تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2459|ئىنكاس: 0

(ھىكايە) قان ئىچىدىكى بوۋاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

5

يازما

93

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
93
(بارىنئىنقىلابىنىڭ 20 يىللىقىغا)
— بىزگە سىڭدۈرۈلگەن مەپكۈرە تۈپەيلى شۇنداق بىر خىلكەسكىن ئىشەنچ ۋە يا قاراشقا كەلگەنمىزكى، ئەر- ئايال، ياش قېرى، بوۋاق ياكى ئۆيھايۋانلىرىنى ئايرىپ ئولتۇرماستىن قارا- قويۇق ئېتىۋېرىشتىن ئىبارەت ۋەھشىيلىك پەقەت ياپونباسقۇنچىلىرىغا، جاھانگىرلارغا ۋە فاشىستلارغىلا خاس تەبىئەت بولۇپ، بۇنى«ئازادلىق ئارمىيە» نامى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتۇق...
— (جاڭ جۈنتاۋ[1]نىڭئادۋۇكاتىغا دېگەنلىرىدىن(
خىتايلاردا كەم بولۇۋاتقىنى ۋىجدان ۋە ئادالەت تۇيغۇسى.
— جاڭ جۈنتاۋنىڭئادۋۇكاتىنىڭ سۆزىدىن
—ھە،... كەلدىلىمۇ؟ ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن، — دېدى ئايال خۇپتەندىنقايتىپ كەلگەن ئېرى ئىشىكتىن كىرىشىگىلا، —بۇ كېچە نېم بولۇدۇغاندەك، مەخەتقارى، تېنچ ئۆتەمۇ، يا...؟ — دەپ سورىدىئارقىدىنلا.
تالادا ھىچقانداقئۈن-تىۋىش يوق ئىدى. بۇ جىملىق نورمال زامانلاردىمۇ ماناشۇنداقمىدى؟ ياكى كىشىلەر بولغۇسى بۈيۈك بىر غەۋغانى كۈتۈۋاتقاندا مانا شۇنداقتۇيۇلامدۇ، بىلىپ بولمايتى. ئىشقىلىپ بۇ جىملىق شۇنچىلىك يۈرەكنى سىقاتتىكى،ئۇندىن كۆرە ئالەمنى مالەم قىلىۋەتكۈدەك گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەن بولسا، دېگۈسىكېلەتتى. تېخى باھارنىڭ باشلىرى بولغاچقاكۆللەردە پاقىلارنىڭ كۇرۇلداشلىرىمۇ، چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرىمۇ ئاڭلانمايتى،بۇ ھال كېچىنىڭ جىم-جىتلىقىنى تېخىمۇ مۇكەممللەشتۈرۈپ، كىشىنى قورقۇتقۇدەك سۈرلۈك قىلىۋەتكەن ئىدى.
مورا بېشىدا ئىسچىقىرىپ يېنىپ تۇرغان جىن چىراق ئۆينى بەك غۇۋا يورۇتقاچقا، سىرتتىن كىرگەنئادەمگە دەرمەھەل بىرنېمە كۆرۈنمەيتى. مەخەتقارى شۇڭلاشقا دەرھال جاۋاپ بەرمىدىمۇياكى دەيدىغانلىرىنى ئوبدانراق ئويلىنىۋالماقچى بولدىمۇ، ئەيتاۋۇر ئىشىكتىلاتۇرۇپ، بىر-ئىككىمىنۇتچە غۇۋا قاراڭغۇلۇقتىكى كىچىككىنە ئۆيىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قاراپ تۇردى، كېيىن ئاستا سۇپا تەرەپكەسىلجىپ:
— ئاللاھ بىلىدۇ،ئاللاھ، — دېدى چوڭقۇر ھەسرەت يوشۇرۇنغان ئاۋازدا، — سادىسەن-دە، زىبىخان، سادىسەن،... زەيدىنقارىمنىڭ دېگەنلىرىنىئۇنتۇدۇڭما؟ شۇ خىتايلار يۇرتىمىزدا بولغان مۇددەتتە بىز خەققە تېچلىق بوممايدۇ،دېمەپمىدى؟ — جىن چىراقنىڭ يورۇقىدا ئۇلارنىڭ ھەرئىككىسىنى تۈزۈكرەك كۆرۈشكە ئىمكان يوقىدى. پەقەت ئاۋازلىرىدىنلا ياش ئەر-خوتۇنلار ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلغىلى بولاتتى. ئۆيمۇچىراقنىڭ ئىسى ياكى ھەمىشەمكى سامان ئوتىنىڭ تۈتەشلىرىدىن قارىداپ كەتكەندەك،تورۇستىكى ۋاسا بورىلىرى قارىداپ كەتكەن، ئىستىن ھاسىل بولۇدۇغان قارا تور ھەريەردە ئېسىلىپ تۇراتتى. ئۆي پاكار، شۈدىگەرلىكنىڭ چالمىسىدىنلا قوپۇرۇلغان تامدىنئىبارەت ئىدى. ھەر نەرسىدىن نامراتچىلىقنىڭ ئىزناسى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى.
ئاڭغىچە تەم-تىم ماڭغان ئوغلى سۇپىنى تۇتۇپ مېڭىپ كېلىپ، دادىسىنىڭپاچىقىغا ئېسىلدى.
مەخەتقارى بالىنىقولىغا ئالدى، ئاندىن سۇپىغا ئاۋايلاپقىنا ئولتۇرۇپ، ئوغلىنى تىزلىرى ئۈستىگەدەسسىتىپ تۇرۇپ، باغرىغا چىڭ باستى. شۇ بىر نەچچە ئېغىز سۆزدىن كېيىن ئارىغاچۆككەن جىملىقنى بالىنىڭ ئۆزىگە خاس چۈشۈنۈكسىز تىلىدا بىرنېمىلەرنى دېيىشىلابۇزۇپ تۇراتتى. ئەمما مەخەتقارى بۇلارنى ئاڭلىمايتى. ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئاللىنېمەمۇجۇپ تۇراتتى. خىياللىرى قالايمىقان، تەرتىپسىز ئويلار كاللىسىنى چولغىۋالغانئىدى. بالىنىڭ كۈچۈنۈپ تىپىرلىشى ۋە نارازىلىققا ھىساپقىلىشقا بولۇدۇغان ۋارقىرىشى بىلەنلا ئاندىن بالىنى باغرىغا باسقاندا بەك چىڭسىقىۋەتكىنىنى بىلدى. بۇ مەھكەم قۇچاغلاشتا ئاتىلىق سۆيگۈسى ئۈستۈن كېلەتتىمۇ ياكىقورقۇش ھىسسىمۇ؟ بىلىپ بولمايتى. ئاشۇ بۇدرۇق كىچىككىنە جاننىڭ نېمە بولۇشىھەققىدىكى قورقۇنۇچلۇق خىيال ئۈستۈنلۈكتەمىدى؟ ياكى ئاشۇ سۈنئىي ۋە ئەنسىزجىملىقنىڭ سەۋەپچىسى بولغان ھادىسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش تۇيغۇسى ئۈستۈنلۈكتىمىدى؟ بۇنىمۇئىلغا قىلىش تەس ئىدى.
ئۇ مەخەتقارىدېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قارى ئەمەس ئىدى. ئۇنى قارى قىلىش دادىسىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئوقۇش يىللىرىدا دىن بەكمۇ قاتتىقچەكلەنگەن زامانلار بولغاچقا، قارى بولماق تۈگۈل، ناماز ئوقۇغۇدەكمۇ ئىمكانىقالمىغان كىشىلەردىن كىم ئۇنىڭغا دەرس بېرىشكە پېتىنسۇن؟ ئۇ كىچىك چاغدىلا دادىسىناھىيە بازىرىدا شېھىت بولدى. بۇ يۇرتتا ئەزەلدىن شېھىت ئائىلىلىرى قەدىرلىنەتتى.گەرچە كوممۇنىست خىتايلار، ئۆتمۈشتىكى خىتايلاردىنمۇ ۋەھشىي، ئۆلگەنلەر ئۈچۈنھاياتلاردىن، ئۆلگەنلەرنىڭ بالىلىرىدىن ھىساپ ئالىدىغان دەرىجىدە شۇمپەن بولسىمۇ،شېھىتلەرنى »خەلقدۈشمىنى، ۋەتەن ساتقۇچ، بۇزۇق ئۇنسۇر،... « دەپ قارىلاپ،خەلققە يامان كۆرسۈتۈشكە تىرىشسىمۇ، قېنى پاكىز بۇ يېزا خەلقى يەنىلا شېھىتلەرنىبېشىدا كۆتۈرەتتى. شۇڭا كىچىك يىتىم قالغان مەخەتقارى يۇرتنىڭ بالىسى بولۇپ،كۆپنىڭ كۆيۈنۈشى ئاستىدا ئۆستى.
مەكتەپتە چالا-پۇلا ئوقۇدى، خەت-ساۋادى چىققاندەكمۇ بولدى، ئەمما ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭئوقۇغىنى خىتايلار چىقىرىپ بەرگەن يېڭى ئېلىپبە بولغاچقا، كېيىن يەنە ساۋاتسىزبولۇپ قالغان ئىدى.
سىياسەت بىرئازياخشىلاندى دېيىلگەن يىللاردىن كېيىن ئۇ ئىشتىن كېيىن كەچلىرى قارىلارغا بېرىپ،بىرئاز قۇرئان ساۋادىنى چىقاردى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى زەيدىنقارىنىڭ يۈرەكنىلەرزىگە سالىدىغان ۋەزلىرىگە ھېرىسمەن بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىلەيلەن سادىق مۇرتلارغا ئايلاندى. دىننىخېلى تۈزۈك چۈشۈنۈپ قالدى. ئېتىقادى رۇسلاندى. ئاللاھنىڭ بۇنچىلىك ھىدايەتكەئېرىشتۈرگىنى ئۈچۈن شۈكرانلىرى ھىساپسىز ئىدى. ئىلگىرىكى غەپلەتلىك كۈنلىرىگەنىسبەتەن كۆڭلى يورۇغان، نېمىشكە ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قىلىدىغان بولغان ئىدى. زەيدىنقارىنىڭ ساھابىلەر ھەققىدىكى تەسىرلىك ھىكايىلىرىدىنيۈرەكلىرى لەرزىگە كەلگەن ياش ئەر - خوتۇنلار جىمىكى ئۈمىد ئارزۇلىرىنىمۇجەسسەملىگەن ھالدا تۇنجى پەرزەنتى تۇغۇلىشى ھامان مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلائۇنىڭغا خالىد دېگەن ئىسىمنى قويۇشنى مۇۋاپىق تاپقان ئىدى. بەلكىم ئۇلار ئوغلىنىڭئاشۇ يېڭىلمەس ئىسلام سەركەردىسى خالىد ئىبنى ۋەلىدكە ئوخشاش يۇرتنىڭ بېشى،ئازاتلىق قوشۇنىمىزنىڭ سەردارى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىشقاندۇر.
زەيدىقارىمۇ ئۇنىڭئىخلاسمەنلىكىنى، جاپاغا چىداملىقلىقىنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا خېلى موھىم ئىشلارغائۇنى بۇيرۇيتى. زەيدىن يۈسۈپ سىياسىۋىيلىكى كۈچلۈك ۋەزلىرىنى باشلىغىلى بىر يىلدىنئاشقان، ئەڭ يېقىنلىرى ئىچىدە جىددىي قوزغۇلاڭ ھازىرلىقى ۋە پىلانى ئۈستىدەئىشلىمەكتە ئىدى. مەخەتقارى مانا شۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە بولغىنىدىن پەخىرلىنەتتى.ئۇنى قەشقەرگە بومبا ئۈچۈن چۆيۈندىن قاپاق شەكىللىك نەرسىلەرنى قۇيدۇرۇش، ئېلىپ كېلىشكەبۇيرىغاندا، ئۇمۇ ئۇستازنىڭ جامائەت فوندىنى ئاسراش روھىنى دوراپ، قەشقەرگە پىيادەبېرىپ، پىيادە كەلگەن، ھەتتا كۆتۈرەلمىگۈدەك يۈك بولمىسىلا، يېنىكرەك يۈكلەرنىمۇكۆتۈرۈپ پىيادە يۈرگەن ئىدى.
كېيىن ئىشەنچىلىكئائىلىلەردە پوروخ ئۈچۈن »شورى[2]« ئايرىش ئىشىئېلىپ بېرىلغاندا، مەخەتقارى ۋە ئايالى ئەڭ ئەۋەل ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. ئىشتىنكېلىپ، كېچىلىرى چىرىمدان قاينىتىپ، شورى ئايرىدى. شورى پوروخنىڭ ئەڭ ئاساسلىقماددىسى ئىدى. ئەمما ئۇلار بۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى، پەقەتپىشقەدەم ئوۋچىلار ئۆزىگە لازىملىق ئوقلىرىنى ئۆزلىرى ياسايدىغان بولغاچقا،قەدىمدىن كېلىۋاتقان بىر رېتسىپ بارىدى. رېتسىپقا كۆرە يۇلغۇن تۈۋىگە چۈشكەنچىرىمدان توپلۇنۇپ قازاندا قاينىتىلاتتى ياكى قوينىڭ قىغىنى كەتمەندە يوغان- يوغانقومۇرغاندا ئاستى قەۋەتلىرىدە ئاق چېچەكلىگەن يەرلىرى بولاتتى، مانا شۇ ئاقنەرسىلەر توپلانسىمۇ بولاتتى. ئاندىن ئەخلەت چاۋىرى سۈزۈۋېتىلىپ، ئاستىدىكى لايمۇئايرىۋېتىلىپ، سۈيى داۋاملىق قاينىتىلسا ئاق كىرىستال ھاسىل بولاتتى. مۇشۇسى شورىياكى شور دېيىلەتتى. ئاندىن بۇنى تارشا گۇگۇت ياسايدىغانلار ئىشلىتىدىغان گۇگۇت پوقى(گۇڭگۇرت) بىلەن ياغاچ كېپىكى (ھەرەكېپىكى — پوزەك)كەئارىلاشتۇرسا پوروخ بولاتتى. ئۇلار بۇنىڭ ئىچكىي قانۇنىيىتىنى بىلمىسىمۇ،بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت بويىچە ئىشلەيتى. ئۇستىلار بولسا ئارىلاشتۇرۇپ تەيياربولغان پوروختىن بىر چىمدىمنى ئالقىنىغا قويۇپ ئوت يېقىپ سىناپ باقاتتى. ئەگەرپورۇخ ئالقاندا ھىچقانداق قارا چېكىتلەر (شاخار) قالدۇرماستىن «ۋىش» قىلىپلا يېنىپيوقۇرىغا ئۆرلىسە بۇ ئەڭ ياخشى تەڭشەلگىنى بولاتتى. ئەگەر ئالقاننى كۆيدۈرۈپ،ئۇششاق قارا چېكىتلەر قالسا بۇنىسىنى «ياغىچى كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ» دېيىشەتتى ۋە بىرئاز شورى قاتاتتى.
ھەر ئاخشىمى بىرقازان قاينىتىپ تۇراتتى. ئوتۇن قىس ئىدى، سامان، كۆتىچەك،... دېگەندەك تېۋى يوقيېقىلغۇلار بىلەن بىر قازان قاينىتىپ، كىرىستال تۇتتۇرماق ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەممائۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى »ئاللاھرىزاسى ئۈچۈن! « دەپلا قىلاتتى.
ئۇلاردازەيدىنقارىغا ئاجايىپ ئىخلاس بارىدى. بۇ پەزىلەتلىك ئادەمگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى.ئۇلار ھەرگىز ساختا بىلىمدانلارچە »مۇشۇنچىلىكئىشلار بىلەن خىتايدەك بۈيۈك كۈچ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولامدۇ؟« دەپ سوراپئولتۇرمايتى. ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن دەپ يولغا ئاتلاندۇقمۇ، بولدى. ماڭغىنىمىزمۇ،ياتقىنىمىزمۇ ساۋاپ، جەڭدە ئۆلسەكمۇ، ئۇيقۇدا ئۆلسەكمۇ ئوخلاشلا ساۋاپ. چۈنكىئاللاھ ئىشىمىزنىڭ مېۋىسىگە قاراپ ئەمەس، نىيىتىمىزگە كۆرە ئەجىر بېرىدۇ، دېگەنگەشەكسىز ئىشىنەتتى. بۇ ئىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بىر پىلان ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشەتتى.پۈتۈن مەملىكەتتە بىر ھەركەت ئورتاقلىقى، ئىدىيە ئورتاقلىقى ئۈچۈن خىزمەتلەركېتىۋاتاتتى. بەزىدە تۇرپاندىن قەمەرىدددىن دېگەن بىرى كېلەتتى. كۇچادىنكېلىشەتتى. پىچاندىن كېلەتتى، خوتەندىن كېلەتتى. مەملىكەت مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتاكۆتۈرۈلۈدىغان بۇ ئىنقىلاپنىڭ رەھبىرى بولسا ئاشۇ ئاددىي-ساددە دىھقان زەيدىقارى ئىدى. ئۇمۇ قارى ئاتالغىنىبىلەن قارى ئەمەس، نە پەننىي مەكتەپتە، نە دىنىي ئوقۇشتا تۈزۈكرەك ئوقۇمىغانبولۇشىغا قارىماي، ئاللاھ سۆيگۈسى، ئاللاھنىڭ مۆمىن قۇللىرى بولغان مىللىتىگە،مۆمىنلەرگە تەۋە زېمىن بولغان ۋەتىنىگە مۇھەببىتىنىڭ ماگمىدەك ھارارىتىدىن ئەنەشۇنداق بۈيۈك ئىشقا جۈرئەت قىلىۋاتقان بىر ئىنسان ئىدى. تەشكىللەش تالانتى،جەزىبىدار نۇتۇق قابىلىيىتى، لېدىرغا خاس روھىي ئۈستۈنلۈك بىلەن كىشىلەرنى ھېيىقتۇرۇش كۈچى،نىيىتىگە كۆرە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىلتىپات قىلىنغان تەبىئىي تالانت ئىدى دېيىشلامۈمكىن.
ئىش تېخى خامئىدى. يەنە نەچچە يىللىق تەييارلىق دەۋرى بار ئىدى. ئەمما، دانىش موللامدەكئىماننى زەرگە ساتىدىغان مۇناپىقلارنىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن ئىش پاش بولۇپقالغاچقا، قولقوشتۇرۇپ تۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتكەندىن كۆرە، »يېتىپ قالغىچە، ئېتىپ قال «نى تاللىغان زەيدىنقارى، مەغلۇبىيەتلىكبۇ تاللاشتا ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەتئەتراپىدىكىلەر، دانىش موللام بىۋاسىتە بىلىدىغانلار بىلەنلا قارشىلىق كۆرسۈتۈپشېھىت بولۇشقا قارار قىلغان، باشقا كۈچلەرنى يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ، ئىلاجى بارساقلىنىپ قېلىشقا، كەلگۈسى ئىسيانلارنىڭ ئۇرۇقى بولۇشقا بۇيرىغان ئىدى.
مەخەتقارىلارنىڭئۆيى تۆۋەن ھويلا مەھەللىسىدە بولغاچقا يېزا مەركىزىگە يېقىن ئىدى. كۈندۈزىئادەملەر ئارىسىدا ئۇچۇرلار شىۋىر-شىۋىر يەكۈزۈلۈپتۇراتتى. خىتاي ساقچىلىرى مۇجاھىتلارنى قورشىۋالغان بولسا، كېيىن سىرتقى بىر ھالقابىلەن مۇجاھىتلار خىتاي ساقچىلىرىنى قورشىۋالغان ئىدى. ئىچىدىكى مۇجاھىتلار قولداياسالغان بومبىلىرىنىڭ پىلىكىگە ئوت يېقىپ، تامدىن ئارتىلدۇرۇپ سىرتقا ئاتاتتى. »گۇم!« قىلغان ھەيۋەتلىك پارتلىغان ئاۋازچىقاتتىيۇ، ئەمما ئۆلۈۋاتقان خىتايلارنىڭ »ئەييا- ئەييا«لىرى تۇيۇلمايتى؛ گۈمبۈرلەش ساداسى بىلەنلا بىر نەرسە ھۇشقۇيتۇپ ھاۋاغائۇچقانلىقى بىلىنەتتى.
مەخەتقارى ئۆزىنىڭ ئاشۇ قورشاۋدىكىلەر ئىچىدە بولمىغىنىغا، شۇلار بىلەن بىللە شېھىتبولمىغىنىغا ئىچى پۇشاتتى. ئەمما بۇ زەيدىنقارىنىڭ بۇيرۇقى ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتقېلىشىمۇ ئوخشاشلا موھىم ئىدى. ئەگەر ھايات قالالىسا،...
بىرمۇنچە ئادەم تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن يېزىلىقھۆكۈمەت ھويلىسىدا شېھىت بولغانىدى. بۇلارنىڭشېھىت بولىشى ۋاقىت مەسىلىسى ئىدى. قاچانلا بولمىسۇن شېھىت بولىشى ئېنىق ئىدى.چۈنكى ئوق ئاللىقاچان يايدىن چىققان ئىدى.
ئۇلارنىڭ شېھىت بولۇشتىن بىر قورقۇنچىسىيوق ئىدى. چۈنكى زەيدىن قارىنىڭ تەبلىغلىرىدىن شۇنى بىلەتتىكى، مۆمىن ئەگەر جىھاتقىلىپ ئۆلسە سوئال-سوراقسىزجەننەتكە كىرەتتى، مەڭگۈلۈك نىمەتلەردىن بەھرىمەن بولاتتى، ئۇ ئاللاھ نەزىرىدەشۇنچىلىك ئەتىۋارلىق بولاتتىكى، خالىغان كىشىلىرىدىن 70نى جەننەتكە ئېلىپ كىرىشكەھوقۇقلۇق بولاتتى. شۇڭا ئۆلۈمنىڭ قورققىدەك نېمىسى بار؟ ھايات قالسا تېخى ياخشى، تېخىمۇكۆپ ساۋاپلىق ئىش قىلىدۇ؛ ئۆلسە ئۇمۇ ياخشى، چۈنكى جەننەتكە كىرىدۇ.
يېڭىدىن توي قىلىپ، ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرگۈدەكمۇبولماي ئىككى يىل ئۆتكەن، يەنە ئۇزۇن- ئۇزۇن شېرىن كۈنلەر ئالدىدا بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇلاربۇنىڭغىمۇ ئۆكۈنۈپ كەتمەيتى. پەقەت بىر تاللا ئوغلى بارىدى، ئەمدىلا تەم-تىم ماڭغان بۇ بودرۇق بوۋاقنىڭ نېمە بولۇشى ئەندىشىگەسالاتتى. ئەمما دەرھاللا يەنە بۇنداق بىھۇدە پىكىرلەرنى ئۆزىدىن نېرى قىلىشقاتىرىشاتتى. چۈنكى ياراتقان ئاللاھ بار، ئۇ ھەممىنىڭ ئىگىسى، ئۆلمىسە چوڭ بولۇپقالىدۇ، ئۇلارمۇ شېھىتلەرنىڭ يىتىم قالغان بالىسى ئىدى، ئۆلمەي چوڭ بولدىغۇ؟ بىرەرمۆمىننىڭ كۆڭلىگە سالسا بېقىۋالار...ھەدىسلەردە: »بىر ئوبدان ئائىلىسى ۋە بالىلىرىنى تاشلاپ كېتىپتۇ،دېگەن پىتنىلەرگە قۇلاق سالماڭلار،... « دېيىلمىگەنمىدى؟
—بىردەم يامباشلىۋالاملا، مەخەتقارى؟ — سادىق ھەمراھىنىڭ پىچىرلىغاندەك ئۈندىشىبىلەن ئېسىگە كەلگەن مەخەتقارى، ئايالىنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنۇچ سالماسلىق ئۈچۈن،ئۆزىنى خاتىرىجەم كۆرسۈتۈشكە تىرىشىپ:
—شۇنداق قىلماي، ئەمىسە، —دېدى، — ئۇخلايمىز، ئانىسى، ئۇخلىماي نېمەبوپتىكەن؟
ئەمما ئۇنىڭغەشلىكى قورقۇنۇچتىن ئەمەس، بەلكى يېزا مەركىزىدىكى ئىشلارنىڭ ئويلۇغاندەكبولمىشىدىن ئىدى. بۇ غەشلىكتە ئۇزۇن زامان پەرۋىش قىلغان بىر ئىشنىڭ ئاز قالغاندابەرباد بولۇشىدا پەيدا بولۇدۇغانئىچى ئېچىشىش ھىسسى ياتاتتى؛ ھەممە ئىش جايىدا بولۇدۇغىنىغا ئىشىنىلگەن بىر ئىشنىڭئويلىمىغانلا بىر چاتاق بىلەن كۈتمىگەن نەتىجە بەرگىنىدە تۇغۇلۇدۇغان ئاچچىقبارىدى. مەخەتقارى ئايالى بىلەن كېچىلىرى ئۇخلىماي شورى قاينىتىپ ھازىرلىغان،كېيىن قەشقەردە مەشچىلەرگە قۇيدۇرۇپ كەلگەن چۆيۈن »قاپاق«لارغاقاچىلىغان ياكى كالتە-كالتەكېسىلگەن تۇربىلارغا قاچىلاپ، ئېغىزىغا ياغاچ قېقىپ ھازىرلانغان بومبىلىرىنىڭپەقەتلا ئاۋاز چىقىرىشتىن باشقىغا يارىمىشى يۈرەكنى مۇجاتتى. ئۇلار مەكتەپ يۈزىكۆرمىگەن، ئەسكەرلىك تەربىيىسى ئېلىشقا پۇرسىتى بولمىغان ساددا دىھقانلار تۇرسا،پوروخ بىلەن پارتىلىتىش قورالى ياسىسابولمىشىنى، پوروخنىڭ پەقەت ئوق ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟كاشكى بۇ مىللەتنىڭ بىلەرمەنلىرىدە ئاشۇنچىلىك جۈرئەت، ئاشۇنچىلىك روھ بولغان بولسا، ئۇلارغا قېتىلىپ، بىرەرئىلمىي مەسلىھەت بەرگەن بولسىچۇ؟ پوروخنىڭ ئەسلىدە پارتلىمايدىغانلىقىنى، پەقەتشىددەتلىك يېنىپ، گازغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، گاز ھەجمىنىڭ زىيادە كېڭىيىشىتۈپەيلىدىنلا سىقىلىشتىن پارتلاشقا ئوخشاش بۆسۈپ چىقىدىغانلىقىنى، يەنى بوشلۇققائىنتىلىش خۇسۇسىيىتى بولۇشىنى، شۇنداق ئىكەن، چۆيۈن قاپاقنى يېرىش ئەمەس، پەقەتلائاغزىغا قېقىلغان ياغاچنىلا ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن بولسا،...
مەخەتقارىنى غەشقىلىۋاتقىنى مانا شۇ ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە خىتاي جاللاتلىرىدىن بىر بۆلۈكىنىئۆلتۈرۈش ھىسابىغا ئاندىن شېھىت بولماي، بىكاردىن –بىكارغا، بىھۇدە قۇربان بولۇش ئىدى. گەرچە ئاللاھنىڭۋەدىسىگە كۆرە ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئەجرى كېمەيمىسىمۇ، يەنىلا كىشى قىلغانئەجرىنىڭ بوشقا كېتىۋاتقىنىنى، جېنىنىڭ ئەرزانقۇربانلىق بولۇشىنى كۆرسە چىدىيالمايدىغان گەپكەن!
***
گۈلدۈرمامىلىق شىددەتلىك يامغۇر ھارپىسىداھاۋا دىمىقلىشىپ، بوشلۇقنى نېمىدۇر قاماللىۋالغاندەك بىلىنىدىغۇ، بۇ كېچەپەۋقۇلئاددە بىر غەۋغاغا ھامىلىدەك، پۈتۈن جانلىقلار،دەريالار، سايلار، شۈدىگەرلىكنىڭ چالمىسىدىن ياسالغان ئەسكى ئۆيلەرمۇ، پۈتۈن جىسمىمىڭ كۆز ۋە قۇلاق بولۇپ، نىمىنىدۇركۈتۈۋاتقاندەك ئىدى.
يېڭىساردىن چىققان بىر قوشۇن ئاتۇشباغ كەنتىنى ئايلىنىپ، كۈسەن دەرياسىدىن ئۆتۈپ،گۈلباغ ۋە تاشمىلىق تەرەپتىن يېيىلىپ، جەنۇپ ۋە غەربىي جەنۇپتىن شىمالغاسىلجىماقتا ئىدى. ئوپال، بۆرىخىتايتەرەپلەردىنمۇ قارا چۆمۈلىلەردەك قىمىلدىغان سانسىز ئەسكەرنىڭ شەپىسى كېلەتتى.ئەمما، ئۇلار ئۇزاقتا بولغاچ بارىندىكى سۈنئىي جىملىقنى بۇزالمايتى.
***
ئىككى كۈندىن بېرىكى پارتلاش ۋە ئېتىشمائاۋازلىرىدىن كېيىن ئەتراپنى قاپلىغان قەۋرىستان جىملىقى كۈسەن ۋە گەز دەرياسى ئارىسىدىكى بۇ ۋادىنى قۇچىقىغا ئالغان ئىدى. گەزدەرياسىنىڭ كەڭ يېيىقلىرىدا پاخپىيىپ ئۆسكەن يۇلغۇن ۋە بالغۇنلار ئارىسىدا ئوۋقىلىشقا كۆنگەن مۈشۈكياپىلاقنىڭ ھوقۇلدىشىمۇ ئاڭلانمايتى. ئادەملەرنىڭ تۇيغۇسى بۇجىملىققا ئىشىنەلمەيۋاتقان يەردە، تەبىئەتنىڭ بۇ تۇيغۇن جانۋىرى قانداقمۇخاتىرىجەم بولالىسۇن؟ خۇددى كىشىلىك جەمىيىتىدە ياخشى ئىش قىلىپمۇ ياخشىبولالمايدىغان ئادەملەردەك، ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپبېرىدىغان بۇ جانۋارنىڭ »شۇملۇقنىڭسىمۋولى« دېيىلىپ، »ھۇقۇش« ئاتىلىشىمۇ ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان سانسىز ناھەقچىلىكلەردىنبىرى ئىدى. ئەگەر ئۇ راستىنلا شۇملۇقنىڭ سىمۋولى بولۇدۇغان بولسىدى، بۈگۈنكىدەككېچىدە توختىماستىن ھۇۋلىغان بولاتتى. ئەمما بۇ تۇيغۇن مەخلۇق قان ھىدىئېلىۋاتاتتى. ئىگىز كۆكتىن بېقىپ، كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئاشۇ توپا چىراي،يالاڭاياق يېزا كىشىلىرىنىڭ پاجىئەسىنى ئالدىن سېزىۋاتقاندەك، يا كۈسەن دەرياسىنىڭيوقۇرى تەرەپلىرىگە، چاتقال، زېرىقلارنىڭئارىسىغا،يا گەز دەرياسىنىڭ يوقۇرىسىدىكى تاغ ئارىلىرىغا كەتكەن، شۇ يەرلەردە بىرەر قىيانىڭيېرىقلىرىدا ئولتۇرۇپ، جىم-جىت،تېنچ - ئاسايىش كۈنلەرنى ئارزۇلاۋاتقاندەك قىلاتتى. چۈنكى، ئېتىشمىلار قىزىيدىغان بولسا ئۇنىڭ ئوۋ ئوبېكتلىرى مۆكۈنۈۋالمايتۇراتتىمۇ؟
ئىككى دەريائارىلىقىدىكى بۇ ۋادا يېقىنقى يېرىم ئەسىر ئىچىدە قانچىلىغان جەڭگە-جىدەللەرگە سەھنە بولدى؛ قانچە مىڭلىغان بىگۇناھئىنسانلارنىڭ قەتلىئاملىرىغا شاھىت بولدى؛ مىليون يىللاردىن بېرى توختىماي ئېقىپكېلىۋاتقان دەريا سۈيىگە قانمىغاندەك، ئەنە شۇ گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرىنىمۇ جىممىدەئۆزىگە سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتاتتى.
40-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوپال، تاشمىلىق، بارىنقاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان »ئويتاغئىنقىلابى«نىباشتىن كەچۈرگەن بۇ تۇپراق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئويۇنىغا قۇربان بولۇپ، مىڭلاپشېھىت بەرگەنىدى. پۇتلىرى يالاڭاياق، چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرۇدۇغان بۇكىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئانا تۇپراقتەكلا پاك،ئاپتاپتا كۆيۈپ قىزغۇچ قارامتۇللاشقان بەدەنلەرنىڭ ئىچىدىكى تومۇرلاردائابىكەۋسەردەك ئېسىل قان ئېقىپ تۇرغاچقا، زاتىدىن قۇللۇقنى تەن ئالمايتى. مىڭلارنىقۇربان بېرەتتى-يۇ،ئۈستى- ئۈستىگە مەغلۇبىيەتلەر بىلەن نەتىجىلىنىپ تۇرۇدۇغان ئىسيانلىرىنىداۋام قىلىۋېرەتتى.
ئاشۇ يىللاردىكى شېھىتلەرنىڭۋۇجۇدىدىن ئاققان پاك قانلاردىن يەنە يېڭى مۇجاھىدلار تۆرەلگەن ئىدى. كوممۇنىستئىستىلاسىنىڭ دەسلىۋىدە، ئۆزىمىزدىن بولغان مۇناپىقلارنىڭ »كوممۇنىزىم«نىسۈپەتلەشلىرىدىن سۈكۈتكە پاتقان بۇ يۇرتلار، ئانچە ئۆتمەيلا ئالدانغانلىقلىرىنىبىلىپ، 50 يىللارنىڭ باشلىرىدا يەنە بىر قېتىم ئىسيان تۇغى كۆتۈرۈشكەن ئىدى. ئۇچاغلاردا جاللات ۋاڭ جېننىڭ چىقارغان پەرمانىغا كۆرە بىر خىتاي ئەسكىرىنىڭ جېنىئۈچۈن بەش ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلەتتى. شۇنداق دېيىلگىنى بىلەن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھىسابىنىھىچكىم بىلمەيتى.
ئاللاھ يولىدا بېرىلگەن جاننىڭ، ئاققۇزغانقاننىڭ خاسىيىتى شۇ بولۇدۇكى، ھاياتلارنىڭ قانلىرى پاكلىنىدۇ. شېھىتلەرنىڭ ھەققىھۆرمىتى ئۈچۈن 70 يېقىنىنى جەننەتكە باشلىشىغا مەرھىمەت قىلىشقا ۋەدە قىلغانئاللاھ، ئاشۇ يېقىنلارنى جەننەتكە لايىق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى پاكلىغاچقا، يېڭى مۇجاھىتلار مەيدانغاكەلدى.
60 –يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ يۇرتنىڭ ئەركەكلىرى يەنە بىرقېتىم ئارا-كۈرجەكلىرىنىكۆتۈرۈپ، ئىسيان ئەتتى! ئاخىرى ئۈزۈلمىگەن يالغان ۋەدىلەر بىلەن بىللە ئاخىرىئۈزۈلمىگەن زۇلۇمغا »تۇر!« دەپ ۋارقىراش ئۈچۈن، قۇرۇق قولى بىلەن مىلتىققا قارشى چىقىشقانئىدى. ئۇلار ئاقتۇ ناھىيە بازىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، قوراللىق بۆلۈم ئامبارلىرىدىنقوراللارنى تالاشقا، ئاندىن قوراللىنىپ، ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىشقا،تاجاۋۇزچى خىتايلارغا زەربە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى جاكارلاشقائۇرۇنغان ئىدى. ئەنە شۇ چاغدىمۇ، خىتاي جاللاتلىرى دەرۋازىۋەن ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگەپىلىمۇت قۇرۇۋېلىپ، بۇ يالاڭتۆش دىھقانلارنى قارا-قويۇقلا ئوققا تۇتقان ئىدى. تۇپراق يەنە بىر قېتىمشېھىت قېنى بىلەن بويۇلۇپ، قىممىتى ئاشقان، شېھىت ئائىلىلىرى ۋە تىرىك قالغانغازىلارنىڭ قەلبىگە مىللىي نەپرەت تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىدى.
مەخەتقارىنىڭ دادىسى مانا شۇ قېتىمقىيۈزلىگەن شېھىتنىڭ بىرى ئىدى.
***
مانا شۇ زۇلمەتلىككېچىدە بارىننىڭ مەركىزىنى نىشانلاپ ئوغرىلاردەك تىمسىقىلاپ كېتىۋاتقان خىتايئەسكەرلىرى بارىن يېزىسىنىڭ چېگرىسىغا بارغانلىرىدا توختاشتى. ھۇجۇم مومېنتلىرىكۈتۈلەتتى.
ئەسكەرلەرنىڭئىچىدە خېنەننىڭ مەلۇم نامرات يېزىسىدىن كېلىپ، بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىنبېرى دالا ئارمىيە گازارمىسى (36 مىڭ قانچىنچى قىسىم ياكى 11-پولك) ئىچىدە ئاقموما يەپ ياتقان جاڭ جۈنتاۋ دېگەن ئەسكەرمۇ بار ئىدى. ئۇ ئەسلىدە نامرات يېزىسىدىنقۇتۇلۇشنىڭ بىرەر يولى بولۇپ قالار ھىچ بولمىغاندا ئۈچ يىل بىكارلىق مومايېۋالغىنىم قالار دېگەن ئۈمىتتە ئەسكەر بولغان ئىدى. بايراق جايلاردىن كەلگەنئەسكەرلەر بۇنداق نامرات يېزىدىن كەلگەنلەرنى ياراتمايتى. شۇڭا قوشۇن ئىچىدە ئۇنىڭتۈزۈكرەك دوستلىرىمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇنىڭ بىردىن بىر يېقىنى شياۋ جۇ ئىدى. ئۇجاڭ جۈنتاۋدەك ساددا يېزىلىق مىجەز ئەمەس، تىپىك خىتاي خاراكتېرىدىكى بىرى بولۇپ،بەك ھىلىگەر، پۇرسەتپەرەست، ئۆزىنى كۆرسۈتۈشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان، دائىم ئۆسۈشنى،ئەمەلدار بولۇشنىلا ئويلايدىغان بىرى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ جاڭ جۈنتاۋنىنېمىشكە ياقتۇرۇپ قالدىكىن، ئۇنىڭغا خېلى ئىچەكىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بەلكىمئۇ بۇ ساددا خىتايدىن بەزى چاغلاردا قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشنى ئويلىغاندۇر.خىتاي دېگەننىڭ ھىلىسى تولا نېمە، بىلىپ بولمايتى. شىياۋجۇ بىر يىل ئىچىدىلامۇئاۋىن ئۇنبېشى بولغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئىچكىي پىلانلىرىدىكى بىرىنچى قەدەم بولۇشىكېرەك.
جاڭ جۈنتاۋلارنىڭقىسىمى بارىن يېزىسى ئەتراپىغا يۆتكەپ كېلىنگەندە، ئۇلارغا پەقەت »جىددىي ۋەزىپە بار، تېز يىغىلىڭلار!« دېيىلگەن ئىدى. ئۇ كۆڭلىنىڭيېقىنلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش نىيىتىدە شىياۋجۇدىن پىچىرلاپ سورىدى:
— نىمىشلىقىدىنخەۋىرىڭ بارمۇ؟ بۇ تېنچ يەرلەردە نېمىمۇ بولاردى، دەيمەن.
— بەلكىم باردۇرياكى مانىۋېر بولۇشىمۇ مۈمكىن، ئۆزەڭگە پۇختا بول، خىزمەت كۆرسۈتۈشنىڭ ياخشىپۇرسىتى. ئەگەر مەن ئونبېشى بولۇپ قالسام مۇئاۋىنلىققا سېنى كۆرسۈتۈمەن؛ سەندىنچاتاق چىقسا ماڭىمۇ گەپ كېلىدۇ، چۈنكى سەن دېگەن مېنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىمدا،— دېدى شىياۋجۇ ئۇستۇلۇق بىلەن ئۆزىنى ئوخشۇتۇپ، — بەلكىم، — دېدى شىياۋجۇ ئۆزىنىڭھەممىدىن خەۋەردار ئەرباپلىقىنى كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن، — ماۋۇ ئايلامباش ئۇيغۇرخەق بەك يامان، چاتاق چىقارغان بولسا بەلكىم شۇلارنى تىنچىتقىلى بارامدۇق تېخى.
مانا ئەمدى ئۇلاربىر مەنزىلگە كېلىپ چىپپىدە توختىغانلىرىدا، نېمىشلىقىنى ئاڭقىرالماي تۇرغانلارغاكوماندىرلار يۈزلۈك بىرلىكلەر بويىچە ۋەزىپە ھەققىدە ئېنىقراق ئىزاھات بېرىدىغانۋاقىت بولغانىدى.
شىياۋجاڭ ۋەشىياۋجۇلارنىڭ يۈز بېشىسى سەپنىڭ ئالدىغا چىقتى:
— ئالدىمىزدىكى يېزىدا ئىنتايىن خەتەرلىك دۈشمەن بار،ھىلىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان. شۇڭا بېسىپ كىرگەندە ئەر ـ ئايال، ياش ـ قېرى دەپئايرىپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ رەھىمدىللىك قىلغۇچىلار دەرھال ئېتىپ تاشلىنىدۇ.جەسەتلەر ئارىسىدا ساق قالغانلار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەستايىدىل تەكشۈرۈشكېرەك. ئەگەر بىرەرسى ساق قالسا پىتنە تارقىتىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا تەسىريەتكۈزىدۇ ياكى چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ كەتسە، بۇ يەردە بولغانلارنى چەتئەل جاھانگىرلىرىغا سۆزلەپبېرىپ، جاھانگىرلارنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى تەشۋىقاتى ئۈچۈن دەسمى تېپىپ بېرىدۇ.شۇڭا بىرمۇ جاننىڭ ساق قېلىشىغا بولمايدۇ. كوماندىرلار مەسئۇل بولۇپ مەيداننىتەكشۈرىدۇ ۋە رەھىمدىللىك قىلىپ بىرەر جاننى ساق قالدۇرغانلار بولسا قاتتىقجازالىنىدۇ. بۇ ھەركەت جەريانىدا ئاتقان ئوقنىڭ، ئۆلتۈرۈلگەن جاننىڭ ھېسابى قىلىنمايدۇ. ئوقنىسىلەرگە ئېتىش ئۈچۈن بېرىۋاتىمىز، يېيىش ئۈچۈن ئەمەس!...[3]
جاڭ جۈنتاۋنىڭۋۇجۇدى شۇررىدە قىلىپ كەتتى. ئۇ يەنىلا ئىشىنەلمەيتى. بۇ ئوتتۇرۇلۇقتىكى بىر يېزىغانەدىن كېلىپ قالغان مۇنچە دۈشمەن؟ يا بۇ چېگرا بويى بولمىسا؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇيېزىلاردىكى ئۆيلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا, بولسا باردۇر 10 مىڭ نوپۇس؛ ئەمماخىل قوراللانغان يىگىرمە مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن بىلەن باستۇرۇپ بېرىشىمىزدىنقارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ خەتەرلىك دۈشمەنمۇ نېمە؟ جاھانگىرلار تەرىپىدىن زامانىۋىيقوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇلغان، ئۈستۈن ھەربىي سەۋىيەدىكى بىر قوشۇن بارمۇ تېخى!ۋاي تەڭرىم، ساق-سالامەت چىقالارمەنمىكىنە!؟
ئۇلار ھەر بىرقارىيىپ كۆرۈنگەن نەرسىگە قورال بەتلەپ يېزا ئۆيلىرىگە يېقىنلاپ كېتىۋاتقاندا، جاڭجۈنتاۋ يەنە بىر پۇرسەت تېپىپ، شىياۋجۇدىن سورىدى:
— قانداق بىرئىشتەك قىلىدۇ؟ مانىۋىرمىكەن؟
— ياق، پەرىزىمتوغرىكەن، ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئايلامباشلار چاتاق چىقىرىپتۇ. ھەقىقىي جەڭ بولۇدۇ،بىزگە ياخشى پۇرسەت، دېگىنىمدەك قىل،...
— بۇ كېتىشىمىزدىنقارىغاندا ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بەك ياماندەك قىلامدۇ، نېمە؟ ساق قالامدۇق يوق، شۇنىبى دېگىنە...
— ۋاي ئەخمەق،ئۇلاردا نېمە كۈچ بولاتتى؟ بولسا بېرى شۇ بىرنەچچە تال قورالى باردۇر،ساقچىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ئېلىۋاپتىكەن. ئۇندىن باشقا قولدا ياسالغان بومبىلىرىبارىمىش، ھاھا...
— ئەمىسەنىمانچىلا جىق قوشۇن بىلەن بۇ قەدەر ھەيۋەت بىلەن يۈرۈمەك؟
— ئۇلارنىڭيۈرىكىنى مۇجۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق سۈر كۆرسەتمەي بولمايدۇ! بولدى، ئەمدى ئۈنۈڭنى ئۆچەر، ئالدىڭغا قارا، ھەر بىر ئۆينى بىر دۈشمەنقەلئەسى بىل!
جاڭ جۈنتاۋ ھەمقورقاتتى، ھەم ھاياجانلىناتتى. قورقۇشى خىتاي بولغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي ئىچىدىنكېلىۋاتقان تۇغما سەزگۈ ئىدى؛ ھاياجىنى مەكتەپ دەرسلىكلىرى، جەمىيەتتىكى تەشۋىقاتۋە ئەسكەرلىكتىكى ئىدىيىۋىي قۇرۇلۇشلار نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، خەلق قەھرىمانىبولۇش، دوڭ سۇنرۇي، خۇاڭ جىژگۇاڭلاردەك ئۈلگە تىكلەش ئىستىكىنىڭ تېشىغا تېپىشىئىدى. خەلقنىڭ بەخت-سائادەتلىك ھاياتىنى قوغداشئۈچۈن مىڭ ئۆلۈشكە رازى بولۇش ھەققىدە ئۆگۈتۈلگەن ياكى شۇنىڭغا ۋەدە ئېلىنغانئىدى.
ئۇ ئۇرۇشكىنولىرىنى ئەسلەپ ئۆزىنى شۇلاردىكى قەھرىمان ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىگەسېلىشتۇراتتى ۋە چوقۇم شۇلاردەك خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلىشقا ئۆز-ئۆزىگە رىغبەت بېرەتتى. خەلق دۈشمەنلىرىگە رەھىمسىز بولۇش، خەلق مەنپەتىگە،ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە دەخلى تەرۇز قىلغان بۇ ئىسيانچىلارغا يۇمشاقبولماسلىققا ئۆز-ئۆزىنى ئاگاھلاندۇراتتى.
قىسىمنىڭ رەسمىيھوجۇمغا ئۆتۈشى بىلەنلا قەيەردىدۇر يەرنىڭ تېگىدىن كېلىۋاتقاندەك ماتۇر ئاۋازىكېلىشكە باشلىدى. بۇ يا تانكىنىڭ ماتۇرى ياكى تىك ئۇچار ئايروپلانلارنىڭ ماتۇرئاۋازى بولۇشى مۈمكىن ئىدى.
ئارقىدىن تۇنجىئوقلارمۇ ئېتىلىشقا باشلىدى. كېچىنىڭ سۈرلۈك جىملىقى تۇيۇقسىزلا بۇزۇلغان ئاشۇبىرىنچى دەقىقىدە شۇنداق بولۇشىنى بىلىدىغان تۇرۇپمۇ بۇ ياقتىكى خىتاي ئەسكەرلىرىچۆچۈپ كېتىشتى ۋە يۈرەكلىرى شىددەت بىلەن سالغىلى تۇردى.
»ۋاي توۋا، كىملەربىلەن توقۇنۇشتىكىنە؟ ئەڭ ئاۋالقى ئۆلۈم كىملەرنىڭ بېشىغا كەلدىكىنە؟« دېگەن خىياللارنى قىلىشتىن ئۆزىنىتۇتالمىغان جاڭ جۈنتاۋ، ئۆلۈم قورقۇنچىسىدا باياتىنقى ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىغان خەلققەھرىمانى بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ تىترەشكە باشلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ياقتا ئادەم قارىسىدەككۆرۈنۈپ كەتكەن بىر نەرسىگە ئىختىيارسىز ھالدا بىر تالاي ئوق ئۈزۈپ، قولىدىكىقورالنىڭ ئەمەلىي مەۋجۇتلۇقۇنى ھىس قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىگە مەدەت بەرمەكچى بولدى.
ئۇنىڭ تەرىپىدەئۇزاق بولمىغان ئارىلىقتا كېتىۋاتقان شىياۋجۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاپ:
— بىرەر ئادەمكۆرگەنمىدىڭ؟ نىم بولدى؟ — دەپ سورىدى. ئۇنىڭ ئۆز كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋەلدۈشمەن ئۆلتۈرگەن بولۇشىنى كۆرۈش ئارزۇسى بار ئىدى.
— بىلمەيمەن،ئادەمگە ئوخشاپ كەتتى....
—  شۇ تەرەپكە يېقىنلاش، دىققەتلىك بول، ئوقنىئايىما، چالا بولۇپ قېلىپ سېنى ئېتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن جىقراق ئوق ئېتىپ ئاندىنيېقىنلاش، — دېدى مۇئاۋىن ئونبېشى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ.
جاڭ جۈنتاۋنىڭجەنۇبىي سەپتە تۇنجى ئوقنى ئېتىشى بىلەن جاسارەتلەنگەن جۈرئەتسىز خىتاي لەشكەرلىرىھەر كۆرۈنگەن قارىغا ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. نورمالدا ئوقنىڭ ھىسابى قاتتىقتۇتۇلاتتى. ئۈچ يىل ئەسكەرلىك جەريانىدا ئۈچ ياكى بەش قېتىم رەسمىي ئېتىش مەشقىبولاتتى. بەزىدە ئۈچتالدىن، بەزىدە بەش تالدىن ئوق بېرىلەتتى. ئوق ئېتىش ھەركىمئۈچۈن جەلپكار بىر مەشغۇلات بولغانلىقى ئۈچۈن ھىچكىم خۇماردىن چىقمايتى. سورىقىيوق ئوق بولسا راسا ئېتىش ئارزۇسى ھەر ئەسكەردىلا ئەمەس، قورالغا ئۆگەنگەن ھەرئەركەكتە كۈچلۈك بولاتتى.
شۇنداق ئىكەنئەمدى ھىسابى قىلىنمايدىغان ئوق، سورىقى يوق جاھان بولسا كىممۇ ئاتمىسۇن؟كوممۇنىستلارنىڭ ھىچ سۆزى راست چىقمايدىغانغا كۆنۈپ قېلىشقاچقا تاكىيېنىدىكىلەردىن بىرىنچى ئوقنى ئاتمىغۇچە يەنىلا كۆڭۈل توختۇتالمىغاندەك بىر خىلروھىي ھالەت ھۆكۈمران ئىدى. ئەمدى كۆنۈۋېلىشتى. ئېتىش شاتلىقىدىن مەست بولۇشقانخىتايلارنىڭ ياغدۇرغان ئوقلىرىنىڭ زىچلىقىدىن بەزىدە دەرەخ شاخلىرى ئۇشتۇلۇپ، قارسىلداپچۈشەتتى. دەرەخ غوللىرىدا ساناقسىز ئوق ئىزلىرى قالماقتا ئىدى. ئاران ئىلىشىپتۇرغان دەرۋازىلارمۇ ئۆرۈلەتتى. ھەتتا پەخشى تاملار ئۈلگۈجە ئېتىلغان ئوقلارنىڭزىچلىقىدا توزانغا ئايلىنىپ، ئادەم ئاتلاپ ئۆتكۈدەك شورىلار ئېچىلاتتى.
نامرات يېزىدىنكەلگەن جاڭ جۈنتاۋ نابۇت بولۇۋاتقان دەل - دەرەخلەرگە قاراپ، ئەخمىقانە ھالداكۆڭلىدىن شۇنداق كەچۈردى: »ئەگەر بۇدەرەخلەردىن  تاۋۇت ياسىماقچى بولسا ئىچىدەقالغان سانسىزلىغان مىتال پارچىلىرىغا پۇتلۇشۇپ، بىچارە ياغاچچىنىڭ تىغى كېرەكتىنچىقىدۇ-دە!« ئەسلىدە ئۇنىڭ يېزىسىدا قېرى خىتايلارنىڭ قايغۇسىتاۋۇت ھازىرلاشتا بولۇپ، ياغاچ بەك قىممەت، بەك قىس بولغاچقا، تاۋۇتىنى ھازىرلاپقويالىغان قېرى خىتاي، بەختلىك خىتاي ھىساپلىناتتى. بۇ ئىش ئۇنىڭ بوۋىسى ئۆلۈدىغانچاغدا ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەچكە، ياغاچنىڭ قىممەتلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.
ئارقىدىن زىچئېتىلغان ئۈلگۈجە ئوقلار دەستىدىن بەزى ئاران تۇرغان ئەسكى تاملار »گۈلدۈر-غالاپ« قىلىپ يىقىلىشقا باشلىدى. ئوق تەككەن ھايۋانلارنىڭئىچىدە جېنى چىڭراق بولغان كالا-بۇقىلارنىڭئېچىنىشلىق بۆقىرەشلىرى ئومۇمىي غەۋغا، قىقاس-سۈرەنلەرگە قوشۇلۇپ كەتتى. تېمى ئۆرۈلگەن كاتەكلەردىن ئۇچۇپ چىققان توخۇلارئەنسىز ۋاقىلداپ، يېرىم ئۇچۇپ، يېرىم پالاقلاپ جان ھەلەكچىلىكىگە چۈشكەندە، بۇئەمدى يۈرەكلىرى بىرئاز توختىغان خىتاي ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئويۇن بولۇپ بەردى. ئۇلارقاراڭغۇلۇقتا بىر كۆرۈنۈپ، بىر كۆرۈنمەي قالىدىغان بۇ كىچىك جانۋارنى سوقۇۋېلىشبويىچە ئۈنسىز مۇسابىقە باشلىغاندەك بىر كەيپىيات بارلىققا كەلدى. بۇنچە ئەسكەرنىڭبەس-بەستە ئاتقان ئوقلىرىدا ئۆلمەي ساق قۇتۇلۇش مۈمكىنمىدى؟
تۇنجى ئۆيلەرگەبېسىپ كىرىشلەر، ئادەمگە قارىتىپ ئېتىشلارمۇ جاڭ جۈنتاۋنىڭ يېنىدىكىلەردەكۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئومۇمىي شاۋقۇنغا ئەمدى بالىلارنىڭ چىرقىراشلىرى، ئاياللارنىڭئاھ-زارى، ئەركەكلەرنىڭ ھەسرەتلىك نىداسى قوشۇلۇلغىلى تۇردى!
تۇنجى قېتىم ئوققاتۇتۇلۇپ، تاملىرى ھەرە كۆنۈكىدەك قىلىۋېتىلگەن ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەردەئۆلمەي چالا قالغان دۈشمەن بارمۇ يوق، تىنتىش باشلاندى. بىر - بىرلەپ سۈزگۈچتىنئۆتكۈزگەندەك تەكشۈرۈش كېرەك ئىدى. بولمىسا بىرەرسى تىرىك قالسا، چەتئەلگە قېچىپچىقىۋالسا بەختىيار سوتسيالىستىك جەمىيەتكە قارا سۇۋايدىغان تەشۋىقاتلار ئۈچۈنشاھىت بولۇشاتتى.
جاڭ جۈنتاۋ بىرئۆينىڭ مىڭلارچە ئوق تەككەنلىكتىن ئۈلگۈجىكىدىن ئاجرىلىپ، ئۆرۈلەيلا دەپ قالغانئىشىكىنى قاتتىق تېپىپ ئۆرۈۋېتىپ، ئۆيگە بىر دىسكا ئوقنى يەلپۈگۈچ شەكىللىكئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆتكۈر نۇرلۇق قول چىرىغىنى كىلاشىنكوفنىڭ سىتۋولى بىلەنپاراللېل تۇتقان ھالدا سانتىمۇ-سانتى كۈزىتىشكەباشلىدى.
سۇپىدا يالاڭتامبال كىيگەن ئۈستى ئوچۇق، ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر دىھقىنى قانغا مىلىنىپياتاتتى. ئۇنىڭ قولىدا قورال بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزىگە بىرەرسىنىڭ ھۇجۇمقىلىشىنى كۈتكەن ھازىرلىقتىكى بىرىدەكمۇ قىلمايتى. ئەكسىچە ئۈستىنى سېلىۋېتىپ،يېرىم يالىڭاچ ئۇخلاۋاتقانلىقى، تالادىكى تۇنجى سادالاردىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ، قاراپبېقىش ئۈچۈن ئۇخلاۋاتقان ئىچكىرىكى ئۆيدىن دالان ئۆيگە چىقىشىغىلا ئوق تېگىپسۇپىغا يىقىلغانلىقى ئېنىق بىلىنەتتى. ئوق تېگىپمۇ ئاز دېگەندە ئوتتۇز پاي ئوقتەككەندەك قىلاتتى. ئالدى تەرىپى تامامەن تىتىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئىچكىيئەزالىرىنىڭمۇ پارچە-پارچە بولۇپ، ئەتراپقا چاچراپكەتكىنىنى بىلگىلى بولاتتى.
جاڭ جۈنتاۋ شۇنچەقىزىققان، قورقۇپ تۇرۇۋاتسىمۇ قىزىقىشى گاھى-گاھى ئۈستۈن كېلىپ بىلىپ باققىسى كەلگەن دۈشمەن مۇشۇ بولغىيمىدى؟ ياكىبۇنىسى دۈشمەنلەر مەجبۇرىي تۈردە ئىشىكىنى ئېچىشقا زورلاپ كىرىۋالغان مۇشۇ ئۆينىڭبىگۇناھ ئىگىسىمىدى؟ ئۇنداقتا بۇ ئۆي ئىگىسىنى قورال كۈچى بىلەن زورلاپ، باستۇرۇپكىرىپ، بۇ ئۆينى ئۆزىگە دالدى قىلىۋالغان دۈشمەن نەدە؟
ئىككى تەرەپتەئىككى ئىشىك كۆرۈنەتتى. بۇ ئۆيلەر تىپىك جەنۇپ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆي پىچىمى بولۇپ،تالادىن دالان ئۆيگە كىرىلەتتى. ئاندىن ئۇنىڭدىن ئىككى تەرەپتىكى ئىككى ئۆيگەكىرىلەتتى. بۇلاردىن بىرى مىھمانخانا دېيىلىپ، قولىدا بارلار بىرئاز ياخشىراقياساپ قويۇدىغان ئۆي، يەنە بىر تەرەپتىكىسى ئاشخانا دېيىلىدىغان ئۆي، ئۇنىسىبارلىق كۈندىلىك پائالىيەتلەرنىڭ بولۇدۇغان يېرى ئىدى. ھەم تاماق ئېتىش، تاماقيېيىش، ھەتتا ئۆيدىكى ئاساسلىق بولمىغان ئەزالار ياتىدىغانغىچە. ئەگەر ئۆيدە ئاتا-ئانا (قېرىلار) بولسا مىھمانخانا ئۆيدە، ئوغۇل-كېلىن ئاشخانا ئۆيدە يېتىشاتتى. قىش كۈنلىرى ھەممە ئۆيگە ئوت يېقىپ ئىسسىتىشقاچامى بولمىغاچقا ھەممەيلەن بىر ئۆيكە قاپلىشىپ ياتاتتى. ياز ئايلىرىدا ھويلىدا،ئۆگزىدە يېتىشقىمۇ بولاتتى.
جاڭ جۈنتاۋدۈشمەننى ئىككى تەرەپتىكى ئۆيدە دەپ پەرەز قىلدى. شۇغىنىسى ھىچ تاۋۇش، تىرىك جانبارلىقىنى دەلىللەيدىغان سادا يوق ئىدى. بەلكىم ئۆلگەندۇر، بۇنچە ئوقتا ساق قالسامۇكەممەل بىر مۆجىزە بولمامدۇ، دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈرگەچ، شۇندىمۇ ئىھتىياتبىلەن قورالىنى بەتلەپ، چىرىقىنى قورالىنىڭ ستۋولى بىلەن پاراللېل تۇتۇپ، ئوڭتەرەپتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىدىن شىددەتلىك تېز ھەركەت بىلەن كىرىپ، چاققانلىق بىلەن ھەممەئەتراپنى يەلپۈگۈچ شەكىللىك كۈزۈتۈپ چىقتى. ئاندىن قارشىلىقنىڭ يوقلۇقىغا كۆزىيېتىپ، ئالدىرىمايراق، قايتىدىن تەپسىلىي تەكشۈردى. كۆردىكى، بۇ ئۆيدىمۇ ئۇلارغاتەسۋىرلەپ بېرىلگەن دۈشمەن يوق، ئەكسىچە بەش-ئالتە ياشلاردىكى نەۋرىسىنى باغرىغا بېسىۋالغان بىر موماي قان ئىچىدەياتاتتى. موماي ئۆز تېنى بىلەن نەۋرىسىنى قوغداشقا تىرىشىپ، ئۇنى دالدى قىلىپتۇرىۋالغىنى بىلىنەتتى. لېكىن نورمىسىز ئېتىلغان ئوقلار ئۇنىڭ ۋىجىك تېنىنى تىتما-تالاڭ قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلىرى كىچىك قىزنىڭ بېشىنىڭ يېرىمىنىئۇچۇرۇۋەتكەن، مېڭىسىنىڭ قېتىقى يۈزى تەرەپكە ئېقىپ چۈشكەن ئىدى!
جاڭ جۈنتاۋكۆڭلىنىڭ ئېلىشقىنىدىن بىرنەچچە قېتىم قۇرۇق قەي قىلىپ، بېشى پىررىدە قېيىپ، تامغايۆلۈنۈۋالدى. بۇ مەنزىرىگە تەكرار قاراشقا رەغدىمۇ، جۈرئىتىمۇ يوق ئىدى. مەسلەردەككالامپاي دەسسەپ، سەندىرەكلىگەنچە دالان ئۆيگە قايتىپ چىقتى. ئۇ ياقتىكى ئۆيدىمۇمانا شۇنداق »خەتەرلىك دۈشمەن« بولۇش ئىھتىمالى ئېنىق تۇراتتى.شۇنداق بولسىمۇ بۇ بىر ئۇرۇش ئىدى، كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ ياقتىكىسىدە راستىنلابىرنەچچە دۈشمەن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسا، ئارقامغا بۇرۇلۇشۇمغىلا بېشىمنىئۇچۇرىۋەتسە،...
شۇلارنى ئويلاپتېنى شۈركۈنۈپ كەتكەن جاڭ خىتاي يەنىلا چىداپ، بۇ ئۆيگىمۇ قارىۋېتىشكە قارارقىلدى. ئەمما ئۇنىڭدا ھازىر ھايات قورقۇنچى تۈگىگەندەك، ئەقلى قېتىپ قالغاندەكقىلاتتى. شۇڭا ئۇ قەدەر جىددىي پوزىتسىيىدە بولۇپ كەتمەستىن ئېرەڭسىمەيرەك كىردى.قورالىمۇ بەك جىددىي بەتلەكلىك ھالدا ئەمەس، يېرىم چۈشۈرۈلگەن ھالدا ئىدى. نېمەقىلىۋاتقىنىنى بەزەن ئاڭقىرىپ، بەزەن يەنە غەلىتە ئەقلىي تۇمان ئىچىدە يۈتتۈرۈپقويۇۋاتقاندەك قىلاتتى. قورالنى جىددىيەت بىلەن بەتلىمىدى-يۇ، قول چىرىقىنى بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپقا تۇتتى.
ئۇنىڭ كۆرگىنىبۆشۈك ئۈستىگە ئارتىلغانچە ئۆلۈپ قالغان بىر ئانا ئىدى. ئۆينىڭ دەرىزىلىرىدىنئوقلار ئۇچۇپ كىرىشكە باشلىغان ھامان، بۇ ئانا، ئانىلارغا بېغىشلانغان ئاشۇ چەكسىزپەرزەنت سۆيگۈسىدىن، ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، بالىسىنى قۇتقۇزۇش پىكرىگە كەلگىنى ۋەتېنى بىلەن بۆشۈكنى دالدا قىلىپ تۇرغاندا شېھىت بولغىنى بىر قاراشتىلا بىلىنىپتۇراتتى. كاشكى ئۇنىڭ ئاشۇ پىداكارلىقىغا تەسىرلىنىپ بولسىمۇ، تەقدىر ئۇنىڭبالىسىنى ئامان قالدۇرغان بولسىچۇ؟ بىر تەرىپى تىتىلىپ كەتكەن بۆشۈكنىڭ ئولتۇرۇپقالغىنىغا قاراپلا بالىنىڭ ئانىسىدىنمۇ بالدۇر ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئۇلاشقىنىنىجەزم قىلغىلى بولاتتى.
جاڭ جۈنتاۋبۇھالنى، بۇ »دۈشمەنلەر«نى كۆرگەندىنكېيىن، ئۆزىنىڭ رېئاللىقتا ياشاۋاتقىنى ياكى چۈش كۆرۈۋاتقىنىنى پەرق قىلالمايقالدى. بۇ بولۇۋاتقان ئىشلار ھىچ مۈمكىنسىز ئىشلار ئىدى. »خەلقنىڭ پارتىيىسى« بولغان كوممۇنىستلار، خەلقنىڭ قۇتقازغۇچىسى بولغانكوممۇنىستلار، خەلقنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۆزلىرىنىڭ غايىسى قىلغانكوممۇنىستلار، «خەلقنىڭ ئارمىيىسى» دېيىلگەن ئەسكەرلەر، «خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى»دەپ ئاتالغان بۇ قوشۇن بۇنداق قىلمايتى. شۇڭا بۇنى رېئاللىق دېيەلەمدۇ؟ بۇ چوقۇمقورقۇنۇچلۇق چۈش ئىدى. ئۇنىڭ ئالغان تەربىيىسىگە كۆرە پەقەت ياپون ئالۋاستىلىرى،جاھانگىرلارلا ئەنە شۇنداق ۋەھشىي ئىدى، ئەنە شۇلارلا ئەر-ئايال، قېرى - ياش، ھايۋان ياكى ئادەم دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي قىرغىن قىلاتتى.بۇنى قانداقمۇ »ئازاتلىق ئارمىيە« دەپ ئاتىلىدىغان خەلق ئەسكەرلىرىقىلسۇن؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى....
ئۇ ئۆيدىن چىقىپلاھويلىدا تامغا يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ماجالى كەتكەن، بۇ مەنزىرىلەرنىكۆرۈشكە ئەمدى تاقىتى يوق، ئەگەر يەنە مۇشۇنداق مەنزىرىنى كۆرسە ئېلىشىپ قالۇدۇغاندەكلائىدى....
***
تۆۋەن ھويلامەركەزدە بولغاچقا ئەڭ سىرتتىكى قورشاۋ ھالقىسىدا باشلانغان ئېتىشما ئاۋازلىرىخۇددى تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى. ئەمما ئۇيقۇدىن ياكى غەمئىچىدە ئۇخلىيالمىغانلار مۈگدەشلىرىدىن چۆچۈپ باش كۆتۈرگەنلىرىدە ئۇنچىلىكيىراقتىن ئېتىلغاندەك ئاڭلانمىدى.
مەخەتقارى ئايالىبىلەن يا گەپلىشەلمىدى، يا ئۇخلىيالمىدى. ھەر ئىككىسى بۇنداق تاتسىز مىنۇتلاردامىلىكە بولۇشقا ئاللاھ بەرگەن بۇدرۇق ئوغلى خالىد بىلەنلا ھەپىلىشىپ يېتىشتى.سۆزلەشكۈدەك نېمە بار دەيسىز. بۇ شۇنداق مىنۇتلارىدىكى، نېمە دەرىڭنى بىلمەيسەن.لەتىپە ئېيتىشاتتىمۇ؟ چاخچاقلىشاتتىمۇ؟ ئوينىشاتتىمۇ؟ ھەر ئىككىسى زىكرى تەسبىھئېيتىشنى ئەۋزەل كۆرگەندەك، بالىسىنى پەپىلىگەچ، ئېغىزلىرى شىۋىر-شىۋىر پىچىرلايتى.
ئۇلار ئويغاقبولغاچقا تۇنجى ئوق ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدىلا ئاڭلانغاندەك بولدى. بۇ بىرتال ئوقنىڭئەمەس، ئۈلگۈجە ئېتىلغان ئوقلارنىڭ ئاۋازى بولغاچقا، يۈرەكلەرنى شۈركەندۈرۈۋەتتى.مەخەتقارىنىڭ كۆڭلى دەرھال ئېغىر بىر مۇسىبەتنى تۇيغاندەك بولۇپ، يۈرىكى گۈپۈلدەپئۇرۇشقا باشلىدى. ئوق ئاۋازى يېزا مەركىزىدىن ئەمەس، سىرتىدىن ئاڭلاندى. بۇ دېمەك،سىرىتتىن يېزىغا قاراپ زور بىر قوشۇن كېلىۋاتقانلىقىدىن دالالەت ئىدى. ئۇ ئەمدىلائاخشامدىن بېرىقى جىملىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندى ۋە ئىختىيارىدىن تاشقىرى دەھشەتبېسىپ كەتتى. ئەسلىدە خىتايلار زور كۈچ ئىشلىتىپ قىلىدىغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن، يېزامەركىزىنى قورشىۋالغان ساقچىلىرىنى چېكىندۈرىۋەتكەن، قارشى تەرەپتە ھەركەتبولمىغاچقا مۇجاھىتلارمۇ بىكاردىن ئوق ئېتىپ يۈرمىگەن! جىملىقنىڭ سەۋەبى مانا بۇئىكەن ئەمەسمۇ!
بۇ قېتىمقىسىئوينۇشۇدۇغان ئىش ئەمەسلىكى مانا مەن دەپ تۇراتتى. خىتاي ئۇنداق مۆكۈشمەك ئويناشنىئۇزاققا سوزمايتى. مىڭ پاتمان ئېغىرلىق بىلەن بىرلا بېسىپ، مىجىقىنى چىقىرىۋېتىشئۇسۇلىنى ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتقىنى ئېنىق ئىدى. ئەمدى بۇ قۇربانلىقنىڭ چېكى زادىقانداق بولار؟ مانا شۇنداق ئولتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتمەكتىنمۇ تەس ئىش يوق. ۋاقىتنىڭئاستىلىقى، گويا ئۆمۈر كېتىۋاتقاندەك. بالىنىڭ قەغىش قىلىپ ئۇخلىمىشى،... ئەر-خوتۇن ئارىسىدا خۇددى ئۇرۇشۇپ قالغاندەك گەپنىڭ قولاشمىشى،... بۇنىڭدىنمۇئېغىرراقى بولماس. كاشكى شۇ بولۇدۇغان ئىش بولۇپلا كەتسە، بىراقلا قۇتۇلسام دېگۈسىكېلەتتى.
مانا شۇنداقيۈرەكنى سىققۇچى كەيپىيات ئىچىدىكى كۈتۈشتە قانچىلىك ۋاقتى ئۆتتىكىن؟ بەلكىم تاڭسەھەر بولۇپ قالغاندۇر، نېمىلىكى بولمىسۇن، مەخەتقارى ناماز ئوقۇش بىلەن بىرئازۋاقىت كەچۈرمەكچى بولدى. يېرىم كېچىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بامداتۋاقتى بولغاندۇر بەلكىم، دەپ، بىرنەچچە رەكئەت نەفىل ناماز ئوقۇپ بولۇپ، بامداتنىڭسۈننىتىنى ئوقۇدى ۋە تېخىچە بالا بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرغان ئايالىغا:
— نېمىلابولمىسۇن، نامازنى ئوقۇۋالىلى زىبىخان، ئوغاق ئوتتۇراپ ناماز ۋاقتىنىئۆتكۈزۈۋەتمەيلى، يەنە. قويۇڭلا، بالىنى، بالا دېگەن بىردەم يىغلاپ تۇرسا ھېچنېمەبوممايدا، — دېدى.
ئايالى تاھارەتئالغىلى ھويلىغا چىقىپ كىرگەندە كالپۇكلىرى بەزگەكتەك تىترەپ تۇرۇپ:
— نىمىشتۇ بۇ،مەخەتقارى، قىيامەتمۇ بۇ؟ ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان يورۇق شوينىلانى دەيمىنا؟ نىمانداقجىق!؟.... —دېدى. ئۇنىڭ دېگىنى يىپتەك ئىز قالدۇرۇپ ئۇچۇۋاتقان سانسىز ئوقلارئىدى. مەخەتقارى ئۇنىڭدىن جىقراق نەرسىنى بىلىپ تۇرۇۋاتسا، بۇ گەپنىڭ يېڭى بىرتەسىرى بولارمىدى؟
— بىسمىللا دەپنامىزىڭلانى ئوقۇڭلا، خوتۇن، ئاللاھ با... —دېدى ئۇ ۋەزىيەت ھەققىدە ئىشەشسىزلىكبىلەن.
— بىر يەرگە قېچىپكېتەملىيا؟...
— ساراڭمۇ سەن؟قېچىپ نەگىمۇ بارامەن؟ قاچسام گۇنايىم با دېگىنىم بولۇدۇ شۇ، ئۇنىڭدىن كۆرەتۇرۇۋەسەم ياخشىراق، ئاللاھ ساقلىسا ھىچ ئىش بوممايدا،....
— ئاللاھ ساقلا،ئەممازە،... قاراپ تۇرۇپ ئۆلەمنى ساقلىغاندىن دەيمىنا،...
— بولدى،نامىزىڭلىنى ئوقۇڭلا،...
ئەسلىدە،مەخەتقارىدا بامداتقىچە ساق قېلىشىغىمۇ ئىشەنچ تۈگەپ كېتىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇمۇشۇنچىلىك چېغىمىزدا ئاخىرقى نامىزىمىزنى بولسىمۇ قازاسىز ئوقۇۋالىلى، دەپئويلاپ، نامازنى ئوقۇۋەرگەن ئىدى. بەلكىم بىرئاز بالدۇر بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئەممائوقۇۋالغىنى ياخشى بولغاندۇر بەلكى.
بۇ ۋاقىتتا ئوقئاۋازلىرى يېقىنلاپ قالدى. مەخەتقارى ئاۋازلاردىكى جىددىيلىك، پەسىيىش، يېقىنلاشقاتارلىقلارغا قاراپ، دىھقانلارچە »كۆزچەن«بىلەن ئۇلارنىڭ يېزا مەركىزىنى باسقانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغان ئىدى.ئەمدى ئېتىشما تىنچىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئەسكەرلەر يېزا مەركىزىدە قاپسىلىپقالغانلارنى يوقاتماقچى، ئۇلارنى يوقاتقاندىكىن، ئىشى تۈگىشى كېرەك ئىدى. ئەمماقاتتىق جىددىيلەشكەن ئېتىشما ئاۋازلىرىدىن كېيىن ھەرخىل ئاۋازلار: ۋارقىراشلار،تەگبىر ئاۋازلىرى، قىقاسلار، نالە-پەريادلار پەلەككەيېتىپ جىمىغاندىن كېيىنمۇ جىمجىتلىق باشلانمىدى. يەنە ئۈلگۈجە ئېتىشلار داۋامقىلىپ، مەخەتقارىلارغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك بىلىندى!
— نىم بولاپكېتىۋاتقاندۇ، ما جاھان؟ — دەپ كۇسۇلدىدى، مەخەتقارى ئۆز-ئۆزىگە، بۇ يانغا كېلىۋاتقاندەك قىلىۋاتىدۇغۇ؟ بىر كېچە ئېتىپمۇ تۈگىمىگەنقانچىلىك ئادەم باتىكى، مەن بىلمەيدىغان؟ ئەستاغ-...
— نىم دىلە؟
— ھە، ...ئۆزەمچە، ... باشقا ئىشمۇغۇ يوق....
قوشنىلارنىڭدېرىزە ئەينەكلىرىنىڭ چۇل-چۇل بولغانئاۋازى، تونۇش ئاۋازدىكى پەريادلار ئوق ئاۋالىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەندىلا مەخەتقارىزەيدىنقارىنىڭ دېگەنلىرىنى دەرھال ئەقلىگە كەلتۈردى: »خىتاينىڭ مەخسىدى بىزنىڭ نەسلىمىزنى قۇرۇتۇش، ياۋاش بولساق چېقىلمايدۇ، دەپخام خىيال قىلىپ قالماڭلار، ئۇ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي دۈشمىنىمىز، ئاللاھنىڭمۇدۈشمىنى...!« دېگەن ئىدى. دېمەك، بۇ ئادەملەرنىتۈرگە ئايرىپ ئولتۇرۇدۇغان تىپتىكى ئۇرۇش ئەمەسكەن!
ئۇ تامدەك تاتىرىپكەتتى. خالىددىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورققاندەك ئىتتىك سۇپىغا چىقىپ، بالىسىنى چىڭقۇچاقلىدى...
****
— تۇرە يارىماس،ئۆلگۈر ئەبلەخ!
— ھە!؟... — جاڭجۈنتاۋ ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماستىن مۇئاۋىن ئونبېشىنىڭ تېپىشى بىلەن گاڭگىراپئورنىدىن تۇردى.
— يارىلاندىڭمۇ؟نېمىشكە ئوق تەككەن تۇرنىدەك بوينۇڭنى پۈكۈپ مۈكچىيىۋالدىڭ، ھايۋان؟
جاڭ خىتاي ھىچنېمەدېيەلمەيتى، ئۈنى چىقماي، گېلىغا بىرنېمە كەپلىشىۋالغاندەك ئۆي ئىچىنى ئىشارەقىلاتتى.
— ھە، چۈشەندىم،دەسلەپتە كۆرۈپ تۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرمەك نېرۋىغا ئېغىر كېلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال،ئەمدى كۆنۈپ كېتىسەن، ھەتتا خۇمار بولۇپمۇ قالىسەن، تۇر، ماز پاينەك. لاپچىيىپتۇرۇۋەرمەي، مارش! ۋەزىپە ئالدىمىزدا!
— ياق،... مەنئەمەس،...
— گەپ سېتىپتۇرۇدۇغان ۋاقىت ئەمەس دېدىممۇ، تامام، مارش!
ئونبېشى ئۇنىئالدىغا ئىتتىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ كىرىپ چىققان ئۆيىدە چالا قالغان ئادەملەر بولساتازىلىۋېتىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى. بۇيرۇق شۇنداق ئىدى. كوماندىرلار ھەر ئۆينى تەكرارتەكشۈرۈشلىرى كېرەك ئىدى.
سەندىرەكلەپ يۈرۈپكەتكەن جاڭ، سەھەرنىڭ نەمخۇش سوغۇق ھاۋاسىدىن كاللىسى بىر ئاز ئېچىلىپ، تېتىكلىشىپقالغاندەك بولسىمۇ، ھەر قېتىم ئاشۇ دەھشەتلىك مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىغاكەلتۈرگىنىدە يەنە بىر قېتىم قارا باسقاندەك تەرلەپ كېتەتتى. ئەمدى ئۇنىڭمېڭىشلىرى ئەسكەرلەردەك چەبدەس ئەمەس، مەسلەردەك كالامپاي ئىدى. خىزمەت كۆرسۈتۈپئۆسۈش ھەلەكچىلىكىدە جان-پېنى بىلەنيۈگرەپمۇ كەتمەي، لوپۇلداپ مېڭىپ، يەنە بىر غېرىپ كەپىنىڭ ئالدىغا كەلگەندەۋەزىپىسىنى يادىغا ئالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۆينى ئوققا تۇتمىدى. قورالىنىمۇبەتلىمىدى. خۇددى گېلى قۇرۇپ، سۇ ئىچىۋالغىلى كىرىۋاتقاندەك، بولۇمسىز ھەركەتلەربىلەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ، بوسۇغىدىن ئاتلىدى.
چۈنكى ئۇ ئەمدى بۇئەسكى غېرىۋانە ئۆيلەردە دۈشمەن بارلىقىغا ئىشەنمەيتى. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنىفاشىستلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق ئىدى. بۇلارنى قىرىپ كىمنىئازات قىلاتتىكىنە؟ ئۇنىڭ بۇلار ھەققىدە كاللا قاتۇرغىدەكمۇ ھەپسىلىسى قالمىغانئىدى. ئۇ تامامەن جان ھەلەكچىلىكىدە قېلىش بىلەن، ساراڭ بولۇپ قالماستىن، كۆزگەيامان كۆرۈنۈپ، جازالىنىپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىش، قانداق قىلىپ تىرىك چىقىش ۋەئەسكەرلىكنى تۈگۈتۈپ ئۆيىگە تېنچ ئامان بېرىۋېلىش كويىدىلا ئىدى. شۇڭا ئۇ باشقىلارئاللىقاچان باسقىن قىلىپ بولغان ئۆيلەرگە كىرىپ، يالغاندىن ۋەزىپە ئۆتەپ چىققاندەكبولۇۋېلىشنى كۆزلەيتى. چۈنكى، بۇ ئېتىشلاردا بۇ يېزىدا يەنە تىرىك جان قالدى دېسە،ئۇ ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيتى. ئۇنداقكەن، ئۇنىڭ »دۈشمەن« ۋەھىمىسىدە بولۇشىنىڭ ئورنى يوقئىدى. ئەپلەپ كۆز بوياپ، بۇ ئىشنى تۈگۈتۈۋالسىلا...
ئۇ ئەنە شۇنداق گاراڭھىسلار ئىسكەنجىسىدە ئۆيگە كىرىپ كەلگەندە دالان ئۆينىڭ سۇپىسىدا ئەر-خوتۇننىڭ تىتىلىپ كەتكەن جەسەتلىرىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم قۇرۇق قەيقىلىپ، ئۈچەي-باغرى يېنىپ چىقىدىغاندەكلا قىينىلىپ كەتتى. بىردىنلاجەسەتلەرنىڭ ئارىسىدا مىدىرلىغان بىرنەرسىنىڭ ھەركىتى كۆزىگە چېلىقتى. دەسلەپقورقۇپ كېتىپ قورالىنى بەتلەي دېدى-يۇ، كېيىن بۇنچەقان ئىچىدە ئۇنىڭغا زىيان سالالىغۇدەك جان قالمايدىغانلىقىنى ئەقلىگە كەلتۈرۈپ، بۇمىدىرلىغان بەلكىم ئۆينىڭ مۈشۈكىمىكىن، دەپ ئويلاپ، جەسەتتىن بىرىنى بىر تەرەپكەسىلجىتتى. قولى قانغا بۇلۇنۇپ كېتىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى. ئەمما راست دېگەندەك،بىر ئاز كۆنۈكۈپ قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتتى.
ئىككى جەسەتئارىلىقىغا قىسىلىۋالغىنى مۈشۈك ئەمەس، تەم-تىم ماڭغان بىر ئوغۇل بوۋاق ئىدى! بالىنىڭ ئۈستى بېشى قان ئىدىيۇ، ئەمما بۇئاتا-ئانىسىنىڭ قېنى ئىدى. بالا، ئەسكەرگە چەكچىيىپ قارىدى.ئۇ قورقۇپ كېتىپ ئەقلى تورمۇزلۇنۇپ قالغاندەك ياكى چالا ئۇيقۇلۇق ھالىتىدىن ئېسىگەكېلەلمەيۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ قان ئىچىدىن ئاستا ھەركەتلەر بىلەن نەچچە مۈدۈرۈپئورنىدىن تۇرۇپ، ئەسكەر تەرەپكە ئۈمتۈلدى. بالا ئاللاھ ئاتا قىلغان تۇغما سەزگۈسىبىلەن، ئەسكەرنىڭ زىيانداش ئەمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندەك، كېلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلدى.ئەسلىدىمۇ ئارقىمۇ-ئارقا روھىي زەربىلەردىنلەرزىگە كېلىپ، پۈتۈن مەنىۋىيىتى يېمىرىلىپ كەتكەن جاڭ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى،بالىنىڭ كىملىكىنى بىردەمگە ئۇنۇتۇپ، خاس ئادىمىيلىك ھىسسى ئىچىدە بالىنىڭمەسۇمانە ئىنتىلىشىگە چىداپ تۇرالماي، قولىغا ئالدى. بالا ئۇنىڭ بوينىغا مەھكەميېپىشىۋالدى. سەبى جان، پەرىشتىدەك پاك بوۋاق، كۆز ئالدىدىكىنىڭمۇ ئاشۇ ۋەھشىيئەسكەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەرمىدى؟
جاڭ ئاڭسىز ھالداقولىغا ئېلىۋالغان بالىنىڭ خۇددى دادىسىغا تىۋىنغاندەك مەسۇمانە يېپىشىشى، مېنىقۇتقۇزۇۋالغىن دېگەندەك سەبىي مۆلدۈرلىشىگە بەرداشلىق بەرگۈدەك ھالى قالمىدى.ساراڭ بولايلا دەپ قالدى. بالا بۇ قورقۇنۇچلۇق ئۆيدىن كېتىشنى، پاتراق تاشقىرىدىكىساپ ھاۋاغا، سەھەرنىڭ سالقىن ساپ ھاۋاسىغا ئۇلۇشىۋېلىشنى ئىستىگەندەك، كىچىكپۇتلىرى بىلەن تىپچەكلەيتى. خۇددى چەۋەندازنىڭ شىپۇر قېقىلغان ئۆتۈكلىرى بىلەنئاتنىڭ بېقىنىنى ئۆكچىلىگىنىگە ئوخشاش ئۇنى مېڭىشقا ئۈندەيتى. جاڭ ئۇنى كۆتۈرۈپتاشقىرى چىقالارمىدى؟ بۇ ئۆلۈم دېمەك بولاتتى! ۋەھشىيلەرنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى.بالىنى قويۇپ قويۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا تاغدەك جاسارەت، مىڭ پاتمانلىق كۈچ بولۇشىكېرەك ئىدى. سەبى بوۋاقنىڭ مەسۇمانە ھەركەتلىرى يوغان قوي كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقانيېشى، ئۆمچۈيۈپ يىغلىشى ئۇنىڭ جاسارىتىنى قۇرۇتۇۋەتكەن، قويۇپ قويۇش قولىدىنكەلمەسلا بولغان ئىدى.
ئۇ چۈش ۋەرېئاللىق ئارىسىدىكى ئاشۇ تۇمانلىق تۇيغۇلار ئەسىرلىكىدە، بالىنى بوينىغا گېرەسالدۇرغان پېتى قاققان قوزۇقتەك پەگادا قېتىپ قالغان ئاشۇ مىنۇتتا تاشقىرىدىنتومۇزدىكى ئىتتەك ھاسىراپ كىرگەن بىرى بۇ ھالنىڭ ئۈستىدىن چۈشتى.
— ھۇ، ئىتنىڭبالىسى! —دېگەن ئاۋاز ئۇنى ئەندىكتۈرىۋەتتى. بۇ مۇئاۋىن ئونبېشىنىڭ، ئاتالمىشدوستىنىڭ ئاۋازى ئىدى، — نېمە قىلىۋاتىسەن ھاماقەت!
جاڭ ھىچنەرسىگەتىلى كەلمەي ساراڭلاردەك چەكچىيىپ قالغان ئىدى.
ئونبېشىنىڭنېمىلەرنى دەۋاتقىنى ئۇزاققىچە كاللىسىغا ئولتۇرمىدى. ئۇ خۇددى مىڭلارچە كىلومېترئۇزاقتا سۆزلەيتى، ئاغزىنىڭ مىدىرلىغىنى كۆرۈنەتتى، ئاۋازى ئۇقۇلمايتى. خۇددىبىرسى چۈشىدە، كويىقاپتىن گەپ قىلاتتى؛ ئەمما بۇ تىلسىملانغان يەردە ئاۋازلاربەھەيۋەت مەخلۇقلار تەرىپىدىن شورۇلۇپ كېتىلگەچكە مەۋھۇملىشاتتى.
ئاخىرى ئۇنىڭقۇلاق تۈۋىگە قەھىرلىك بىر شاپىلاق تەككەندە ئاندىن ئۇ ئۆزىگە كەلدى.
— ھۇ، يارىماسئۆلۈك! نىم قىلىۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن؟ ئۆزەڭنىڭ جېنى تاتلىقمۇ ياكى بۇ كىچىكئايلامباشنىڭمۇ؟ ئۆزەڭ تاللا! تېز! — دېگەن ۋارقىراش ئەمدىلا ئېنىق ئاڭلاندى، —ياخشىكى مەن كۆرۈپ قالدىم، باشقا بىرسى بولۇدۇغان بولسا سېنى دەرھال ئېتىپ تاشلىساھوقۇقى بار ئىدى. بۇيرۇق يادىڭدا باردۇ؟ ئاغىنىدارچىلىقىمىزنىڭ يۈز-خاتىرىسى بولسۇن، مەن بىلمىگەن بولاي، دەرھال سەپكە يېتىش! — دېدى ۋەبالىنى تارتقۇشلىدى.
جاڭ ئاڭسىز بىرھەركەت بىلەن بالىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ، ئاۋايلاپقىنا يەرگە قويۇپ،بالىنڭ مەھكەم پاچىقىنى سىقىمدىۋالغان كىچىك قوللىرىنى ئاچچىق ئەلەم ئىچىدەئاجرىتىۋېتىپ، سىرتقا چىقىپ كەتتى. تەبىئىيكى، ئۆزىنىڭ جېنى تېخىمۇ تاتلىق ئىدى!
ئون بېشى ئۆيئىچىدە قالدى. جاڭ »ئۇ نېمىشكە چىقمايدۇ؟« دېگەندەك قىلىپ، ئىختىيارسىزئارقىسىغا بۇرۇلغان چېغىدا، ئۆي ئىچىدىن »گۇم!« قىلغان بىر پاي ئوق ئېنىقئاڭلاندى!
جاڭ جۈنتاۋئەمدىلا چىققان ھويلا سىرتىدا دەم كۆتە بولغاندەك ئولتۇرۇپلا قالدى. ئۆي ئىچىدىنخۇددى بۈيۈك بىر ئىشنى روياپقا چىقىرىۋەتكەندەك، غالىپلىق مەغرۇرلىقى بىلەنچىقىۋاتقان مۇئاۋىن ئونبېشىنىڭ تاپانچىسىنى غىلابىغا سالغاچ بۇ تەرەپكە كېلىشىگەنەپرەت بىلەن قاراپ، كۆڭلى ئاينىپلا كەتتى. مۇزدەك بىرنەرسە ئىچىنى مۇزلاتقانچەمېڭىسىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى. بۇنىڭ ئاشۇ سانسىزلىغان ئوق ئاۋالىرى ئىچىدىنئالاھىدە بىلىنگەن، ئۆي ئىچىدىن ئاڭلانغان بىر تال ئوق ئاۋازى تۈپەيلىدىن ياكىسەھەرنىڭ سوغ ھاۋاسىدىن بولغىنىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتى. ئۇ كۆتۈرەلمىگۈدەكھاراق ئىچكەن پىيەنچۈكتەك، مۈكچۈيۈپ ئولتۇرۇپ، قۇرۇق قەي قىلاتتى. كۈچىنىۋېرىپھالى كەتكەن ئىدى. ئاخىرى شاقىرىتىپ قۇسۇۋەتتى!
— ۋاي مازپاينەك،بوپتۇ، بىرئاز ئېسىڭگە كېلىۋېلىپ ئارقىمىزدىن يەت، سېنى مىجەزى يوق بولۇپ قالدىدەرمەن، ئەمما بۇ ياخشىلىقىمغا چوقۇم جاۋاپ بېرىشىڭ كېرەك!... — شۇنداق دېگەنچەئۆز سېپى تەرەپكە تېز-تېز قەدەم تاشلاپ كەتتى.
قانچىلىك ۋاقىتئۆتتىكىن، شەرق تەرەپ ئاقىرىشقا باشلىشى بىلەن، شەرقنىڭ ئۇپۇق سىزىقىدا قاندەكقىزىللىق كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. خۇددى قان كەلكۈنى ئالەمنى باسىدىغاندەكلا سۈرلۈك،مەھزۇن كۆرۈنەتتى. يەنە جاننى قىينىغۇچى جىمجىتلىق يۇرتقا ئېتەك يېيىپ، يۈرەكلەرنىمۇجۇماقتا ئىدى. ئەگەر سوقۇۋاتقان يۈرەك قالغان بولسا....
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
2002 –يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى »ئەركىن ئاسىيا«رادىيوسىنىڭ پروگراممىسىدا بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان سابىق خىتايئەسكىرى جاڭ جۈنتاۋ ۋە ئۇنىڭ سېغىنما ئادۋۇكاتى زىيارەت قىلىنغان ئىدى. بۇ ھىكايەئەنە شۇ زىيارەتتە جاڭجۈنتاۋنىڭ دېگەنلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان بولسىمۇ يېزىشئىشى بۈگۈنگىچە كېچىككەن ئىدى.


     [1] جاڭ جۈنتاۋ — بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان سابىق خىتايئەسكىرى بولۇپ، كېيىن ئامېرىكىغا سېغىنغان، — ئا.

     [2] يەرلىكتە خەلقىمىز »شورى « دەپ ئاتىغان بۇ نەرسە خېمىيىلىكبىرىكمە، بىر خىل تۇز بولۇپ، ئىلمىي ئاتىلىشى كالىي نىترات (KNO3)، — ئا.

     [3] بۇ جۈملىلەر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىدە جاڭ جۈنتاۋ سۆزلەپبەرگەن سۆزنىڭ تامامەن ئۆزى، ھىچ ئۆزگەرتىلمىدى، قوشۇلمىدى، — ئا.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 19:59 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.166164 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش