تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 872|ئىنكاس: 0

ئىتتىپاقسىزلىقتىن توغۇلغان ھېسلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

ئىتتىپاقسىزلىق دېگىنىمىزدە جانابى ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئۇچۇق بايان قىلىپ «سىلەر ئايرىلـماڭلار، جەم بۇلۇڭلار، تەفرىقىگە «گۇرۇپپىلارغا» بۆلۈنمەڭلار» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈنىمىزدە قارايدىغان بولساق بىر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، بىر مەزھەپتە ھەرىكەت قىلىدىغان، بىر دۆلەتتە ياشايدىغان ۋە بىر تىلدا سۆزلەيدىغان مۇسۇلـمانلار نەچچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلـماقتا ۋە بىر بىرىنى كاپىغا چىقىرىپ ئۆلتۈرۈشمەكتە.
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد «س ئە ۋ» ئەلەيھىسالام، بىر مۇسۇلـمان يەنە بىر مۇسۇلـماننى ئۆلتۈرسە ھەر ئىككىلىسى دوزاخقا كىرىدۇ دېگەن.
جاھاندا يۈز بېرىۋاتقان مۇسۇلـمانلار ئارىسىدا كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ئاساسەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە چۈشىنىش، بىر ـ بىرىنىڭ چۈشەنچىسىگە ھۆرمەت قىلـماسلىق، «مەن» نى بىجا كەلتۈرۈش بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ دۈشمەن بىر تەرەپتە قېلىپ مۇسۇلـمانلار بىر بىرىنى دۈشمەن كۆرمەكتە.
بۇندىن 10 نەچچە يىل بۇرۇن مەن بىر يېقىن ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ ئەينى چاغدا «ھېزبۇت تەھىرىر» نىڭ پىكىرىنى قۇبۇل قىلغان ئىكەن. ئۇ ماڭا مەزكۇر «تەھرىر» توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارنى، تەشۋىقات ۋاراقچىلارنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ھېزبۇت تەھرىرنىڭ مەقسىتىنىڭ دۇنيادا خەلىپە تىكلەش ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەرنى قىلىپ، دۇنيادا خەلىپە تىكلەش ئارقىلىق پۈتۈن مۇسۇلـمانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت غايىسىنى ئاڭلىتىپ مېنىمۇ ئۆزىگە قۇشۇۋېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ئىدى.
شۇ ۋاقىتلاردا ساقچىلارنىڭ تولا ئارقامغا كىرىۋېلىش، ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم ساقچىخانىغا ئاپىرىپ سوراق قىلىش ئىشلىرى تولا نېرۋامغا تەگكەن بولغاچقا، چەتكە چىقىپ نىيىتىگە كېلىپ يول مېڭىۋاتقان مەزگىل ئىدى. مەن ئۇنىڭ تەكلىپىنى شۇ ھامان رەت قىلىشىمغا، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ چەتئەلدىن ئاڭلىغانلىرىنى دەپ كېلىپ، ھازىر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۈمىد كۈتۈۋاتىمىز، ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 80 دانە تەشكىلات بار ئىكەن. شۇيەردىمۇ بىرلىشەلـمەي يۈرۈپتۇ. دېگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تەكلىپىنى 100% رەت قىلدىم ۋە مەن ئۆزەم چۈشەنمەيدىغان بىر گۇرۇپقا ئالدىراپ قېتىلـمايدىغانلىقىمنى، مېنىڭ ھازىر چەتئەلگە چىقىپ كېتىش پىلانىمنىڭ بارلىقىنى، يول ئىشلىرىمنىڭ ھەل بۇلۇشىغا ئاز قالغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلـمايدىغانلىقىمنى، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن شۇ گۇرۇپپىلارنى چۈشىنىپ بېقىپ ئاندىن ئىش قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشلىرىم ھەل بۇلۇپ چەتئەلگىمۇ چىقتى. دوستۇم دېگەندەك چەتئەلدىكى باشقا چەتئەللىك مۇسۇلـمان تەشكىلاتلارنىڭ سانىنى بىلىش تەس، ئەمما ئۆزلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن، مۇسۇلـمان دەيدىغان، ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغان تەشكىلاتلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىكەن.
مەزكۇر تەشكىلاتلارنى كۆزەتكىنىمدە ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم ھېلىھەم ئەپسۇسلىنىپ ئۆتمەكتىمەن. ئەينى چاغدا ئۆزىنى مۇسۇلـمان دەپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلـمانلارنى چەتكە قاقىدىغان، موللاملار، قارىملارنى ئىنتايىن يامان كۆرىدىغان ئەھۋاللار تولىمۇ ئېغىر ئىكەن. چۈنكى مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ چۈشەنچىسىدە موللاملار ئىش قىلالـمايدۇ، قولىدىن ئىش كەلـمەيدۇ دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، كېيىنچە شۇ موللاملار بەزى دۆلەتلەردە غەيرى رەسمىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇشقا باشلىغاندا بۇلارغا چىدىماسلىق قىلغاندەك ئۇلارغا ھېيلە ئىشلىتىشكە ئورۇندى ۋە موللاملارنىڭ بىرلىكنى بۇزماسلىقتەك ئايەتكە ئەمەل قىلىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ تەشكىلات ئىچىدە دىنىي بۆلۈمدىن ئىبارەت بىر تارماقنى پەيدا قىلىپ كوممۇنىستلارنىڭ تۈزۈمىنى سۆرەپ ئەكىلىپ دىننى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت سۇيقەستلەرنى پىلانلاپ موللاملارنى تەشكىلاتنىڭ دىنىي بۆلۈمىگە تىقتى ۋە موللاملارنىڭ بىلگەنلىرى بۇيىچە پائالىيەت قىلىش يولىنى توستى ۋە چەكلىدى. بۇ ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ بىلىكى ئىتتىپاقلىقى پارچىلاندى، دۈشمەن خوش بولدى.
ھەقىقەت ھامىنى غەلبە قىلىدۇ دېگەندەك بەزى موللاملار تەشكىلاتى بىراز ئۇتۇق قازىنىپ كۆزگە كۆرىنىشكە باشلىدى ۋە موللاملارنىڭ گىپى ئۆتىدىغان يەرگە يەتتى.
چۈنكى بۇنداق بۇلۇشىدىكى بىردىنبىر ئامىل، ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلـمىغانلىقىمىز ۋە جەم بۇلۇڭلار، ئايرىلـماڭلار دېگەن ئايەتلىرىگە ئەمەل قىلـمىغانلىقىمىز ۋە ئۇنى توغرا چۈشىنەلـمىگەنلەكىمىزدىن كېلىپ چىققان ھادىسىلەر تۈپەيلى دۈشمىنىمىز باشقا يەردە قېلىپ بىر ـ بىرىمىزگە بولغان رىقابىتىمىز ئاشتى، بۈگۈنكى كۈنىگە كەلگەندە بۇ بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلـمەكتە.
يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرگە قارايدىغان بولساق، پۈتۈن دۇنيادىكى بىر بىرىنى يېۋەتسىمۇ دەردى چىقمايدىغاب دۆلەتلەر، ئاتالـمىش «تېررورىزم» غا قارشى تۇرۇشتا ھەممىسى بىردەك ئىتتىپاققا كېلىپ ئاسماندىن، يەردىن، مېدىئا ۋە پىكىر جەھەتتا قارشى ھۇجۇم قىلـماقتا. ئەمما بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۇنيادىكى نامى بار ئەلقائىدە، تالىبان، ئەل نۇسرە، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە ئىشىد قاتارلىق قوراللىق تەشكىلاتلار نېمە ئۈچۈن بىرلىشەلـمەيدۇ؟ دۈشمەن باشقا يەردە قېلىپ بىر بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا سەۋەب بولغان ئامىل نېمە؟ بۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئوخشىمىغان شەكىلدە جاۋاب بېرىۋاتىدۇ. ئىسلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئاتالـمىش مۇسۇلـمان «ئىران ۋە ھېزبۇللاھ» سۈننىي مۇسۇلـمانلارغا قارشى بىر سەپتە، ئاتالـمىش ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولغان غالچا پاكىستان كوممۇنىست خىتاي بىلەن ئاپپاق چاپاق بولۇپ مۇسۇلـمان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ۋە ئامېر ىكىغا ئەمما سېتىۋەتتى.
ئۆزلىرىنى سۈننىي مۇسۇلـمان، مۇجاھىد، ئىسلامنى ئالى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىمىز دەۋاتقان مەزكۇر گۇرۇپلار نېمە ئۈچۈن «مەن» نى تۈگىتىپ «بىز» بولالـمايدۇ؟.
ئۇرۇش قىلىمىز، شېھىت بولىمىز دەپ خىتايدىن قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ھەرقايسى تەشكىلاتلارغا قېتىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا.
ئابدۇقادىر ياپچان ئاكىنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن يازمامنى تاماملايمەن.
«ۋەتەندە دۈشمەننى تاشلاپ دۈشمەن ئىزدەپ چەتئەلگە چىققانلار، باشقا يەردە ئۆلسەڭ شېھىت بولىدىكەنسەن شەرقىي تۈركىستاندا كاپىر خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ ئۆلسەڭ شېھىت بولـمامدىكەنسەن؟».
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بىز ئۆز ـ ئارا دىندا ئىختىلاپلىشىپ دىن دۈشمەنلىرىگە ئويۇن قويۇپ بەرمەيلى، بىر بىرىمىزنى دۈشمەن كۆچۈپ كۈچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرمايلى، بىرلىشەيلى ـ ئىتتىپاقلىشايلى.
قىساسكار يىگىت، 2016ـ يىلى 02ـ فېۋرال

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:46 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.233302 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 26 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش