تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 820|ئىنكاس: 0

مۇڭغۇلىيە قانداق مۇستەقىل بولغان ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
مۇختەر ئۇيغۇر
فەيسبۇك
تاشقى موڭغۇل مۇستەقىللىقى دېگەندە 1945-يىلى )مىنگونىڭ 34-يىلى( 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تاشقى موڭغۇلنىڭ جۇڭگودىن بۆلۈنۈپ مۇستەقىل بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تاشقى موڭغۇل بىلەن ئىچكى موڭغۇل ۋە ھازىرقى تاڭنۇ ئۇرانخەي رايونى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى ئىدى.
بۈگۈن تاشقى موڭغۇلنىڭ كۆپ قىسىم رايونى موڭغۇلىيەگە تەۋە، موڭغۇلىيە بىر مۇستەقىل دۆلەت. ئەمما تاڭنۇ ئورانخەي رايونى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسى، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قولىدا بولۇپ، كېيىنچە بىر قىسىمى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىغا قېتىۋېتىلگەن، يەنە بىر قىسىمى بولسا موڭغۇلىيەنىڭ خوسگول ئايمىقى ) Хөвсгөл аймаг(غا قېتىۋېتىلگەن.
1945-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن "جۇڭگو-سوۋېت دوستانە ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىنامىسى" تۈزۈپ، تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان.
1952-يىلى تەيۋەن ھۆكۈمىتى ب د ت دا سوۋېت ئىتتىپاقى "جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇق ئەھدىنامىسى" گە خىلاپ ھالدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن ھەمكارلاشتى دەپ سوۋېت ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
1961-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ب د ت مەجلىسى 1630-نومۇرلۇق قارار لايىھەسىنى ماقۇللىغان، موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ب د ت غا قاتناشقان.
تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى:
چىڭ سۇلالىسى دەۋرى
13-ئەسىردىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، موڭغۇلىيە موڭغۇل ئۇرۇقىنىڭ زېمىنلىرى بولۇپ كەلگەن؛ 13-ئەسىرنىڭ بېشىدا، موڭغۇللارنىڭ باشچىسى چىڭگىزخان بارلىق موڭغۇل ئۇرۇقلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، موڭغۇل ئىمپېرىيەسى قۇرۇپ چىققان. قوبىلايخان قۇرغان يۈەن سۇلالىسى ھازىرقى جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىمى، موڭغۇلىيە ئېگىزلىكى، تاشقى شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە، موڭغۇللار سەددىچىننىڭ شىمالىغا چېكىنىپ شىمالىي يۈەن ھاكىمىيىتى شەكلىدە مىڭ سۇلالىسى بىلەن تىركەشكەن. كېيىن مەيدانغا چىققان مانجۇ ھۆكۈمدارلىرى قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدىكى موڭغۇللار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەن ۋە چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان. قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ۋە غەربىدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ تەدرىجىي ھالدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن.
"تاشقى موڭغۇل" ۋە " ئىچكى موڭغۇل" دېگەن ئىبارە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە پەيدا بولغان. "ئىچكى موڭغۇل" دېگەندە ئىچكى جاساق )ياساق( تىكى موڭغۇللارنىڭ 49 خوشۇن، "تاشقى موڭغۇل" دېگەندە بەزىدە پەقەت خالخا موڭغۇللىرى ياكى تاشقى جاساقتىكى 86 خوشۇن كۆزدە تۇتۇلاتتى.
تاشقى موڭغۇلنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
1911-يىلى 7-ئايدا، تاشقى موڭغۇل مۇستەقىللىقىنىڭ تۇنجى تەشەببۇسچىسى تۇشتۇخان ئۇرۇقىنىڭ خانزادىسى كاڭدادورجى چاررۇسىيەنى زىيارەت قىلىپ، چاررۇسىيەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى تەدرىجىي گۇمران بولدى، كاڭدادورجى قاتارلىقلار پەيت كەلدى دەپ ئويلاشتى. 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، چاررۇسىيە، موڭغۇلىيە قوشۇنلىرى كۇلۇن )ھازىرقى ئۇلانباتور( دىكى چىڭ سۇلالىسى ۋەزىر يامولىنى قورشاپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ، كۇلۇن يامۇلىدىكى ۋەزىر ساندوجى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى موڭغۇلىيە چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ. 12-ئايدا، كاڭدادورجى، چېرىن مېچىت قاتارلىق تۆرە، لامالار كۇلۇندا مۇستەقىللىق جاكارلاپ، جىبتسۇندامبا خۇتۇغتۇنى پادىشاھ تىكلەپ، "بۈيۈك موڭغۇل ئېلى"Их Монгол улс( قۇرىدۇ. 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، جىبتسۇندامبا خۇتۇغتۇ ئۆزىنى "يورۇق خان" دەپ جاكارلايدۇ. بۇ مۇستەقىللىقنى ئەينى ۋاقىتىكى چىڭ ھۆكۈمىتى ۋە كېيىنكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
جىبتسۇندامبا خۇتۇغتۇ چاررۇسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، غەربكە ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇلياستاي ۋە خوۋدقا باستۇرۇپ بارىدۇ. موڭغۇل خوشۇنلىرى قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ، پەقەت خوۋدتىكى دۇربۇتخان غالجاننامچىل مۇستەقىل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خوۋدتىكى مەسلىھەتچى ۋەزىر ئەلچىلەرگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 1912-يىلى ماكسىرجاب ئەسكەر باشلاپ كېلىپ رۇس ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە خوۋدنى ئالىدۇ ۋە خوۋدتىكى مەسلىھەتچى ۋەزىر فۇ رۈن ۋە چىڭ ئارمىيەسىنى قوغلىۋىتىدۇ. مىنگونىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەنزۇ ئارمىيەسى ياردەمگە كەلگەن بولسىمۇ، يېرىم يولدا پىستىرمىغا ئۇچراپ قايتىدۇ.
مىنگو دەۋرى
1912-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاررۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كۇسوۋېسى كۇلۇندا جىنتسۇندامبا ھۆكۈمىتى بىلەن "چاررۇسىيە-موڭغۇلىيە كېلىشىمى" ۋە "چاررۇسىيە-موڭغۇلىيە مەخسۇس ماددىسى" ئىمزالايدۇ، چاررۇسىيە موڭغۇلىيەنىڭ ئاپتونومىيىسىنى ئېتىراپ قىلىش بەدىلىگە موڭغۇلىيەدە سودىدا باشقىلارنى يەكلەيدىغان ھوقۇققا ئېرىشىدۇ، جۇڭگونىڭ تاشقى موڭغۇلدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ.1913-يىلى چاررۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كۇپىنسكى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۈن باۋچى "جۇڭگو-چاررۇسىيە باياناتنامىسى" ۋە مەخسۇس كېلىشىملىرىنى ئىمزالايدۇ. جۇڭگو تاشقى موڭغۇلدا ئەسكەر تۇرغۇزمايدىغان، نوپۇس يۆتكىمەيدىغان، ئەمەلدار ئەۋەتمەيدىغان، تاشقى موڭغۇلنىڭ ئاپتونومىيەسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان "چاررۇسىيە-موڭغۇلىيە كېلىشىمى" ۋە مەخسۇس ماددىلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، بۇنىڭ بەدىلىگە چاررۇسىيە جۇڭگونىڭ تاشقى موڭغۇلدىكى ھاكىملىق ئورنى ۋە بۇ ئورۇندىن كېلىپ چىققان تۇغۇندى ھوقۇقلىرىنى، تاشقى موڭغۇلنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولىدۇ.
1917-يىلى چاررۇسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىدى، ھۆكۈمەت چاررۇسىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن تۈزگەن بارلىق شەرتنامىلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى داۋاملىق قوللىدى. سوۋېت رۇسىيەسى 1919-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
1919-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى بىلەن چاررۇسىيە ئاق ئارمىيەسى سوقۇشۇپ، تاشقى موڭغۇل قارانچۇقسىز قالدى. جۇڭخۇا مىنگو تاشقى موڭغۇلغا ئەسكەر چىقاردى ۋە ئىچكى كابىنېت ۋەزىرى مادبا دورجىنى تۇتۇپ، جىبتسۇندامبانى نەزەربەند قىلدى، "جۇڭگو رۇسىيە باياناتنامىسى" نى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى.
1919-يىلى چارۋىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان سۇخ باتۇر ۋە چويبالسان قاتارلىقلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسيۇنالنىڭ ياردىمىدە مۇستەقىل موڭغۇلىيە قۇردى. 1920-يىلى لېنىننىڭ ياردىمى بىلەن، سۇخ باتۇر ۋە چويبالسان قاتارلىقلار موڭغۇلىيە كومپارتىيەسى سانالغان موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى.
1920-يىلى جۇڭگو مىلىتارىستلىرى ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ كەتتى، موڭغۇلىيەدە مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ ئارمىيەسى قالمىغان ئىدى. 1921-يىلى ئاق ئورۇس ئارمىيەسى ياپونىيە كانتون ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە كۇلۇننى ئالدى. جۇڭگو ئارمىيەسى سېتىقچىلار شەھىرىگە بېكىنىپ، ئۇرۇشقا ھازىرلاندى. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، موڭغۇلىيە خەلق ئارمىيەسى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە سېتىقچىلار شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ بۇ يەردىكى جۇڭگولۇق ئەسكەرلەر ئۈستىدىن غالىب كەلدى.
1924-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى موڭغۇلىيەدە سوۋېتقا مايىل پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.
1924-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، سوۋېت 3-ئىنتېرناتسىيۇنالىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن، موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ كۇلۇننىڭ ئىسمىنى ئۇلانباتۇرغا ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە پايتەخت قىلدى. ئەمما بۇ جۇڭگو، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى.
چويبالسان رەھبەرلىكىدىكى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىمۇ سوۋېتچە ھاكىمىيەت قۇرۇلدى. جۇڭخۇا مىنگو شۇنىڭدىن كېيىن ياپونغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ تاشقى موڭغۇلىيەگە قارىيالمىدى، پەقەت 1928-يىلى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي چېگراسىدا سوۋېت ئارمىيەسى بىلەن كىچىك دائىرىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن باشقا جەڭ بولمىدى.
مۇستەقىللىق جەريانى
2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىنگو ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلارغا ئۇقتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تاشقى موڭغۇل ۋە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان "يالتا كېلىشىمى" ئىمزالىدى. بۇنىڭدا:
1.تاشقى موڭغۇل )موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى( نىڭ ھازىرقى ھالىتى ساقلىنىشى كېرەك؛
2.ساخالىن ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئاراللار سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلۇشى كېرەك......؛
3.كۇرلسكى ئاراللىرى سوۋېتقا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك؛ دېگەندەك مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن ئىدى.
سىتالىن جياڭ جىڭگو )جياڭ جېشىنىڭ چوڭ ئوغلى( غا : "ساڭا گەپنىڭ ئوچۇقىنى دېسەم، تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم ئالىمەن دەۋاتىمەن، ئەگەر بىر ھەربىي كۈچ تاشقى موڭغۇلىيەدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ، سىبىرىيە تۆمۈر يولىنى ئۈزۈۋەتسە، رۇسىيە تۈگىشىدۇ" دېگەن. بۇ ھەم ئۇنىڭ تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قەتئىي قوللىشىدىكى سەۋەب ئىدى.
1945-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا ياپونىيەگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 1 مىليون 500 مىڭ سوۋېت ئارمىيەسى موڭغۇلىيەدە يىغىلىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي، چاۋشيەن قاتارلىق جايلاردىكى كانتون ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قوزغىدى. تاشقى موڭغۇل سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىغا ياردەملەشتى ۋە ئىچكى موڭغۇلدا ياپون بىلەن قىلغان ئۇرۇشقا ئەسكەر ئەۋەتتى.
جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى موڭغۇل مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا، ستالىن تاشقى موڭغۇلنى "ئاللىقاچان خەلق جۇمھۇرىيىتى" بولۇپ قۇرۇلۇپ بولغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى، يەنى مۇستەقىللىقىنى ساقلاش كېرەك دەپ تۇرۇۋالغان. سۆھبەت باشلانغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمىدى، سىتالىن بولسا، تاشقى موڭغۇل مەسىلىسى ھەل بولمىسا كېلىشىم تۈزۈلمەيدۇ دەپ تۇرۇۋالىدۇ.
سۆھبەتتە جياڭ جىڭگو: خەلقىمىز چوقۇم بىزنى كەچۈرمەيدۇ، بۇنداق قىلساق بىزنىڭ خەلق ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتە قوپىدۇ"دەيدۇ.
سىتالىن: ئەگەر ياپونىلارنى ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ قوغلىۋەتكەن بولساڭ، بۇنداق تەلەپنى ئەلۋەتتە قويماس ئىدىم. ئەمما سەن بۇنچىلىك قۇدرىتىڭ يوق تۇرسا، بۇ سۆزلىرىڭنىڭ قۇرۇق گەپتىن نېمە پەرقى؟ دەيدۇ.
داۋاملىق تۈردە ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ جۇڭگو ئۇرۇش رايونىغا بولغان قوللىشىغا ئېرىشىش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ياردەم بېرىشى، شەرقىي شىمالدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتمەسلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىككى ئايلىق سۆھبەتتىن كېيىن، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى ماداراغا چۈشىدۇ. سۇڭ زېۋىن، ۋاڭ شىجىي قاتارلىقلار مىنگو ھۆكۈمىتى رەئىسى جياڭ جۇڭجىڭ )جياڭ جېشى شۇ( نىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن "جۇڭگو-سوۋېت دوستانە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى" نى ئىمزالايدۇ. بۇنىڭدا، سوۋېت ئارمىيەسى ياپون ئارمىيەسىنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، شەرقىي شىمالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش؛ شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق؛ جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ياردەم قىلماسلىق شەرتى بىلەن، ئادىل ئېلىپ بېرىلغان بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ئارقىلىق موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ، دېيىلگەن ئىدى. سۇڭ زېۋىن بۇنىڭغا قول قويۇشنى رەت قىلىپ دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدۇ، بۇ شەرتنامىگە ۋاڭ شىجيې قول قويىدۇ.
شۇ كۈنى، جۇڭگو-سوۋېت دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى نوتا ئالماشتۇرىدۇ:
ئا: جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى:
مىنىستىر جانابلىرى: تاشقى موڭغۇل خەلقى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ئىستىكىنى قايتا-قايتا ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شۇنى بايان قىلىدۇكى، ياپونىيە ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن، ئەگەر تاشقى موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسى بۇ مۇستەقىللىق ئىستىكىنى ئىسپاتلىيالىسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھازىرقى چېگرالار ئاساسىدا تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىلللىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
يۇقىرىقى بايانات مىنگونىڭ 34-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭگو-سوۋېت دوستانە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
مىنىستىرلىقىمىز جانابىي مىنىسترىغا ئالىي ئېھتىراملار بىلدۈرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە خەلق ھەيئىتىنىڭ مىنىستىرى مولوتوف.
جۇڭخۇا مىنگونىڭ 34-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى
مىلادى 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى
ب: سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى:
مىنىستىر جانابلىرى: تۆۋەندىكى نوتىنى دەلىللىدۇق. تاشقى موڭغۇل خەلقى مۇستەقىللىق ئىستىكىنى قايتا-قايتا ئىپادىلىگەنىلكى ئۈچۈن.
يۇقىرىقى بايانات، مىنگونىڭ 34-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭگو-سوۋېت دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە.
سوۋېت ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى نوتىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، رازى بولدى، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى)تاشقى موڭغۇل( نىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ.
مىنىستىرلىقىمىزمۇ مىنىستىر جانابلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ شىجيې.
مىلادى 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى
جۇڭخۇا مىنگونىڭ 34-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى
ۋاڭ شىجيې قايتقاندىن كېيىن بۇ شەرتنامە جۇڭگو سوۋېت چېگراسىنىڭ 30 يىل تىنچ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ دەيدۇ. 10-ئاينىڭ 20-كۈنى تاشقى موڭغۇلدا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، مىنگو ھۆكۈمىتىمۇ ۋەكىل ئەۋەتىپ بېلەت تاشلاشنى كۆرىدۇ. نەتىجىدە، %97.8 پۇقرا تاشقى موڭغۇلنىڭ جۇڭگودىن مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايدۇ. ب د ت ئەۋەتكەن كۆزەتكۈچىلەر بۇ نەتىجىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
1946-يىلى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ.
كېيىنچە مىنگو ھۆكۈمىتى: "سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەنى قوللىدى" دەپ موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدۇ، چىقارغان خەرىتىلىرىدە موڭغۇلىيەنى يەنىلا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلايدۇ. ئەمما بۇ ۋاقىتتا گومىنداڭچىلارنىڭ كۈچى قالمىغان ئىدى.
1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگۇ كومپاتىيسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنى قۇرۇدۇ، 10-ئاينىڭ 16-كۈنى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.
1961-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ب د ت كېڭىشى 1630-نومۇرلۇق قارار لايىھەسىنى ماقۇللاپ موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:33 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.222510 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش