تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1526|ئىنكاس: 0

ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ¸ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ¸ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻏﯧﻤﻰ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﻰ¸ ﻳﺎ ﺩﻭﺯﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺌﺎﻳﺎﻝ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ»[1]; «ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻪﺵ ﯞﺍﺥ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ¸ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺴﺎ¸ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ¸ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ»[2].
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻜﯩﭽﻪ ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﺷﻼﺭ¸ ﺳﯘﺩﯨﻜﻰ ﺑﯧﻠﯩﻘﻼﺭ¸ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ¸ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﻱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﮬﯩﻐﺎ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ¸ ﺍﷲﻧﯩﯔ¸ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻧﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ¸ ﺋﯘﻧﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﯩﺴﯩﺰ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺴﺎ¸ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ»[3].
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺗﯚﺕ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﻰ¸ ﺗﯚﺕ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﻭﺯﯨﺨﯩﺪﯗﺭ. ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ¸ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ¸ ﺍﷲﻗﺎ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ; ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ¸ ﺗﯘﻏﯘﻣﭽﺎﻥ¸ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ¸ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ; ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ¸ ﮬﺎﻳﺎﻟﯩﻖ¸ ﺋﯧﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ¸ ﺋﯧﺮﻯ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮔﻪﭖ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ; ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﻰ¸ ﺋﯧﺮﻯ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ¸ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ¸ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ¸ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ¸ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﻪ – ﭼﺎﻗﯩﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ. ﺩﻭﺯﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ¸ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ¸ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﯩﻠﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ¸ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ¸ ﺋﯧﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ (ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ) ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ¸ ﺋﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ (ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ) ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ; ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ¸ ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ; ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ¸ ﻳﯧﻴﯩﺶ¸ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻏﯧﻤﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ¸ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ¸ ﺍﷲﻗﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ¸ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ; ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﻰ¸ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﺘﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ¸ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ¸ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ¸ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ»[4].
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ¸ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﯩﺴﯩﺰ ﭼﯩﻘﺴﺎ¸ ﻟﻪﻧﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺍﷲﻗﺎ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﭽﻪ¸ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﻪﮬﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ: «ﻣﻪﻥ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ¸ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﻪﮬﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ» ﺩﯦﮕﻪﻥ[5]. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺍﷲﻗﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ¸ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ¸ﻛﯚﭖ ﻳﺎﺳﺎﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ¸ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭘﻪﺩﺍﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.ﮬﯚﺳﻦ – ﺟﺎﻣﺎﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﯩﺘﻨﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭘﯩﺘﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ¸ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﺋﯘ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺴﺎ¸ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ (ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ) ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ»[6].
ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﻰ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯕﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ: «ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ. ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ¸ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨﺴﻪﻥ¿- ﺩﯦﺴﻪ¸ ﺋﯘ: ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﻮﻗﻼﻳﻤﻪﻥ¸ ﺟﯩﻨﺎﺯﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﻤﻪﻥ¸ – ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ¸ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ¸ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ¸ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺸﻘﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ»[7].
ﺋﻪﻟﻰ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺭﯨﺰﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﺎﺩﯨﻦ:
_ ﺋﻰ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ! ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻧﯧﻤﻪ¿ – ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ¸ ﺋﯘ:
_ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ¸ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ¸ – ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﺋﻪﻟﻰ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘ: ﺋﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ¿ﻛﯜﻧﺪﻩﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ¿ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﻠﻪﺭ¸ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ¸ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ¸ – ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻓﺴﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ¸ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯘﻣﻤﯘ ﻣﻪﻛﺘﯘﻡ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ: «ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﯖﻼﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ¸ ﺋﯘﻻﺭ: ﺋﻰ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ! ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﺗﯘﺭﺳﺎ¸ ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯗ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ¿ﺩﯦﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﺎﯞﺍﺑﻪﻥ: «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﯟﺍﺗﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ¿»[8] ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻪﮬﺮﻩﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ¸ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻧﺎﻣﻪﮬﺮﻩﻡ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﺎ: ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ¸ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ¸ – ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ¸ ﺋﯘﺭﯗﻕ – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﻣﻤﺎﻣﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ¸ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ¸ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ¸ ﻳﺎﺳﺎﻧﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﻴﻤﻪﺳﺘﯩﻦ¸ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻧﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ¸ ﻳﻮﻟﺪﺍﻧﺎﻣﻪﮬﺮﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯧﯖﯩﺸﻰ¸ ﺋﯘﻳﺎﻕ ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ¸ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺮ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ¸ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺯﯨﺒﯘﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯘ. ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﺋﯘ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﭗ¸ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺍﷲ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭘﺘﯘ ﯞﻩ: ﺑﯘﻧﻰ ﭼﻪﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ¸ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﺗﺎﺷﻼﯕﻼﺭ¸ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯘ[9].
ﺋﻪﻟﻰ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﺗﺎﻟﯩﺐ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻥ:
_ ﺋﻰ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ! ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ¸ ﺳﯧﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﯩﻐﻼﺗﺘﻰ¿ – ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:
_ ﺋﻰ ﺋﻪﻟﻰ! ﻣﯩﺮﺍﺝ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﭼﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯖﻤﯧﯖﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﻧﯩﻴﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ¸ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ¸ ﻳﯩﻼﻥ ﯞﻩ ﭼﺎﻳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﺳﻪﻟﻠﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﭼﻮﭼﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﻩﻙ¸ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ¸ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺯﺍﺑﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺖ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ¸ ﺋﻮﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ¸ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ¸ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺯﻏﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ¸ – ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﺎ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ¸ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ:
_ ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﺩﺍ! ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﻗﺎﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﭙﺘﯘ¿ – ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ¸ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:
_ ﺋﻰ ﻗﯩﺰﯨﻢ! ﭼﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﭘﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ¸ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﻰ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ¸ ﻳﯩﻼﻥ ﯞﻩ ﭼﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺳﻪﻟﻠﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﺟﯘﻧﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﮬﻪﻳﺰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﭘﺎﻛﻼﻧﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ¸ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻱ¸ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯧﺸﻰ ﭼﻮﭼﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﻩﻙ¸ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﭼﯧﻘﯩﻤﭽﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯩﺖ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ¸ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ¸ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺨﻮﺭ ﯞﻩﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻰ ﻗﯩﺰﯨﻢ! ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﯞﺍﻱ![10] - ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﻣﯘﺋﺎﺯ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺟﻪﺑﻪﻝ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ¸ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯘﻥ. (ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﻪﺭﺳﻪ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﯚﺭ – ﭘﻪﺭﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ: ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﻪﺭﻣﻪ¸ ﺳﺎﯕﺎ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﻟﻪﻧﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! – ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻏﺎﻳﺪﯗ»[11].
*****
ﻣﺎﺩﺍﻣﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ¸ ﺋﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ¸ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺷﻜﻪ¸ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﯘﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ¸ ﻧﻪﭘﯩﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ¸ ﻛﯩﻴﯩﻢ– ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﺌﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐﺎﻥ.ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﴿ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ﴾[12].
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺋﺎﮔﺎﮬ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻛﻰ¸ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﮬﻪﻗﻘﯩﯖﻼﺭ ﺑﺎﺭ¸ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯧﭽﻪﻙ ﯞﻩ ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﺶ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﯖﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﭘﻪﯕﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﺳﺴﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﯗﺭ»[13].
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ: «ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ – ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯗﺭ»[14] ﺩﯦﮕﻪﻥ.ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ: «ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ – ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯗﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﻳﯜﻧﻪﺗﺘﻰ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻼﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﯘﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ¸ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﻻﻏﺎ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﻴﯘﺏ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﺑﺘﻪﻙ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﯘﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ¸ ﺍﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﺯﺍﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ¸ ﭘﯩﺮﺋﻪﯞﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﺑﺘﻪﻙ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ».
ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ¸ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺧﯘﻳﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺋﯘ¸ ﺋﯚﻣﻪﺭﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ¸ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮔﻪﭖ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ¸ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭘﺘﯘ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ¸ ﮔﻪﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﭘﺘﯘ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ¸ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ: ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ¸ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﭼﯘﺱ¸ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﻰ ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻢ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ¸ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ¸ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭙﺘﯘ ﯞﻩ:
_ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺸﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ¿ – ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ:
_ ﺋﻰ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﻯ! ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺧﯘﻳﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻛﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﻨﯩﯖﻤﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ¸ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ: ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻟﻰ ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ¸ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻢ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ¸ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﯕﺎ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﯩﻢ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘ:
_ ﺋﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻣﺪﻩ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﯛﻡ. ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯨﺪﯗ¸ ﻧﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﻗﯩﺪﯗ¸ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻤﻨﻰ ﻳﯘﻳﯩﺪﯗ¸ ﺑﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺪﯗ¸ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺭﺍﻣﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻤﻪﻥ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ:
_ ﺋﻰ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﻯ! ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻤﯘ ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮫﯘ:
_ ﺋﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ! ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪﻧﻤﯘﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩﻦ. ﺑﯘ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﺎﺯ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﯘﺭ¸ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯘ.
ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ¸ ﺳﺎﻟﯩﮫﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺩﻭﺳﺘﯩﻤﯘ ﺳﺎﻟﯩﮫﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ¸ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻗﯧﻘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ:
_ ﻛﯩﻢ¿ – ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ¸ ﺋﯘ:
_ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ¸ ﺋﯘﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ:
_ ﺋﯧﺮﯨﻢ ﺋﻮﺗﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯩﻠﻰ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺍﷲ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﯩﺴﯘﻥ!- ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﻏﺎﭖ¸ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺗﺎﻍ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﻼﻣﺌﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ¸ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺋﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ¸ ﺷﯩﺮﻏﺎ: ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﻪﺗﻜﯩﻦ¸ ﺍﷲ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯩﮫﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﺸﯩﺘﯩﭗ ﺗﯩﻠﻼﯞﺍﺗﻘﯩﺪﻩﻙ. ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻪﭘﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ¸ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﻪﯞﺭﭼﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ¸ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ¸ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻗﯧﻘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ:
_ ﻛﯩﻢ¿ – ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ¸ ﺋﯘ:
_ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺍﷲﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ:
_ ﺧﯘﺵ ﻛﻪﭘﺴﻪﻥ¸ ﮬﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ¸ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ¸ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻦ. ﺋﯧﺮﯨﻢ ﺍﷲ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯩﻨﭻ – ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ¸ ﺋﯘ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﭖ – ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮﭘﻪﺳﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺗﯘﻥ ﻳﯜﺩﯛﮔﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ. ﺩﻭﺳﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ¸ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﻣﯧﮫﻤﺎﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ¸ ﺩﻭﺳﺘﯩﻐﺎ:
_ ﺋﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ! ﻗﯧﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﭽﯘ¸ ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻣﺪﻩﻳﻤﻪﻥ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ¸ ﺩﻭﺳﺘﻰ:
_ ﻗﯧﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﯩﻦ¿ – ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺩﻭﺳﺘﻰ:
_ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﺍ¸ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯘﺯﯗﻕ¸ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ¸ ﺳﯧﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺗﺎﻍ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﺷﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﺗﻘﺎﻧﮫﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﯔ. ﺍﷲ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﯚﺯ¸ ﺳﯧﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﺸﯩﺘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻧﯧﻤﻪ¿ – ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ¸ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻥ:
_ ﺋﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ! ﺋﯘ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ¸ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﷲ ﻣﯧﻨﯩﻤﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﭖ¸ ﺋﻮﺗﯘﻥ ﺗﻮﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺷﯩﺮﻧﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ¸ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺗﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺷﯩﺮﻣﯘﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻱ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺗﭽﺎﻥ¸ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﮬﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺗﻮﺷﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ¸ – ﺩﻩﭘﺘﯘ[15].
ﺍﷲﻗﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ¸ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯧﺨﯩﻲ¸ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﺭﻩﻣﻠﯩﻜﺘﯘﺭ.
[1] ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ¸ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ ﯞﻩ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[2] ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﻰ: ﺳﻪﮬﯩﮫ¸ – ﺩﯦﮕﻪﻥ.
[3] ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺯﻩﺋﯩﭙﺘﯘﺭ.
[4] ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮬﻪﺟﻪﺭ ﮬﻪﻳﺴﻪﻣﻰ «ﺋﻪﺯﺯﻩﯞﺍﺟﯩﺮ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 427 – ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[5]ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[6] ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﻰ: ﺳﻪﮬﯩﮫ¸ – ﺩﯦﮕﻪﻥ.
[7]ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮬﻪﺟﻪﺭ ﮬﻪﻳﺴﻪﻣﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ: ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﺗﻪﺑﻪﺭﺍﻧﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ¸ ﺭﺍﯞﯨﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻜﺘﯘﺭ¸ – ﺩﯦﮕﻪﻥ.
[8] ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ¸ ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ¸ ﻧﻪﺳﺎﺋﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ: ﺳﻪﮬﯩﮫ¸ – ﺩﯦﮕﻪﻥ.
[9] ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮬﻪﺟﻪﺭ ﮬﻪﻳﺴﻪﻣﻰ «ﺋﻪﺯﺯﻩﯞﺍﺟﯩﺮ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[10]ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮬﻪﺟﻪﺭ ﮬﻪﻳﺴﻪﻣﻰ «ﺋﻪﺯﺯﻩﯞﺍﺟﯩﺮ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺳﻪﮬﯩﮫ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
[11] ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ¸ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ ﯞﻩ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﻰ: ﺯﻩﺋﯩﭗ¸ – ﺩﯦﮕﻪﻥ.
[12] ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯩﺴﺎ¸ 19 ﺋﺎﻳﻪﺕ.
[13] ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ¸ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ¸ ﻧﻪﺳﺎﺋﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
[14] ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ¸ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ ﯞﻩ ﺩﺍﺭﯨﻤﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﻰ: ﺳﻪﮬﯩﮫ¸ – ﺩﯦﮕﻪﻥ.
[15]ﺳﻪﻳﻴﯩﺪ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻢ: ﺑﯘ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮬﻪﺟﻪﺭ ﮬﻪﻳﺴﻪﻣﻰ «ﺋﻪﺯﺯﻩﯞﺍﺟﯩﺮ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ¸ ﺯﺍﮬﯩﺮﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ¸
– ﺩﯦﮕﻪﻥ.
ﻣﻪﻧﺒﻪ:ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﯜﭼﻰ


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 19:52 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.158115 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 28 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش