تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1631|ئىنكاس: 0

قۇرئان كەرىم كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن بۇ مۆجىزىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
قۇرئان كەرىم كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن بۇ مۆجىزىلەر بايقالدى.
1-سانلار مەلۇماتى
سانلارنىڭ تەكرارلىقى قۇرئان كەرىمنىڭ ماتىماتىكىلىق تۈزۈلۈشكە ئېگە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى .
مەسىلەن :قۇرئان كەرىمدە؛
مەلەك 88 قېتىم ، شەيتان 88 قېتىم تەكرارلانغان .
جەننەت 77 قېتىم ، جەھەننەم 77 قېتىم تەكرارلانغان .
دۇنيا 115 قېتىم ، ئاخىرەت 115 قېتىم تەكرارلانغان .
ئۆسۈملۈك 26 قېتىم، دەرەخ 26 قېتىم تەكرارلانغان .
ئايغا چىقىش تارىخى؛
قۇرئان كەرىمنىڭ ‹قەمەر›سۈرىسىدە ئايغا بارماقنىڭ مۇمكىنلىكىگە دائىر ئىشارەتلەر بار . ‹قەمەر ›سۆزى تىلىمىزدا ‹ئاي ›
دىمەكتۇر . سۈرىدە ئاي سۆزى بىرىنچى ئايەتتە ئورۇن ئالغان . ‹قىيامەت يېقىنلاشتى ، ئاي يېرىلدى . ›(قىيامەت سۈرىسى ، 1- ئايەت ) . مانا بۇ ئايەتتىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرىغىچە 1389 ئايەت بار ، ھېجرىيە كالىندارى بويىچە 1389 – يىلى مىلادى بويىچە 1969– يىلىغا تەڭ كەلمەكتە ، بۇ دەل ئايغا چىقىش تارىخىدۇر .
ئاينىڭ ئوربىتىسى'
قۇرئاندا ئالەم جىسمى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئاي سۆزى تولۇق 27 قېتىم ئۇچرايدۇ ئوخشاشلا ئاينىڭ يەر شارى ئەتراپىدا ئېللىپىس شەكىللىك ئايلىنىشىمۇ 27 كۈندۈر .
دېڭىز – قۇرۇقلۇق نىسبىتى
قۇرئاندا قۇرۇقلۇق سۆزى 13 قېتىم ، دېڭىز سۆزى 32 قېتىم ئۇچرىغان نىسبەتلەشتۈرگەندە دېڭىز نىسبىتى 45\32 ، قۇرۇقلۇق نىسبىتى 45\13 بولۇپ ، بۇنى يۈز نىسبەتكە ئايلاندۇرغىنىمىزدا دېڭىز نىسبىتى يۈزدە %71 ، قۇرۇقلۇق نىسبىتى يۈزدە %29 ، زامانىۋى بىلىمنىڭ نەتىجىلىرىمۇ دېڭىز دۇنيانىڭ % 71 ىنى ، قۇرۇقلۇق دۇنيانىڭ %29 ىنى تەشكىل قىلىدۇ دەپ قارىماقتا .
سىرىئوس يۇلتۇزى ۋە 49
كېچىلىرى ئاسماندا ئەڭ پارلاق يۇلتۇز بولغان سىرىئۇس يۇلتۇزى قۇرئاندا نەجىم (يۇلتۇز) سۈرىسىنىڭ 49 – ئايىتىدە ئۇچرايدۇ . ‹ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر › (نەجىم سۈرىسى ، 49 – ئايەت ) ئەرەبچە مەنىسى ‹شىئرا› بولغان سىرىئۇس يۇلتۇزىنىڭ پەقەت 49 – ئايەتتە ئۇچرىشى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق بىر ئەھۋالدۇر . چۈنكى ئالىملار سىرىئۇس يۇلتۇزىنىڭ ھەركىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تېلىسكوپسىز كۆرۈنمەيدىغان سىرىئوس ب يۇلتۇزىنىڭ سېرىئوس ئا ئەراپىدىكى ئايلىنىش ۋاقتىنىڭمۇ 49 يىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان .
تۆمۈرنىڭ ئاتوم نومۇرى
قۇرئاندىكى ھەدىد ناملىق سۈرىدە ناھايىتى قىزىقارلىق بىر چۈشەنچە بار . بۇ سۈرىدە تۆمۈرنىڭ ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىدۇ . ئاۋال بۇ ئايەتنى تەھلىل قىلايلى :‹ ... بىز تۆمۈرنىمۇ چۈشۈردۇقكى ، ئۇنىڭدا بۈيۈك بىر قۇۋۋەت ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار ..› ( ھەدىد سۈرىسى ، 25 – ئايەت ) ، بۇ ئايەتتىكى ‹چۈشۈرمەك › سۆزى تۆمۈرنىڭ دۇنيا سىرتىدىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ . بۈگۈنكى ئاسترونومىيە بىلىمىمۇ تۆمۈر ماددىلىرىنىڭ ئالەمدىكى چوڭ يۇلتۇزلاردىن كەلگەنلىكىنى يەكۈنلىدى .
تۆمۈر سۆزىنىڭ ئەرەبچىدىكى سانلىق قىممىتى 26 ، تۆمۈرنىڭ ئاتوم نۇمۇرىمۇ 26 .
365 كۈن.
قۇرئان كەرىمدە ‹بىر كۈن › سۆزى 365 قېتىم ئۇچرايدۇ . بىلگىنىمىزدەك ، يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا تولۇ ق بىر قېتىم ئايلىنىشىغا 365 كۈن كېتىدۇ ، يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلانغاندا ئوخشاشلا ئۆز ئوقىدىمۇ دەل 365 قېتىم ئايلىنىدۇ .
نۇھ ئەلەيھىسالام كېمىسى ۋە 44 – ئۇزۇنلۇق ؛
قۇرئان كەرىمدە نۇھ كېمىسى جايلاشقان يەر ‹ھۇد› سۈرىسىنىڭ 44- ئايىتىدە ئۇچرايدۇ :‹ ئى زېمىن ، سۈيىڭنى يۇتقىن ، ئى بۇلۇت ، تارقىغىن ، دىيىلدى ، سۇ سوغۇلدى ، ئاللاھنىڭ ( كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت ) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى ، كېمە جۇدى ئۈستىدە توختىدى ، (زالم قەۋم ھالاك بولسۇن ) دېيىلدى › (ھۇد سۈرىسى ، 44- ئايەت );
قۇرئاندا نۇھ كېمىسىنىڭ جايلاشقان يېرىنىڭ 44 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنىشى ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ئەھۋال . چۈنكى تەۋراتتا كېمىنىڭ جايلاشقان يېرى دەپ كۆرسىتىلگەن ئاغرى تېغى ۋە ئەتراپى 44- ئۇزۇنلۇقتا .
ھەج ۋە 22- كەڭلىك
مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاملىق يۈزلىنىدىغان بۇ مۇھىم مەركەزنىڭ جۇغراپىيلىك ئونى ‹قۇرئان كەرىم › دە ئۆزىنى يوشۇرماقتا . ھەر يىلى مىليونلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنلىماق ئۈچۈن بارىدىغان يېرى – مەككە 22- كەڭلىكتە ، قۇرئان كەرىمدىكى ھەج سۈرىسىمۇ دەل 22- سۈرىدۇر .
33- كەڭلىك ۋە 35 – ئۇزۇنلۇق ، ئىسرائىل
قۇرئاندىكى ئال ئىمران سۈرىسى ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قايسى كەڭلىك ۋە قايسى ئۇزۇنلۇقتا قۇرۇلىدىغانلىقىغا بىشارەت بەرمەكتە . ‹ ئال ئىمران › تىلىمىزدا ‹ ئىمران ئائىلىسى › مەنىسىدە .)
ئىمران ئائىلىسى ئىسرائىل ئوغۇللىرى نەسلىدىن ، شۇنداقلا ‹ ئال ئىمران › سۈرىسىنىڭ پەقەت 33- ۋە 35 – ئايەتلىرىدە ‹ ئىمران › سۆزى ئۇچرايدۇ . دىققەت قىلىنسا ، بۈگۈنكى ئىسرائىل دۆلىتىمۇ 33- كەڭلىك ۋە 35- ئۇزۇنلۇقتا .
جىنىس ۋە 23- خروموسوم جۈپلۇكى
ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ گېن تۈزۈلۈشى خروموسوملارغا باغلىق ھەمدەDNAلار بۇ خروموسوملارغا ئورناشقان .
جىنىسنىڭ ئىنىقلىنىشى 23- خروموسوم جۈپلىكىگە باغلىق ، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ 23- خروموسوم جۈپلىكى شەكىلدە بولسا ايال جىنىسلىق ، شەكىلدە بولسا ئەر جىنىسلىق بولىدۇ . ماس ھالدا قۇرئان كەرىمدە ‹ ئەر › ھەم ‹ ئايال › سۆزى ئايرىم – ئايرىم 23 قېتىم تەكرارلىنىدۇ .
ھەرىنىڭ گېن نۇمۇرى
جانلىقلارنىڭ گېن شىفىرى بولغان DNAلار خروموسوملاردا ئورناشقان ، مەسىلەن ، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ھەرىلەرنىڭ خروموسوم سانى ئوخشاش ھەم ئۆزگەرمەستۇر .
ئومومەن ، ھايۋانلارنىڭ چىشى ۋە ئەركىكىدە ئوخشاش خروموسوم بولىدۇ ، پەقەت ھەرىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ ، چۈنكى ئەركەك ھەرە 16تاق خروموسومغا ، چىشى ھەرە 16 جۈپ خروموسومغا ئىگە .
قۇرئاندا باش ماۋزۇسى ‹ نەھل (ھەرە ) › ئىسمىدە بولغان بىر سۈرە بار ،
بۇ سۈرە دەل 16 – سۈرىدۇر .
ئېشەك ۋە 31 – 62 – سۈرە
قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قانچە يېرىدە ئېشەك سۆزى ئۇچرايدۇ ، پەقەت ‹لوقمان ›(31- سۈرە ) ۋە ‹جۇمۇئە › (62- سۈرە ) سۈرىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان بىردىنبىر ھايۋان ئېشەكتۇر . مانا بۇ نۇقتىدا يەنە بىر قىزىقارلىق ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز ، چۈنكى ئېشەكنىڭ خروموسوم سانى سۈرە نۇمۇرى بىلەن بىرمۇ بىر ئوخشاش . ئېشەك تۈرىدە 31 جۈپ ، يە نى 62 تال خروموسوم بار . ئەنە شۇ سۈرىلەرنىڭ نۇمۇرلىرىمۇ 31 ۋە 62 .,
بۇ كىتابتا يەنە نۇرغۇنلىغان زامانىۋى بىلىملەرنى پەن ۋە دىن نۇختىسىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ ، زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەر تەرەققىي قىلىپ ، ئەمدىلەتىن بايقىلىۋاتقان مەسىسىلەرنىڭ بۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق بايان قىلىنغانلىقىنى بىزلەرگە بىلدۈرگەن .
بۇ پەقەت دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى خالاس
يەنە؛
دوكتۇر تارىغئەل سۋائدىن قۇرئان كەرىمدىكى بەزى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان بىر نەرسە بىلەن يەنە بىر نەرسە ئوتتۇرسىدا ئوخشاشلىق بارلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، دوكتۇر بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قۇرئان كەرىمدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئوخشاش بولغان سۆزلەر ئوتتۇرسىدا ماس كېلىش بارلىقىنى بايقىغان.
ئەرەب تىلىدىكى قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان بەزى سۆزلەرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈلۈش قېتىم سانىغا دېھقەت قىلىڭ.
دۇنيا 115 قېتىم ، ئاخىرەت 115 قېتىم.
پەرىشتىلەر 88 ، شەيتان 88
ھايات 145 ،ئۆلۈم 145
پايدا 50 ،زىيان 50
ئادەملەر 50 ،پەيغەمبەرلەر 59
ئىبلىس 11 ،ئىبلىسنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەش 11)
مۇسىبەت 75 ،ئاللاھ غا رەھمەت ئېيتماق 75
سەدىقە 73 ،مەمنۇنلۇق 73
ئازغان بەندىلەر 17 ،ئۆلگەن كىشىلەر 17
مۇسۇلمانلار 41 قېتم ، جىھاد 41 قېتىم)
ئالتۇن(بايلىق) 8 ،جاپا-مۇشەققەتسىز تۇرمۇش 8)
سېھرىگەرلىك 60 ، پىتنە 60.
زاكات 32 ، بەراكات 32.
ئەقىل 49 ،نۇر 49
تىل 25 ،ئىلىم ئۆگىتىش 29
ئوچۇق-ئاشكارا (ئىلىم) سۆزلەش 18 ،دەۋەت 18)
جاپا-مۇشەققەت 114 ،سەۋىر 114 ئەر 23 ، ئايال 23
تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ .
سالات(ناماز) 5 ،ئاي 12 ، كۈن
دېڭىز 32 قېتىم ،قۇرۇقلۇق 13 قېتىم .
يەر شارىنىڭ تاشقى يۈزى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن تەركىب تاپىدۇ.
(دېڭىز)32 +( قۇرۇقلۇق) 13 =45
دېڭىز= 32 \45 =0.711111111= % 71.11111111
قۇرۇقلۇق=13\45= 0.288888889= % 28.88888889
ھازىرقى زامان ئىلغار پەن-تېخنىكىسى پەقەت يېقىنقى نەچچە يىلدا سۇ يەر شارىنىڭ 71.111 % نى ،قۇرۇقلۇق بولسا 28.889 % نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
ئەجىبا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەساددىپى توغرا كېلىپ قېلىشمۇ؟ مۇھەممەد پەيغەمبەرگە بۇلارنى زادى كىم ئۆگەتكەن؟ ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسى بۇنىڭ جاۋابىنى تەبىئي ھالدىلا ئويلاپ يىتەلەيدۇ. بۇلارنى ھەممىگە قادىر ئاللاھ تائالا ئۆگەتكەن.
بۇ ماتىريالنى دوستلىرىڭىزغا يەتكۈزۈپ بېرىڭ.
ئاللاھ ھەممە قېرىنداشلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! ئامىن
.......................................................................
اللە ھەممىمىزنى ئسلامغا ھىدايەت قىلسۇن .
قىرىنداشلىرىمغا قۇرئاننىڭ مەن ئاڭلىغان يەنە بىر مۆجىزىسىنى ئىيتىپ بىرەي:اللە قۇرئاندا << بىز قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ،ئاينى يورۇق قىلىپ ياراتتۇق.>>دىگەن .ئايەتتىكى ئاينى يورۇق قىلىپ ياراتتۇق دىگەن كەلىمە ئاينىڭ يورۇق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇگۇنكى كۈندە ئاستورونۇمىيە ئىسپاتلىدىكى ،ئاينىڭ ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقمايدۇ ،ئۇ پەقەت قۇياشتىن قايتقان يورۇقلۇقتۇر،دىمەك ئاي قۇياش نۈرى ئارقىلىق يورۇق قىلىنغان .مۇلاھىزە قىلساق ئايەتتە ئېنىق ھالدا ئاينىڭ ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقمايدىغانلىقى ئىيتىلغان ،
ئويلاپ كۆرگەن كىشىگە قۇرئاننىڭ ھەقىقەتەن اللەنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماسمۇ؟ چۈنكى قۇرئان نازىل بولغان چاغدىكى كىشىلەر ۋە يىقىنىقى زامانغىچە كىشىلەر بۇ ئاستورنومىيلىك بىلىمدىن بىخەۋەر ئىدى اللە توغرىسىنى بىلگىچىدۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:01 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.143354 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش