تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 567|ئىنكاس: 0

ئۇچتۇرپان تارىخدىكى قىسمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

ئىلاۋە:ئۇزاقتىن بۇيان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزدا قەدىمىي يۇرت بولغان ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخىغا نىسبەتەن چۈشەنچە يېتەرسىز بولغانلىقتىن، بۇ يۇرتنىڭ نامىنى «تۇرپان»نامى بىلەن باغلاپ چۈشىنىپ، «ئۈچتۇرپان» دەيدىغان ئەھۋال ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ، ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخى تۇرپان بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، ئەمما ئۇ «ئۈچتۇرپان»دەپ ئاتالماستىن «ئۇچتۇرپان»دەپ ئاتىلىدۇ ھەم ئۇ تۇرپانغا قاراشلىق يۇرت ئەمەس. بۇنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن ئاچچىق تارىخىي قىسمەتلەر بار. مەزكۇر ماقالە مۇشۇ تارىخنى قىسمەن بولسىمۇ يورۇتۇپ، ئوقۇرمەنلەردە ھەرھالدا بىر توغرا چۈشەنچە پەيدا قىلىش ئۈچۈن يوللاندى)
ئۇچتۇرپان بىر قەدىمى يۈرىت ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باشقا يۇرتلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، تارىخىتا يۈز بەرگەن بەزى پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر سەۋەبىدىن بۇ يۇرتتىكى ئاھالىلەرنىڭ تەركىبىدە بىرنەچچە قېتىم زور ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ، باشقا يۇرت ئاھالىلىرى مەجبۇرىيلىق بىلەن ياكى ئىختىيارىيلىق بىلەن بۇ يۇرتقا كۆچۈرۈلۈپ ياكى كۆچۈپ، كېيىن ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ،ھازىرقى ئۇچتۇرپان ئۇيغۇرلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.شۇنداقلا بۇ يۇرتنىڭ ئەسلى ئاھالىلىرىمۇ ئوخشاش سەۋەپ بىلەن باشقا يۇرتلارغا كۆچۈرۈلۈپ ياكى كۆچۈپ، شۇ يۇرتلارغا سىڭىپ كەتكەن. يەنە كېلىپ بۇ ئۇزاق جەرياندا خەنزۇ، قىرغىز ، خۇيزۇلارمۇ ھەرخىل سەۋەبلەربىلەن بۇ يۇرتقا كېلىپ ماكانلاشقان. ئەلۋەتتە، تارىختا مەلۇم بىر جۇغراپىيەلىك رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ يۇرتلار ئارا كۆچۈش-يۆتكىلىشى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال بولسىمۇ ، بۇنداق ئەھۋال ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخىدا تولىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، بۇمەلۇم جەھەتتىن ئۇچتۇرپاننىڭ، تېخىمۇ كەڭرەك مەنىدىن ئېيتقاندا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى بەش يۈزيىللىق تارىخىدىكى بەزى زور ۋەقەلەرنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ھازىرغىچەمەلۇم بولغان تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئۇچتۇرپان تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىن مىلادىيە 3-ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە ئونسۇ ئېلى دەپ ئاتالغان. بۇ ھەقتە خەنزۇچە كىلاسسىك تارىخنامىلەردىن «خەننامە»دە :« ئونسۇ ئېلى ،مەركىزى ئۇچ شەھرى. بۇ يەردىن چاڭئەنگە8350 چاقىرىم كېلىدۇ. ئاھالىسى 2200 تۈتۈن، 8400 كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككەياراملىقى 1500 نەپەر، بىر نەپەردىن نائىب بەگ، ئوڭ، سول سەركەردە، ئوڭ، سول كاھبەگ، ئوڭ، سول چەۋەنداز بەگلىرى، ئىككى نەپەر تىلماچ بېگى بار. شەرقىدىن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە 2380 چاقىرىم، غەربىدىن سەپەربايغا 300 چاقىرىم، شىمالىدىن ئۇسۇنلارنىڭ قىزىل قورغىنىغا 610 چاقىرىم كېلىدۇ. يېرى ۋە مەھسۇلاتلىرى پىشامشان(كىروران) بەگلىكىگە ئوخشاش. شەرقىدىن قۇمغا (ئاقسۇغا) 270 چاقىرىم كېلىدۇ»دەپ خاتىرىلەنگەن(1). يەنە «تارىخي خاتىرىلەر » دە خاتىرىلەنگەن ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ مىلادىدىن بورۇنقى 176-يىلى خەن سۇلالىسى پادىشاھى مىڭدىغا يازغان مەكتۇبىدا: «...تەڭرىنىڭ قوللىشى، سىپاھ بەگلەرنىڭ ئىستىدتلىقى ۋە ئاتلارنىڭ قاۋۇللىقى بىلەن توخرىلار تارمار قىلىندى. ئۇلار قىرىلىپ تەسلىم بولدى.كىروران،ئۇسۇن،ئۇغۇز ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 26 ئەلنىڭ ھەممىسى ھۇنلارغا تەۋەبولدى.بارلىق ئوقيا تۇتقان خەلىق بىر ئائىلە بۇلۇپ ئۇيۇشتى...» دەپ كۆرسىتىلگەن(2). بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ تەركىۋىگە كىرگەن 26 ئەل ئىچىدە ئونسۇ ئېلىنىڭ بارلىقىدا شەك يوق.
مىلادىيە 3- ئەسىردىن مىلادىيە 7-ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە ئۇچتۇرپان كۈسەن (كۇچا) ئېلىنىڭ، شۇنداقلا غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.مىلادىيە 648 − يىلى تاڭ سۇلالىسى قۇشۇنى غەربىي تۈرك خانلىقنىڭ يۇلتۇز ۋادىسىدىكى باشكەنتى (ئوردىسى)نى ئىشغال قىلىپ، كۈسەننى قولىغا ئالغان، ئارقىدىنلا ئۇچ( ئۇچتۇرپان )تەۋەسىدە ئونسۇ ئايمىقىنى تەسىس قىلغان. ئونسۇ ئايمىقىنىڭ دائىرىسى شىمالدا ئىلى بىلەن،غەربىي شىمالدا سەپەرباي بىلەن، جەنۇبتا ياركەنت بىلەن، شەرقتە قۇم بىلەن چېگرىلانغان(3).
مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇچتۇرپان تۈركەش خانلىقىنىڭ ئىدارىسىدە بولغان.جۈملىدىن مىلادىيە 715- يىلى تۇركلەردىن تۈركەش قەبىلىسىنىڭ چېۋىش ئۇرۇقىغا مەنسۇپ سۇلۇ قاغان تۇركەش قۇۋملىرىنى قايتا ئۇيۇشتۇرۇپ200مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنى ئۆزىنىڭ بايرىقى ئاستىغا توپلىغان ھەمدە سۈيئاب (ھازىرقى قىرغىزىستانىدىكى توقماق ئەتراپىدا )شەھىرىدە ئۆزىنى «قاغان» دەپ ئېلان قىلغان، شۇيىلى لەشكەر تارتىپ ئۇچ (ئۇچتۇرپان) ۋە بارخان(ئاقسۇ) قاتارلىق جايلارنى ئۆزئىدارىسىگە ئالغان(4).
مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۇچتۇرپان ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىدارىسىدە بولغان . جۈملىدىن ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانلىرىدىن قۇتلۇق قاغان ۋە ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ، 9-ئەسىرنىڭ بېشىدا غەربكە يۈرۈش قىلىپ بېشبالىق،قۇچۇ(تۇرپان)،قاراشەھەر،كۈسەن(كۇچا)،بارخان(ئاقسۇ) قاتارلىق جايلار بىلەن بىر قاتاردا ئۇچ (ئۇچتۇرپان)نىمۇ ئۆزئىدارىسى ئاستىغا ئېلىپ، بۇ جايلارنى قۇشۇن تۇرغۇزۇپ باشقۇرغان(5).
مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئۇچتۇرپان قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. كېيىنكى مەزگىللەردە قاراخانىيلار خانلىقىغا تەۋە بولغان(6). قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئۇچ (ئۇچتۇرپان)شەھرى زورگۈللىنىشكە ئېرىشىپ، شەرق-غەرب كارۋان يۇلىدىكى مەشھۇر شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان .بۇھەقتە مەھمۇد كاشىغەرىمۇ «تۈركىي تىللاردىۋانى»دا: « ئۇچ، مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى »،« ئۇچ ـــ چېگرا،چېگرىدىكى ئەل » دەپ ئىزاھلىغان(7).
تەخمىنەن 12-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋردە ئۇچتۇرپان قارا قىتان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدابولغان. 1218 − يىلى چىڭگىزخان قوشۇن ئەۋەتىپ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى قاراقىتانلارغا قارام رايونلارنى ئىشغال قىلىپ، 1219 − يىلى ئىگىلىگەن يەرلىرىنى ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەندە، ئۇچتۇرپان ئۇنىڭ 2-ئوغلى چاغاتاينىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولۇپ قالغان.يۈەن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن 1295 − يىلى كۈسەن ئەمىر لەشكەر مەھكىمىسى (ئورنى كۇچا ناھىيىسى تەۋەسىدە)نى تەسىس قىلغاندا، ئۇچتۇرپان كۈسەن ئەمىرلەشكەر مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان(8).
14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋردە ئۇچتۇرپان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ زېمىنى بولغان.جۈملىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇدا باش كۆتۈرگەندىن كېيىن ئۇچتۇرپان ئۇنىڭغا قاراشلىق زېمىن بولغان(9).
16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ، يەنى مىلادىيە1514-يىلىدىن 1680-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇچتۇرپان يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ زېمىنى بولغان. بۇ ھەقتە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان «تارىخىي رەشىدى» دە مۇنداق يازغان: «خان ( سۇلتان سەئىدخان ) كاشغەرنى ئالغان ھامان ئۇچقا كىشى ئەۋەتىپ، ئۇ يەرنى مىرزا ئابابەكر ۋاقتىدىكىدەك ئىدارە قىلدۇرغانىدى. ئەمىن خاجەسۇلتان بېرىپ ئالدى بىلەن ئۇچقا چۈشتى. ئۇچتا بۇ يەرگە تەۋە جايلارنىڭ ھەممىسىنى تېرىقچىلىققا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئاقسۇغا بېرىپ، ئاقسۇ قەلئەسىنى ئىلگىرىكى تەرىزدە بىنا قىلدۇردى»(10).يەنە «چىڭگىزنامە»دىمۇ مۇنداق بايانلار بېرىلگەن:« ئابدۇللاخان مەمىلكىتى ئاقسۇ ۋە ئۇچقە قەرار تاپتى.سۇبھانقۇلى بەگنى ئاقسۇغە ھاكىم قىلىپ ئاتالىق قىلدىلار. مۇھەممەد مومىن سۇلتاننى ئۇچقە ھاكىم قىلدىلار»،« ئەبدۇسەتتار بەگنى ئاقسۇغە، كۇچەك بەگنى ئۇچقە ھاكىم قىلدىلار»(11) .
1757− يىلى چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇچتۇرپان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىدارىسىدە بولدى. چىڭ سۇلالىسى ئۇچتۇرپاندا بەگلىك تۈزۈمىنى ساقلاپ قالدى. مۇھىم،يۇقىرى دەرىجىلىك بەگنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدىكىلەردىن قويماي، باشقا جايدىن يۆتكەپ كەلدى،بۇ چىڭ سۇلالىسى ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كەلگەن سىياسەت ئىدى(12).
1864 − يىلى كۇچادا راشىدىن خوجا باشچىلىقىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىغاندا، شۇ يىلى 6 − ئاينىڭ 13 − كۈنى ئۇچتۇرپان قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، ئۇچتۇرپاندىكى بەگلەرنىڭ ھەممىسى راشىدىن خوجىغا قارىدى. 1867-يىلى ياقۇپبەگ جەنۇبىي شىنجاڭنى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىرقىسىم جايلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ «يەتتە شەھەر دۆلىتى» نى قۇرغاندىن كېيىن ئۇچتۇرپان ئۇنىڭ ئىلكىدە بولدى(13).
1877 − يىلى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى يۇقۇتۇشقا ئاتلاندى.شۇ يىلى 10 − ئاينىڭ 26 − كۈنى چىڭ سۇلالىسى سەركەردىسى ليۇ جىنتاڭ ئەسكەر باشلاپ بېرىپ ئۇچتۇرپاننى ئالغاندىن كېيىن، ئۇچتۇرپاندا خان ئامبال ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1884 − يىلى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، بەگلەرنىڭمۇ ئاتىقى بىلەن مەرتىۋىسىلا ساقلىنىپ قالدى(14). 1913 − يىلى 4 − ئايدا ئۇچتۇرپاندا رەسمىي ناھىيە تەسىس قىلىنىپ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىدى.
يۇقىرىقىدەك ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، ئۇچتۇرپان ئاھالىلىرىنىڭ تەركىبىدە بىرنەچچە قېتىم ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. جۈملىدىن 16–ئەسىرنىڭ بېشىدا (تەخمىنەن 1503-1514-يىللار) سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلۇۋاتقان مەزگىللەردە، تۇرپاننىڭ ھۆكۈمدارى مەنسۇرخان ئۇچ (ئۇچتۇرپان) ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىپ ھەم تارقىتىۋېتىپ ، تۇرپاندىن ئاھالە كۆچۈرۈپ كەلگەن. موللا مۇسا سايرامى «تارىخىي ھەمىدى» دە مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار مۇنداق بىر باياننى بەرگەن: «ئۇچتۇرپان قەدىمقى كونا شەھەردۇر. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئېتى ئۇچ ئىكەن. يەنە شەھرى بەربەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.مەنسۇرخان زامانىدا، ئۇنىڭ ئادەملىرى بىئەدەپلىك قىلىپ ئىتائەتتىن چىققانلىغى ئۈچۈن كايىپ، ئەمىرلەر ئەمرى مىرزا جەپپار بەردى بېك دوختىۋىنى لەشكەرلىرى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇچ ئەھلىنى قەتلىئام قىلىپ، ساق قالغانلىرىنى يۇرت-يۇرتلارغا تارقىتىۋىتىپ، تۇرپاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ ئاۋات قىلغان ئىكەن.شۇڭلاشقا بۇ جايدىكى كەنىت، ئايماقلارنىڭ ئىسمى-ناملىرى تۇرپاندىكى كەنىت-ئايماقلارنىڭ ئىسمى-ناملىرىغا ئوخشايدىكەن. شۇڭلاشقا، ‹ئۇچ› سۆزىگە ‹تۇرپان›سۆزى قۇشۇلۇپ، ‹ئۇچتۇرپان› دەپ ئاتالغان ئىكەن»(15).بۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇچتۇرپان ئاھالىسىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مەلۇمات ھېسابلىنىدۇ.
1680- يىلى جۇڭغارلارسەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ، ئۇچتۇرپانمۇ باشقا يۇرتلارغا ئوخشاشلا جۇڭغارلارغا قارام بولغان. جۇڭغار خانلىقىغا سىۋان ئاراپتان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1698-1727-يىللار)، ئۇ 1713-يىللىرى ئەتراپىدا ئىلى تەۋەسىدە يەرتېرىش ئۈچۈن ئۇچ( ئۇچتۇرپان)،قارا شەھەر،ئاقسۇ،يەركەن قاتارلىق يەرلەردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئىلىغا كۆچۈرگەن، ئۇچلۇق ئۇيغۇرلارنى ئىلىغا كۆچۈرگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئورنىغا تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنى ئۇچقا كۆچۈرگەن(16). ئۇلار تۇرپاندىكى يۇرتلار بويىچە ئۇچنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ماكانلاشتۇرۇلغان(17) .
تەخمىنەن1720-يىللىرى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كىرىپ ئۇيغۇرلار رايۇنىنى تالىشىپ جۇڭغارلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان. بۇ چاغدا تۇرپاندىكى يەرلىك ئاقسۆڭەك ئېزىزخوجا جۇڭغارلار تەرەپكە ،ئىمىن خوجا ئىككى ئاكىسى بىلەن چىڭ سۇلالىسى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. چىڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرى تۇرپاننى ئىشغال قىلىپ، ئارقىدىن يەنە شەرققە چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، جۇڭغارلار لەشكەر تارتىپ كېلىپ تۇرپاننى يېڭىۋاشتىن ئىگىلىۋېلىپ، تۇرپان ئاھالىسىنى ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بېرىشقا زورلىغان. «جۇڭغارلارنى تىنچىتىش تەدبىرلىرى» دە خاتىرىلىنىشىچە، «(ئۇچتۇرپاننىڭ بېگى) غوجەش بەگنىڭ دادىسى ئېزىز خوجا ئەسلىدە تۇرپاننىڭ بېگى بولۇپ، كاڭشى يىللىرىدا زور قۇشۇن تۇرپانغا كىرگەندە ... جۇڭغارلار تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي زور قۇشۇن چېكىنىپ كەتكەندە سىۋان ئارابدان ئېزىز خوجىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ، تۇرپان، لۈكچۈندىكى ئۇيغۇرلارنى قارا شەھەرگە، يەنە ئۇچتۇرپانغا كۆچۈرگەن». «خان تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قارام بولغان مۇڭغۇل، ئۇيغۇر ۋاڭ-بەگلىرىنىڭ تەرجىمىھالى» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندىمۇ، تۇرپاننىڭ بېگى ئېزىز خوجا1720-يىلى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى تۇرپانغا يۈرۈش قىلىپ كىرگەندە «تەسلىم بولماستىن جۇڭغارلار يېرىگە كەتكەن. چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى چېكىنگەندە، سىۋان ئارابدان ئەسكەرچىقىرىپ تۇرپاندىكى نەچچە مىڭ تۈتۈننى تەھدىت سېلىپ قارا شەھەرگە كۆچۈرگەن.ئوتتۇرا يولدا 1000 دىن ئارتۇق تۈتۈن قېچىپ كېلىپ لۈكچۈنگە توپلانغان...». مۇشۇچاغدا ئۇچتۇرپانغا زادى قانچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچكەنلىكى ھەققىدە ھازىرغا قەدەرئېنىق مەلۇمات يوق. «جۇڭغارلارنى تىنچىتىش تەدبىرلىرى» دە دېيىلگىنى بۇيىچەبولغاندا، تەھدىتكە ئۇچراپ كۆچكەنلەر بىرقانچە مىڭ تۈتۈن، قېچىپ كەلگەنلىرى 1000تۈتۈندىن ئارتۇق بولغان. بىرقانچە مىڭ تۈتۈننى ئاز دېگەندىمۇ 3000 تۈتۈندىن ئارتۇق دەپ ھېسابلىغاندا، 1000 تۈتۈندىن ئارتۇقى قېچىپ كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئازدېگەندىمۇ 2000 تۈتۈن ئەتراپىدىكى ئاھالە ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بارغان(بىر تۈتۈن بىر ئائىلىنى كۆرسىتىدۇ). ئۇرۇش يىللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاسانلا چېچىلىپ كېتىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ھەربىر تۈتۈننى ئىككى نۇپۇس بۇيىچە ھېساپلىغاندىمۇ، تەخمىنەن 4000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بارغان(18).بۇئەلۋەتتە قىياسەن سان بولۇپ، ئەمەلىي سان بەلكىم بۇنىڭدىن پەرقلىق بولۇشى تەبىئىي.
1757-يىلى چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 1765-يىلى 2 - ئايدا چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى ۋە يەرلىك فېئودال بەگلەرنىڭ قاتمۇ قات زۇلمىغا چىدىمىغان ئۇچتۇرپان خەلقى رەھمىتۇللا بەگنىڭ تەشكىللىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار 6 ئايغىچە شەھەرنى مۇداپىئە قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىلىدىن بىر تۇمەن كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ كەلگەن، ھەتتا « ئۇچتۇرپان ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىرمۇ ئۇرۇقىنى قالدۇرماي، ئۇلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ يوقىتىش كېرەك» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن . ئەنە شۇ بۇيرۇق بويىچە قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن شەھەر ئىچىدىكى 2300 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلانغان. چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن خەلق ئۈستىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىپ، قورامىغا يەتكەن ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىغان، ئاجىز ياشانغانلار، ئاياللار ھەم بالىلار كوللېكتىپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ياش ئاياللارنىڭ بىر قىسىمى مەجبۇرىي تۈردە چېرىكىلەرگە خوتۇنلۇققا بېرىلگەن . نەتىجىدە 25 مىڭ نوپۇسلۇق ئۇچتۇرپان ئادەمسىز دېگۈدەك قالغان. 1766-،1767-يىللىرى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە يەركەندىن ئىبارەت توت شەھەردىن 708 ئائىلە ئۇچتۇرپانغا كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تەخمىنەن ئون يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆي – ئوچاقلىق بولۇشى بىلەن 110ئائىلە كۆپەيگەن (19). چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئۇچتۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى47 مىڭ 454 بولغان.
بۇ ھەقتە موللا مۇسا سايرامى «تارىخىي ھەمىدى» دە مۇنداق بايان بەرگەن: « مۇغۇلىستان مەمىلكىتى ئىچىدىكى شەھەرلەرنى ‹يەتتە شەھەر›دەپ ئاتاپتۇ. يەتتە شەھەر دىگەن كاشىغەر، ياركەنىت، خوتەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، كۇچار ۋە كونا تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن ئىبارەت»، «... خاقانى چىن بۇ شەھەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى ئۈچىنچى يىلى ئۇچتۇرپان ئەھلى خاقانى چىننىڭ ئەمرى ئىتائىتىدىن چىققان ئىكەن.خاقانى چىندىن ناھايىتى نۇرغۇن چېرىك كېلىپ، بۇ جاينى تەسەررۇپ قىلىپ،ئادەملىرىنى قەتلە ئام قىلىپ، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ ئاۋات قىلغان ئىكەن. شۇڭلاشقا، ھازىر بۇلارنى ‹كۆچمەن›دەپ ئاتايدۇ... شۇڭلاشقا بۇجايدىكى ئادەملەر بىرقانچە پىرقە ۋە چېچىلاڭغۇ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كاسىپ-ھۈنەرۋەنلىرى كەم، ئادەملىرى دىخان، يەر-زېمىنى ئوبدان، غەللە- ھاسىلى كەڭرى ۋەئەرزاندۇر...مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇچتۇرپاننىڭ غازات ۋە جەڭلەر كۆپ بولغان بىر جاي ئىكەنلىگى مەلۇم»(20).
17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۆپلىگەن قىرغىزلار توشقان دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ ، ھازىرقى ئۇچتۇرپان تەۋەسىدىكى يامانسۇدىن ئاقسايغىچە بولغان كەڭ رايوندا چارۋىچىلىق قىلغان. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغارلارنى تىنچىتقاندىن كېيىن، جۇڭغارلارھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا ئەنجان تەرەپلەرگە قېچىپ كەتكەن قىرغىزلار ئارقا −ئارقىدىن توشقان دەرياسى ۋادىسىغا قايتىپ كەلگەن(21). 1884-يىلى چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلغاندىن كېيىن ھازىرقى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، جۈملىدىن ئاقچى تەۋەسى ئۇچتۇرپانغا قارىغان. 1883-يىلى بويروتلاردىن (قىرغىزلاردىن) 80 نەچچە ئۆيلۈك كىشى روسىيە تەۋەسىدىن قايتىپ كېلىپ،ئۇچتۇرپاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، 1888 − يىلى ئىلىغا كۆچۈپ كەتكەن. 1916 − يىلى روسىيە تەۋەسىدىكى قازاق ۋە قىرغىزلار قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، ئالاھەزەل خېلى نۇرغۇن قىرغىز ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇچتۇرپان تەۋەسىدىكى قىرغىزلارنىڭ سانى كۆپەيگەن.
ئۇچتۇرپاندىكى خۇيزۇلار ئاساسەن چىڭ سۇلالىسى زامانىدىن باشلاپ شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق يەرلەردىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1954 − يىلى ئۇچتۇرپاندا 808 خۇيزۇ بار ئىدى. 1960 ~ 1962 − يىللاردا يەنە بىرقىسىم خۇيزۇلار ئىچكىرىدىن ئۇچتۇرپانغا كېلىپ ئورۇنلاشقان(22).
ئۇچتۇرپانداچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدە ئازراقلا خەنزۇ بولۇپ، 1950 − يىلى ناھىيە تەۋەسىدىكى خەنزۇلار 329 ئىدى. 1950 − يىللاردا، جۈملىدىن 1952 − يىلى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 359 − لۈيى 718 − تۇەنىنىڭ 1 − يىڭى يېڭىئاۋات يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشتى.1956 − يىلى 5 − ئاينىڭ 1 − كۈنى «غالبىيەت» دېھقانچىلىق مەيدانى بولۇپ قۇرۇلدى.1959 − يىلى 1 − ئاينىڭ 5 − كۈنى غالبىيەت 8 − مەيدانى دەپ ئاتالدى. 1969 − يىلى 8− ئاينىڭ 3 − كۈنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش − قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 − شىسى4 − تۇەنى بولۇپ تەشكىللەندى. 1960 − يىللاردىن كېيىن ھۆكۈمەت پىلانلىق تۈردە ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى، كەسىپ ئالماشتۇرغان خەنزۇ ھەربىيلەرنى ئۇچتۇرپانغا كېلىشكە سەپەرۋەر قىلدى ۋە تەقسىم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇچتۇرپاندىكى خەنزۇلار يىلدىن يىلغا كۆپەيدى(23).
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
(1)بەن گۇ: «خەننامە»، 916-بەت ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى12-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
(2)سىما چيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر»، 407- بەت ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987-يىلى9-ئاي ئۇيغۇرچە1- نەشرى.
(3)(6) (8) (9) (12) (14) «ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تەزكىرىسى»،89-90-91-691-692-693-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(4)ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق:«شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، 363-364-بەتلەر،مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىلى 11-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(5)ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:«ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» 160-161-162-بەتلەر،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى5-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(7)مەھمۇد كاشىغەرى:«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم 62-، 49-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(10) مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان:«تارىخىي رەشىدى»،712-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىل 9-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(11)موللا مىرسالىھ كاشىغەرى: «چىڭگىزنامە»، 150-154-بەتلەر، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 – يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(13)ئا. ن. كروپاتكىن: «قەشقەرىيە»، 290-بەت، سودا نەشىرىياتى 1982-يىلى خەنزۇچە1-نەشىرى.
(15)(20) موللا مۇسا سايرامى:«تارىخىي ھەمىدى»، 230-231- 637- 656 - 658- بەتلەر، مىللەتلەر نەشرىياتى1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
(16) «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى »،1-قىسىم374-بەت ،شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 1984-يىلى ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
(17) «‹غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرسى›گە شەرھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى 9-ئاي خەنزۇچە 1- نەشرى.
(18)سۇ بېيخەي، خۇاڭ جيەنخۇا:«تۇرپان، قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ تارىخى»،310 ـــ311-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(19) «ئۇيغۇرلار رايۇنى ئومۇمىي تەزكىرسى»، ۋېنخەي نەشرىياتى، تەيبېي 1965-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(21) (22) (23) «ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تەزكىرىسى»،696ـــ701-،1027ـــ 1028-، 1034ــ 1035-، 1043-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2007-يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
مەنبە: باغداش مۇنبىرى

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 19:47 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.178220 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش