تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 991|ئىنكاس: 0

قىرىق ياشتىكى سىر ۋە ھېكمەتلەر ھەققىدە ئىلمىي مۆجىزە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
يېڭى ئىلمىي كەشپياتلىرى ئىنسان قىرىق ياشقا يەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ تولۇقلىنىپ، ئەقلىنىڭ كامالەتكە يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ۋاھالەنكى قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتنى بۇنىڭدىن ئون تۆت ئەسىر بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان. مەلۇمكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا يەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشۈرگەن. ئۇنداق ئىكەن قىرىق ياشتا چوقۇم بىر سىر ۋە ھېكمەت بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا چوڭ بىر ھېكمەت بولمىغان شەيئىنى ھەرگىز تاللىمايدۇ. بىزگە، ئىنسان مېڭىسىنىڭ تولۇقلىنىپ، ئەقلىنىڭ كامالەتكە يېتىشى پەقەت ئىنسان قىرىق ياشقا يەتكەندىن كېيىن بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھېكمەتنىڭ بەزى تەرەپلىرى روشەن بولماقتا.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن ) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دەيدۇ} ئەھقاف سۈرىسى 15- ئايەت.
بۇ ئايەت كەرىم بەدەن ۋە ئەقلىي قۇۋۋەتنىڭ كامالەتكە يېتىشى ئۈچۈن قىرىق ياشنى بەلگىلەپ بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىز قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ھەقىقەت ئالدىدا تۇرماقتىمىز. ئۇنداقتا، بىزنىڭ سوئالىمىز شۇكى، بۇ يەردە ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەيدىغان بىر ئىلمىي ھەقىقەت بارمۇ؟ تەبىئىيكى شۇنداق بىر ئىلمىي ھەقىقەت بولغان ھالەتتە، ئۇ ئىلمىي ھەقىقەت شەكلەنگۈچىلارنىڭ شەكلىرىنى تۈگىتىشكە كەسكىن دەلىل، مۆمىنلەرنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمان - ئىشەنچلىرىنى ئاشۇرۇشىغا ۋەسىلە بولىدۇ.
دوكتۇر ئابدۇدائىم كۇھەيل مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ ھەقتە ئۇزۇن مەزگىل ئىزدەندىم، لېكىن ھېچ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. ھەممە ئالىملار مېڭىنىڭ تولۇقلىنىپ، ئەقىلنىڭ كامالەتكە يېتىشىنىڭ ئىنسان تەخمىنەن يىگىرمە ياشلارغا يەتكەندە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمنى داۋاملاشتۇرۋاتقان بىر پەيتتە، دوستلارنىڭ بىرى ماڭا ئىنسان قىرىق ياشقا يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قۇرئان كەرىمدىكى ھەقىقەتكە تامامەن ئۇيغۇن بىر يېڭى ئىلمىي تەتقىقاتنى ئەۋەتىپ بەردى. ئۇنىڭدىن ئاللاھ رازى بولسۇن، ئامىن. ...........
تېلگراف گېزىتى "مېڭىنىڭ تولۇقلىنىشى ئىنسان ئۆمرىنىڭ يېرىمىغىچىلىك داۋاملىشىدۇ" دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا بىر ئىلمىي ماقالىنى نەشىر قىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە مۇنداق كەلگەن: كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىز 21 ياشقا يەتكەندە ئەقلىي جەھەتتىن تۇلۇق كامالەتكە يېتىمەن، دەپ گۇمان قىلىسىز لېكىن يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى سىز قىرىق ياشقا يەتكۈچىلىك مېڭىڭىزنىڭ مەكەممەللىشىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئالىملار بۇنى تەتقىق قىلىشتا Fmri دەپ ئاتىلىدىغان ئاپپاراتنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ مېڭىدىكى پائالىيەت ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق شەكىلدە ئۆلچىيەلەيدىغان ناھايىتى ئىلغار ئاپپاراتتۇر. يىگىرمە بىرىنچى ئەسىر كېلىشتىن ئىلگىرى ئىنسان قىرىق ياشقا يەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ تۇلۇقلىنىپ، ئەقلىنىڭ كامالەتكە يېتىدىغانلىقىنى ھېچقانداق بىر ئالىم بىلمەيتتى.
يېڭى ئىلمىي كەشپياتلار ئۆسۈپ يېتىلىش داۋاملىشىدىغان دائىرىنىڭ كوكۇلەك دائىرىسى ياكى ئالىملار Prefrontal cortex دەپ ئاتىغان مېڭىنىڭ ئۈستۈن ۋە باش تەرىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ دائىرە ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان، پىلان تۈزۈش ۋە قارار چىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان دائىرىدۇر.
پروفېسسور Sarah Jayne Blakemore مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭدىن ئون يىللارچە ئىلگىرى مېڭىنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى بۇرۇن توختاپ قالىدۇ، دەپ قارىغانىدۇق لېكىن Fmri دەپ ئاتىلىدىغان ئاپپارات بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسى مېڭىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئىنسان قىرىق ياشقا يەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئەڭ كۆپ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئەڭ مۇھىم دائىرىنىڭ كوكۇلەك دائىرىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بىزنى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان مۇھىم دائىرە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ يەردە بىز ئاللاھ تائالا كوكۇلەكنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ئۇلۇغ ئايەتلىرىنى ئەسكە ئالىمىز. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن بىر سۆزىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: {شۈبھىسىزكى، مەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، ھەر قانداق بىر مەخلۇقلا بولىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ كوكۇلىسىنى تۇتقۇچىدۇر، يەنى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر. پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ ھېچ كىشىگە قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ)}. ھۇد سۈرىسى 56- ئايەت.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن - يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز}. ئەلەق سۈرىسى 15-، 16- ئايەتلەر.
شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەببىگە دۇئا قىلغاندا: "كوكۇلۇم قولۇڭدا" دەپ دۇئا قىلاتتى. شەكلەنگۈچىلەرگە سوئالىمىز شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كوكۇلەكنىڭ ئەھمىيىتىنى قانداق بىلگەن؟ .........
قىرىق ياشتىن كېيىن مېڭە ۋەزىپىسىنىڭ تەدرىجىي چېكىنىدىغانلىقى
ئالدىمىزدا كۈندىن كۈنگە قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى كەشپ قىلىنماقتا، بىز بۈگۈن قىرىق ياشتىن كېيىن ئەقلىي قۇدرەتنىڭ چېكىنىشكە باشلايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان يېڭى بىر تەتقىقات دەۋرىدە ياشىماقتىمىز، يۇقىرىدا مېڭىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئىنسان قىرىق ياشقا يەتكۈچىلىك داۋام قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدۇق، بۈگۈن ئالىملار قىرىق ياشتىن كېيىن ئەقلى قۇدرەتنىڭ تەدرىجىي ئارقىغا چېكىنىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
قېرىنداشلار! بىز بۇ يەردە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى قايتا ئەسكە ئالىمىز، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن ) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ} ئەھقاف سۈرىسى 15- ئايەت.
سۇبھاناللاھ! مېڭىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئىنسان قىرىق ياشقا يەتكۈچىلىك داۋام قىلىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىم بىلدۈردى؟ پەيغەمبەرلىكىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن بۇ ئۆمرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى تاللىۋالدىمۇ ياكى پۈتۈن سىر ۋە مەخپىيەتلەرنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالا تاللىدىمۇ؟ ئىسلام دىنىدىن شەكلەنگۈچىلەرگە سوئالىمىز شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان ئەقلىنىڭ كامالەتكە يېتىش بىلەن ئەقلىي قۇدرەتنىڭ ئارقىغا چېكىنىش پاسىلىنىڭ قىرىق ياش ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدى؟ ۋاھالەنكى غەرب ئالىملىرى بۇ ھەقىقەتنى پەقەت 2010 يىلىنىڭ ئاخىرلىرى كەشپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە! شەكسىزكى بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ھەقىقەتلەردۇر.
مەنبە: لىۋاندا چىقىدىغان "ئەلئىجاز" ژۇرنىلىنىڭ ھىجرىيە 14

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:13 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.141763 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش