تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 648|ئىنكاس: 1

چەتئەلدە ئۇيغۇر مىللىي كۈرەش سېپىدە مېھنەت سىڭدۈرىۋاتقان ھەقىقى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

556

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
556


مەھمەتىمىن ھەزرەت

ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن دات – پەرياد، نالە – زارە ساداسى كېلىۋاتىدۇ. ۋەتەن سىرتىدا، ۋەتەن، مىللەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقانلاردىن ئۆزئارا ماجىرا ساداسى يۈكسىلىۋاتىدۇ. دەل بۇگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا 500 مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇنى، 300 مىڭ كىشىلىك ساقچى قوشۇنى مەۋجۇت.بۇلارنىڭ قولىدا خىمىيىلىك، بىئولوگىيىلىك ۋە رادىئاكتىپ قوراللار بار. خىتايلار، ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرىپ تاشلاشتىن قورقمايدۇ. قورقىدىغىنى بۇ قىرغىنچىلىقنى خەلقارا جامائەتچىلىكنىڭ بىلىپ قېلىش ئېھتىمالى. خىتاي ھاكىمىيىتى 4. ئاينىڭ 1. كۈنىدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزدە بۇ مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەييارلىق باسقۇچىغا جىددى كىرىشتى. شۇڭا ۋەتەندە بارلىق ئالاقە ۋاستىلىرى قاتتىق قامال ئاستىدا
چەتئەلدىكى سىياسى كرىزىس
ۋەتەندە ئېغىر تارىخى مىللىي كرىزىس داۋاملىشىۋاتقان ئەڭ جىددى بىر پەيتتە،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى، باشقا بىر قىسمىغا بىلدۈرمەستىن گوللاندىيەدە “ مىللىي ئالى كېڭەش” ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يەنە بىر قىسمى، كېڭەش ئاچىدىغانلارغا بىلدۈرمەي ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ۋە بىلىم ئادەملىرى “ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتىسى” مۇزاكىرە قىلىش يېغىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە دەرھال ئاچتى
ۋەتەندە خىتاي تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ. چەتئەلدە بىر تەرەپتىن كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس – مۇنازىرە قىزغىن داۋاملىشىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن رابىيە خانىم دۇق ئىچىدە بىر قىسىم يەردەمچىلىرىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىق توغرىسىدىكى ھۈكۈمنامىسىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار كىمگە قانداق قارشى تۇرۇپ، نېمە مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ پىلانىنى تۈزەش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان بولسا، ساددا ۋە ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر ياش دوستلار ئىتتىپاقسىزلىققا ئېچىنىپ بەس- بەس بىلەن دەردلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېزىش بىلەن مەشغۇل
بىر سېھىرلىك قارا قول شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق بىلەن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىنى توسۇپ تاشلايدىغان پەردە تارتىپ قويدى. چەتئەلدە بار بولغان زىددىيەت بومبىسىنى دەل بۇ كۈنلەردە پارتلىتىش كىمنىڭ پىلانى بولىشى مۇمكىن؟ ئارىمىزدىن كىملەرنى ئىشلەتتى؟ ئەقىل ئىگىسى ئۇيغۇرلار بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ كۆرىشى لازىم
ئىككى يېغىننى تەشكىللىگىچىلەرگە سوئال
بىرىنجى: رابىيە خانىم گوللاندىيەدە ئالى كېڭەش ئېچىش قارارىنى دۇق ئىچىدە قانچە كىشى بىلەن قارار قىلدى؟ نىمىشقا دۇق ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياردەمچىلىرىدىن يۇشۇرۇن قارار قوبۇل قىلدى؟ بۇ سوئالغا مەتبۇئات ئارقىلىق جاۋاپ بەرسە مەمنۇن بولىمەن
ئىككىنچى: ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن توپلانغۇچى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەسىرى بار بىر قىسىم زىيالىيلار بولۇپ، يېغىننىڭ دۇق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىغىنى ئېلان قىلدى. ئامما يېغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دۇق رەھبەرلىك قاتلىمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كىشىلەردۇر. ئۇلار تەشكىلى پىرىنسىپكە ئاساسەن رابىيە خانىمنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك ئىدى.ئامما ئۇلار يېغىن ئېچىش پىلانىنى رابىيە خانىمدىن مەخپى تۇتقان. بەزىلەر ”رابىيە خانىمنى خەۋەرلەندۈرسەك يېغىنغا توسقۇنلۇق قىلاتتى“ دېيىشى مۇمكىن. چۈنكى، قىبرىستىكى يېغىننىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشىدا رابىيە خانىمنىڭ قولى بار“ دېگەنلەر بولغان. شۇنداقتىمۇ قاتنىشىدىغان يېغىنغا باشلىقىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ بېرىش ھەم تەشكىلى ھەم ئەخلاقى زۈرۈرىيەتتۇر
ئۈچىنچى: ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتىسى يېغىنى، شەرقى تۈركىستاندىن ئىبارەت بىر ئۆيگە ئوت كېتىۋاتقان ۋە ئۆي ئىچىندە ئىنسانلار كۆيۈۋاتقان بىر خەتەرلىك پەيتكە توغرا كەلگەن. مەن بۇ يېغىننى ئاچقان قېرىنداشلىرىمدىن سوراپ باقاي؛ بىر ئۆيگە ئوت كېتىۋاتسا، ئۇ ئۆي بىزنىڭ ئۆيىمىز بولسا، ئۆي ئىچىدە كۆيۈۋاتقانلار بىزنىڭ ئاتا- ئانىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئوتنى ئۆچۈرۈشكە يۈگۈرۈشىمىز، ئوتنى ئۆچۈرۈشكە ئىمكانىمىز بولمىسا ”خالايىق ياردەم قىلىڭلار!“ دەپ ۋارقىراپ جار سېلىشىمىز مۇھىممۇ ياكى ئوتنى قانداق ئۆچۈرۈش توغرىسىدىكى نەزەرىيە ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىپ ئولتۇرىشىمىز مۇھىممۇ؟
مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا “ئامېرىكا تارىخى” دېگەن بىر خىتايچە كىتابنى ئوقۇغان ئىدىم. ئاق تەنلىك قۇل سودىگەرلىرى ئافرىقىدىن قارا قۇللارنى سېتىۋېلىپ كېمىلەرگە تولدۇرۇپ ئوكيان ئارقىلىق ئامېرىكا قىتئەسىگە ئاپىرىپ ساتقان. بۇ سودا بىر قانچە ئەسىر داۋاملاشقان.كېمە كاپتانلىرى ئۈچۈن دېڭىز يولى خەرىتىسى زۆرۈر. ئامما خەرىتە ناھايىتى قىممەت. كېمىلەر يەنىلا خەرىتە ئېلىشقا مەجبۇر. بىر مۇددەتتىن كېيىن يېڭى يولغا چىقىدىغان كېمىلەرنىڭ ھېچقايسى خەرىتە سېتىۋالماس بولۇپ قالغان. چۈنكى، ئافرىقىدىن ئامېرىكا ساھىللىرىغىچە ھەر كىلومىتىردا بىر قانچە قارا جەسەت لەيلەپ تۇرغاچقا كېمىلەر جەسەتلەرنى بويلاپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇلغان. يوشۇرۇن خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ پاچاقلىنىش خەۋپىدىن قۇتۇلغان. يول خەرىتىسى ئەلۋەتتە بەك مۇھىم. ئەگەر ئۇ يولدا ماڭىدىغان ئىنسانلار ئۆلۈپ تۈگەپ كەتسە، يول خەرىتىسىمۇ قىممىتىنى يوقىتىدۇ
مەن، بېرلىندا دېموكراتىك غەرب دۆلەتلەردىن كېلىپ توپلانغان قابىلىيەتلىك، كۆپ تىل بىلىدىغان، پىداكارلىق روھى ئىسپاتلانغان قېرىنداشلىرىمنىڭ يېغىن ئاخىرىدىكى ئاخباراتىدا “ بىز ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلار، ئۆز دۆلەتلىرىمىزگە قايتىپ بېرىپ خىتاينىڭ 1. ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان ”دىنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى“نىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى تۈگىتىش نىزامنامىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىل، ئىسپاتلارنى بىز ياشاۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىگە، ھۆكۈمەت، ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىغا جىددى يەتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كونكرېت ئىستىراتېگىيىلىك خەرىتە تەييارلىدۇق…“ دەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەگەر شۇنداق بىر بايانات ئېلان قىلىنسا ئىدى، جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان خىتاي خاكىمىيىتى ساراسىمغا چۇشكەن بولاتتى. ۋەتەن ئىچى، سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى كەيپىياتى كوتۇرۇلگەن، ئۇمىدى كۇچەيگەن بۇلاتتى. يېغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ئۇنداق بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەتىجىمۇ ئۇنداق بولمىدى
بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ ۋىجدانغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن. ۋىجدانمۇ ئۆز ئالدىغا پىداكارلىقنىڭ مەنبەسى بولالمايدۇ. پىداكارلىقنىڭ مەنبەسى سۆيگۈ- مۇھەببەتتۇر. پەرھاتنىڭ شىرىن ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقى بىلىم ياكى ۋىجداننىڭ ئەمەس، سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ مەھسۇلىدۇر.مەن يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتتۇم:خىتايلار، ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرىپ تاشلاشتىن قورقمايدۇ. قورقىدىغىنى بۇ قىرغىنچىلىقنى خەلقارا جامائەتچىلىكنىڭ بىلىپ قېلىش ئېھتىمالى.چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىھنىنى بۇ نوقتىغا مەركەزلەشتۈرىشى  ئىنتايىن مۇھىم

چەتئەلدە ئۆزىمىز ياراتقان كىرزىستىن قانداق قۇتۇلىمىز؟
بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ ئىئىھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى ئۈمىت. ئۈمىتسىز ئىنسان تىرىك مۇردا دېمەكتۇر. خىتاينىڭ بىرىنچى ئىستىراتىگىيەسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئۈمىت ۋە ئىشەنچىسىنى تامامەن يوق قىلىۋېتىشتۇر. ۋەتەندە قەپەسكە سۇلانغان قەدىردان خەلقىمىزنىڭ بىرىنجى ئۈمىدى ياراتقان ئاللاھ. ئىككىنجى ئۈمىدى ئۇلار ئۈچۈن چەتئەللەردە جان پىدالىق بىلەن پەرياد قىلىۋاتقان، قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىپ تىرمىشىۋاتقان مۇھاجىر قېرىنداشلىرىدۇر. دۇق ۋە چەتەلدىكى ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى بىلەن يۈرىكى كۆيۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن تىز ۋە ئوڭۇشلۇق ھالدا سىياسى كىرىزنىڭ ئىچىدىن چىقىشى كېرەك. ئەگەر كۇچ ۋە ئىنىرگىيەمىزنى ئۆزئارا بوغۇشۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، بىز ئۇيغۇرلار ئاللانىڭمۇ، دوس ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭمۇ ياردىمىدىن مەھرۇم قالىمىز. كىرزىستىن چىقىشنىڭ تەدبىرلىرىنى مەن ئورتىغا قويىمەن، كۆپچىلىك مۇنازىرە قىلىپ تەكلىپلىرىنى ئورتىغا قويسۇن. مەسئۇلىيىتى بولغانلار ھەرىكەتكە ئۆتسۈن
بىرىنچى: رابىيە خانىم دەرھال ۋە ھېچبىر ئالدىنقى شەرت قويماستىن دۇق ئىجرا كومىتېتى ئەزالىرىنى تەلپۈن يېغىنغا چاقىرىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ۋە دەرھال دۇق قۇرۇلتىيىنى ئېچىشنى قارارلاشتۇرىشى كېرەك. گوللاندىيەدە ئېچىلىدىغان كېڭەش( كۆپچىلىك تەرىپىدىن قارارلاشتۇرىلمىغانلىغى ئۈچۈن) ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى لازىم. قۇرۇلتاينىڭ قاچان ۋە قايەردە ئېچلىشى ئاۋازغا قويۇلۇپ قارارلاشتۇرىلىشى لازىم
ئىككىنجى: بۇ قېتىمقى دۇق قۇرۇلتىيىدا يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇپ چېقىلىشى شەرت.
ئۈچىنچى: دۇق نىزامنامىسىغا ئۇيغۇن دېموكراتىك سايلام ئوتكۇزۇلىشى،سايلامغا قەتئىي ھىلى ئارىلاشاشماسلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك
تۆتىنچى: ئەگەر دۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي ئىككى، ھەتتا ئۈچ گۇرۇپقا بۆلۈنۈپ كەتسە، زىددىيەت مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتسە مەسئۇلىيەتنى دۇق رەسىسى بولغان رابىيە خانىم ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر. شۇڭا قالايمىقانچىلىقنى تۈزىتىشنىڭ چارىسىنى قارشى تەرەپ بىلەن دىئالوگ قىلىش ئارقىلىق تېپىلىشى لازىم. پات- پات خىتاي رەئىسى شىجىنپىڭ بىلەن دىئالوگ قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان رابىيە خانىمنىڭ دۇق ئىچىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپا بىلەن دىئالوگ قىلىشتىن چىكىنمەيدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن
بەشىنچى: زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ رابىيە خانىمنى، دولقۇن ئەيسانى، ئۆمەر قاناتنى خەقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرۈپ، دۇققا پايدىسىز بىرىلىرىنى دۇقنىڭ بېشىغا ئەكىلىشنى چۈشىنىۋاتقان مەۋھۇم كۇچلارنىڭ شەپىسىنى سېزىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشسا دۇق ئۆزلىگىدىن تارقىلىپ كېتىش باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىن. ئەگەر دۇق ئىككى ياكى ئۈچ تەشكىلاتقا بۆلۈنۈپ كەتسە ۋە ئىچكى زىددىيەت پەسەيتكىلى بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنسە بۇنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتى دۇق رەئىسى ۋە باشقا رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كىشلەرگە ئائىت بولىدىغانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك ھەممەيلەن ئىسىدىن چىقارماسلىقى لازىم
چەتئەلدىكى بىزلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياشىشىغىمۇ ياكى يوقلىشىغىمۇ ياردەمچى بولىدىغانلىغىمىز ئالدىمىزدىكى ئۆتكەلدە ئىسپاتلىنىدۇ
بۇ ماقالىنىڭ بىر كۈنى تارىخ ئالدىدىكى جاۋاپكارلىغىمنىڭ ئىسپاتى بۇلۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
بەزى مەسىلىلەرنى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويمىدىم. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە ئېيتىمەن
بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا سالام
ئەسلى مەنبە: ئۇيغۇر خەۋەر مەركىزى (ئىلاۋە: ئەسلى مەنبەدە ئىنكاس يېزىشقا ئىمكان بولمىدى، تىزىملىتىش مەغلۇپ بولدى. شۇڭا ئىنكاس يېزىش ئىھتىياجى ئۈچۈن بۇ يەردە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدىم)

39

تېما

56

يازما

556

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
556
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-5-28 19:23:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ كۆڭۈل بۆلۈشقۇ بەك بەلەن بوپتۇ. ھەممە ئادەم مۇشۇنداق بولسا، مىللىي تەقدىرىمىزگە ئالاقىدار ئىشلاردا سەگەك بولسا نە قەدەر ياخشىدى.
ئەمما مېنىڭ بىرنەچچە ئوخشىمىغان نۇقتىدا گېپىم باردەك تۇرۇدۇ:
1. ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تارقىلىپ كېتىش ئىھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىشقا ئورۇن يوق. چۈنكى بۇ تەشكىلاتقا ئامېرىكا پۇل بېرىۋاتقان ئىكەن، ئۇنى ئامېرىكا بىر ئاماللاپ تۇتۇپ تۇرۇدۇ. دولقۇن كەتسە تۇلقۇل دەپ بىرسىنى تېپىپ ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇدۇ. بار بولسا نېمىگە ياراۋاتاتتى؟ بۇنى سورىماق لازىم. بەزىلەر رابىيە خانىمنىڭ چوڭ ئىشلارغا توسقۇن بولۇپ، ياش ئىزباسارلارنىڭ يولىنى توسۇپ، ئىش قىلدۇرمايۋاتقانلىقىنى دېيىشكەنلەر بولدى. ئۇلارنىڭچە رابىخان يوقالسا بۇ ياش بوغۇنلار قالتس ئىشلارنى قىلىۋەتكۈدەكمىش! مەن دەيمەنكى، بۇ ياش بوغۇنلار، رابىخان چەتئەلگە چىقمىغان چاغدىمۇ ئوتتۇرىدا بارىدى، شۇ چاغدىمۇ مەجلىس ئېچىپ يۈرۈشكەنىدى. بۇندىن كېيىنمۇ شۇ. رابىخان قالسا نېمە بولۇدۇ؟ نەتىجە ئوخشاش! ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بۈيۈك خىزمەتتە بولۇپ، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا Indigenous People سالاھىيىتى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇنغانىدى (غايەت تەبىيكى، پۇل بەرگەنلەرنىڭ ئەمرى بىلەن)، مانا شۇنىڭدەك بۈيۈك خىزمەتلەرنى قىلىپ، ۋە بۇ قىلغان قىلىقىنىڭ ئاقىۋىتى، پايدا-زېيىنى ھەققىدىمۇ ھىچقانداق پىكرى بولمىغان ۋەزىيەتتىكى كىشىلەردۇر. بۇ ئىلتىماسقا رابىخان باش بولدى دېگەن ھالدىمۇ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ بېشى بولغان بىرىمۇ ئىلتىماسنىڭ تەستىقىنى تېزلىتىش ئۈچۈن سۈيلەپ، جەنۋەدە يۈرمىدىمۇ؟
2. ئىستراتېگىيەلىك يول خەرىتىسى(؟!) . تەقسىرلەر، بىر نەرسىگە دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ مۇشۇنداق ئىستراتېگىيىلىك يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىدىغان يىغىنلارغا چاقىرىلغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرىگە دىققەت قىلدىڭلارمۇ بىلمەيمەن، ئەمما بۇ يەردە ئىستراتېگىيە دېگەننى چۈشۈنۈدۇغان ئادەمدىن نەچچىسى باردۇر؟
يىغىنلارغا چاقىرىشلار ساپانى ئەمەس، "ۋاپا"نى ئاساس قىلىپ توپلۇنۇدۇغانلىقى، مىزان توغرا بولمىغاچقا نەتىجىمۇ بولمايۋاتقانلىقىنى ھىس قىلمىدىڭلارمۇ؟ ھەمتاۋاقلىق! توپلىغۇچىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۇنىڭغا سۆزسىز بەيئەت قىلىدىغان بولۇش مىزانى! بۇ زىدى پەسلىك بىلەن توپلانغان توپلارنىڭ بېشىدىكىلەر (پەستىكىلەر تۇرۇپ تۇرسۇن)نىڭ ۋەتەن مىللەتنىڭ قايغۇسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى قانداق جەزملەشتۈرسەك بولۇدۇ؟ ۋەتەن-مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇدۇغان بىر يىغىن ئىكەنلىكى راست بولسا، ۋەتەن-مىللەت مەنپەئەتى مىزان بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ساڭا قارشى گېپى بارلارمۇ، لوقما سالىدىغانلارمۇ بولۇۋېرىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ مەسىلەن، ستراتېگىيە دېگەندەك ھەيۋەتلىك گەپلەرنى چۈشۈنۈدۇغانراق ئۇيغۇردىن مەمتىمىن ئەلا چاقىرىلدىمۇ؟
يەنە بىر گەپ، 2014-يىلى كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان ئىدى. ئاۋۇ ئىستراتېگىيەچىلەرنىڭ موھىملىرىدىن بىرنەچچىسى چاقىرىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى، بارسام ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى خاپا قىلىپ قويۇدۇكەنمەن، دەپ كەلمىگەنىدى. بۇمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك؟ بۇمۇ مىللەتكە كۆيۈنۈپ كەتكەنلىك؟ رابىخانمۇ ھەر شەخسكە ئايرىم-ئايرىم تېلىپۇن قىلىپ، يالۋۇرۇپ، پوپۇزا قىلىپ، يىغلاپ، قايناپ،... ئىشقىلىپ، نېمە قىلسا قىلىپ، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا چاقىرىلغانلارنى توسۇۋېلىشقا تىرىشقان ئىدى. توسقۇچىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىمۇ، شەخسنىڭ كۆڭلىنى دەپ توسۇلۇپ قالغۇچىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىمۇ دىققەتنى قوزغايدۇ. بەلكىم بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەچىمىز خەق تىككەن مۇما تۈۋىگە بارمايمەن، مەنمۇ مۇما تىكەلەيدىغانلاردىن تۇرسام، ئۆزەم تىكمەمدىم، دېمەكچىدۇر! ئەگەر بۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ "ھۆ! سېنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىڭ!" دېگۈلۈكمۇ قانداق؟
'قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق" دېگەندەك، ئات يوغان بولسىمۇ، نەتىجە يەنىلا  "ئاتام ئېيتقان بايىقى" بولۇشىدىن گۇمانىم يوق. ئىشەنمىگەنلەر قاراپ باقسا، كېيىن مېنى ئوسال قىلسا بەك خوش بولۇمەن.
3. .ئابدۇكېرىم ئابلىز بەك تېگىپ كەتمىسۇن دەپ "شېئىر"نى ئىچىدە ئوقۇۋەتكەندەك، بۇ ئۈچىنچەمنى ئىچىمدىلا ئوقۇۋەتسەم قانداق بولار دەپمۇ قالىمەن. شۇ مۇئەللىپنىڭ تارىخ ئالدىدىكى جاۋاپكارلىقتىن گەپ ئۇرۇۋاتقىنىغا دەيمەن...دىئالوگ قىلىشنى دەپ ياخشى قىپسىز تەقسىر، مەن چارە دەپ نېمىنى سۇنار؟ ئۆكتىچىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىپلا قۇتۇلۇش كېرەك دەمدىكىن دەپ قورقۇپ تۇراتتىم.
پىشانىسىنى سىلىۋېتىش ھەققىدە بىر گەپ بار ئۇيغۇرچە مىتافورا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:00 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.148438 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش