تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 770|ئىنكاس: 0

ئارقا تەرەپتىن ئوق يىگەندە ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

تاشپولات روزى ئەزىز تەرجىمىسى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەلۇم بىرقىسىم ئورمانلىقتا دۈشمەن ئارمىيىسى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىدۇ، جەڭ جەريانىدا مەزكۇر قىسىمدىكى ئىككى نەپەر جەڭچىنىڭ قىسىم بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.
بۇ ئىككى جەڭچى ئەسىلىدە يۇرتداش بولۇپ بىركىچىك كەنتتىن كەلگەن ئىدى، كەسكىن جەڭلەر داۋامىدىمۇ ئۆز-ئارا ھەمدەمدە بولۇپ ئۆتىشەتتى، بىر-بىرىدىن ئايرىلمايتى. ئىككەيلەن قسىمدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئورمانلىق ئىچىدە جاپالىق ئىلگىرىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇ جەرياندىمۇ ئۆزئارا ئىلھاملاندۇرۇشنى ، ئۆز-ئارا تەسەللىي بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. شۇ تەرىقىدە ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قىسىمنى تاپالمايدۇ. ھېلىمۇ تەلىيىگە يارىشا، ئۇلار بىركۈنى بۇغىدىن بىرنى ئوۋلاپ، شۇ بۇغىنىڭ گۆشىگە تايىنىپ نەچچە كۈنلەرگىچە جىنىنى ساقلاشقا مۇيەسسەر بولىدۇ.
بەلكى ئۇرۇشنىڭ كاساپىتىدىن بۇ ئورمانلىقتىكى ياۋايى ھايۋاناتلارمۇ قىرىلىپ تۈگىگەن ياكى ئۈركۈپ قېچىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئىككەيلەن شۇ بىر بۇغىدىن باشقا قورساقنى غەملىگۈدەك باشقا جانلىق تاپالمايدۇ.
ئىككەيلەن ئېھتىيات ئۈچۈن ئاشۇرۇپ قويغان بىرپارچە بۇغا گۆشىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشتا كىچىكرەكى يىنىدا ئېلىۋالىدۇ.
ئورمانىلىقتا كىزىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە دوقۇرۇپ قالدى، بىر قەپەس ئېتىششتىن كېيىن ئىككەيلەن ئۆزىنى ئاران ئېلىپ قاچتى. ئۇلار ئۆزىنى ئەمدى بېخەتەر بولدۇق دەپ تۇرغان شۇ پەيتتە ، ئوق ئاۋازى ياڭرىدى، ئالدىدا كېتىپ بارغان ھېلىقى كىچىكرەك ئەسكەرگە غايىپ ئوق تەگكەن ئىدى، ھېلىمۇ ئۇنىڭ بەختىگە پەقەت مۆرە قىسىمى يارىلاندى.
ئارقىدىن كېلىۋاتقان بۇرادىرى ئالاق -زادە بولۇپ ، ئۇنىڭ يىنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى-دە، قورقۇپ كەتكەنلىكتىن بىر ئېغىز زۇۋانمۇ سۈرمەي ئوق زەربىسىدە ئازابلىنىۋاتقان سەبدىشىنى قۇچاقلىۋالدى.
شۇ كۈنى كېچىچە ، ياشتا چوڭراق ئەسكەر ئانسىىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي سۆزلەپ چىقتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى قېتىپ قالغان ئىدى. ھەرئىككىلىسى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مېنۇتلىرى يېتىپ كەلدى دەپ ئويلىغانلىقى ئۈچۈن ، يىنىدىكى ئاخىرقى بۇغا گۆشىنى يېيىشكىمۇ رايى بارمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ كېچىدە قانداق روھىي كەچمىشلەرنى بىسىپ ئۆتكەنلىكىنى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.
ئىككىنچى كۈنى قىسىمدىكىلەر ئۇئىككەيلەننى تېپىۋالىدۇ.
ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندە ھېلىقى يارىلانغان ئەسكەر بۇ ئىش ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ : « مەن ھېلىقى ئوقنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېتىلغىنىنى ئىنىق بىلگەن ئىدىم، ئۇنى دەل ئەشۇ سەبدىشىم ئارقامدىن ئاتقان ئىدى، ئۇ ئالدىنقى يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ مىنى قۇچاقلىغاندا ، قولۇم ئۇنىڭ مىلتىقىنىڭ ستوۋۇلىغا تىگىپ كەتتى،سىتوۋۇل ناھايىتى قىززىق بولۇپ يېڭىلا ئوق ئېتىلغانلىقىدىن دېرەك بىرىپ تۇراتتى.
لېكىن مەن ئۇنى كەچۈرىۋەتتىم، بىلىمەن، ئۇ شۇچاغدا ئاشۇ ئاخىرقى بۇغا گۆشىنى يالغۇز يېيىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان، ئۇ ئانىسى ئۈچۈن ھايات قالمىسا بولمايتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىل مابەينىدە مەن بۇ ئىش ھەققىدە زۇۋان سۈرمىدىم. ئۇرۇش ئىنتايىن شەپقەتسىز ، ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئۇنىڭ قايتىپ بېرىشىنى كۈتۈشكىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان ئىدى. ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تۇپراق بىشىغا چىقتۇق، ئۇ ئانىسىنىڭ قەبرە تىشى ئالدىدا يۈكۈنۈپ تۇتۇپ، مەندىن ئۆزىنى كەچۈرىۋىتىشىمنى ئۆتۈندى. لېكىن مەن ئۇنى داۋاملىق سۆزلىگىلى قويمىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن بىز يەنە 20 يىل بۇرادەر بولۇشتۇق، مېنىڭ ئۇنى كەچۈرمەسلىككە ھېچ باھانەم يوق.»
بىر ئادەم، يىنىدىكى باشقا بىرىنىڭ كاجلىقىغا، ئۆزەمچىلىكىگە ، ھاكاۋۇرلىقىغا، تەلۋە -بىلىمسىزلىكىگە كۆنۈش ئۈچۈن غايەت زور روھىي قۇربانلىق بىرىدۇ. قارا كۆڭۈللۈكلەرگە بەرداشلىق بىرەلمەسلىك پەقەت ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئىكەك سالىدۇ.
يامانلىققا ياخشىلىق قىلماق- دېمەككە بەك ئاسان، لېكىن قايتىدىن مېھىر بېرىش، دوستانە -ئىناق ئۆتۈش ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. خاتىرىجەم -بەختىيار ياشايدىغان تۇرمۇشقا قانداق ئىرىشكىلى بولىدۇ ؟ جاۋابى : سەبرە قىلىشتۇر. بىلىشىڭىز كېرەك، نڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق ئەمەس.
كىشلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا كۆپىنچە ئازاب -ئوقۇبەت دائىم دېگۈدەك يىنىمىزدىكى ئادەملەردىن، بىز ئىشىنىدىغان ئادەملەردىن كېلىدۇ . بىراق ھەقىقىي مەسىلە شۇكى : ئەشۇنداق ئىشلار بولۇپ ئۆتكۈنىگە تالاي زامان بولغاندىمۇ ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بۇ كۆڭۈلسىز ئەسلىمىنى يەنىلا يېڭىلاپ تۇرىشىدۇر.
شۇڭا، ھېسىيات فوكوسىڭىزنى ئازاب ۋە ئاداۋەتكە توغۇرلاپ تۇرۇۋالغان ۋاقتىڭىزدا تەبىئىيلا ئالدىڭىز خىرەلىشىدۇ، كۈچىڭىزنى پاتقاققا پېتىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىسىز. نەتىجىدە باشقىلارنىڭ بىرقېتىملىق ناچارلىقى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بىر ئۆمۈر جازالايسىز.
شۇنداق -ئەمەسمۇ ، ئۆزىمىزنى نېمىشقا ئازادىرەك تۇتۇشنى ئۆگەنمەيمىز؟ ئەگەر سىز ياكى مەن ئەشۇ ، سەبدىشى ئارقىسىدىن ئوق ئۈزگەن ئەسكەر بولغان بولساق، بۇ يىللارنى قانداق ئۆتكۆزەر ئىدۇق -ھە؟
بەزەن كىشىلەر، مەلۇم مەسىلىگە يولۇققان ھامان يۈرىكىنى قەپەسكە سىلىپ قۇلۇپلاپ قويىدۇ، كۈنبويى «كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان ۋە ئىنتىقامى چوڭقۇر بولغان» كەبى ھالەتتە ھاياتنىڭ مەززىسىنى يوقۇتۇپ ھالسىز ئۆتىشىدۇ.
ھاياتلىقتىكى نۇرغۇن ئىشلار پەقەت بىرلا مەقسەت ئۈچۈن- يەنى بىزنى تېخىمۇ پاراسەتلىك بولۇشقا، تېخىمۇ مۇھەببەتلىك بولۇشقا ،تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولۇشقا ئۈندەشكە ئەسكەرتىش ئۈچۈندۇر ...
باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تاشلىۋىتىپ قەلبىڭىزنى ئادالاڭ. خۇددىي بۈگۈنكى ھېكايىمىزدىكى ياش ئەسكەردەك، ئاداۋەتكە باشلايدىغان تۇيغۇلارنى بىركېچىدىلا تاشلىۋىتىشنى سىناپ بېقىڭ. بۇ قارىماققا باشقىلارنى كەچۈرۈشتۇر، ماھىيەتتە ئۆزىنى ئازاد قىلماقتۇر. شۇنداق، سىزنى قىينايدىغىنى ھەرگىزمۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ شۇ ئىشقا تۇتقان قارىشىڭىزدۇر

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:05 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.143570 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش