تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 0

ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش كورپۇسىنىڭ تارىخى ۋە جايلىشىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش كورپۇسىنىڭ تارىخى ۋە جايلىشىشى
ئۈندىدار سالۇنىدىن ئېلىندىJahanname
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسى مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى ھوقۇققا ئىگە، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى دۆلەت تەرىپىدىن ئايرىم پىلانلىنىدۇ.
كورپۇسنىڭ پارتىيە ۋە باج ئىشلىرىنى ئاپتونوم رايون باشقۇرىدۇ.
مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، ئىقتىساد، مالىيە قاتارلىقلىرىنى بولسا مەركىزىي ھۆكۈمەت باشقۇرىدۇ ۋە قانۇنغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ مەمۇرىي، ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئۆزى بېجىرىدۇ.
ئىستاتىستىكىدا، كورپۇسنىڭ يەر كۆلىمى ۋە نوپۇسى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ (كورپۇسنىڭ تۆت شەھىرىدىن باشقا)، ئەمما ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم ھېسابلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سانلىق مەلۇماتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسىدا :-كورپۇس، دىۋىزىيە ۋە پولكتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بار. كورپۇس ۋە دىۋىزىيەدە 1-سىياسىي كومىسسار، سىياسىي كومىسسار، قوماندان ۋە دىۋىزىيە كوماندىرىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم رەھبەرلىك ئورنى تەسىس قىلىنغان.
كورپۇسنىڭ باش شىتابى ئۈرۈمچىدە، ئىلگىرى بىر مەزگىل شىخەنزىگە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، كېيىنچە يەنە ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
كورپۇسنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىكوم سېكىرتارى جاڭ چۈنشىيەن ئۆتىمەكتە. كورپۇسنىڭ پارتىكوم سېكرتارى، سىياسىي كومىسسارلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرتارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇلارنى مەركەز ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دەرىجىسى مەركىزى كومىتېت ھەيئىتى بولىدۇ.
كورپۇسنىڭ دىۋىزىيەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىيەت مەركەزلىرى بىلەن تەڭداش بولىدۇ، شۇ يەردىكى مەمۇرى مەھكىمە سېكرتارى دىۋىزىيەنىڭ 1-كومىسسارلىقىنى ئۆتەيدۇ. دىۋىزىيەدە ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس كومىسسار ۋە دىۋىزىيە كوماندىرلىرى بولىدۇ.
كورپۇسنىڭ پولك دەرىجىلىك بىرلىكلىرىدىن پولك مەيداندىن باشقا يەنە يېزا ئىگىلىك مەيدانى، چارۋىچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار، ئادەتتە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ "يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق پولك مەيدانلىرى" دەپ ئاتىلىدۇ، مەمۇرىي دەرىجىسى ناھىيە دەرىجىلىك. پولك مەيدانلىرى سان بىلەن ئىپادە قىلىنغان. تۆت دىۋىزىيەدە دىۋىزىيە-شەھەر بىر گەۋدىلىشىش تۈزۈمى قوللىنىلغان بولۇپ، شىخەنزە شەھىرى بىرىنچى بولۇپ قۇرۇلغان، ھازىر شىنجاڭدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر، كېيىنچە يەنە ئوتۇنكوزا شەھىرى، تۇمشۇق شەھىرى، ئارال شەھىرى قاتارلىقلار قۇرۇلدى.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسى خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1-دالا ئارمىيەسىنىڭ 1-كورپۇسى ۋە 22-كورپۇسىدىن كەسىپ ئالمىشىپ كەلگەنلەردۇر. نۆۋەتتە كورپۇستا 14دىۋىزىيە، 518 دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى، بار بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىگە چېچىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان پولك-مەيدان 37.
2010-يىلى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش كورپۇسنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 2 مىليون 330 مىڭ ئەراپىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 370 مىڭ ئەتراپىدا.
بۈگۈنكى كۈندە، كورپۇس نوپۇسى پۈتۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ 7\1نى، ئىشلەپچىقارغان ئاشلىقىنىڭ 5\1نى، پاختىسىنىڭ 5\2 ۋە پاختا يىپ، رەخت، قەنت قاتارلىقلىرىنىڭ 3\1نى ئىگىلەيدۇ. تاپشۇرغان بېجىنىڭ بولسا 5\1نى ئىگىلەيدۇ.
قۇرۇلۇش تارىخى
1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ئارقىدىن، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى 1-كورپۇسى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا كىرىدى.
1952-يىلى 2-ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسى ماۋ زېدۇڭ قوشۇننى تەرتىپكە سېلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى. 1953-يىلى 5-ئايدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە غەربىي شىمال ھەربىي رايونىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەت، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنى مۇداپىئە قىسمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قىسىمىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلدى. 2،6،5-ئارمىيەنىڭ كۆپ قىسىمى ۋە 22-كورپۇس پۈتۈنلەي ئىشلەپچىقىرىش قىسىمىغا ئايلىنىپ، 10 يېزا ئىگىلىك دىۋىزىيەسى، بىر قۇرۇلۇش-بىناكارلىق دىۋىزىيەسى، بىر قۇرۇلۇش-بىناكارلىق باشقارمىسى، بىر تىرانسپورت باشقارمىسى قىلىپ قۇرۇلدى، ئادەم سانى 100 مىڭ 550 ئادەم بولدى.
1954-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسى ۋە رەھبەرلىك ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسى دەپ ئاتايدىغانلىقى ھەققىدە بۇيرۇق چىقاردى. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئىش باشلىدى.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسىنىڭ قۇرغۇچىسى، يېڭى جۇڭگودىكى شىنجاڭدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ باشلامچىسى جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى 1-كورپۇسىنىڭ قوماندانى ۋاڭ جېن ۋە 22-كورپۇسنىڭ قوماندانى تاۋ سىيۆ. 1958-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە، مەملىكەت مىقىياسىدا ئېلىپ بېرىلغان "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش مەزگىلىدە، كورپۇس بوز يەر ئېچىش ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. 1961-يىلىدىن 1962-يلىغىچە مەركەز "تەڭشەش، پۇختىلاش، تولۇقلاش، يۇقىرى كۆتۈرۈش" دېگەن فاڭجىننى تۇرغۇزدى، كورپۇس ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات دەۋرىگە كىردى، دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا ماشىنىلىشىش، باغ-ۋارانلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشتى.
1975-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ج ك پ مەركىزى كومىتېتتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسى ۋە دىۋىزىيەلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئىلكىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنى يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.
1981-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، مەركەز "شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش كورپۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى قارار" نى چىقاردى. 1983-يىلىدىن كېيىن، كورپۇس ئىزچىل ھالدا ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، دېھقانچىلىق ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. 1990-يىلى كورپۇسنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى دۆلەتنىڭ مەخسۇس پىلانى بويىچە ماڭىدىغان بولدى. بۇ كورپۇسنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان تاشقى مۇھىت ياراتتى.
تارقىلىشى:
يېزا-ئىگىلىك 1-دىۋىزىيەسى: 1953-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى ئاقسۇ شەھىرىدە، ئارال شەھىرى بۇ دىۋىزىيەگە قاراشلىق. ئىلگىرى 1-كورپۇس 2-ئارمىيە پىيادىلەر5-دىۋىزىيەسى. دەسلەپكى جۇڭگو ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيەسى 2-يۆنىلىش ئارمىيەسى 6-بىرلەشمە ئارمىيەسى ۋە گومىنداڭنىڭ 18-ئىنقىلابىي گۇرۇپپىۋى ئارمىيەسى 120-دىۋىزىيە 359-برىگادىسىدۇر. "جىڭگاڭشەندە تۇغۇلۇپ، نەننىۋەندە يېتىلىپ، تۈمەن مىڭ يوللار بېسىپ، تەڭرىتاغدا بوز ئاچقان" لىقى بىلەن مەشھۇر.
يېزا ئىگىلىك2-دىۋىزىيەسى: 1953-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى كورلا شەھىرىدە، ئىلگىرىكى 1-كورپۇس 2-ئارمىيەنىڭ پىيادىلەر 6-دىۋىزىيەسىدۇر.
يېزا-ئىگىلىك3-دىۋىزىيەسى: 1966-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتىگە تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى قەشقەر شەھىرىدە، تۇمشۇق شەھىرى دىۋىزىيەگە قاراشلىق، ئىلگىرىكى 1-كورپۇس 5-ئارمىيە پىيادىلەر 14-دىۋىزىيەسىدۇر.
يېزا ئىگىلىك 4-دىۋىزىيەسى: 1953-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئىلى ۋىلايىتىگە تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى غۇلجا شەھىرىدە، ئىلگىرىكى 1-كورپۇس 5-پىيادىلەر ئارمىيەسى 15-دىۋىزىيەسىدۇر.
يېزا ئىگىلىك 5-دىۋىزىيەسى: 1953-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى بورتالا شەھىرىدە، ئىلگىرىكى 1-كورپۇس 6-پىيادىلەر ئارمىيەسى 16-دىۋىزىيەسىدۇر.
يېزا ئىگىلىك 6-دىۋىزىيەسى: 1953-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى ئوتۇنكوزا شەھىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن. ئىلگىرىكى 1-كورپۇس 6-پىيادىلەر ئارمىيەسى 17-دىۋىزىيەسى، يەنى غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ يېڭى 4-بىرىگادىسىدۇر.
يېزا ئىگىلىك 7-دىۋىزىيەسى: 1953-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى كۇيتۇن ئەتراپىغا تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى كۇيتۇن شەھىرىدە، كۇيتۇن شەھىرى شىمالىي يېڭى رايونى بۇ دىۋىزىيەگە قاراشلىق. ئىلگىرىكى 22-كورپۇس 9-ئارمىيە 25-دىۋىزىيەدۇر.
يېزا ئىگىلىك8-دىۋىزىيەسى: 1953-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى شىخەنزە شەھىرى ئەتراپىغا تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى شىخەنزە شەھىرىدە بولۇپ، شىخەنزە شەھىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن. ئىلگىرىكى 22-كورپۇس 9-ئارمىيە 26-دىۋىزىيەدۇر.
يېزا ئىگىلىك 9-دىۋىزىيەسى:1953-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىگە تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى ئالتاي شەھىرىنىڭ بەيتۈن بازىرىدا، ئىلگىرىكى 22-كورپۇسنىڭ ئاتلىق 7-دىۋىزىيەسىدۇر.
قۇرۇلۇش بىناكارلىق دىۋىزىيەسى: 1953-يىلى قۇرۇلغان، سانائەت، قۇرۇلۇشنى ئاساس قىلىدۇ، دىۋىزىيە شىتابى ئۈرۈمچىدە، ئىلگىرىكى جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەن قۇرلۇشچى قىسىمىدۇر.
يېزا ئىگىلىك 12-دىۋىزىيەسى: ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى دېھقانچىلىق مەيدانى باشقۇرۇش ئىدارىسى، 1983-يىلى قۇرۇلغان، 2001-يىلى ھازىرقى ئىسمغا ئۆزگەرتىلگەن، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى تەۋەسىگە تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى ئۈرۈمچى شەھىرىدە.
يېزا ئىگىلىك 13-دىۋىزىيەسى: ئەسلىدىكى قومۇل دېھقانچىلىق مەيدانى باشقۇرۇش ئىدارىسى، 1982-يىلى قۇرۇلغان، 2001-يىلى ھازرقى ئىسمغا ئۆزگەرتىلگەن. قومۇل ۋىلايىتىگە تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى قومۇل شەھىرىدە.
يېزا ئىگىلىك 14-دىۋىزىيەسى: ئەسلىدىكى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانى باشقۇرۇش ئىدارىسى، 1982-يىلى قۇرۇلغان، 2001-يىلى ھازىرقى ئىسىمغا ئۆزگەرتىلگەن، ئاساسلىقى خوتەن ۋىلايىتىگە تارقالغان، دىۋىزىيە شىتابى خوتەن شەھىرىدە.
222-پولك: 1959-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان، ئىلگىرىكى ئىشلەپچىقىرىش كورپۇسى دېھقانچىلىق 6-دىۋىزىيەسىنىڭ كادىرلار ئەترىتى، بوغدا كۆلى ئەتراپىغا جايلاشقان، پولك شىتابى بېيتىڭ بازىرىدا بولۇپ ئۈرۈمچى بىلەن ئارىلىقى 72 كىلومېتىر، تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭسەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بۇ پولك-مەيدانىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدۇ، قاتنىشى قولاي. پولكنىڭ يەر كۆلىمى 326 مىڭ مو. 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى 11 مىڭ 872، خىزمەتچىسى 2900 نەپەر. ئىشلەپچىقىرىش كورپۇسىدىكى بىردىن-بىر بىۋاسىتە قاراشلىق پولك-مەيدان.


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:44 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.144782 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش