تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 863|ئىنكاس: 0

گىتلىر نىمە ئۈچۈن تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلمىغان؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

2016-05-27
(ﮪﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ)
ﺋﺎﺩﻭﻟﻒ ھىتلېر 2-ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯨﺸﯩﺪﺍ تۈركلەرگە ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ: «ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ھﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭىدۇ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﯩﻘﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ»
ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﻗﻪﻗﺮﯨﻤﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﮭﯘﺭ ﺩﺍﮪﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﻧﺎﭘﻮﻟﻴﻮﻥ ﺑﻮﻧﻮﭘﺎﺭﺗﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. «ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﮔﯚﺭۈﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ».
ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺗﯘﺭﻻ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻤﯘ ﻣﺎﮪﯩﺮﺩﯗﺭ. ﺑﯘ ﺗوﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﯞﯗﺳﺘﯩﺮﻳﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﺟﻮﺳﻪﭘﮭ ﯞﻭﻥ ﮪﺎﻣﻤﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ: «ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺋۆﺭۈﺵ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ 1-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺳﺘﺎزﻻرﺩﯨﻨﺪﯗﺭ».
ئەنگلىيە ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻟﻮﺭﺩ ﺑﻴﺮﻭﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ: «ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭽﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ يارىلىرىنى ﺗﯧﯖﯩﭗ، ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﮪﯩﺮﺩﯗﺭ! »
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻪ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﻥ-ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﺪﻩﻙ يۈزلىگەن بۈيۈك ﻣﻪﺭد ﯞﻩ جەسۇر ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ (1029-1072) بۈيۈك ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 2-ﮪﯚﻛۈﻣﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئوتتۇرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﺎﻧﺪﻭﻟﯘﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﺪﯗﺭ.
ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺩﯗﺩﯛﺩﻩﯞﻟﻪ ﺋﻪﺑﯘ ﺷﯘﺟﺎ ﻣﯘﮪﺎﻣﻤﻪﺩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ «ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮪﯚﻛۈﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺩﺍﯞﯗﺩ ﭼﺎﻏﺮﻯ ﺑﻪﮒ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 1-ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺗﯘﻏﺮﯗﻝ ﺑﻪﮒ(ﺭﯛﻛﻨﻪﺩﺩﯨﻦ ﺋﻪﺑﯘ ﺗﺎﻟﯩﭗ ﻣﯘﮪﺎﻣﻤﻪﺩ ﺗﯘﻏﺮﯗﻝ ﺑﻪﮒ ﺑﯩﻦ ﻣﯩﻜﺎﺋﯩﻞ 990-1063) ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺗﯘﻏﺮﯗﻝ ﺑﻪﮒ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﺎﺕ ﻧﺎﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
1064-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27-ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﻍ-دۇغىلىق ﺑﯩﺮ مۇراسىم ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 2-ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ بۈيۈك ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﯜﻝ ﻣﯜﻟﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺳﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ئۇيۇشتۇرىدۇ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻛﯩﻤﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ئەۋلادلىرىغا ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ 1065-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺷﻪﺭﻗﻘﻰ ﺭﯨﻢ ئىمپىرىيەسى(ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﻪﺳﻰ)ﻧﯩﯔ ﺯﯨﻤﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﯗﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﺮﻭﺯﻩﻧﻨﻰ ئىگىلەيدۇ، ﺋﺎﻣﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ھۆكۈمدارلارنى ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ بويسۇندۇرىدۇ. 1070-ﻳﯩﻠﻰ ئەزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﻰ، ﺳﯜﺭﯨﻴﻪﻧﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﻰ ئىگىلەپ، ﺗﺎ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺪﯗ. 1071-ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﮪﺎﻟﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘۈﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﭗ ئارسلان ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ كەلتۈرىدۇ. ﺑﯘ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﻥ-ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ كېيىن ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﻻﻧﻨﯩﯔ شۆھرىتى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-كۈنگە ﻗﯘﯞۋﯨﺘﻰ ئېشىۋاتقان ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯘﺩﯨﻜﻰ ﺯﯨﻤﯩﻨﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﻪﻝ-تۆكۈس ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ئىمپىرىيەسىنىڭ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻯ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺩﯨﺌﻮﮔﻨﻪﺱ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
1071-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ 200 ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻦ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﯨﻨﻰ مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەندىن ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺭﯨﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﻟﯩﻚ، ﺋﻪﺭﻣﻪﻥ، ﺭﯗﺱ، ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ ﯞﻩ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﮪﻪﺭﺑﻰ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﭗ، ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻳﺎﻧﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺷﻪﺭﻕ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﯨﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﮪﻼﺗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﺎﻓﺸﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺭﯨﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1-ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺟﻪﯓ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺭﯨﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ 1071-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24-ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﻻﺯﮔﯩﺮﺗﻘﺎ ﯞﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ئىگىلەپ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ 200 ﻣﯩﯔ ﺭﯨﻢ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ 50 ﻣﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﺎﻻﺯﮔﯩﺮﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﻓﺸﯩﻦ، ﺳﺎﯞﺗﺎﻛﯩﻦ، ﺳﯘﻧﺪﯗﻕ، ﺋﺎﻳﺘﻪﻛﯩﻦ، ﺗﺎﺭﺍﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﺋﺎﮪﻤﻪﺕ ﺷﺎﮪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ تەجرىبىلىك ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﭽﻪ ھەيئىتىنى ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ. ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ: «ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺕ، تىنچلىق ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ تۈزۈشنى ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﯓ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍد خەلىپىسىنىڭ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ مەقسىتىمىز، ﻗﺎﺭﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ».
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻯ ﺳﺎﻥ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ئۈستۈنلۈكى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ئىشەنگەن ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﻰ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ: «ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ئۈستۈنلۈك ﯞﻩ ﺑﯘ چەكسىز ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻢ. تىنچلىق ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ئىگىلىگەندىن كېيىنلا ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ دۆلەتلىرىگە ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻤﭽﻪ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﺎﻣﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻳﻤﻪﻥ».
ﮪﻪﻡ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺗﻪﻛﻪﺑﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﯩﺒﻨﯘﻝ ﻣﺎﮪﻠﻪﺑﺎﻧﺪﯨﻦ : «ﺋﯩﺴﻔﺎﮪﺎﻥ ﺷﻪﮪﺮﻯ ﮔﯜﺯﻩﻟﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﮪﻪﻣﻪﺩﺍﻧﻤﯘ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ.
ﺋﯩﺒﻨﯘﻝ ﻣﺎﮪﻠﻪﺑﺎﻥ: «ﺋﯩﺴﻔﺎﮪﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ: «ﮪﻪﻣﺪﺍﻧﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺳﻮﻏﺎﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺴﻔﺎﮪﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﺸﻨﻰ ئۆتكۈزىمىز. ﭼﺎﺭﯞﺍ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﻪﻣﺪﺍﻧﺪﺍ ﻗﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﯨﺪﯗ» ﺩﻩﻳﺪﯗ.
ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺧﻤﺎﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺒﻨﯘﻝ ﻣﺎﮪﻠﻪﺑﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ: «ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﯔ ﮪﻪﻣﺪﺍﻧﺪﺍ ﻗﯩﺸﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺩﻩ ﻗﯩﺸﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ».
ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺧﺎﻡ-ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺮﺍﻥ، ﺋﯩﺮﺍﻕ، ﺳﯘﺭﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﺘﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻪﺭﺕ ﯞﻩ ﺟﻪﺳﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯧﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﭽﻐﯩﻼ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﻥ´ﮔﻪﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯘﺷﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﻏﺎﺯﯨﺴﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﯚﻟﯘﻣﺎ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﻪﻱ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﯩﻢ، ﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯨﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﺳﺘﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﻗﯘﺷﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ، ﺑﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﯧﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯞﺍﮪﺘﯩﺪﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﯕﻪ ﯞﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻞ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺯﺍﻓﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯘﯕﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ » ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻐﺎ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﺎﻏﺪﺍﺕ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﯩﻔﻪﺳﻰ ﻛﺎﺋﯩﻢ ﺑﯩﺌﻪﻣﺮﯗﻟﻼﮪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﻛﯚﯕﯘﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﺎﻻﺯﮔﯩﺮﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﺋﺎﻧﻰ ﺗﻪﻳﺎﺭﻻﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﯞﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺩﯗﺋﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ: «ﺋﺎﻟﻼﮪﯩﻢ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻞ! ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﺯ ﯞﻩ ﺗﯘﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻞ! ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﻳﯧﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎ! ﻣﯘﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﺧﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﮪﯩﻦ-ﺷﻪﮪﯜﻝ ﺋﻪﺯﺍﻡ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎ! ﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺷﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻳﺎﻳﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﺍﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ! ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻨﻰ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﭽﻰ ﯞﻩ ﮪﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﮪﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎ! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯ! ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻟﻪﻛﻠﻪﺭ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻼ. ﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ، ﻏﻪﻟﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭ! ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﺍﮪﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﻣﺎﻝ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯘﯕﻐﺎ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﻥ، ﺋﻪﻱ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ، ﺟﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﭘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻳﻤﯘ؟ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺴﻪﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﻟﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﯖﻼﺭ ، ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﯔ. ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯗﯓ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺷﺘﻰ. ﺋﺎﻟﻼﮪﯩﻢ! ﺋﯘ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯗﯕﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﯩﻨﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ´ﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯨﻨﯩﯖﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﭽﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﯗﺯﮔﻪ ﺋﯘﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻧﻪﺳﯩﭙﻠﻪﻧﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺑﻮﻝ، ﻗﺎﺯﺍ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﻩﺭﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﺋﻪﺗﺘﯘﺭﮔﯩﻦ! ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻏﺪﯗﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﺪﯗﻏﯩﻨﻜﻰ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﺗﯜﺭﻟﯘﻙ ﮪﯩﻠﻪ-ﻣﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﻮﻏﺪﯗﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯘﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ،ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﺪﯨﺴﯘﻥ! ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﻨﻐﺎ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻞ! ﺷﯘﮪﻨﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯛﺷﻤﻪﯕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯘﺗﺴﺎﻝ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﻪ ﺯﻩﻓﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺭﻻﻧﺴﯘﻥ! ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﮔﯘﺭﯗﮪﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ، ﺗﯧﭽﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﺋﻪﻱ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺕ، ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻙ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺟﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ! ﺋﻪﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻚ ﻗﯩﻞ! ﺯﻩﻓﻪﺭﻟﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻟﻼﮪﯩﻢ! ﺋﯘﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭ ﯞﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﺋﻪﮔﺪﯗﺭ!»
1071-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26-ﻛﯜﻧﻰ (ﺟﯜﻣﻪ) ﺗﺎﯓ ﺳﻪﮪﻪﺭﺩﻩ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯘﺷﯘﭖ، ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯘﻛﯘﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: « ﺋﻪﻱ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮪﯩﻢ! ﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯩﻢ؛ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﮪﯘﺯﯗﺭﯗﯕﺪﺍ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﻣﺎﺷﯘ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﻳﯘﺭﯨﮕﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻞ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﯩﻤﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ، ﺑﯘ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ´ﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻝ ﯞﻩ ﻣﯩﻨﻰ ﻣﯘﺯﻩﻓﻔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﯩﻞ!»
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺱ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﺪﻩ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﻴﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﻴﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺘﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: « ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﺧﺘﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺳﺎﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﺧﻪﯞﯨﭗ-ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﻣﯩﻨﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺧﯟﺍﻝ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﻣﻪﻟﯩﻜﺸﺎﮪﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.»
ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ﯞﻩ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ ﮪﯩﭻ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ «ﺑﺎﺵ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ» ﺩﻩﻳﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺘﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: «ﺋﻪﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻢ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻢ! ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﺘﺎ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻛﯚﭘﻠﯘﻛﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﮪﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ؟ ﻣﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﯩﺪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺷﯘ ﭘﻪﻳﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﯞﯗﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﺩﻩ ﺷﯧﻴﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺷﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎﻣﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕﺴﯘﻥ. ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ، ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﮔﯘﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻳﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻳﻮﻕ . ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﻪﺩﻩﺱ ﺟﻪﯕﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯩﺰ!»
ﺑﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﯓ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ: «ﺋﻪﻱ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯔ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺳﻪﻥ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺑﯩﺰ ﺳﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ! ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻣﯘﺩﯨﯖﻨﻰ ﺋﺎﻗﻼﻳﻤﯩﺰ!» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯘﻟﯘﻕ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻼﺯﮔﯩﺮﺕ ﺟﯧﯖﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺯ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻐﯩﺪﺍ ﺗﻪﮔﺒﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﯗﮪﯩﻨﻰ ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺮﺍﺷﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮪﻪﺭﻛﻪﺕ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯞﯗﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﻮﻧﺎ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﺯﻗﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻛﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻏﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﯞﯗﺟﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺮﻩ-ﭘﯩﺮﻩﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﻏﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﯞﯗﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﻣﻮﻝ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻗﻮﺭﺷﺎﭖ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯓ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﯕﻨﯩﯔ ﺑﯩﺸﯩﺪﯨﻼ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺮﺍﻟﯩﻖ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭘﯘﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﺎﮪﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﺯ ﺋﯚﺭﯗﺷﻰ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯩﭽﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﻟﮕﯩﺮﻩﻛﻤﯩﮕﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﭼﯘﺷﯩﺪﯗ.
ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺩﯨﺌﻮﮔﻪﻧﻪﺱ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﮪﯧﭻ ﺧﻮﺭﻟﯩﻤﺎﻱ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﭽﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ: « ﺋﻪﻱ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘﻝ ﮪﻪﺟﻠﻪﭖ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﻪﻥ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ، ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﻢ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼۈﺷﺘﯘﻡ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺧﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻤﺎ. ﺋﯚﺗﯘﻧﯘﭖ ﻗﺎﻻﻱ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﺳﻪﯓ ﺋﯚﻟﺘۈﺭ.»
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ: «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ. ﺳﻪﻥ ﻣﯩﻨﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﯔ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ، ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭼﻠﯘﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ». ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ :«ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﯨﯔ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻛﺴﯩﻨﭽﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﯔ»
ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﺳﻪﻙ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯘﺯﻩﻳﺪﯗ.
1. ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﺩﻩﻟﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 1.5 ﻣﯩﻠﻠﯩﺌﻮﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ.
2. ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﻰ ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﮕﻪ 360 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﺎﺝ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ.
3. ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ﻗﻮﻳﯟﯨﺘﯩﺪﯗ.
4. ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﻰ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﭘﻪﻳﯩﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﻪﻟﺠﯘﻕ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
5. ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.
6. ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺋﯩﺴﺘﺎﻣﺒﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺘﺎﻛﻴﺎ، ﺋﯘﺭﻓﺎ، ﻣﻪﻧﺒﯩﭻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺱ ﺑﯘ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﺎﺭﻏﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯩﻜﮭﺎﺋﯩﻞ ﺩﯗﻛﺎﺳﻰ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻨﻮ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﯞﻩ 1072-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯞﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺭﻭﻣﺎﻧﻮﺳﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗۈﺯۈﻟﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﺎﻟﻼﺯﮔﯩﺮﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﺷﯚﻛﺮﯨﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﯞﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﯩﻼ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺎﺩﻭﻟﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻳﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯘﺭﯨﻴﻪﻧﻰ ﮪﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯘﭼﯩﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﻪﺳﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯘ ﻣﺎﻟﻼﺯﮔﯩﺮﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩﻗﻪﺩﯗﺭ.
ﻣﺎﻟﻼﺯﮔﯩﺮﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺭﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﻱ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﮪﯘﻛﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺷﻪﻣﺴﯜﻝ ﻣﯜﻟﯘﻙ ﻧﺎﺳﺮﺍﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ 200 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﯘﺭﯗﺷﺘﻪ ﺑﻪﺭﺯﻩﻥ ﻗﻪﻟﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﮪﺎﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺑﯘ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﻪﭖ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﻳﺪﯗ. ﻗﺎﭖ-ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﭼﯘﺷﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﮪﺎﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 3 ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﻏﯘﺯﻻﯞﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﺳﯘﻓﻨﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭙﻼ ﺗﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻧﺠﯩﻴﺪﯗ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻳﯘﺳﯘﻓﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﻗﻤﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻼ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯞﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺩﻩﻝ 1072-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ؛
ﺷﻪﻣﺴﯜﻝ ﻣﯜﻟﯘﻙ ﻧﺎﺳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﺎﺭﻩﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺑﻪﺭﺯﺍﻥ ﻗﻪﻟﻠﻪﺳﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ. ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯘﺳﯘﻓﻨﻰ ﺗﻪﻛﺘﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ-ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﺷﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﻳﺎﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﺳﯘﻓﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺩﻩﻝ ﻣﺎﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯘﺳﯘﻑ: “ﺋﻪﻱ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﻟﻪﻣﺪﺍ؟” ﺩﻩﭖ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﻰ ﮪﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺷﻜﯘﺯﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﻗﻴﺎﻧﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻕ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻕ ﺗﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻥ، ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﯕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﮪﯧﭻ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﮔﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﺧﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺗﯩﯖﯩﺮﻗﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯘﺳﯘﻑ ﺗﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙﻼ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺳﺎﻧﺠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ:
ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﻣﻪﻟﻪﻛﺸﺎﮪ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﻐﺎ ﺗﻪﺧﺘﻰ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﻧﯩﺰﺍﻣﯜﻝ ﻣﯜﻟﻚ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ. ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﮕﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮪﺎﻟﺴﯩﺰﻻﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻳﻪﻧﻰ 1072-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24-ﻛﯜﻧﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺋﯚﻟﯘﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ: «ﮪﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﻳﺘﯩﻢ. ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﯕﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﯩﺪﯨﻦ، ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﮪﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺗﻪﯞﺭﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﯚﻛﯘﻣﺪﺍﺭﯨﻤﻪﻥ، ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯩﻢ ﺗﻪﯓ ﻛﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺒﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯚﯕﻠﯘﻣﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ﮪﻪﻕ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺗﯚﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻢ ﻛﻪﭼﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.»
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺟﻪﺳﺴﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯘﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﯞﻩ ﻓﺎﮪﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﮪﯘﻧﻪﺭ-ﺳﻪﻧﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﯕﻪﻥ ﻣﻪﺟﯩﺪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.
ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻢ، ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﺎﮪﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘﻧﺪﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﻣﺎﮪﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ
ﺋﺎﺑﺎﺳﯩﻴﻪ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯚﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﺎﮪﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻗﯘﯞﻩﺗﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ «ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﯜﺭﻙ» ﻧﻰ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﭗ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻨﯩﯔ «ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻜﻰ، ﺑﯘ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ!» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻗﻪﺩﻩﺱ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﻣﻪﯕﯘ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﺴﯘﺭ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ مەنىۋىيىتىنىڭ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯘﻙ ﺗﯜﺭﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
2016-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ .
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﮪﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺗﻪﻛﯩﻦ ﺋﻮﻏﻠﯘﻧﯩﯔ «ﺳﻪﻟﺠﯘﻗﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﯞﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:37 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.246912 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش