺴﯘﺵ – ﺷﯘﻣﯘﺱ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﯨﺴﻪﻛﻤﯘﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
» ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﺎﺭ؟ «ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ »ﻫﯩﭽﻨﯩﻤﻪ ﻳﻮﻕ« ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻫﯩﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ »ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ« (White Holes)  ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ- ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ:
  ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭ ﺑﯩﺮﺗﻮﻧﯩﻞ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ، ﺧﯘﺩﺩﻯ »ﻗﯘﻡ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ« ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯗﺭ. ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﯨﺪﯗﺭ. ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ، ﻗﺎﺭﺍﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭ، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭘﯜﺭﻛﯜﻳﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﺎﻕﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺶﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ gravitation ﻳﻪﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﺘﯘﺭ. ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ levitation ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﺘﯘﺭ.
ﺋﺎﻕ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ »ﭼﻮﯓ ﭘﺎﺭﺗﯩﻼﺵ« (Big Bang) ﻗﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ……
ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺍﷲ ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ-ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ:
» ﺋﯘﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ( ﭘﯜﺗﯜﻛﭽﻰ ) ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﻳﯚﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯚﮔﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺷﯘ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ.(ﺑﯘ) ﺑﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺩﯨﺪﯗﺭ، ( ﺋﯘﻧﻰ ) ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﻤﯩﺰ«. ( ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 104- ﺋﺎﻳﻪﺕ )
(ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى تورىدىن)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:50 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.175893 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش