تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1305|ئىنكاس: 0

قورقۇنۇچنىڭ سىياسىي مەخسەتلەردىكى رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

560

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
560
ھازىر ۋەتىنىمىزدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە قورقۇنۇچلۇقلۇق گەپ-چۆچەكلەربولۇۋاتىدۇ. بۇنداق قورقۇنۇچلۇق بىر ۋەزىيەت قانداق بارلىققا كەلگەن؟ نېمە ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن؟ پەردە ئارقىسىدا كىملەر بار؟ قورققۇچى كىم؟ قورقۇتقان كىم؟ ھەقىقىي قورققان كىم؟ بۇلار تەبىئىيمۇ، سۈنئىيمۇ؟ خىتايلار بۇ ۋەزىيەتتىن نېمىگەئېرىشمەكچى؟ بۇلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنىڭ رىيال ئەھمىيىتى بار. بىز چوڭ شاخمات تاختىسىدا دايىما پىچكا سۈپىتىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئوينالمايمىز دېسەك،ئويۇننى ماھىيىتىدىن چۈشۈنۈشىمىز، ھىچ بولمىغاندا چۈشۈنۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.
ئىلگىرىكى يازمىشلىرىمدا ھۆكۈمرانلىقنىڭ،  ھۆكۈمران گورۇھلارنىڭ ياكى دۆلەتنىڭ دۈشمەنگە ئىھتىياجلىق بولۇدۇغانلىقى تېئورىسىنى يورۇتۇشقا تىرىشقان ئىدىم. دۈشمەنگە ئىھتىياجلىق بولۇشنىڭ سەۋەبى، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئىھتىياجىدىن بولۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرغاندىلا، ھىچ بولمىسائۆزىگە قارشى تۇرۇشتىن ۋاز كەچتۈرگەندىلا ئاندىن ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قالغىلى بولۇدۇ. دۈشمەن ۋە قورقۇنۇچلۇق قىسمەتكە يۈزلۈنۈۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەندىلا خەلق ھاكىمىيەت تەرەپتە تۇرۇشنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇدۇ.  
ئەمدى بۇ قارىشىمىزنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەنگە بولغان ئىھتىياجنىڭ ئىشلەش فونكىسىيىسى ھەققىدە بىر ئاز توختۇلۇپ ئۆتۈمەن. ھۆكۈمرانلار،خەلقنى ئۇيۇشتۇرۇش، خەلقنى ئۆزى بىلەن بىر سەپتە بولۇشقا ماقۇل قىلىش ئۈچۈن خەلقنى قاتتىق قورقۇتۇشقا مۇھتاج. خەلقنى قورقۇنۇچقا سېلىش ئۈچۈن بولسا دۆلەت ياكى ھۆكۈمران گورۇھ، «كېلىۋاتقان تەھدىت» خۇسۇسىدا بىر «توزاق نەزىرىيىسى» ئوتتۇرىغا قويۇدۇ. (ئېنگلىزچىدا بۇنى Complot/conspiracy دەيدىكەن) سۈيقەست نەزىرىيىسى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەندىن كېيىن، بارلىق ئۈستقۇرۇلما مېدىياسى بۇ نەزىرىيىنىڭ ئاساسىي روھىغا ئۇيغۇن ھىكايىلەرنى يېيىپ، خەلقنى قورقۇتۇدۇ. كېلىۋاتقان خەۋپ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق كۆرسۈتۈلسە، خەلقنىڭ ھاكىمىيەت ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشى شۇنچە زىچ بولۇدۇ. شۇڭا، تارىختىن بۈگۈنگىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە ئۇيغۇن «توزاق نەزىرىيىسى» ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق پۇخرالار ئىچىدە قورقۇنچ ھاۋا پەيدا قىلىپ كەلدى.
ئۇزاقنى قويۇپ، يېقىن تارىختىن مىسال قىلساق، ستالىننىڭ تازىلاش ھەركىتى ئۆزىگە «تروتسكىيچىلارنىڭ لېنىنىزمغا ۋە سوتسىيالىستىك سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى چەتئەل جاھانگىرلىكى بىلەن بىرلىكتە ئاغدۇرمۇچۇلۇق ھەركىتى ئېلىپب ېرىۋاتقانلىقى»نى ئاساسىي قورقۇنچ بەنبەسى قىلغان بولسا، تازىلاش ھەركىتى، مانا شۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى «ئىچىدىن ماسلىشىدىغان گۇماشتىلىرى»نى تازىلاش نامى بىلەن خەلققە سۇنۇلغان ئىدى. يەنى، ستالىن ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق ئۆكتىچى كۈچلەرنى ياكى ئۆكتىچى بولۇش ئىھتىمالى بولغان كۈچلەرنى تازىلىۋېتىش ئۈچۈن قەستەن بىر قورقۇنچ مەنبەسى ياراتقان ياكى قەستەن كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، بۇنىڭ خەۋپىنىڭ پۈتۈن خەلققە چوڭ بالايى-ئاپەت بولۇدۇغانلىقى سەپسەتىسىنى يايغان. بۇ ئارقىلىق ۋەھشىيانە تازىلاشلارنى ھەققانى ھەركەت قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان ئىدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئون يىل بۇرۇن ئاتوم بومبىسىغا ئېرىشىشىدىن چۆچىگەن ئامېرىكىدا «قىزىل ۋەھىمە»كۈنتەرتىپكە ئېلىنىپ، كوممۇنىزىم تەھلىكىسى خەلقنى قورقۇتۇدۇغان «توزاق نەزىرىيىسى»ئۈچۈن ئاساس بولدى ۋە بۇ مەزگىل ([①]McCarthyدەۋرى)ئىچىدە سايىسىدىنمۇ ھۆركۈيدىغان دەرىجىدىكى سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈلۈپ، ھەر ساھەدىن سوۋېت گۇماشتىلىرى، كوممۇنىزىمغا مايىل كىشىلەر تازىلاندى. گەرچە بۇ قورقۇنچ ئاشقۇنلۇقى قىسقا مۇددەتتە پەسلىگەن بولسىمۇ پۈتكۈل «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەۋرىدە ئاكتىپلىقىنى ساقلىدى.
تۈركىيە ئۈچۈن دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئاساسلىق «توزاق نەزىرىيىسى»ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بۇلار بۆلگۈنچۈلۈك، شەرىئەتچىلىك ۋە كوممۇنىزمدىن ئىبارەت بولدى. بۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش غايىسى ۋە قۇرغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى.
يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدا ناتسىتلارنىڭ بەلگىلىگەن «توزاق نەزىرىيىسى»يەھۇدىيلارنىڭ ئارىيانلارنىڭ قېنىنى بۇلغاش خەۋپى بولۇپ، بۇ خەۋپ شۇنچىلىك كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلەندىكى، گېرمانىيە خەلقى بۇنداق قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىيلىقىنى،ھەقلىقىنى سۆزسىز قوبۇل قىلغانىدى.
ئەمدى، بىزگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان خىتايلارغا كەلسەك،خىتايلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى، دۆلەتنى تۈزگۈچى ئاساسىي تەركىپلەرگە ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ئىدىئولوگىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا «توزاق نەزىرىيىسى» بەلگىلەپ كەلدى. بۇلاردىن 50-يىللاردىكى «توزاق نەزىرىيىسى» سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەندىزە ئالغان «سىنىپىي زىددىيەت» مەزمۇن قىلىنغان قورقۇنچ مەنبەلىرى بولۇپ،ئاساسەن كونا ھاكىمىيەتنىڭ داشقاللىرى، پومىشچىكلار، ئوڭچى، يەرلىك مىللەتچىلەر،جاھانگىرلار، كاپىتالىستلارنىڭ گۇماشتىلىرىنىڭ كونا دۇنيانى تىرىلدۈرمەكچى ئىكەنلىكى مەزمۇنلىرىدا ئىدى. تازىلاشلارمۇ مۇشۇ ئاساستا ئېلىپ بېرىلدى. تازىلاش ئوبېكتلىرىغا بېرىلگەن ناملاردا مۇشۇ مەزمۇنلار ئەكس ئېتەتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئادا-جۇدادىن كېيىن «ئاساسىي خەۋپ سوۋېت رىۋىزىئونىزمىدىن كېلىدۇ» دەپ بەلگىلەندى. بۇنىڭغا پاراللېل ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ كاپىتالىزىمىمۇ سۈيقەستلەرنىڭ موھىم مەنبەسى قىلىپ بەلگىلەنگەنىدى. غەرپ كاپىتالىزىمى قوراللىق مۇداخىلە قىلمايتى، ئەگەر بۇنداق دېيىلسە خەلقنى ئىشەندۈرۈش تەس بولاتتى. شۇڭا ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆرنىكىدە «تېنچ ئۆزگەرتىۋېتىش» پىلانىنى يولغا قوياتتى. بۇ تېنچ ئۆزگەرتىۋېتىش بارلىق ئىدىئولوگىيىگە ئائىت ساھەلەرنى ئاساس قىلىدىغان بولۇشى، كوممۇنىستلارنىڭ تازىلاشلىرى ئۈچۈن كەڭ ئىمكانىيەتلەرنى سۇناتتى. دۆلەت بەلگىلىگەن «توزاق نەزىرىيىسى» نېمە بولسا شۇنىڭغا مۇناسىپ دۈشمەن «كۆپىيەتتى». تۇتۇلغان، قولغائېلىنغان، قەتلى قىلىنغانلارنىڭ كۆپۈنچۈسى مانا شۇ نەزىرىيە بەلگىلىگەن دۈشمەنلەرئىدى.
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى، سىرتقا ئىشكنى ئېچىۋېتىشىدىن كېيىن بولسا، توزاق نەزىرىيىسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كەلدى. چۈنكى، داۋاملىق ھالدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ كاپىتالىزمىنى دۈشمەن ۋە خەۋپنىڭ مەركىزى قىلىۋەرگەندەخەلقنى ئىشەندۈرگىلى بولمايتى. ھەتتا دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ دۇنيا قارىشى، دۈشمەن قارىشىدا بىر ھاڭ پەيدا قىلىش خەۋپى بار ئىدى. «توزاق نەزىرىيىسى» ھەر زامان دۆلەتتىكى ئاساسىي ئاھالىنىڭ روھىي ھالىتى، مىللىي كىملىكى، ... قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئېلىپ بارلىققا كەلتۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. ئاساسىي ئاھالىنىڭ پايدا-زىيىنىغامۇناسىۋەتلىك بولغاندىلا ئاندىن ئۇلار دۆلەت بىلەن بىردەكلىك ساقلاشقا كۆڭۈل رىزاسى بىلەن ماقۇل ھالغا كېلەتتى. شۇڭا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان توزاق نەزىرىيىسى «ئاساسىي خەۋپ بۆلگۈنچىلەردىن كېلىدۇ» دەپ بەلگىلەندى. مىللىي مەسىلەخىتاي ئىمپېرىيىسىدە ئەزەلدىن ھەل بولمايۋاتقان، كەلگۈسىدىمۇ ھەل بولۇشى كۈتۈلمەيدىغان نېگىزلىك مەسىلە بولۇشلۇقى بىلەن، ئەزەلدىن كۈنتەرتىپتە بولۇپلا كەلگەن. پەقەت زامان ئېتىۋارى بىلەن بەزىدە ئالدىنقى رەتكە، بەزىدە كېيىنكى رەتكە تىزىلغان مەسىلە بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى ئادەم ھىساپلىماسلىقىدىن ئىبارەت مىللىي خاسلىقىدىن ئېيتقاندا، بۇ يېڭى دۈشمەن خىتايلارنى دىققەتكە چاقىرىشتا جەلپكارلىققا ئىگە ئىدى. ھەتتا بۇ يېڭى بەلگىلەنگەن دۈشمەن چەتئەللەردە، دېموكراتىك ئەللەردە ياشاۋاتقان خىتايلارنىمۇ جەلپ قىلالايتى.
كۈنسېرى نەزەردىن چۈشكەن مۇستەبىت ھاكىمىيەت مىللىي مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىققاندىلا، خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۆرۈكلىگەندىلا بىر ئاز نەپەس ئالغۇدەك بوشلۇق تاپالايدىغانلىقىنى جەزم قىلدى. شۇڭا شەرقتە ئاراللار تالىشىنى پەيدا قىلىپ، تاشقىي دۈشمەن (بۇمۇ يەنىلا مىللىي دۈشمەن) ياراتقان بولسا، مىللىي رايونلاردا «بۆلگۈنچۈلۈك»داۋرىڭى ئارقىلىق، مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ھەقلىقلىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. دەل قاتتىق قول، مۇستەبىت بولغاندىلا بۇ زېمىننى تۇتۇپ تۇرغىلى بولۇدۇ، دېگەن مەنىنى بېرىشكە ئۇرۇنماقتا. بولۇپمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپنىڭ ئىسلامنى يېڭى دۈشمەن قىلىپ بېكىتىشىگە ماس ھالدا خىتايلارمۇ مۇستەقىللىق جەڭچىلىرىنى ئىسلام تېرورىزىمى سۈپىتىدە سۇنۇپ، خەلقارادىمۇ دەستەك قازىنىشنى كۆزلىمەكتە.
قورقۇنچ تۇغدۇرۇش ئىككى خىل نەتىجە تۇغدۇرۇشى مۈمكىن: بىرى، زالىم —زۇلۇملىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە دەلىل ھاسىل قىلغان ۋە بۇ دەلىلگە تايانغان ھالدا زۇلمىنى ئاشۇرۇدۇغان بولۇدۇ؛ يەنە بىرى، (ئەگەر بۇ ئېتنىك سۈركۈلۈش مۇھىتىدابولغاندا) زالىملار تەرەپكە مەنسۇپ بولغان ئېتنىك گورۇھنىڭ ئەتىۋارلىق مۇئامىلىگەئېرىشىشى ياكى تەڭسىز ھالدا ئالاھىدە مۇئامىلە كۆرۈشىنى ھەقلىق كۆرسۈتۈدۇ. يەنى، بۇنى ئەمەلىيىتىمىزگە قويساق شۇنداق مەنزىرە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: ۋەتىنىمىزدىكى «مەسۇم»خىتايلار «ۋەتەننىڭ بىرلىكى»نى قوغداش ئۈچۈن ھەرزامان ھاياتىنىڭ تەھلىكىگە ئۇچراش ئىھتىماللىقىغا قارىماي پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقانلىقىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە سىياسەتلەردىن — ئېتىۋار بېرىشلەردىن بەھرىمەن بولۇشقا لايىق؛ ئالاھىدە مۇئامىلىگەلايىق؛ ئۇلار بۆلگۈنچى بولۇش ئىھتىمالى بولغان يەرلىكلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە كۆرسە بولمايدۇ؛ ئۇلار «چېگرا رايوندىكى نامسىز قەھرىمان»لاردۇر، شۇنداقلا ھاياتى دايىم خەۋپ ئىچىدە تۇرۇدۇغان «مەسۇملار»دۇر.
فرانسىيەلىك زەڭگى فرانتز فانوننىڭ[②]«قارا تېرە، ئاق نىقاپ» ئىسىملىك كىتابىدا شۇنداق بىر بايان بار:
فانون يېنىدىن ئاقتەنلىك بىر ئايال ۋە بىر بالىنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈدۇ. بالا قارا ئادەم (فانون)نى كۆرگىنىدە ‹ قارا، ئانا، بىر زەڭگى› دەيدۇ. بۇنىڭغا قارىتا زەڭگى كۈلۈمسىرەيدۇ. ئەينى ۋەقە ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىنىدۇ ۋەزەڭگى تەكرار ئەمما بۇرۇنقىدىن ئازراق كۈلۈمسىرەيدۇ. ئانا-بالا بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا. دەل ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا بالا ‹ئانا، قارىغىنا، زەڭگى!› دەپ ۋارقىراپ، قورقۇنچ بىلەن ئانىسىنى قۇچاغلىۋالىدۇ. زەڭگى قېتىپ قالۇدۇ.
بۇ ۋەقەدە ئەسلىدە زەڭگى ئادەم ئاقتەنلىك بالىنى قورقۇتقۇدەك ھىچ ئىش قىلمىغان بولسىمۇ، ھاياتى بويىچە ‹قورقۇشقا تېگىش بىرىمۇ مەن، ئەمەسمۇ؟› دەپ ئۆزئۆزىدىن سوراشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ. باشقىسىنىڭ قورقۇنچىنىڭ ئۆزىدە نېمىلەرگە سەۋەپ بولغانلىقىنى ھېساپلىيالىشىڭىز مۈمكىن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆز-ئۆزى تەرىپىدىن چىنلىققا ئىگە قىلىنغان ياكى راستقا ئايلاندۇرۇلغان بىر ئايرىمچىلىق: ئىرقىي ئايرىمچىلىق (apertheid).
ھالبۇكى، ئۇ، قورقۇنچنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ئوبىكتىدۇر. بۇنىڭغا جاۋابەن قورققان كىشىنىڭ قىلغان ئىشى بىر قۇچاققا ئېتىلماق، بىر قۇچاققا ياماشماق، ئاناقۇچىقىغا.
بۇ مىسالدا ھەركىمنىڭ بىلگىنىدەك قورققان كىشىگە ھىچ ئىش بولمايدۇ. دېمىسىمۇ بىر تەھلىكە بولمىغان ھالدا ئانىنىڭ (ۋەتەننىڭ، ئورگانلارنىڭ،دېموكراتىيە سىرتى كۈچلەرنىڭ) قۇچىقىغا ئېسىلىپ، قورقۇلغان كىشىگە قارىتا بىر زوراۋانلىق، بىر تەھدىت ھەركىتىگە ئۆتۈدۇ. «قورقۇلغان بىر بەدەن سۈپىتىدە زەڭگى ئادەم بۇ قورقۇنچنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھىچبىر ئىش قىلمايدۇ. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىرقورقۇنچ مەنبەسى بولۇشنى داۋام قىلدۇرۇدۇ.[③]»
ئەسلىدە مەسىلىنىڭ داۋاسى ئاددىيدۇر: قورقۇنچنىڭ مەنبەسى زەڭگىنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئۇنىڭ ھەققىدىكى تونۇشتۇر. بۇ تونۇشنىڭ پەيدا قىلىنىشى بىر توپلۇمنىڭ ئىنسانلىق جىنايىتى بىر تۇيغۇ، يەنى ئىرقچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئىرقچىلىقنىڭ ئوبېكتى (نىشانى) سۈپىتىدە زەڭگى بۇنى كۆتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ھىچنېمە قىلالمايدۇ.
«ئەمەلىيەتتە بۇ قورقۇنچ، ئەڭ ياخشى ئىھتىمالدا بىر خىل كېسەللىكتۇر.  ئەمما بۇ قورقۇش سەۋەبىدىن، قورققۇچىنىڭ بىر كاپالەتنى قولغا كەلتۈرۈشى ھىچ ئادىل ئەمەس. بىر ئىھتىمالدا بالا قۇچاق ئىستەيدىغان بولۇشى كېرەك ۋە ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئېتىلماق ئۈچۈن زەڭگىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى بىر باھانە سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقاندۇر. باشقا تەرەپتىن، زەڭگىلەر ئاقلاردىن ھىس قىلىدىغان قورقۇنچ تېخىمۇ رىيال، ئەمما بۇ قورقۇنچ دەل رىيال بولغانلىقى ئۈچۈن بەلكى ھىچقانداق كاپالەت تۇغدۇرمايدۇغاندۇر، ئەكسىچە پەقەت دايىما راستقا چىقىرىدىغان بىر ئەندىشە تۇغدۇرۇدۇغاندۇر. باشقالارنىڭ ئۇلارنىڭ ئىختىيارىدا بولمىغان سەۋەپلەردىن تۇغۇلغان قورقۇنچلىرى تۈپەيلىدىن ھاياتى زىندانغا ئايلانغاندۇر.» (ياسىن)
«ئەسلىدە بالا ھەقىقەتەنمۇ قورققىنى ئۈچۈن ئانىسىنى پاناھ قىلىۋاتمايدۇ، ئەكسىچە ئانىسىنى پاناھ قىلىش ئۈچۈن قورقۇۋاتىدۇ (ياكى قورققانلىقىنى دەۋاتىدۇ) ئەگەر بالا بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالسا بولۇپمۇ ئۇنىڭغا قۇچاق دايىم ئېچىلىپلا تۇرسا بالا ئەركىلىشىپ كېتىدۇ، بەس كەلگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ. بالىنىڭ بۇ قورقۇنچىغا تاقابىل كېلىشنىڭ يولى ھەرگىزمۇ قورقۇنچىنىڭ ئوبېكتى بولغان زەڭگىنى پاراكەندە قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە بالىغا بىرئاز پايدىلىق تەربىيە بېرىش، قۇچاقنى دايىم ئوچۇق بىر پاناگاھ بولۇشتىن قالدۇرماقتۇر.»(ياسىن)
قورقۇپ كەتكەن بولۇۋېلىشتا بالىنىڭ كۆزلىگىنى «ئانا قۇچىقى» بولسا، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەردىن قورقۇپ كەتكەن بولۇۋېلىشىدا كۆزلىگەن «ئاناقۇچىقى» نېمىدۇ؟ ئىككى خىل بولۇشى مۈمكىن: بىرى كۆچمەن خىتايلارنىڭ مەسۇملۇقىنى تەكىتلەپ، ئۇلار ئېرىشىۋاتقان ئالاھىدە ئىمتىياز (ئانا قۇچىقى)نى شۇنداق بولمىسىمۇ بولمايدىغاندەك ئاساسقا تاياندۇرماق؛ يەرلىكلەرگە بۇ ئالاھىدە ھوقۇقلار ھەققىدە توغرا تونۇشتا بولۇشنى تەلقىن قىلىش. ئىككىنچىسى (تېخىمۇ موھىمى ياكى ئەڭ ئاساسلىقى) ھەربىي يۆتكىلىشلەرنى سەۋەپ بىلەن تەمىن ئېتىش. بۇ سەۋەپ ئىچكىي جەھەتتە ئۆز خەلقىنى ئالداش، «دۈشمەن» قورقۇنچىسى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ «توغرا تەدبىرلىرى» ھەققىدە ئارتۇقچە گۇماندا بولماسلىق ۋە دۈشمەن ئالدىدا ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە بولۇشقا چاقىرىش؛ تاشقىي جەھەتتە، ئەسلى ئوبېكىتلار بولغان قوشنائەللەرنى چۆچۈتۈۋەتمەستىن كەلگۈسى رايون زومىگەرلىكىنىڭ تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈۋېلىش.
قورقۇنچ — جەمىيەتشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ،جەمىيەتشۇناسلار قورقۇنچنى سىياسىي پايدا ۋاسىتىسى دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇنداق بولسا جەمىيەتشۇناسلار، سىياسىي ئانالىزچىلار قورقۇنچ ھەققىدە نېمىلەرنى دېگەن؟
«ئىمتىياز تۇغدۇرۇدۇغان قورقۇنچلار سۈئىستىمال مەۋزۇسى بولۇشى مۈمكىن، بۇ سەۋەپتىن باشقىلارنىڭ ئەركىنلىك چېگرىسىغا تاقىلىدۇ.» (ياسىن)
«مانا بۇ قورقۇنچ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ھەر تۈرلۈك پۇخرالىق ھوقۇقلىرىدىن ئەركىن ۋە بارابەر پايدىلىنىشىغا قارشى يولغا قويۇلۇدۇغان ھەق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھەققانىي كۆرسۈتۈشنىڭ بىر يولىدۇر: ھەر تۈرلۈك ئايرىمچىلىق ئۇلارغا ھەقتۇر، (گويا)بۇنى ئايرىمچىلىق دېيىشكىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى پۇرسەت بولسىلا ئۇلار تېخىمۇ بەتتەرىنى قىلىش پوتانسىيالىغا ئىگە.» (ياسىن)
دۆلەتلەر ھۆكۈمران تەبىقىنىڭ ئىھتىياجىغا كۆرە بىر ئەخلاق چېگرىسى يارىتىدۇ، ئاندىن بۇ چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى جىنايەتچى دەپ تونۇتۇش ئۈچۈن قورقۇنچ پەيدا قىلىدۇ.
«ئەخلاقىي بىر چېگرىنىڭ ئىنشاسى (قۇرۇلۇشى) ۋە يامانلىقنىڭ دىققەتنى تارتقۇدەك شەكىلدە سۇنۇلۇشى، ئەينى زاماندا توزاقنىڭ ۋە توپلۇم ئىچىدە ياخشى، قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىدۇغان، توغرا ئويلايدىغان ۋەتەنداشنى تەھدىت ئەتكەن  بىر تەھلىكىنىڭ بارلىقىنى ھەركىمگە ئۇقتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، جەريان ئۆز-ئۆزىنى پەرۋىش قىلىدۇ: توزاق، ئەخلاقىي چېگرىنى ۋە بۇ چېگرىلارنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان چەكتىن ئاشقان ئىجرائاتلارنى يوللۇق قىلىدۇ.» (ياسىن)
داركھېيمغا[④] كۆرە، «بۇزۇق ھەركەتلەر ئىجتىمائىي سىستېمنىڭ تولۇق ئىشلىشى ئۈچۈن كېرەكلىكتۇر، يەنى، ‹بۇزۇق ھەركەت›لەرنىڭ ئەيپلىنىشى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي سىستېم تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەخلاق چېگرىلىرى كۈچلەندۈرۈلۈدۇ».
ئېركسونغا[⑤]كۆرە، «‹ئەخلاقىي چېگرالار زامانغا كۆرە ئۆزگۈرۈپ تۇرۇدۇ. يەنى، مەلۇم دەۋردە قوبۇل قىلىشقا بولۇدۇغان بىر ھەركەت، باشقا بىر دەۋرگە كەلگەندە قوبۇل قىلغۇسىز، جەمىيەتكە زىيانلىق ئېلان قىلىنىدۇ.» «يامانلىقنىڭ ئەسلى ئۆزىدە ئەۋرىشىملىق بار» (كوھېن[⑥]).
ئەسلى مەخسەت قورقۇنچ پەيدا قىلىش بولغىنى ئۈچۈن ناھايىتى كىچىك ئىشلارمۇ ئەقىل قوبۇل قىلغۇسىز مۇبالىغە قىلىنىپ، دايىم تەكرارلىنىۋېرىش نەتىجىسىدە شۇ بويىچە قوبۇل قىلدۇرۇلۇدۇ. شۇنداقلا مەخسەت قەتلىئام بولغاندىمۇئوخشاشلا كۆپتۈرۈلۈدۇ.
«ئاسانلا يوق قىلغىلى بولۇدۇغان بىر نەرسىمۇ قورقۇنچ ئوبېكتى بولۇشى مۈمكىن. مەسىلەن، ھاشارات قورقۇنچى ئۇلارنى يوقۇتۇشقا ئۈندىگەن غەلىتە بىرقورقۇنچ.» (ياسىن)
«قورقۇلغان ئىنسانلار ئۈستىدە خۇددى ھاشاراتلارغا قارشى قىلىنغانغا يېقىن كېلىدىغان بىر خىل يوق قىلىش، ئايرىمچىلىق تەتبىق قىلىنىشى مۈمكىن. يەھۇدىلەر، سىگانلارغا قارشى تەتبىق قىلىنغان بارلىق بېسىملار، ئۇلارغا دائىر قۇرقۇنچ بىلەن بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئىدى. خالىغان چاغدا ئاسانلا  قەتلىئامغا نىشان قىلىدىغان دەرىجىدە، ئاز ياكى ھاكىمىيەتتىن يىراق ئىنسان گورۇپلىرى مۇشۇنداق بىر قورقۇنچنىڭ قۇربانى بولاتتى. شۇنداق قىلىپ، قورقۇنچ ئوبېكتى سۈپىتىدە تونۇتۇلغان ئىنسانلار ئومۇمەن، بېسىمدار، ئايرىمچى بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ موھىم ئىشلەش مۇھىتى ھالىغا كېلىدۇ.» (ياسىن)
ۋەتىنىمىزدە تۇغۇلۇۋاتقان ۋە تۇغدۇرۇلۇۋاتقان ۋەقەلەر ۋە بۇنىڭ بىلەن كۆپتۈرۈلگەن خەۋەرلەر ئارقىلىق ۋەھىمىلىك تەسىر يېيىش ئۇرۇنۇشلىرىدا خىتايلار ئۆزھىساپلىرىنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيادا ئىككى شەيئى ئارىسىدىكى تەسىرنىڭ بىر تەرەپلىك بولۇشى مۈمكىن ئەمەسلىكى، تەسىر ۋە ئەكس تەسىر كۈچى تېئورىسى ئەسكە ئېلىنسا، خىتايلار كۆزلىگەن مەخسەتكە يېتىش بىلەن بىرگە، باشقا تۈرلۈك چاتاق مەنبەسى تۇغدۇرۇشى مۇقەرەرردۇر. بۇ ھەقتە يەھۇدىيلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي يوق قىلىش باھانىسى يارىتىش ئۈچۈن توقۇلغان قورقۇنچ ھىكايىلەرنى مىسال قىلىش مۈمكىن:
«يەھۇدى توزىقى ھەققىدە يېزىلىپ-سىزىلغانلار، بىر تەرەپتىن كۈچلۈك بىرئانتى سېمىتىزم سۆز-چۆچىكى سۈپىتىدە يەھۇدىلەرگە قارشى ئىشلەپچىقىرىلغان ئايرىمچىلىقلارنى كۆرۈكلەش بىلەن بىللە، يەنە بىر ياقتىن يەھۇدىي كۈچى ئەپسانىسىنى ھەر تەكرارلىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىشلەنگەن ۋە خالاپمۇ قىلغىلى بولمىغۇدەك تۈردىكى بۈيۈك بىر ئىلان تەسىرى ھاسىل قىلماقتا.» (ياسىن)
«شۇ سەۋەپتىن، بىر ئىرق، دىن ياكى ئىنسان گورۇبى ھەققىدە قورقۇتقۇچى سۆز-چۆچەكلەر ئىشلەپچىقىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چىقىملار مەۋزۇسىدا ئانتىسېمىتىزم تىپىك بىر مودېل ھاسىل قىلدى. ئىرقچى ئۆچمەنلىك سۆز-چۆچەكلىرىمۇ باشتا قورقۇتۇش ئارقىلىق باشلانغانلىقى ئەمەلىيىتى بۇ مودېلنىڭ موھىم بىر بۆلۈمىدۇر.»(ياسىن)
يەنى، بۇ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ سۈپىتى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى چۈشەنچىسىدە خېلى يارقىن ئوبرازىمىزنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن ئېلان رولى ئوينۇشى مۈمكىن. ئەگەر چەتئەل ياردىمى تاما قىلىنىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا چەتئەل ياردىمىنىڭ ئۆكتىچىلەردىكى ساپانى شەرت قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا،خىتايلارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۆپتۈرمە تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئېلان رولىنى سەلچاغلىغىلى بولمايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قورقۇنچ مۇھىتى يارىتىشتا يەنە بىر نەتىجىگىمۇ ئېرىشىشى مۈمكىن: خىتاي پۇخرالار ئىچىدىكى دېموكراتىيە ئىستەكلىرىگە قارشى، مۇشۇنداق «بۆلۈنۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى»قورقۇنچى ئارقىلىق، ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ خىتاي مىللىي مەنپەئەتىدە بىر زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش؛ ئەكسىچە بولغاندا، خىتاي مىللىتىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك شېرىن چۈشىنىڭ بەربات بولۇدۇغانلىقىنى تەلقىن قىلىش.
«قورققۇچى› بىر قاتار چەتكە قاققۇچ، بېسىمدار ھەتتا يوق قىلغۇچى مىخانىزمنى قولىدا تۇتقانلار بولسا، ئۇ ھالدا، ھەر قېتىم ئىنسان ترادېگىيىسىنى تاماشا قىلىشىمىز مۈمكىن.» (ياسىن)
بۈگۈنكى دۇنيادا بولۇۋاتقان مىساللار نۇقتىسىدىن «دۆلەتلەرنىڭ جەمىيەتتە ھاكىمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم گورۇپلارنى قانداق قورقۇنچ مەخلۇقلار ھالىغا كەلتۈرۈدۇغان شەكىلدە بىر قورقۇنچ مەنبەسى سۇنۇدۇغانلىقى»نى كۆرۈش مۈمكىن. بۇ بۈگۈنكى «ئىسلام تېرورزىمى»، ئوتتۇرا شەرقتە بىردىنلا پەيدا بولغان «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» ئۆرنەكلىرىدە ئېنىق كۆرۈلۈدۇ. يەنى، بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈكلەرنىڭ قورققۇچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، مەسۇم بولۇۋېلىشى بۇ يەردە چوقۇم بىر ئويۇننىڭ سەھنىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.
خىتايدەك مۇستەبىت تۈزۈملەردە توزاق قۇرۇش تامامەن دۆلەتنىڭ قولىدابولۇپ، ھەممىنى مەركەزلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، باشقا ئىنسان گورۇپلىرىنىڭ نە ئەمەلدە،نە تېئورىك توزاق قورقۇنچى پەيدا قىلىش ئىھتىماللىقى يوققا يېقىن.
ئەگەر زىكرى قىلىنىۋاتقان «تېرور ۋەقەلىرى» مەيلى راست بولسۇن، مەيلى ئويدۇرما بولسۇن، مەركەزىيەتچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ پىلانلىرىدا ئوخشاشلا پايدىلىق رول ئوينىشى مۈمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى ستالىننىڭ تازىلاش دەۋرىدە ياكى شېڭ شىسەينىڭ تازىلاشلىرىدا بولغىنىدەك، «گۇۋاھچىلار»، «جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلغۇچىلار»، «باشقا شېرىكلىرىنى پاش قىلغۇچىلار» مەيدانغا چىقىرىلىش ئارقىلىق، ھەركەتلەر مەخسەت يۆنۈلۈشىگە توغرۇلۇنۇپ، دۆلەت كۈلتۈرى ياكى ھۆكۈمران گورۇھ ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۈمىت قىلىۋاتقان ئەخلاق چېگرىلىرى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا سىزىپ بېرىلىدۇ، خەلقنىڭ «ھەق-ناھەق»نى«كۆرۈۋېلىشى» ئۈچۈن چىراق يېقىلىدۇ. چۈنكى مەلۇم ئىدىيىنى، كۆز قاراشنى،...توغرىدىن توغرا سىڭدۈرۈش ۋاقىت ۋە ئادەم كۈچى ئىسراپچىلىقى بولۇپلا قالماي،ئۈنۈملۈك بولۇشى ناتايىن. بۇنىڭ ئورنىغا، ئىما-ئىشارەتلەر، پىكىرنى يۆنلەندۈرۈشلەر، «ئەقلىگە ئىلھام بېرىش»لەر ئارقىلىق، «ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىش» تەمىن ئېتىلسە، ئىنسانلار بۇنى «ئۆزى تاپقان ھەقىقەت»، «ئۆزى بايقىغان ھەقىقەت» بىلىپ،تېخىمۇ مۇستەھكەم ساھىپلىق قىلىدۇ، بۇنىڭغا قارشى يۈز ئادەم: «سىڭدۈرۈلگەن» دەپ ئىسپات قىلسىمۇ، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇدۇ. (چۈنكى بۇ ئۆزى «بايقىغان ھەقىقەت»-دە!).
«زامانىۋىي دۆلەت، توپلۇمسال كونترولنى يۈرگۈزۈۋاتقانلار بىلەن شەخسىي ئازغۇنلار ئارىسىدا، مۇراسم مەنىلىرى يۈكلەنگەن مىليونلارچە ئۆزئارا تەسىر پەيداقىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ تەسىرلەر — كۆرگەزمىلەر، سوتلار، ئوچۇق يىغىنلار،ئوچۇق كۆرەشلەر، تېز ۋە قورقۇتقۇچى تۇتقۇنلار شەكلىنى ئېلىشى مۈمكىن. تەھدىتكار بىر رىياللىقنىڭ يارىتىلىشىدا بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىش مۈمكىن.» (ياسىن)
يۇقارقى نەقىلدە كۆرسۈتۈلگەن ئۇسۇللار ئىچكىي نىشان ئۈچۈن قوللۇنۇلۇدۇ. بۇندىن باشقا ناتسىستلار يولغا قويغان تېرور ھاۋاسى ئەستۈرۈش، پۇخرالار ئارىسىدائىشەنچسىزلىك تۇغدۇرۇش، ھەتتا بىر ئائىلىدىكىلەرمۇ بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان قىلىۋېتىش قاتارلىق فاشىستىك ئۇسۇللار كوممۇنىستلار ئۈچۈن ھىچ يات ئەمەس. چۈنكى «مۇستەبىت بىر دۆلەتتە تېرور، ئارقا پىلان رادىئاتسىيىسىگە ئوخشايدۇ؛ ھەرۋاقىت مەۋجۇتتۇر.»(ياسىن)
ئادەتتىن تاشقىرى ۋەھشىي بولغان چېكا (ك گ ب نىڭ دەسلەپكى ئاتىلىشى)ھەققىدە لېنىن «ئىنقىلاپنىڭ دەل ئۆزى» دېگەنىدى.
(گېرمانىيە) «بالىلىرى ئۆز ۋاقتىدا، قىسقا مۇددەتتىلا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتى ھالىغا كەلگەن، ئوغۇللار ئۈچۈن ‹ھىتلېرچە ياشلار›،قىزلار ئۈچۈن ‹گېرمان قىزلىرى› جەمىيىتى ئىسىملىك تەشكىلاتلار ئىچىدە كۆپ تەرەپلىمە ۋە رەھىمسىز شەكىلدە مېڭە يۇيۇشقا مەجبۇر قالاتتى. بۇ تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش مەجبۇرىي ئىدى. جىسمانىي كۈچلۈكلۈك ۋە ھىسسىي رەھىمسىزلىككە، يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىدىئولوگىيىلىك توغرۇلۇقلىرىنى كۈزۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرىلەتتى. ئاتا-ئانىلارنى كونترول ئەتمەك، گېرمانىيەدە ئومۇمەن دەستەكلىنەتتى. ئوقۇتقۇچىلار يازما تاپشۇرۇق سۈپىتىدە شۇنداق تېما چىقىرىپ بېرەتتى: ‹ئائىلىڭىزدىكىلەر ئۆيدە نېمىلەر ھەققىدە سۆزلۈشۈدۇ؟› .»(داۋىد بارلېي)
ناتسىستلارچە بۇنداق ئۇسۇللار ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دەۋرىدە قورقۇنۇچلۇق نەتىجىلەرنى بەرگەن ئىدى. «پارتىيەنىڭ بالىسى» قارىشى سىڭدۈرۈلگەن بىچارە بالىلار ناھايىتى ئاسانلا ئاتا-ئانىسىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنى كوممۇنىست پارتىيىگە مەنسۇپ قىلىۋېتىدىغان قىلىپ ئۈگۈتۈلگەچكە، ئۆيدە بولۇنغان مەھرەم سۆزلەرمۇ «پارتىيەنىڭ قۇلىقى»غا يېتىپ بارىدىغان بولغانىدى. بۈگۈن بولسا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بالىلىرىغا تېڭىلىۋاتقان خىتاي تىلى، ئاتا-بالىلارئارىسىغا كۈلتۈر پەرقى سوقۇپ، بىر-بىرىگە يات قىلىۋېتىلمەكتە. بۇ ھال جەمىيەتتىكى قورقۇنۇچ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشۈنۈلگەندە، بالىلارغا سىڭدۈرۈلۈۋاتقان پىلانلىق، پروگراممىلىق تەلىم –تەربىيە خاسىيىتىدە جەمىيەتتە بولۇۋاتقان بارلىق ئەسكىلىكلەرنىڭ، قانخورلۇقلارنىڭ، ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلارنىڭ مەنبەسى كۆرسۈتۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ مىللىي كۈلتۈرىدىن، مىللىتىدىن نەپرەتلىنىشىنى، ئۆزىگە ياتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يوقۇرىدا ۋەتىنىمىزدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە «تۇغۇلۇۋاتقان ۋە تۇغدۇرۇلۇۋاتقان» دېگەن ئىدۇق، ئىشىنىمەنكى، چېچەن كىتاپخانلار بۇنىڭدىكى «تۇغدۇرۇلۇۋاتقان»دېگەن سۆزگە قىزىقماي قالمايدۇ. كىم تەرىپىدىن تۇغدۇرۇلۇۋاتىدۇ؟ ئەلۋەتتە خىتايلار تەرىپىدىن! چۈنكى خىتايلار قورقۇنچ يارىتىشتا كۆزلىگەن ئەڭ ئاساسىي نىشان تاشقىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، مانا بۇ نىشاننى پەردىلەش ئۈچۈن، ھەربىي ھەركەتلىرى، ھەربىي يۆتكۈلۈشلەر، جىددى ھازىرلىقلارغا خاتا ئادرېس كۆرسۈتۈش ئۈچۈن مانامۇشۇنداق ئىنتايىن جىددىي قارشىلىق ھەركەتلىرى ئويدۇرمىسىغا مۇھتاج. خىتايلار ئۇيغۇر قارشىلىق ھەركىتىگە جىددىي ئىھتىياجلىق بولۇش بىلەن بىرگە، ھەركەتنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يامراپ كېتىشىدىنمۇ، يانغىننى ئۆچۈرۈش تەس كېلىدىغان ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىشتىنمۇ ئۆلگۈدەك قورقۇدۇ. بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلارغا ياشىغۇدەك ئەمەس، نەپەس ئالغۇدەكمۇ ئىمكان بەرمەستىن، قارشىلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ؛ يەنە بىرتەرەپتىن قارشىلىق ئىمكانلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى چەكتە چەكلەپ، بۇ ھەركەتلەرنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي سەۋىيەدە بولۇشىغىمۇ بوشلۇق قالدۇرمايدۇ. چۈنكى ھەركەت كۆلىمى يوغۇن، ئىشلىتىلگەن ۋاسىتىلەر ئۈستۈن سەۋىيەدە بولۇپ كەتسە، ئەسلىدىن قورقۇنچاق بولغان خىتايلارنىڭ مىڭ تەسلىكتە ماكانلاشتۇرغان كۆچمەنلىرىنى تۇتۇپ تۇرغىلى بولماي، خىتاينىڭ «قاچ-قاچ»لىرى ئەۋجىگە چىقىپ، يەنە بىر پىلان بۇزۇلۇدۇ. ھەركەت بەك كىچىك ۋە ئىپتىدائىي بولسا ئۇنىڭ قىلماقچى بولۇۋاتقان ئىشلىرىغا ئۇيغۇن ھەربىي ھازىرلىقلارنى پەردىلەشكە يەتمەيدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟
خىتايلارنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى بۇنداق قارشىلىق ھەركەتلىرىنى ئۆزلىرى بىر قوللۇق تەشكىللىمەكتىن باشقا يول يوق. مانا شۇنىڭ بىلەن بەك ئىپتىدائىي سەۋىيەدىن بىر ئاز چوڭ بولغان ۋەقەلەر تۇغدۇرۇلماقتا. بۇنداق دېيىشتىكى ئاساسىمىز نېمە؟ بۇنداق بىر ئاز چوڭ كۆلەمدىكى ھەركەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەشكىلات بولۇشى كېرەك؛ ساپالىق ئادەملەرنى يادرو قىلغان بىر تەشكىلات بولۇشتىن باشقا ماددى ئىمكانلار: قورال-ياراق، پارتىلىتىش بويۇملىرى كېرەك. ئەمدى بۇ جەھەتتىكى ئىمكانلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈدۇغان بولساق، تەشكىلاتلىنىش ئۈچۈن ئالاقە، باردى-كەلدى بوشلۇقى يوق؛ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىن چىقىش ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە تونۇشتۇرۇش لازىم. ماددىي ئىمكانلار يېقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈدۇغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاققا ئېرىشىشىمۇ مۈمكىنچىلىكتىن قالدى. ئائىلىدىكى زۆرۈرىيەت ئۈچۈن پىچاق سېتىۋېلىشقىمۇ تونۇشتۇرۇش خېتى ياكى تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرى كېرەك. ئۇيغۇرلارغا سەرەڭگە سېتىلمايدۇ، چاقماق ئىشلىتىشلىرى كېرەك؛ چۈنكى سەرەڭكىنىڭ ئۇچىدىكى كىچىككىنە پوسپۇر توپلۇنۇپ، پارتلاتقۇچ ياسىماسلىقى ئۈچۈن سەرەڭگە سېتىش چەكلەندى. ئەھۋال بۇنداق تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق ھەركەتلەر، پارتىلىتىش ئارىلاشقان ھەركەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى مۈمكىنمۇ؟ ئۈرۈمچى ئەتتىگەنلىك بازار ۋەقەسى تىپىدىكى ۋەقەلەر ئۇيغۇرلارنىڭ رىيال ئىمكانلىرىدىن بەك ئېشىپ كەتكەن ھېساپلانمامدۇ؟ قىسقىسى، پىچاق بىلەن يارىلاندۇرۇش قاتارلىق ئىپتىدائىي قارشىلىقلاردىن باشقىلىرىغا ئىشىنىشنىڭ ئىمكانى يوق. باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ئىستىخباراتى ئۆزى بىر قوللۇق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
ئەمدى قورقۇنۇچنىڭ تاشقىي نىشانى ھەققىدە توختۇلايلى.
ۋەتىنىمىزدە بارلىققا كەلگەن قورقۇنۇچ مەنزىرىسىنىڭ زىيادە كۆپتۈرۈلۈشى، خۇددى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقاندەك كەيپىيات پەيدا قىلىپ، تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەرنىڭ شەھەر كوچىلىرىدا خۇددى ئۇرۇشقا ماڭغاندەك ماشىنا،زېرھلى ۋاسىتىلەر بىلەن كېزىپ يۈرۈشى ھەقىقەتەنمۇ «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر»دىن قورقۇپ قىلىنىۋاتقان ھەركەتلەرمىدۇر؟ 1949-يىلىغىچە ۋەتىنىمىزدىكى خىتايلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 2%ىنى ئىگىلەيتى. بۇلارمۇ پۈتۈنلەي ئەسكەرلەر، باشۇرغۇچى خادىملار ۋەشۇلارنىڭ ئائىلە ئەپرادى ئىدى. يەنى، پۇخرا سۈپىتىدە ماكانلاشقان، بۇ يەرنى ئۆزيۇرتى ھىساپلىغان بىرمۇ خىتاي يوقىدى. بەزى شەھەر، ناھىيىلەردە بىرمۇ خىتاي يوقئىدى. مانا شۇنداق تۇرۇپ، خىتايلار ئۇيغۇرلارنى تىزگىنلەپ كەلگەن. بۈگۈن بولسا نوپۇسى بىزدىن كۆپۈيۈپ كەتتى. شۇنداقلا مۇنتزىم، يېرىم مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنىڭ سانى مىليونلار بىلەن ئىپادە قىلىنماقتا. بۇندىن باشقا غەيرى ئەسكىرى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سانىمۇ نەچچە يۈزمىڭغا بارىدۇ. ھەتتا خالىسا پۈتۈن خىتاي كۆچمەن ئاھالىسىنىمۇ قوراللاندۇرالايدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپ، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتىدە پەيدا قىلىنىۋاتقان قورقۇنۇچ ھاۋا، ئەسكىرىي يۈرۈشلەر، يۆتكۈلۈشلەر،چارلاشلار،... پەقەتلا «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرى» سەۋەبىدىن دەپ ئويلاش ھەقىقەتەنمۇ بالىلىق بولۇدۇ.
ئەگەر بۇ نۇقتىغا ئىشىنىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىشتاھالىق پىلانلىرى بىلەن بۇ قورقۇنۇچلارنى بىر-بىرىگە باغلاشتۇرۇپ ئانالىزقىلىپ كۆرەيلى:
file:///C:/Users/GHULAM~1/AppData/Local/Temp/msohtmlclip1/01/clip_image002.jpg
file:///C:/Users/GHULAM~1/AppData/Local/Temp/msohtmlclip1/01/clip_image004.jpg
خەرىتىدە  كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، خىتايلارنىڭ ئوتتۇرائاسىيادا كۆزى بار. خىتايلار يېقىن كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما بۇنى كەلگۈسى پىلانلىرى ئىچىدىمۇ يوق دېيەلمەيمىز. چۈنكى خىتايلار تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئىشلەپ چىققان ساختا تارىخلاردا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قاچانلاردىدۇر خىتاي تۇپرىقى بولغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارە يېزىپ، مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە كەلگۈسى ئەۋلات خىتايلارنىڭ مېڭىلىرىگە بۇ پىلاننى مەھكەم ئورناتماقتا.
ئەمما بۈگۈن ۋە يېقىن كەلگۈسىدە بولسا خىتايلار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى خىتايغا قارام قورچاق دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرالمىسىمۇ بۇ يەرلەردە ھەربىي بازا قۇرۇش نىيىتى خېلى جىددىي. شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئاساسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۆچمەن كۆچۈرۈشمۇ جىددىي ئىشلار كۈنتەرتىبىدە تۇتۇلماقتا. بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى خىتاينىڭ تەرەققىياتىدا ئاساسىي ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ قالۇدۇغان مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتاي نوپۇز ئىگىسى بولالمىسا، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىشەنچلىك بولالمايدۇ. بۇ رايوندا رايون زومىگىرى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ھەربىي بازىلارغا ئىگەبولۇشى شەرت ياكى ھىچ بولمىسا پاكىستانغا ئوخشاش ساداقەتلىك دوست بولالىشى كېرەك. ساداقەتلىك دوست بولۇشلىرى ئۈچۈن، مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي مەنىدە دۈشمەنلىرى بولۇشى، بۇ دۈشمەنلىك پائال بولۇشى ۋە بۇ دۈشمەنلىكتىن خىتايدىن ئىبارەت بىرلا ئىشەنچلىك دوست ساقلاپ قالالايدىغان ۋەزىيەتتە بولۇشلىرى كېرەك. ھەربىي بازا قۇرۇش ئۈچۈن بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ماقۇللۇقى بولمىسا بولمايدۇ. تېخىمۇ رىيال، تېخىمۇ چەكلىگۈچى ئامىل رۇسىيە. رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئەئەنىۋىي نوپۇزرايونلىرىنى خىتايغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋېتەمدۇ؟ بۇ ناتايىن. بۇ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق توسالغۇنى ماقۇل قىلىش ئۈچۈن مانا شۇنداق ئويۇنلار ئوينۇلىشى زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي رۇسىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىتتىپاقدىشىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىشىنى چىن يۈرىكىدىن تىلەش تۇتۇمىدا. ئوكرائىنا كىرزىسىغا ئوخشاش دۇنياۋىي قارشىلىققا قالۇدۇغان بوھرانلارغا دۇچ كېلىشىنى، بوھرانلاردىن يالغۇز بېشىغا چىقالمايدىغان بولۇشىنى تىلىمەكتە. مانا شۇنداق ۋەزىيەتكە قالغان رۇسىيە ئاندىن نوپۇز رايونلىرىداخىتاينىڭ ھەربىي بازىلارغا ئىگە بولۇش تەلىپىگە قوشۇلۇشى مۈمكىن. رۇسىيەنى قايىل قىلىدىغان چوڭراق باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ بۈگۈنكى سەۋىيىسى تېخى لايىق سەۋىيەدە ئەمەس؛ ئەمما بۇنىڭ جىددىي تەييارلىقىنى قىلماقتا. خۇددى ئامېرىكىنىڭ تاشقىي دۇنيادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەركەتلىرىنى CIAباھانە بىلەن تەمىن ئېتىدىغان ئىستىخبارات ئوپېراتسىيىلىرى ئېلىپ بارغانغا ئوخشاش،خىتايلارمۇ كەلگۈسىنىڭ ئۈستۈن كۈچى بولۇشقا ھازىرلانماقتا؛ ئۇمۇ ئامېرىكا ئۆرنىكىدە دۇنيانىڭ خالىغان يېرىدە ئىستىخبارات ئويۇنلىرىنى ئوينىيالايدىغان بولۇشنى چۈشىمەكتە. ھازىرچە بۇ ئانچە ئاسان بولمىسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادائويۇن ئويناشنى كەچمىشىمىزدە كىچىك كۆلەمدە بىر قېتىم سىناپ باققاچقا، بۇ قېتىم يۈرەكلىك ھالدا چوڭ كۆلەمدە سىناشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنداق بولسامەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى قانداق ماقۇل قىلىش مۈمكىن؟ رۇسىيەنى قانداق ماقۇل قىلىش مۈمكىن؟ ھىچ بولمىغاندا رۇسىيە بىلەن ئورتا ئاسىيادا شېرىك خوجايىن بولۇش مۈمكىن؟ بۇنىڭ نۇرغۇن چارىسى بار، ئەلۋەتتە. مەسىلەن: پارا بېرىپ دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى سېتىۋېلىش يولى بىلەن پارلامېنتتا خىتاي تەرەپدارلىرىنى كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى سىناپ باقسىمۇ بولۇدۇ. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىلا ئەمەس، رايوندىمۇجىددىي ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، چېتىلىش دائىرىسىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ قايىل قىلمىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى چارە، قورقۇنۇچ پەيدا قىلىش ئۇسۇلى!
بۇنى قانداق قىلغىلى بولۇدۇ؟ ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتايغا قارشى كۈچلەرنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق! بۇ يەرلەردىكى كۆچمەن خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، خىتايلارنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلكىگە زەرەر كەلتۈرۈلۈدۇ؛ خىتايغا تەۋە ئورۇنلار — ئەلچىخانا، كونسۇلخانا، سودا ۋاكالەتخانىلىرى، خىتاي شىركەتلىرى، ھەتتا نېفىت تۇربىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت كۈچلىرى بۇلارنى تىزگىنلەشتە ئامالسىز قالۇدۇ. چۈنكى ئۇلار يوشۇرۇن ھەركەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى تامامەن تازىلىۋېتىشكە مۈمكىن بولمايدۇ.خىتاينىڭ «ھەقلىق» نارازىلىقلىرى كۆپۈيۈدۇ. بۇ دۆلەتلەر چارىسىزلىك ئىچىدە خىتاينىڭ تەدبىر سۇنۇشىغا قاراشلىق بولۇدۇ. بۇ قورقۇنۇچلۇق ۋەزىيەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە كۆلىمى تاكى بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى قوبۇل قىلغانغىچە داۋام قىلىشى مۈمكىن. ئۇندىن كېيىنمۇ خىتايلارنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كەتمەسلىكىنى تەمىن ئېتىش زۆرۈرىيىتى بىلەن، بۇ كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرى داۋام قىلىشى كېرەك.
كىملەرئارقىلىق بۇ قورقۇنۇچ پەيدا قىلىنىدۇ؟
«شەرقىيتۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى»نىڭ قولى بىلەن! ھازىر بۇنىڭ جىددىي تەييارلىقلرى ئىشلەنمەكتە.
بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئىنتايىن ساددىلىق بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق «قېچىپ چىقىۋاتقان» ئۇيغۇرلارنى راستىنلا خىتاي كۆرمەي قېلىپ قېچىپ چىقتى دەپ ئويلاۋاتىدۇ. قانداق بىر دۆلەت بۇنچە ئۇزۇن يىل، بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ قېچىشلىرىنى كۆرمەي قالۇدۇغان ئىش بولسۇن؟ بۇنداق ئاسانلىق باشقا دۆلەتلەردە بولسىمۇ بولۇدۇغاندۇر بەلكىم، ئەمما خىتايدەك زالىم، مۇستەبىت بىر دۆلەتتىن بۇنى كۈتكىلى بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە مەن ئىلگىرى توختالغانلىقىم ئۈچۈن قايتا توختالمايمەن. بۇ قېچىپ چىققۇچىلارنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىشىمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر تەرەپ. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن نۇرغۇن تۈردە ھەمكارلىقى بار. دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىنئەلا! بۇ ھەمكارلىقلىرى بولغان بىر دۆلەتنىڭ ئۆكتىچىلىرىنى بۇنچە مەردانىلىك بىلەن قۇتقۇزۇپ قېلىش دۆلەتكە يارىشىدىغان ئىش ئەمەس! چوقۇمكى، بۇ ئويۇندا تۈركىيە خىتاينىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىر قوشۇمچە رول ئېلىشقا رازى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېچىپ چىققۇچىلارنىڭ ئاياللىرى، بالىلىرى، قېرىلىرى تۈركىيەدە قېلىپ،بارلىق ياش ئەركەكلەر سۈرىيەگە «جىھاد»قا سەپەرۋەر قىلىنماقتا!
كۈنۈمىزدىكى «قېچىپ چىقىش» يېقىن تارىخىمىزدا بىر قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى ئېسىمىزگە ئالساقلا بۇ نۇقتاروشەنلىشىدۇ: 1997-2001 ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، ئافغانىستان ۋەپاكىستانلاردا بارلىققا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق ھەركىتىنى ئىنچىكەتەھلىل قىلىدۇغان بولساق، بۇ ھەركەتنىڭ ئەسلىدە تىزگىنى خىتاينىڭ قولىدا بولغان بىر قېتىملىق ئىستىخبارات ئوپېراتسىيىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈمىز. كى بىز (شەخسەن مەنمۇ) ئىنقىلاپ قىلىۋاتىمىز دەپ ئويلاپ قىلىپ يۈرگەن بۇ ھەركەت ئەسلىدە ماناشۇنداق بىر ئويۇن ئىكەن ۋە بىز خىتاينىڭ پىلانلىرىدا ئويۇنچۇق بولغانلىقىمىزنى بىلىمىگەن ئىكەنمىز! شۇ چاغدىمۇ چەتئەلگە چىقىشلار ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلگەن ئىدى. ھەتتا ياشلار ئاسترتتىن تەتۈر تەشۋىقات ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ بۇھەركەتكە قېتىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنغان ئىدى. يەنى، بەزى مەسجىتلەردە ساقچىلارتەرىپىدىن تارقىتىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىدا ئافغانىستاندا پەيدا بولغان قوراللىق كۈچلەر ھەققىدە كۆپتۈرۈلگەن بىر ئۇچۇر بېرىلىپ، بۇ «بۆلگۈنچىلەر» قاتتىق سۆكۈلگەن تەرزدە ئاسترتتىن ئۇيغۇر ياشلىرىغا بارىدىغان يېرى ئىما قىلىنغان. يەنە بىرتەرەپتىن چەتئەلگە چىقىش زور دەرىجىدە قولايلاشتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، پاكىستانغا چىقىش ئۈچۈن ھەتتا چېگرا خېتى بولسىلا بولۇدۇغان دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن، قارشىلىق ئىدىيىسىدىكى ياشلار ئىلغىنىپ تاشقىرى چىقىرىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئىستىخبارات ئورگانلىرى نۇرغۇن پۇل تاپقان. چۈنكى ئاشۇ چېگراخېتى ھەل قىلىش ئۈچۈنمۇ بەك كۆپ پۇل خەجلەش كېرەك ئىدى. ئاتالمىش يولى بار بىرلىرى ھەل قىلىپ بېرەتتى.
خۇددى شۇئاسانلىق بۈگۈن «قېچىپ چىقىش» شەكلىدە تەكرارلانماقتا. قېچىپ چىقىشتا بۇرۇنمۇ جەنۇپتىكى ۋىلايەتلەر ئاساس قىلىنغان بولسا، بۈگۈنمۇ جەنۇپتىكى ۋىلايەتلەر، بولۇپمۇ خوتەن ۋىلايىتى ئاساس قىلىنىۋاتقىنى دىققەتنى قوزغايدۇ. قارشىلىق ئىدىيىسى بارلارنى بۇ يوسۇندا ئىلغاشنىڭ خىتايغا قوش پايدا كەلتۈرۈدۇغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس. يەنە قېچىش يولىنىڭ تېخىمۇ يېقىن بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولماي، ئۇزاق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا تەرەپلەر بولۇشىمۇ ئالاھىدە بىر ئەھۋال. ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ چىقىش بۇ شەكىلدە — يەنى ئۇلۇغ-ئۇششاق، ئەر-ئايال،قېرى-ياش — بولسا، بۇنىڭغا ئۇيغۇر جامائىتىنى ئىشەندۈرۈش قىيىن بولۇپلا قالماي،ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىمۇ ئىشەندۈرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ تەرەپ چېگرالار پۈتۈنلەي ئىگىز تاغلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ياشايدىغان يۇرتلار بىلەن چېگرا سىزىقىنىڭ ئارىلىقىمۇ ئەڭ ئاز ئىككى يۈز كلومېتېر كېلىشى مۈمكىن. بۇنداق قاغجىرىغان تاغلاردابۇنداق بوۋاقلاردىن قېرىلارغىچە بولغان بىر كۆچ قوشۇنىنىڭ قېچىپ چىقىش ھىكايىسى ئىشەنچىسىز بولۇشتىن تاشقىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولۇش سۈپىتىدە ئۇلارنى تۇتۇپ دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەجبۇرىيىتىمۇ بار. ئۇ چاغداخىتاينىڭ ئويۇنى بۇزۇلۇدۇ. قايتۇرۇپ بەرسە، ئالمايمەن، ئۇلارنىڭ باشقا ئىشى بار دېيەلمەيدۇ-دە! بۇندىن باشقا، بۇ ئادەملەر كەلگۈسىدە دەل ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىشقا سېلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئالدىن تونۇپ قويۇشى تېخىمۇ يامان: خىتاينىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكى يەنە بىلىنىپ قالۇدۇ. شۇنداقلا بۇ يەرلەردىن بەلگىلەنگەن نىشانغا ئەۋەتىش يولىدىكى ئاۋارىچىلىقلارمۇ بەك كۆپ بولۇشى مۈمكىن.
ۋەتەن ئىچىدە يەرنىڭ تېگىدە بىر قوشنىڭىزنىڭ بالىسىغا قۇرئان ئۈگەتسىڭىز كۆپ ئۆتمەي بۇ بىلىنىپ قېلىپ، تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلىنىسىز، ئەمما بەزى موللىلارنىڭ ئۆي-ئۆيلەردە،يېزا-بازارلاردا سەييارە كېزىپ، جىھاد ھەققىدە تەبلىغ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇغۇنىسى ساددا خەلقىمىزنىڭ مېڭىسى قايتا شەكىللەندۈرۈشتىن ئۆتكەچكە، نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن سوئالنى قويۇپ ئويلاپ كۆرۈشكە ئەزەلدىن ھورۇن. كۆرگىنىگىلا ئىشىنىۋېرىدۇغان بولغاچقا، بۇ موللىلارنى «ئاللاھنىڭ ساقلاۋاتقانلىقى»غا ئىشىنىۋەرمەكتە. ماناشۇنداق قىلىپ، بۇ تەبلىغچىلەر خەلقنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا جىھاد مەيدانى دەپ تاشقىرىنى، دۈشمەن دەپ مۇناسىۋەتسىز بىرلىرىنى كۆرسۈتۈپ، بۇ «قاچقۇنلار»نى سەپەرۋەر قىلماقتا. ئۇلارنىڭ «جىھاد»دەپ قېتىلغان پىتنە ئۇرۇشلىرى تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قارشى «دېموكراتچى»، «ئىسلامچى»دېگەن باھا ئايرىمى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، كىم ئۇلارنى بۇ ناتوغرا قارارلىرىدىن، خاتا بىلگىلىرىدىن توسىماقچى بولسىلا ئۇلارغا «دېموكراتچى» قالپىقىنى كەيدۈرۈپ، ئۇلارنى رەت قىلىشى ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ نەقەدەر پۇختا يۇيۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ بۇنداق باھا ئايرىمىسى يېقىن كەچمىشىمىزدە بولغاننىڭ دەل ئۆزى بولۇشىمۇ دىققەتكە سازاۋەر ئىشلارنىڭ بىرى! بىز ئوتتۇرا ئاسىيادا «ئىنقىلاپ» قىلىپ يۈرگەن يىللاردىمۇ ئافغانىستاندىكىلەر بىزنى «دېموكراتچى» دېگەن قالپاق بىلەن تارتۇقلىغانىدى. ئەمما بىز ئۆزىمىز بۇ قالپاقنى نېمە سەۋەپتىن كەيگەنلىكىمىزنى بىلمەيتۇق.
سۈرىيەدە «جىھاد»سەپلىرىگە قېتىلىپ، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان كۈچلەر ئۈچۈن، ئۆزى ئەڭ يامان كۆرۈپ تىللايدىغان دۈشمەنلەر ئۈچۈن، «دېموكراتچى»لار ئۈچۈن قۇربان بېرىۋاتقان، قۇربان بولۇدۇغان بۇ «مۇجاھىت»لار، سۈرىيەدە بىر ھاكىمىيەت سابىتلاشقاندىن كېيىن قانداق بولۇدۇغانلىقى، نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشىمۇ قىززىق مۇئەمما. ئۇلار بۇ يەردە ھەم «جىھاد» قىلغاچ، ھەم كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ جىھاد قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى لاپلار ئەقىل بىلەن، دۇنيانىڭ رىيال شەرتلىرى ئۈستىگە قويۇپ ئويلاپ كۆرۈلدىمۇ؟ تولۇقسىز مەلۇماتلاردا مىڭدىن ئاشقان بۇ مۇجاھىتلار سۈرىيەدىن بىكار بولغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا قانداق قايتىدۇ؟ «قېچىپ چىقىش»تا كۆرمەسكە سالغان خىتايلار قېچىپ كىرىشتىمۇ كۆرمەسكە سالارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ جىھاد قىلىش مۈمكىنچىلىكى نۆل ئەتراپىدا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار قورال ئېتىشنىلا ئۈگەنگەنلەر بولۇپ، ئۇلار مۇنتىزم سوقۇشلارنى بىلىشى مۈمكىن ئەمەس. قايتىپ كېتەلەيدۇ دېگەندىمۇ قوراللىرىنى ئېلىپ كىرەلمەيدۇ. ئۇ ھالدا نېمە ئىشقا يارايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار، مەۋجۇت ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ، قورال ياساش، دورا ياساش، ... قاتارلىق مەخپىي ھەركەتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماھارەتلەرنى ئۈگەنمەيدۇ. قوراللىق سوقۇشۇشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەملەر، قورالدىن ئايرىلسا مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇردىن پەرقسىز بولۇپ قالۇدۇ.
شۇغۇنىسى ئۇلارنىڭ قايتىپ كېتىش شېرىن خىيالى پەقەت خىيال بولۇپلا قالۇدۇ. چۈنكى، شۇنچە كۆپ ئادەمنى چەتئەلگە چىقارغان خىتاي مەلۇم ئىشەنچى بولمىسا، بېشىغا بالا بولۇدۇغان ئادەملەرنى تىزگىنسىز چىقىرىۋېتەمدۇ؟ بۇ بەك ئەقەللىي ئەمەسمۇ؟ چوقۇمكى ئۇلارنىڭ تىزگىنى خىتاينىڭ قولىدا. خىتايلار بۇ ئادەملەرنى كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەيدۇ. ئۇلار بولسا، ئۆتمۈشتىكى بىزدەك، «ئىنقىلاپ» قىلىۋاتىمىزدەپ ئويلاۋېرىدۇ، خىتايغا قارشى جىھاد ھەركىتى قىلىۋاتىمىز دەپ ئويلاۋېرىدۇ. ئەمما بەلگىلەنگەن ئىشلار قىلدۇرۇلۇدۇ. ئۇلار ئۇ يەرلەردە كونسۇلخانىلارنى پارتلاتقان، خىتاي شىركەتلىرىنى تېرە-پېرەن قىلىۋەتكەن، ھەتتا نېفىت تۇربىلىرىنى ئۈزۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ، خىتاي بۇنچىلىك قۇربان بېرىش بەدىلىگە كەلگۈسى پىلانلىرىدا تېخىمۇ كۆپ قازانچنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاچقا، بۇنى ئۆزى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپ قىلغۇزۇشى مۈمكىن. ئادەم زاپىسى ئۆكسۈپ قالمايدۇ. چۈنكى بۇنچىۋالا ئۈنۈملۈك ھەركەت قىلىۋاتقان مۇجاھىتلار قوشۇنى ياشلىرىمىزنى تېخىمۇ جەلپ قىلىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن يوشۇرۇن ھالەتتىكى قارشىلىق ئىدىيىسى بار كىشىلەر بۇ ئاشكارە توپقا قېتىلىپ،تىزىملىككە چۈشسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلارنىڭ كەلگۈسىدىكى كېڭىيىش پىلانلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە مۆلچەرلىگۈسىز پايدا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ.


    [①] Joseph Raymond "Joe" McCarthy —  ئامېرىكا سىياسىيونى، 1947-يىلدىن1957-يىلىغىچە سىناتور بولغان، —ئا.

    [②] فرانتز ئۆمەر فانون،ئافرو-فرانسۇز، پىسخولوگ، ئىنقىلاپچى (ماركست)، پەيلاسوپ ۋە يازغۇچى، — ئا.

   [③] ياسىن ئاقتاي: (1966)تۈركىيە «ئىستراتېگىيىلىك پىكىر ئىستىتوتى»نىڭ باشلىقى، جەمىيەتشۇناس. ئۇنىڭكىتابى: «قورقۇنچ ۋە ھاكىمىيەت» (تۈركچە نەشرى) دىن — ئا.

   [④] ئېمىل داركھېيم،  ÉmileDurkheimفرانسيەلىكجەمىيەتشۇناس، 1858— 1917، — ئا.

   [⑤] كاي ئېركسون Kai T. Erikson، (ئاۋسترىيىلىك) ئامېرىكاچىكاگو ئۇنۋېرسىتېتى پروپپىسسورى، جەمىيەتشۇناس، 1931، — ئا.

  [⑥] ستېفېنStephen F. Cohen ،ئامېرىكا، يورك ئۇنۋېرسىتېتى پروپپىسسورى، رۇسىيەشۇناش (1938) — ئا.





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-10 21:16 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.234573 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش