تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 633|ئىنكاس: 0

سۈكۈتتىكى ئۇيغۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
oylar.blogspot.com
گەرچە خىتاينىڭ غايەت زور ئارمىيە-ساقچى كۈچى ئالدىدا ئۇيغۇرلار قارشىلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇشى سۈكۈتتىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنى بارلىققا كەلتۈردى. سۈكۈتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قارشىلىقىنى يوشۇرۇن شەكىلدە ئىپادىلىدى. بۇ خىل قارشىلىقنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ تىنچ ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تىنچلىقتا ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن ئامان قېلىشنى ئىستىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشماسلىق شەكلىدە ئىپادىلىدى. بۇ بىزگە گەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاندا قوزغىغان تىنچلىق يولى بىلەن ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىگە ھەمكارلاشماسلىق ئارقىلىق قارشى تۇرۇشىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ يولنىڭ مەقسىتى ئۈزۈلكېسىل ئەركىنلىككە ئېرىشىش؛ ئەمما، ۋاسىتىسى تىنچلىق، تەدرىجىي كېڭىيىدىغان كوللېكتىپ ئاڭقىرىش، ئۇيۇشقاقلىق ئارقىلىق نىشانىغا يېتىشتۇر. سۆزىمىزنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى مىسالغا قاراپ باقايلى:
يېقىندا ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتكە تۇغقان يوقلاشقا چىققان ۋە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر تونۇشۇم مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئىشلەيدىغان ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەتىگەندە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش ئىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇشبۇ مەكتەپنىڭ خىتاي مۇدىرى ئۇيغۇر مەسئۇللارغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىدا قىمشىپ پەقەت جىم تۇرمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي چارە كۆرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ۋەزىپىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەسئۇللار بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپتۇ. ھەمدە ئىنتىزامغا رىئايە قىلمىغانلارغا قارىتا نەق مەيداندا تەنبىھ بېرىپتۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە، ئەھۋال ياخشىلانماقتا يوق، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپتۇ. تاقىتى تۈگىگەن خىتاي باشلىق ئۇيغۇر مەسئۇللارنى ئىنتىزامغا قەستەن خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆزلىشىشكە بۇيرۇپتۇ. ئۈچ ئوقۇتقۇچى بىر نەچچە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىپتۇ. ئوقۇغۇچىلار ھەر قېتىم ۋەدە بېرىدىكەنيۇ، ئەمما ئەھۋالدا ھېچ ياخشىلىنىش بولمايدىكەن. ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۈچ ئوقۇغۇچى ئوقۇغۇچىلار سۆزلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان بۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈش تەكلىپىنى بېرىپتۇ. كۆرۈشۈش بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. سۆھبەت داۋامىدا ئوقۇتقۇچى بالىلاردىن جىددىي قىلىپ:
--سىلەر بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا نېمىشقا جىم تۇرمايسىلەر؟--دەپ سوراپتۇ. بالىلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنى خېلىلا توختاتقان بىرى:
--مۇئەللىم، بىلىمىز، سىلەر بىزنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا نېمىشقا جىم تۇرمايدىغانلىقىمىزنى بىلەلمەي بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىسىلەر. بۇ ھەقتە قىلمىغان چارەڭلەر قالمايۋاتىدۇ. ئەمما سىلەر مۇنداق بىر مۇھىم ئىشنى نەزەرىڭلاردىن داۋاملىق ساقىت قىلىۋاتىسىلەر،-- دەپتۇ.
بالا سەل توختىلىۋېلىپ، ھەممەيلەنگە تەكشى نەزەر سېلىپ چىققاندىن كېيىن، مۇئەللىمىدىن:
--مۇئەللىم، سىزنىڭ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى، سىزدىن بىر سوئالنى سوراپ باقسام بولامدۇ؟--دەپ سوراپتۇ. ئوقۇتقۇچى بېشىنى «قېنى سورا» دېگەن مەنىدە لىڭشىتىپتۇ. ئۇ ئوقۇغۇچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
--مۇئەللىم، سىز بىزنى جىم تۇرۇپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە ئۈندەۋاتقان بايراق كىمنىڭ بايرىقى؟--دەپ سوراپتۇ. مۇئەللىم دەرھال:
--دۆلىتىمىز جۇڭگونىڭ،--دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇ ئوقۇغۇچى ئاۋازىنى سەل-پەل كۆتۈرۈپ، دانە-دانە قىلىپ مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
--ئۇ بىزنىڭ بايرىقىمىز ئەمەس. ئەگەر بىزنىڭ بايرىقىمىزنى چىقىرىش مۇراسىمى بولۇپ باقسۇنچۇ، بىزنىڭ قانچىلىك ھۆرمەتتە تۇرىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ، ھەيران قالاتتىڭىز. بىز تاكى ئۆزىمىزنىڭ بايرىقىنىڭ كۆككە چىقىشىنى كۆرمىگۈچە جىم تۇرمايمىز. بىزدە بۇلارنىڭ بايرىقىغا قارىتا ھېچقانداق ھۆرمەت يوق. مۇھەببەت تېخىمۇ يوق. بىزلا ئەمەس، ئۈرۈمچىدىكى باشقا ئوتتۇرا مەكتەپتىكىلەرمۇ شۇنداق ئويلايدۇ. ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى ئۆزىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىدىغان ئاشۇ ئۇلۇغ كۈننى كۆرۈشتۇر.
مۇئەللىم لام-جىم دېيەلمەي تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ بېشى چۈشۈپ، چوڭقۇر ئويلارغا غەرق بوپتۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا:
--مۇئەللىم، ئەگەر بىزنى بۇلارغا چاقسىڭىز، بىرەر مەنسەپلىك بولۇپ قالىسىز. ئەمما، ئېسىڭىزدىن چىقمىسۇنكى، بىز بىر ئىش بولساق، بىزنىڭ ئارقىمىزدىكى دوستلىرىمىز سىزنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيدۇ. بىز سىزگە بۇ گەپلەرنى ناھايىتى جىددىي دەۋاتىمىز. قالغىنىنى ۋىژدانىڭىزغا قويدۇق. خەير،--دەپ چىقىپ كېتىپتۇ.
بۇ مۇئەللىم چوڭقۇر ئويلىرىنى داۋاملاشتۇرغىنىچە ئىشخانىسىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ خىتاينىڭ بايرىقىغا ھۆرمىتى يوق بۇ بىر ئەۋلاد بالىلارغا بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئېشىپتۇ.
دىققەتنى چېكەرلىك باشقا مىساللار شۇكى، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار قوزغىغان دوپپا بايرىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگى بولغان كۆك رەڭنى كىيىمىنىڭ ۋە باشقا نەرسىلىرىنىڭ رەڭگى قىلىپ تاللىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلەردىن پايدىلىنىپ، تىنچلىق يولى ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل سىمۋوللۇق قارشىلىقنىڭ خىتايغا ۋە باشقا ئۇيغۇرلارغا يوللايدىغان ئۇچۇرى ھەم ئاددىي ھەم ئېنىق: ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس—ئۇلار خىتايلار بىلەن ھەرگىز بىرلەشمەيدۇ، ھەمكارلاشمايدۇ ۋە بىللە ياشىمايدۇ.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:38 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.142983 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش