تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2020|ئىنكاس: 0

مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش 6 بۆلۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش -1

مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كېلەچىكىگە ئۆرنەك ئىككى دۆلەت
مەمەت ئەمىن ھەزرەت
تۈرك تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان؛ ئەندەر قاراخانلى

        نۇرغۇن كەمبەغەل دۆلەتلەردە تۈرلۈك ئىسيانلار بېسقىمايۋاتىدۇ. غەزەپ – نەپرەتكە تولغان كىشىلەردىن بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ۋاقتىڭىزدا، ئەۋج ئېلىۋاتقان پارىخورلۇق، ئادالەتسىزلىك ھەققىدە توختۇلىدۇ. دەرھەقىقەت، بۇلارنىڭ ئاستىدا ياتقان ئەسلى سەۋەپ يوقسۇللۇقتۇر. كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ مەمۇرىي خادىملىرىمۇ كەمبەغەل بولىدۇ. پارا، ئۇلار ئۈچۈن مائاشلىرىدىنمۇ ياخشى كىرىم مەنبەسىدۇر. بۇ ئەللەردە قانۇنلار پەقەت بىر كىشى تەرىپىدىن ئەمەس، ھەممە كىشى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بۇ ئەللەردە پارىخورلۇق ۋە قانۇنسىزلىق ئومۇمىيلاشقان. پارىخورلۇق ئەخلاقنى، بۇ ئەخلاق دۆلەت قۇرۇلمىسىنى چىرىتىدۇ. ئىجتىمائى مۇقىمسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى پارىخورلىق، پارىخورلىقنىڭ سەۋەبى پېقىرلىقتۇر. بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان قاتارنىڭ مىللىي دارامىتى 100 مىڭ دوللارغا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان ئافغانىستاندا بولسا، مىللىي دارامەت 600 دوللار. قاتاردا جىنايەت نىسبىتى يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئافغانىستاندا جىنايەت نىسبىتى خېلى يۇقىرى دەرىجىدە. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى قاتاردا؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى ئافغانىستاندا. قاتاردا ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار؛ خانىۋەيرانلىق ئىچىدىكى ئافغانىستاندا بولسا ئۇرۇش چۇقانلىرى، تۇل ۋە يېتىملارنىڭ ئازاپ بىلەن تولغان يىغا – زارلىرى كۆتۈرۈلمەكتە. قاتار تەرەققىيات نوقتىسىدىن بىلىم ۋە تېخنىكا ساھەسىدە ئىسلامى ھايات بىلەن ماسلىشىشچانلىق ئىچىدە غەلبىلىك ھالدا ئالغا قاراپ ماڭماقتا. ئىسلام دىنى مۇسۇلمان خەلقنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كېلەچىكىگە يول كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئافغانىستاندا ئىسلام، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا قارشى « جىھاد » ئېلىپ بېرىشى سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايەن قىلماقتا. بۇ يوقسۇل مەملىكەتتە مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمى ساقال، سەللە ۋە ھىجاپ بولماقتا. ئىسلامنى قاتتىق بەلگىلىمىلەر بىلەن ياشاۋاتقان ئافغانىستاندا، قۇرئانى كەرىمدە ھارام قىلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك ( ئەپيۇن ) كەڭ كۇشادە تېرىلماقتا. دۇنياندىكى زەھەرلىك چېكىملىك مىقدارىنىڭ 40% ئافغانىستاندا ئىشلەپچىقىرىلماقتا. قاتاردىن كۆتۈرۈلگەن ئا ق ش ئايروپىلانلىرى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتىنى بومباردىمان قىلىدۇ؛ ئافغانىستاندىن كۆتۈرۈلگەن ئا ق ش ئايروپىلانلىرى مۇسۇلمان ئافغانىستان خەلقىنى بومباردىمان قىلماقتا. قاتار تەرققىيات ۋە پاراۋانلىق مەركىزىگە ئايلىنىۋاتقاندا، ئافغانىستان قان ۋە كۆز يېشىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. قاتار ۋە ئافغانىستان خەلقى ئوخشاش بىر قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ. ھەر ئىككى خەلقنىڭ قولىدا ئوخشاش قۇرئانى كەرىم بار. غەرب باي قاتارغا مېھرى – مۇھەببەت بىلەن، كەمبەغەل ئافغانىستانغا بولسا ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن يېقىنلاشماقتا. قاتاردا تىنچلىقنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشى ئۈچۈن، ئافغانىستاندا بولسا تىنچلىقنىڭ بۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەرەپلەر قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. قاتار ئوتتۇرا شەرقتە ساياھەت ۋە ھەر خىل يىغىنلارنىڭ مەركىزىگە ئايلانماقتا. دۇنيا چۆلدىكى بۇ تەرەققىيات ئۈلگىسى بولغان قاتارغا قاراپ ئېقىۋاتقاندا، ئافغانىستانلىقلار جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدىغان « كاپىر » ياۋروپاغا يىللاردىن بېرى توپ – توپ ھالدا سەلدەك ئاقماقتا. بۇ خەتەرلىك سەپەردە بىر قىسمى نىشانىغا يېتەلمەي يولدا ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ. مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىشنى ئەقلىگە كەلتۈرۈپ باقمىغان زۇلۇمنى، كۈنىمىزدە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قەست قىلماقتا،
        يۇقىرىدىكىلەرنى تىلغا ئېلىشتىكى مەقسەت ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇشتۇر. قاتار ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستان قاتارغا ئوخشاش تەبىئىي گاز ۋە نېفىتى مول بىر دۆلەتتۇر. بۇ ئەلدە ئافغانىستان خەلقىغە ئوخشاش غەزەپ بىلەن تولۇپ تاشقان، پارتىلاشقا تەييار بىر خەلق بار. بۇ ئەل ئىسلام دىنىدىن تارتىپ بارلىق دىنلارنى رەت قىلغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۆمۈر مۇشت بىلەن باشقۇرۇلماقتا. ئاتېئىزىم تۈزۈمى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىقنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان بىر خەنجەردەك، 66 يىلدىن بۇيان بۇ مۇسۇلمان خەلقنىڭ قانسىرىشىغا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئازاپ ئىچىدە تولغۇنۇشىغا سەۋەپ بولماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان بېسىم، ئۆز ۋاقتىدا مەككە مۇشرىكلىرى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ساھابىلىرىغا قىلغان زۇلۇملىرىدىن نەچچە ھەسسە قاتتىق ۋە ۋەھشىلەرچە يۈرگۈزۈلمەكتە. مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن يامانلىق قىلغان. لېكىن مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ساقىلىغا، مۇسۇلمان خانىملارنىڭ تەسەتتۇرىغا چىقىلمىغان. مەككە مۇشرىكلىرى 1400 يىل بۇرۇن ئەقلىگە كەلتۈرمىگەن زۇلۇمنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 21 – ئەسىردە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزمەكتە.  
        بېيجىڭنىڭ مەقسىتى بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىدىن پەقەت ۋازكەچمەسلىكىدىكى سەۋەب تۆۋەندىكىچە:
1.    ماغدۇرسىزلانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى پەقەت دىنى ۋە مىللىي قىممەتلىرىنى قوغداشقا بۇراش ۋە بۇ يولدا سەرىپ قىلغۇزۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا تىزلەشتۈرىۋاتقان ئىقتىسادىي بۇلاڭ – تالاڭنى خاتىرجەم شەكىلدە ئېلىپ بېرىش.
2.    دىنى بېسىم ۋە چەكلىمىلەرنى بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە چىقىرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنى تېخىمۇ رادىكال ۋە ئاشقۇنلۇققا مەجبۇرلاش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
3.    رادىكال ۋە ئاشقۇنلۇققا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنياغا « مەركىزى ئاسيادىكى ئى سى سى ئى » سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك قەتلىئام ئېلىپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان تارىخى ۋەزىپىسىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
        كۈنىمىزدە خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 40% شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كەلگەن ئېنىرگىيە ۋە ھەر خىل خام ئەشياغا مۇھتاج. غەربىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تۇربا يولى بىلەن كېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتايغا ئېقىۋاتقان تەبىئىي گاز ۋە نېفىتنى بۇنىڭغا قوشقان ۋاقتىمىزدا، خىتاينىڭ تۈركىستان رايۇنىغا بولغان خام ئەشيا بېقىندىلىقى 60%تىن ئېشىپ كېتىدۇ. تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بۇ خام ئەشيالارنى تالان قىلىۋاتقاندا، بۇ بايلىقى مول ۋەتەننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان مۇسۇلمان تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆزىنى باغلاپ، دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراشنى مەقسەت قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ئەسلى ئىگىسى بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى بۇ تۇپراقلاردىن پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن، خەلقئارا جامائەتچىلىكمۇ قوبۇل قىلىدىغان بىر « جىنايەت » ئىجاد قىلىش ۋە ئۇلارنى بۇ مەسىلىدە قايىل قىلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلماقتا.
        كۈنىمىزدە دۇنيا مىقياسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان، تەپتارتماستىن ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرالايدىغان ئۇنىۋېرىسال « جىنايەت » پەقەت « ئىسلامى رادىكالىزم »دۇر. خىتاي ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ « رادىكال ئىسلامچى » ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىغان مۇددەتچە، ئوتتۇرا ئاسيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىنى يېنىدا تۇتۇپ تۇرۇپلا قالماستىن، غەرب ئەللىرىنىڭمۇ سۈكۈت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈلەيدۇ. بېيجىڭ مەجبۇر قالغاندا ب پىلانىنى ئىشقا سالىدۇ.
        خىتاينىڭ 21 – ئەسىردە مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ۋەتىنىدە بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە پۈتۈنلەي يوقۇتالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھۆر دۇنيانىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي يۇتۇۋېلىشنى مەقسەت قىلغان، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا ئېرقى قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىشتا ئىشقا سالىدىغان بىر « ب پىلانى » بار. يەنى، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار سەۋەبىدىن خىتاي پارچىلىنىشتىن خالىي بولالمايدىغان بىر ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى، يەنى مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى مەركەزلىشىپ ياشاۋاتقان جەنۇبىنى – ئۇيغۇرلار « ئالتە شەھەر » دەپ ئاتىغان تارىم ۋادىسىنى ئۇيغۇرلارغا تاشلاپ بېرىش پىلانى.
        تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى 66 يىلدىن بۇيان مەقسەتلىك ھالدا ئىستىراتېگىيە ئەھمىيەتكە ئىگە مەبلەغلىرىنى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلارغا سالماقتا. شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ ماكانلاشتۇرىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ 85%ى؛ شەرقىي تۈركىستاندا سانائەت، ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىگە سالغان مەبلەغلىرىنىڭ 95%ى شىمالغا، يەنى جۇڭغار ئويمانلىقىغا مەركەزلەشكەن. ئېچىلغان نېفىت ياتاقلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسلىھەلىرى شىمالدا، يەنى قاراماينى مەركەز قىلغان جۇڭغار ئويمانلىقىدا. تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسيا ئەللىرىدىن كەلگەن تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قاتارلىق ئېنىرگىيە تۇربىلىرى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، مەركىزى خىتاي ( بېيجىڭ )غا يېتىپ بارىدۇ. جەنۇپتىكى 1 مىليۇن كۇۋادىرات كېلومېتىر زېمىندىكى تەكلىماكان چۆلى ۋە تارىم دەرياسى بويىدىكى بوستانلىقلاردىن چىقىرىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ تەننەرخى بازار باھاسىدىن يۇقىرى. بۇ يەردىن چىقىرىلغان بۇ ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەش يوللىرى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەس. خىتاي ئىستاستىكلىرىغا ئاساسلانغاندا 8 مىليۇن ( يېقىندا ئېلان قىلىنغىنى 10 مىليۇن )، ئۆزىمىز ۋە مۇستەقىل تەتقىقات مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا 12 مىليۇنلۇق نوپۇسقا ئىگە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بۇ رايۇندا، يەنى تارىم ۋادىسى دەپ ئاتالغان ئالتە شەھەردە ياشىماقتا. ئۇيغۇر تۈركلىرى مەركەزلىشىپ ياشايدىغان بۇ رايۇنلاردا زىرائەت ۋە بۇ جايلاردىن چىقىرىلغان نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش مەركەزلىرى، خىتايغا توشۇيدىغان قاتناش تۈگۈنلىرىدىن باشقا ھېچقانداق سانائەت ئورۇنلىرى يوق بولۇپ، بۇ ساھەگە مەقسەتلىك ھالدا مەبلەغ سېلىنمايۋاتىدۇ. تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىرىغا ئاساسەن مەقسەتلىك ھالدا بۇ رايۇنلارغا مەبلەغ سالمايۋاتىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەر ۋە سۇ ئاز بولغان بۇ رايۇنلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى. مەقسەتلىك ھالدا ئىشسىزلىق، ئاچلىق ۋە يوقسۇللۇققا مەھكۇم قىلىنغان، مىللىي قەدىرىيەتلىرىگە سادىق بولغان، دىندار، شۇنداقلا غەزەپ – نەپرەتكە تولۇپ تاشقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى، تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بۇ رايۇنغا قاپسىلىپ ياشاشقا مەجبۇرلانماقتا. تارىم ۋادىسى تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا ئوخشاش ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغان ئەللەر بىلەن خوشنا. بېيجىڭ، بۇ رايۇننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قالغان ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى ئىككىنجى بىر ئافغانىستانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا، مۇسۇلماننى مۇسۇلمانغا قىرغىن قىلدۇرۇش ۋە بۇ ئۇرۇشنى ھوزۇرلىنىپ تاماشا قىلىش خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تاكتىكىسىدۇر.
         شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىگە سادىق يۈز مىڭدىن ئارتۇق تۈرك ئېرقىغا مەنسۇپ كىشى بار. ئۇلار مائاشلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، سۇدىن ئايرىلغان بېلىققا ئايلىنىپ قالىمىز دەپ ئويلايدۇ. بۇ كوممۇنىستلارنىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە يالاقچىلىق قىلىپ جېنىنى بېقىشتىن باشقا كەسپى يوق. ئۇلار ئىشلەشنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ بىلىدۇ. خىتايلار ھاكىمىيەتنى، دۆلەت ئورگانلىرىنى ۋە قورال – ياراقلارنى ئۇلارغا تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كېتىدۇ. نەچچە ئەسىردىن بۇيان خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا خورلانغان ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىغان ۋە غەزەپكە تولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، خىتايلارنىڭ چوماقچىسى ۋە ۋارىسى بولغان بۇ ئاتالمىش « مىللىي ھاكىمىيەت »كە قارشى دەرھال ئىسيان كۆتۈرىدۇ.
        شەرقىي تۈركىستاندا خىتايپەرەستلەرگە قارشى تۆۋەندىكى گۇرۇپپىلارنىڭ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى:
1.    تۈركىيە ( ئانادولۇ )نى مەركەز قىلغان ۋە بارلىق تۈرك خەلقلىرىنى بىر ۋە قېرىنداش دەپ قارايدىغان، ئانادولۇ تۈركلىرىگە ئوخشاش ھەممىگە كەڭ قۇچاق ئاچقان ئەنئەنىۋى ئىسلام ئېڭىغا ئىگە مۇھاپىزىكار تۈرك مىللەتچى ئېقىم.
2.    سەئۇدى ئەرەبىستان مەركەزلىك ۋاھابى ( سەلەفى ) دىنى ئەقىدىسىگە ئىگە ئېقىم.
3.    پەقەت ئۇيغۇرلىقىنى داۋا قىلغان ۋە « مەن ئۇيغۇر » دەيدىغان ئۆزگىچە مىللەتچى ئۇيغۇر ئېقىم.
4.    ۋاشىنگىتوننى مەركەز قىلغان ئامېرىكا غەربچىلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئېقىم.
5.    ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان سابىق روس مەستانىسى ئېقىم.
6.    تۈركىيەنىڭ ئىزناسى بولغان ھەر خىل دىنى، تەسەۋۋۇپى چوڭ – كىچىك مەزھەپچى ئېقىملار.
        ھەر قايسى ئەللەرگە مەنسۇپ جاسۇسلۇق تەشكىلات ئەزالىرىدىن ئىبارەت ئەجنەبى ئۇنسۇرلار، ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش پۈتۈن كۈچى بىلەن تارىخى پايتەختىمىز ۋە مەدەنىيەت مەركىزىمىز بولغان قەشقەردە يەنە بىر قېتىم ماكان تۇتىدۇ. تاشقى كۈچلەر ۋە ياتلار تەرىپىدىن ئۇزۇن مەزگىل قۇل قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئورتاق ئاجىزلىقى، ئىنتىزام ۋە تەشكىلچانلىقتىن يوقسۇن بولشى، تەقدىرداش ئىكەنلىكى چۈشەنچىسىنى يىراق بولىشىدۇر. ئۆمرى بويىنچە مەنسەپ ۋە شۆھرەت ئاچارچىلىقى ئىچىدە ياشىغان بۇ قەۋملەردە، مالىمانچىلىق باشلانغاندا ھەر كوچىدىن بىر « يېتەكچى، داھى » چىقىدۇ. كىشىلەر پۈتۈن كۈچىنى، قېنىنى ۋە جېنىنى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە سەرپ قىلىدۇ.
        بۈگۈن سۈرىيەدە مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق گۇرۇپپا بار بولۇپ، قورالىنى بىر – بىرىگە تەڭلەپ تۇرماقتا. ئىشنىڭ ئىچىگە قان داۋاسى كىرگەن ۋاقىتتا، بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاش ناھايىتىمۇ قېيىن بولىدۇ. سۈرىيە خەلقئارا جاسۇسلارنىڭ جەننىتىگە ئايلىنىپلا قالماستىن، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يېڭى قورال – ياراقلىرىنى سىنايدىغان مەيدانغا ئايلىنىپ قالدى. بۈگۈن سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەش ھوقوقى سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئىلكىدە ئەمەس. سۈرىيەگە سىرىتتىن كېلىدىغان كۈچ ۋەياكى كۈچلەر سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە كېلەچىكىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر. سۈرىيە مۇقىم ۋەزىيەتكە ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ يېڭى مۇقىمسىزلىقلارغا ھامىلە. مەجبۇر قالغاندا شەرقىي تۈركىستاننى يېڭى ئافغانىستان، يېڭى سۈرىيەگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان بىر خەلققە ئايلاندۇرۇپ قويۇش، بېيجىڭنىڭ « ب پىلانى »دۇر.  كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋۇجۇدى قىلىچ بىلەن ئىككىگە ئايرىغان بىر ئىنسانغا ئوخشاش بۆلۈنمەسلىكى، ئاتا مىراس تۇپراقلىرىمىزنىڭ ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرەلىشىمىز، بىر پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە بولالىشىمىز ئۈچۈن، ئافغانىستان ۋە سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە چۈشۈپ قالماسلىقىمىز ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


پەقەت خىتايلا شەرقىي تۈركىستاننى مالىمان قىلمايدۇ 2-


        ئۆز مەيلىمىزگە قويىۋېتىلسەك، شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان مالىمانچىلىق ۋە بۆلۈنۈشلەرنى ئەتراپلىق تەشكىللەش ۋە تىزگىنلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنى ئەسلى نىشانغا قارىتا تەربىيىلەپ ئاڭلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئانچە قېيىن ئەمەس. چەتئەلدىن سوزۇلغان قارا قوللارنى بايقاش ۋە ئۇلارنىڭ بىزنى ئويۇنغا سېلىپ، مالىمانچىلىق پاتقىقىغا تىقىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەممىدىن قېيىن.

        شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى باشلانغاندا، تەكچىدە توپا بېسىپ ياتقان ياكى ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بارلىق مەسلىلەر تۇيۇقسىز تەرەپ – تەرەپتىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنى رەھىمىسىزلىك بىلەن پىچكا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان چوڭ، كۈچلۈك دۆلەتلەر، كۈچلەر ۋە خوشنا ئەللەر ئۆز مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۈستىمىزدىن كۈچكە ئىگە بولۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان توڭلىتىپ قويۇلغان ئىددىئولوگىيىلىك ئوخشاشماسلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەنپەئەتىگە ماس ھەرىكەتلەرنى ئوڭايلا ئېلىپ بارالايدۇ.

        بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە مىللىي داۋانىڭ ئالدىنقى سېپىدە يەر ئالغان شەخسلەر ئارىسىدا، بۇ مۇقەددەس داۋانى مەنپەئەت ئېرىشىش ۋە شۆھرەتكە ئىگە بولۇش ۋاستىسى دەپ قارايدىغان؛ « شەرقىي تۈركىستان » ۋە « ئۇيغۇر » ئاتالغۇلىرىنى ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان؛ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە باشقا دۆلەت جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرىغا مەخپىي ( قوشۇمچە ) خىزمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قۇچقىغا ئولتۇرغان « ئۇيغۇرلار » يوق ئەمەس. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ناچار ۋە يىرگىنىشلىك ئۆتمىشى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى بىلەن ھېچقانداق بىر شەكىلدە ھېسسى ۋە ئورگانىك رىشتىسىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇرۇش باشلانغاندا، ئۇلار قۇچقىدا ئولتۇرغان ۋە نەپ ئالغان دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئانا ۋەتىنىمىزگە ئەۋەتىلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەر خىل مەقسەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىپ كەلگەن ۋە پايدىلىنىدىغان « ئۇيغۇر » ئىسىملىك بۇ شايكىلار ئىستىخىيلىك ھالدا ئېلىپ بارىدىغان زىيانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى مالىمانچىلىق قاينىمىغا غەرق قىلىشتا؛ شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ بۇ رايۇندىكى رەزىل پىلانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بىر شەكىلدە ياردەم قىلىدۇ. ھەر خىل ئىددىئولوگىيىلىك ۋە مەزھەپ خاراكتېرلىق گۇرۇپپىلارغا قەيەردىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان قورال – ياراق قاتارلىق ياردەملەر كۆپەيگەنسىېرى، تارىم ۋە ئىلى دەرياسى قىزىل رەڭدە ئېقىشقا باشلايدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا پەقەت بىزلا ئۆزىمىزگە يىغلايمىز. بۇ ھالغا چۈشۈپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، خوشنىمىز ئافغانىستاننىڭ يېقىن تارىختا بېشىدىن ئۆتكەنلىرىگە قاراپ باقساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


ئافغانىستان نېمە سەۋەپتىن ۋە قانداق بولۇپ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قالدى؟


        ئافغانسىتان پادىشاھى زاھىر شاھ 1964 – يىلى قايتىدىن ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزدى ۋە ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىنى ئۆرنەك قىلىپ يېڭى ئافغان ئاساسىي قانۇنىنى يولغا قويدى. خەلققە  كەڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكىراتىك ھەقلەر بەرگەن بۇ ئاساسىي قانۇندىن پايدىلانغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي، ئافغانىستاندا ئۆزىگە مايىل تەرەپتارلارنى ۋە تەشكىلاتلارنى تەشكىللەشكە باشلىدى. موسكىۋا تەرەپتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەن ئافغانىستان كوممۇنىستلىرىنى، كېيىنكى يىللاردا خىتايلار بىر – بىرىگە دۈشمەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىۋېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى. 1968 – يىلى موسكىۋا تەرەپتارلىرى « پەرچەم »؛ بېيجىڭ تەرەپتارلىرى « شۇلە » ناملىق گېزىت ئەتراپىدا ئۇيۇشقان ئىككى زىت ۋە دۈشمەن كوممۇنىست پارتىيىگە ئايلاندى. كېيىنكى مەزگىلدە خىتاي، موسكىۋا تەرەپتارى بولغان « پەرچەم – بايراق » كوممۇنىستلىرىنى يەنە ئىككىگە بۆلىۋېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى. پەرچەمدىن ئايرىلغان تاھىر بەدەخشى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا « مىللىي سىستېما » پارتىيسىنى قۇردى. بۇ پارتىيە ئافغانىستاننىڭ چەت رايۇنلىرىدا ماۋ زېدوڭنىڭ يەرنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزىۋېلىش سىياسىتىنى ئۆزىگە پىرىنسىپ سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. مۇھاپىزىكار بىر كىشىلەر، قەۋملەر ۋە قەبىلىلەر دۆلىتى بولغان ئافغانىستاندا، بۇ ئەلنىڭ ئىككى چوڭ كوممۇنىست خوشنىسى، ئىسلام دىنىنى رەت قىلىدىغان ۋە ئۆز ئىچىدە بىر – بىرىگە دۈشمەن بولغان، سۈركىلىشىپ تۇرىدىغان ئۈچ كوممۇنىست پارتىيىنى، مۇسۇلمان ئافغانىستان خەلقىنىڭ بېشىغا بالا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كەڭ مۇسۇلمان ئامما ۋە قەبىلىلەر نارازلىقلىرىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ نارازلىق ئىسيانغا ئايلاندى. دۆلەت ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ مالىمانچىلىق گىرداۋىغا ئىتتىرىلىۋاتقانىدى. 1973 – يىلى 17 – ئىيۇلدا زاھىر شاھ تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سابىق باش مىنىستىر ۋە قېيىن ئىنىسى گېنىرال مۇھەممەد داۋۇتخان، موسكىۋا ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئوفېتسىرلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھەربىي ئۆزگۈرۈش قىلىپ، زاھىر شاھنى ئىككىنچى قېتىم ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۆزىنى جۇمھۇر رەئىسى ۋە باش مېنىستىرلىككە تەيىنلىدى. ئافغانىستاندىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائى داۋالغۇش روس ۋە خىتاي رىقابىتى سەۋەبىدىن خەتەرلىك نوقتىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. موسكىۋانىڭ ئەپلەشتۈرۈشى بىلەن قايتىدىن بىرلەشكەن ئافغان ماركسىزمچىلىرى، 1977 – يىلى 27 – ئاپرېلداھەربىي ئۆزگۈرۈش قىلىپ داۋۇتخاننى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە 28 – ئاپرېلدا « دېموكىراتىك ئافغانىستان جۇمھۇرىيىتى » قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. بۇ قېتىمقى ھەربىي ئۆزگۈرۈشنىڭ يېتەكچىسى نۇرمۇھەممەت تاراقى ئالدى بىلەن خىتايپەرەست كوممۇنىستلارغا، ئاندىن ئۆز ئىچىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا قارىتا تازلاش ئېلىپ باردى. 1978 – يىلىدا بەش مىڭدىن ئارتۇق سوۋېت مۇتەخەسىسى ئافغانىستانغا كەلدى. كابۇل كوچىلىرىدا ئاخشاملىرى يوتىسى ئوچۇق سېرىق روس خوتۇن – قىزلىرى بىلەن ئېرماش – چىرماش بولۇپ كەتكەن ئافغان ئوفېتسىرلىرى كۆپيىشكە باشلىدى. بۇ سەۋەپتىن دىندار ۋە مىللەتچى ئافغانلار كوممۇنىستلارغا قارشى قوراللىق ھەرىكەتنى باشلىدى ۋە بۇ ھەرىكەت ناھايىتى تىزلا ئەۋج ئېلىپ، ئافغانىستاننىڭ ھەممە تەرىپىگە يېيىلدى. 1979 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ئافغانىستاننىڭ يېرىمى مۇجاھىدلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئافغان خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرالمىغان ئېمپورت قىلىنغان مەجلىس باشلىقى، باش مىنىستىر ۋە باش قوماندان تاراقى، سوۋېت قىزىل ئارمىيسىنى ياردەمگە چاقىردى ( تاراقى 1978 – يىلى 5 – دېكابىردا موسكىۋاغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيسىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىش يولىنى ئاچقان ئىدى ). 1979 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئافغانىستانغا 20 مىڭدىن ئارتۇق سوۋېت ئەسكىرى كىرگەن بولسىمۇ، قوزغىلاڭ ئافغانىستاننىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. تاراقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھافىزۇللاھ ئامىن باشچىلىقىدىكى گۇرۇپ تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق قىلىشقا باشلىدى. 1979 – يىلى 24 – دېكابىردا سوۋېت ھەربىي ئايروپىلانلىرى كابۇل ئايرۇدۇرمىغا ئەسكەر چۈشۈرۈشكە باشلىدى. 27 – دېكابىردا ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر قىسىم ئافغان ئارمىيسىنى قورالسىزلاندۇردى. ئىلگىرى تاراقى تەرىپىدىن ئافغانىستاندىن سۈرگۈن قىلىنىپ، موسكىۋاغا سېغىنغان بابراق قارمان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن بىرگە ئافغانىستانغا كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن رەقىبى ھافىزۇللاھ ئامىننى ئۆلتۈرگۈزدى ۋە باشقا كوممۇنىستلارنى تۈرمىگە تاشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانى ئاستىدىكى ئافغانىستان تۇپرىقى جەسەت ئېكىنزارلىقىغا ئايلاندى. 1979 – يىلى بۇ رايۇندىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىراننى ئىسلام ئىنقىلابى نەتىجىسىدە قولدىن چىقىرىپ قويغان ۋە ئافغانىستاننى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە تارتقۇزۇپ قويغان ئا ق ش، بۇ ۋەقەلەرگە ھەيرانلىق ئىچىدە شاھىت بولۇشقا مەجبۇر بولدى. ئامېرىكا دەرھال ھۇشۇنى يىغىپ، سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە پاكىستاننى يېنىغا ئالدى ۋە ئافغانىستاندا دۇنيا مۇجاھىدلار قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزچى سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشىنى تەشكىللەشكە باشلىدى…36 يىلدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىدىن چىقالمايۋاتقان ئافغانىستاندا، مەيلى موسكىۋانىڭ تەشكىللىشى بىلەن ماركىسىزمنى ئافغانىستانغا ئېلىپ كىرگەن يولداش يېتەكچىلەر بولسۇن، مەيلى ۋاشىنگىتۇننىڭ تەشۋىقى ۋە ياردىمى بىلەن ئەپسانىۋى قەھرىمانلارغا ئايلانغان مۇجاھىد يېتەكچىلەر بولسۇن، ھەممىسى ئافغانىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا تارىخى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا كۆزدىن يوقۇتۇلدى. ئافغانىستان ئۈچۈن كۆرەش قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنىڭ بۈگۈن ئافغانىستان مازىرىمۇ يوق. ماركىسىزمچى ئافغان كوممۇنىستلار بولسۇن ياكى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن جىھا قىلغان مۇجاھىدلار بولسۇن، ھەممىسى بۇ يولغا چىققاندا خىيالىدىكى « جەننەت ئافغانىستان »نى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغانىدى. ئەمما ئۇلاردىن ئافغانىستانغا ئازاپ ۋە كۆز يېشىنىڭ مىراس قالىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغانىدى. بۈگۈنكى ئافغانىستان بارلىق مىللەتلەر / دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر ئىبرەت مۇزېيى سۈپتىدە كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا. باتۇر، مېھماندوست، ئاق كۆڭۈل ھەر مىللەت خەلقى تارىختىن بۇيان قېرىنداش بولۇپ بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن ئافغانىستان، ئۆز ئۇقۇمۇشلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن تارىخى خاتالىقى سەۋەبى نەتىجىسىدە، مۇسۇلمانلىقنىڭ خارلىنىشى بەدىلىگە كۈنىمىز دۇنيا تەرەققىياتىدىن 100 يىل ئارقىدا قالدى.

        بۈگۈن خىتاي، تالىبان يېتەكچىلىرىنى بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە مېھمان قىلىۋاتىدۇ. خىتاي دىپلوماتلىرى تالىباننىڭ دۇبەيدىكى ئىشخانىسىنى پات – پات زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان مېھمانلاردۇر. خىتاي، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئا ق ش پۈتكۈزەلمىگەن قايسى پىلاننىڭ كويىدا بولىشى مۇمكىن؟ ئافغانىستاندا چوڭ كۈچلەرنىڭ كۈچ سېنىشى تېخى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگىنى يوق. ۋىرۇس ئىنسان بەدىنىگە سىرىتتىن يۇقىدۇ، ۋۇجۇتتىن ئۆزىگە ئازراق بوشلۇق تاپسىلا ئىچكى ئورگانلارغا ماكانلىشىدۇ ۋە چىرىتىشكە باشلايدۇ. بىر خەلق، بىر دۆلەتمۇ بەدەنگە ئوخشايدۇ. ئافغانسىتان خەلقى ماركىسىزم ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان بولسا ئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان ئىشغالىيىتى ئەمەلىيلەشمەيتتى. سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئافغانىستاننى ئىشغال قىلمىغان بولسا، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئوكيانۇس ئاتلاپ كېلىپ بۇ زېمىننى بومباردىمان قىلمايتتى.

نېمە ئۈچۈن ئافغانىستان ھەققىدە توختىلىمىز؟

        نېمە ئۈچۈن ئافغانىستان ھەققىدە توختىلىمەن؟ ئافغانىستان شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوشنىسى، دىن ۋە قان قېرىندىشىدۇر. ئافغانىستاندا ئۆزبەك، تۈركمەن، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق بەش مىليۇنغا يېقىن تۈرك خەلقى ياشايدۇ. چار روسىيە غەربىي تۈركىستاننى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندا، كۆپ ساندىكى تۈرك خەلقى ئافغانىستانغا كۆچۈپ كەتكەن. ئافغان قېرىنداشلار ھەر دائىم بۇ قېرىنداشلارغا قۇچاق ئاچقان. 1933 – يىلى 12 – دېكابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئافغانىستاندۇر. روس ۋە خىتايلارنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە جۇمھۇرىيەت يىقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۇل سالغۇچىلاردىن بىرى بولغان يېتەكچىمىز مەھمەت ئەمىن بۇغراغا يەنە ئافغانسىتان قۇچاق ئېچىپ، كابۇلدا يىللارچە ئېزىز مېھمان سۈپىتىدە كۈتىۋالغان. ئوتتۇرا ئاسيادا قەھرىمانلىق ۋە ھۆرلىك يولىدا ئەتراپىدىكى خەلقلەرگە ئۈلگە ۋە ئىلھام مەنبەسى بولۇپ كەلگەن بۇ دۆلەت، بۈگۈن تارىختا ئەڭ نادىر كۆرۈلىدىغان مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى ئىچىدە تۇرۋاتىدۇ. ئوخشاش تېراگىدىيە، يېڭى بىر ئۇرۇش قاينىمىغا ئىتتىرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا قايتىدىن يۈز بەرمىسۇن دەپ ئافغانىستان ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز.

        « بۇ، بىر مىللەت ئۆزىدىكىنى ( گۈزەل ئەخلاق ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى ) ئۆزگەرتىۋەتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدىغانلىقىدىندۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( ئەنفال، 53. تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ).
        ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئازادلىق جەڭچىلىرى، دىنى ئۆلىمالىرى، زىيالىلىرى، بارلىق ئەقىل ئىگىلىرى مۇستەقىللىق كۆرىشىمىز باشلانغاندا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلە، مۇشكىلات ۋە خەۋپلەر ھەققىدە ھازىردىن باشلاپ ئويلىنىشى، باش قاتۇرۇشى كېرەك. ئاللاھ نىڭ ياردىمى بىزنىڭ ياخشىلىققا يۈزلەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك. پەپىلىگەنسېرى ئۇيقىغا غەرق بولىدىغان، بىر تەستەك بىلەن ئۇيقۇسى ئېچىلىدىغان مۈگىدەك روھى ھالىتىمىزدىن قۇتۇلۇپ، ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.


خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە دىققەت قىلىش -3

        ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەققىدىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەر، خەلقئارا شاھمات تاختىسىدا پىچكا بولۇشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئاۋام ئىچىدىكى مىللى، ئىددىئولوگىيىلىك، مەزھەپ ۋە رايون خاراكتېرلىق بۆلىنىشلەر، ياتلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەھۋالدۇر. ئەگەر بىز بارلىق چوڭ – كىچىك ئوخشاشماسلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پەقەت مىللىي مەنپەئەت ئەتراپىدا ئۇيۇشالىساق، بىزنى بۆلمەكچى بولغانلارنىڭ ھەۋىسى قوسقىدا قالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن پەرقىلىق ئەللەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرى ئۈچۈن، ھەر تۈرلىك ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردىمىنى كوزۇر قىلىپ، ئىتتىپاقلىقىمىزنى بۇزۇشىغا قەتئى يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئويۇنلىرىغا قارشى پىلان تۈزۈشىمىز، تەدبىر ئېلىشمىز لازىم.

        شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق كۆرىشىدە ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينى چەكلەپ تۇرغان باشقا كۈچلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. خىتاي قانۇن ۋە ئادالەت كار قىلمايدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت كۈچ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. خىتاي تارىخى بۇ قارىشىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. خىتاي كېلەچەكتىكى 3 – دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، بىزنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز بىزگە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ. ئاسيا – تىنچ ئوكيان رايۇنىدىكى ئەللەرنىڭ مەيدانى كۈنسىرى روشەنلىشىۋاتىدۇ. ئۇرۇش ئۇپۇقتا كۆز قىسىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىر ئوتتۇرىدا بىر ئۇرۇش يوق. يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان كۈچ، مەۋجۇت ئەھۋالنى ساقلاپ قېلىش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ئۈچۈن دائىم ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىقا مەجبۇر. كۈچىيىۋاتقان خىتاي، ئۆزىنىڭ كۈچىنى تىنچ ئوكيان رايۇندا غالجىرلاشقان ھالدا نامايەن قىلماقتا. ھاكىم ئورۇنغا ئۆتكەن كۈچ ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى يوقۇتۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ. نوپۇز دائىرىسىگە باشقا بىر كۈچ كىرگەندە ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا باشلىغاندا دەرھال ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئا ق ش، تىنچ ئوكيان ۋە جەنۇبى ئاسيادا خىتاي تەھدىدى ئاستىدا قالغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق ئاساسىدا جەم بولدى. بۇنىڭدىن ئەسەبىيلەشكەن خىتاي، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى خەلقئارا دېڭىزغا جايلاشقان مارجان تاقىم ئاراللىرىدا سۈنئى ئاراللار پەيدا قىلىش ئارقىلىق، ئۇ جايلارنى ئۆزىنىڭ تەۋەلىكى دەپ جاكارلىدى. خىتاي فېلىپىن، ۋېتنام، مالايسىيا، بىرۇنى … قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئونلىغان بېلىقچى كېمىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چۆكتۈرىۋەتتى. بۇ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن ھەر قانداق دېڭىز قاتناش ۋاستىسىنى چېگراغا بېسىپ كىرگەن دەپ قارايدىغانلىقى ۋە زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئا ق ش دېڭىز ئارمىيىسىگە تەۋە ئاۋىياماتكا تىرودور روزۋېلىت بۇ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى. قېنىغا پاتماي قالغان بېيجىڭ بۇ ۋەقەگە قارىتا بۇرۇنقى ئادىتى بويىنچە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن مۈشۈككە ئايلىنىپ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالدى. ياپۇنىيە ئاۋىياماتكا  قوشۇمچە قىلىپ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئا ق ش ئاۋىياماتكىسى خىتاي ئۆزىنىڭ تەۋەلىكى دەپ جار سالغان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۈزىۋاتقاندا، ئا ق ش دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆزىنىڭ زىيارەت پىلانىنى ئېلان قىلىپ، 2015 – يىلى 5 – نويابىردا ئاۋىياماتكا ئۇ.س.س   نى زىيارەت قىلدى. بۇ زىيارەتتە مالايسىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىسامۇددىن ھۈسەيىن كارتېرغا ھەمراھ بولدى. يىللاردىن بېرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا ھەيۋە قىلىپ يۈرگەن خىتاي، بۇ قېتىم تازا ئوبدان ئەدەبلەنگەندىن كېيىن سۇغا تاشلىۋېتىلگەن مۈشۈككە ئايلىنىپ قالدى، ئۈنى چىقمىدى. شەرقىي تۈركىستان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا غالجىرلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئەزگەن تاجاۋۇزچى خىتاي، ئۆزىدىن ياماننى كۆرگەندە قۇيرۇقىنى قىسىپ ئۇۋىسىغا تىكىۋەتتى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن « قەغەز يولۋاس » ئىكەنلىكىنى خەلقى ئالەمگە يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.

        خىتاي تارىختا ھېچقاچان دېڭىز ھالقىپ باشقا جايلاردىن ئۆزىگە زېمىن قېتىۋېلىش ئۈچۈن، دېڭىز – ئوكيان سەپەرلىرىگە چىققۇدەك كۈچكە ۋە جۈرئەتكە ئىگە بولۇپ باقمىغان. خىتاي تېرىتورىيىسىنى بۈگۈنكى ھالغا يەتكۈزگەنلەر خەن مىللىتى ئەمەس، ئەكسىچە موڭغۇل ۋە مانجۇلار. خىتاي تارىختىن بۇيان ئەتراپىدا ياشىغان ئاز سانلىق ۋە ئاجىز مىللەتلەرگە زۇلۇم قىلغان، يىراقتىن كېلىپ خىتاي تۇپرىقىنى ئىشغال قىلغان كۈچلەرگە ئاسانلا تەسلىم بولغان ۋە ئىزچىل خار بولۇپ كەلگەن بىر دۆلەتتۇر. بېيجىڭنىڭ بۇ خاراكتېرى ھازىرمۇ ئۆزگەرمىدى. 2015 – يىلى 5 – نويابىردا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى، ۋېتنامنى زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى جەريانىدا، ياپۇنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خانويدا ۋېتنام بىلەن بىر قاتار ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىدى. ۋېتنام ھۆكۈمىتى ۋېتنام پورتلىرىنى ياپۇن ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا قەرەلسىز ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي كوممۇنىسىت پارتىيسى باشقۇرۇشىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، شى رەئىسنىڭ بۇنچە كۆزگە ئېلىنماسلىقىغا قارىتا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي چالۋاقىغان ۋە نارازلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ۋېتنام ھۆكۈمىتى پەرۋا قىلمىدى. ئاسيا – تىنچ ئوكيان رايۇنىدا ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۇرۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەندىشە ئىچىدە بولۇپ، كېلەچەكنى تەخمىن قىلىش قېيىن. شۇڭا ناھايىتى دىققەت بىلەن ۋەزىيەتنى كۈزىتىش كېرەك.


دۇنيانى چىرىتىشكە باشلىغان « خىتاي مىكروبى »غا دىققەت

        خىتاينىڭ « سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى » دەپ ئاتالغان بىر ھەربىي ئىشلار نەزىرىيىسى بار. بۇ ھەربىي ئىشلار نەزىرىيىسىنىڭ يېزىلىش تارىخى مىلادىدىن بۇرۇنقى يىللارغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۇرۇش دەستۇرىنى بىر جۈملە سۆزگە ئىخچاملىساق، « دۈشمەننى ئىچىدىن پارچىلاش ۋە بۇ ئارقىلىق دۈشمەن قەلئەسىنى ئۇرۇش قىلماستىن ئىچىدىن ئېلىش »تۇر. خىتاي بۈگۈن ئۆزىگە رەقىپ دەپ قارىغان غەرپ ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قولىدا تاشقى پېرۋوت ( نەخ پۇل )تىن باشقا يۇمشاق كۈچ يوق. خىتاينىڭ ئىلكىدىكى بۇ زور مىقداردىكى پۇل، بۈگۈن مىكروپقا ئايلىنىپ خىتاينىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى چىرىتىپ تاشلىدى. بۇ مىكروپ ئەمدى خىتايدىن تاشقى دۇنياغا يۈزلەندى. خىتاي ئافرىقا مۇستەبىتلىرىگە كۆپلەپ پارا بېرىپ، ئافرىقىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى نوپۇزى ئاستىغا كىرگۈزدى. ئوتتۇرا ئاسيادا بولسا بۇ كۈچى ئارقىلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دېموكراتىكلىشىشى ۋە ئىنسانى قەدىر – قىممەتنىڭ كۈچىيىشىنى تورمۇزلاپ تۇرماقتا.

        بېيجىڭدىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى مۇستەبىتلىرى، كۈنىمىزدە خىتاي مىكروبىنى ھۆر ۋە دېموكراتىك لاگىرغا مەنسۇپ غەرب ئەللىرىگە يۇقتۇرىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئېلىپ بارغان چەتئەل زىيارەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋەقەلەر، خىتاينىڭ بۇ يوشۇرۇن ھەرىكىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. شى، ئامېرىكا زىيارىتىنى 2015 – يىلى 13 – سېنتەبىردە سىياتىل شەھرىدىن باشلىدى. بۇ شەھەردە 300 ئايروپىلان سېتىۋېلىش ھەققىدە بوئىن شىركىتى بىلەن 38 مىليارد دوللارلىق توختام تۈزۈپ، ئايروپىلان زاكاس قىلدى. ئا ق ش تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ دۆلەتنىڭ 44 شىتاتىدا تىجارى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 1600 خىتاي شىركىتىدە 80 مىڭ ئا ق ش گاراژدانىنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. شى بۇ ئارقىلىق ۋاشىنگىتۇنغا ماڭا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇرسەن دەپ پۇرىتىپ ئۆتتى. ئەسلىدە خىتاي شاڭخەيدە ئۆزى ياساپ چىققان ۋە بوئىن تىپلىق ئايروپىلانغا ھەر تەرەپتىن ئوخشايدىغان C919 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى خەلقئارا بازاردا سېتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۆزى ياساپ چىققان ئايروپىلان بار تۇرۇپ، بوئىندىن بۇنچە كۆپ ئايروپىلان ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى خىتاي ئاكادېمىكلار ۋە ئىقتىسادچىلارمۇ تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. بۇ 38 مىليارد دوللار ئەسلىدە ئا ق ش ئايروپىلان شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ ئاغزىغا قاراتقان پارىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ۋاشىنگىتوننى زەھەرلەش ئۈچۈن يۇقتۇرۇلغان خىتاي مىكروبىدۇر. خىتاي مۇستەبىتى شى جىنپىڭ نىيوروكتا ب د ت نىڭ يىللىق ئومومىي يىغىنىدا سۆز قىلىۋاتقاندا، خىتاي دىپلومات ۋە مىنىستىرلىرى ئوكيانلاردىكى ئارال دۆلەتلىرىنى خىتايغا بېقىندۇرۇش ئۈچۈن 4 كۈندە جەمئى 18.21 مىليارد دوللار پارا بەردى.

        خىتاي مۇستەبىتى شى بېيجىڭغا قايتار – قايتماس، ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئىجاۋەت قىلىپ 92 ياشلىق سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېنرى كىسسىڭگىر بىرمۇنچە كاپىتالىستلارنى ئەگەشتۈرۈپ بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. بۇ قاقۋاش سىياسەتچى كىسسىڭگىر شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنى ماختاپ ھالى قالمىدى. 1971 – يىلىدىن تارتىپ خىتايغا 73 قېتىم كەلگەن بۇ شەخس، خىتايغا مەبلەغ سالغان ئامېرىكىلىق كاپىتالىستلارنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇپلا قالماستىن، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا كېچە – كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقان خىتايپەرەستلەرنىڭ يېتەكچىسىدۇر. ئۇ ھەر قېتىم خىتايغا كەلگەندە خىتاي مۇستەبىتلىرىنى يۈزى قىزارماستىن ماختىغان. كىسسىڭگىر 2011 – يىلى خىتايغا 70 – قېتىم كەلگەندە، ئۇ ۋاقىتلاردا خىتايدا مەشھۇر بولغان ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى باش سېكرىتارى بولىدۇ دەپ قارالغان ماۋ پەرەست بو شىلەينى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇ باشقۇرىۋاتقان چۇڭچىڭ شەھرىگە بارغان. بو شىلەي ئۇنى « ئىنقىلاۋى ناخشا »لار ئېيتقان 100 مىڭ كىشىلىك مۇراسىم بىلەن كۈتىۋالغان. ئىككى يۈزلىمىچى كىسسىڭگىر بۇ مۇراسىمدا بو شىلەينى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىغانىدى. بۇ ۋاقىتلاردا بو شىلەينىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ قالغان چۇڭچىڭ شەھرىدە 500 ئامېرىكا شىركىتى بار ئىدى. بۇ شەھەردە يىلدا 100 مىليۇن كومپىيۇتېر ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر، قولغا ئايلانغان خىتاي ئىشچىلارنى ئىشلىتىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىدۇر. شى جىنپىڭنىڭ رەقىبىگە ئايلانغان بو شىلەي ھازىر تۈرمىدە. تۈنۈگۈن بونى ماختاپ كۆككە چىقارغان، ھاسا بىلەن ئاران ئۆرە تۇرىدىغان 92 ياشلىق بۇ زات، بۈگۈن خىتاي مۇستەبىتى شى جىنپىڭنى ماختىماقتا. كىسسىڭگىر 1973 – يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان بولۇپ، ئۇ 70 – قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋاقىتلاردا، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لىيۇ شاۋبو خىتاي تۈرمىسىدە ئىدى. ئامېرىكىنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان مەزكۇر سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاي زىيارەتلىرىدە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان لىيۇ شاۋبو ياكى باشقا كىشىلىك ھوقوق مەھكۇملىرى ۋەياكى كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.

        كۈنىمىزدە ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدىن ئامېرىكىغا يۆتكەۋاتقان يىللىق پايدا 250 – 300 مىليارد دوللار ئەتراپىدا. كوممۇنىست خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ غەرپ پۇل – مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق يېقىنقى ئۈچ ئايدا چەتئەلگە 500 مىليارد دوللار قارا پۇلنى يۆتكىگەنلىكى ئېلان قىلىندى ( فوربىس ئىقتىساد ژورنىلى 2015 – يىلى 2 – نويابىر ). يېقىنقى يەتتە ئايدا قارا پۇل يۆتكەش جەريانىدا خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغان 92 گۇرۇھتىن مۇسادىرە قىلىنغان پۇلنىڭ مىقدارى 800 مىليارد دوللار ( شىنخۇا ئاگىنىتلىقى 2015 – يىلى 5 – نويابىر ). مەشھۇر ئىقتىسادچى جورجى سورس بۇ يىل 5 – ئايدا « خىتاي پۇلى خەلقئارا پۇل قاتارىغا كىرگۈزۈلمىسە ئاتۇم ئۇرۇشى چىقىدۇ » دەپ جار سېلىۋاتىدۇ (2015 – يىلى 30 – نويابىر خىتاي پۇلى خەلقئارا پۇل قاتارىغا كىرگۈزۈلدى ) ۋە داڭلىق سىياسەتچى ۋە سىياسەت نەزىرىيىچىسى ئامېرىكىلىق زبىگنىۋ برزىنىسكى « ئا ق ش دېڭىز ئارمىيە فىلوسى جەنۇبى خىتاي دېڭىزى تەۋەلىكىگە كىرمەسلىكى كېرەك » دەۋاتىدۇ. خىتاي مىكروبى، ئامېرىكىلىق كاپىتالىستلارنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ چىرىكلەشكەن تۈزۈمىنى قوغدايدىغان بىر قالقان، ئامېرىكا دېموكىراتىيسى ۋە كىشىلىك قىممەت قاراشلارنى چىرىتىدىغان پارازىتقا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.
        خىتاي تارىختا ئۇرۇش ئارقىلىق يېڭەلمىگەن ھون ۋە تۈرك دۆلەتلىرىنى، خوتۇن – قىزلىرى ۋە ئالتۇن – كۆمۈش، يىپەكلىرىنى بىر قورال سۈپتىدە ئىشلىتىپ، ئالدى بىلەن پارچىلىغان، ئاندىن ئۆزلىكىدىن تارقىلىپ كېتىشىگە ۋەسىلە بولغانىدى. خىتايلارنىڭ دىنى يوق. خىتايلارنىڭ دىنى تارىخىدۇر. بۈگۈنكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تارىخقا مۇراجەت قىلىدۇ. بېيجىڭ تارىختا ھونلارغا، تۈركلەرگە ۋە مۇڭغۇللارغا ئىشلەتكەن، ھەمدە غەلىبە قازانغان مېتودىنى بۈگۈن غەرپ ئەللىرىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن، « دېموكىراتىيە قورالى بىلەن دېموكىراتىينى ئۆلتۈرۈش » سىتىراتېگىيسىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. كاپىتالىستىك ئەللەرنى مەۋجۇت قىلىپ تۇرىۋاتقان ۋە يوق قىلىۋاتقان ئامىل پۇلدۇر. كاپىتالىزىم دۇنياسىدا پۇلنىڭ ئالدىدا بويۇن ئەگمەيدىغان بىرەر دۆلەت يوق. خىتاي كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. خىتاي غەرپ ئەللىرىنى ئىلكىدىكى غايەت زور ئىقتىسادى تورلار بىلەن تىزگىنلەپ تۇرىۋاتقان پۇلدارلارنى پۇلغا غەرق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزى تەرەپكە تارتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم دەپ قارىماقتا.

        خىتاي مىكروبى ياۋروپاغا ناھايىتى تىزلىكتە تارقالماقتا. ئامېرىكا زىيارىتىدە مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى، 2015 – يىلى ئۆكتەبىر ئېينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەنگىلىيەنى زىيارەت قىلدى ۋە بۇ دۆلەت بىلەن 159 تىجارى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، 25 مىليارد فونىستىرلىڭ ( 38.3 مىليارد دوللار ) قىممىتىدە مەبلەغ سالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. بۇ يىل ئەنگىلىيەنىڭ رەسىمى ھالدا پارلامىنتلىق تۈزۈمگە ئۆتكەنلىكىگە 800 يىل بولدى. لوندوندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتتە، شى خىتاينىڭ 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قانۇن دۆلىتى ۋە خىتايلارنىڭ قانۇن تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىنگىلىزلار ھەيرانلىق ئىلكىدە شەرق تۈلكىسى مۇستەبىت شىنى ئالقىشلىدى ۋە « خىتاي بىلەن دۇنيا مىقياسىدا سىتراتېگىيلىك ئورتاق » بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى. شى جىنپىڭ لوندىن قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن گىرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مەركەل بېيجىڭغا كەلدى. بۇ ئۇنىڭ باش مىنىستىر بولغاندىن بۇيان 8 – قېتىم خىتايغا كېلىشىدۇر. مەركەل خىتاي بىلەن 13 كېلىشىم ھاسىل قىلدى. خىتاي ئەيربۇس شىركىتىدىن 130 ئايروپىلان سېتىۋالدى. ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا خىتاي گىرمانىيە بىلەن 17 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە تىجارى كېلىشىم تۈزدى. مەركەل بېرلىنغا قايتىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن فىرانسىيە جۇمھۇر رەئىسى فرانچوس ھوللەند بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.
        روسسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆزىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندى قىلغانلىقىغا ئىشەنگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، « سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى » تەلىماتى بويىنچە دۈشمەننى ئىچىدىن پارچىلاش ۋە بۇ ئارقىلىق قەلئەنى ئېلىش ئۈچۈن، قولىدىكى مىكروبقا ئايلانغان پۇلنى پارا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ غەرپنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانماقتا. خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان يۈز مىڭدىن ئارتۇق تۇل ئايال ۋە 200 مىڭدىن ئارتۇق يېتىم يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، كوچا – كويلاردا يەيدىغان نەرسە ئىزدەۋاتىدۇ. خىتاي بۇ زېمىندىن تالان قىلغان نېفىت، تەبىئى گاز ۋە باشقا بايلىقلاردىن قولغا كەلگەن پۇلنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ئۈستەك بەرگەندە يۈزى نۇمۇستىن قىزىرىپ باقمىدى.

        خىتاي مەدەنىي غەرپ دۇنياسىنى پارچىلىيالامدۇ؟ ياۋروپانى ئامېرىكا ۋە ياپۇنىيە مەركەزلىك ئىتتىپاقتىن ئايرىپ چىقالامدۇ؟ ئامېرىكا رەقىپ سۈپىتىدە ئاجىزلىشىۋاتقان، لېكىن دېموكىراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان روسسىيەنى تاللامدۇ ياكى قاتتىق كوممۇنىست تۈزۈمنىڭ ئىلكىدىكى ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان خىتاينى تاللامدۇ؟ ھەل قىلغۇچ مەسىلە مانا بۇ نوقتىدا. كىمنىڭ قولى كىمنىڭ يانچۇقىدا ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان سىياسىي ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلار دىققىتىنى يىغىپ ئەتراپلىق ئويلىنىشى كېرەك. ئويلىغاندا كىمنىڭ پىچكىسى بولاي دېگەننى ئەمەس، مېنىڭ مەنپەئەتىم نېمە بولىدۇ؟ قەيەردە تۇرۇشۇم كېرەك؟ ئازادلىق چارىسى نېمە؟ دېگەن مەسلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك. خەلقئارا شاھمات تاختىسىدىكى ئويۇننىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى كۆزىتىشى ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك.
        شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، تارىخ ھامان بىر كۈنى بىزگە يەنە بىر پۇرسەت بېرىدۇ. بۇ پۇرسەت بىزگە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ پۇرسەت مىللەت سۈپتىدە مەۋجۇد بولۇش ياكى يوق بولۇشىمىزنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. لېكىن بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئۆزىمىزنى قۇتقۇزىدىغان ئۇ پۇرسەتنى ئاللىقاچان قولدىن بېرىپ قويدۇق ۋە مىللەت ھالىتىدە ئەسىر ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتىمىز

ئۇنداقتا بىزنىڭ ئازادلىق سىتىراتېگىيىمىز قانداق بولىشى كېرەك؟

بۇ ھەقتە تۆتىنچى بۆلۈمدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

پايدىلانغان مەنبەلەر

中国宣布购买300架波音飞机
习近平同美国总统奥巴马会晤
习近平的联合国时间:三天两夜16场活动
地下钱庄黑幕:7个月转移8000亿银行内鬼频出
章家敦:一季度跑5000亿美元,中国失去的不只资本
习近平访英 英军方插手维护核电安全
默克尔今天第八次访问中国 或将涉十三五议题
法国总统奥朗德访问中国


ئالدى بىلەن نىشان ئېنىق بولىشى كېرەك -4

        شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ ئەسلى مەقسىتى، قولىمىزدىن بېرىپ قويغان دۆلىتىمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنى ياشىتىشتۇر. 1933 – يىلى 12 – نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، دۇنيادا ئىسلام نامى بىلەن قۇرۇلغان تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدۇر. دۆلەتنىڭ تۈزۈمى جۇمھۇرىيەتتۇر. جۇمھۇر دېگەنلىك، خەلق دېگەنلىكتۇر. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلامنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان تۇنجى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئىدى. 30 ماددىدىن تەركىپ تاپقان ئاساسى قانۇنىدا دۆلەتتە بارلىققا كېلىدىغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك     ئۈچۈن كەڭ ھەقلەر بېرىلگەن ۋە شارائىت يارىتىلغان. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 6 – ۋە 7 –  ماددىسىدىكى بەزى تارماقلارغا قارايدىغان بولساق، نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئوتتۇرا ئەسىر قاراڭغۇلىقىغا مەھكۇم قىلىنغان خەلقنىڭ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە زامانىۋى ۋە دېموكراتىك بىر ئاساسى قانۇنغا چىڭ يېپىشىپ دەۋر تەرەققىياتىغا يېتىشىش ئۈچۈن ئورنىدىن سىلكىنىپ دەس تۇرغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.

ج. دۆلەت رەئىسى مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن سايلىنىدۇ، 4 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

بىرىنجى; دۆلەت رەئىسى باش مىنىستىرنى تەيىنلەيدۇ ھەمدە باش مىنىستىر تەيىنلىگەن ۋە دۆلەتنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئادا قىلىدىغان مىنىستىرلارنى تەستىقلايدۇ

ئىزاھات: دۆلەت رەئىسى، مىللەت مەجلىسى شەكىللەنگەندىن كېيىن باش مىنىستىر ۋە مىنىستىرلار ھەيئىتىنى تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە مەجلىسنىڭ تەستىقىغا سۇنىدۇ.

ئىككىنجى; مىنىستىرلار كېڭىشىدىن چىققان قارارلارنى تەستىقلايدۇ. بۇ قارارلار مۇۋاپىق كۆرۈلمىسە، قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن مىنىستىرلار كېڭىشىگە ياندۇرىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ. دۆلەت رەئىسى ۋە باش مىنىستىر ۋەياكى مىنىستىرلار كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كۆرۈلگەندە، باش مىنىستىر ئىستىپا بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا دۆلەت رەئىسى يېڭىدىن باش مىنىستىر تەيىنلەيدۇ

ئۈچۈنجى;  دۆلەت رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى كېڭەش ۋە مۇزاكىرىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشتا ھەققىدە قارار چىقارغاندا كۆپچىلىكنىڭ رايىغا مۇراجەت قىلىدۇ

يەتتىنجى ماددا; باش مىنىستىر بارلىق مىنىستىرلارنىڭ بېشىدۇر. بۇ سەۋەپتىن ھەر مىنىستىر ئىجرا قىلىۋاتقان مەسلىلەرگە ئارلىشىش ھوقوقى بار. ئۇ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ باشلىقىدۇر. باش مىنىستىر ھەپتىدە بىر قېتىم، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا پات – پات مىنىستىرلار كېڭىشىنى يېغىنغا چاقىرىدۇ. بۇ يىغىنلاردا ھۆكۈمەت ئالغان پۈتۈن قارار ۋە تەدبىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ ھەقتە قارار چىقىرىدۇ

بۇ قارارلار « مىنىستىرلار كېڭىشى قارارلىرى » نامىدا مىللەت مەجلىسىگە يوللىنىدۇ. بۇ قارارلارنى مەجلىستىكى كۆپ سانلىق قوبۇل قىلسا « قانۇن »غا ئايلىنىدۇ.

مىللەت مەجلىسى يىغىلمىسا ياكى يىغىلىش ئىمكانى بولمىسا، بۇ قارارلار بىۋاستە جۇمھۇر رەئىسىگە سۇنىلىدۇ. ئەگەر مىنىستىرلار كېڭىشى قارارلىرى جۇمھۇر رەئىسى تەرىپىدىن تەستىقلانسا، قارارلار « قانۇن »غا ئايلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىرىبىدا تۆت كەلىمە يېزىلغان، يەنى- ئىسلامىيەت، ئازادىيەت ( ھۆرىيەت )، ئادالەت، ئۇخۇۋەت – قېرىنداشلىق

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئەقىل بىلەن ۋەھىينى، ئىسلام بىلەن خەلقچىلىق ( دېموكراتىيە )نى بىر – بىرىگە دۈشمەن قىلمىغان زامانىۋى ئاساسى قانۇنىنى خەلقنىڭ، زىيالى ۋە ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ مۇنازىرىسىگە قويغان. خەلقنىڭ تەنقىت ۋە تەكلىپلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، قايتىدىن تۈزىتىپ مىللەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن دۆلەتنىڭ رەسمىي ئورگان گېزىتى بولغان « يېڭى ھايات » گېزىتىدا ئېلان قىلىپ، ئاساسى قانۇننى يولغا قويغان.

ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھرىدە 1944 – يىلى 12 نويابرىدا  قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، 1933 – يىلى 12 نويابىردا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ داۋامىدۇر. بۇ جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى تېخىمۇ زامانىۋى ۋە دەۋرنىڭ شارائىتىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان شەكىلدە تەييارلانغان بولۇپ، ئىلگىرىكىسىگە قارىغاندا خېلى مۇكەممەلدۇر. بۇ جۇمھۇرىيەت، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن تازلانغان ئازاد رايۇنلاردا تۈرك ئېرقىغا مەنسۇپ بولغان ۋە نەچچە ئەسىردىن بۇيان قېرىنداش بولۇپ ياشاپ كەلگەن؛ بىرلىكتە ۋەتىنىنى ئازاد قىلغان موغۇل، شىۋە، روس قاتارلىق باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارنى بەرگەن، ھەر مىللەتنىڭ تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت، نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئۆزبەك، باش مىنىستىرى ئۇيغۇر، ھەربىي ئىشلار قۇماندانى قىرغىز، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قازاق ئىدى. مىنىستىرلىك ۋە ئارمىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك قاتلىمىدا روس، موغۇل، تۇڭگان، خىتاي، شىۋە ۋە باشقا مىللەت ئەزالىرى ياكى مىللەتلەردىن ۋەكىللەر بار ئىدى. بۈگۈن بۇ جۇمھۇرىيىتىمىزدىن قالغان ئارخىپلاردىن، ئاسيادىكى مىللەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ ھەق – ھوقوقى، ئەركىنلىكى نوقتىسىدىن باشقا ئەللەرگە ئۆرنەك بولالايدىغان ۋە تەرەققىي قىلغان دېموكراتىك ئەللەردە كۆرگىلى بولىدىغان ئۇسلۇب ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئاللاھ نىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدىغان يېڭى دۆلىتىمىز، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ داۋامى بولىدۇ. دۆلەت تۈزۈمى يەنىلا جۇمھۇرىيەت بولىدۇ. كۈنىمىزدە ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى دېموكراتىك ئاساسىي قانۇن بىلەن باشقۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئىگە. قاندىشىمىز، تىلدىشىمىز ۋە دىندىشىمىز بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ئۆرنەك قىلغىلى بولىدىغان، دېموكراتىك قىممەت – قاراش بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. تۈركىيەدە ئىسلام دىنىمىز,  تۈرك دېموكراتىيىسى ئىلھام ئالىدىغان ئەڭ مۇھىم مەنبە بولماقتا. دېموكراتىيە ھېچقاچان ئىسلامنى توسىدىغان ئامىل بولمىدى. « دىندا مەجبۇرلاش يوق »تۇر. ئىشىنىش – ئىشەنمەسلىك نوقتىسىدا ھەر قانداق بىر بېسىم بولمىغان يەردە، ئاللاھ قا چىن دىلىدىن باغلانغان ھەقىقىي مۇسۇلماننى كۆرگىلى بولىدۇ. مەن خېلى كۆپ مۇسۇلمان ئەللىرىنى كۆردۈم ۋە شۇ يەكۈنگە كەلدىم: ئاللاھ قا شەكىل جەھەتتىن ساختا باغلىنىشتىن خالىي بولغان ھەقىقىي مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن كىشىلەر جەمئىيىتى، ئانادولۇدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان تۈركلەر جەمئىيىتىدۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زامانىۋى ۋە پەن – تېخنىكا دەۋرىگە يېتىشىش ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۇتۇقى، تۈركلەرنىڭ خالىس ۋە پاك ئىمانلىرىدىن، بۇ ئىمان بەخش ئەتكەن كۈچتىن كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاندا 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ  تۇرۇشى ئۈچۈن، 20 يىلدا ئىككى يېرىم مىليۇن ۋەتەن ئەۋلادى بۇ تۇپراقنى مۇبارەك قېنى بىلەن سۇغۇرۇپ شېھىت بولدى. شېھىتلىرىمىز سىزغان يول مۇبارەكتۇر ۋە توغرا يولدۇر.

شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ۋە ئانا ۋەتىنىدە ( بۇ دۇنيادا ) جەھەننەم ھاياتى ياشاۋاتقان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بېسىم، زۇلۇم ۋە ئازابىنى تارتىۋاتقان مەزلۇم ۋە ئاجىز قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكى نوقتىلارنى چۈشۈنۈپ يېتىشىمىز لازىم.

بىرىنجى; نىشانىمىز، يوقۇتۇپ قويغان مۇستەقىللىقىمىزنى دۈشمەندىن قايتۇرۋېلىشتۇر.

ئىككىنجى; قۇرىدىغان دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى جۇمھۇرىيەت بولىدۇ.

ئۈچۈنجى;  ئەدلىيە سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئاساسى قانۇن – نىزاملىرىمىزنى تۈزۈپ چىقشتا پايدىلىنىدىغان مەنبەئىمىز، شېھىتلىرىمىزنىڭ ئېزىز قېنى بەدىلىگە قولغان كەلگەن بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن ۋە مىراس قالغان ئاساسى قانۇن ۋە قىممەت – قاراشلاردۇر.

ۋەتىنىمىزنى ئىشغال ئاستىدا تۇتىۋاتقان ۋە بىزنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچى خىتاي، چەتئەلدىكى يالاقچىلىرى، جاسۇسلىرى ۋە ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق شوركىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بىز مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى تالىبان، ئى س س ئى غا ئوخشاش شەكىلدە تەشكىلاتلىنىشقا يۈزلەندۈرىۋاتىدۇ، تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ نەزرىدە بىز مەزلۇم ئۇيغۇر تۈركلىرىنى « تېرورىست » سۈپىتىدە كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق بىزنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. بىزلەر خىتاينىڭ بۇ قىلتىقىغا چۈشمەسلىكىمىز كېرەك ۋە چۈشمەيمىز. ئاتئېسىت، دىنسىز ۋە كاپىر تاجاۋۇزچى خىتايلار بىلەن جىھاد قىلىش ۋە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تالىبان، ئى س س ئى… قاتارلىقلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش شەرت ئەمەس. ئاللاھ تائالاھ، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتى بولغان بىز مۇسۇلمانلارغا مەككە مۇكەررەمدىكى بەيتۇللاھ ( كەبە )نى قىبلە قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ سەجدە قىلىشىمىزغا بۇيرىغان. ئەجدادىمىز ۋە تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك ھۆكۈمدارىمىز ئابدۇلكېرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلادى بولغان بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننى ئانا ۋەتەن سۈپىتىدە بەرگەن ۋە بۇ تۇپراقلارنىڭ رىشتىنى قەلبىمىزگە سالغان. بۈگۈن، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋە پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ ئاللاھ تائالاھنىڭ ئارغامچىسىغا چىڭ ئېسىلىپ، بىر مۇشتقا ئوخشاش بىرلىشىپ، ۋەتنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ۋە يوقۇتۇپ قويغانلىرىمىزنى قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر قايتۇرۋېلىشقا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىدىغان كۈندۇر ۋە ۋاقىتتۇر.

ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇلار , كۈنىمىز دۇنياسىدا ئىككىنچى چوڭ كۈچ بولغان تاجاۋۇزچى خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قايسى يول، ئۇسلۇب ۋە سىتىراتېگىيە بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى كېيىنكى بۆلۈمدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمەن.

ۋەما تەۋفىقۇ ئىللا بىللاھ ;تىرىشچانلىق بىزدىن، تەۋپىق ۋە ياردەم ئاللاھ تىندۇر.


مىللىي  مۇستەقىللىق سىتىراتېگىيىمىز قانداق بولىشى كېرەك؟ -5

مۇۋاپىق پەيىتتە توغرا يەردە تۇرۇش كېرەك

يىگىرمىنجى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇردۇق ۋە ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەت روسلارنىڭ قولى بىلەن يېقىتىلىپ، قايتىدىن خىتايغا بېرىلدى. ئۇ دەۋردە تارىخىي شەرت – شارائىت بىزنىڭ زىيىنىمىزغا ئىدى. ئۆزىمىزمۇ تارىخىي شەرت – شارائىتنى ئۆزىمىزگە پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلالمىدۇق. بىز بىلەن ئوخشاش ئەھۋالدىكى موغۇللار نوپۇس، ھەرىكەت دائىرىسى ۋە جۇغراپىيلىك ئورنى جەھەتتىن بىزدەك تەلەيلىك ئەمەس ئىدى. لېكىن چىڭگىزخاندىن قالغان ئەقىل ۋە مىللىي پىشىپ يېتىلگەنلىك ئارتۇقچىلىقى بىلەن توغرا پەيىتتە توغرا يەردە تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. ئۇلار خىتاينىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپلا قالماستىن، دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىتىراتېگىيىنى تەدبىقلىدى. بۈگۈن زېمىنى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش چوڭلىقتا بولغان ۋە 4 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە مۇستەقىل موغۇلىستان ب د ت نىڭ شەرەپلىك ئەزاسىدۇر

بىزمۇ موغۇلىستانغا ئوخشاش ئىككى چوڭ دۈشمەن ئوتتۇرىسىدا ئېزىلگەن ئىدۇق. بىر دۈشمەندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يەنە بىر دۈشمەندىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت قابىلىيەتنى كۆرسىتەلمىگەنلىكىمىز ۋە تارىخىي شەرت – شارائىتنىڭ بىزنىڭ زىيىنىمىزغا شەكىللىنىشى سەۋەبىدىن، مىللىي مەھكۇملۇق بويۇنتۇرۇقى قايتىدىن بوينىمىغا سېلىندى ۋە ئۇنى خوشاللىق بىلەن قارشى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئۇ تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلىدۇق ۋە تۆلەۋاتىمىز. كېلەچەكتە ئالدىمىزغا چىقىدىغان پۇرسەتلەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پايدىلىنىش ۋە بىزنى بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە پاجىئەگە ئېلىپ بارىدىغان خاتالاردىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن، ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلاشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.

مىللىي خاراكتېر مىللىي تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ.

دىن، مەدەنىيەت ۋە مىللىي خاسلىق مىللىي خاراكتېرنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردۇر. مىللىي خاراكتېر مىللىي تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيەت، ئۇتۇقنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولىشى خاراكتېرنىڭ ھەرىكەتتىكى ئىپادىسىدۇر. چۈنكى ئىنتىزامچانلىق – ئىنتىزامسىزلىق، تىرىشچانلىق – ھورۇنلۇق، ئىرادىلىك – ئىرادىسىزلىك، قەھرىمانلىق – قورقاقلىق، ئەستائىدىللىق – بىپەرۋالىق، ماسلىشىشچانلىق –ماسلىشالماسلىق… ئىنسان خاراكتېرىدە مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. مىللەت ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. مىللەتنىڭ ئۇتۇق سەۋىيىسى، ئىگە بولغان قىرانلىق سەۋىيىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. خەلقنىڭ مىللىي خاراكتېرى ئەخلاقىي ئاجىزلىقلىرىدىن خالىي بولغانسىرى پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغان مىللەت، خاراكتېرى ئەڭ پىشىپ يېتىلگەن مىللەتتۇر. ھەرقانداق بىر زەپەر تاسادىبىيلىقنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.

ئۇيغۇرلار سېخىي، قەھرىمان، ئەمگەكچان، ئىجادىيەتچان، مېھماندوست، ئاقكۆڭۈل، ھېسسىياتچان، ساپ ۋە بەزىدە بىرئاز ئۈركەك خاراكتېرغا ئىگە. مىللىي ساپلىقىمىز / ساددىلىقىمىزنىڭ تەكتىدە بىرئاز ئاخماقلىق ياتىدۇ. ھېسسىياتچان بولىشىمىز، كۆپىنچە ئەقىل كۆزىمىزنى پەردىلەيدۇ. ئۈركەك بولىشىمىز، بىر – بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچسىزلىك پىسخىكىسى، ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا قىرغۇزۇش سىياسىتىنىڭ روھىمىزدا قالدۇرغان ئىزناسىدۇر. خوشال بولىشمىزغا كېرەك بولغان نوقتا، تومۇرىمىزدا ھالا ساپ قېنىمىز ئېقىۋاتىدۇ. مەزلۇم ئۇيغۇر ئانىلار تېخىمۇ كۆپلەپ قەھرىمان يىگىتلەرنى تۇغۇش ئۈچۈن بەسلىشىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ناھايىتى ئەقىللىق ئىدى. « مىخ مەتبە، قەغەز، تېرە ئىشلەش تېخنىكىسى، كارىز، ئات ئىگىرى ۋە توپ » قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغان ( « ئۇيغۇرلارنىڭ 7 چوڭ كەشپىياتى »، ئارخېلوگ قۇربان ۋەلى ). 16 –ئەسىردە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسيادا باش كۆتۈرگەن جاھالەتنىڭ ئەقىلنى رەت قىلىدىغان زوراۋان كۈچى، ئۇيغۇر خەلقىدە ئەقىلنىڭ دات بېسىشىغا سەۋەپ بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىشى بىلەن ئۇيغۇرلار جاھالەت پاتقىقىغا تېخىمۇ پاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلاردا ئومۇمىييۈزلۈك ئەقىل كورلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىيەتچان روھى، ئەقىل – پاراسىتى تارىم ۋادىسىدا قۇمغا كۆمۈلۈپ ياتقان نېفىت، تەبىئى گاز دېڭىزىغا ئوخشاش، زۇلۇم تاغلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتماقتا. مىللىي ئەقىل – پاراسەت ۋە ئىجادىيەتچان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىمىز، قايتىدىن ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەندە، روھىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن قوياش نۇرىغا ئوخشاش ئېتلىپ چىقىشقا باشلايدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق، تەخمىنەن ئىككى ئەسىرگە يېقىن ياقىمىزدىن نېرى كەتمىگەن قان شورغۇچى ئىشغال ۋەزىيىتىنىڭ، مىللىي روھىمىزنى ئېغىر دەرىجىدە كىرلەتكەنلىكىنى، مىللىي خاراكتېرىمىزنى قورقۇنچلىق شەكىلدە بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېنىق كۆرىۋالالايمىز، بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئاچچىق ھەقىقەت. مىڭ يىل ئىلگىرى ئەجدادىمىز سۇلتان ساتۇق بۇغراخان، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەت يەسەۋى ۋە ئۇلارنىڭ شانلىق ئىمپېراتۇرلۇق تارىخنىڭ بىزگە ئائىت ئىكەنلىكىنى توختىماستىن تەكرارلاپ تۇرۇشىمىز، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەيىپ ۋە ئاجىزلىقىمىزنى پەدازلىيالمايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا ئورنىمىز ۋە ئېتىبارىمىز قانداق؟ قانداق بولۇپ نەپرەت قىلغان خوجايىنغا ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىدىغان چاكارغا ئايلىنىپ قالدۇق؟ دېگەن سوئاللارنى ئۆزىمىزدىن سورىشىمىز لازىم. ئاللاھ قا مىڭ قەترى شۈكرىلەر بولسۇنكى، 21 –ئەسىردىكى ھۆر دۇنيادا، ئۆز ۋەتىنىدە قۇل بولۇپ تۇغۇلغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ۋە نۇمۇس ئىچىدە يۈزى قىزارغان، ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىگە ۋە جۈرئىتىگە ئىگە يېڭى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار باستۇرغىلى بولمايدىغان ئىسيانكار بىر روھ، ئەركىنلىك بولغان ئىنتىلىش ئىچىدە زۇلۇم كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن: « … ئۇ ( رەسۇل )، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرىيدۇ، يامان ئىشتىن توسىدۇ. ئۇلارغا ياخشى ۋە پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، يامان ۋە ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈكنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارغا سېلىنغان تاقاق، كويزا – كىشەنلەرنى پاچاقلايدۇ … » ( ئەئراف، 157 – ئايەت، دىيانەت تەرجىمىسى ). ئۈستىمىزدىكى ئېغىر ماددى ۋە مەنىۋى يۈكلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە كىشىلەرنى پاچاقلاپ تاشلاش ئاللاھ نىڭ ئەمرى، پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى ۋە بىز مۇئمىنلەرنىڭ ۋەزىپىسى. زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغانلارنى ئاللاھ « ھايۋان » دەپ ئاتىماقتا، « شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نىڭ نەزرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ زىيانلىق بولغىنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان گاس ۋە تىلسىز  ( كىشى )لاردۇر » ( ئەنفال، 22 – ئايەت، ئىمام ئىسكەندەر بەرگەن مەنا ). پەيغەمبەرلەر تارىخى قۇللۇققا چۈشكەن قەۋملەرنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش تارىخىدۇر. ئىنسانلارنى ھايۋانغا ئايلاندۇرۇپ تىلسىز، گاس قىلغان تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلانماستىن، قۇللۇقنى بىكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئىنسانلارنى ھايۋانغا ئايلاندۇرىۋاتقان تۈزۈم پەقەت چاۋشىيەن ۋە خىتايدىلا قالدى. ئۇيغۇرلار قۇلنىڭ قۇلى قىلىنماقتا. بىزنىڭ مىللىي خاراكتېرىمىزنى ئېرىتىپ يوقىتىۋاتقان نەرسە ئىشغالچى كوممۇنىست تۈزۈمدۇر. ھەم ئىشغال ھەم كۇممۇنىست تۈزۈمدىن ئىبارەت ئىككى خارلىقتىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مىللىي روھىمىزدىكى بارلىق ئىللەتلەردىن خالىي بولىشىمىز، ئەسلى خاراكتېرىمىزغا قايتىشىمىز زۆرۈر.

مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشىمىز لازىم.

مۇستەقىللىق يولىدا كۆرەش قىلغان ياۋروپا مۇسۇلمانلىرى خىيالپەرەستلىكتىن يىراق ھالدا، رىئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنىڭغا قارىتا كۆرەش يولىنى تاللىغان بولۇپ، « پۈتۈن دۇنيا كاپىرلىرىغا جىھاد » ئېلان قىلمىدى. ئۇلار پەقەت ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. بوسنىيە –ھەرسەك ۋە كوسوۋا بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئۇ ئەللەرگە مۇسۇلمان دۇنياسىمۇ ياردەم قىلدى، جىھادچىلارمۇ ياردەمگە كەلدى. لېكىن ئۇلار جىھاد يانغىنىنى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرماقچى بولغانلارغا رۇخسەت قىلمىدى. بولۇپمۇ بوسنىيە مۇسۇلمانلىرى كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتىمۇ سوغۇق قانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلدى. بۇ ئاز سانلىق خەلق بۈيۈك داھىسى ئالىيە ئىززەت بېگوىچ ئەتراپىدا زىچ ئۇيۇشتى. ئىززەت بېگوىچ خەلقىگە: « قەسەم قىلىمەنكى، بىز قۇل بولمايمىز » دەپ خىتاپ قىلغاندا، مىليۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى تەكرارلىدى ۋە قۇل بولماسلىق ئۈچۈن يەتتە ياشتىن –يەتمىش ياشقىچە ھەممە قولىغا قورال ئالدى.

بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلار سىرىپلار تەرىپىدىن مىللىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولغان ھالقىلىق پەيىتتە، ناتو ( شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ) بوسنىيە –ھەرسەكنى ھىمايە قىلىشنى قارار قىلدى ۋە موسكىۋا بىلەن ئېلىپ بارغان مەخپى كېلىشىمدىن كېيىن، روسلار سىرىپلارغا بەرگەن ھەربىي ياردەمنى توختاتتى. 1995 – يىلى 30 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ 13 – سېنتەبىرگىچە ناتو ئايروپىلانلىرى سىرىبىستانغا 10 مىڭ توننا بومبا تاشلىدى ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىدى. 1992 – يىلىدىكى خەلق رايىدا بوسنىيە – ھەرسەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلمىغان سىرىپ رەئىس سلوبودان مىلوسېۋىچ 1995 –يىلى 12 – دېكابىردا، ئامېرىكىنىڭ دېيتون شەھرىدە تىنچلىق كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا قول قويۇشقا مەجبۇر بولدى ( كېيىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپتىدە قولغا ئېلىنىپ، لەھىدا سوتلاندى ). 1996- يىلىدىن باشلاپ ناتو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى خېلى ئۇزۇن مەزگىل بوسنىيە – ھەرسەكنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشقا ياردەم قىلدى.

ھۆرلىك ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان، 10877 كۇۋادىرات كېلومېتىرلىق زېمىنغا ئىگە ( شەرقىي تۈركىستاننىڭ 153/1 گە توغرا كېلىدۇ )، 2 مىليۇنغا يەتمەيدىغان نوپۇسى بار مۇسۇلمان كوسوۋا، توغرا پەيتتە توغرا يەردە تۇرۇپ، توغرا سىتىراتېگىيە ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ناتونىڭ ھەربىي ياردىمى ۋە غەربنىڭ سىياسىي قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ قۇللۇق بويۇنتۇرۇقىنى بوينىدىن ئېلىپ تاشلىدى ۋە بۈگۈن ياۋروپانىڭ مۇستەقىل 50 –دۆلىتى بولدى. كوسوۋانىڭ پايتەختى پرىشتىنادا تۈرك ئارمىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناتو تىنچلىق ساقلاش كۈچى، بۇ دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتىدۇ. بوسنىيە ۋە كوسوۋا مۇسۇلمانلىرى ناتو ئايروپىلانلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. لېكىن ناتو ئايروپىلانلىرىنىڭ بومبىلارنى ئۆزىگە ئەمەس، دۈشمەنلىرىگە تاشلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزىگە تارتقانىدى. بۇ نوقتا ناھايىتى مۇھىم.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى، ئازادلىق يولىدا ناتو بىلەن ھەمكارلىق ئورناتسا نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان چېگرىسىدا ماكان تۇتىۋاتقان ناتو، خىتايغا قارشى تۇرامدۇ؟ ئۇيغۇرلار ناتو بىلەن ھەمكارلىق ئورناتسا كاپىر بولامدۇ؟


يا مۇستەقىللىق، يا ئۆلۈم 6-

        بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز خىتاينىڭ پارچىلىنىش جەريانىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. خىتاينىڭ ئىتقسادى ساھەدىكى ئۇتۇقى، بۇ دۆلەتنى دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلاندۇردى. لېكىن پۇل ۋە بايلىق خىتاي خەلقى ئىچىدە تەڭسىزلىك ۋە بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سوتسىيالىستىك تۈزۈم، بايلىقلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىنىشى، كوممۇنىستلارنىڭ تويماس ئاچكۆزلىكى، دۆلەتنىڭ قانۇن تونىمايدىغان چوڭ قاراقچى گۇرۇھىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئاۋامدا قاتتىق نارازلىق پەيدا قىلۋاتىدۇ. ھازىر خىتايدا پارتىلاش ئالدىدىكى يالقۇن تاغقا ئوخشاش سۈكۈت ھاكىم. خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلىدىغان ئەڭ كىچىك بىر بوھران، خىتاينىڭ مالىمانچىلىققا پېتىپ قېلىشىغا يېتىپ ئاشىدۇ. قۇرۇق ئورماننىڭ ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن بىر تال سەرەڭگە كۇپايە قىلىدۇ. بېيجىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىدىن ئىچكى بىخەتەرلىككە ئايرىغان مەبلەغ ئېغىر سالماقنى ئىگلەيدۇ. بېيجىڭ ئۆز خەلقىنى ئىنەكنى ساغقاندەك سېغىش نىيىتىدىن ۋازكەچمىدى. بۇ سەۋەپتىن ئەركىنلىكنى بوغۇشتا قاتتىق قوللۇق قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ دېموكراتىكلىشىش يولىدا قەدەم بېسىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى لىيۇ شاۋبو ۋە خىتاي ئاساسى قانۇنى، مىللىي تېرىتورىيلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان پىروفېسسور ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن – قىستاققا ئېلىنماقتا.

دۆلەتنى مەۋجۇت قىلىپ تۇرىدىغان ئامىل كۈچ ئەمەس، ئادالەتتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى يەر يۈزىنىڭ 3/1 نى تۆمۈر مۇشت بىلەن تىزگىنلەپ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ پارچىلىنىپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۈچ بار ئىدى، ئادالەت يوقتى. ھەممە نەرسىنىڭ ئىتىۋارى بار ئىدى، ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى يوقتى. خىتاينىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى دەل پارچىلىنىش باسقۇچىغا كىرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ۋەزىيىتى بىلەن ئوپ – ئوخشاش. ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىنى قىلمىغان تۈزۈملەر يوقۇلۇشقا مەھكۇمدۇر.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدا روسلار ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانىدى. خىتاينىڭ پارچىلىنىشىنى تىزلىتىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە شاڭگاڭدۇر. چۈنكى دۆلەت تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن مىللىي ۋە دىنى زۇلۇم، قىرغىنچىلىق سىياسىتى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاي بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇش باسقۇچىنى تىزلىتىۋاتىدۇ. شاڭگاڭ، ئىنگىلىز مۇستەملىكىسىدىن قالغان ھۆرلىكىنى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويماسلىق نىيىتىدە. « شاڭگاڭلىقلار خىتايلاردۇر » دېگۈچىلەر، بۈگۈن كوچىلاردا تاياق يىگۈدەك دەرىجىدە خىتايغا بولغان نەپرەتكە تولدى. بۇ ئۈچ رايوندا قايتىدىن خىتايغا قايتىش بولمايدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆز ۋەتىنىمىزدە خىتايلار بىلەن بىرگە ياشاشنى خالىغان تەقدىردىمۇ، خىتايلار بىز بىلەن بىرگە ياشاشنى خالىمايۋاتىدۇ. بېيجىڭ بۇ زېمىندا بىزنىڭ نەسلىمىزنى قۇرتىۋېتىپ، پەقەت خىتايلارغا خاس بولغان يۇرت بەرپا قىلىش نىيىتىنى ئوچۇق ئاشكارا نامايەن قىلىۋاتىدۇ. بىزگە بىرلا تاللاش قالدى، ئۇنىڭدىن باشقا يول يوق:يا مۇستەقىللىق، يا ئۆلۈم

ئى س س ئى ئەمەس، ناتو

ئۇيغۇر نىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ۋە سۈننى مەزھىپىگە مەنسۇپ بولۇپ، ھېچقانداق رايۇن ياكى مەزھەپ خاراكتېرلىق مەسىلىسى يوق. مىللىي مەدىنىيەت قۇرۇلمىسى نوقتىسىدىن ئاساسىمىز پۇختا. شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى باشلانغاندا، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن كېلىپ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغان مۇجاھىد گۇرۇپپىلارنىڭ كۆپىيدىغانلىقى مۇقەررەر. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. مۇسۇلماننىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ ياردەم قىلىشى تەبىئى بىر ئەھۋال. بىزنىڭ ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى بولۇپ كەلگەنلەرنى « كەت! » دېيەلمەيمىز، باغرىمىزغا باسىمىز، ئەلۋەتتە. لېكىن جىھاد پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولىدۇ. ئىشنىڭ ئىچىگە باشقا غەرەزلەر ئارلاشسا، جىھاد جىھاد بولماي قالىدۇ. ھازىردىن باشلاپ جىھادچى قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇشىمىزنىڭ پايدىسى بار، يەنى مەزھەپنى مەركەز قىلغان چەتئەللىك جىھادچى گۇرۇپپىلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز ئالدىغا پەرقلىق شۇئار بىلەن ئادەم يىغىپ ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق مۇجاھىدلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن بىردەك ھەرىكەت قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاند ا ئى س س ئى    ياكى تالىبانغا ئوخشاش تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يوقۇتۇلۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ، خالاس. بۇ سەۋەپتىن بۇ خىل تەشكىلاتنىڭ پەيدا بولىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق كۆرىشىدە پەقەت ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ جىھاد قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بېشىمىزنىڭ تاجىدۇر.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن بىزگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ كۈچى خىتاينى ھالسىرىتىدۇ، لېكىن بۇ كۈچ خىتاينى بۇ زېمىندىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. ئۇرۇش مەيدانلىرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلمىگەن مۆجىزە بىزگە ئەسلا كەلمەيدۇ. ھەممىمىز ئۇرۇشنىڭ ھەربىي كۈچنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىئوخىميىلىك، ھەتتا ئاتوم قوراللىرىنى ئىشلەتكىدەك دەرىجىدە نىيىتى يامان. خىتاي قەشقەرگە بىر ئاتوم بومبىسى ئاتسا، ئۇنىڭغا قارشى بېيجىڭ، شاڭخەيگە ئىككى ئاتوم بومبىسى ئاتالايدىغان كۈچ بولغاندا، خىتاينىڭ بىزگە تېخىمۇ كۆپ زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. بىزدە « دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى مېنىڭ دوستۇم » دەيدىغان بىر ماقال بار. ماۋ بۇ سۆزنى « دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىزدۇر » دەپ ئىشلەتكەن. خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى بىزنىڭ دوستىمىزدۇر. بىز غەرپنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئەمەس، دۈشمىنىمىزنىڭ ئۈستىگە بومبا تاشلىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان شەكىلدە پاراسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم.

خىتاي قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز تەرەپتىن ( تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ) 20 دۆلەت بىلەن خوشنا بولۇپ، پەقەت پاكىستاندىن ئىبارەت بىرلا دوستى بار. چاۋشىيەن قاتارلىق 17 دۆلەت بىلەن چېگرا مەسىلىسى بار بولۇپ، بۇلاردىن زېمىن تەلەپ قىلماقتا. جەنۇبىدىكى چوڭ خوشنىسى ھىندىستان، شىمالدىكى خوشنىسى روسسىيە ۋە غەربتىكى خوشنىلىرى بولغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن زېمىن تەلەپ قىلماقتا ( ئىككى يىل ئىلگىرى پەقەت تاجىكىستاندىنلا خېلى چوڭ كۆلەمدىكى زېمىننى تەھدىد يولى بىلەن ئېلىۋالدى ). ھىمالايا باغرىدىكى تاغلىق دۆلەت بولغان بوتان پادىشاھلىقىغىمۇ ھەيۋە قىلىپ، بۇ كىچىك دۆلەتتىنمۇ قورقۇتۇپ زېمىن تەلەپ قىلماقتا. بېرىمىدىكى مالىمانچلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، يەرلىك خىتايلار بولغان كوكانلارنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق، بۇ دۆلەتتىنمۇ زېمىن تارتىۋېلىشنىڭ كويىدا. دېڭىزدا ۋېتنام، مالايسىيا، بىرۇنى، فېلېپىن، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زېمىن تالىشىپ سۈركىلىش پەيدا قىلماقتا. خىتاينىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ خوشنىلىرى بىلەن ئارىسىدىكى مەسىلىلەرمۇ چوڭايماقتا. خىتاي خوشنا ئەللەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە، مەدەنىي دۇنيا بىردەك قوبۇل قىلغان قىممەت – قاراشلارغا تەھدىد بولماقتا. ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆزى يالغۇز خىتاي تەھدىدىگە قارشى تۇرالمايدۇ. خىتاي خەۋىپى ئاستىدىكى ئەللەر تەشكىللىنىشكە مۇھتاج. بۇنى پەقەت ئامېرىكىلا ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ناتودۇر. خىتاينى پەقەت ناتولا چەكلەپ تۇرالايدۇ. شىر قوتازنى يىقىتقاندىن كېيىن سىرتلانلار ئولجىدىن نېسىۋىسىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىلىدۇ. كۈچ مەركەزدۇر، شۇڭا پىلانىتلار قوياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ.

بىز ئۇتۇق قازىنالمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن ماڭماي، ئۇتۇق قازانغان مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن مېڭىشنى ئارزۇ قىلىمىز.ئى س س ئى  مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر. چۈنكى ئۇ تۇتۇپ ماڭغان يول مۇسۇلمانلارنى سالامەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ جان ۋە مال بېخەتەرلىكىنى كاپالەتلىك قىلمايدۇ. قىلغان ھەر بىر ئىشى مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا بولىۋاتىدۇ. بىز تۇتۇپ ماڭىدىغان يول ئالىيە ئىززەت بېگوۋىچ، ھاشىم تاچىنىڭ يولىدۇر. بوسنىيە ۋە كوسوۋاغا ئوخشاش ھۆرىيەتكە ئېرىشىش، مەدەنىي دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىنچلىق ئىچىدە كېلەچەككە يۈرۈش قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. تاشقى دۆلەتلەرنىڭ بىردىن – بىردىن يۇرتىمىزغا كېلىپ، يۇرتىمىزنى مالىمان قىلىشىنى خالىمايمىز. قەتلىئامغا دۇچ كەلگەن ۋاقتىمىزدا ناتونى دەۋەت قىلىشتىن يانمايمىز. ناتونىڭ ئىچىدە قان ۋە دىن قېرىندىشىمىز تۈركىيە بار. تۈركىيە بار يەردە بىزگە زىيان كەلمەيدۇ. بەلكىم، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا بوسنىيە ۋە كوسوۋانىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كەلگەن ناتو، ئىچكى ئاسياغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستانغا چاقىرغان ۋاقتىمىزدا « باش ئۈستىگە » دەپ كېلەمدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان دۇنيا ئۈچۈن شۇنچە مۇھىممۇ؟ دېگەن سوئاللار تۇغۇلۇشى مۇمكىن.

بىرىنجى; ناتو يىراق جايدىن كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ چېگرامىزغا يېقىن جايدا بازىسى بار

ئىككىنجى; ناتو ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىش سەۋەبى بىز بولىمىز

ناتونىڭ كېلىش سەۋەبلىرى

تىنچ ئوكيان ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن توسالغان خىتاي، ھەربىي كۈچىنى غەربىي چېگرىسىغا يۆتكىشى ۋە غەربىي تۈركىستاندا ئىلگىرىلەپ ھازار نېفىتى ۋە تەبىئىي گېزىغا ئېرىشىشى مۇمكىن. خىتاي، تىنچ ئوكياندا كىچىك كۆلەملىك ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، لېكىن چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ئامېرىكا، ياپۇنىيە ۋە ياۋروپا ئاسانلىقچە يېتىپ بارالمايدىغان ئوتتۇرا ئاسيادا خىتايلار ياشايدىغان ماكان پەيدا قىلىش ئۈچۈن، خىتايلار 20 يىلدىن بۇيان مەخپىي ۋە ئاشكارا ھالدا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تارىخىدا دېڭىزدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىدا دائىم مەغلۇپ بولغان بولۇپ، قۇرۇقلۇقتا تۈرك تۇپراقلىرىدا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە غەرپكە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىدۇ. شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بايلىقى مول، لېكىن مۇداپىئە كۈچى ئاجىز بولغان بۇ تۇپراقلار بىر كۈنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ ۋەزىيەت ناتونىڭ قول تىقىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. خىتاي تىنچ ئوكياندا دېڭىز تەرەپتىن تىنچ ئوكيان ھەربىي ھەمكارلىقى، ئوتتۇرا ئاسيادا ناتو تەرىپىدىن قىسقاچقا ئېلىنغاندا، روسسىيە ۋە ھىندىستانمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىدۇ.

ئەگەر قورال – ياراق ۋە ئوق – دورا جەھەتتىن ياردەم قىلىنسا شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى ئېغىر بەدەل ۋە زىيانلارغا قارىماستىن، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىن خىتايغا تۇتاشقان نېفىت، تەبىئىي گاز تۇربىلىرى ۋە قاتناش تۈگىنلىرىنى كارغا كەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويالايدۇ. خىتاي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەڭ زېمىنىدىن خىتايغا تۇتاشقان ئېنىرگىيە ۋە خام ئەشيا يوللىرىنى قوغداش ئۈچۈن، كۆپ مىقداردا ھەربىي كۈچنى بۇ رايونغا يۆتكەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئەھۋال تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقداشلىرىغا بولغان بېسىمنى خېلى يەڭگىللىتىدۇ. خىتاي، شەرقىي تۈركىستانسىز، غەربىي تۈركىستان ۋە ياۋروپاغا كېڭىيەلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى شۇنداق مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بۇ دۆلەت قايتىدىن مۇستەقىللىققە ئېرىشسە، روسسىيە، موغۇلىستان، ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ھىندىستانغا بولغان خىتاي بېسىمى خېلى بەك يەڭگىللەيدۇ ۋە ياۋرو – ئاسيادا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بارلىققا كېلىدۇ. خىتاي ئۆزى بەلگىلىگەن تارىخى چېگرىسى بولغان سەددىچىن ئىچىگە چېكىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئېنىرگىيە، خام ماددىلىرىنى تىزگىنلەپلا قالمايدۇ، ئىچكى ئاسيا ۋە ياۋرو – ئاسيانىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇداپىئە رايونى بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خىتاي بىلەن باراۋەر ۋە ياخشى خوشنىدارچىلىق ئاساسىدا تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىچىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولىشى، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى،    خىتاينىڭ سىياسى زىلزىلە لېنىيسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ ۋە خىتاينى ئەڭ ئاز يۈز يىللىق مۇقىمسىزلىققا مۇپتىلا قىلىدۇ. ئامېرىكا، ياپۇنىيە، روسسىيە، ھىندىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر يۈز يىل خاتىرجەملىككە ئىگە بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان دۇنيا ئۈچۈن مۇشۇ دەرىجىدە مۇھىم. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھازار دېڭىزىدىن باشلانغان تۇرپان – قۇمۇل رايۇنىغىچە تۇتاشقان نېفىت، تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر ئاستى بايلىقلار، ناتونى جەلىپ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى خىتايغا ئېتىراپ قىلدۇرالمىدۇق. بىزنى ئىنسان قاتارىدا كۆرگەنلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىنمۇ تەبىئىي ئەھۋال بولمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ۋەتەن، ھەق – ھوقوق، ئەركىنلىك… قاتارلىق ھەممە نەرسىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئەمدى ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان ھېچنەرسىمىز قالمىدى.  خىتاينىڭ  خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا   ئايرىلىپ قالىدىغان نەرسىسى ناھايىتى كۆپ. دۇنيا بۇنىڭغا شاھىت بولىدۇ.

ناتو بىلەن ھەمكارلىق ئورناتساق كاپىر بولامدۇق؟

بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان خەلق. يولىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر. رەسۇلۇللاھ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ھەر خىل قەۋملەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ مەزگىلدە مەدىنىدە يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇزى خېلى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاز ساندا خىرىستىيانلار ۋە تېخى مۇسۇلمان بولماي ئەجدادلىرىنىڭ كونا ئەقىدىسىگە ئېتىقاد قىلىۋاتقان مۇشرىك ئەرەپلەرمۇ بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ مانا مۇشۇنداق بىر جايدا ئىجتىمائى بىرلىك ۋە تىنچلىقنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەدىنىدىكى پەرقلىق قەۋم ۋە ئەقىدىگە كىشىلەرنى ھەر خىل كېلىشىملەر بىلەن بىرلەشتۈرگەن، يۈزدىن ئارتۇق قەبىلە بىلەن ھەر خىل كېلىشىملەر تۈزۈپ ئۇلار بىلەن ئەپ ئۆتكەن. مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش ئېتھىمالى بولغان مەككىلىكلەرگە قارشى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، يەھۇدىيلاردىن تارتىپ مۇسۇلمان بولمىغان باشقا قەبىلىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. دۈشمەن كاپىرلارغا قارشى دۈشمەن بولمىغان كاپىرلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدۇر.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى پەقەت دىنىمىز، تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىزگىلا ئەمەس، بىزنىڭ جىسمى شەكىلدە مەۋجۇت بولۇش تۇرۇشىمىزغىمۇ قارشى. ئۆز ۋەتىنىمىزدە بىزنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش ئۈچۈن، بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. بىزگە دۈشمەن بولمىغان ۋە دىنىمىز، تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىزگە قارشى تۇرمىغان غەرپ ئەللىرى ۋە ئۇلار تەشكىللىگەن ھەربىي ئىتتىپاق ناتو بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش بىزنى كاپىر قىلمايدۇ. ناتو ئىچىدە يەر ئالغان تۈركىيە مۇسۇلمان دۆلەتتۇر، تۈركتۇر.

ئۇيغۇر خەلقى شۇنىڭغا تەييار بولىشى كېرەككى، ئەگەر ناتو ۋەزىيەت تەققەزاسى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كىرسە ۋە بىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلسا، مۇستەقىللىق يولىمىز ئېچىلغان بولىدۇ. ئەگەر روسسىيە ناتو بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلسا ياكى بىتەرەپ تۇرسا، بىزنىڭ مۇستەقىل بولىشىمىز تېخىمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ياۋرو – ئاسيانى مۇقۇمسىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان بىر تەھدىد ئامىلى ئىكەنلىكىنى بارلىق دۆلەتلەر چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتمەكتە.

ئاللاھ دىنىمىزنى قوغدايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. بىز ئىمانىمىزغا، كۈچىمىزگە تايىنىش ۋە خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنى قوغداشقا مەسئۇلمىز.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولى، بىز ئۇيغۇرلار نىڭ  ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن توغرا يولدۇر.

**************************

ئەسكەرتىش: « مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش » ماۋزۇسى بىلەن قەلەمگە ئالغان ۋە ئېلان قىلغان ماقالىمىز، بۇ 6 – بۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشتى


مەنبە: ئۇيغۇرنىت تورى






بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:42 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.250614 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش