تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 733|ئىنكاس: 0

ئېلان (فېلىيەتۇن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻕ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺶ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﺍ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺭﺯ ﺳﯘﻧﯘﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ. ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ.
ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻤﯩﺰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ.
ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻳﯧﺸﻰ، ﺟﯩﻨﺴﻰ، ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:
ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ: ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻗﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺧﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﺗﻪﮬﺪﯨﺪ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﻮﺭﻭﮪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﺳﯘﻧﻰ ﻟﯩﻴﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ: ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ، ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯨﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﺧﻪﻟﯩﻘﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻓﺎﯕﺠﯧﻦ-ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﺮﺍﻕ ﻳﻮﻗﯘﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﯖﻰ-ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯩﻼﻥ ﯞﻩ ﻻﮬﯧﻴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ: ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﻭﺭ، ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﻗﻘﻰ ﺗﯘﺭﻗﻰ ﺳﻪﺕ، ﻛﯚﺭﯛﻣﺴﯩﺰ، ﮬﺎﻟﻰ ﺧﺎﺭﺍﭖ، ﺋﺎﺟﯩﺰ-ﻣﯧﻴﯩﭙﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ: ﺋﻪﻳﺸﻰ-ﺋﯩﺸﺮﻩﺕ، ﻛﻪﻳﭙﻰ-ﺳﺎﭘﺎ، ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ. ﻗﯧﻤﺎﺭﺧﺎﻧﺎ، ﭘﺎﮬﯧﺸﺨﺎﻧﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﻪﺑﯧﮭﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻱ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ، ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺝ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﮬﻪﻗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﯨﻐﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯚﺳﯜﻣﺴﯩﺰ ﻗﻪﺭﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯚﻟﻪﻳﺪﯗ.
ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﭘﺎﮬﯧﺸﯩﻼﺭﺩﯨﻦ: ﺋﯚﺯﻯ ﻗﺎﻣﻼﺷﻘﺎﻥ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﺧﯩﺮﯨﺪﺍﺭ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻩﻟﻼﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺠﺎﺭﻩﺕ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﯟﻩﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺕ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ، ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯜﺯ ﺗﯩﭙﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯩﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺳﻪﺭﮔﻪﻧﺪﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ: ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﯞﻩ ﮔﻮﺭﻭﮬﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﻪﭘﺮﯨﻘﻠﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺋﯧﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﮬﻮﻗﻮﻕ ﯞﻩ ﺗﻪﻣﯧﻨﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﻪﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺋﯧﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ: ﻛﻪﻣﻨﯘﻣﯘﺳﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯧﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ
(ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﭘﯘﺧﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﺟﻨﻪﺑﯩﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭ ﺗﯘﺭﺍﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ.)

ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻲ
2007- ﻳﯩﻠﻰ 3-ﻣﺎﺭﺕ . ﻣﻪﻛﻜﻪ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:02 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.143796 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش