تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1220|ئىنكاس: 0

مىللىي قەدىرياتىمىزنىڭ بەلگىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

مۇھەممەد يۈسۈپ
تىل – ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قىلىش قۇرالى. جەمئىيەتتە ئىنسانلار پەقەت شۇ تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا بىر- بىرىنى چۈشىنىپ، تەرەققىيات باسقۇچىغا ئىلگىرلەيدۇ. تىلدىن باشقا ھەر قانداق ۋاسىتە بۇ ۋەزىپىنىڭ ھوددىسىدىن تولۇق چىقالمايدۇ. تىل بولمىسا جەمئىيەتمۇ جەمئىيەت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا، ياكى ئەكسىنچە دۇنيا يۈزىدىن غايىپ بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر. ئىنگلىزلار ئۆز تىلىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنياغا تارقىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن بۇ كۈنلەردە ئۇ دۇنيا يۈزلۈك تىلغا ئايلىنىپ قالدى. خىتاي دۆلىتىنى بىر نەچچە ئەسىر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدارە قىلغان مانجۇر مىللىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋەپىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ۋە تىلىنى كۆزقارچۇغىدەك ساقلاپ قالالمىغانلىقىدىن ئاخىرى ئۇلار قۇملۇق يەرگە سىڭىپ كەتكەن سۇدەكلا دۇنيادىن غايىپ بولۇپ كەتتى. تىل ئەنە شۇنداق مىللەت تەقدىرى بىلەن تۇتاش مۇھىم ئامىلدۇر.
ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا، يۈكسەك مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ساھىپ بولغان مۇنەۋۋەر بىر مىللەتتۇر. ئۆتمۈشتە ئەجداتلىرىمىزنىڭ تىلى ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرىگىچە تاراپ كەڭ دائىرىدە قوللىنىشقا ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىدى. مىسىرنىڭ يەرلىك شېۋىلىرىدە ئۇيغۇر(ئەسلى تۈرك)تىلىدىكى بەزى ئاتالغۇلار ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىن يېتىلىپ چىققان ئەللامىلىرىمىز تىلىمىز بايلىقىنى ئەكسى ئەتتۈرۈپ چوڭ ھەجىمدىكى قامۇسلارنى يېزىپ قالدۇرغانلىقى ئۆتمۈش تارىخىمىزدىن مەلۇم: مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك» ئەسەرلىرى شۇنىڭ ئەمەلىي مىسالىدۇر. بۇ ئارقىلىق ئالىملىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تەرغىپ قىلىشتا چوڭ رول ئوينىغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسلام دىنى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا يېڭىدىن تارقىلىپ، ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىش ھەۋەسى خەلق ئارىسىدا كەڭ قانات يايغان مەزگىل ئىدى. ئىسلام دىنى مەملىكىتىمىزگە ئىران تەرەپتىن كىرىپ كەلگەچكە شۇ قاتاردا پارىس تىلىنىڭمۇ تەسىرى ئاز بولمىدى. نەتىجىدە تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان، ھەتتا ئەرەب، پارىس تىللىرىدىن بەزى ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە، ئۆز تىلىدىكى شۇ ئاتالغۇلارنى قوللانمايدىغان ھالەتلەر پەيدا بولۇشقا ئۆتكەن. دەل شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ مىللەتپەرۋەر، دانىشمەن بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىي كىشىلەرنىڭ ئەرەب، پارىس تىللىرىغىلا بېرىلىپ كېتىپ ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا خەلقلەرنىڭمۇ تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىنى ئۈگىنىشلىرىگە ياردەمچى قوللانما بولۇشى مەقسىتىدە مەزكۇر دىۋاننى يېزىپ چىقىدۇ.
بۇ دەۋردە شۇنداق بىر چۈشەنچە بولۇشقا ئۆتكەنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدىپلەرنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدە ئەرەب ياكى پارىس تىللىرى ئارىلاش بولمىسا ئۇ ئەسەر ھەقىقىي بەدىىئي ئەسەر سۈپىتىدە باھالانمايدىغان بولغان ئىدى. شۇنداق بىر شارائىتقا ئەمەل قىلماي يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق « قۇتادغۇ بىلىك» ئەسىرىنى خالىس ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىقتى. «قۇتادغۇ بىلىك»نى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئالىملار شۇنى ئېنىق ئىپادىلىدىكى، بۇ ئەسەردە تۈرك تىلىدىن باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر يوقنىڭ ئورنىدا، بېرەن- سارانلا ئۈچرىشىپ قالىدۇ. شۇ يۆنىلىش تەسىرىدە 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماۋەرائۇننەھرىدە ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان لۇتفىي، ئاتائىي ۋە سەككاكىيلارنىڭ غەزەللىرىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان. دېمەك، شۇ دەۋر شارائىتىدىمۇ ئەجداتلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى كۆز قارچۇغىدەك قوغداپ كەلدى.
مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى ئىككىنچى قېتىم ئىستىلا قىلغىنىدا، ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئۆز تىلىنى خەلقىمىزگە زورلاپ تېڭىپ، يېزا- قىشلاقلاردا مانجۇر تىلىدا مەكتەپلەرنى ئاچقان بولسىمۇ، خەلقىمىز ئارىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك ئۆلۈمالار ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇشىدىن توساپ كەلدى. بۇ پەقەت تىلىمىز ئارقىلىق دىنىي ۋە مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا قارىتىلغان ئىش ئىدى. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان كۆپچىلىك ئاتا- ئانىلىرىمىز ھېلىمۇ تىلىمىزنى سىرتقى تەسىرلەردىن ساقلاپ كەلمەكتە. ئەگەر سىز ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا بارسىڭىز، خىتاي تىلىنى بىلمەيدىغان، ئۆز تىلىنى تولۇق ساقلاپ كېلىۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغانلىقىڭىزنى بىردىن ھېس قىلىسىز. ئۇيەردە ئۆز تىلىنى بىلمەيدىغان بىرەرمۇ ئۇيغۇر تېپىلمايدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىگە خاس بولغان مىللىي ئۇرپى – ئادەتلەرنى شۇ جايدا كۆرىسىز.
شۇنىسى ئېچىنارلىقكى، قازاقستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە گەپ قىلساق، بۇ يەردە ئۆتكەنكى يىللار مابەينىدە رۇس تىلى ھۆكۈمرانلىق دەرىجىگە كۆتىرىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇشقا ئۆتكەنلىكى، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرگە ھەيران قالغىدەك بىلىنىپ كېتىدىكەن. بىز ئالمۇتىغا كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمىزدا رۇس تىلىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بېرەر نەرسىنى سوراشقا توغرا كەلگىنىدە، چىرايىغا قاراپ ئۇيغۇرغا ئوخشىغان بىرىدىن سوراشقا مەجبۇر بولاتتۇق. بىز مۇراجىئەت قىلغانلار، خۇسۇسەن ياشلار ئۆزلىرى ئۇيغۇر بولسىمۇ، بىزگە رۇسچە جاۋاپ بېرەتتى. بىز ئۇلارنىڭ رۇسچە جاۋاپلىرىغا چۈشەنمىگەچكە « سىز ئۇيغۇر ئىكەنسىز، بىز رۇس تىلىنى بىلمىگەچكە سىزدىن سوراۋاتىمىز، بىزگە ئۇيغۇرچە ئېيتىپ بەرسىڭىز» دېگىنىمىزدىن كېيىنلا ئۇيغۇرچە دۇدۇقلاپ سۆزلەپ، ئامالسىزلىقتىن بىزنى ياقتۇرمىغاندەك قىياپەتتە سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرەتتى. ئۇيغۇر پەرزەندىنىڭ ئۆز تىلىدا شۇنچىلىك قىينىلىپ سوزلەۋاتقانلىقى بىزنى ھەيران قالدۇراتتى. بىر خوش بولارلىق ھالەت، كېيىنكى يىللاردا بۇ ئەھۋال ئۆزگەرتىلىپ، ياشلارنىڭ ئانا تىلىدا ئەركىن سۆزلىشىشى قانات يېيىۋاتىدۇ. شۇندىمۇ بەزى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئەھۋالنىڭ شۇ پېتىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى بايقىلىدۇ. ئۇ ئائىلىلەرنىڭ بەزىلىرىدە ھەتتا بۇۋاقلارنىڭ تىلىمۇ رۇس تىلى بىلەن چىقىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان
تىل- مىللەت دېمەكتۇر. مىللىي ئۆرپى- ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىمۇ تىل ۋاستىسىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بالىنىڭ مىجەز- خۇلقىمۇ ئۆزى سۆزلىشىپ يۈرگەن تىلدىكى غەيرى مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ماس شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەن بالا خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپى- ئادەتلىرى، مۇزىكا، سەنئىتىگە يۇقۇشمايدىغان بولۇپ ئۆسىدىغانلىقى مۇقەررەر. كىچىك - چوڭغا بولغان ھۆرمەت – ئىززەت قائىدە يوسۇنلىرىمىزدىنمۇ ئۇلارنىڭ پەرۋاسىز ئۆسىدىغانلىقىمۇ ئەنە شۇنىڭدىن. بۇ ئىشتىكى چوڭ مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.
بەزى كىشىلەر ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلىپ تۇرسىمۇ، خۇددى ئۆزىنى شۇ ئارقىلىق بىر كۆرسەتكۈسى كەلگەندەك، ئۇنىڭدىن شۆھرەتكە ئېرىشىدىغاندەك رۇس تىلىدا سۆزلىشىدۇ. بۇ دورامچىلىقنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىكەنلىكى چۈشىنىكسىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆز مىللىتىنى، مىللىي تىلىنى خورلىغانلىقتۇر. راست، بۇ تەۋەدە رۇس تىلىنىڭ تەسىرى بېسىم بولغىنى بىلەن ئۇلارنى ھېچبىر رۇس بېسىمدارلىقىنىڭ رۇسچە سۆزلىشىشىگە زورلىمىغانلىقىمۇ ئېنىق. ھەتتا بۇ تەرەپتە ئازسانلىق مىللەت ھېسابىدا تەبىئي ھالدا ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنىشقا ئۈچراۋاتقان تۇڭگان خەلقىنىڭ ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مىللىي غۇرۇرىغا قايىل بولىسىز.
يات ئەلدە يۈرۇپ مىللىي تىل ۋە غۇرۇرىدىن ئايرىلىشقا ئۆتكەن بەزى شەخسلەرنىڭ ئاغىزىدىن «بولدى، بىز ئەمدى تۈگەشتۇق» دېگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ يۈرىمىز. ھۆرمەتلىك قېرىنداش! شۇنداقتا بىز ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تۈگىشىشگە يول باشلاپ بەرگەن بولدۇقمۇ؟ّ! « ئۈمىتسىز- شەيتان» دەپ ئېيتىلغان. ياق! ھېچقاچان ئۇنداق ئۈمىتسىزلىك چاڭگىلىغا چۈشۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەتكەن ئۇلۇغ غايىلەرنى ئەگەر ئۆز ئەسلىنى يوقاتمىغان بولسا ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى مۇقەررەر. يات ئەلدە ياشاپ شۇ خەلقنىڭ تىلىنى بىلمەسلىك ئۇيات ئەمەس، بىراق ھازىر دۇنيانىڭ قايسىبىر يېرىدە ياشىمايلى ئۆز ئانا تىلىمىزنى بىلمەسلىكىمىز ئېچىنىشلىق ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئالدىدىكى جىنايىتىمىزدۇر. قىسقىسى، ئۆز تىلىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى شۇ مىللەت قاتارىغا قويالايمىز.
كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم- سەۋىيەسىنىڭ يوقىرى بولىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەقىقەت. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش، ياكى ئۇنى ئۈگەنمەسلىك نومۇسسىزلىق ۋە شەرمەندىچىلىكتۇر.
ھەر بىر مىللەتنىڭ قەدىر- قىممىتى تىلى ئارقىلىق تونۇلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە، ئۆز تىلىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپ، باشقا مىللەتنىڭ تىلىغا بېقىنغان ئادەم ئۆز ئانا تىلىنى ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. مۇنداقلار ئۆز مىللىتىدىن يۈز ئورۈگەن ۋە ئەۋلاتلارنىڭ كېلىچىكىنى دەپسەندە قىلغان بولىدۇ. دېمەك، تىل مىللەتنى ساقلاپ قالىدىغان مۇھىم ئامىل.
« يېڭى ھايات » 1997- يىل 16- ئاۋغۇست سانى.






BeğenDaha fazla ifade göster
Yo







كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:35 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.210975 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش