تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 614|ئىنكاس: 0

ئۇلۇغلۇق كرىزىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

556

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
556
بالىلىق چاغلىرىمدا تەڭتۇشلۇرۇم ئىچىدە بىر قىز بولۇدۇغان، رەڭگى سولغۇن، ئىنجىمارۇق، بىز ئۇنىڭغا چالمىخان دەپ ئىسىم قويۇۋالغانىدۇق. بۇ ئۇنىڭ سولغۇن چىرايى ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ موھىم سەۋەبى، ئۇنىڭ چالما يەيدىغانلىقىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوۋۇزىنى تولدۇرۇپ، جاۋغايلىرىدىن پاتقاق ئېقىتقان ھالدا زەۋق بىلەن چالما يېگىنىنى كۆرگەن چوڭلار ئۇنىڭ ئاغرىپ ياكى ئۆلۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، دايىملا ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ، تۇراتتى. ئاتا-ئانىسىنى ئەيپلەپ، بالىغا ئوبدان كۆز-قۇلاق بولۇپ، چالما يېيىشىگە پۇرسەت بەرمەسلىكلىرىنى تاپىلايتى. ئەمما چالمىخان يەنىلا پۇرسەت تېپىپ چالما يېمەي قالمايتى. چوڭلارنىڭ ئەنسىرىگىنىدەك، چالمىخان ئۆلۈپمۇ قالمىدى. بالاغەتكە يەتتى، ھەتتا بالىلىقمۇ بولدى. تېخىچە چالما يەرمىش. كېيىن مەن يەنە كۆمۈر يەيدىغان بالىلارنىمۇ كۆردۈم. توخۇنىڭ دانلىقىدىن ئۇششاق تاش ھەتتا ئەينەك پارچىلىرى چىققاننى كۆرگەنمەن، ئەجەبا، ئادەملەرنىڭمۇ ئاشۇنداق «دانلىق»ى بولامدىغاندۇ-يا؟
چوڭ بولغۇنۇمدا بىلىمدانلاردىن ئاڭلىسام، ئەسلىدە چالما يېيىش، كۆمۈر يېيىش ئادەتلىرى شۇ جاننىڭ فىزىئولوگىيىلىك تەلىپىدىن بولۇپ، بەدەندىكى مەلۇم بىرخىل ماددىنىڭ كەملىكىنى تولۇقلاشقا بولغان تۇغما تۇيغۇ ئۇنى شۇنىڭغا ئۈندەرمىش.
ئىنساننىڭ (بەلكى بارلىق جانلىقلارنىڭ دېسەم تېخىمۇ توغرىدۇر) كەمتۈكنى تولۇقلاش تۇغما ئۇرۇنۇشلىرى يالغۇز فىزىئولوگىيىلىك ئىھتىياجلار بىلەن چەكلەنمەمدىكىن دەپمۇ قالىمەن. پىسخولوگىيىلىك كەمتۈكلەر، روھىي ئىھتىياجلارنىمۇ مۇشۇ تىپقا تەۋە قىلىشقا بولامدۇغاندۇ؟ كېسىپ بىرنېمە دېيەلمىسەممۇ، كۆڭلۈم شۇتەرەپكە ياتقىن كۆرۈنۈدۇ. مەسىلەن، پىسخولوگلار پاكار ئادەملەرنىڭ يوغانلىق خىرسىنىڭ نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولۇدۇغانلىقىنى دېيىشىدۇ. ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكۈلكىنى ئۆزىنى تۇتۇشلىرى ئارقىلىق تولۇقلاشقا ئۇرۇنارمىش.
بىر مەزگىل ئەۋۋەل مەن بەزى يازمىشلىرىمدا ئانچە-مۇنچە تەگدۈرۈپ ئۆتكەن ياكى چوقۇلاپ ئۆتكەن يەنە بىر مەسىلىمۇ مۇشۇ تىپتا بىر ئىش بولسا كېرەك دېگەنلەر كۆڭلۈمدىن كېچىدۇ. بۇ — ئۇيغۇرلاردىكى ئۇلۇغلاش ھېرىسمەنلىكى. يەنى، ئىلگىرى بايقىغىنىم، زىيالىلار تائىپىمىز ئىچىدە پۇتقا پۇتلۇشۇپلا تۇرۇدۇغان، ئىتقىمۇ، مۈشۈككىمۇ تېڭىۋېرىدىغان ئۈچ سۈپەت ئىدى: «مەشھۇر،داڭلىق، ئاتاغلىق». كېيىن بۇنىڭغا بۇمەشھۇرلار تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىمۇ قوشۇلدى: «ئۆلمەس»! يېقىندىن دىنىي تائىپىمىزگە دىققەت قىلىپ، شۇنى بايقىدىمكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ئالىم، ئۇستاز» دېگەن سۈپەتلەر ئەنە شۇ تەقلىتتە ئەرزان ئىشلىتىلىدىكەن.
ئالىم — ئەسلىدە ئاللاھنىڭ 99ئىسمى-سۈپىتىنىڭ بىرسى بولۇپ، «ھەممىنى بىلگۈچى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسىمۇ شۇنىڭغا خېلى يېقىن: مەلۇم ئىلىم تۈرىدە بىرەر يېڭىلىقنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى «ئالىم» دېيىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك، خەق بارلىققا كەلتۈرگەن ئىلىملارنى بەك ئوبدان بىلگەن تەقدىردىمۇ ئالىم ئاتالمايدۇ، پەقەت بىلىملىك ئاتىلىدۇ، دېگەنلىك. شۇغۇنىسى دىنىي ساھەمىزدىكىلەر بۇ سۆزنى بەكلا ئەرزان ئىشلىتىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلاردا ئۇ قەدەر ئالىم بولۇدۇغان بولسا،دەمدىغان! دەمدىغان!... «ئۇستاز»غا كەلسەك، بۇ سۆز ھەم مۇئەللىم، ئوقۇتقۇچىنى ھەم ھەرقانداق بىر تۈردە يېتىشكەن، ئۈگۈنۈدىغان يەردىن ئۆتۈپ، ئۈگۈتۈدۇغان دەرىجىگە يەتكەن كىمسەلەرنى بىلدۈرۈدۇغان سۆز ئىدى. ئۇستاز دېيىلگەندە بىر مويسىپىت، ئارقىسىدا توپ-توپ شاگىرتلىرى ئىھترام بىلەن قول باغلاپ، ئىلىم تەلەپ قىلىپ تۇرغان بىر مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن.
كاشكى ئۇيغۇرلاردا دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تەنھا بىر ئالىم بولغان بولسا! بەزى كاندىداتلار بولىشى مۈمكىن، تېخى ئىلىم كىتاپلىرى، قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگىنى يوق. ھەممىسى ئۆز-ئۆزىمىزنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئېغىز تاتلىق قىلىپ يۈرگەن گەپلەر. مەلۇم ئىلىم تۈرىدە، دەرسلىك كىتاپلىرىمىزدا نەزەرىيەلىرى،فورمۇلالىرى ئۈگۈنۈلۈدۇغان بىرەر ئالىمىمىز بىزنىڭلا ئەمەس، خېلى-خېلىسىنىڭ يوققۇ.
كەل-كېلەيلى شۇ ئۇستاز ھەققىدە ئۇيغۇرلارغا.
ئۇيغۇرلاردا  ئۇستازنىڭ ئۈگەنگۈچىلىكتىن ئۈگەتكۈچىلىككە ئۆتكەنلىك تەرىپلىرىگە ئۇيغۇن كىشىلەر خېلى نۇرغۇن. ئەمما بۇ ئەمەلىيەتتىكى دەرىجە ئاتلاش ئەمەس، ھەقىقەتتە ئۇستازلىق ماقامىغا يەتكەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى يوغانلىق بىلەن كېرىلىۋېلىشقا ئالدىراش تۈپەيلىدىن ئۆزلىرى كەلگەن زەن. يەنى ئۇستازلىق ماقامىغا يەتكەن بولسام كېرەك دەپ زەن ئەتكەنلىكىدىندۇر. قاچانكى، «مەشھۇر...» دېگەن سۈپەتلەر چاپلىنىپلا قالسا، شۇئانلا «ئوقۇغۇچى»لىقنى تاشلاپ، «ئوقۇتقۇچى» سالاپىتىدە سەھنىگەچىقىدۇ. ئاشۇ خاتا زەن ياكى كىبىر تۈپەيلى، ھىچنېمە ئوقۇمايدىغان بولۇدۇ. بۇنى مۇتەكەببىرلىكتىن دەمدۇق؟ ھورۇنلۇقتىنمۇ؟
يوتامغا ئۇرۇپ تېپىۋاتقان گەپمۇ ئەمەس، قانداق ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ ئالغان ئۇنۋاندۇر دەپ قالغۇدەك دوكتورلارنى، پروففىسسورلارنى كۆردۈم. ئۇنۋاننى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر ئوقۇشلۇقلارنى زورىغا يادلاپلا ئىمتاھاندىن ئۆتكەنمىكىن، ئۇنۋاننى ئالدىمۇ، بولدى! «ئۇھ، ھەجەپ قۇتۇلدۇم، ئوقۇپ يۈرۈشتىن!» دېگەندەك، ئىككىنچىلەپ كىتاپ دېگەنگە قاراپ باقمايدىغان! مەجبۇرىيەت بولمىغۇچە، ئۆزى خالاپ ۋە قىزىقىپ داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇش ئادىتى بولمىغان ئۇنۋان ساھىپلىرى!
يېقىندا كۆرگەن بىر ۋىدىئو سۆھبىتى بۇ قاراشلىرىمغا بىر ئاز تۈزۈتۈش بېرىشمگە تۈرتكە بولدى: ھەرھالدا «خۇرجۇن يۈتتۈرگەن» بىزلا ئەمەسكەنمىز، دەپ، ئەپەندىمچە تەسەللىي تاپقاندەكمۇ بولدۇم. چۈنكى بۇ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ _ مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىمىز ئىكەن! ياخشىمۇ ئاللاھ بىزگە «ئوقۇ!» دەپ خىتاپ قىلىنغا كىتاپ چۈشۈرۈپتىكەن، بولمىسا ھالىمىز نى ھالدا بولاردى؟ بۇ ۋىدىئو سۆھبىتىدە تۈرك پروففىسسور دەيدۇكى، بىر مىليارد قانچە يۈز مىليونلۇق ئىسلام دۇنياسىدا بىر يىلدا نەشىر قىلىنغان كىتاپتىن، 16 مىليونلۇق گېرتسىيىدە نەشىر قىلىنغان كىتاپ كۆپرەك ئىكەن! ھە،... ئەسلىدە ئىش مۇنداقكەن-دە! دەيسىز ئىختىيارسىز ھالدا. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر، خۇددى مايمۇن ئويناتقاندەك ئوينۇتۇشلار، بىر-بىرىمىزگە گىژ-گىژلاپ سوقۇشقا سالسا بىر «نېمە ئۈچۈن؟» ئەقلىمىزگە كەلمەستىن ئويۇنغا چۈشۈشلىرىمىز، ئېقىۋاتقان قانلار، كۆز ياشلىرى،.... ھەممىسىنىڭ جاۋابى مانا مۇشۇنىڭدىنلا ئاڭلىشىلىدىكەن. ئەمدى يەنە ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزغا، ئۇلۇغلىرىمىزغا قايتاي:
تېما ئىھتىياجىمىز ئۇلارنىڭ كىبرى ئەمەس، باشقىلار تەرىپىدىن ئۇلارغا چاپلانغان سۈپەتلەر چالمىخاننىڭ چالما يەپ، بەدىنىدىكى كەم ماددىنى تولۇقلىشىدەك،ئۇيغۇرلاردىكى «ئۇلۇغلۇق» كەمتۈكلۈكىنى تولدۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئەمەسمىدۇر؟
مۇشۇ قۇرلارغا كەلگىنىمدە، ئەپەندى لەتىپىلىرىدىن بىرى ئسىمگە كەچتى: بىر كۈنى ئەمىر تۆۈمۈر ئەپەندىم بىلەن گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ ئەپەندىمدىن سوراپ قاپتۇ:
— ئەپەندىم، ئەگەر بىر پەتنۇسقا تىللا، بىر پەتنۇسقا ئادالەتنى قويۇپ، قايسىنى ئالىسەن دەپ سورىسا قايسىسىنى ئالغان بولاتتىڭىز؟
— ئەلۋەتتە تىللانى ئالاتتىم-دە.
— ۋاي ئەخمەق، ئەقلىڭىز شۇمۇ سىزنىڭ!؟ مەن بولسام ئادالەتنى تاللىغان بولاتتىم.
— توغرا، ھەركىم ئۆزىدە يوقنى ئارزۇ قىلىدۇ-دە، — دەپتۇ ئەپەندىم.

مانا شۇنىڭدەك، بىزنىڭ ئەرزانلاشۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان ئۇلۇغ سۈپەتلىرىمىز، ئەنە شۇ ئۆزىدە يوقنى ئارزۇ قىلىشتەك تەبىئىي ئىستەكتىنمىدۇر؟ ياخشى نىيەتلىك بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىلىم سۆيەرلىكى» ھەققىدە ئاغزىنى تولدۇرۇپ دەم ئۇرۇشلىرىمۇ شۇ تۈردىنمىدۇر؟
مەن تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردە، ئىلىم ساھەسىدە ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن فورمۇلا، نەزەرىيە كەشپ قىلىپ بەرگەن مىللەتلەر ئىچىدە كۈچۈنۈپ، ئۆزىنى ئىسپاتلاش ئۇرۇنۇشلىرىنى بايقىمىدىم. ئەمما ئۇيغۇرلار خۇددى سايىسىدىن ئۈركىگەندەك،ئۆندەرەپ، «دۆت ئەمەسلىكى»نى ئىسپات قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بىرمۇنچە دەلىللەرنى تىزىۋېتىدۇ. ئۆزىنى ئىلىم سۆيەر قىلىپ سۈپەتلەشكە، ئىسپات قىلىشقا ئۇرۇنغان «ئىلمىي ئەمگەكلەر»مۇ ئاز ئەمەس. ۋاي ئەر ئالمىغان ئالمىخان، ۋاي شورى قۇرغۇر چالمىخان!
بىرلىرىگە زىيالىلار ئىچىدە كۈچىنى يوقاتقان بىچارە ئۈچ سۈپەت ۋە دىنىي ساھەمىزدىكى ئىككى ئاتاقنى قوللۇنۇۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى خۇشامەتتىن، بەزىلىرى بۇ سۈپەتلەرنىڭ ۋەزنىنى ھىچ ئويلۇنۇپ باقمايلا، ئادەتتىن دەۋاتقاندۇر دېسەكمۇ، بۇ ئاتاقلار تاقالغان سۈپەت ئىگىلىرىنىڭ ئۈن-تىنسىزلىكى چىدىغۇسىز  بىر ھالدۇر. يەنى،ھىچ خىجىل بولمايلا بۇ ئاتاقنى قوبۇل قىلغىنى، ئۆزىنىڭ شۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچتىنمىدۇر؟ توغرا، بەزىلەر پىشانەمگە قويۇپ: سەن خىجىل بولدۇڭمۇ دېيىشەر، چۈنكى، بىر ساددا بالا مەن بىلەن قىلغان ۋىدىئو زىيارىتىگە قويغان ماۋزۇدا ماڭىمۇ شۇ سۈپەتلەردىن بىرىنى («مەشھۇر»نى) تاقىغان ئىكەن. خىجىل بولمۇغۇنۇمنى نەدىن بىلەتتىڭىز؟ ئۆلەيلا دېدىم! بالىغا ئارقىمۇ-ئارقا سۆز قالدۇرۇپ، بۇ سۈپەتن ىئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان بولساممۇ، ساددا بالا بۇ ئىشنى ھىچ جىددىيگە ئالماي،توردا بىرمەھەل «مەشھۇر»لۇقۇم بىلەن تۇرۇپ قالدىم. كېيىن قايتا ئۇچراشقاندا بىرىنچى قىلىپ،ئاشۇ ماۋزۇنى تۈزۈتەيلى، ئاندىن قالغان گەپنى دېيىشەيلى دېدىم. ھەتتا سورۇندىكىلەرنى گۇۋاھ قىلىپ دېدىمكى، ۋەسىيىتىم بولۇپ قالسۇن، ئەگەر مەن بىركۈنلىرى نوبىل پاختىكارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ مېنىڭ ئىسمىمنى يالىڭاچلا تىلغا ئېلىڭلاركى، ئالدىغا ھىچ بىر سۈپەت قاتماڭلار!
ھەر زامان مەن بىرەر تەنقىدىي ماقالە يازساملا، ئۈمىدسىزلىك تەرغىباتچىسى قالپىقى باش ئۈستۈمدە ئەگىشكە باشلايدۇ. بەلكىم بەزىلەر ھە دېمەيلا، بۇ يازمىشىمغىمۇ «ئەمىسە ئۇيغۇرلار دۆتمىكەن؟»دەپ ئۆكتە قوپار. كۈزۈتۈشلۈرۈمدە يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ھەرقانداق بىر مىللەتتە دېھاساھىبى كىشىلەر بار. دېھالار تۇغۇلۇپ تۇرۇدۇ. ئەمما، ھەممە مىللەتتە داھى بولۇۋەرمەيدۇ.
بىزنىڭ تونۇشۇمىز ئىزچىل خاتا بولۇپ كەلگەن نۇقتا دەل ئۇرۇقتىن شۈبھە قىلغانلىقىمىزدىندۇر. شۇڭا ئۇرۇقىمىزنى ئاقلاشقا، ئىسپات قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېتىمىز. مەن كەلگەن خۇلاسە شۇكى، ئۇرۇقتا چاتاق يوق، چاتاق تۇپراقتا!
ئېشەككە سىڭايان مىنىپ، تۇزغا كېتىۋاتقان تۇزچى تاز، ياغلىشىپ كەتكەن شاپاق بۆكىگە ئېلىۋالغان ئۈرۈكلەرنى يىگەچ كېتىۋاتقىنىنى ئويلاڭ، ئۇ ئاچچىق ئۈرۈكمىكىن، ئۈچكىسىنى چېقىپ يېيىشكە يىغماستىن، ئۇتتۇرلۇق ئېتىپ كېلىدۇ. تۇزنىڭ كانى بولغان شورلۇق دالىنىڭ قوماق ئۆرلىمىگەن، سەل ئويمان ۋە نەمراق يېرىگە چۈشكەن ئۈچكىدىن بىرى كېلەر يىلى باھاردا چوقۇم ئىككى قۇلاق بولۇپ ئۆسۈپ چىقىدۇ! چۈنكى ئىلاھ تەرىپىدىن ئۈچكىنىڭ فىترىتىگە پۈتۈۋېتىلگەن تەكۋىنى قانۇن بۇدۇر: ئۈن!
شۇغۇنىسى، ئىككى قۇلاق ئۈنۈپ چىققان ئۈرۈك ئۈچىنچى ياپرىقىنى چىقىرىشقا ئۈلگۈرمەيلا، شورلۇق تۇپراق ئۇنى ئۆز تىپىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. خۇددى شورلۇقتا ئۆلۈپ قالغان ئېشەكلەرنىڭ قۇشلار تازىلاپ قويغان ئۇستىخانلىرى بىر مەزگىلدىن كېيىن سىزىق-سىزىق شور قوماقلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەندەك، كۆرۈنۈشىدىن بىر ھايۋاننىڭ ئىسكىلىتى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرسىمۇ، تۇتسىڭىز شوردەك ئۇۋۇلۇپ كېتىدىغان، شورنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەتكەندەك، ئۈرۈكمۇ شور دېڭىزىدا ئۆزىنى يوقۇتۇدۇ.
كەل-كېلەيلى ئۇيغۇرلارغا. ئۇيغۇرلاردىكى خاپىلىقمۇ ئەسلىدە ئاشۇ. «دۆت ئەمەس»لىكىمىزنى كۈچەپ ئىسپات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇرۇق ساز. ئەمما داھى يېتىلىدىغانغا، ئۇلۇغلار يېتىلىدىغانغا تۇپراق يوق. ئۈستقۇرۇلما سىستېملارغا باغلاپ ئاۋارە بولماڭ. مەن دەۋاتقان تۇپراق ئۆز توپلۇمۇمىزدىن ئىبارەت تۇپراق.شۇڭا دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق بىر يېرىدە، باشقا ئىجتىمائىي سىستېملەردىمۇ ئوخشاشلا شورلۇق تۇپرىقىمىز ئوخشاشلا ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇدۇ.
تۇپراقنىڭ ئوزۇقى ئوغۇت بولغاندەك، ئۇيغۇر شورلۇقۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ يولى كىتاپ بولسىمۇ، ئەمما كاج كېسەللەر دورا يېگىلى ئۇنىمىغاندەك، «ئىلىمسۆيەر»لىكىدىن دەم ئۇرۇلۇدۇغان ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ «ئۇستاز»لىق شەنى ئوقۇشقا توسالغۇ بولۇدۇ. قالغان ئاۋام بولسا «قۇلاق موللىسى» تىپىدە زىيالىي بولۇدۇغان بولغاچقا، كىتاپنى گويا ئۇرۇغچىلار ئۇرۇق ساتقاندا ئوراپ بېرىشكە ياكى تاماكا ساتىدىغانلار تاماكىنى ئوراپ بېرىشتە ئىشلىتىدىغان نەرسىدەكلا  كۆرۈمىز. ھەتتا ئاشكارە ھالدا كىتاپ ئوقۇشنىڭ زىيانلىقلىقىنى، بەك كۆپ ئوقۇپ كەتسىمۇ بولمايدىغانلىقىنى «بايقىغان» ئالىملارمۇ يوق ئەمەس. قېتىرقىنىپ كىتاپ ئوقۇيدۇيغان ئۇيغۇرنىڭ ئازلىقى، گالاچ-گۇلۇچلا تاغدىن-باغدىن بىر نەرسىلەرنى بىلىۋېلىپلا زىيالىلىق قىلىشقا ئالدىرايدىغانلارنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇشى، يازغۇچىلىق دېسە، ئېلىپبەنى بىلىۋېلىش دەپلا ئويلايدىغاندەك ئاددىي چاغلاشلار تۇپراقنىڭ ئۆزگەرمەستىن تۇرۇشىدىكى بەزى ئامىللاردۇر.
مەن بەزىدە بىز خېلى كاتتا دەپ بىلگەن ئادەملەرنىڭ ساۋاتسىزلىقىغا دەلىل بولۇدۇغان كەچمىشلەرگە يولۇقسام، بەزىدە بىلىم ئىگىلىرىگە ئەقىل ئۈگۈتۈدۇغان ساۋاتسىز زىيالىلارغا يولۇقۇپ قالىمەن. ئۇلارنىڭ بىلىمدانلىرىنى تەنقىدلىشى خېلى جايىدا بولۇپمۇ چىقىدۇ ھەتتا. ۋاھ، بۇ خېلى ئۇقۇمۇشلۇق بالىكەنا، نەدە ئوقۇغاندۇ؟دەپ قالىمەن. ھەتتا بىۋاستە گەپلىشىشتىن ئەيمىنىپ، يېنىمدىكى بىرىدىن، نەدەئوقۇغان بالىكەن بۇ؟ دەپ سورىغان ۋە:
— نەدە ئوقۇيدۇ؟ ئۆيىدە ناننى ئوقۇغان،يايمىكەشلىك قىلىدىغان بى تازچاق، —دېگەن جاۋاپنى ئاڭلىغان چاغلىرىممۇ بولغان. بۇ _ دۇنيادا ئۆتكەن مەكتەپتە ئوقۇمايتۇرۇپ داڭ چىقارغان كىشىلەرگە ئوخشاش بىر ئىش بولسىغۇ! ئۇنداق ئەمەس! قۇلاق موللىسى! ئۇ يەر-بۇ يەردىن ئاڭلىۋالغانلىرى بىلەنلا «بىلىملىك» بولۇپ كەتكەن تازچاقلار!
ماڭا رەددىيە يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەك كىتاپخۇمارلىقىنى دەلىللەشكەئۇرۇنغان بىرى بولدى. شۇغۇنىسى ئىسىمسىز! مەن شۇنچە تەلەپ قىلىپمۇ كىملىكىنى ئاشكارە قىلدۇرالمىدىم. ئىسمىڭنى دېسەڭلا مەلۇم بولۇدۇكى، باغلىشىپ ئۆيۈڭگە بارساق ئۆيۈڭدىن ئالتە كىتاپ تېپىلمايدۇ! دەپ قاخشاپ كەتكەنىدىم.
ئېتىشقۇ ئاسان، ئەمما قالپاققا چۇشلۇق قىرغىزبولۇشى كېرەك-تە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 19:44 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.162299 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش