تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 936|ئىنكاس: 0

ئامېرىكا خىتاينى تۆت تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئېلىۋاتامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى خەۋىرى:
ئامېرىكا پەقەت خىتاينى«C» شەكىلدە مۇھاسىرگەئېلىپمۇ بولدى قىلمىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەرئۇرۇش يىللىرىدا ، ئامېرىكا خىتاينىئاشكارە قامال قىلىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى يۇمشاق شەكىلدە ئىسكەنجىگە ئالغان ئىدى.سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا رۇسىيە ۋە خىتايغا بولغانئىستراتېگىيەسى ئىلگىرىكىنىڭ ئەكسىچە بولدى، ئامېرىكا رۇسىيەنى ئاشكارا ئىسكەنجىگەئالغان بولسا، خىتاينى يۇمشاق ئىسكەنجىگە ئالدى.
ئىقتىسادىي تىزگىنىنىقولىغا كىرگۈزىۋالدى .
خىتاينىڭ 28ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ 21 نى ئامېرىكا كونترول قىلىۋالدى . بۇ ئەڭ نېگىزلىك ھەمكۆپ ئىش كەتمەيدىغان تەدبىر ئىدى، كۆپ يىللاردىن بىرى خىتاي GDP سانلىق مەلۇماتىغا ۋەتاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىنىڭ كۆپلۈكىدىن مەستخۇش بولۇپ يۈرگەندە،ئامېرىكا چاندۇرماستىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تىزگىنىنى قولىغا ئېلىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنىباشلاپ بولدى، ئامېرىكا خىتايدىن پۇل قەرز ئالىدۇ، ئاندىن خىتايدىن قەرز ئالغانپۇلىنى ئەكېلىپ خىتايغا مەبلەغ سېلىپ، خىتاينىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى بىر- بىرلەپۋەيران قىلىپ، خىتاينىڭ كانچىلىق ساھەسىنى كونترول قىلىۋىلىپ، خىتاينىڭبانكىلىرىنىڭ پېيىنى سېتىۋالىدۇ ، خىتاينىڭ پاي بازىرى، ئۆي-مۈلۈكچىلىك ساھەسىقاتارلىقلاردىن پۇل تاپىدۇ، ئەمما ئامېرىكا خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىسېتىۋېلىشقا يول قويمايدۇ، خىتايغا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋە قورال ياراغ سېتىپبەرمەيدۇ، پەقەت خىتايغا غايەت زور مىقداردىكى زايوم ساتىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندائامېرىكا خىتايدىن پۇل قەرز ئېلىپ خىتاينىڭ پۇلى بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىتىزگىنىنى كونترول قىلىۋالىدۇ .
شىنخۇا نەشرىياتى نەشرقىلغان « ئىس - تۈتەك ئىچىدە گۈللىنىش » تا مۇنداق يېزىلغان، ئامېرىكا بىرتەرەپتىن ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ خىتاينى ئۆي-مۈلۈكچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقائىلھاملاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلىرىگە سۇيىقەستقىلىدۇ.
مەسىلەن: خىتايغانىمكەش بوئېن 707 تىپلىق ئايروپىلانلارنى يەمچۈك قىلىپ تاشلاپ، باشقا ۋاسىتىلەرنىمەسىلەن جاسۇس سېتىۋېلىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتاينىڭ « تىرانسپورت 10 »ئايروپىلانىنى يوقىتىدۇ، ئاندىن ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى خىتاي بازىرىنى تولۇقكونترول قىلىدۇ، يەنە ئامېرىكا خىتاينىڭ راكېتاسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۈنئىيھەمراسىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغۇزماقچى بولىدۇ، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلىپبوشلۇققا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىنلا راكېتانى پارتلىتىپ، خىتاينىڭ توشۇغۇچىراكېتاسىنىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، زىيىنىنى سۇغۇرتىدىنتۆلىتىپلا، قۇيرۇقىنى خادا قىلىدۇ، ئۇلار سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشتىن ئاۋۋالمەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ، ھېچكىمنى كۆرگىلى قويمايدۇ، كىم بىلىدۇئۇلارنىڭ قويۇپ بەرگىنى ھەقىقەتەن سۈنئىي ھەمراھمۇ ياكى بىرەر بومبىمۇ؟ بۇنداقمىساللار بەكلا كۆپ. ئىشقىلىپ ئامېرىكا خىتاينىڭ پەقەتلا گۆشنىڭ يوغىنىشىغا يولقويۇپ، ئۇستىخان يوغىناشتىن توسىدۇ، چۈنكى گۆش قونسا، ھەر قاچان شۈلۈپ يېيەلەيدۇ،ئەمما ئۇستىخان يوغىنىسا ، كۈچ پەيدا بولۇپ قالغاچ، خالىغان چاغدا يېيەلمەيدۇئەمەسمۇ.
بىرىنچى: ئامېرىكادوللىرى توزىقى
ئامېرىكا تۇيۇقسىزھۆكۈمەت تاقىلىپ قىلىش كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشى ئامېرىكا سىياسىي پۇل مۇئامىلەسىستېمىسىنىڭ قالايمىقانچىلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكاھۆكۈمىتىنىڭ بىر تىرىليون دوللارلىق دۆلەت زايومى بارلىقىدەك ئادەمنى چۆچۈتىدىغانپاكىتنى ئاشكارىلاپ قويدى، مەن دەيمەن:« بۇ پۇللار خىتاينىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىنكېيىنكى 30 يىلدا، توپلىغان بايلىقلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاللىقاچان ئامېرىكاتەرىپىدىن ئەكىتىلىپ بولدى. پەقەت ئاددىي ھالەتتىكى ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلەنۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ، ئامېرىكا ئاللىقاچان زايوم ئارقىلىق خىتاينىئىسكەنجىگە ئېلىپ بولدى، خىتاي قولىدىكى ئامېرىكا زايومىنى ھەرگىزمۇ تۆكمە قىلىپساتالمايدۇ، ناۋادا شۇنداق قىلىپلا قالىدىكەن، خىتاينىڭ قولىدىكى زايومنىڭ كۇرسىچوڭ كۆلەمدە پاخاللىشىپ كېتىدۇ،شۇڭا ئامېرىكا داۋاملىق خىتاينى تەھدىت ئارىلاش دەيدەيگە سېلىپ، داۋاملىق ئۆزىنىڭ زايومىنى ساتىدۇ، چۈنكى ، ناۋادا ئامېرىكائىقتىسادى تۇرغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ چىقمىسا، خىتاينىڭ قولىدىكى بۇ زايوملار بىرتېيىنغا ئەرزىمەس قۇرۇق قەغەز بولۇپ قالىدۇ خالاس، ئۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا يەنەبېسىم ئىشلىتىپ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇرىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن خەلقپۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسىدۇ دە خىتاينىڭ ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان سانائەت سىستېمىسىدىنمەسىلە كۆرۈلىدۇ.
خىتاي پۇلنى ئامېرىكىغابېرىپ، ئۆزى ئامېرىكىنىڭ جانغا ئەسقاتماس زايومىنى قۇچاقلاپ ياتىدۇ، نەتىجىدەتېخنىكا سېتىۋېلىپ، سانائەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ياكى ھەربىي ھازىرلىقلارنىقىلىشقا ئۆزىدە پۇل قالمايدۇ، ( يەنى نەچچە يۈز مىڭ كوينى خەقكە بېرىپ، قەرزھۆججىتىنى قۇچاقلاپ ياتسىز، خەق بۇ پۇلغا ماشىنا، ئېسىل داچىلارنى سېتىۋېلىپ راھەتكۆرىدۇ، سىز قولىڭىزدا خەقنىڭ يېزىپ بەرگەن نەچچە يۈز مىڭلىق قەرز ھۆججىتىنىكۆتۈرۋىلىپ، كۆۋرۈك ئاستىدا ئۇخلايسىز)،بىر تىرىللىيون دوللارلىق ئامېرىكا زايومىنىدۆلەت مۇداپىئەسى ياكى ھەربىي ھازىرلىققا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، ئامېرىكا خىتايغاتېخنىكا سېتىپ بەرمەيدۇ، ياۋروپامۇ ھەم شۇ، پەقەت ۋە پەقەت زايوملا سېتىپ بېرىدۇخالاس،ئامېرىكا خىتاينىڭ پۇلىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، پۇرسەت كۈتىدۇ، ناۋاداخىتاي ئىقتىسادى زور كۆلەملىك چۈشۈپ كەتسە ياكى ۋەيران بولسا، دەرھاللا خىتاينىڭكاپىتالىنى تۆۋەن باھادا ئۆتكۈزۈۋالىدۇ دە يەنە باھانى ئۆستۈرۈپ خىتاينى يونۇيدۇ.
ئامېرىكا زادى نېمىشقاخىتاينىڭ قولىدىكى زايومىنى سېتىۋالمايدۇ؟ قولىدىكى نەچچە ئون مىڭ توننا ئالتۇننىسېتىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ قولىدىكى زايومنى قايتۇرۋالمايدۇ؟ نېمىشقا بوئېن شىركىتىنىقۇتقۇزۇۋالغان پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمسىىنى سېتىۋەتمەيدۇ؟ ئەھۋال ھەممىگە چۈشىنىشلىك،ئامېرىكا پۇل بېسىش ماشىنىسىدىن نەچچىنى تېپىپ كېلىپ توختىماي پۇل باسىدۇ، شۇنىڭبىلەن دوللارنىڭ كۇرسى چۈشىدۇ دە خىتاينىڭ قولىدىكى ئامېرىكا دوللىرى زايومى ئەڭئاخىرىدا قىممىتى يوق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ قولىدا سانائەتبار، بايلىق بار، شۇڭا ئۇ ئىزچىل ھەربىي جەھەتتىن باشقا دۆلەتلەردىن زور دەرىجىدەئۈستۈن تۇرماقتا، باشقا دۆلەتلەر چوقۇم ئۇنىڭغا توختىماستىن پۇل بېرىپ تۇرۇشىكېرەك، ئامېرىكا پەقەت قولىدىكى سانائەت، بايلىق ۋە تېخنىكىنى چىڭ تۇتۇپلا تۇرىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە پەرۋا قىلمايدۇ.
ئەنگلىيە « پۇل -مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى » تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ « دوللارتوزىقى» غا چۈشۈپ قالدى دەپ خەۋەر بېرىلدى، خىتاينىڭ ھازىر باشقا تاللىشى يوق، ئۇچوقۇم كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى توختىماستىن ئامېرىكازايوم بازىرىغا سېلىشى كېرەك، پەقەت 3- ئاي بىر ئاي ئىچىدىلا خىتاينىڭ ئىلىكىدىكىبىۋاسىتە ئامېرىكا دوللىرى زايومى نەچچە يۈز مىليون دوللار ئېشىپ، خىتاينىڭقولىدىكى ئامېرىكا زايومى بىر تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپكەتتى، خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھەقدارى بولۇشقا مەجبۇر ، بۇ بىرھېچقانداق ئىپتىخارلىنىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر قۇرۇق شان -شۆھرەت. « ۋاشىنگتون پوچتاگېزىتى » بولسا مەسخىرە ئارىلاش :« خىتاي خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى بىريۈرىكى ئاجىز قاتناشقۇچىدىن ، ئۇشتۇمتۇتلا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدەئۆزگىرىپ، ئاچچىقى يامان، ئۈستەل مۇشتلايدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى، خەلقئاراپۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ يادروسى بولغان دوللارنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتسە، خىتايھۆكۈمىتى مۇقەررەر زىيان تارتىدۇ» دەپ يازدى.
شۇڭلاشقا خىتاي ئامالقىلىپ ئىلىكىدىكى ئامېرىكىنىڭ زايومىنى ئازايتىشى كېرەك، ئەڭ كارغا كېلىدىغىنىئامېرىكا زايومى سېتىۋېلىشنى توختىتىش، بىراق بۇنداق قىلسا، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىئېشىپ كېتىدۇ دە، خىتاينىڭ ئېكسپورتى مۇشكۇلاتقا دۇچ كېلىدۇ، شۇڭلاشقا خىتايئامېرىكىنىڭ دوللار توزىقىدىنمۇ ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇپ چىقالايدىغان ، شۇنداقلا يەنەخەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسۈپ كەتمەيدىغان بىر ياخشى ئامال تېپىشى كېرەك، بولسا ئامالقىلىپ خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، بىراق بۇ ئۇسۇلئارقىلىق دوللارنىڭ توزىقىدىن چىقىمەن دېيىش سەل كۈلكىلىك، يەنى تاۋكا يېنىدىكىئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋاز ، ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا داۋاملىق پۇل تىكىدۇ، لېكىن ئۇئوينىغانسىرى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرىدۇ.
ئامېرىكا ئىراق ۋەئافغانىستاندا ئۇرۇشتا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا ،بۇ كۆك كۆزئىستراتېگىيەچىلەر خىتاي ئۈچۈنمۇ بىر پۇل-مۇئامىلە توزىقى قۇرۇپ قويغان. ئەينىچاغدا ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىركەشكەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا بىر ھەربىيھازىرلىق توزىقى قۇرغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئازدۇرۇپ ، قولىدىكى پۇلنىڭھەممىنىڭ يادرو قورالىغا ئىشلەتكۈزگەن، ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى پەقەت يادروچۆكمە پاراخوتتىنلا 300 نەچچىنى ياسىۋەتكەن، ۋودورود بومبىسىنىڭ مىقدارىنى يۈزمىليون توننا ئېكۋىۋالېنتغا يەتكۈزگەن، يادرو ئوق بېشىدىنلا نەچچە ئون مىڭ تالياسىغان بولۇپ، ھەتتا پىلانېتىلار ئۇرۇشى پىلانىغا پۇلنى چاچقان بولۇپ، ئەڭئاخىردا سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئىقتىسادى خوراپ پارچىلىنىپ كەتكەن.
ھازىرچە بۇ قېتىمقىئىقتىسادى كىرىزىسىنى ئامېرىكا ئىستىراتىگىيەچىلىرى مەقسەتلىك لايىھەلىگەن دېيىشكەتېخى ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ ، لېكىن كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى : « باشقا دۆلەتلەردەئىقتىسادى كىرىزىس يۈز بەرسە، شۇ دۆلەتنىڭ پۇلى پاخاللىشىپ، بىر تىيىنغا ئەرزىمەسبولۇپ قالىدۇ، لېكىن نېمىشقا ئامېرىكىنىڭ ئۇنداق بولمايدۇ ؟ » . ئىشقىلىپ ئامېرىكىنىڭھەقىقىي قەستىنى مەڭگۈ ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.
مەيلى بۇ قېتىمقىئىقتىسادى كىرىزىسىنى ئامېرىكا قەستەن پەيدا قىلغان ياكى قىلمىغان بولسۇن، بىرنۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى كىرىزىستا،خىتاينىڭ بايلىقى ئومۇميۈزلۈك تالان تاراج قىلىنىپ، خىتاينىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىئۈزۈل-كېسىل چەكلىمىگە ئۇچرىدى، ئىراق ئۇرۇشىدىن بۇرۇن بىر تۇڭ نېفىت 25 دوللارئىدى، بىراق ئۇرۇشتىن كېيىن بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 140 دوللارغا ئۆسۈپ كەتتى،بىز ئەينى چاغدا 140 دوللارلىق باھادا ئىستراتېگىيەلىك زاپاسلاشنى باشلىغان.شۇنىسى ئايان، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ نېفىت شىركەتلىرى ئامېرىكىلىقلارنىڭئىلىكىدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېفىت سودىسىدا ئامېرىكا دوللىرى ئىشلىتىلىدۇ، باھايۇقىرى بولغاندا، ئامېرىكا بۇ ھالقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ زىيىنىنى تولۇقلايدۇ،لېكىن خىتاي قانداق قىلىپ زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۋالىدۇ؟ لېكىن ئامېرىكا بۇپۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رۇسىيەنىڭ پايدا ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىدى،رۇسىيە نېفىت ئېكسىپورت قىلغۇچى دۆلەت بولغاچ نېفىت ئۆسكەندىن تازا پايدا ئالغان،يولۋاس كۈچۈكىنى بېقىش، كەلگۈسىدە ئۆز بېشىغا ئۆزى پىت تېرىش ئەمەسمۇ، شۇڭلاشقائامېرىكا قايتىدىن نېفىت باھاسىنى بېسىشقا باشلىغان، بۇ دەل 2004 - يىلىدىنئېتىبارەن، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، بۇچاغدا رۇسىيە توختىماستىن ئىرانغا قورال سېتىپ بېرىپ ئامېرىكىنىڭ ئوغىسىنىقاينىتىپ، ئىران بىلەن ئامېرىكىنى دەي -دەيگە سالغان، ناۋادا ئۇرۇش پارتلىغانبولسا، نېفىت باھاسىنىڭ 200 دوللارغا ئۆسۈپ كېتىشىدە ھېچقانداق شۈبىھە قالمايتتى،رۇسىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەميىنىنى تازا توملايتتى، لېكىن ئامېرىكارۇسلارنىڭ دامىغا چۈشمىدى، ئىران بىلەن سوقۇشۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە تېخىئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە تەييارلىق قىلدى .
نېفىت باھاسىنى بېسىشخىتايغا پايدىلىق، بىراق ئامېرىكا ھىيلە ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ نېفىت باھاسىنىڭچۈشۈشىدىن ئالغان پايدىسىنى يەنە ئۆز ھەميىنىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى. ئامېرىكا بىرتەرەپتىن ھەدەپ خىتاينى بەزلەپ ئۆزىنىڭ زايومىنى ساتسا، يەنە بىر تەرەپتىن،غەرەزلىك ھالدا خىتاينىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدا ۋە دۆلەتئىچىدە ئاۋارگەرچىلىك پەيدا قىلدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا،ناۋادا خىتاي ئەتراپىدا داۋالغۇش كۆرۈلسە ھەتتا ئۇرۇش پارتىلىسا،خىتاي زەربىگەئۇچرايدۇ ياكى تاشقى دۈشمەنلەر بىلەن قارشىلىشىدۇ ۋە ياكى دۆلەت ئىچىدە توقۇنۇشكېلىپ چىقىدۇ دە، ئامېرىكا سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش مەقسىتىگە يېتىدۇ، يەنىخىتاينىڭ مەبلىغى ئامېرىكىغا قاچىدۇ، ئۇلار پەقەت چەتئەللەرنىڭ خىتايغا سالغانمەبلىغىنى ئېلىپ قاچماستىن ، يەنە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەبلىغىنىمۇ ئېلىپ قاچىدۇ،مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي پەقەت ئامېرىكىنىڭ زايومىنى سېتىۋالسىلا، يېتەرلىكئەمەس، ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ بارلىق بايلىقى، ۋە كەلگۈسىنىمۇ ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالماقچى،ئۇلار پەقەت پەسكەش ۋاسىتىسىنى يوشۇرۇپ قالماقچى خالاس، بۇنداق بولغاندا ئامېرىكائۆزىنى قۇتقۇزۇپلا قالماستىن بەلكى خىتاينىڭ كەلگۈسىنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ، بۇۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھەربى ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە سۆرەپ ئەكىرىپ، ئاخىرىداپارچىلاپ تاشلىغاندىنمۇ بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرىدۇ، بىز چوقۇم بۇ نۇقتىنى تونۇپيېتىشىمىز ۋە مەھكەم ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. 21 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى ئون يىلىدايۈز بەرگەن ۋەقە، كەلگۈسىدىكى 50 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىتقىچە تەسىركۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:40 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.232438 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش