تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 416|ئىنكاس: 0

خىتاي غالچىلىرىغا (مۇخەممەس)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

560

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
560
(مۇخەممەس)
(بۇشېئىر 2000ـيىلىدايېزىلغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بىزگە ۋەكىلمىش كۆرۈنگەن بەزى مۇناپىقلار، خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن بىرلىكتە مەجلىس قىلىپ، «فىدراتسىيە، مۇختارىيات، ئاپتونومىيە دېگەندەكلەرگە رازى بولىمىز» دېگەنلىكى ھەققىدە سۆز ـ چۆچەك يېيىلغان ئىدى)


زەھرىنى تىققاچ تېنىمگە بۇ خىتاي — يىلان ـ چايان،
زۇلمىدىن ئىڭراشقىمۇ يەتمەيدۇ ھال، يوق ئىمكان،
يىغلىسام دەردىمگە بىللە يىغلىغاي پۈتكۈل جاھان،
قان ـ يېشىمدىن بولدى ھاسىل شۇ مەھەل دەريا ـ قىيان،
سۆزلىسەم قىسمەتلىرىم، تىترەر يۈرەك ياپراقسىمان.


بەردى قۇربان ھۆررىيەت دەپ، بۇ خەلق  كۆپتىن بېرى،
ھۆررىيەت ئارزۇسى ئەلنىڭ ئاشتى شۇنداق كۈنسېرى،
غەلىبەيوق، ئەمما ساۋاقلار بەردى ئاققان قان ـ تېرى،
بىلدى خىتاينىڭ نىيەت ـ پىلانىنى ياش ھەم قېرى،
ئوت ۋە سۇدەك بىرگە بولمايمىز خىتايلە بىز ھامان!


خۇمسىلارچە بىرلىرى ھەمكار بولۇپ خىتاي بىلەن،
ئىش قىلارمىش بىرلىشىپ شۇ پاسكىنا تومپاي بىلەن،
خۇددى يىرتقۇچنى قوشۇپ قوي ـ قوزا، يىلقا ـ تاي بىلەن،
بىللە قويغاندەك ۋە ياكى ئاتەشنى ـــــ ئوتنى ماي بىلەن،
ھۆررىيەت يوللىرىغا سوقماقچى توسما، تاغ ـ داۋان!


قىش كۈنى زۇلمەتنى ـ تۈننى چىللىغان شۇم قاغا سەن،
ئەلبېشىدا قامچا ئويناتقان مۇناپىق دوغا سەن،
بى كېرەك بىزگە پەقەت، رىسقىمنى قىلما ئوغا سەن،
”فىدراتسىيە“،”مۇختارىيات“نى خوتنۇڭغا قىلغىن سوغا سەن،
ئەمما ئەلنىڭ كۆڭلىنى چەگمە، يېيىپ بۇلۇت، تۇمان.


ۋادەرىخا، تويدى ئەل خىتاي دېگەندىن غىققىدا،
كۆردى خىتاينىڭ قۇرۇق ”شەپقەت“لىرىنى جىققىدا،
بۇ كەبى شۇم گەپنى ئشتسە تۇرمامدۇ ھەركىم تىككىدا،
دوپپىمىزغا جىگدە سالماقچى بولۇشساڭ شىپپىدا،
يانغۇسى يامانلىقىڭ، باشىڭغا چىققاي شۇ ھامان!


سەن خىتايغا قانمىغان، يا تويمىغان بولساڭ ئەگەر ـــــ
بول قۇدا ۋە يا باجا، يا ئاناڭ، ئاچاڭنى بەر!
كەينىدىن كەت ئەگىشىپ، بولغاندا خىتاي دەر ـ بەدەر،
سەن ئەگەر ئادەم ئىسەڭ، بولما ئىپلاس ئۇ قەدەر،
بولمىقىڭغا نە كېرەك  خىتاي قېشىدا ئىت ـ قاۋان؟


ئىستىكىڭ بولسا نېمە ئەركىنلىكىڭ، بىلگەننى قىل،
ئەمما ئۇ ئۆز ئىستىكىڭ، ھېچ ئەمەس  كۆپكە ۋەكىل!
ئەلنى ساتما، خاھلىساڭ سىڭلىڭنى سات، ئۆزەڭ سېتىل،
ئانچە بەك ئەزۋەيلىمە، كۆتۈڭنى قىس، ئۆزەڭنى بىل!
”ئەلتەرەپ بولماق _ ھامان ئەركەك ئىشى“ _ بىزنىڭ مىزان!


ۋەدىسىگەپۈتمىگەي ھېچكىم خىتاينىڭ، شۇ بۈگۈن،
چۈنكى دىلدا بار ئازاپتىن شۇ خىتاي تۈككەن تۈگۈن،
ئاق خىتاي، قىزىل خىتاي ھەممىسى بىردۇر پۈتۈن،
شۇ خىتايلار دەستىدىن چىقتى مانا باشتىن تۈتۈن،
بۇ خىتايمۇ ئۇ خىتايدەك قان ئىچەردۇر بى گۇمان!


”يېمىكى پوق بولغۇسى، قاغىغا ئۈلپەت بولسا كىم“،
تالىسا غالجىر سېنى گەر، قانجۇقى بولماس ھېكىم،
سۇ سۈزۈك بولمايدۇ، باشتىن كەلسە لاي دەريا ـ ئېقىم،
مۈشۈكۇ ـ چاشقان كەبى تۇغما كۈشەندە قىسمىتىم ــــ
بىز ۋە خىتاي ئەينى شۇ ھالدا ئىمىز، كۆپكە ئايان!


چاڭقىغان چۆللەردە بولغاندەك گوياكى سۇغا زار،
بولدى ئەلمۇ ھۆررىيەتكە ئاشىقانە ئىنتىزار،
بولساگەر ئەل ئوغلى كىم، دۈشمەنگە تىنماي گۆر قازار،
بولمىسا پۇشتى ھاراملىق توغرا يولدىن كىم ئازار؟
بەددۇئا، ئەل قارغىشى بەك ياماندۇر، بەك يامان!

2000ـ تۈركىيە، ئىستانبۇل.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:45 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.208782 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش