تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 688|ئىنكاس: 0

خىتاي ئۇسلۇبىدىكى نومۇسسۇزلۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

556

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
556
ۋاقتى: 2016-11-19 19:06:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

خىتايلارنىڭ ساختا تارىخ ياسايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. ھوللاندىيەلىك بىر تەتقىقاتچى ۋىليام ۋانكېمېدانې «خىتاي، تەيۋەن، خوڭكوڭ چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» ناملىق كىتابىدا شۇنداق دېگەن: «خىتايلارئۈچۈن تارىخ — بولۇپ ئۆتكەنلەر ئەمەس،بولۇشى كېرەك بولغانلار». دېمەك، ئىھتىياج نېمەبولسا شۇنى تارىخ دەپ يېزىش خىتايلارنىڭ ئەجداتلىرىدىن قالغان ئۇدۇمى.
ئەمما خىتايلارنىڭ بۇنومۇسسۇز قىلمىشىنى ئۈگۈنۈۋالغان ئۇيغۇرلارنى نېمە دېسەك بولار؟ يېرىم ئەسىرلىك ئىدىيە ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجىسىمىدۇر؟ ياكى پالاندىن ئۈگۈنۈش تىپىدىكى چاقىرىق ۋەزورلاشلارنىڭ نەتىجىسىمىدۇر؟
ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمىيىتى2007-يىلىنىڭ يانۋار ئېيىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تېخى تارىخ بولۇپ كەتكۈدەك بىرقەرنەمۇ ئۆتمەستىن، بىر تېجىمەل خىتاي ئۇسلۇبىدىكى نومۇسسۇزلۇقىنى جارىي قىلىپ، ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش باھانىسى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بەرگەن خەۋىرىدە قۇرۇلۇش تارىخىنى ساختىلىق بىلەن بىر يىل ئالدىغا سۈرۈش ئارقىلىق، پىشانىسىگە بېسىلغۇسى لەنەت تامغىسىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولغان!
2007-يىلىنىڭ يانۋارىدا قۇرۇلغان بۇ جەمىيەتنىڭ قۇرغۇچى رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق مەملىكەتلەرگە قايتار-قايتماس ئەسلى شۇم مەخسەتلىرىگە كىرىشكەن بۇ تېجىمەل،جەمىيەتنىڭ شېۋىتسىيىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقى، باشقا مەملىكەتلەردىن كەلگەنلەرنىڭ ھامان قايتىدىغانلىقى ۋە ھەمىشە بېشىدا تەقىپ قىلىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ جەمىيەتنى ئۆزىنىڭ شەخسىي شىركىتىگەئايلاندۇرۇشنى باشلىۋەتكەن ئىدى. نىزامنامە-پىرىنسىپلاردا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلارنى دەسسەپ چەيلەپ، ئۆزىنىڭ خاتىرە مۇنارىنى تىكلەش ئۈچۈن، ئۇزاقتىكى رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ نامىنى سۈئىئىستىمال قىلغان. ئاخىرقى سان «غەرپ شامىلى» ژورنىلىدا (بۇ ژورنال —مەرھۇم كۆرەش كۈسەن تەسىس قىلغان ۋە چىقىرىشقا باشلىغان، كۆرەشكۈسەننىڭ «جەننەتنىڭ ئورنى نەدە؟» ماۋزۇلۇق ئىلمىي ماقالىسى ئارقىلىق، يەتتە دەلىلىل بىلەن جەننەتنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ چىققان ژورنالنىڭ داۋامى ۋە ئاخىرقىسى) ئۆز بېشىغا تەھرىر ھەيئىتى تىزىملىكى بەرگەندىن باشقا، يەنە قانداقتۇر مەسلىھەتچىلەرنىمۇ بېكىتكەن. ئاخبارات ۋە نەشرىياتقا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس ئەسەرلەرنى ھىچ كۆرۈپ باقمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئىسمىنى «مەسئۇل مۇھەررىر»دەپ يېزىپ قويۇپ، ساختىلىق قىلغان.
مەسلىھەتچىلىككە بېكىتىلگەن ئادەممۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغايتى: دولقۇن قەمبىرى! بۇ گۆركارنىڭ تىل ۋەئەدەبىياتقا ئالاقىدار بولغان ژورنالغا مەسلىھەتچى بولۇشى قانداق گەپ؟ ئەسلىدە ھېلىقى تېجىمەل، دولقۇن قەمبىرىنىڭ رادىئوغا باش بولۇشتەك ئورنىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئۆز-ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشتا يول ئېچىش مەخسىدىدە بۇ گۆركارنى مەسلىھەتچى قىلىپ بېكىتىۋالغان.
سەپەرنىڭ ھاردۇقى تېخى چىقمايتۇرۇپلا، بۇ رەزىللىكلەرنى، پىرىنسىپسىزلىقلارنى كۆرگەن رەئىسلەر تازىمۇ تەڭقىسلىقتا قېلىشقان. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىسىنى ئۇيغۇر پەن ئەمەس، دەپ ئىنكارقىلىپ باشقىنى قۇرۇش كېرەكمۇ؟ ئەنۋەر يۈسۈپنىڭ قىلىقىدەك چۈشۈنۈلۈشى تۇرغانلا گەپ: ئىككى پەننىڭ قايسىسى راست؟ دېگەندەك سوئاللار بىلەن دۈشمەنگە تاماشا! شىركەتكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن بۇ شىركەتنى ھۆددىگە ئېلىۋالغان تېجىمەللەرنى بۇئىشتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ جەمىيەت شىۋىتسىيىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولغاچقا بۇمۇ ئەپلەشمەيدۇ. رەئىسلەر ئارىسىدىكى مەسلىھەتنىڭ خۇلاسىسى شۇ بولدىكى، «بوپتۇ، ئەھۋالىمىز شۇكەن، تەلەيسىز مىللەت! بۇ ئىشمۇ ئەھلى بولمىغانلارنىڭ قولىغا قالغان بولسا نېمە دېگۈلۈك؟ شۇ بىچارە ئىش قىلغان قىلىپ قوسىقىنى باقسۇن، پۇلنى بىزدىن ئالمىغاندىكىن، بىر ئۇيغۇر بولسىمۇ خەقنىڭ پۇلىنى ئوۋلاپ، قوساق باقسۇن»!
بىرلا چارە، تارىخىي شەرمەندىچىلىكلەرگە ئورتاق بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، غىمىسسىدىلا سىرتقا چىقىۋېلىش،تامامەن شۇلارغا «ھۆددىگە» بېرىۋېتىش. نېمە چارە؟بەختسىز مىللەت! تۆرت ئادەم بىر يەرگە كەلسىلا ئاشۇنداقتىن بىرسى پەيدا بولۇپ،چوققىسىغا مىنىۋالىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشتىمۇ قىسمەت باشقىچە بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن قەلەمگە ئالاقىسى بولغان رەئىسلەرنىڭ جىم-جىت ئايرىلىشىدىن كېيىن، قەلەمگە مۇناسىۋەتسىز تېجىمەللەرگە ئوڭچە قالدى. بۇ خۇددى: «دادام ئۆلدى، خۇدا بەردى،نېرىن ماڭا قالدى» دېگەنننىڭ ئۆزى بولدى.
ئەمما قەلەمگە مۇناسىۋەتسىز ئادەملەردىن تۈزۈلگەن «قەلەمكەشلەر جەمىيىتى»! بۇمۇ تازا ئەپلەشمەمدۇ نېمە؟ ۋەتەندىن چىققانلاردىن ھىچبىرى يېقىن كەلمەيۋاتسا قانداق قىلغۇلۇق؟ ھە، ئورتا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى بارغۇ؟ غەرپ ئەللىرىگە ۋىزا بىلەن بىلىتى ھەل بولسىلا خوش بولۇدۇ ئەمەسمۇ! مانا شۇنداق قىلىپ، راستىنلا قەلەمكەشلەرمۇ تېپىلىدۇ. شىركەت، مۇقۇملۇشۇپ دەۋرىي قىلىشقا باشلايدۇ.
شۇغۇنىسى، تارىخ، لەنەتتەككۈر تارىخ، بۇ ئىشنى كوچىلىسا، بۇنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى ئاختۇرۇپ قالسا، بىردىنلا كۆرۈدۇكى، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان رەئىسلەر نېمە ئۈچۈندۇر غايىپ بولغان! قايتاكۆرۈلمىگەن! بۇنىڭ ئارقىسىدا نېمە سىرۇئەسنا باردۇر دەپ ئىچىكىلەپ تەكشۈرۈپ كۆرگىنىدە شەرمەندىلىكلەر خۇددى پايپاق سۆكۈلگەندەك چۇۋۇلۇپ چىقىدۇ! قانداق قىلىش كېرەك؟ دەرھال جۇگېلىياڭ تاغىدىن ئۈگەنگەن پەنتلىرىدىن بىرى كۆڭلىدىن كېچىدۇ. تارىخنى ئۆزگەرتىش، بۇرۇنلا قۇرۇلۇپ بولغان قىلىپ كۆرسۈتۈش ۋە بۇنىڭغا خەۋەر ۋە تەبرىكلەشلەر ئارقىلىق مەنبە ھاسىل قىلىش! ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن يىپ ئۇچلىرى!
مانا شۇنداق قىلىپ، خىتايئۇسلۇبىدىكى بۇ نومۇسسۇزلۇق مەيدانغا كېلىدۇ.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:51 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.147517 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش