تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 734|ئىنكاس: 0

"ئالغا" ژۇرنىلىنىڭ 1958-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
ئوڭچىئەشەددى يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇر زىيا سەمىدى، ئىبىراھىم تۇردى ۋە ئابدۇرېھىم ئەيسالارنىڭ پارتىيىگە قارىشى ئەكسىيەتچى بىلوكى ئۈزۈل-كېسىل تار-مار قىلىندى
(22-بەت)شىنجاڭدا پارتىيە ئىچىگە يوشۇرۇپ كىرىۋالغان كونا يەرلىك مىللەتچى، ئوڭچى ئۇنسۇر زىيا سەمىدى (ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار سويۇزى ئاپتونوم رايونلۇق شۆھبىسىنىڭ رەئىسى، مەدەنىيەت نازارىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يېنىدىكى پارتىيە گۇرۇپپىسى شۆبىسىنىڭ سېكرىتارى)، ئىبىراھىم تۇردى (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى، يازغۇچىلار سويۇزى ئاپتونوم رايونلۇق شۆھبىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، خەلق ئىشلار نازارىتى يېنىدىكى پارتىيە گۇرۇپپىسى شۆھبىسىنىڭ سېكرىتارى)، ئابدۇرېھىم ئەيسا (ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى) لارنىڭ پارتىيىگە قارىشى ئورۇنلاشتۇرغان بىلوكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا 4 ئايدىن ئوشۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئەتىراپلىق پاش قىلىش، تەنقىد قىلىشلار ھەم كەسكىن كۈرەشلەر ئارقىسىدا ئۈزۈل-كېسىل تار-مار قىلىندى. زىيا سەمىدى باشچىلىقىدىكى بۇ پارتىيىگە قارىشى بىلوكنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاغدۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى بۇزۇش، سوتسىيالىزم ئىشىنى بۇزۇش ۋە بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمرانلىقىنى تىرىلدۈرۈش غەرىزىدىكى زور جىنايى سۈيىقەستىنىڭ قىياپىتى تولوق ئېچىپ تاشلاندى. جايلاردىن كەلگەن پارتىيىلىك مىللىي مەسۇل كادىرلارنىڭ پاش قىلغان نۇرغۇن پاكىت ۋە ماتېرياللىرى بۇ بىر ئوچۇم ئوڭچىللارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئۇسۇللار بىلەن پارتىيەگە، سوتسىيالىزمغا، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىشى ئېلىپ بارغان جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ غالجىرلىشىپ چېكىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلار تامامەن جاھانگىرلار ۋە بۇرژۇئازىيەنىڭ پارتىيەمىز ئىچىدىكى جاسۇسلىرىغا، ۋەتەن ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاسىيلىرىغا ئايلىنىپ قالغان.
زىيا سەمىدى، ئىبىراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسالار ئەزەلدىنلا ئىنتايىن ئۇچىغا چىققان بۇرژۇئا مىللەتچىلىرى ئىدى. ئازاتلىقتىن كېيىن پارتىيە ئۇلارغا ئۈزلۈكسىز تەربىيە بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇلار پارتىيە تەربىيسىنى (23-بەت)قوبۇل قىلىشنى، مەپكۈرە ئۆزگەرتىشنى جاھىللىق بىلەن رەت قىلىپ، باشتىن ئاياق پارتىيەگە قارىشى نىيەتتە بولۇپ كەلدى. ئۇلاربىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل بۇرژۇئا مىللەتچىلىك مەيدانىدىن ۋاز كېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ پارتىيەگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ خەنزۇ خەلقىغە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ كەلدى، ھەتتا پارتىيە ۋە خەلق بىلەن ئوچۇقتىن ئوچۇق دۈشمەنلەشتى. بۇلتۇر مەملىكىتىمىز بويىچە ئوڭچىللار پارتىيەگە غالجىرانە ھۇجۇم قوزغىغان ۋاقىتتا ئۇلارمۇ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ماي ئېيىدا ئېچىلغان ئاپتونومرايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدىن پايدىلىنىپ ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىپ باشقىلارنى قۇتىرتىش بىلەن، پارتىيەگە قارىشى غالجىرانە ھۇجۇم قوزغىدى. پارتىيەگە كۆز بۇياپ كىرىۋالغان سىنىپىي يات ئۇنسۇر ئابدۇرېىم سەئىدى بىلەن ئابلىز قارىمۇ ئۇلار بىلەن ئۆز ئارا ماسلىشىپ پارتىيەگە زەھەرلىك ئوق ئاتتى.زىيا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇشۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىش مەزگىلىدىمۇ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا ئىستىل تۈزۈتۈش ھەرىكىتى ۋە يەرلەك مىللەتچىلىككە قارىشى كۈرەشنى ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى. يىغىن باشلىنىپ ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچى بۇرژۇئامىللەتچىلىك ۋە ئوڭچىلىق قىياپەتلىرى پاش قىلىنىشقا باشلانغاندىمۇ ئۇلار يەنە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى "مەزھەپچىلىك كۈرىشى" ۋە "مىللىي كۈرەش" دەپ بۇرمىلاشقا ئۇرۇندى. ھەتتا رەزىل ئۇسۇللار بىلەن پارتىيەگە ۋە ئاممىغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، يىغىننىڭ يەرلىك مىللەتچىلىككە قارىشى ئېلىپ بېرىۋاتقا كۈرىشىنى بۇزۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەدلىرىگە يېتىشكە ئۇرۇندى.
پاش قىلىنغان ماتېرياللارغا قارىغاندا زىيا سەمىدىنىڭ قۇتىرىتىشى ئارقىسىدا پارتىيەگە قارىشى بۇ بىلوك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاغدۇرۇپ، شىنجاڭنى ۋەتەننىڭ ئۇلۇغ ئائىلىسىدىن ئايرىپ، جاھانگىرلارغا يەم قىلىپ بېرىش جىنايى سۈيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يوشۇرۇن ھالدا بىر قاتار جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى بۇلتۇر مايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى چاقىرىلغاندا يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئۇسۇلىمۇ يوشۇرۇن ھالەتتىن ئاشكارە ۋە ئوچۇقتىن-ئوچۇق ھۇجۇم قىلىشقا ئايلاندى. يىغىن مەزگىلىدە ئۇلار زىيا سەمىدىنىڭ ئۆيىگەيىغىلىپ پارتىيەگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قانداق سۆزگە چىقىش ۋە توغرا مەيداندا تۇرۇپ سۆزلىگۈچىلەرنى قانداق ھاقارەتلەش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەن. زىيا سەمىدى ئۆز شېرىكلىرىگە ئاكتىپ يەل بەردى ۋە يانتاياق بولدى. ئۇلار ئۆز ھۇجۇمىنىڭ بىرنچى ھۇجۇمىنى پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارىتىپ، مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيەنىڭ ئەمەلگە قويۇلىشىغا قارىشى چىقتى. شىنجاڭنىڭ "مۇستەقىل بولۇشىنى" تەشەببۇس قىلدى.شىنجاڭدا "مۇستەقىل جۇمھۇريەت" قۇرۇش ئۈچۈن جار سالدى ۋە ئايرىلىپ چىقىش كۆز قارىشىنى تارقاتتى. ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ ئېنىق تارىخىي شارائىتىدىن ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىدىن قەستەن كۆز يۇمدى ۋە ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە مىللىي سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە كەلتۈرگەن ئەڭ زور ياخشىلىقلىرىنى ئىنكار قىلىپ، "جۇمھۇرىيەت تېرىتورىيىلىك (24-بەت)ئاپتونومىيەگەقارىغاندا ياخشى ئىدى"-دەپ قارىغۇلارچە ۋالاقلاشتى. زىيا سەمىدى: "شىنجاڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلانغاندا ئەڭ ئوبدان چارە-مۇستەقىللىق"-دەپ ھېسابلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار پارتىيەنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنى "ئۇيغۇرلارنى پارچىلاپ ئىدارە قىلىدىغان سىياسەت" دەپ ھاقارەتلىدى. ئۇلار ئومۇمەن "مۇستەقىل" بولۇشنى ۋە "جۇمھۇرىيەت" قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا خوش بولۇپ ھەم ئۇنى قوللاپ، "مۇستەقىل" لىققا ھەم "جۇمھۇريەت" قۇرۇشقا قارىشى تۇرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا غەزەپلىنىپ يۈردى. جۈملىدىن زىيا سەمىدى: "ئەگەر 'جۇمھۇريەت' تەلەپ قىلغۇچىلاردىن 5 مىڭلا بولسا ئۇلار (كومۇنىستلارنى دېمەكچى) بۇلارنى قىرىپمۇ تۈگۈتەلمەيدۇ"-دېگەن. ئۇلار شىنجاڭدا تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيەنىڭ يۈرگۈزىلىشىگە قارىشى تۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش يولىدىكى ئەكسىيەتچى تەلىپىگە يول ۋە ئەمىلىي ئاساس تېپىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن لېنىننىڭ "مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى" توغىرىسىدىكى شوئارىنى قالقان قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تارىخنى كۈچىنىڭ بېرىچە بۇرمىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو تۇپىرىقىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ "مۇستەقىل" ئىكەنلىكىگە تارىختىن ئاساس تېپىشقا ئۇرۇنغان. ئابدۇرېھىم ئەيسا ھەج قىلىشقا بارغاندا ھەتتا بىر خەلقىئارا ئىشپىيۇن بىلەن ھەم چەتئەللەردە قېچىپ يۈرگەن ۋەتەن خائىنى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى ئەيسا (ئەيسا بەگ ياكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن-كومپۇتېردا ئۇرغۇچىدىن) ۋە پولات قادىرى ("ئۆلكە تارىخى" ناملىق كىتابنى يېزىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، پانتۈركىزم ئىدىيسىنى تارقاتقان- كومپۇتېردا ئۇرغۇچىدىن) لار بىلەن ئەكسىيەتچى مەقسەددە مۇڭداشقان. دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن بارغانلا يېرىدە كاپىتالىستىك ۋە مۇستەقىل مەملىكەتلەرنىڭ "ئۈستۈنلىكى" نى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ "مۇستەققىللىقى" نى، "دېمۇكىراتىيسى" نى ۋە "ئەركىنلىكى" نى ماختاپ يۈرگەن. ھەتتا پارتىينىڭ شىنجاڭدىكى رەھبەرلىكىنى "مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىق" دەپ ھاقارەتلەپ، شىنجاڭنى "خەنزۇلارنىڭ مۇستەملىكىسى" دېگەن، شۇنىڭدەك يەنە باشقىلارغا "خەنزۇلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولغۇچە ئەنگىليىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ياخشىراق ئىكەن"-دەپ نومۇسسىزلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنى "مۇستەقىل" قىلىش يولىدا جار سالغان. ئۇلار يەنە نومۇسسىزلىق بىلەن ئاقنى قارا قىلىپ، پارتىيەنى ھاقارەتلەپ: "مەركەز شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ خام ئەشيا بازىسى ۋە بازىرى قىلىۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ خام ئەشيالىرى، يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى، سودىدىن بولغان پايدىنى ئېلىپ كەتتى"-دېيىشكەن ۋە بۇنىڭ بىلەن "شىنجاڭ جۇڭگونىڭ مۇستەملىكىسى" دېگەن سەپسەتىلەرنى ئىسپاتلىماقچى ھەم ئاممىنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، "مۇستەقىل" لىق دەۋاسى قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى بۇزماقچى بولغان.
بۇ ئەكسىيەتچى يەرلىك مىللەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنى ۋەتەندىن ئايرىش مۇددىئاسى ئۇزۇندىن بۇيان بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خام خىيالى ئەمەلگە ئاشمىغان. پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولغاندىن كېيىن پارتىيە ئۇلارنىڭ مۇنداق ئەكسىيەتچى تەلەپلىرىنى قاندۇرمىغانلىقتىن، ئۇلار پارتىيەگە ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە خەنزۇ خەلقىغە ھۇجۇم قىلدى ۋە ھاقارەتلدى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە "مەرتلىك قىلمىدى"، "كەڭ قۇرساقلىق قىلمىدى" دېدى. ئابدۇرېھىم ئەيسا مەركەزنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنى "خاتا" دەپ ھۇجۇم قىلىپ، "شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ (25-بەت)قۇرۇلغانلىقى بىلەن قۇرۇلمىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق"، "ئاساسىي قانۇندا مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر سىياسىي، ئىتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە تېخى ھوقۇقتا باراۋەر بولغىنى يوق"-دېدى. شۇنىڭدەك "ئاچقۇچ كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك"-دېدى. ئىبىراھىم تۇردى: "شىنجاڭدا ئىككى چوڭ تاغ بار. شەرقتە جۇڭگو، غەرپەت سوۋېت ئىتتىپاقى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ۋە مېھىر-شەپقىتى بولسىلا، ئاندىن بىزگە ئۈمۈت تۇغۇلىدۇ"-دىدى. ئۇلار زىيا سەمىدىنىڭ خەلقىئارا يىغىنغا قاتناشقان ۋاقتىدا "مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ شىنجاڭنىڭمۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويۇشى" نى پىلانلىدى. ئۇچىغا چىققان بۇ ئەكسىيەتچى مىللەتچىلەر ئەگەر جۇڭگودا ۋېنگىريە ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسا، ئاللىقاچان قوشۇلۇپ، خەلقنى سېتىشتىن باش تارتماي، ئا ق ش جاھانەىرلىكى ۋە ئۇنىڭ يالاقچىلىرىغا: "بىزنى خەنزۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتقۇزۋېلىڭلار! بىزگە مۇستەقىللىق كېرەك، سىلەرگە نېمە كېرەك بولسا، بىز شۇنى بېرىمىز، مەدەن كېرەك بولسا مەدەن بېرىمىز، نېفىت كېرەك بولسا نېفىت بېرىمىز"-دەپ جار سالغان بولاتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق يوللار بىلەن ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى خەلقىئارا جاھانگىرلار ھەم ئۇرۇشپەرەسلەرگە سېتىشقا ئۇرۇندى.
بۇ بىر ئوچۇم ئەكسىيەتچى مىللەتچىلەر ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەدەپ پىتنە-ئىغۋا ۋە ئايرىلىش كۆزقارىشىنى تارقىتىپ، پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، بەلكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تۈرلۈك يوللار بىلەن شەرمەندىلەرچە بۆلگۈنچىلىك سالدى. مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ خەنزۇ خەلقى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ سەمىمىي ئىتتىپاقىنى بۇزدى. ئۇلار: "خەنزۇ كۆپۈيۈپ كەتتى، بىزنى ئاسسىملاتسىيە قىلىۋېتىدىغان بولدى، خەنزۇلار قايتىپ كېتىشى كېرەك"-دەپ جار سالدى. ئۇلار "مىللىي مەنپەئەتنى قوغداش" نىقابى بىلەن ئۆزلىرىنى "مىللىي قەھرىمانلار" قىلىپ كۆرسىتىپ، خەنزۇ خەلقىغا تۈرلۈك باھانالار بىلەن قارىشى تۇردى ۋە ئۇلارنى چەتكە قاقتى. ئۇلار پەسكەشلىك بىلەن خەنزۇ خەلقىنى گومىنداڭچىلارغا ئوخشاش "ھۆكۈمرانلار" دەپ ھاقارەتلىدى. ئۇلار يەنە "ھازىر خەنزۇلار بىزگە بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ، خەنزۇلارنىڭ غەرىزى يامان. بىزنى تۇيۇقسىزلا يۇتىۋەتمەكچى بولىدۇ"-دېيىشكەن. ھەتتا ئۇلار" "خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭغا كەلگىنىدىن ئەنگىلىيە ۋە ئامېركىلىقللارنىڭ كەلگىنى ياخشى" دىيىشكەن. ئابدۇرېھىم ئەيسامۇ "خەنزۇلار ئىلىنى بېسىۋالدى، خەنزۇلار بولسا بىز ئوبدان ئىشلىيەلمەيدىكەنمىز، ئۇلار بىزگە توسقۇنلۇق قلدى، خەنزۇلارنىڭ ياردىمى بولمىسىمۇ سوتسىيالىزمنى قۇرالايمىز"-دىدى. ئۇلار ئۆتكەن يىلى مايدا ئاپتونوم رايونللۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بىر مۇقامدا ناخشا ئېيتىپ ئوت قۇيرۇقلۇق بىلەن "مىللىي كادىرلاردا خىزمەت بار، ھوقۇق يوق"، "خەنزۇلار تەختتىن چۈشسۇن، بارلىق ئاپتونوم ئورۇنلار، ھەتتا ھەربىي قوشۇنلار ۋە پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلىرى بىز دېگەندەك "مىللىيلەشتۈرۈلسۇن"-دەپ جار سالدى. ئەمىلىيەتتە بولسا، ئۇلار پارتىيەنى ئەكسىيەتچى مىللەتچىلەر، پومىشچېكلار، بۇرژۇئا ئۇنسۇرلىرى، تەتۈر ئىنقىلاپچىلار ۋە بۇزۇقلارغا يول قويۇشقا مەجبۇر قىلىپ، بىزنىڭ دۆلەت ئورۇنلىرىمىزنى، ھەتتا ھەربىي قوشۇنلار ۋە پارتىيە كومىتېتلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، (26-بەت)پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي قوشۇنلارنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئۇۇرندى. ئۇلار ئەشۇنداق "مىللىيلەشتۈرۈش" نى قوغلۇشۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئىشقا سالغان ھەمدە پارتىينىڭ كادىرلار سىياسىتى بىلەن كادىرلار تۈزۈمىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق بۇزغۇنچىلىق سېلىپ، ئۆزلىكىدىن زور سىياسىي، تارىخىي مەسىلىسى بار بىر مۇنچە كىشىلەرنى ۋە ئەكسىلئىنقىلابچى ئۇنسۇرلارنى دۆلەت ئورگانلىرىغا كىرگۈزگەن. زىيا سەمىدى مەدەنىيەت نازارىتىگە بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ساداقەتلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن توغرا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر مۇنچە خەنزۇ كادىرلارنى پەسكەشلىك بىلەن سىقىپ چىقارغانلىقىنى "مىللىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش" ساھەسىدىكى "ئىجادىي ئىشىم" ۋە تەجرىبەم"-دەپ ئۆز شېرىكلىرىگە ماختانغان. ئۇلار شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى قۇرۇلىشىدا زور ھەسسىلەرنى قوشۇۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيسىنى قارىشى ئالماي ۋە قوللىمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان. ئۇلارنى ئۆز كۆزلىرىگە قادالغان مىق دەپ ھېسابلاب، ئۇلارنى جېنىنىڭ بېرىچە ھاقارەتلىگەن ۋە قارىلىغان. ئۇلار تۈرلۈك پۇرسەت-باھانىلار تېپىپ، ئىشلەپچىقىرىشقۇرۇلۇش ئارمىيسى بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق سالغان. ئۇلارنىڭ مۇنداق قىلىشى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيسى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ كۆپچىلىكى خەنزۇ بولغانلىقىدىندۇر. ئۇلار خەنزۇلارنى دائىم "خىتاي"، "تۇڭگۇز"، "قاراقچى"، "بالايى-ئاپەت"، "ماڭقا" ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق زەھەرلىك پەس سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەپ كەلگەن.
بۇ ئەكسىيەتچى مىللەتچى ئۇنسۇرلار تۈرلۈك ھىيلە-مىكىرلەربىلەن خەنزۇ كادىرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇلارنى چەكلەش بىلەنلا قالماستىن، باشقا مىللەت خەلقلىرىنىمۇ خەنزۇلارغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز يېنىغا تارتىشقا ۋە قۇترىتىشقا ئۇرۇنغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىمۇ ئوخشاشلا چەتكە قاققان ۋە ئۇلارغا زەربە بەرگەن. ئۇلار باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىشىغا، گۈللىنىشىگە ۋە راۋاجلىنىشىغا قارىشى. ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تەركىبىدە باشقا مىللەت ئەزالىرىنىڭ بولىشىغا، باشقا مىللەت كادىرلىرنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە سايلىنىشىغا قارىشى. ئۇلار بۇنىڭغا "ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھاقارەت" دېيىشكەن. ئۇلار باشقا مىللەتلەرنىڭ تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغىمۇ قارىشى. ئۇلار شىنجاڭدا بىرقانچە رايونلار بويىچە تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيەنىڭ يولغا قويۇلىشىغا "تۆت مىليۇن ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ تۇپىرىقى قازاق، قىرغىز ۋە موڭغۇللارنىڭ باشقۇرىشىغا بۆلۈپ بېرىلدى"-دەپ ھاقارەت كەلتۈردى. ئۇلار دۆلەتنىڭ باشقا مىللەت ئاپتونوم جايلىرىغا خىراجەت بېرىشىگىمۇ قارىشى چىقىپ، قېرىنداش مىللەتلەرنى "ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابىغا ياشىماقتا"-دەپ قارىدى. ئۆتكەن يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي خىراجىتىنى تەقسىم قىلىش ئۈستىدە مۇزاكىرە بولغاندا ئۇلار ئوچۇقتىن-ئوچۇق قارىشى چىقىپ، "بۇ ئازغىنا پۇلنى قازاقلارغا، خۇيزۇلارغا ۋە موڭغۇللارغا بۆلگىلى تۇرساق قالغانلارنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابىغا ياشايدۇ؟"-دېدى. ئۇلار قازاقلارنى چەتكە قېقىش ئۈچۈن "ئۇيغۇرىستان" (27-بەت)قۇرىغاندىن كېيىن قازاقلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۆتكىۋېتىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش خام خىيالىدا بولغان. ئۇلار باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، سەنئىتىنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقىمۇ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغىمۇ قارىشى. زىيا سەمىدى ۋە ئىبىراھىم تۇردىلار باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشا-ئۇسۇل ۋە سەھنە ئەسەرلىرنىڭ ئويلىنىشىغا ئىنتايىن قارىشى. ئىبىراھىم تۇردى تا ھازىرغىچە قازاق خەلقىنىڭ جەڭگىۋار ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىنو فىلىمى "قەسەن-جەمىلە" نى كۆرۈشتىن باش تارتىپ كەلمەكتە ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرىنى كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئەرتىستلىرىنى دائىم ھاقارەتلەپ كەلدى. شۇنىڭدەك زىيا سەمىدىمۇ ئۇيغۇر دىرامما تىياتىرىنىڭ خەنزۇ تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان سەھنە ئەسەرلىرىنى قويىشىغا ئووچۇقتىن-ئوچۇق قارىشلىق كۆرسىتىپ كەلگەن.
پارتىيىگە قارىشى بۇ بىلوك "مۇستەقىللىق"، "ۋەتەندىن ئايرىلىش" ۋە "پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاغدۇرۇش" ئۈچۈن جار سېلىپ، ھەممە جەھەتلەردە ۋە ھەممە مەسىلىلەردە پارتىيىگە ئىنتايىن غالجىرلىق ۋە پەسكەشلىكبىلەن ھۇجۇم قىلدى ۋە پارتىيىنى ھاقارەتلىدى. ئۇلار "پارتىيە بالايى-ئاپەت"، "پارتىيە-چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئالدايدىغان نەرسىسى"، "پارتىيىگە كىرىش ئېغىزنى چاپلىۋەتكەنگە ئوخشاش"، "پارتىيە ئىنتىزامى كىشىنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويىدۇ"-دېگەن. ئۇلار پارتىيە ئېغىزدا دېمۇكىراتىيە دېسىمۇ، ئەمىلىيەتتە قالاق، پاسسىپ، ئوڭچى، سولچى، بۇرژۇئازىيە، سىنىپىي يات ئۇنسۇر، جاھانگىرلارنىڭ جاسۇسى دېگەنگە ئوخشاش 40-50 خىل قالپاق بىلەن دۇنيانى كونتۇرۇل قىلىپ، خەلقنى قورقۇتىدۇ"-دېگەن. ئۇلار يەنە "كومۇنىستىك پارتىيە قارىشى تۇرمايدىغان نەرسە يوق، يەر ئىسلاھاتىدا پومىشچېكلارغا قارىشى تۇردى، ئۆزگەرتىش دېگەن نام بىلەن كاپىتالىستلارغا قارىشى تۇردى. ھازىر يەنە ئوڭچىللارغا قارىشى تۇرماقتا"-دېگەن. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بۇ ئاسىيلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنى قاتتىق ھاقارەتلىدى، ھەتتا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ داھىسى رەئىس ماۋ زېدوڭ بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلارغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق ھاقارەت قىلدى ۋە تۆھمەت قىلدى. ئۇلار پارتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى توغرا رەھبەرلىكىدىن ۋە ھەممىە جەھەتلەردىن قولغا كەلگەن ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلەردىن جېنىنىڭ بېرىچە كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭدا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىشىغا قارىشى تۇردى. ئۇلار ۋىجدانسىزلىق بىلەن پىتنە-ئىغۋا تارقاتتى. "پارتىيە شىنجاڭدا بۇنىمۇ، ئۇنىمۇ چاتاق قىلدى، بۇنىمۇ، ئۇنىمۇ خاتا ئىشلىدى" دەپ، پارتىيىگە قارا چاپلىدى. ئۇلار ھەممىدىن بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچىلار قىلىپ كۆرسىتىپ، دېھخانلار ئۈچۈن سۆز قىلىۋاتقاندەك يالغان نىقابقا ئورۇنىۋېلىپ، كوپىراتسىيلىشىكە قارىشى تۇردى. زىيا "ھازىر يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپلىرىدا يەر ئاز، ئادەم كۆپ، كوپىراتسىيلىشىش بىلەن يەر مەسىلىسىدە زىددىيەت بار"، "سوتسىيالىستىك يېزا ئىگىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ" دېگەن سۆزلەرنى قىلدى. ئىبىراھىم تۇردى بىلەن ئابدۇرېھىم ئەيسا ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئامما ئوتتۇرىسىدا "كوپىراتسىيلىشىشنىڭ ئەۋزەللىكى يوق" دەپ ۋايساپ، "ئامما ئۆزى تېرىغان نەرسىسىنى يېيەلمىسە كوپىراتىپنىڭ قانداق پايدىسى باركىن تاڭ؟" دىگەن ئىغۋالارنى تارقاتتى. ئۇلار ئوچۇقتىن-ئوچۇق "يېزا ئىگىلىكىنىڭ كوپىراتسىيلەشتۈرۈلىشى بىلەن دېھخانلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ كەتمەيدۇ"، "2 مو يەر (28-بەت)سوتسىيالىزمغا باشلاپ بارالمايدۇ"-دېدى. ئازادلىقتىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ كوپىراتسىيلىشىشتىن كېيىنكى دېھخانلار تۇرمۇشىنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا ناھايتى ياخشىلانغانلىقىنى ئاتايىن كۆرمەسكە سېلىپ، "دېھقانلار زاغرىدىن قۇتۇلالمىدى"-دەپ پىتنە تارقاتتى. ئۇلار "قول سانائىتى كوپىراتسىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلىنىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئارقىغا كەتتى" دەپ جۆيلىدى. پىلانلىق سېتىۋېلىش، پىلانلىق سېتىش، ئاشلىق بىلەن نورمىلىق تەمىنلەش سىياسىتىگە ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىۋېلىنىشىغا قارىشى تۇردى. ئوچۇقتىن-ئوچۇق "ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ نورمىلىق تەمىنلەش چارىسىنى كۆچۈرۈپ كېلىشنىڭ ھاجىتى يوق" دىدى. ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا ۋە ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش چارىسىغا بۆھتان چاپلاپ "ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ماللارنىڭ ھەممىسى قىممەت ھەم ناچار. دېھخانلار ئۇلارنى سېتىۋېلىپ چوڭ زىيان تارتماقتا" دەپ ۋايسىدى. بۆلگۈنچىلىك سېلىش مەقسىدىدە ئاممىنى پارتىيىگە نارازى بولۇشقا قۇتىراتتى. پارتىيىگە قارىشى بۇ ئۇنسۇرلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغان سانائەت ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلىشىغا قارىشى تۇردى. زىيا تېتىقسىزلىق ۋە نومۇسسىزلىق بىلەن "تۆمۈر يول پۈتسە ئۇ بىزگە بالايى-ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ" دېدى. ئۇلار مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت قۇرۇلىشىغا بەرگەن ياردىمىگە بۆھتان چاپلاپ، بۇنى "مەركەز شىنجاڭنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىۋاتىدۇ" دەپ ھاقارەتلىدى. ئۇلار مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېرىۋاتقان ياردىمىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىغە بولغان زور پايدىلىرىدىن كۆز يۇمۇپ، بۇنى "پۈتۈن دۆلەتكە ناھايتى زور پايدىسى بار، لېكىن يەرلىك ئاممىنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ئەھمىيىتى يوق"-دېدى ۋە "مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا ھەممە ئىشنى ياخشى ئىشلىگىلى بولمايدۇ"-دېدى. زىيا سەمىدى بۇلتۇر مايدا كېڭەيتىلگەن يىغىندا "شىنجاڭدا سانائەت قۇرۇلۇشىنىڭ راۋاجلىنىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى يارىتىدۇ" دىگەن سۆزگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق قارىشى چىقتى. ئۇ پارتىيىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىگە بوللغان رەھبەرلىكىگە قاتتىق قارىشى تۇردى، پاتىيە ئەدەبىيات-سەنئەتنى بىلمەيدۇ دەپ ھاقارەتلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ھېچقانداق راۋاجلانمىدى، دىدى. زىيا سەمىدى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى باشقا ئوڭچىللارغا ئوخشاشلا ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەسرلىرىنىڭ سىياسىۋىيلىقىغا، مەپكۈرىۋىيلىقىغا قارىشى تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىنكاس قىلىدىغان ئەسەرلەرنى "فورمالىستىك" ئەسەرلەر، دەپ ھېسابلىدى. ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىيلىكى بىلەن مىللىي ئۆلچىمىنى بىرىنچى ئورۇنغا، سىياسىۋىيلىكى بىلەن مەپكۈرىۋىيلىكىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇشقا ئۇرۇندى. ئىبىراھىم تۇردىمۇ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا گۇمان ۋە ئۈمۈدسىزلىك تۇغدۇرىدىغان كەيپىياتلارنى قەستەن پەسكەشلىك بىلەن تارقاتتى. قانداقتۇر "ئۆتكەندە ھامان سوتسىيالىزم جەمىيىتى قۇرىمىز دىدۇق، نەچچە يىللىق ھەرىكىتىمىز يەر ئىسلاھاتى، ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى بېسىقتۇرۇش، ئوڭچىللارغا قارىشى كۈرەشتىن ئىبارەت بولدى. بۇنىڭ بىلەن سوتسىيالزم قۇرۇش قىيىن، كومۇنىزمغا قايسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ يېتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز" دېدى. ئۇلارنىڭ سۈيىقەستلىك مەقسىدى ئاممىنىڭ (29-بەت)سوتسىيالزمغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇش، ئاممىنى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا قارىشى چىقىشقا كۈشكۈرتۈرشتىن ئىبارەت.
پاش قىلىنغان ماتېرياللاردىن ئېنىقلىنىشىچە پارتىيىگە قارىشى بۇ بىلوكنىڭ ۋەتەنگە، خەنزۇ مىللىتىگە، كومىنىستىك پارتىيىگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا، خەلققە ۋە سوتسىيالىزمغا قارىشى تۇرۇشى تەساددىپى ئەمەس، بەلكى ئىزچىلدۇر. ئۇلار تارىختا ئىنتايىن ئەكسىيەتچى يەرلىك مىللەتچىلەرلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي جەھەتتىن زور گۇمانلىق ئۇنسۇرلاردۇر. زىيا سەمىدى ئازادلىقتىن بۇرۇن 3 ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا ئەكسىل ئىنقىلابى سۆز-ھەرىكەتلەردە بولغان. شۇ ۋاقىتتا 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھاكىميىتى تەرىپىدىن جىددىي گۇمانلىق ۋە خەۋپلىك ئۇنسۇر دەپ تونۇلغان. ئىبىراھىم تۇردى ئازادلىقتىن بۇرۇن ۋە ئازادلىقتىن كېيىن بەزى پانتۈركىست ۋە ئىنقىلابقا قارىشى ئۇنسۇرلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. ئابدۇرېھىم ئەيسا بولسا، كېلىپ چىقىشى پومېشچىك ئائىلىسىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ يوقۇتۇلىشىغا باشتىن-ئاخىرى تەن بەرمەي پارتىيىگە، سوتسىيالزمغا ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان. ئۇ بۇلتۇر ھەجگە بارغان مەزگىللەردە چەت مەملىكەتلەردە تېنەپ يۈرگەن ئىنقىلابقا قارىشى ئۇنسۇرلار ۋە خەلقىئارا جاسۇسلار بىلەن يوشۇرۇن مۇناسىۋەت باغلاپلا قالماي، بەلكى يوشۇرۇن مەقسەد بىلەن تۈركىيەگە كېتىشكە ئۇرۇنغان. پارتىيىگە قارىشى بۇ بىر نەچچە ئۇنسۇرلار يەنە ئۇچىغا چىققان بۇرژۇئا شەخسىيەتچى شۆھرەتپەرەسلەردۇر. ئۇلار ئادەتتە قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ، ئەشەددىي نومۇسسىزلىق بىلەن بارلىق ئىشلاردىن كۆز يۇمۇپ، ئاممىنىمۇ ۋە پارتىيىنىمۇ ھەرگىز كۆزدە تۇتمىغان. ئۇلار پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قارارلىرىنى خالىغانچە ئوچۇقتىن-ئوچۇق بۇزۇپلا قالماي، بەلكى شەخسنى پارتىيە ۋە كوللېكتىپتىن يۇقىرى ئورۇنغا قويدى. ئۆزلىرى رەھبەرلىك قىلغان ئورۇننى "مۇستەقىل كىنەز" لىك قىلىۋېلىپ، پارتىيە بەرگەن خىزمەت ھوقۇقىنى پارتىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا دەسمايە قىلدى. ئۇلار خىزمەتكە باشتىن-ئاياق مەسۇليەتسىزلىك بىلەن قارىدى. ھەتتا ھېچقانداق ئىش قىلماي، ئەكسىچە پارتىيىنى غاجاپ "ۋەزىپىمىز بار، ھوقۇقىمىز يوق" دىدى. ئۇلار ئىنقىلابىي ئىشلاغا پاسسىپلىق بىلەن سۇس قارىدى، ھەتتا پائال بۇزغۇنچىلىق قىلدى. لېكىن ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالىشىش، ياخشى يەپ-ئىچىش ۋە ئويناشلارنى قىزىقىش بىلەن قوغلاشتى. ئىبىراھىم تۇردى ئوچۇقتىن-ئوچۇق پارتىيىدىن ئورۇن تەلەپ قىلىپ، قېلىنلىق ۋە نومۇسسىزلىق بىلەن "قانداقلا بولمىسۇن ماڭا 3-دەرىجىدە مائاش بېرىشى كېرەك"-دېدى. زىيا سەمىدى پۇلنى جېنىدىنمۇ ئارتۇق كۆرىدۇ ۋە كەيپ-ساپاغا بەك بېرىلىپ كەتكەن. بىر قانچە قېتىم ئاياللارغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق باسقۇنچىلىق قىلغان. دىمەك، ئۇ تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ چېكىگە يەتكەن.
يىغىندا ھەر مىللەت كادىرلىرى پارتىيىگە قارىشى بۇ بىلوكنىڭ سوتسىيالزمغا قارىشى تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق نەپىرەت بىلدۈرۈپ، پارتىيىگە قارىشى بۇ ئۇنسۇرلارغا قاتتىق جازا بېرىلىشىنى بىر ئېغىزدىن تەلەپ قىلىشتى.
مەنبە: جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان "ئالغا" ژۇرنىلىنىڭ 1958-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 19:53 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.149748 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش