تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 0

خىتايلارنىڭ سىياسىي پىراگراممىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
خىتايلارنىڭ تارىختىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسىي پىراگراممىلىرى
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 3مىڭ يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان مۇستەملىككە قىلىنغان ۋە باشقىلارنىڭ دۆلىتىنى مۇنقەرىز قىلىشتا قوللىنىدىغان ئۈسۈل چارىلىرى توۋەندىكىچە:
1. يىراقتىكىلەر بىلەن دوست بولۇپ ئاۋۋال يېقىندىكىلەرنى يوقىتىش.
2. قۇدەرتلىكلەرنى پارچىلاپ جېدەلگە سېلىش،ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاجىزغا ياردەم بېرىپ كۈچلۈكنى يوقتىش،ئاندىن قالغانلىرىنى قول سېلىپ بىر-بىرلەپ يوقىتىش.
3. قۇردىرەتلىك دۆلەتلەرگە قىز –خوتۇنلارنى ئېكىسپورت قىلىپ تۇغۇلغان بالىلارنى تايانچ خەلق قىلىش.بولۇپمۇ ھاكىميىەت ساھەسىدىكىلەرگە خوتۇن تارتۇق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ،سۈپەتلىك ئايال جاسۈسلارنى ئەۋەتىپ،تۇغۇلغان بالىلارنى ھاكىميەت تالىشىشقا كۈشكۈرتۇپ دۆلەتلەرنى پارچىلاش.
4. ھەممە ئائىلە ئۆز جامەتىنىڭ،زىيالىلار مىللەت-ۋەتەننىڭ تارىخىنى يېزىشنى توختۇتۇپ قويماسلىق، شۇ ئارقىلىق مىللىي دۆلەتنى ھوقوقنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق.
5. ھەر قانداق ئىدىيىۋى يېڭىلىقنىماھىيىتى مىللەتچىلىك بولغان ئەجدادىغا چوقۇنۇشدىنىغا تولۇقلىغۇچى قىلىپ قوبۇلقىلىش.ھەر قانداق شارائىتتا ئۆز ئىتقادىنىڭ دائىرىسىنى كىڭەيتسىمۇئۆزىنى قەتئى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك .
6. غورۇرسىز،نومۇسسىز،ئىتقاد-ئىرادىسى كۈچلۈك بولۇش.ھەر قانداق نەرسىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشغا رازى بولۇپ ھاكىميەت ئۈچۈن تېرىشىش.
7. قاتتىق قوللارغا چەكسىز يۇمشاق بولۇپ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ياكى پەيىت كۈتۈپ،پۇرسەت تېپىپ قول سېلىش.يۇمشاقلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۈزۇل كېسىل يوق قىلىش.
8. پىلاننى مۇكەممەل ھەم ۋاقىتنى ئىنتايىن ئۇزۈن قىلىش،ئۆزى قاتتىق سەۋرىچان بولۇپ ھەرىكەت قىلۋاتقانلىقىنى قارشى تەرەپكە ھىس قىلدۇرماسلىق،شەرتى ئادا بولغاندا بىراقلا قول سېلىش.
9. چەتتىن كەلگەن يات قەۋىمدىن بولغان،باشقىلاردىن نىكاھلىنىپ تۇغۇلغان ھەر قانداق كىشىنى قابىليەتلىك بولسىمۇ ھاكىميەتكە ئارلاشتۇرماسلىق.
10. ئۆز ئەجدادىغا قاراپ رەھبەر سايلاش.
11. ياتلاردىن دوسىت تاپماي تۇرۇپ ئۇلارغا قول سالماسلىق.
12. دېھقان ئەسكەرلەر بازىسى قۇرۇپ ۋەتىننى كېڭەيتىش.
13. قارشى چىققۇچىلارنى جەمەتى،دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن قوسۇپ قىرغىن قىلىش شۇ ئارقىلىق ئۇنداق ئىدىيىلىك كىشلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرتۇپ تشلاش ھەم باشقىلارنى قاتىق چۆچۈتۈش.
14. ياتلارنى ياتلار بىلەن باشقۇرۇپ،قارشىلىق نىشاننى بۇرىۋېتىش.
15. ياتلار ئارسىغا زىدىيەت سېلىپ ئۆزى تايانغۇچى بولىۋېلىش شۇ ئارقىلىق سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىش.
16. دۆلەت زېمىننى كېڭەيتىشنى مەڭگۈلۈك دۆلەتلىك سىياسىي ھەرىكەت نىشانى قىلىش.
17. ياتلارغا ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى بىلىمسىز،بۇزۇق،ياۋۇز كىشلەرنى باش قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش،ئۇلارنى ۋەيران قىلىش.
18. مۇستەملىكە قىلىنغان يەر –جاي ناملىرىنى خىتايچىگە ئالماشتۇرۇپ ياتلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئويغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
19. ئىقتىساد،مائارىپ،مەدەنىيەتنى ھەر قانداق شارائىتتا سېستىمىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي قولدىن بەرمەسلىك.
20. توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلارنى چېچىۋېتىش ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش.
21. ھەر خىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەرلىرىنى تارتىۋېلىش،ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىش يولى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى تارتىۋېلىش.
22. يەرلىك مىللەتلەرنى ئىلغار كەسىپلەردىن يىراقلاشتۇرۇش يولى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ،پەخىر غورۇرىدىن ئايرىپ تاشلاش ئارقىلىق،خىتايلاردىن ھىيقىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىش.
23. جاسۇسلارنى سىياسىي غەلبىنىڭ ئاساسىي قىلىپ چىڭ تۇتۇش.
24. ھەر قانداق جايدا توپلىشىپ بىرگە ياشاش ئارىلىق تىلى ،ئىتقادى،مەدەنيىتىنى ساقلاپ قېلىش.
25. يەرلىك مىللەت رايونلىرىغا خىتاي تۈسىدىكى يېڭى شەھەرلەرنى قۇرۇپ،يەرلىك مىللەتلەرنىڭ شەھەرلىرىنى ھەر جەھەتتىن ۋەيران قىلىش،ئۆزىنىڭ بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنيىتىنى شۇ تەرەققىي تاپقان شەھەرلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن تېز ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش.
26. ھەر تەرەپلىمە سىياسىي سۇيىقەستلەر ئارقىلىق مىللەتلەرنى قەبىلە،يۇرتلارنى ئاساس قىلغان بۆلۈنمىچىلىك ھەلەتتىكى تارىخىي چېكىنىش يولىغا باشلاپ،ئۇلارنى پارچىلاش.
27. زىيالىلارنى ،يولباشچىلارنى ،پۇلدارلارنى يوقىتىش ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي تەرەققىياتىنى بوغۇش.
خەنجەر تەييارلىدى.
مەنبە: ف ب


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:33 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.151875 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش