تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 3049|ئىنكاس: 0

بىر ئۇيغۇر كاپىرنىڭ سوئاللىرىغا ئىسلامچە جاۋابلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
ئابدۇلجېلىل تۇران
مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە (2016 – يىلى 2 – ئايدا) ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يازغان بىر قىسىم يازمىلىرى ئۈستىدە بولغان بەس – مۇنازىرە بىر ئۇيغۇر كاپىرنىڭ بىر قىسىم سوئاللىرى بىلەن نەتىجلەندى.
سوئال مۇنداق ئىدى: (ئۇيغۇر كاپىرنىڭ يازمىسى ئۆز ئەينى بېرىلدى)
«ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎﻣﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﮔﯜﻟﻪﻥ - ﺗﺎﻟﯩﭗ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﯞﻩ ﺋﻪﺯﮪﻪﺭﯨﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﯞﻏﺎﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻼﻱ ﺩﻩﭖ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﺘﯩﻢ. ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎلىبچاﻗﻘﯩﭽﻪ ﺋﻪﺯﮪﻪﺭﯨﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﻟﻪﻧﮕﻪ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺗﯧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺱ - ﺑﻪﺳﺘﻪ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﮪﻪﺭﻩﻡ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﺎﻗﺎﻣﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮔﯜﻟﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺑﯘﻧﭽﯩﻼ ﻏﻪﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠۇﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﺯﮪﻪﺭﯨﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﮔﻤﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯚﮔﯩﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺳﯚﺯ - ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﯨﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ھېكمىتىنى ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﭘﺘﯘ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﺯﮪﻪﺭﯨﻴﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯘﭼﻘﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺯﯨﻐﯩﺮﺩﻩﻙ ﺳﯚﺯ - ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﮔﯘﻧﺎﮪﻰ ﻛﻪﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯚﭘﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻣﯘﺭﯨﺖ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺋﺎﻕ - ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻞ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺗﯩﻎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ، ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺯﺍﺩﻯ نېمىنى ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟
ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ، ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳوﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯘﺩﻩﻙ ﺋﻪﺯﮪﻪﺭﻯ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﮪﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﯛﯓ ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳوﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺟﺎﯞﺍبلار ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ، ﺋﺎخىرىدا ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﻟﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺷﻤﯘ ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺑﯘ نېمە ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﺪﻯ؟ ﮪﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳوﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻳﻮﻕ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺗﯩﻞ - ﮪﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﺳﺮ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ:
1. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﻼﮪﻤﯘ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﺍﻣﺪﯗ؟ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﻨﺪﺍ ﺋﯚﺯﻩﯓ ﺋﺎﺯﯨﺴﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ ﺩېسە ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﺍ ﺧﯘﺩﺍ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
2. ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ، ﮪﻪﺩﯨﺲ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺗﺎﺭىخىدﯨﻜﻰ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭىسىدﻩﻙ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﮔﯚﺩﻩﻙ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩىسىدﻩﻙ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ؟ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﺘﺎ، ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ؟ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ؟
3. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ 4 ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﯘﻝ - ﺩﯦﺪﻩﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺳﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﺎﺭﻛﻪﻧﺘﯘﻕ.
4. ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺗﻪﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﮪﺎﺑﯩﻠﻪﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺟﻪﯕﮕﻰ - ﺟﯧﺪﻩﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺳﯘﻧﻨﻰ - ﺷﯩﺌﻪ جېدﯨﻠﻰ ﺗﺎ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮىسىدﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﮔﯘﻣﺎﻧﻰ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﯩﻨﻰ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘ؟
ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺑﯘﺩﺩﯨﺴﺘﻼﺭ ﺑﯘﺩﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﻪﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺑﯘﺩﺩﯨﺴﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﯘﺕ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻳﯘﻣﻼﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺧﯘﺩﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭﺷﺘﻪ ﯞﻩ ﻗﻪﻟﺒﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ، ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘﺩﺩﯨﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻳﯘ، ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﻛﻪﺑﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺳﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯘ؟ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﻰ ﺋﻪﺭﺷﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗﻳﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘﺩﺩﯨﺴﺘﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮪﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﺳﯩﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﯚﻛﯜﯞﻩﺗﺘﻰ.
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺳوﺋﺎﻟﻼﺭ ﻣﯧﻨﯩﯖﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳوﺋﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﺯﮪﻪﺭﯨﻴﻠﻪﺭ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭﭼﯘ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻤﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﯩﻞ - ﮪﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻳﯧﻨﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﮔﯜﻟﻪﻥ ﮪﻪﺭﻩﻣﮕﻪ ﮪﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﯩﻢ. ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﮔﯘﻣﺎﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﯨﻐﯩﺮﺩﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﺗﺎﻻﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﮔﯘﻣﺎﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﺗﯩﻞ - ﮪﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺳﯘﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﺳﯚﺯ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﻕ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.»
(سوئال ئىگىسى ئىسمىنى مەلۇم قىلالمىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقانلىقى ئۈچۈن، «ئۇيغۇر كاپىر» دەپ ئاتىدىم. بۇ تىللاش ياكى ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس)
* * * *
مەن مەيلى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يازمىسىنى ياكى ئۇنىڭغا قارشى ۋەياكى ئۇنى قوللاپ يېزىلغان يازمىلارنى قۇرمىقۇر ئوقۇپ تۇرمىغان بولساممۇ، ئاخىر ئۇيغۇر كاپىرنىڭ يازمىسىنى قولفۇنۇم ئارقىلىق ئوقۇدۇم.
ئۇيغۇر كاپىر قويغان سوئاللىرىغا بىزدىن جاۋاب كۈتەتتى. ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھەتتا بەزى قېرىنداشلارنىڭ جاۋاب بېرىلىش تەشەببۇسلىرى تارقالغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا بۈگۈنگىچە ھېچ كىمدىن جاۋاب بولمىدى.
ئەسلىدە بۇ مەسىلە يېڭى يەنى پەقەت بۇ قېتىم مەزكۇر ئۇيغۇر كاپىر كۆتۈرۈپ چىققان مەسىلە ئەمەس ئىدى. مۇنداق مەسىلىلەر ئەسىرلەردىن بېرى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ۋە مۇسۇلمان ئالىملار ھەتتاكى مۇسۇلمان ئەمەس بىر قىسىم شەرقشۇناسلارمۇ ئاللىقاچان جاۋاب بېرىپ بولغان مەسىلە ئىدى. مۇنداق مەسىلىلەرنىڭ جاۋابلىرى قۇرئان كەرىمدە، ھەدىس كىتابلىرىدا ۋە باشقا مۆتىۋەر ئىسلامىي كىتابلاردا بېرىلىپ بولغان ئىدى. ئەمما مۇنداق مەسىلىلەرگە مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قانداق كەلگەن بولسا شۇ بويىچە ئىمان كەلتۈرۈپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ كەلگەن بولسا، كاپىرلار (مەيلى قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ھەمىشە ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىدى.
مەسىلە يېڭىدىن قايتا بىر ئۇيغۇر كاپىر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۆلىمالاردىن، بولۇپمۇ ئەزھەرىيلەردىن جاۋاب تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ئەپسۇسكى، بۈگۈنگىچە ھېچ كىمدىن جاۋاب بولمىدى.
مەنچە، مەسىلىگە قائىدە بويىچە تۈركىيەدە يېڭى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرى بىرلىكى» جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىدى، جاۋاب بېرىلمىدى. مەسىلىگە ئەزھەرىيلەر جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىدى، ئەپسۇسكى ئۇلاردىنمۇ بۈگۈنچىگە سادا يوق. مەسىلە ئېنىق ئىدى، جاۋابىمۇ ئېنىق ئىدى. يەنىلا جاۋاب بېرىلمىدى.
مەسىلىگە يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، جاۋاب بېرىلمىسىمۇ بولاتتى. چۈنكى ھازىر تاراتقۇلاردا، بىر قىسىم ئىسىمسىز «قەھرىمان» لار، مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىمايدىغان، كەلسە – كەلمەس سوئاللارنى تارقىتىپ، ئىنسانلارنى مەشغۇل قىلىۋاتاتتى. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا جاۋاب بېرىش ھاجەتسىز ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر كاپىر مەسىلىگە جاۋاب تەلەپ قىلاتتى. ھەتتا ئۆلىمالارنى ۋە ئەزھەرىيلەرنى دۇئىلغا دەۋەت قىلاتتى.
ئەمما، ئۇيغۇر كاپىرغا جاۋاب بېرىلسىمۇ، بېرىلمىسىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا كاپىر پېتى قېلىشى مۇمكىن بولسىمۇ (چۈنكى كاپىرلار تارىخ بويىچە ھامان ئىنكار قىلىپ كەلگەن) جاۋاب بېرىش زۆرۈر ئىدى. چۈنكى مەسىلىگە بىز مۇسۇلمانلارنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغان ياكى خىجىل بولۇپ قالىدىغان تەرىپى يوق ئىدى.
* * * *
ھىدايەت ۋە زالالەت مەسىلىسى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
ھىدايەت – توغرا يول كۆرسىتىش، نىشانغا يۈزلەندۈرۈش؛ زالالەت بولسا، يولدىن چىقىپ كېتىش، گۇمراھ بولۇش ۋە ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كېتىش دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. دىنىي ئىستېمالدا بولسا، كۇپۇرلۇق ۋە شېرىككە ئوخشاش گۇمراھلىق ئىچىدىكى بىر كىشىنى ئۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ، توغرا يولغا يېتەكلەش «ھىدايەت»، ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى كۆرسەتكەن يولدىن يىراقلىشىپ كېتىش بولسا، ئازغۇنلۇق، گۇمراھلىق، دەپ ئاتىلىدۇ. مۇئتەزىلىلەرنىڭ قارىشىچە، ھىدايەت توغرىنى بايان قىلىش، ئەھلى سۈننەتنىڭ قارىشىچە بولسا، ئاللاھنىڭ گۇمراھلىق ئىچىدىكى بىر كىشىنى ئۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ، توغرا يولغا نائىل قىلىشى دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئىش ھەم بايان قىلىش ھەم ھىدايەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ يارىتىلىشى شەكلىدە بولۇشى مۇمكىن.
ئاللاھ ئىنسانلارنى مۇشەققەتكە ئەمەس، يول كۆرسىتىپ ياردىمى ۋە ياخشىلىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىش (ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈش) ئارقىلىق ھىدايەتكە باشلايدۇ؛ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق گۇمراھ بولۇشىغىمۇ ئىمكان بېرىدۇ. لېكىن، ھەرگىزمۇ ئۇلارنى مەجبۇرى ھالەتتە ھىدايەتكە يېتەكلىمەيدۇ ياكى توغرا يولدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى ئەمەلدىن قالغان بولىدۇ.
ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىق دائىرىسىدە دەتالاش قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا «ئاللاھنىڭ دىللارنى پىچەتلىۋېتىشى» مەسىلىسى ئورۇن ئالىدۇ. قۇرئان كەرىمدە كاپىرلارنىڭ دىللىرىنىڭ پىچەتلەنگەنلىكى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنىدۇ:
«شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ).» (بەقەرە سۈرىسى 5، 6- ئايەتلەر)
«شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر.» (ئەئراف سۈرىسى 179- ئايەت)
«ئاللاھ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پىچەتلەيدۇ» (ئەئراف سۈرىسى 101- ئايەت)
ئۇلۇغ كىتابىمىزدا بايان قىلىنغان «دىللارنىڭ پىچەتلىنىشى» ئاللاھنىڭ كۇپۇرلۇق قىلغان كىشىنىڭ دىلىدىن ھەقىقەتنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئېلىپ تاشلىشى دېمەكتۇر. بۇ ئەھۋال، مۇناسىۋەتلىك كىشى ھەقىقەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە، جانابى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا تەۋفىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھىدايەتكە يېتەكلىشىگە توسالغۇ ئەمەس. چۈنكى، قۇرئان كەرىمدە دىللارنىڭ پىچەتلىنىشى بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلغۇچىلارنىڭ ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىم ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ «ئۇلار (پەيغەمبەرگە): ‹بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار› دەيدۇ.» (فۇسسىلەت سۈرىسى 5- ئايەت) دېيىش ئارقىلىق دىللارنىڭ پىچەتلىنىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن باھانە قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 6-، 7- ئايەتلىرىدە پىچەتلىنىش ئىبارىسى «دىللىرى قېتىپ كەتكەن، پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغان كىشىلەر» زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئىبارىلەر بەزى كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن دىللىرىنى ئاچمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى دىللىرى بار، لېكىن، ئۇنى ئىشلىتىپ ھەقىقەتنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار بەزىدە ئۆزلىرى بىلەن دەۋەت قىلىنغان ھەقىقەت ئارىسىدا پەردە بارلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. روشەنكى، دىللىرى پىچەتلەنگەنلەر ھەر دائىم نەپسىنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە ئەگەشكەن، كۇپۇرلۇق ۋە ئىنكار يولىغا ماڭغان يامان كىشىلەردۇر. دېمەككى، ئاللاھ ئۆزى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا قۇلاق سالمىغان كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى يۈزىسىدىن پىچەتلىۋېتىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەقدىر قىلىشىنىڭ ئەمەس، ئىنساننىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر. جانابى ئاللاھ يۇنۇس سۈرىسىنىڭ 42-، 43- ۋە 44- ئايەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلارنىڭ ئىچىدە (قۇرئان ئوقۇغىنىڭدا) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا (يەنى ئاللاھ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئېلىپ تاشلىغانلارغا) ئۇلار ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (يەنى پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرىنى بايقايدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار بايقىغانلىرىدىن پايدىلانمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كوردۇر). (ھەقىقەتنى) كۆرەلمىسىمۇ كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار (كۇفرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ.»
قىسقىسى، ئىنساندا كۇپۇرلۇق كۆرۈلگەندە ئاللاھ ئۇنىڭ دىلىدىن ھەقىقەتنى چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ ھەقىقەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەندە بولسا، تەۋفىق ھىدايىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ھىدايەتكە باشلايدۇ. («ئىسلام ئاساسلىرى» نەشر قىلىنمىغان نۇسخا)
«تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىردە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەقىقەتنى ئوچۇقلاش ئۈچۈن) پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرسە - كەلتۈرۈۋېرىدۇ. ئىمان ئېيتقانلار ئۇنى «رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت» دەپ بىلىدۇ. ئەمما كۇفرىدا چىڭ تۇرىۋالغانلارغا كەلسەك، ئۇلار: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى مەقسەت قىلىدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازغۇنلۇقتا قالدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ؛ بۇ مىسال بىلەن پەقەت يولدىن چىققانلاردىن باشقىسىنى ئازدۇرمايدۇ. ئۇلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدىغان، ئاللاھ داۋام قىلدۇرۇشقا بۇيرۇغان نەرسە – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ قويىدىغان ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق تېرىيدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلار چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردۇر.»
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۆز ۋاقتىدىكى كاپىرلار قۇرئان كەرىمدىكى پاشا ۋە ئۆمۈچۈكلەرنىڭ مىساللىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلار «بۇ ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئوخشىمايدۇ» ۋە «مۇھەممەدنىڭ رەببى بۇنداق نەرسىلەرنى مىسال كەلتۈرۈشتىن ھايا قىلمامدۇ، نېمە؟» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىشىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەقىقەتنى ئوچۇقلاش ئۈچۈن) پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرسە-كەلتۈرۈۋېرىدۇ» دېگەن ئايەت چۈشىدۇ.
ئاللاھ تائالا دېمەكچى بولغانلىرىنى كىشىلەرگە تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن، مەقسەت قىلىنغان مەنىگە مىساللارنى كەلتۈرىدۇ. چۈنكى، مىسال كەلتۈرۈش مەنىنى ئىپادىلەش ۋە ئۇنى تېخىمۇ روشەن ئوچۇقلاشتا پايدىلىق ئۇسۇلدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا پاشا ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك نەرسىلەرنىمۇ مىسال قىلىپ كەلتۈرسە كەلتۈرۈۋېرىدۇ، بۇنىڭدىن ھېچ تارتىنىپ قالمايدۇ.
ناۋادا، مىسال كەلتۈرۈلمەكچى بولغان نەرسە ئىسلام دىنى ۋە پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئىشلار بولسا كەلتۈرۈلگەن مىساللارمۇ نۇر ۋە قۇياشقا ئوخشاش قىممەتلىك نەرسىلەر بولىدۇ؛ مىسال كەلتۈرۈلگەن نەرسە بۇت ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتسىز نەرسىلەر بولسا كەلتۈرۈلگەن مىساللارمۇ پاشا، چىۋىنلارغا ئوخشاش قىممەتسىز نەرسىلەردىن بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە پاشا بىلەن تۆگە يارىتىلىشتا ئوخشاشتۇر، ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتىدۇر.
مۇئمىنلەر قەلبلىرىدىكى ھىدايەت نۇرىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى تەستىق ۋە قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما كاپىرلار بولسا، ھەيرانلىقتا تېڭىرقاپ يۈرگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەيدىغان سۆزى «ئاللاھ پاشىغا ئوخشاش بۇنداق ئاددى نەرسىلەرنى مىسال كەلتۈرۈشتىن نېمىنى مەقسەت قىلىدىكىنا؟» دىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ئۇلار توغرا يولنى تېپىشتىن گاڭگىراپ قالغانلاردۇر.
«ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىقى ئايەتلەردە كەلتۈرگەن مىساللىرى بىلەن كۆپ كىشىلەر ئازغۇنلۇققا گىرىپتار بولغان بولسا، نۇرغۇنلىرى ھىدايەت تاپتى ۋە توغرا يولدا يۈرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. زادى ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردىن باشقىسى ئېزىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئازغۇنلۇق ئۇلارغا خاستۇر. خۇسۇسەن يەھۇدي ۋە خىرىستىيانلاردىن ئىبارەت ئەھلى كتابلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدا نامى ۋە سۈپەتلىرى تولۇق يېزىلغان ئاخىر زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئەڭ چوڭقۇر ئازغۇنلۇق پاتقىقىغا پاتقان ۋە ئۆز كىتابلىرىنىمۇ ئىنكار قىلىپ كاپىر بولغان بولدى. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىمان كەلتۈرۈپ بەزىسىگە ئىشەنمەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ھەقلىقىغا يېتەرلىك دەلىل _ ئىسپاتلار بار تۇرۇپ، ئۇلار بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئازغۇنلىقى ئۆزلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، باشقا خەلقلەرگىمۇ سەلبى تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا ئۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر ۋە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە يولۇققۇچىلاردۇر.» (بەقەرە سۈرىسى 26 – 27 – ئايەتلەرنىڭ يەپسىرى)
«شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى ـ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، خالىسا ياخشى يولدا مېڭىپ (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بولسۇن، خالىسا يامان يولدا مېڭىپ كۇفرىلىق قىلغۇچى بولسۇن.» (ئىنسان سۈرىسى 3- ئايەت).
ئىسلامدا كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسى
كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسى ئىسلام تەشەببۇس قىلغان مەسىلە ئەمەس، پەقەتلا مەلۇم شەرت - شارائىت ھازىرلانغاندا، ياكى مەجبۇر بولغاندا، رۇخسەت قىلىنغان ئىش، ھەرگىزمۇ پەرز، ۋاجىپ ياكى سۈننەت ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توققۇز ئايال بىلەن ئۆيلەنگەنلىكى ئاللاھ تەئالانىڭ ئىزنى – ئىجازىتى ۋە ئەمر – پەرمانى بىلەن بولغان ئىش.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىمۇ، مەيلى پەيغەمبەرلىكتىن بورۇن ياكى كېيىن بولسۇن، تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇشۇنداق ئىنتايىن نازۇك دەۋردىمۇ ئۇنىڭغا نوقسان يەتكۈزىدىغان بىرەر ئەيىپ تاپالمىدى. نەتىجىدە ئۇ پاكىزلىق، ئىپپەتلىك بولۇش، ناچار ئىللەتلەردىن ئۆزىنى پاك تۇتۇش ۋە ئۆزىگە نالايىق كېلىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن يىراق تۇرۇشنىڭ جانلىق سىموۋۇلىغا ئايلاندى.
ئۇ 25 ياشقا كىرگەن چاغدا خۇۋەيلىدنىڭ قىزى خەدىچەنى نىكاھىغا ئالدى. خەدىچە بۇ چاغدا ئېرىدىن تۇل قالغان ئايال بولۇپ، 40 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم نىكاھلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر نەچچە بالىسىمۇ بار ئىدى. مەشھۇر قاراشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا 15 ياش پەرق بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 50 ياشتىن ھالقىغان چاغدا زەمئەنىڭ قىزى سەۋدەنى ئالدى. ئۇنىڭ ئېرى ھەبەشىستاندا ۋاپات بولغان مۇسۇلمان مۇھاجىر ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرىنىڭ قىزى ئائىشەدىن باشقا قىز ئېلىپ باقمىغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق بىر ئايال بىلەن توي قىلغان بولسا، چوقۇم مۇشۇ نىكاھنىڭ ئىسلامىي دەۋەتكە كېلىدىغان ئېنىق مەنپەئىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ئادىمىگەرچىلىك كۆرسىتىش ۋە ئېسىل ئەخلاقلارنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ۋەياكى ئومۇمىي جامائەتچىلىككە پايدا ئېلىپ كېلىش ۋە بۈيۈك ئىجتىمائىي خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلغان ئىدى. چۈنكى ئەرەبلەرنىڭ قەبىلىۋازلىق قاپلاپ كەتكەن تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيىتىدە، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ۋە قۇدا - باجىلىقنىڭ باشقا مىللەتلەردە تېپىلمايدىغان دەرىجىدە زور تەسىرى ۋە ئەھمىيىتى بار ئىدى. ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ قۇدىلىشىشنىڭ ئىسلامىي دەۋەت تارىخىدا، نەمۇنىلىك ئىسلامىي جەمئىيەتلەردە بىھۇدە قان تۆكۈلۈشتىن ۋە ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشتا كۆرۈنەرلىك تەسىرى بولغان ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن ئۆتكەن ھاياتى كۆڭۈل ئېچىش، ئەيش - ئىشرەت قىلىش، يېمەك - ئىچمەكلەردىن ۋە ھايۋانى تۇرمۇشتىن كەڭ - كۇشادە بەھرىمەن بولۇش بولماستىن – بۇ بولسا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خوتۇن ئېلىشتىكى ئەڭ چوڭ غايە _ بەلكى ئۇنىڭ ھاياتى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتكەن كاتتىلار ۋە زاھىدلىق پىشۋالىرىمۇ تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان دەرىجىدە دۇنيانىڭ راھەت - پاراغىتىگە بېرىلمەسلىك، غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرۈش، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىش ۋە قانائەتچان بولۇشنى ئاساس قىلغان ھايات ئىدى. ئىنساپلىق ئوقۇرمەنگە ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇش يېتەرلىكتۇر: «ئى پەيغەمبەر! (ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن) ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (يەنى پاراۋان تۇرمۇشنى) ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننىتىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرىپ، سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي. ئەگەر سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇ - نېمەتلەر بار جەننەتنى) تەييار قىلدى». [سۈرە ئەھزاب 28 - ، 29 - ئايەت]
مانا مۇشۇنداق ئورتاق نىشان، يۈكسەك روھ ۋە تەسىرى چوڭقۇر تەربىيەنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇ ئايەتنى ئوقۇپ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «سەن ئاتا - ئاناڭغا مەسلىھەت سالمىغۇچە ئالدىراپ قارار قىلمىغىنىڭ تۈزۈك» دېگەن چاغدا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن جاۋابى بۇنىڭغا يېتەرلىك مىسال بولالايدۇ:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن مۇشۇ ھەقتە ئاتا - ئانامغا مەسلىھەت سېلىپ ئولتۇرىمەنمۇ؟ مەن ئەلۋەتتە ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى تاللايمەن.
خوتۇنلارنىڭ كۆپلىكى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولىدىغان مەنىۋىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەلەپلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋەت قىلىش ۋە جىھاد قىلىشنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە بەرداشلىق بېرىش، ئازغا قانائەت قىلىپ نەمۇنىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئازغىنە ۋاقىتتا بۈيۈك ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشىغا پۇتلىشىپ قالمىغان ئىدى. بەلكى بۇ ئىش، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپچانلىقىنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتقان، ئۇلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلغان رىسالەتنى يەتكۈزۈشىگە، ئامانەتنى جايىدا ئادا قىلىشىغا، ئەر - ئايال مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۆگىتىشىگە يېقىندىن ياردەملەشكەن ھەمدە جەڭلەردە ۋە غازاتلاردا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىدى. ئۇلار يارىدارلارنى داۋالايتتى، كېسەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرەتتى، بېشىغا كۈن چۈشكەندە تەسەللى بېرەتتى. ئائىلە تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار، ئىنسانلارنىڭ بىر - بىرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە باشقا كۆپلىگەن ئەھكاملاردىن ئىبارەت، تەخمىنەن دىننىڭ ئۈچتىن بىرى شۇ ئاياللار ئارقىلىق بەرپا بولغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ ئەھكاملارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ ئاياللىرىدىن ئۆگەنگەن، ياد ئالغان ۋە تارقاتقان ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى «كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مۈشكۈلچىلىكى» ياۋروپالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەقىللىرىنى ۋە شەرقشۇناس يازغۇچىلارنىڭ قەلەملىرىنى بىر مەھەل ئالدىراش قىلىۋەتتى. ئۇلار ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى، ئىسلام شەرىئىتىدىكى ۋە ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەن دەۋردىكى ئەر - خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى ياۋروپاچە قىممەت قاراشلار، ياۋروپاچە خىيال - تەسەۋۋۇرلار ۋە ياۋروپاچە ئۆرپ - ئادەتلەرگە بويسۇندۇرغانلىقى، ھەمدە ئاللاھ تەئالا ھېچقانداق دەلىل - پاكىت چۈشۈرمىگەن، پەقەت مەلۇم بىر مەدەنىيەت ۋە مەلۇم بىر جەمئىيەتنىڭ يالدامىسى بولغان ياۋروپاچە پىرىنسىپلار ۋە ئۆلچەملەرنى، ساغلام تەبىئەت ۋە ئەرەبلەرنىڭ مۇھىتى قوبۇل قىلىدىغان، شۇنداقلا ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئەتلەر تەقەززا قىلىدىغان ھەمدە ئاللاھ تەئالا رۇخسەت قىلغان ئۆلچەملەرنىڭ ئۈستىدە قويۇۋالغانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ ھەقتە سوئال سوراشلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ كەتكەن ئىدى.
مانا بۇ، ياۋروپاچە تەپەككۇر ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ كىتابلىرىدىكى بىردىنبىر ئاجىزلىق نۇقتىسى بولۇپ، ئۇلار ياۋروپانى ھەممىنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋېلىشتى. ئاندىن ئۇلار غەرب بىلەن سوڭدىشىپ قالغان ياكى ئوخشىمىغان ھەرقانداق نەرسىگە شەپقەتسىز قارارلارنى بېرىپ، مۈشكۈلچىلىك پەيدا قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇندى. بۇ بولسا، پەقەت ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلىقى ھەمدە ياۋروپانىڭ قىممەت - قاراشلىرى ۋە تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى ئارتۇقچە مۇقەددەس بىلىپ كەتكەنلىكلىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر، خالاس!...
ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ مۇئەللىپى R.V.C.Bodley ھەقىقەتەن ئىنساپلىق كىشى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى ھەققىدىكى بۇنداق ياۋروپاچە تۇيغۇنى تەنقىدلەپ، «مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:
«ھەممىگە مەلۇمكى، مۇھەممەدنىڭ ئەر - خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ياۋروپاچە ئۆلچەملەرگە قىياس قىلىش، ھەمدە ئۇنىڭغا غەربتە خىرىستىيان دىنى يولغا قويغان ئەنئەنىلەر ۋە قانۇن - پىرىنسىپلارنىڭ نەزىرىيەۋى قاراشلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىشنىڭ قىلچە ئورنى يوق. چۈنكى بۇ ئەرەبلەر ياۋروپالىقلار ئەمەس، خىرىستىيانلار تېخىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۆزلىرىگە خاس بولغان مەلۇم ئەخلاقىي تۈزۈم ھۆكۈم سۈرگەن يۇرتلاردا ۋە دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلگەن كىشىلەردۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ياكى ياۋروپانىڭ ئەخلاقىي تۈزۈملىرىنى ئەرەبلەرنىڭ ئەخلاقىي تۈزۈملىرىدىن ئارتۇق دېيىشنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوق. شەكسىزكى ياۋروپالىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي تۈزۈملىرىنى ۋە تۇرمۇش يوللىرىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئارتۇق دېيىشلىرى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىنچىكە ئىزدىنىش ۋە زور دەرىجىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا موھتاج. شۇڭا ئۇلار باشقا دىنلارغا ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرگە تەنە قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتىشى كېرەك. (ئەبۇلھەسەن نەدەۋىي: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» نەشر قىلىنمىغان نۇسخا)
ئىسلامدا قۇل – چۆرىلەنىڭ ھالال قىلىنىش مەسىلىسى
قۇل – چۆرىلەرنىڭ ھالال قىلىنىش مەسىلىسى ئىسلام يولغا قويغان مەسىلە ئەمەس، ئۇ ئىسلامدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇن پەيدا بولغان مەسىلە، بولۇپ، بۇنى ئىسلام دىنى ئاستا – ئاستا يوق قىلغان. ھەمىشە قۇل ئازات قىلىشنىڭ ساۋابى ۋە پەزىلىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، قۇللۇق تۈزۈم تەدرىجىي يوق قىلىنغان. ئىسلامدا بىراقلا قۇللۇق تۈزۈم چەكلەنگەن بولسا، ئەينى زاماندىكى ئەرەب جەمئىيىتى ئۇنى قۇبۇل قىلالمايتتى. شۇنىڭدەك، ھاراقمۇ تەدرىجىي ھارام قىلىنغان ئىدى.
ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئەرەب جەمئىيىتىدە قۇل – چۆرىلەرلا ئەمەس، بەلكى ھۈر ئاياللامۇ ئىنتايىن خارلىناتتى. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىشتا ئىختىيارى يوق ئىدى. ھېچقانداق مىراسقا ئىگە بولالمايتتى. ئىسلام دىنى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇل - چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىپ: «قۇل - چۆرىلىرىڭلارغا ئۆزەڭلار يېگەن تائاملاردىن يېگۈزۈڭلار، ئۆزەڭلار كىيگەن كىيىملەردىن كىيگۈزۈڭلار. ئاللاھ تەئالانىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئازابلىماڭلار. خىزمەتكارلىرىڭلار ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ تەئالا ئۇلارنى سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلدى. قانداق بىر ئادەم ئۆز قېرىندىشى قول ئاستىدا بولسا، ئۇنىڭغا ئۆزى يېگەن تائامدىن يېگۈزسۇن، كىيگەن كىيىملەردىن كىيگۈزسۇن. ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلماڭلار. ئەگەر ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇپ قالساڭلار، ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار» دەيتتى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە ئانىمىز بىلەن ئۆيلىنىش مەسىلىسى
رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە ئانىمىز بىلەن ئۆيلىنىشى _ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك _ رەسۇلۇللاھنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئەمر بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. خۇددى بېقىۋالغان ئوغلى قويىۋەتكەن زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئۆيلىنىشىمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بولغان ئىدى.
ئەفىف ئابدۇلفەتتاھ تەببارە مۇنداق دەيدۇ:
رەسۇلۇللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئۆيلەنگەندە 55 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغانىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولسا 9 ياشتا ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە ئىلگىرى بولمىغان بىردىنبىر (قىز) ئايال ئىدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇرۇق - تۇغقان بولۇشى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بۇ دۇنيادا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات ھېسابلىناتتى. دەرۋەقە، بۇ مۇناسىۋەتلىك شەرئىي ھۆكۈملەر ۋە سۈننەتنىڭ تارقىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك شەرئىي ئەھكاملارنىڭ ئاياللار جامائەسىگە كەڭ تارقىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان دېسەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولمايمىز. مۆمىنلەرنىڭ ئىپتىخارلىق ئانىلىرى ئىچىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز ئەڭ ئەقىللىق ۋە ئىلىملىك ئىدى. شۇڭلاشقا، نۇرغۇن ساھابىلەر بەزى مەسىلىلەردە ئۇنىڭ ئىلمىگە مۇراجىئەت قىلاتتى. ئۇنىڭ بىر نەرسىنى ئاسانلا ئۆگىنىۋالىدىغان قابىلىيىتىنى رەسۇلۇللاھ بايقاپ مۇنداق دېگەن ئىكەن: «دىنىڭلارنىڭ يېرىمىنى بۇ ھۇمەيرادىن ئېلىڭلار.» شەرقشۇناسلاردىن بەزىلىرى ياشقا چوڭ بىرىنىڭ ناھايىتى ياش بىر قىزغا ئۆيلىنىشىنى ئەيىبلىشىدۇ. بىراق، شەرقشۇناس بودلى تامامەن ئەكسىچە قاراشتا بولۇپ، باشقا كەسپداشلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئۆيلىنىشىنى ئەيىبلىشىگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يېشى كىچىك بولسىمۇ، يېتىلگەن قىز ئىدى. چۈنكى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ئىسسىق بولغاچقا، قىزلار بۇرۇنلا يېتىلىدۇ. بىراق بالدۇر يېتىلىش 20 ياشتىن كېيىنلا بالدۇر قېرىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بەزى تارىخچىلار تولىمۇ بىئارام بولغان، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشىنى ئۆزى ياشىغان دەۋرىنىڭ نۇقتىئىينەزىرى بويىچە ئىزاھلىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاسىيا قىتئەسىدە مۇشۇنداق بىر ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىشىغا ئىجابىي قارىمايدۇ. ھەتتا بۇ ئادەتنىڭ شەرقىي ياۋروپادىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ باقمىغان. ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيەدىمۇ بۇ ئادەت تېخى يېقىنغىچە ناھايىتى نورمال ھېسابلىناتتى. ئامېرىكىنىڭ يىراق تاغلىق رايونلىرىنىڭ بەزى جايلىرىدا كۈنىمىزدىمۇ بۇ ئادەت مەۋجۇت.» (ئەفىف تەببارە: «قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەرلەر» 438 – بەت، بەيرۇت نەشرى)
رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە ئانىمىز بىلەن ئۆيلەنگەن ۋاقتىدىكى ياش پەرقى بۈگۈنكى كۆز بىلەن قارىغاندا، ھەقىقەتەن غەلىتىدەك تۇيۇلسىمۇ، بۇنىڭدىن 1400 يىل بۇرۇنقى ئەرەب جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ھېچكىم ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ زامانلاردا قىزلار شۇنداق كىچىك ياشتا ياتلىق قىلىناتتى. چۈنكى ئائىشە ئانىمىز رەسۇلۇللاھقا نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن، ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئائىلىسىدە ئائىشە ئانىمىزنى باشقىلارغا ياتلىق قىلىش مەسىلىسى كۈن تەرتىبكە كەلگەن مەسىلە ئىدى.
ھەتتاكى رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدىن 1300 – يىل ئۆتكەن 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مىسىردا «ئاياللار ئازاتلىقى مەسىلىسى» نىڭ بايراقدارى، يۇقىرى تەبەقە ئائىلىگە مەنسۇپ ھۇدا شەراۋى 13 ياشقا كىرگەندە 1919 ـ يىلقى قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان تاغىسىنىڭ ئوغلى مەشھۇر ئەلى شەراۋىغا ياتلىق قىلىنغان.
رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدىن 1400 – يىل ئۆتكەن 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ قىزلارنى 13 – 14 – ياشلاردا ياتلىق قىلاتتى. 16 – ياشقا كىرىپ قالغان قىزلار خىرىدار چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالغان قىرى قىز ھېسابلىناتتى.
ئىسلام تارىخىدا يۈز بەرگەن قانلىق ئۇرۇشلار مەسىلىسى
ھىجرەتنىڭ 9 - يىلى رەجەب ئېيىدا يۈز بەرگەن تەبۇك غازىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غازاتلىرى ئاخىرلاشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ بارغان غازاتلارنىڭ ئومۇمىي سانى 27 قېتىمغا، پارچە قوشۇن ئەۋەتىشلەرنىڭ سانى جەمئى 60 قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇ غازاتلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇرۇش يۈز بەرمىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوزغىغان بۇ غازاتلارنىڭ ھەممىسىدە، ھەربىي ئۇرۇشلار ۋە غازاتلار تارىخىدا ئەڭ ئاز قان تۆكۈلدى. بۇ غازاتلارنىڭ ھەممىسىدە ئىككى تەرەپتىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1018 دىن ئېشىپ كەتمىدى. بۇ غازاتلار، سانىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلەلمەيدىغان دەرىجىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قېنى تۆكۈلۈشتىن ساقلاپ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپ كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە يۈز ئابرويىنى قوغداپ قالدى. ئەرەب ئارىلى تەۋەسىدە ئەمىنلىكنى شۇ دەرىجىدە كەڭ قانات يايدۇردىكى، ھەتتا بىر ئايال كىشىمۇ ھىيرەدىن ئۆزى يالغۇز يولغا چىقىپ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقماي كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ كېتەلەيدىغان، پۈتۈن ئەرەب ئارىلى چوڭ - چوڭ ھۆكۈمەتلەرنىڭ كارۋانلىرىمۇ كېچە - كۈندۈز ئۇخلىمايدىغان ماھىر قوغدىغۇچىلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىلا ماڭالايدىغان قاپقان تەخسىسىگە، ھەمدە تۆگىمەيدىغان بولاڭ - تالاڭلار ۋە پات - پات قوزغىلىپ تۇرىدىغان ھەربىي ھۇجۇملارنىڭ نازۇك بىر تۈگۈنىگە ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئايال كىشى تۆگىگە مىنىپ قادىسىيەدىن يولغا چىقىپ، ھېچكىمدىن قورقماي بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىپ كېتەلەيدىغان دەرىجىدە ئەمىن جايغا ئايلاندى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوزغىغان بۇ ئۇرۇشلار ھېكمەتلىك قۇرئان كەرىمدىكى: «زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر» [سۈرە بەقەرە 191 - ئايەت] ۋە «ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا ھاياتلىق بار» [سۈرە بەقەرە 179 - ئايەت] دېگەن ئىككى قائىدىگە ئاساسلانغان بولۇپ، ۋاقتى ۋە تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئاساسى قىسمىنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ناچار ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىشكە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كېلىدىغان خېيىم - خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەرپ قىلغان، ھەمدە دۈشمەنلىرىنى جازالاش ھەرىكىتى بولغىنىغا كۆرە، ئۇلارغا ئەدەب ئۆگىتىش ھەرىكىتىگە بەكرەك ئوخشايدىغان، ئەدەب - ئەخلاق ۋە مېھرىبانلىق تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلغان ئۇرۇش ئىدى.
بۇ غازاتلارنىڭ ئەمىلى ئۈنۈمى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش تېزلىكىگە كەلسەك: ئون يىل جەريانىدا ھەر يىلىغا ئىزچىل 274 كۋادرات مىل (يەنى 440866 كۋادرات مېتىر) نىسبەت بويىچە كېڭەيگەن. بۇ جەرياندا مۇسۇلمانلاردىن ھەر ئېيىغا پەقەت بىر جان چىقىم بولغان. دۈشمەن تەرەپمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئېيىغا 150 جان چىقىم تارتقان. تولۇق ئون يىل بولغاندا، بىر مىليون كۋادرات مىل (يەنى تەخمىنەن بىر مىليون ئالتە يۈز توققۇز مىڭ كۋادرات كىلومېتر) دىن كۆپرەك زېمىن ئىسلام ھاكىمىيىتىگە بويسۇنغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر قوشۇننى ئۇزاتقان چاغدا: «مەن سىلەرنى ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشقا، سىلەر بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. ئاللاھقا كاپىر بولغان كىشىلەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن غازات قىلىڭلار، ئەھدىنى بۇزماڭلار، غەنىمەت ئالغان نەرسىلەرگە خىيانەت قىلماڭلار، كىچىك نارىسىدىلەرنى، ئاياللارنى، ياشانغانلارنى، ئۇرۇشقا قاتناشماي چىركاۋلاردا ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، خورمىلارنى ۋەيران قىلماڭلار، دەرەخلەرنى كەسمەڭلار، ئۆي - بىنالارنى ئۆرىمەڭلار» دەيتتى. (ئەبۇلھەسەن نەدەۋىي: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» نەشر قىلىنمىغان نۇسخا)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، سۈننى – شىئە دېگەندەك، ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى راس. ئەمما بۇ ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبكارى ئىسلام ئەمەس، يەنى ئەيىب ئىسلامدا ئەمەس، بەلكى شۇ ئۇرۇشنى پەيدا قىلغۇچىلاردا. بۇنداق قانلىق ئۇرۇشلار ئىسلام تارىخىغىلا خاس بولماستىن، ھەممە مىللەتنىڭ تارىخى ئۇرۇش تارىخىدۇر. بۈگۈن ئەڭ مەدەنىي مىللەت ھېسابلانغان ياۋروپا تارىخى ئۇرۇش تارىخىدۇر. ئافرىقا تارىخى ئۇرۇش تارىخىدۇر. ئاسىيا تارىخى ئۇرۇش تارىخىدۇر. خىتاي تارىخىمۇ قانچە مىڭ يىللىق قانلىق ئۇرۇش تارىخىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوزغىغان غازاتلاردا ئىككى تەرەپتىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنى، مىلادىيە 1914 - يىلىدىن 1918 - يىلىغىچە تۆت يىل داۋاملاشقان 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە مىلادىيە 1939 - يىلىدىن 1945 - يىلىغىچە ئالتە يىل داۋاملاشقان 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت جەمئى 10 يىل داۋاملاشقان بۇ ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىغا سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. بۇ ھەقتە بىر تەتقىقاتچى «ئەنگىلىيە ئېنسىكلوپېدىيەسى» دە: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 6 مىليون 400 مىڭ (6400000) غا يېتىدىغانلىقىنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 35 مىليون (35000000) بىلەن 60 مىليون (60000000) ئارىلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ئىككى ئۇرۇش _ ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك _ ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلمىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى ئازدۇر - كۆپتۇر پايدىمۇ ئالمىغان.
ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادىكى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە چىركاۋلاردىكى ئىكىسپىلاتاتسىيەلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلارنىڭ سانى 12 مىليون (12000000)غا يەتكەن. (ئەبۇلھەسەن نەدەۋىي: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» نەشر قىلىنمىغان نۇسخا)
1950 – يىلىدىن 1977 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ماۋزېدۇڭ دەۋردە پۈتۈن جۇڭگۇدا (شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)، مۇسۇلمان، كاپىر بولۇپ، ئۇرۇشسىز سىياسىي جىنايەتچى، ئەكسىل ئىنقىلابچى، چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر، قاراڭغۇ بازارچى....، دېگەندەك ئاددى سەۋەبلەر بىلەن ۋە ئاچ قويۇپ قىيناب ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 27 مىليونغا يەتكەن. دېمەك، ماۋزېدۇڭ ھەر يىلى بىر مىليون ئادەم ئۆلتۈرگەن.
شىڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستاندا قانچىلىك ئادەم ئۆلتۈرگەن، سىتالىن قانچە مىليون ئىنسان ئۆلتۈرگەن؟ ئافغانىستاننى، چېچىنىيەنى، بوسنىيەنى قانلىق كۆلگە ئايلاندۇرغانلار كىم؟ كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە ئافغانىستاندا، چېچىنىيەدە، بوسنىيەدە، پەلەستىندە، كەشمىردە قانچە مىليون مۇسۇلماننىڭ قېنى ئاقتى؟
كەئبە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىسىدۇر
قۇرئان كەرىمدىكى بۇ ئايەتلەر كەئبىنىڭ بىنا قىلىنىشىغا ئىشارەت قىلىدۇ:
«ئۆز ۋاقتىدا بىز كەئبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان جاي ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردۇق. (كىشىلەرگە) ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار (شۇ يەردە ناماز ئوقۇڭلار دېدۇق). ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (كەئبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: - پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (مەككىنى) تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن، - دېدى. ئاللاھ: - كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (رىزىقتىن) ئازغىنا مۇددەت (ھاياتلىقىدا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) دوزاخقا ھەيدەيمەن، - دېدى. (بۇ) نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت! ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەئبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن.» دېدى.
بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا بۇ نېمەتنى يەنى كەئبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە كېلىدىغان ساۋاب يېرى قىلغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتىلىدۇ. ئوخشاشلا جانابى ئاللاھ كەئبىنى ئامانلىق جاي قىلىپ بەرگەن. ھەرەمگە كىرگەننى ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ.
كەئبە ئاللاھ تەئالانىڭ پەرمانى بىلەن ئۆز پەيغەمبىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان مۇقەددەس ماكاندۇر، مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسىدۇر، مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولسا بولسۇن بىرلا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىنى بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە كەئبىگە قاراپ ناماز ئوقۇشنى ئەمر قىلغان. كەئبىگە قاراپ ناماز ئوقۇش كەئبىگە ئىبادەت قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ.
ئەمما بۇددىستلارنىڭ ئىبادەتلىرىدە يۈز كەلتۈرىدىغان مۇئەييەن تەرىپى يوق. قىبلىسى يوق.
بۇددىستلار ھەيكەلگە ئىبادەت قىلىدۇ، مۇسۇلمانلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدۇ. بۇددىستلار ھەيكەلنى ئاللاھقا ۋاسىتە قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىبادەتنى بىۋاسىتە ئاللاھقا قىلىدۇ. ھاجەت ۋە تىلەكلىرىنى بىۋاسىتە ئاللاھتىن تىلەيدۇ.
يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە پۈتۈن مۇسۇلمانلار بەرھەق شۇنداق، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، كاپىرلار، ھەمىشە ئىنكار قىلىدۇ ۋە قۇسۇر ئىزدەيدۇ.
ئۇيغۇر كاپىرنىڭ يۇقىرىقى سوئاللىرىنى تارقىتىشى مېنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە قايتىدىن ئىزدىنىشىمگە ۋەسىلە بولدى. ئەگەر بۇ قېتىم ئۇيغۇر كاپىر سوئال سورىمىغان بولسا، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇيغۇر كاپىرنىڭ ۋە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا گۇمانى قاراۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇمانى گۇمان پېتى قالغان، مەنمۇ بۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە قايتىدىن ئىزدەنمىگەن ۋە ئويلانمىغان بولاتتىم.....


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-10 21:15 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.234890 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش