تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2568|ئىنكاس: 0

ھالاكەت قەيەردىن باشلىنىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
مەدىھىيە ۋە ماختاشلىرىمىز ھېچبىر شىرىكى ۋە ئوخشىشى بولمىغان يىگانە اللەقا بولسۇن . دۇئا ۋە سالاملىرىمىز ئالەملەرنىڭ سەرۋەرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ۋە دەۋىر قىيامەتكىچە ئۇلارغا سادىقلىق بىلەن ئەگەشكەن مۇۋەھھىد ، مۇھاجىر ، مۇجاھىدلارغا ۋە شۇنداقلا تەقۋالىقنى ئۆزىنىڭ كىچە -كۈندۈزلۈك لىباسى قىلغان مۇتتەقى تەقۋالارغا ، ئىمانى قۇۋۋەتكە ئىگە بولغان مۇسلىم ۋە مۇسلىمەلىرىمىزگە بولسۇن.
پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتلىق بەتلىرىنىڭ ھەر بىر ئىزنالىرى ، ھەر دەۋىردىكى ئىنسانىيەتكە مۇكەممەل ئۆرنەك ۋە ئۈلگە بولغان ۋە بولىدىغانلىقىنى ھەر بىر ئىمان ئىگىللىرى بىلىدۇ ئەلۋەتتە.
ئىنسانىيەتكە ئۆرنەك ۋە ئۈلگە بولۇشقا ھەقىقى سالاھىيتى توشقان بۇ پەيغەمبەرلەرگە نەزەر سالغىنىمىزدا ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىلىپ چىقىش نەسەبلىرىنىڭ ئېنىق ، ئاشكارا ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشىدا ھېچبىر گۇمانى يوچۇقنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ يىتەلەيمىز.
ئىنسانىيەتكە تا قىيامەتكىچە ئاجايىپ گۈزەل ئۈلگىلەرنى قويۇپ كەتكەن سەرۋەرى ئالەم مۇھەممەدۇن راسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ، ھېچبىر كىشىگە سىر بولمىغان ئەڭ ئىسىل نەسەپتىن دۇنياغا كەلگەن . ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ نەسەبلىرىنى نەچچە ئەۋلاتقىچە ئېنىق سەھى دەلىللەر بىلەن قەيت قىلىشقان ئىدى . ھەتتا كىيىنكى كىشىلەر ئۈچۈن ئىسلام تارىخىدىلا ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى شانلىق نەمۇنە ئىزلارنى قالدۇرغان ساھابىلەردىن ھېچ بىرىنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىش نەسەبىنىڭ گۇمانلىق ياكى نامەلۇم بىرنى بىلمەيمىز.
بىز بۇنۇڭدىن شۇنى ئىنىق تونۇپ يىتىمىزكى ، ئائىلە كىلىپ چىقىش تارىخى ئېنىق بولمىغان ھەر قانداق كىشىلەرنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش ياكى ۋاستە بولۇش سالاھىيتىگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يىتىمىز.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېقىنقى دەۋىر تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ ئاجايىپ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە ۋە خارلىق ، زىللەت ، نۇمۇسسزلىقنىڭ سەۋەپچىسى بولغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ، بىلگىلى بولدى دىگەندىمۇ سەللا سۈرۈشتە قىلسا ھەر خىل گۇمانى سىرلار ئادەمنى تەئەججۇپقا سالىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ كىشىلەر شۇ قەدەر قۇۋ ، ھىلىگەر ، تالانت ۋە قابىلىيەتتە ئۆزگىچە ، ھەرخىل ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە بولغان رەھىمسىز كىشىلەردۇر.
ئۆتمۈشنى قويۇپ مۇشۇ يۈز نەچچە يىللىق تارىخقا قارايدىغان بولساق ، ياقۇپ بەگدىن ئىبارەت كىبىر ۋە مەنمەنچىلىك كۆرپىسىنى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان ، غېرىپ ، مەزلۇم ، مۇستەزئەپلەرگە پوخۇرلۇق ۋە ھەيۋە بوپ قالمىسۇن ئۈچۈن زوڭزۇيۇپ بەھۇزۇر ئولتۇرغىننى ھېچبىر ئىنسان زاتى بىلمىگەن ، شۇ دەۋىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەۋىر سەركىسى بولغان بۇ كىشىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن كىشى باشقا بىرى بولماستىن بەلكى ياقۇپ بەگنىڭ شۇ قەدەر ھۆرمەت ئىھتىرام قىلىشىغا ۋە ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن نىيار ھېكىمبەگ ئىدى. شۇ دەۋىر تارىخىنى يورۇتۇپ بىرىشتە ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان «تارىخى ھەمىدى» ۋە «غازات ئەل مۇسلىمىن» قاتارلىق تارىخى كىتاپلاردا بۇ نىياز ھېكىمبەگنىڭ تېپىۋېلىنغان بالا ئىكەنلىكى ئەمەلى ۋەقەلىك ۋە شاھىدلار بىلەن تەپسىلى خاتىرلەنگەن .نىياز ھېكىمبەگنىڭ قايسى قەبىلە ، قايسى ئۇرۇق ، قايسى تەبىقە يۇرت ئايماق ، جەمەت نەسەبىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.پەقەت ئۇنۇڭ مانجۇ خانى ئۈچۈن سېتىلغان مەخپى خائىن مۇناپىق ئىكەنلىكى دەۋىر چاقى چۆگىلەپ ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن ئاشكارا بولغان .
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېقىنقى دەۋىر ئىسلام ئويغىنىش ھەركىتىدە ئالاھىدە يىتەكچىلىك رول ئوينىغان ئابدۇقادىر داموللامدەك پەيغەمبەرنىڭ بىباھا مىراسلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئەمەت مەزىن قاتارلىق قەددى قامەتتە كىلىشكەن كىشىنىڭمۇ نەسەبىنى ، كىلىپ چىقىش تارىخىنى بىلىدىغانلار ئەسلا يوقكەن .
قەشقەر ۋە ئاتۇش مۇسۇلمانلىرىنى مەڭگۇ باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەدلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ،مەمتېلى تەۋپىق ، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى قاتارلىق ئوت يۈرەك ئىسلام ئەزىمەتلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ شەھىد قىلغان روس مەلئۇنلىرىنىڭ جاسۇسى بولغان قادىر ھاجى كەبى ئالاھىدە ئىقتىدار ئىگىللىرى ، شۇنداقلا يېقىنقى دەۋىر تۈركىستان جىھادىغا ئەڭ زور توسالغۇ بولغان ۋە بۇ جىھادنىڭ - خوجا نىيار ھاجى ، شىرىپخان تۆرە ، مەھپۇز ۋاڭ، (كۇچا ۋاڭى) ئابدۇللا داموللا ، قاتارلىق 108 نەپەر ئاساسلىق كىشىللىرىنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرگەن ھاشىم ھاجىغا ئوخشاش رەھىمسىز قابىلىيەت ئۇستىللىرى ، ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئۈچۈن يۈرىكى ئوت بولۇپ كۆيىۋاتقان تۈمەنلىگەن ياش قىز ۋە ئوغۇللارنى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن - قىستاقلار بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇپ ئاتالمىش تۆھمە مىداللىرىغا ئىرشكەن سىيىت ھاجى سىياقىدىكى ئۆزگىرىشچان تاكتىكا ماھىرلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىپ ئېيتقاندا ،ئاتا - ئانىسى نامەلۇم بولغان ، نەسەپ جەمەتى ،ئەقەللىسى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىمۇ كىشىلەرگە ئېنىق بولمىغان (سىيىت ھاجىنى يېڭىساردا بىر دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان دىگەن گۇمانى قاراشنى ھىساپقا ئالمىغاندا ) ھارامدىن بولغان ، پەس ، ھەددىدىن ئاشقۇچى ، گۇناھكار، قوپال كىشىلەردىن ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھەمىز قالمايدۇ.
ئەمدى بىزنىڭ سىزىم ، تۇيغۇ ۋە كۆزلىرىمىز شاھىد بولغان تارىخقا قارايدىغان بولساق ھەم، ھازىرقى دەۋىر تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاجىئەلىك ئەقىدە دەپسەندىچىلىكلىرىگە يېشىل چىراق يېقىپ ، اللە ۋە اللەنىڭ راسۇلىغا، ھەمدە مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا ھېچ ھايا ، نۇمۇس قىلماستىن خىيانەت قىلالىغان جۈمە تاھىر كەبى شەخىسلەرنىڭمۇ يۇقارىقى شىرىكلىرىگە ئوخشاش مەسجىد ئالدىدىن تېپىۋېلىنغان كىچە بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
ئابدۇرەقىپ ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشىدىكى ھازىر ھايات بولغان يۇندىكەش مەخلۇقلار ھەم ئۆزىنىڭ تامامى ھالەتلىرىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . دىمەك بولارنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئىمانى ئويغاق كىشىلەرگە ئەسلا سىر بولمىغان ھەقىقەت.
پۈتۈن دۇنيا تارىخىغا قارايدىغان بولساق مەيلى مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار بولسۇن ، ياكى كۇپىرى ھاكىمىيەتلەر بولسۇن ھېچقاچان ئۆزنىڭ ھوقۇق چۇلۋۇرىنى ئائىلە كىلىپ چىقىش تارىخى نامەلۇم كىشىلەرگە تۇتقۇزغان ئەمەس . پەقەت تاجاۋۇز ۋە زۇلۇم بىلەن بېسىۋېلىنغان زىمىنلاردىكى قورچاق خان ۋالىيلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا .
ھەر قەۋىم ئۆز ئەمىلىگە يارىشا ئۆزىنىڭ رەھبەرلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدىغانلىقى بۇ بىر ھەقىقەت .
ئۆز تارىخىدا ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىنكى ئۆزگەرتكەن ئىسمى «ئابدۇلكەرىم »)دىن تارتىپ بىز شاھىد بولغان دەۋىرلەرگىچە ئۇلاشقان «ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم » شاگىرتلىرىدىن «ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى » « ھەسەن مەخسۇم » قاتارلىق ھەقىقى ئەركەك رىجاللارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ چىققان بۇ ئۈممەت ، 21- ئەسىردە ئايلىنىۋاتقان تارىخ چاقىنىڭ بۈگۈنكى كۈن سائىتىدە ، ئىبىراھىم قۇماندان (ئەسلى ئىسمىنىڭ مەت ئەلىخان ئىكەنلىكى توغىرىسىدا گۇمانى قاراش بار . ئەسلى ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى شۇ قەدەر سۈرۈشتۈرۈلدىكى ، بىلىدىغان ھېچ بىر كىشى ئۇچىرىتىلمىدى ) دەك غەيرەت ۋە جاسارەتكە تولغان روھقا ، ئۆز ئەتىراپىدىكىلەردىن ئالاھىدە بولغان ماھارەت ۋە ئىقتىدار - قابىلىيەتكە ئىگە بولغان ، ئەمما ئائىلە كىلىپ چىقىش تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى بىلىدىغان ھېچ بىر ئادەمنىڭ تاينى بولمىغان ، سىشى تەيخۇ كەبى پەردە ئارقىسىدىكى چىرتىيوژ ئۇستازلىرىنى ھەم يىتىشتۈرۈپ چىقتى . بىز بۇ كىشى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە ئىزدىنىدىغان بولساق ، ئۆمۈچۈك تورىدەك ئىرماش چىرماش سۇئاللار ئەلۋەتتە بىزنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ.
بۇ كىشىنىڭ 20 يىلغا يېقىن جىھاد مەيدانلىرىدىكى ھاياتى تولىمۇ سىرلىق بولۇپ ، ئابۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ كەبى قانچىلىغان رىجاللارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە ئۇلاردەك ئىمانى ئويغاق ، زىرەك ، ئۈممەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوت بولۇپ يانىدىغان بەھەيۋەت شىرلارنىڭ سىرلىق شەھىدلىكلىرى - بۇ كىشى (ئىبىراھىم قۇماندان) ھەققىدە شۇ قەدەر كۆپ گۇمانلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان بولسا ، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ، ئەتىراپىدىكى ئىمان ئىگىللىرى جۈرئەت قىلىشتا تەمتىرەپ قالغان خەتەرلەرگە دادىل مەيدىسىنى كىرىپ تەۋەككۇل قىلىشى ، يۇقارىقى گۇمانلارنى بىر مەھەل مەغلۇپ قىلاتتى .
ئۇنداقتا بۇ كىشى زادى كىم ؟
تۇركىستان مۇسۇلمانلىرىنى توغىرا مەنھەج ، توغىرا بولغان ئەقىدە ئاساسىدا يىتەكلەپ مېڭىشنى ئۆزىنىڭ تۈپ مەخسىدى ۋە نىشانى قىلغانلىقىنى ، تۈركىستاندىكى مەزلۇم مۇستەزئەپلەرنى قۇتقۇزۇش ، ئەك چوڭ مەجبۇرىيەت ۋە بۇرچى ئىكەنلىكىنى 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بىرى داۋا قىلىپ كىلىۋاتقان تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ھازىرقى پەردە ئارقىسىدىكى باش ئەمىرى (ئاشكارا نامدىكى ئەمىرى ئابدۇلھەق داموللام ۋە ئابدۇللا مەنسۇر دىيىلگەن بولسىمۇ ئۇلار پەقەت قورچاق ۋە ماشىنا ئادەم قىلىپ قويۇلغان خالاس ) ئىبىراھىم مەنسۇر دىگەن بۇ ئىسىم ،مۇھاجىرەتتىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا دەماللىققا تونۇش بولغان ئىسىم بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىشىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى توغىرىسىدا ھېچبىر ئىزدىنىش ۋە پىكرى - تەپەككۇرنىڭ بولماسلىقى ، بۇ كىشىگە نۇرغۇن قۇلاي ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بىرىش بىلەن بىرگە ، بۇ كىشىگە بولغان قارىغۇلارچە ئىتائەت ۋە ماھىيتى ئۆزگەرگەن چوقۇنۇشنىڭ دەۋرىمىزدىكى يېڭى بىر ئۈلگىسىنى ياراتتى .
ئىبىراھىم مەنسۇرنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى توغىرىسىدا ھەرخىل گۇمانى قاراشلار مەۋجۇد بولۇپ ، ئۇنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ، ئۇزۇن يىل بىرگە جىھاد مەيدانلىرىدا يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ھەم ، ئۇنۇڭ ئەسلىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى توغىرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكى بىزنى تېخىمۇ ئېغىر تەئەججۇپقا سالىدۇ .
مەيلى ئافىغانىستان ئىسلامى ئىمارىتى دەۋرىدىكى يېقىن سەپداشلىرى بولسۇن ، ياكى شام جىھادى مەيدانلىرىدىكى ئۇنۇڭغا سەللەمنا دەپ يۈرىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇھاجىر ۋە مۇجاھىد نامىدىكى سەپداشلىرى بولسۇن ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەگىشىپ مېڭىۋاتقان ئەمىرىنىڭ ئەسلىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى توغىرىسىدا ھېچنەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى ، 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بىرى ئەسلا خىيالىغا كەلتۇرۇپ باقماسلىقتىن ئىبارەت بۇ قەدەر ھاماقەتلىكلەر ، بىز (تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى )نىڭ نەقەدەر ئېغىر مۇسىبەت ۋە تۇيۇق بىر يول ئۈستىدە كىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەكتە.
بەزىلەر ئۇ (ئىبىراھىم مەنسۇر)نى خوتەن باغچىدىن دىسە ،يەنە بەزىلەر مارالبېشىدىن دەيدۇ ، يەنە بەزىلەر غۇلجىدىن ئىكەنلىكىنى دىسە يەنە بەزىلەر ئۇنى بۆرىتالادىن ھەتتا قارىمايدىن ئىكەنلىكىنى دىيىشمەكتە . ئەمما بىز تېخى ئۇنۇڭ يۇرتىنىڭ زادى قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىسپاتلار بىلەن بىلگىنىمىز يوق ، ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان گۇمانلاردا ئۇنۇڭ خوتەننىڭ باغچىدىن ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۇنۇڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىمىز بىلەن كۇپايىلىنىمىز .(ئۇنۇڭ خوتەننىڭ باغچىدىن ئىكەنلىكىگە شاھىد بولۇپ ئەسلىدىن بىلگەن ئادىل كىشىدىن ئىككىنى تېخى ئۇچىراتمىدۇق)
ئۇنۇڭ ئەسلى يۇرتى بىلىنمىگەن يەردە ، ئاتا -ئانىسى ۋە ئەھلىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەتتا ئەزان چاقىرىپ قويغان ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى (مەت ئەلىخان ئىكەنلىكى توغىرىسىدا گۇمانى گەپلەر بار)توغىرىسىدا ئىزدىنىپ بىلىش بىز ئۈچۈن تېخىمۇ قىيىن بىر ئىش بولدى .
بىزنىڭ ئۇنۇڭ ھەققىدە بىلىدىغىنىمىز پەقەت ، ئۇنۇڭ بىر زىيالى كىشى ئىكەنلىكى ، دىنى مەلۇماتىنىڭ - ئۇيغۇرچە ئاڭلاش ۋە ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار ئىكەنلىكىنى ، شۇنداقلا ھەر جەھەتتىن قابىلىيەتلىك ، جاسارەتلىك ، تاكتىكا ئۇسۇللارغا ماھىر ، سۆزمەن ناتىق كىشى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت خالاس.
دىنى ئىلىمدا ئەسلى مەنبەدىن پايدىلىنالىغىدەك بىر ئىلمى قۇۋۋەت بولمىغان ، باتۇرلۇق ، تاكتىكا - ماھارەت ، ئىلغار قابىلىيەت ۋە ناتىقلىقتىن ئىبارەت ئىقتىدارلار جەم بولغان خوجا نىياز كەبى بۇ كىشى ئۈممەتنى زادى قەيەرگە باشلاپ بارىدۇ ؟ خوجا نىيازدەك ئەسلى كىلىپ چىقىشى ، ئائىلە ، ئەھلى نەسەبى شۇنداقلا ھەقىقى ئىسمى بەش قولدەك ئايان بولغان كىشىنىڭ ئۈممەتنى باشلاپ ماڭغان يولى شۇ قەدەر مۇسىبەتلىك ئاچچىق تارىخ ۋە رىئاللىق بولغان بولسا ، ئەسلى ۋە ئەھلى، شۇنداقلا ئۆز ئىسمى نامەلۇم بولغان كىشى يىتەكلەپ ماڭغان ئۈممەتنىڭ كىلەچىكى نىمە بولار ؟ بۇ ھەقتە ئويلىنىدىغان ۋە بۇنۇڭغا جاۋاپ بىرىدىغان ھېچ بىر كىشىنىڭ چىقماسلىقى بىزنى يەنە قانچىلىك ئاچچىق يىغلىتار .
بىز تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىدىن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى تەلەپ قىلىمىز . بىز ئەگىشىپ ماڭماقچى بولغان بۇ كىشى (ئىبىراھىم قۇماندان )ھەققىدە ئوچۇق بىر مەلۇمات بىرىلسە ( ئۇ كىشىنىڭ ۋىدىيودا ئۆزىنى ئاشكارىلاپ چىقىشى شەرت ئەمەس )بۇ ئارقىلىق مىڭلىغان رىجاللار ئۆزىنىڭ ئەگىشىپ مېڭىۋاتقان كىشىسىنىڭ كىملىكىنى ئېنىق بىلىۋالسا ، ۋە شۇ ئارقىلىق قەلبلەردىكى تۈگۈنلەر يىشىلسە . ئەگەر بۇ كىشىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى توغىرىسىدا يىتەرلىك ئىسپاتلاردىن تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىمۇ ئاجىز كەلگەن بولسا ، تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ كىشى ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈش ، بىلىش ، ئىزدىنىش ، تەپەككۇر قىلىش ھەققى بار ئەلۋەتتە ، بۇ ھەقلەر ھەر خىل بانا سەۋەپلەر بىلەن ئوجۇقتۇرىۋىتىلمىسە .
اللە ھەممىمىزگە ھەقنى ۋە ھەق ئۈستىدىكى كىشىلەرنى تونىيدىغان پاك قەلىب ئاتا قىلسۇن!
ھايات ئىنسان قەلىمى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:37 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.227012 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش