تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 926|ئىنكاس: 0

كۆپتۈرۈۋېتىلگەن «ئۇيغۇر خەۋپى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

556

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
556
يېقىندىن بېرى بەزى مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي كۈچىنى كۈنسېرى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ چەتئەللەردە گۇمان قوزغاپ تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى قوزغاۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بېرىلدى. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئەڭ پىشقەدەم ياكى ئەڭ مۇتىخەسىسلەشكەنلىرىمۇ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا «ئۇيغۇرخەۋپى»نى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. يېقىن ئارىدا ئۇيغۇرلار چوڭ بىر ئىش چىقىرىشى مۈمكىن دېگەن بۈيۈك قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
سىياسىي مۇلاھىزىلەر بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا كەلگۈسى ھەققىدىكى پەرەزدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنىڭ راست چىقىش ئىھتىماللىقى يۈزدە يۈزمۇ ئەمەس،شۇنداق بولسىمۇ بۇنداق مۇلاھىزىلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇشىغا ئىھتىياجنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەپ، مۇلاھىزىلەر تەرىپىدىن سۇنۇلغان كەلگۈسىنىڭ سۈرىتى خىيالىيمۇئەمەس، بىرمۇنچە ئۆتمۈشتىكى ئوخشاشلىقلاردا ياتقان دەلىللەر؛ ئوخشاش ۋەقە-ھادىسىلەردە رول ئالغۇچىلارنىڭ مەنتىقىسى، ... قاتارلىق ئاساسلارغا تايانغان بولۇدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇلاردىن بىرمۇنچىسى توغرا چىقىپ قالۇدۇ.
ئەمدى نۆۋەتتىكى مەسىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يېقىندا ئۇيغۇرلار چوڭ بىرئىش چىقىرىشى مۈمكىن»گە كەلسەك، بۇنىڭ نە ئەمەلىي بىر ئاساسى يوق، نە باشقا باغلىنىشلىق سەۋەپ تەمىنى يوقلا «پوسوققىدا» دېگەندەك شەكىلدە بېرىلگەن بىر مۇلاھىزە بولغاچقا ئاساسسىز، بىمەنە، ھىچ ئىلمىيلىكى يوق، دېيىشىمىز مۈمكىن.
ئالدى بىلەن تارىخقا نەزەر سېلىپ كۆرەيلى:
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىر ماتىرىيالىغا ئاساسلانغاندا، كوممۇنىست ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلىش ھارپىسىدا خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىدىكى نىسبىتى 2%، يەنى بۇ گومىنداڭنىڭ 200 مىڭ ئارمىيىسى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، ساقچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، يەرلەشكەن بىرمۇ خىتاي ئائىلىسى يوق دېگەن گەپ بولۇدۇ. خىتايلار 200مىڭ ئەسكەربىلەن بۇ زېمىننى تېنچ، غەۋغاسىز تۇتۇپ تۇرالىغان. بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىغان بىر مىسالنى يەنە تەكرارلاي: 1934-يىلىغىچە ئاتۇشتا بىرمۇ خىتاي بولمىغان! 1934-يىلى بىر باج خادىمى خىتاي تەيىنلەنگەن! يەنى خېلى چوڭ ئاھالە رايونلىرىدىمۇخىتاي يوق، يەرلىك يالاقچىلارنىڭ قولى ئارقىلىق خىتايغا بەيئىتىمىز داۋام قىلىۋەرگەن! چېگرىلار ئاساسەن بوش، كىرىپ-چىقىشلار ئومۇمەن ئىپتىدائىي دەۋرلەردىكىدىن پەرقسىز شەكىلدە. پۇخرالار ئەگەر خالىسا قوراللىنالايدىغان، بۇنى يالاقچىلار سېزىپ قالمىغان تەقدىردە خىتاي بىلمەيدىغان يوچۇقلار بار ئىدى. شۇنداقلا، ھازىر چەكلەنگەن مىڭلارچە ئىمكانغا ئۇ زامانلاردا سوراق يوق ئىدى. كوممۇنىست ئىستىلاسىدىن كېيىن، بۇ ھالەت يەنىلا داۋام قىلغان بولسىمۇ، ناھايىتى ئاستا قەدەملىك ئۆزگۈرۈشلەرگە باشلاندى. كوممۇنست ئىستىلاسىدىن كېيىن خەلقىمىز ئىككى قېتىم چوڭ قوراللىق قوزغۇلاڭ ئۇرۇنۇشىدا بولدى. 1- قېتىملىقى، سابىق مىللىي ئارمىيە گېنېرالى زۇنۇن تېيىپ باشچىلىقىدا چۆچەكتە توپلانغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، مىللىي ئارمىيە قالدۇقلىرى چېگرىغا يۆلەنگەن ھالدا بۇ قوزغۇلاڭنى پىلانلىدى. قوراللىرى بارىدى. بىر دۆلەتنىڭ ئارمىيىسىنى ئاقسىتىپ قويغۇدەك ھالدا بولمىسىمۇ، بىرنەچچە كۈن تىركىشىشكە يېتەتتى. ئەمما قوزغۇلاڭ مۇۋەپپىقىيەتسىز بولدى. زۇنۇن تېيىپ سوۋېتكە قاچتى. قالغانلار ئېتىلدى، قامالدى. 2-قېتىملىقى، سابىق مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى ئاخۇنوپ باشچىلىقىدا قەشقەردە ھازىرلانغان قوراللىق قوزغۇلاڭ. بۇ چاغدا مىللىي ئارمىيەدىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا مىللىي تەركىبىنى پۈتۈنلەي ساقلاپ قالغان خاڭدى ئاتلىق پولكى قەشقەردە مەۋجۇت ئىدى(مىللىي ئارمىيىدىن ئۈچ پولك قەشقەردە، قۇمۇلدا غۇلجىدا تاكى مەدەنىيەت زورئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان). ئاخۇنوپ گوروھىدىكىلەرگە قوراللارنى مۇشۇ مىللىي پولك تەمىنلىگەن. ھەتتا ئىش چىڭىغا چىققاندا پۈتۈن پولكنىڭ بۇ قوزغۇلاڭغا قېتىلىپ كېتىشىمۇ تامامەن مۈمكىن ئىدى. بۇ 1968-يىللادىن1970-يىللارغىچە بولغان ئارىلىق بولۇپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان ماۋ زېدوڭ تەلۋىلىكى ئەۋج ئالغان يىللار ئىدى. جەمىيەت ھۆكۈمەتسىزلەشكەن، ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن قايسىسى كۈچلۈك بولسا شۇ دائىرىنى شۇ باشقۇراتتى. ئارمىيە پالەچئىدى. «گوڭ، جىيەن، فاغا ئوت ئېچىش» شۇئارى بىلەن ساقچى، تەپتىش، سوت رولدىن قالغان، باشلىقلىرى تۇتقۇنلۇقتا ئىدى.ئۇلارغىمۇ ئاممىۋىي تەشكىلات دېيىلگەن تەرەپباز تەشكىلاتلارنىڭ شۇ رايوندا كۈچلۈك بولغۇنى ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. مىللىي مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن قارالغاندا،خىتايلار ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا «ئۇيغۇر دۈشمەن» دەيدىغان قاراشتا ئەمەس، دۈشمەن قارشى كۆز قاراشتىكى ئاممىۋىي تەشكىلات ئىدى. شۇڭا ئوخشاش ئاممىۋىي تەشكىلاتتىكى بىر ئۇيغۇردىن خىتايلار ھەرگىز گۇمانلانمايدىغان ھالەتتە ئىدى. بۇ ھالدا قورالغا ئېرىش، پارتلىتىش بويۇملىرىغائېرىشىشمۇ بەك ئاسان ئىدى. مانا شۇنداق ۋەزىيەتتىمۇ ئاخۇنوپ گورۇھى بەلگىلەنگەن كۈندە قوشغۇلاڭ قىلالماي، پىلاننىڭ پاش بولۇپ قېلىشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشقا يۈزلەنگەن ۋەزىيەتتىن قېچىپ، سوۋېتكە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. ئەسلىدە ئازراق ئېتىشىپ بېقىشنىمۇ ئويلىماستىن قېچىۋاتقان بولسىمۇ، قاراجۈلدىكى كەڭرال يۇلغۇنلۇقىدىكى تاسادىپى ئۇچرۇشۇشتىن بىر قارشىلىشىش كېلىپ چىقتى. ئېتىشمىدائاخۇنوپ شېھىت بولدى.
كىچىكرەك قوراللىق قوزغۇلاڭدىن بىرى بارىن ئىنقىلابى. بىرنەچچە تال يېنىك تىپتىكى قورالغا قارشى خىتاي 20مىڭ ئارمىيە، تىك ئۇچار، تانكا سەپەرۋەرقىلدى!
بۈگۈن، خىتايلار يۈەن دەۋرىدە موڭغۇللار ئۆزلىرىگە قىلغاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق ئىشلىتىشىنىمۇ چەكلەيدىغان، سەرەڭكە ئىشلىتىشىنىمۇ چەكلەيدىغان، ھەرقانداق خىتاي پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ھەتتا يالاقچىلىق قىلىپلا تۇرۇدۇغان ئۇيغۇرلارنىمۇ دۈشمەن بىلىدىغان، ھىچ ئىشەنمەيدىغان بىر ۋەزىيەتكە يۈزلەندۇق. خىتاي ئاھالىسى بىزنىڭ نوپۇسىمىزغا تەڭ ياكى ئارتۇق. 3 مىليونچە ئىش-قۇرقىسىملىرىدىن ئىبارەت يېرىم ھەربىيسىدىن باشقا، يېرىم مىليوندىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەن مۇنتىزىم ئارمىيە نەچچە يۈزمىڭ ھەرخىل نامدىكى ساقچى قىسىملىرىغا ئىگە. بۇھالدا ئۇيغۇرلار قۇرۇق قولى بىلەن چىقىرىدىغان ھېلىقى «چوڭ ئىش» نېمىدۇر ئەجەبا؟ بۇ ھەقتە ئاشۇ مۇلاھىزىچىلەر ئېنىقرات بىر تەپسىلىي تەرىپلەش سۇنالامدۇ؟
مەن دەيمەنكى، بۈگۈن ئەگەر خىتايلار ئۈچ مىليون ئىش-قۇر قىسىملىرىنى، مۇنتىزىم ئارمىيىسىنى، قوراللىق بارلىق كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن تەقدىردە، نوپۇسى بىزگە تەڭلەشكەن خىتاي پۇخرالىرى بىزنى يەنىلا مىدىرلاتماستىن ئىدارە قىلالايدۇ! رىياللىق ئاچچىق، ھەقىقەتمۇ ئاچچىق. ئاچچىق دەپ ئۆز-ئۆزىمىزنى يالغان تاتلىقلار بىلەن گوللىماي، رىياللىققا يۈزلەنمەك لازىم. ئەگەر خىتايلارنىڭ بارلىق قوراللىق كۈچلىرى يوق، بىز پەقەت خىتاي پۇخرالىرى بىلەنلا قالدۇق، دەپ پەرەزقىلغان چېغىمىزدىمۇ، شۇ ئەھۋاللار بىلەن يۈزلىشىمىز: خىتايلار ئاڭلىق—دۈشمەن قارىشى، خەۋپ قارىشى ئېنىق. شۇڭا دەرھال بىر رەھبەرلىك تەشكىل قىلىپ، پىلانلىق، تەشكىللىك ئىش ئېلىپ بارالىشى چوقۇم؛ بىزنىڭ كۆپچۈلۈكىمىزدە دۈشمەن قارىشى بۈگۈنگىچىمۇ ئايدىڭلاشمىدى. خىتايلار خەۋپ ئالدىدا دەرھال بىر كۈچ بولۇپ ئۇيۇشالايدۇ، ئەمما بىز شۇ چاغدىمۇ ئىچكىي ماجرالىرىمىز تۈپەيلىدىن بىر بۆلۈكىمىز خىتايلارنى ھىمات قىلىپ بولسىمۇ قارشى تەرەپ ئۇيغۇردىن ئۈستۈن كېلىش ئۈچۈن خىتايلارغا سىغىنغان ھالەتتە بولۇدۇ. بىر بۆلۈك زاكىسىدىن خىتايپەرەستلەر بار،ئۇلارمۇ خىتايلارنىڭ سېپىدە بولۇدۇ. ئەڭ كۆپچۈلۈكنى تەشكىل قىلىدىغان ئاڭسىز تەبىقىمىز بولسا، ئوتتۇرىدا نېمە بولۇۋاتقىنىنىمۇ ئاڭقارماستىن، خۇددى قەشقەردەتۇرغان ئېنگىلىز دىپلوماتنىڭ يازغىنىدەك، كىمنىڭ كېلىپ باشقۇرۇشىدىن پەرۋايى پەلەك، بۇ ئىش گويا ئۇنىڭ ئىشى ئەمەس، كىم كەلسە كەلسۇن، ئىش قىلىپ ئۇ بويسۇنسىلا بولۇدۇغان بولغاچقا ئۆز ھۆكۈمرانىنى تاللاپ ئولتۇرۇشىنىڭمۇ ھاجىتى يوقتەك بىرھالەتتە. بۇ تەبىقىمىزگە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشنىڭمۇئىمكانى يوق. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئوقۇشقا ئەڭ ھورۇن خەلق. ئاخىرىدا ئەڭ رادىكال دىندار بىر گورۇھ ئۇيغۇر ۋە مىللەتچىلىكتىن، ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئانچە-مۇنچە خەۋىرى بار بىر گورۇھ ئۇيغۇر بىرلىشەلمىگەن ھالىتى بىلەن خىتايلارغا قارشى تۇرۇشى مۈمكىن. ھەتتا بۇ جەرياندا بىر-بىرلىرىگىمۇ تىغ كۆتەرگەچ تۇرۇدۇ تەبىئىي.
بۇ ھالەتتىكى بىر خەلق قانداق «چوڭ ئىش» چىقىرار؟ تامامەن خام خىيال. بىز بۇ رىياللىقنى ھىچقاچان ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىمايمىز، توغرىسى قورقۇمىز. ئەمما خىتايلار بۇنى بەك ئوبدان بىلىدۇ.
شۇنداق تۇرۇپ خىتايلار نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ھەربىي كۈچىنى كۈنسېرى ئاشۇرۇۋاتىدۇ؟
مەن بۇ ھەقتە ئالدىنقى بىر ماقالەمدە توختالغان ئىدىم. يەنەتەكرارلايمەن: خىتايلارنىڭ كۆزى ئوتتۇرا ئاسىيادا! خىتايلار ھەر كۈچەيگەن زامانلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەر كەلگەن. خىتاي ئادىتىگە كۆرە، ئالدىنقى قېتىملىق ئىستىلا ھەركىتىدىن قالغان ئىزلارنى تارىخىي پاكىت دەپ كۆتۈرۈۋېلىپ، كېيىنكى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئىدىيىۋىي ئاساسىنى تىكلەيدۇ شۇنداقلا جامائەت پىكرىنى كۆندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. خىتاينىڭ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە ھىچ نومۇس قىلماستىن كاسپىي دېڭىزىغىچە خىتاي زېمىنى بولغانلىقىدەك بىر يالغان تارىخ خىتاي باللىرىنىڭ مېڭىسىگە قۇيۇلماقتا. بۇ ئىچكىي قوللاش ئاساسىنى ياراتماقتا. يەنى، ھۆكۈمەت بۇنداق بىر تاجاۋۇزچۇلۇق ھەركىتىنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن قەدەم باسقاندا، ئۆز خەلقى ھەقلىق يوسۇندا بۇرۇنقى زېمىنلىرىمىزنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئاتلاندۇق، دەپ ئويلايدۇ. بۇ دېمەككى، خەلق ھەقلىق ھەركەت دەپ بىلگەنلىكلىرى ئۈچۈن، بۇ ھەركەتنى ئىچىدىن، پۈتۈن قەلبى ۋە ئىمكانلىرى بىلەن قوللايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئىدى، خەلق،ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىشى، خەقنىڭ تۇپرىقىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى قۇربان قىلامتىڭ دەپ قارشى قۇتۇپقا ئۆتۈشى مۈمكىن ئىدى.
خىتايلار تۇغما كېڭەيمىچى بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتلەر ئالماشسىمۇ، بۇ خىل خىتايغىلا خاس تارىخ قارىشى ئوخشاشلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. شۇڭا بۈگۈن ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان بىر خىتايغا، ھەتتا ئۆزلىرىنى دېموكراتچى ئاتىۋالغان خىتايغا تەيۋەن مەسىلىسىنى، تىبەت مەسىلىسىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دەپ باقسىڭىز، ھەيران قالارلىق ھالدا كوممۇنىست خىتايلار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈسىز.
خىتايلار تارىخنى تەكرارلىماقچى. ئەجداتلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قەدىمى يەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتا ئىستىلا قىلماقچى. بۇ مىللىي ھىسلاردىن، مىللەتچىلىك تۇيغۇلىرىدىن باشقا، بۈگۈنكى تەڭپۇڭسىز تەرەققىياتىنىڭمۇ تەبىئىي ئىھتىياجى ئۈچۈندۇر. خىتاي تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيەگە مۇھتاج. دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردە مەڭگۈلۈك دۈشمەن بولمىغاندەك، مەڭگۈلۈك دوستمۇ بولمايدۇ! بۈگۈن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر سايىسىدە تەڭ رازى كېلىشىملەر بىلەن باشلانغان ئېنېرگىيە سودىسى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن يوققا چىقىشى مۈمكىن. ئۇ ھالدا خىتايلار ئاللىقاچان بار ھىساپلاپ، شۇنىڭغا كۆرە تىزگاھلىغان ئېنېرگىيەئىشتاھاسىنى قانداق تەمىن ئېتىدۇ؟ بەش نان يەپ كۆنگەن بىر ئاشقازان بىردىنلا ئىككى نانغا چۈشۈپ قالغاندا تامامەن يىقىلىپ قېلىشى مۈمكىن. شۇڭا بۇ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى مۇقۇملۇققا ئېرىشتۈرۈمەن دېسەڭ، بۇ تۇپراقلار سېنىڭ بولۇشى كېرەك!ياكى ھىچ بولمىغاندا بۇ دۆلەتلەر قارام دۆلەت بولۇشى كېرەك. بۇمۇ بولمىغاندا بۇدۆلەتلەردە ھەربىي بازىلىرىڭ بولۇشى كېرەك! شۇنداق قىلىپ، خىتاي بىر كىرىۋالغان يەردىن چىقماسلىقتەك، رودۇپايلىق خۇسۇسىيىتىنى جارى قىلدۇرسا، بۇ يەرلەرمۇ خىتاي تۇپرىقىغا ئايلىنىدۇ! مانا بۇ خىتايلار نۆۋەتتە چۈشەۋەتقان شېرىن چۈش!
خۇددى مۇلاھىزىچىلىرىمىزنى يېڭىلىشتۇرغاندەك، دۇنيانى، بولۇپمۇ ئوتتۇرائاسىيا دۆلەتلىرىنى يېڭىلىش پەرەزلەرگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى كۆپتۈرۈپ كۆرسۈتۈلمەكتە. گويا بۇ ھەربىي ھازىرلىقلار ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغاندەك كېلىمات يارىتىش، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى چۆچۈتۈۋەتمەسلىك ئۈچۈندۇر.
ماڭا قالپاق كەيدۈرۈشكە ئاران تۇرۇدۇغان دۈشمەنلىرىم دېگەنلىرىمنى ئۈمىتسىزلىك تەرغىباتى دەپ جۆيلۈشلىرى مۈمكىن. مەن دەيمەنكى، ئەگەر قايىل قىلارلىق سەۋەپلىرىڭ بولسا ئوتتۇرىغا قوي، جالاپ خوتۇنلاردەك قۇرۇق تىللىما. ئاساسلار، پاكىتلار بىلەن قاراشلىرىمنى ئاغدۇرۇۋەتسەڭ مەنمۇ خۇرسەنت بولۇمەن.
يەنە بىر سوئال تۇغۇلۇشى مۈمكىن: ئۇنداق بولسا قۇرۇق قول ياكى تاپالىسا پىچاقلىق قارشىلىقلارنى پايدىسى يوق بولغاندىكىن بولدى قىلىش كېرەكمۇ؟
قەتئىي تۈردە ياق! ھەربىي سەنئەتتە دايىم قوللۇنۇلۇدۇغان بىر تاكتىكا بار: ئەڭ ياخشى مۇداپىئە شەكلى ھۇجۇمدۇر. دېمەك قارشىلىقلار قاننى ئۇرغۇتۇش، ئۆچمەنلىكنى يېڭىلاش، نەپرەتنى بىلەش، دۈشمەننى، نىشاننى ئەسلىتىش نۇقتىلىرىدىن ھەرقانداق ئابىستراكىت تەشۋىقاتلارغا قارىغاندا ئۈنۈملۈكتۇر. شۇڭا ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى قارشىلىقتۇر. چۈنكى نۆۋەتتىكى نىشان ۋەتەننى ئازات قىلىشتىن ئۆتتى، بۇنداق بىر نىشان كېيىنگە قالدى. نۆۋەتتىكى نىشان ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا قارىتىلىشى كېرەك. ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالالىساقلا بىر تارىخىي پۇرسەت كەلگەندە ئازاتلىق غايىمىز ئۈچۈن مەۋجۇت بولغان بولۇمىز. ئېمپېرىيىلەر، دۆلەتلەر مەڭگۈلۈك ئەمەس. ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقىلا مەڭگۈلۈك. باشقىلىرى ھامان ئۆتكۈنچى. ئاللاھ "غەلىبىنى گاھ ئۇ قەۋمدە، گاھ بۇ قەۋمدە قىلىمىز" دېگەن. بىزنىڭمۇ كۈچلۈك زامانلىرىمىز بولغان، ھەتتا خىتايلارنى سەددىچىن سېپىلىدەك شۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى بىر تامنى سېلىپ ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر قىلالىغانمىز. خىتايلارنىڭمۇ زاۋالى چوقۇم كېلىدۇ! شۇڭا ئۆز مىللىيلىكىمىزنى ساقلاش نۆۋەتتىكى بىرىنچى نومۇرلۇق نىشان. ۋە بۇنداق ئۆزىمىزنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسىمۇ قان بىلەن ياشارتىشتۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 19:56 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.145737 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش