تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 574|ئىنكاس: 0

بىر دادىنىڭ ئۆزئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزىيى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:ئىې ئوغلۇم شۇنى بىلگىنكى ئىككى پەرىشتە سىنىڭ ھەربىر سۆزۈڭ،ھەتتا ئەتراپقا بىقىشلىرىڭغىچە ساناپ تۇرۇدۇ،تىرىكلىك سەپىرىدىكى ھەربىر نەپەس ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىغا قاراپ بىسىلغان ھەربىر قەدەمدىن ئىبارەتتۇر،قەبىردە تۇرۇش مىقدارى ئۇزۇندۇر،ئازاپ ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشكەنلەرگە قاتتىقتۇر،تۈنۈگۈنكى راھەت-پاراغەت، لەززەت قىنى؟ ئۇ كەتتى ،ئۇنۇڭدىن پەقەت كۆپ نادەمەتلەرلا قالدى،نەپىسنىڭ شەھۋەتلىرىچۇ؟ ئۇمۇ كەلمەسكە كەتتى.
ئىې ئوغلۇم! ئۆزھاۋايى-ھەۋەسكە خىلاپلىق قىلىشتىنمۇ بەكراق بەخىت-سائادەت بولمىغنىدەك،دۇنيا ۋە ئۇنىڭ زىننەتلىرىنى ئارتۇق بىلىشتىنمۇ بەكراق بەخىتسىزلىك بولمىسا كىرەك، ئۆتمۇشتىكى شاھلار ھەم زاھىتلار ھەققىدە ئويلان،،،،،!شاھلارنىڭ ھوزۇر-ھالاۋەتلىرى،زاھىتلارنىڭ ھىرىپ-چارچاشلىرى قەيەردە قالدى؟ گويا ئاچ كىشىلەر ئېچىرقاشنى سەزمىگىنىدەك،توقلار تويۇپ باقمىغىنىدەك،كاتتا ساۋاپ،گۈزەل ئەسلىمىلەر سالىھ كىشىلەرگە،دەرىت -ئەلەملەر ئاسيىلارغا نىسىپ بولمىدىمۇ؟
ئىې ئوغلۇم ، ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول! بىھودە ئۆتكەن كۈنلىرىڭگە پۇشايمان قىلىشنى ئۇنۇتما! پۇرسىتىڭ بولغانكەن ،يىتىشكەنلەر سىپىغا قىتىلىشقا تىرىشقىن! شاخلىرىڭ قۇرۇپ كىتىشتىن بۇرۇن پەرۋىش قىل!ئۇنۇڭغا ئۇسۇلۇق بەر! ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭنى ئەسلەپ ئۇنۇڭدىن ئىبرەت ئال!ئىې ئوغلۇم،شۇنى بىلگىنكى،كۈنلەر سائەتلەرگە،سائەتلەر نەپەس-تىنىقلارغا ئىشارەت قىلىدۇ،ھەربىر تىنىق سەن ئۈچۈن بىر ئىشكاپتىن ئىبارەتتۇر،قىيامتتە ئىشكابىڭ قۇرۇق چىقىپ قىلىپ پۇشايمان قىلماسلىق ئۈچۈن تىرىشقىن!
پەيغەمبەر ئەلەيھى سالام مۇنداق دىگەن:[كىمىكى ( سۇبىھاناللاھى ۋەبىھەمدىھى:ئاللاھ پاكتۇر،ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن،)دىسە ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتە بىرتۈپ خورما دەرىخى تىكىلىدۇ، ئوغلۇم !زايا بوپكەتكەن ۋاقىتلىرىڭنىڭ تىكىلمەي قالغان قانچىلىغان خورما دەرىخىگە ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باق!
ئىې ئوغلۇم ،كىمىكى دۇنيانىڭ ئۆزى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋاللىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسا دۇنيا ئۇنىڭغا ئۇزۇن بىلىنگىنىدەك،تۇغۇلۇشتىن كىيىنكى ئەھۋاللارنى ئۇيلىسىمۇ يەنىلا ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ،قەبىردىمۇ مۇشۇنداق ئۇزۇن تۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ،يەنە شۇنۇڭدەك جەننەت ياكى دەۋزەختە تۇرۇشنى ئويلاپ قالسا ئۇنىڭ تىخىمۇ نىھايىتى يوقلىقىنى ھىس قىلىدۇ، ئەگەر ئۇئۆزىنىڭ تەپەككۇر تىمىسىنى دۇنيادا ياشىغان مقدارى ئاغدۇرۇپ باقسا، (مەسىلەن :ئۇنى 60يىل ياشىدى دەيلى)ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ 20يىلنى ئۇخلاش بىلەن، 10يىلنى ئۆسمۈرلۈك، نادانلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ ،قالغانلىرىنى شەھۋەت،ھاۋايى- ھەۋەس ، ۋە ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسا ،ئاخىرەتنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتىنى سىتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا پەقەت رىئا ۋە نۇرغۇن غاپىللىقلارنىڭ قىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ، ئۇ ئەمدى ئەبەدىلىك ھاياتنى نىمە بىلەن سىتۋالىدۇ؟


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:13 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.138724 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش