تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 558|ئىنكاس: 0

كىتاب يىغىپ ساقلاش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

21- نۆۋەتلىك «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن
ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلار بولغاچقىلا كېيىنكىلەر ئۆتمۈشتىكى كىتابلارنى ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولالىغان. ئۆتمۈشتە بەزى كىتابلارنىڭ ئىدىيىسى شۇ دەۋر كىشىلىرى تەرىپىدىن يوقۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇلغانۇ، بىراق يەنە شۇ سەۋەبلىك بۇ كىتابلار كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلار تەرىپىدىن ساقلىنىپ قالغان. بىز كىتابقا ئالاقىدار تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق داڭلىق ئەدىبلەر ۋە كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ كىتابنى قەدىرلەپ، جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ، ئاسراپ – ساقلىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى كىتابلارنى كۆچۈرۈپ، ھاشىيىلىرىنى زىننەتلەپ، يېقىنلىرىغا تارقىتىپ، كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
رۇسىيەلىك ئەدىب م. ئېلئىن: «بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ھەر بىر كىتاب تارىخنىڭ دولقۇنلۇق دېڭىزىدىن كېزىپ ئۆتكەن قەغەز كېمىدۇر» دەپ ناھايىتى ياخشى تەرىپلىگەن. بۇ «كېمە» لەر ئەڭ چىدامسىز ماتېرىيالدىن ياسالغان بولغاچقا، پەقەت كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ ھېمايىسى ئارقىلىقلا تارىخنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدىن ئامان قالغان.
بىلىش كېرەككى، كىتاب يىغىپ ساقلاش ـــ كىتابقا بولغان قىزىقىشتىن ـــ كىتاب ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە، ئوقۇغان كىتابلارنىڭ كۆپىيىشىگە ھەمدە يەنە ئوقۇغانسېرى بىلىمگە بولغان تەشنالىقنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاشۇ كىتابخان تەبىئىي ھالدا نۇرغۇن كىتابنىڭ ئوقۇرمىنى ۋە ئىگىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كىتاب ئوقۇشتىن ھاسىل بولغان بىلىم، دۇنيا قاراش ۋە ئۆزىنى تونۇش نەتىجىسىدە كىتابنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تەرەققىيات قورالى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلىگەن ئادەملا، ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ كىتابلارنى ئەتىۋارلاپ ساقلاشقا باشلايدۇ.
بىر ئەدىب: «كىتاب ـــ ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ بېرىدىغان شوتا» دېگەنىكەن. ئەگەر كىتاب يىغىپ ساقلاش مەۋجۇت بولمىغان بولسا، بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىگ» قاتارلىق شاھانە ئەسەرلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەن بولاتتۇق. دېمەك، قەدىمكى زاماننىڭ كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلىرى بىزگە ئەشۇ دەۋرلەردىكى ئەسەرلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىپلا قالماي يەنە، تارىخنى بىلىشىمىز، جۈملىدىن بەزى تارىخىي ھادىسە، تارىخىي شەخسلەرنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. مەھمۇد قەشقەرى مازىرىنىڭ ئىلىم ئەھلى تەرىپىدىن دەلىللىنىشىدىمۇ كىتاب يىغىپ ساقلاشنىڭ خاسىيىتى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
1982- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تىلشۇناس، ئالىملىرىمىزدىن ئىبراھىم مۇتىئى، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ قاتارلىقلار قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسىنى نۇقتىلىق مەركەز قىلغان ئاساستا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرى ۋە نەسەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ماتېرىيال، ئىسپاتلارغا ئېرىشكەن. 1983- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى ئالىم، مۇتەخەسىسلەر تەكلىپ قىلىنغان مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مازىرى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، قەشقەرنىڭ دىنىي ئۆلىماسى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم 152 يىل بۇرۇنقى قەشقەر ئۆلىماسى موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم ( ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇمنىڭ دادىسى) دىن مىراس قالغان ئالتە دەپتەر بىر مۇقاۋىغا تۈپلەنگەن «مەسنەۋى شېرىپ» ناملىق قوليازما كىتابىنى ئوتتۇرىسىدىكى بوش ۋارىقىغا «بۇ كىتاب ئوپالدىكى ھەزرىتى موللام شەمسىددىن ھۈسەيىن ئوغلى، قەلەم ئىگىسى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ قەبرىسىگە ۋەخپە قىلىندى» دەپ يېزىلغان ھۆججەت بىلەن قوشۇپ تەقدىم قىلغان، تارىختىكى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مازاردا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار يوقىلىپ كەتكەن بۇلۇپ، بۇ ۋەخپىنامە ئىبراھىم مۇتىئى بىلەن مىرسۇلتان ئوسمانوۋ يازغان ئوپالدىكى «ھەزىرىتى موللام» مازىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مازىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا يازغان دوكلادىنىڭ چىنلىققا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ماددىي ئىسپات بىلەن دەلىللىگەن. ئىمىر ھۈسىيىن قازى ئاخۇنۇم 1985- يىلىنىڭ بېشىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يەنە بۈيۈك مۇەپپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە بولغان «بەھرىلئەنساپ» (نەسەبلەر دېڭىزى) ناملىق كىتابنى تەقدىم قىلغان.
تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى خەلق كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ قوليازما نۇسخىسىنى ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ سابىق مالىيە ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان نازىف پاشا دېگەن كىشى بۇ بۈيۈك ئەسەرنىڭ قانداق بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىدا ساقلاپ كەلگەن. كېيىن بۇ كىتاب ئۆمرىنى ۋە پۈتۈن بايلىقىنى كىتاب يىغىشقا ئاتىغان، دائىم كىتابپۇرۇشلار بازىرىنى ئارىلاپ تۇرىدىغان ئەلى ئەمىرى ئەپەندىگە ئۇچرىغان، ھەمدە «بىر كۇتۇپخانا سېلىشقا يەتكۈدەك پۇل» غا سېتىۋالغان. ئەلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تاپقانلىقى ۋە ئۇنى سېتىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدە كۈچلۈك دولقۇن قوزغىغان ھەمدە نۇرغۇن جەريانلار ئارقىلىق ئاخىرى تۈركىيىلىك مەشھۇر مائارىپچى، قوليازما ئەسەرلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن داڭ چىقارغان كىلىسلى رىفات تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلىنىپ، 1915 ــ 1917- يىللاردا تۇنجى قېتىم ئۈچ جىلىدلىق قىلىپ بېسىپ تارقىتىلغان. دېمەك ئەلى ئەمىر ئەپەندىدەك كىتابسۆيەرلەرنىڭ ئەنە شۇنداق كىتابلارنى يىغىپ ساقلاشتەك ئىسىل ئادىتى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ يەر يۈزىدىكى بىردىنبىر يازما نۇسخىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋە نەشر قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.
ئەسلى قوليازمىسى يوقىلىپ كەتكەن «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ ئەڭ تولۇق كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ھېسابلىنىدىغان پەرغانە نۇسخىسىنى تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىدى 1914- يىلى پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىكى مۇھەممەد ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىدا كۆرگەن ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان.[يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىگ»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984- يىل نەشرى، كىرىش سۆز 5 - بەت.] 1924- يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈپ ماقالە ئېلان قىلغان ھەمدە 1928- يىلى ئايرىم پارچىلىرىنى ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بۈيۈك ئەسەرمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن بىر قاتاردا بىز بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. مۇبادا نازىف پاشا، مۇھەممەد ھاجى ئىشان لالەرىشتەك كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلار بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۇ بۈيۈك ئەسەرلىرىمىزنىڭ تەقدىرى يەنە قانچىلىك ئېچىنىشلىق بولۇپ كېتەر ئىدى؟ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئەشۇ كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلارغا ھەمدە ئۇنى بايقاپ نەشرگە تەييارلاپ ئالەمگە تونۇتقان ئالىملارغا قانچىلىك رەھمەت ئېيتساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ! ئىمىر ھۈسىيىن قازى ئاخۇنۇمدەك خالىس كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىنىڭ جىددىي پەيتلەردە ئوتتۇرىغا چىقىپ ساقلىغان كىتابى ئارقىلىق بۈيۈك ئالىمىمىزنىڭ قەبرىگاھىنى دەلىللەشكە زور تۆھپە قوشقانلىقىدىن سۆيۈنىشىمىز، كىتاب يىغىپ ساقلاشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى پەقەت ئۇنى ئوقۇشتىلا ئەمەس، بەلكى قەدىرلەپ، ئاسراپ كېيىنكىلەرگە تەقدىم قىلىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك!
كىتاب يىغىپ ساقلاش تارىختىن بۇيان بىر شەرەبلىك كەسپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئەدىب - يازغۇچىلارنىڭ، ئالىملارنىڭ، سىياسىئونلارنىڭ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زىيالىيلارنىڭمۇ ھەۋىسى ۋە ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاپ، كەسپتە ئۇتۇق قازىنىشىدىكى قورالى بولۇپ كەلگەن. دۇنيا ئەدەبىيات پېشىۋالىرىدىن پوشكىن 1523 پارچە، چېخوپ 1900 پارچە، گىيۇتى 1524 پارچە، فورىتاي 6902 پارچە كىتاب يىغقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كىتابلىرىنى قوشقاندىمۇ لېف تولىستوينىڭ كىتابلىرىنىڭ سانىغا يەتمەيدۇكەن. لېف. تولىستوي ئەدەبىيات، دىن، پەلسەپە، ئىجتىمائىي ئىقتىسادقا دائىر جەمئى 22 مىڭ پارچە كىتاب يىغىپ ساقلىغان. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ماۋ زېدوڭنىڭ جوڭنەنخەيدىكى تۇرالغۇسىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلىرىنى رەتلەپ چىقىپ، ئۇنىڭ پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات، ئىقتىساد، پەن – تېخنىكىغا دائىر كىتابلىرىنىڭ 90 مىڭ پارچىدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەن بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ يىغقان كىتابلىرى نەچچە مىڭ پارچىغا يېتىدىغان ئەدىبلەردىن ئوننەچچىسىنى بىلىمەن، شۇنداقلا ئايلىق ئىش ھەققىدىن ئېشىنىپ، يېڭىدىن بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقان ياشلار بىلەنمۇ داۋاملىق پىكىرلىشىپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلار ئۈچۈن كىتاب يىغىۋاتقانلار بولۇپ، تۆت تېمى كىتاب بىلەن تولغان «كۇتۇپخانىسى» دىكى كىتابلىرى بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئۇلارمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش ئىزچىل ھالدا كىتابخانا ۋە كىتاب يايمىلىرىنى ئارىلاپ تۇرۇشىدۇ. ئاشۇ كونا – يېڭى كىتابلار بىلەن تولغان «قىرائەتخانىسى» نى بېيىتىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا كىتابخانا ۋە كىتاب يايمىلىرىنى ئارىلاپ تۇرۇشىدۇ. ئۆيگە كەچ قالغان كۈنلىرىدە، قايىتپ كېلىپلا ئالدى بىلەن ئاشۇ «مۇقەددەس ئۆي» نىڭ چىرىقىنى ياندۇرىدۇ. شۇڭا، مەن گەرچە ئارىمىزدا «كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچى» دېگەن بۇ شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولالىغانلار ھازىرچە ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ساھەنىڭمۇ جەمئىيىتىمىزدىكى بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسپ بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مېنىڭچە، ئۇنۋان، دەرىجە ئۈچۈن ماقالە يېزىشنى مەقسەت قىلغان كىتاب سېتىۋېلىش ياكى كىتاب ئوقۇش، كېيىنچە ئۆزى ئۈچۈن «كېرىكى قالمىغان» ئاشۇ كىتابلىرى بىلەنمۇ قىلچە كارى بولمايدىغان شەخسىيەتچىلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. بازىرى ئىتتىك كىتابلارنى ساندۇققا قاچىلاپ قويۇپ، باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كۈتىدىغانلارمۇ كىتاب يىغىپ ساقلاش دېگەن بۇ شەرەپلىك خىزمەت بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق كىشىلەردۇر. ئۇنداقلار پەقەت بىر كىتاب سودىگىرى خالاس. ھەقىقىي مەنىدىكى كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچى بۇنىڭدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي پايدا – مەنپەئەتنى ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇنداقلار كىتاب ساقلاشنىڭ ھامان مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە قىممەت يارىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بەلكى، ئۇلار يىغقان كىتابلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىدىن ساقلاش قىممىتىنى، يەنى كەلگۈسىدىكى ئەھمىيىتىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىدۇ. مانا مۇشۇنداق يىغقان كىتابلىرىنىڭ ھەممىنى تولۇق ئوقۇپ چىقمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان، كىتابنى بىر ۋاراقلاپلا كېيىنكىلەر ئۈچۈن قىممىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلاللايدىغان، ساقلاۋاتقان كىتابلىرى ئارقىلىق كۆڭلىنى خۇش قىلالايدىغان كىشىلەرلا ھەقىقىي مەنىدىكى كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچى بولالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كىتابلىرىنى رەتلەپ تۇرىدۇ، كىتابخانا ۋە كىتاب يايمىرىلىرىنى ئارىلايدۇ، كىتاب مۇھىتىغا ئالاقىدار ئادەم ۋە ۋەقەلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشىدۇ. چۈنكى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا يېڭىدىن - يېڭى ئىسىل كىتابلارغا ئېرىشكىلى ۋە شۇ ئارقىلىق كىتابلارنىڭ جۇغلانمىسىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، مۇبادا كىتاب يىغىپ ساقلاۋاتقانلار سورىغان كىتابىنى بېرىپ تۇرمىسا خاپا بولىدۇ. «كىتابىڭنى يەپ كەتمەستىم! ئوقۇپ تۇراي دېگەنگىمۇ بەرمىسەڭ نىمە پايدىسى كىتاب يىغقىنىڭنىڭ!؟» دەپ كايىشىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كۆپ ساندىكى كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلار باشقىلارغا كىتاب بېرىپ تۇرغانغا تويغان! بەرگەن كىتابىنى قايتۇرۇۋالالماي، ياكى قايتۇرۇۋالغان كىتابىنىڭ ۋاراقلىرى يىرتىلىپ ئەسكى چاپاندەك بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئاشۇنداق «بەرمەس» بولۇپ قالغان! يوقىلىپ كەتكەن كىتابنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ قىيىن. بولۇپمۇ يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن بەك مۇھىم ھېسابلىنىدىغان تۇنجى نەشرى تۈگەپ كەتكەن كىتابلارنى تاپماق تەس، تېپىلغان تەقدىردىمۇ قىممەت باھادا سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر شۇ كىتاب تېپىلماي قالسىچۇ؟ بۇنىڭ دەردىنى پەقەت كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلارلا بىلىدۇ. ئاتاقلىق ئەدىب، شائىر مۇھەممەت رەھىم ئاكىنىڭ:
كىتاب ئۈچۈن پۇل خەجلىمەيمەن،
مىننەتدارمەن خەجلىگەنلەردىن.
قوينۇم ئوغرى قىلىمەن ئەپلەپ،
ھۇشيارلىقى پەسلىگەنلەردىن.
ئوغرىلىقنىڭ ئەدەبلىك يولى،
مۆھلەت بىلەن ئارىيەت ئېلىش.
ھەر نىمە دەپ ئاي - يىل ئۆتكۈزۈپ،
ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ قىلىش. ( بۇ شېئىر «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 2014- يىل 14 فېۋرالدىكى سانىغا بېسىلغان.) دەپ كىنايە قىلىشىمۇ مۇشۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك.
ئېنگلىزلاردا «كىتابنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تەقدىرى بولىدۇ» دېگەن ماقال بار. ئەلۋەتتە، كىتابنىڭ تەقدىرى ئادەملەرنىڭ تەقدىرىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. كىتاب نەملىك ۋە ئوتقا چىدامسىز بولغانلىقتىن، ئالاھىدە ساقلاش مۇھىتى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇنى ياخشى ساقلاش بىلەن بىرگە كۆپرەك ساقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە ئوقۇرمەنلەرنى كىتاب ئوقۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن دۇنيادا كۇتۇپخانا بارلىققا كەلگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۇتۇپخانىلار مەيلى سان، كۆلەم جەھەتتە بولسۇن، مەيلى يىغىپ ساقلاش ئۇسۇلى، تېخنىكىسى ۋە مىقدارى جەھەتتە بولسۇن چەتئەللەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئارقىدا. شۇڭا، خۇسۇسىيلارنىڭ كىتاب يىغىپ ساقلىشىنى قۇۋۋەتلەش، ئىلھام بېرىش ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشىمىز كېرەك. يېقىندا، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا ئوت كېتىپ كۇتۇپخانىدا سالقىنىۋاتقان 142 مىليون پارچە كىتابتىن 15 مىليون پارچىسى زىيانغا ئۇچرىغان، تارىختا مەشھۇر بولغان ئىسكەندەرىيە كۇتۇپخانىسىمۇ ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان. كىتابلارنىڭ ئوتتا، سۇدا ۋە يەر ئاستىدىكى نەملىكتە ۋەيران بولۇشتەك قىسمەتلىرى تارىختا نۇرغۇن قېتىم يۈز بەرگەن. كىتابقا نىسبەتەن يوقىتىش خاراكتېرىدىكى مۇشۇنداق ئاپەتلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشتىمۇ كىتاب يىغىپ ساقلاش قوشۇنىنىڭ كۆپ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولسا كېرەك.
ھازىر بىر قىسىم كىتابلارنىڭ باھاسى بەكلا ئۆرلەپ كەتتى. بۇ بىرىنچىدىن كونا كىتابلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئاشقانلىقىدىن بولسا، ئىككىنچىدىن، ئاشۇ كىتابلارنىڭ ناھايىتى ئاز ساقلىنىپ قالغانلىقىدىن بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاب يىغىپ ساقلاش دېگەن ئىمكانقەدەر كونا - يېڭى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ساقلاشقا قارىتىلغان ئۇقۇم بولغانلىقتىن، نۆۋەتتە يىلدىن -يىلغا كۆپىيىۋاتقان يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرى كونا كىتابلارنى تالىشىپ سېتىۋالىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. مۇشۇ يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن كىتاب يىغىپ ساقلاش بىر خىل «دەسمايە كۆپ كېتىدىغان» ۋە «تاماملاش قىيىن بولغان» ئىشقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ كىتابنى جېنىدىنمۇ ئېزىز كۆرۈپ، باشقىلارغا بەرگۈسى كەلمەسلىكىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىرەر پارچە كىتابىنى بېرىپ تۇرمىغان كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىدىن رەنجىشمۇ كىتاب ۋە ئۇنى يىغىپ ساقلىغۇچىغا نىسبەتەن توغرا بولمىغان پوزىتسىيە ھېسابلانسا كېرەك.
ئۆتكەن يىلى مەن ئۈرۈمچىدىكى يىغىپ ساقلىغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بىر يىغىنىغا قاتناشتىم، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەخسۇس كىتاب يىغىپ ساقلىغۇچىلار بولغاندىن سىرت يەنە مەخسۇس جۇرنال، گېزىت، سەرەڭگە قېپى، ئىشىك بېلىتى، ھۆججەت- ماتېرىيال، كىنىشكا- گۇۋاھنامە قاتارلىق ساھەلەر بويىچە يىغىپ ساقلىغۇچىلار بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ تاللاش، رەتكە تۇرغۇزۇش، ئاسراش ئۇسۇللىرىمۇ ئىنتايىن ئىنچىكە بولۇپ، ئۆز ئالدىغا بىر يىغىپ ساقلاش سىستېمىسى ھاسىل قىلغان. بۇلار بىزنىڭ كىتاب يىغىپ ساقلاش تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن ھالقىپ كەتكەن. بەزى تۇنجى سان، ئالاھىدە سان گېزىت - جۇرناللار بىلەن بىر قىسىم دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا دائىر كىتاب، تەشۋىقات بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەن.
شۇڭا، مەن ئاخىرىدا كىتاب يىغىپ ساقلاشقا تۇتۇنغان دوستلارغا كىتاب يىغىپ ساقلاش بىلەن بىللە يەنە ئەسلىدىكى جۇغلانمىنى بېيىتىش ئاساسىدا ھەر خىل قەغەز تۈرىدىكى باسما بۇيۇملار بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنىمۇ قوشۇپ يىغىپ ساقلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەسىلەن، گېزىت- جۇرنال، تەشۋىقات رەسىملىرى، تاۋار ماركىلىرى، چوڭ خەتلىك گېزىت، كالېندار، رەسىم – ھۆسىنخەت، تەغدىرنامە، ھەر خىل گۇۋاھنامىلەر، خەتكۈچ، كىنىشكىلار، ئوردېن – مېدال، كونۋېرت- سالام خەتلەر، پۇل، پوچتا ماركىلىرى، ئېلان- تەشۋىقات گېزىتلىرى قاتارلىقلار. مېنىڭچە بۇ تۈردىكى نەرسىلەرنىڭمۇ كىتاب جۇغلانمىسىنى بېيىتىش، مەلۇم بىر دەۋرگە مەنسۇپ بولغان كىتاب – جۇرنال ياكى گېزىتلەردىكى مەزمۇنلارنى تولۇقلاش، ياندىن يورۇتۇپ بېرىش، جۈملىدىن دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە بەلگىلىك رولى بار.
يىغىپ ساقلىنىدىغان كىتاب، ھۆججەت – ماتېرىياللارنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشتا بىزدە سەل قارىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ـــ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىمىزدا ئۆتكەن ىمىخخمەشھۇر شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي خەت – چەكلىرى، تۇرمۇش – خىزمەت سۈرەتلىرى ياكى قوليازمىلىرىنى يىغىپ ساقلاشقا سەل قاراشتۇر. ئۆزى ئاددى، پارچە –پۇرات بولغان بۇ نەرسىلەر شۇ شەخسنىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلىش، چۈشىنىش، خاتىرىلەش، يەكۈنلەش ۋە ئەجداد تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتە ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بەزى ئورۇنلار بۇ خىزمەتنى باشلىغان بولسىمۇ، ماتېرىيال كەمچىل، سېلىنما ئاز، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يېقىندىن قوللىشى يېتەرلىك بولماسلىقىدەك سەۋەبلەر بىلەن ئىزىدا توختاپ قېلىۋاتىدۇ. غۇلجا شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرغان «زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى»، يازغۇچى تۇرسۇن ياسىن ئاكا غۇلجا ناھىيە موللا توختىيۈزى يېزىسىدىكى سادىر پالۋان قەبرىگاھىدا قۇرغان «سادىر پالۋان خاتىرە سارىيى»، خوتەن ۋىلايىتىدىكى «قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى» قاتارلىق ئورۇنلار دەل مۇشۇ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ بىزدىن مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم خىزمەتتۇر. شۇڭا، كىتاب يىغىپ ساقلاشتا مۇشۇ تۈردىكى ھۆججەت ماتېرىيال بايلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بىر تۈر سۈپىتىدە تەرەققى قىلدۇرۇپ ھۆججەت – ماتېرىيال بايلىقىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.
مەنبە: http://bbs.bagdax.cn/forum.php…

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:32 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.144760 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش