تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1610|ئىنكاس: 0

ماۋجۇشى بىلەن شىنجاڭ مەسلىسى ئۈستىدە سۆزلىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
جاڭجىجۇڭنىڭ ئەسلىمسى
شىنجاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازاد قىلنغاندىن بولغاندىن كىيىن،مەن ماۋجۇشى بىلەن شىنجاڭدىكى بىر قانچەئاساسلىق مەسلە ئۈسىدە سۆزلەشكەن ئىدىم(بۇ ھەقتە جۇئېنلەي زۇڭلى بىلەنمۇ سۆزلەشكەن):
بىرىنچى:مىللىي ئاپتۇنۇمىيە مەسلىسى توغىرسىدا. مىنىڭچەئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن مىللىي ئاپتۇنۇمىيگە تەييارلىق كۈرۈش ھەيئىتىنى تەسىس قىلىش كىرەك،تەييارلىق خىزمىتىگە كېتىدىغان ۋاقىت ۋە شەرىت-شارائىت ھازىرلانغاندا ئاندىن ئاپتۇنۇمىينى يولغا قۇيۇش مەسلىسىنى،ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلنغاندىن كىيىنكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىپ مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتىگەئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن تەكشۈرۈپ بىكىتىش كېرەك.ماۋجۇشى شۇنداق قىلىشقا بۇلدىغانلىقىنى بىلدۈردى،پىرىنسىپ جەھەتتە ھەممە ئىشنى ئورتاق پېروگىراممىدىكى مىللىي سىياسەت بۇيىنچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم دىدى.
ئىككىنچى،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش مەسلىسى توغىرىسدا مەن،تاۋسيۆ،بۇرھان ۋە ئىلى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ يېڭى ئىسملىكنى ئوتتۇرغا قويسا،مەركەزتەكشۈرۈپ بېكىتىپ ئېلان قىلسا دىگەن تەكلىپنى بەردىم.ماۋجۇشى بۇ ئىشنى مۇئاۋىن باش قوماندان پېڭ دېخۇەي بىلەن سىز شىنجاڭغا بېرىپ مۇزاكىرلەشكەندىن كىيىن ئاندىن ئىسملىكنى ئوتتۇرغا قۇيۇڭلار ،ھازىر ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوق دىدى. يەنە شىنجاڭداھەربىي -مەمۇرىي كومتېت تەسىس قىلىپ ھەربىي-مەمۇرىي ئىشلارنى ئومۇمىي باشقۇرۇش لازىم دىدى.مەن بۇنىڭ زۈرۈيىتى يوقمىكىن دىدىم. ئۆلكە رەئىسلىك ۋەزىپىسى توغىرسىداماۋجۇشى،جۇئېنلەي زۇڭلى مەن بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆزلىشىپ ،يەنىلا بۇرھاننى قۇيۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقاندا مەن بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى،ناھايىتى مۇۋاپىق بولغانلىقىنى ئېيىتتىم.
ئۈچىنچى،قىسىملارنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش مەسلىسى توغىرسىدا. مەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئوفېتسىر-جەڭچىلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىشلەپ كېلۋاتقاچقا كۆپ قىسمى ئۆز يۇرىتلىرىنى سېغىنماقتا،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا ئازىراقتىن خىراجەت بەرسەك يۇرتىغا قايتىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدىم،ماۋجۇشى بۇنىڭغا قوشۇلمىدى،كۈلۈپ تۇرۇپ ئەڭ ياخشىسى ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ئەپكەلدۈرۈپ بەرسە ياكى ئاياللارنى كېلىشكە سەپەرۋەر قىلسا،ئۇلاردا شىنجاڭدائۆيلىك-ئوچاقلىق بۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ مەڭگۈ يىلتىز تارتىپ قالسابولاتتى دىدى.
تۆتىنچى،مالىيىە مەسلىسى توغىرسىدا. مەن شىنجاڭ ئۆلكىلىسىنىڭ مالىيە،ھەربىلەرنىڭ ئاشلىق-مائاشى،كىيىم-كېچەك،خىراجەت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى بايان قىلىپ،خەلىق ئىنقىلاۋى ھەربىي ئىشلار كومتېتى،مەمۇرى ئىشلار كېڭىشى بىلەن دەرھال ئۇ تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىپ ئەمىلي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلسا دىگەن تەكلىپنى بېرىۋىدىم،ماۋجۇشى بۇ ئىشنى مۇئاۋىن قوماندان پېڭ دېخۇەي بىلەن مىنىڭ بىر تەرەپ قىلشىمغا بۇيرىدى.
بەشىنچى،ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەسلىسى توغىرسىدا .مەن مەركەز قۇرۇلۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش ئۆمىكنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ ،كۆپرەك ئىقتىساسلىق خادىم ۋە خىراجەت بىلەن تەمىنلىسە،غەربىي شىمال مەدەنىي گۈللەندۈرۈش جەمئىيتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش-قالماسلىقنى ئويلىشىپ كۆرسەك دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدىم. ماۋجۇشى بۇ توغىرسىدا ئېنىق-كونكىرىت يوليۇرۇق بەرمىدى. بۇ كىيىنرەك بىر قارارغا كىلەيلى دىگەنلىكتۇر.
ئالتىنچى،سۆۋېت بىلەن بولغان شەرىتنامە مەسلىسى توغىرسىدا.مةن ئالدى بىلەن :جوڭگو-سۆۋېتنىڭ شىنجاڭدىكى سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلشىمى ئۈستىدە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ -يوق؟جوڭگو بىلەن سۆۋېتنىڭ ھاۋا قاتناش شەرتنامىسىگە ھاۋا لىنيسنى لەنجۇ ياكى شىئەن ۋە ياكى بېيجىڭغىچە ئۇزارتىشتوغىرسىدا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشكە بۇلامدۇ-يوق؟ ياكى ئۇ كەلگۈسىدىكى جوڭگو-سۆۋېت يېڭى شەرتنامسىگە كىرگۈز لەمدۇ؟دەپ سورىغان ئىدىم. ماۋجۇشى،ئۇ ئېھتىمال پۈتكۈل جوڭگو-سۆۋېت شەرتنامىسىگە كىرگۈزۈلشى مۇمكىن،ھازىرچە ئۇ توغىرسىدا قارار چىقىرىشقا بولمايدۇدەپ جاۋاپ بەردى.
ئۇندىن باشقا مەن شىنجاڭ مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەرياننى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن،ئۆز-ئۆزەمنى تەكشۈرۈپ ئۆتتۈم،شۇنىڭ بىلەن بىللە نۆۋەتتىكى بىرقانچة مةسلة ئۈستىدة ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، «شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مةسلة»دىگةن يازما دوكىلاتنى يېزىپ چىقىپ ماۋجۇشىغا يوللاپ بةردىم.دوكىلاتتا «شىنجاڭنىڭ جۇغراپىية،تارىخى ۋة سىياسىي جةھةتتىكى تةرةققىيىات جةريانى»،« ئىلى ۋةقةسى ۋةتىنىچلىق كىلشىمى» ، «ئۆلكىلىك ھۆكۈمةتنىڭ ئۆزگةرتىپ تةشكىللىنشى ۋة ئىلى تةرةپنىڭ چىكىنشى» « شىنجاڭ مةسلىسى توغىرسىدا ئۆز-ئۆزةمنى تةكشۈرۈشۈم»، «بىر قانچة مةسلةۋة پىكىر» دىگةن بىر قانچة تىما ئۈستىدة ئۆز پىكىرىمنى يىغىنچاقلاپ بايان قىلغان ئىدىم. «بىر قانچة مةسلة ۋة پىكىر»دىگةن بۇ قىسمىنىڭ كۈچۈرمىسى مۇنداق:
جوڭگو كومپارتىيسىنىڭ رةھبةرلىكىدة يېڭى ھاكىميةت قۇرۇلغان ۋةجوڭگو خةلىق سىياسىي كېڭشىنىڭ ئورتاق پىرۇگىراممىسدا مىللىي سىياسةت ۋةدېپلوماتتىية سىياسىتى بةلگىلةنگةندىن كىيىن شىنجاڭدىكى بۇرۇنقى مةسىللىرىدىكى بارلىق ئاساسلىق نىگىزلىك زىدىيةتلةر تۈگىتىلدى،باشقا ئىشلاردىمۇ ئةلۋةتتة كۆپ مةسلة قالمىدى، لكىن نۆۋةتتة بىر مۇنچة رىئال ياكى لاۋازىمةت خارةكتىرلىك مةسىللةربار ، بۇنى مةركىزى خةلىق ھۆكۈمىتىنىڭ يوليۇرقى بۇيىنچة ھةل قىلىشقا توغراكىلىدۇ،ئۇ توغىرسىدا ئۆزةمنىڭ يۈزةكى پىكىرىنى تۆۋةندىكىچة بايان قىلمةن:
1) مىللىي ئاپتۇنۇمىية مةسلىسى. شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى مىللةتلةرئىچىدة ئۇيغۇرلار ئةڭ كۆپ، ئۇلار پۈتۈن ئۆلكةنوپۇسىنىڭ %70 نى ئىگىلگةن بۇلۇپ تةخمىنةن 3مىليۇن چىقىدۇ. قازاقلار %10 نى ئىگلىگةن بۇلۇپ تةخمىنةن 400مىڭ چىقىدۇ،قةيسةر كىلىدۇ، ئۇلار ھازىرغىچة كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىدۇ. خةنزۇلاربىلةن خۇيزۇلار قوشۇلۇپ %10 نى ئىگلىگةن بۇلۇپ 410مىڭ چىقىدۇ. ئۇلاردىن دېھقانچىلىق،سودىگةرلىك قىلدىانلار،ھۆكۈمةت ئىشىنى قىلدىغانلار ئةڭ كۆپ قىسمىنى ئىگلةيدۇ. قالغانلىرى مانجۇ،موڭغۇل،شىبة،سۇلۇن،تاتار ،تاجىك،قىرغىز،ئۆزبىكلةربۇلۇپ %10نى ئىگلةيدۇ. بۇرۇن ئىلىدىكى رادىكاللار ۋة چوڭ تۈركىزىمچى كونسىرۋاتىپلار ئاپتۇنۇمىينى تةشةبنۇس قىلغان ھةمدة شنجاڭ ئۆلكىسىنى «شةرقىي تۈركىستان»،« چىنى تۈركىستان» ياكى «تۈركلةرنىڭ جايى» دةپ ئۆزگةرتىشنى تةشةببۇس قىلغان ئىدى. ئىككى گورۇھنىڭ مةيدانى ۋة ئىديسى بىر-بىرىگة ئوخشىمىسمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئاپتۇنۇمىينى تةشةببۇس قىلىش ۋة شىنجاڭ ئۆلىسى دىگةن نامغا بولغان يىرگىنىش كةيپىياتىدا ھىچقانداق پةرىق يوق. مةن بۇرۇن ئۇلارغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا:مىنىڭ يولغا قۇيۇۋاتقىنىم __سةنمىنجۇيى ئاساسىدىكى ئاز سانلىق مىللةتلةرگة يار-يۆلةك بۇلۇش سىياسىتى،سىلةر كةلگۈسىدة ئۆز-ئۆزةڭلارنى ئدارة قىلىپلا قالماي ،شةرىت-شارائىت ھازرلانغاندا يةنى بىر قانچة 10يىل ياكى بىر قانچة 100يىلدىن كىيىن مۇستةققىل بولساڭلارمۇ بۇلىدۇ»دىگةن ئىدىم. ھازىر مةركىزى ھاكىميةت ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. شىنجاڭمۇئازاد بولدى، لېكىن بۇندىن كيىن شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق مةسلة يةنىلا مىللىي ئاپتۇنۇمىينى مةسلىسى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ،پىرىنسىپ جةھةتتىن بىزنىڭ ئورتاق پىرۇگىراممىزدىكى مىللىي سىياسةتكة ئاساسةن شةكسىز ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنىباشقۇرۇشىغا يول قۇيۇشى كېرةك ئىدى (ۋاھالةنكى بۇ قېتىم ئىلى تةرةپنىڭ ۋةكىلى ئاپتۇنۇمة مةسلىسىنى ئوتتۇرغا قويمىدى)،لىكىن شىنجاڭ ئۆلكىسىدة مىللةتلةرنىڭ كۆپ ۋة ئةھۋالنىڭ مۇرةككةپلىكىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ،ئۇنىڭغا خېلى ئۇزاق ۋاقىت تةييارلىق كۆرۈش لازىمدةك تۇرىدۇ. ئةگةت ئۇلار ئاپتۇنۇمىينى تةلةپ قىلدىغان بولسا،ئةڭ ياخشىسى ئۆلىكىلىك ھۆكۈمةت ئۆزگةرتىپ تةشكىللةنگةندىن كيىن ئالدى بىلةن مىللىي ئاپتۇنۇمىيگة تةييارلىق كۈرۈش ھةيئىتى تةسىس قىلىپ ئۇنىڭغا ھةرمىللةت ۋةكىللىرىنى قاتناشتۇرۇش كېرةك. قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ۋة قانداق شارائىت ھازىرلانغاندا ئاندىن ئاپتۇنۇمىينى يولغا قۇيۇشقا بۇلىدىغانلىقى ياخشىسى ئۆزگةرتىپ تةشكىللةنگةندىن كىيىنكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمةت ئالدىرماي مةسلىھةتلىشىپ مةركةزنىڭ قارار چىقىرىشىغا يوللاش لازىم.
2) ئۆلكىلىك ھۆكۈمةتنى ئۆزگةرتىپ تةشكىللةش مةسلىسى. بۇرۇنقى ئۆلكىلىك ھۆكۈمةت گةرچة مىللىي بىرلةشمة ھۆكۈمةت بولغان بولسىمۇ لېكىن ئىچىكى قىسىمىغا بىر مۇنچة كونسېرۋاتىپلار كىرۋالغان ئىدى. بۇقېتىم ئازاد بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى كېتىپ قالدى،قالغانلىرىنى شاللىۋېتىش لازىم،لېكىن ئۆزگةرتىپ تةشكىللةش ۋاقتىدائةزالارنىڭ ئىسىملىكى ،نامزاتى قاتارلىق ئىشلاردائالدى بىلةن ئىلىنىڭ ۋةكىلى ۋة تاۋسىيۆ ،بۇرھانلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىش كېرةكمۇ-يوق،بۇنى مةركىزى خةلىق ھۆكۈمىتى ئةھۋالغا قاراپ تةستىقلىسا،ئةلۋةتتة مةركىزى خةلىق ھۆكۈمىتىمىۇ ئادةم قاتناشتۇرۇشى كېرةك.
3)قىسىملارنى ئۆزگةرتىپ تۈزۈم مةسلىسى. ھۆكۈمةتنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى بۇيىل 3-ئاينىڭ ئالدىدا ئةسلىددة ئىككى ئۆزگةرتىپ تةشكىللةنگةن دىۋىزىية بۇلۇپ ،ھةر بىر دېۋىزيىدة ئۈچىتىن بېرگادا،ھةربىربېرگادىدىدا ئىككىدىن پىيادة ئةسكةرلةر پولىكى ۋة بىر ئاتلىق ئةسكةرلةر پولىكى بارئىدى. بىر تةرتىپكة سېلىنغان ئاتلىق ئةسكةرلةر دېۋىيسىدة ئىككىدىن بېرگادا بۇلۇپ دېۋىزىيگة بىۋاستة قاراشلىق قىسىملار بىلةن قوشۇلۇپ جةمئىي 5پولىك بار ئىدى.ئۇندىن باشقا يةنة ئىككى ئاتلىق ئةسكةرلةر بېرگادىسى بۇلۇپ،ھةربىر بېرگادىدىدا ئىككىدىنپولىك بار ئىدى. يةنة 4 ئاتلىق مۇستةققىل ئاتلىق ئةسكةرلةر پولىكى ( موڭغۇل،قازاق،خۇيزۇ،خةنزۇلارنى ئۆز ئىچىگة ئالىدۇ) ھةمدةتوپچىلار ،قۇرۇلۇش،ھةربىي لازىمةتلىكلةر ،ئالاقىلىشىش قاتارلىق قىسىملاردىن بىر قانچىسى بار ئىدى. لېكىن ھةر قايسى قىسىملاردا ئادةم تۇلۇق ئةمةس ئىدى. ئىلى ئۈچ ۋىلايةت مىللىي قسىملىرىدائةسلىدىكى بةلگىلمة بۇيىنچة 6پولىك بار ئىدى،لېكىن ھازىر ھةققىي سانى ئېنىق ئةمةس. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كيىنئۆزگةرتىپ تۈزۈش خىزمىتى ئىشلىنۋاتىدۇ. قارىشىمچة،ھۆكۈمةتنىڭ شىنجاڭ قىسىملىرىغا: (ئا) ئةسلىدةيةرلىك مىللةتلةردىن تةشكىللةنگةنلىرى يةرلىك جامائةت خةۋىپسىزلىكى قىسىملىرى قىلىپ ئۆگةرتىلسة . (ب) قالغان ئىچكىرىدىن يۆتكةپ كىلنگةنلىرى خةلىق ئازادلىق ئارمىيسى قىلىپ ئۆزگةرتىلسة،ئۆزگةرتىپ تۈزۈش ئۇسسۇلىدا ،قىسىملارنىڭ سانىغا قاراپ ئىدىية ۋة تېخنىكا جةھةتتةئۆزگةرتىش ئېلىپ بېرىلسا ،بۇنىمۇ تاۋسىيۆ مۇئاۋىن باش قوماندان پېڭ دېخۇةينىڭيوليۇرقىغا بىنائةت مةسلىھةتلشىپ مۇۋاپىق بىر تةرةپ قىلسا .( س) ئوفېتسىر-جةڭچىلةرئارسىدا چىگرىدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگةنلةر ئۆز يۇرتىنى سېغىنۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كةيپىياتى ىاتىرجةم ئةمةس، ئةگةر ئۇلارنىڭ يۇرتى ئازاد بولغان بولسائۆزلۈكىدىن قايتىش خىراجىتى ،يةر بۈلۈپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىشلةپچقىرىش بىلةن شۇغۇللنشىغاشارائىت ھازىرلاپ بةرسةك. ( د )ئۆزگةرتىپ تۈزۈلگةندىن كيىنكى قىسىملارغا مةركةز ياردةم بةرسة ئۇلار سۇ ئىشلىرى، بوز يةرئېچىش بىلةن شۇغۇللىنىپ ئىشلةپچىقىرىشنى يۈكسةلدۈرۈپ ھةربى ئاشلىق يۆتكةش قىيىنچلىقىنى يةڭگىللةتسة. ( ئى) چېگرارايۇندىكى قىسىملارنىڭ ۋاقىت ئۇزراش بىلةن يۇرتىنى سېغىنىش كةيپىياتى تۇغۇلۇپ جةڭگىۋارلىق روھىغا تةسىر يىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇندىن كىيىن نۆۋةت بىلةن ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ئۇسسۇلى بةلگىلةنسة. ئۈچ ۋىلايةت مىللىي قىسىملىرىغا نىسبةتةن پىرىنسىپ يةنىلا ئازادلىق ئارمىينىڭ تۈزۈمى بۇيىچة ئۆزگةرتىش ئېلىپ بېرىلسا ياكى يةرلىك جامائةت خةۋىپسىزلىك قىسىملىرى قىلىپ ئۆزگةرتلسة بۇنىڭدا ئىلى ۋةكىللىرىنىڭ پىكىرىنى ئېلىش لازىم.
4) مالىية (ھةربىي ئاشلىق،كىيىم-كېچةك راسخوتى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگة ئالىدۇ) مةسلىسى. بۇ نۆۋةتتةھةل قىلشقاتىگىشلىك بۇلۇۋاتقان مةسلة بۇلۇپ ھىساپلىندۇ. شىنجاڭ بىر نامرات ئۆلكة،چىڭ سۇلالىسى دةۋىردىن باشلاپلا ئىچكىرىدىكى 18ئۆلكة بۇ جايغا ياردةم بېرىپ كةلگةنئىدى. بۇرۇن ئۆز ئالدىغا پۇل تارقىتىش (ئۆلكة پۇلىنى تارقىتىش)تۈزۈمىگةتاينىپ ئۆزىنى قامداپ كةلگةن. ھازىر يولغا قۇيۇلۋاتقان مالىيدة خۇددى ئىككى پۇتى بىرئۈتۈككة تىقىلىپ قېلۋاتقاندةك ئةھۋال يۈز بةرمةكتة . قىسىملارنىڭ ئاشلىق-مائاش،كىيىم-كېچةك،خىراجةت قاتارلىقلارنى ئةزةلدىنلا پۈتۈنلةي مةركىزى ھۆكۈمةت بېرىپ كةلگةچكة ئۆلىكىلىك ھۆكۈمةت بىلةن يةرلىك ئۇنى ئۈسىتىگة ئالمىغان. يېقىندا دوكىلات قىلشىچة،7-ئايدىن باشلاپ ئايلىق مائاش تارقىتىلماپتۇ. چېگرىدا بالدۇر قىش چۈشىدۇ. شۇڭا قىشلىق كىيم-كېچةكلةرنىمۇبالدۇرراق تارىتىپ بېرىش كېرةك. ھةربىي ئاشلىق جةھةتتة ھةر يىلى مةركىزى ھۆكۈمةت شىنجاڭ ،گةنسۇغا پۇل ئاجىرتىپ بېرةتتى،ھازىر كۈنلۈك يىغىم تۈگةپ قالدى ، شۇڭابۇنىڭغا بالدۇرراق تۇتۇش قىلىش لازىم . بۇ مةسىللةرنى ھةققىي تۈردة ھةل قىلىش ئۈچۈن خةلىق ئىنقىلاۋى ھةربىي ئىشلار كومتېتى بىلةن مةمۇرىي ئىشلار كېڭشى ئادةم ئةۋةتىپ نةق مةيدانغا ئادةم ئةۋةتىپ نةق مةيداندا ئةمىلىي ئةھۋالنى تةكشۈرۈپ ئۆزجايىدا ئايرىم-ئايرىم بىر تةرةپ قىلسا بۇلارمۇ قانداق؟
5) ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مةسلىسى. شىنجاڭ ئارقىدا قالغان بىر ئۆلكة ،كةڭ خةلىق ئاممىسىغا جىددى ھةل قىلىپ بېرىشكة تىگىشلىك بۇلۇۋاتقىنى تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مةسلىسى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ. شىنجاڭدا گةرچة بايلىقلاركۆپ بولسىمۇ لىكىن ماددى ئةشيالار تولىمۇ قىس. مةسلةن:كةڭرى يةرلىرى بولسىمۇ سۇ ۋةقاتناش ئىشلىرى كةمچىل،قوي يۇڭى مول بولسىمۇ (خېلى كۆپ مىقتاردا پاختا چىقىدۇ)تۇقۇمچىلىق ئىشلىرى يوق دېيةرلىك،چارۋىچىلقى تةرةقىي تاپقان بولسىۇ كۆن-خۇرۇم سانائىتى يىتةرسىز......ئۆلىكىنىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان ئاشلىق (بۇلۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭدا) يىتشمةيدۇ،يىنىك-ئېغىر سانائةت ئاساسى يوق،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى پۈتۈنلةي دىگۈدةك سۆۋېتلةر ئىتتىپاقى ۋة ئىچكىرى تةمىنلةيدۇ. مال باھاسى تۇلىمۇ ئۈستۈن،خةلىق تۇرمۇشى جاپالىق،بۇلارنى تةسةۋۋۇر قىلىش قىيىن ئةمةس.ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى قانداق قىلىپ ئېلىپ بېرىپ خةلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھةققةتةنمۇ نۆۋةتتىكى جىدىدى ئىش. لىكىن ئۆلكة ئىچىدة ئىقتىساسلىق خادىم،تېخنىكا،ئۈسكۈنة،خىراجةت قاتارلىقلارنى ھةل قىلىش مۇمكىن ئةمةس،ھةتتا ئادةتتىكى ئىنىژنىرلاردىن بىرةسمۇ يوق دىيةرلىك، شۇڭا ئةڭ ياخشىسى مةركةزنىڭ مةمۇرىي ئىشلار كېڭىشى قۇرۇلۇشقا يىتةكچىلىك قىلىش ئۆمىكىدىن بىرنى تةشكىللةپ كۆپلةپ مۇتةخةسىس ۋة خىراجةت ئاجىرتىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرسة، بۇ ئىشلارنىڭ ھةممىسى ئةلۋةتتة مةملىكةت خارةكتىرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىشى كېرةك. لېكىن ھازىر شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقانداھةممىدىن مۇھىم بۇلۇۋاتقىنى_ سۇ ئىشلىرى،قاتناش(بۇلۇپمۇ تۆمۈر يول)،دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق، دورىگةرلىك،سةھىية،خةلىق تۇرمۇشى سانائىتى،شةھةرمةمۇرىيتى قاتارلىقلاردۇر. بۇ يېتةكچىلىك قىلىش ئۆمىكىگة سۆۋېت مۇتةخةسىسىلىرى ۋةئنىژنىرلىرنى تةكلىپ بىلةن قاتناشتۇرۇشقىمۇ بۇلىدۇ،لېكىن يةنىلا پېشقةدةم ئاكابولغۇچى خةنزۇ مۇتةخةسىس -ئىنىژنىرلةرنى ئاساس قىلىش لازىم.چۈنكى بۇ ئاز سانلىق مىللةتلةرگة تةسىر كۆرسىتىشتة ئۇزۇن مۇددةتلىك سىياسىي ئةھمىيةتكة ئىگة . ( مةن بۇرۇن نةنجىڭ ھۆكۈمىتىگة تةكلىپ بةرگةنتىم، ئۇ قۇبۇل قىلنىپ بىر قىسىم مۇتةخةسىسلةر ۋةباشقۇرغۇچىلارمۇ ئۈرۈمچىگة كةلگةن ئىدى،ئةپسۇسكى راسخۇت مۇناسىۋىتى بىلةن خىزمةتلةر باشلانمىدى. بۇ ھۆكۈمةتنىڭ شىنجاڭ ئۆلىكىسىدىكى خةلىقلةرگة قىلغان ۋةدىسىنى بةجا كةلتۈرمىگةنلىكى بۇلىدۇ. مةدةنىي-مائارىپ قۇرۇلۇشىمۇ ئةلۋةتتةئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئوخشاشلا جىددى ئېھتىياجىلق ئىش. مائارىپ مةسلىنسلائالدىغان بولساق ساۋاتسىزلارپۈتۈن ئۆلكة نوپۇسىنىڭ %85دىن كۆپرةكىنى ئىگلىشى مۇمكىن ،باشقا مةدةنى-مائارىپ ئةسلىھةلىرىمۇ ئىنتايىن كةمچىل. ئةلۋةتتة بۇئۆلكىلىك ھۆكۈمةت مةسئۇل بۇلىدىغان ئىش،مةركةز پةقةت يىتةكچىلىك قىلسا ھةمدةياردةملةشسة بۇلىدۇ.
بىز دةسلةپ شىنجاڭغا كةلگىنمىزدة ئۆلكىنىڭ ئىقتىساد ۋة مةدنيةتئىشلىرىغا ياردةملىشىش ئۈچۈن دۆلةت بىلةن بىرلىشىپ باشقۇرۇلدىغان« غةربى شىمال خةلىق تۇرمۇشى سودا-سانائةت شىركىتى» ۋة ئىجىتمائىي كوللىكتىپ خارةكتىردىكى «غةربى شىمال مةدىنيةتنى گۈللةندۈرۈش جةمئىيتى»گة ئوخشاش تةشكىلاتلاردىن بةشىنى تةشكىللةپ ئايرىم-ئايرىم مةسئۇل بۇلۇپ شىنجاڭ ئۆلكىسى بىلةن ئىچكىرى ئوتتۇرسدا ماددى-ئةشيالارنى ئالماشتۇرۇش ۋة گېزىت-ژورناللارنى تةھرىرلةش-يةتكۈزۈپ بېرش قاتارلىق بةزى خىزمةتلةرنى ئىشلىگةن بولساقمۇ لېكىن راسخۇت،قاتناش،ئىقتىساسلىق خادىم ۋة ھةر خىل ئوبىكتىپ-سۇبىكتىپ شةرىت-شارائىتلارنىڭ چةكلىمسى تۈپةيلىدىن ئۈنۈمى كۆپ بولمىغانىتى. بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ئىشلةش، قايتىدىن ئۆزگةرتىپ تةشكىللةشكېرةكمۇ-يوق، مةركةزنىڭ قارارىنى كۈتىمىز.
6) سۆۋېتلةر شةرىتنامىسى توغىرسىدا. شىنجاڭ سۆۋېت بىلةن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋةتتة بۇلۇپ كةلگةن. تارىختا 1871-يىلى ( توڭجىنىڭ10-يىلى) چارروسسىية ئىلىدا 10 يىل ئةسكةر تۇرغۇزغان ھةمدة ئىلى شةرىتنامىسى تۈزگةن. جۇغراپىيلىك جةھةتتة سۆۋېت بىلةن شىنجاڭ چىگىرسى ئۇزۇنلۇقتا 3000كىلومىتىركىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگة شنجاڭ ئۆلكىسى بىلةن ئىچكىرى ئوتتۇرسدىكى قاتناش بىۋاستةسۆۋېت چىگىرسى ئىچىگة بېرىشتةك قولايلىق ئةمةس. مىللةتلةر جةھةتتة شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى تۈركى تىل سېستىمىسىغا مةنسۇپ يةتتة مىللةت سۆۋېتتىمۇ بار،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بةشى رېسپوپلىكا قۇردى. ئقتىسادى جةھةتتةشىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى كۈندىلىك بۇيۇملار ۋة سانائةت بۇيۇملىرىنىڭ كۆپ قىسمى سۆۋېتتىن كةلتۈرۈلدۇ. مةدىنيةت جةھةتتة،ئۆلكىدىكى ھةر قايسى مىللةتلةردة سۆۋېت مةدةنىيتىنىڭ تةسىرى بار،سۆۋېتنىڭ تةربىيسىنى ئالغانلار بىر قةدةر كۆپ. مانا بۇ ھةر خىل ئامىللار شىنجاڭ بىلةن سۆۋېت ئوتتۇرسىدا ئالاھىدة مۇناسىۋةتنى شةكىللةندۈرگةن،شۇڭا بىز شىنجاڭ مةسلىسىنى بىرتةرةپ قىلىشتا بۇ نوقتىغا سةل قارىساق ئىنتايىن نامۇۋاپىق بۇلىدۇ. بۇرۇن جوڭگوبىلةن سۆۋېت ئوتتۇرسىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىگة دائىر شةرىتنامىلةر ئىچىدة بىرىنچى جوڭگو-سۆۋېت ھاۋا قاتنىشى شةرىتنامىسى بۇلۇپ قاتناش لىنيىسى سۆۋېتنىڭ ئالمۇتىدىن ئۈرۈمچى-قۇمۇلغىچةتۇتىشاتتى. ئۆتكةن يىلى 9-ئايدا ۋاقتى توشۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىككى تةرةپ كېڭىشىش ئارقىلىق بةش يىلغا ئۇزاتتۇق، ھازىر قاتناش لىنيىسىنى لةنجۇ ياكى شىئةنگة ياكى بىۋاستة بېيجىڭغا ئۇزارتىشقا بولامدۇ-يوى، مةركةز قارار قىلسا ،ئۇندىن باشقا يةنةبىر مۇھىم شةرىتنامة بار،يةنى جوڭگو بىلةن سۆۋېتنىڭ شىنجاڭدىكى سودا ۋة ئىقتىسادىي ھةمكارلىق كېلشىمى بۇلۇپ ئىككى تةرةپنىڭ ۋةكىللىرى بۇيىل ئةتىيازدا ئۈرۈمچىدةكېلشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. ئةپسۇسكى ئةڭ ئاخىردا گۇاڭجۇ ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىزلا ئىمزاقۇيۇشقا ئۇنمىدى. بۇ ئىنتايىن ئةپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى. لېكىن بۇندىن كىيىن جوڭگوبىلةن سۆۋېتنىڭ سودا ۋة ئىقتىسادىي ھةمكارلىق مةسلىسى ئۈستىدة مةركىزى خةلىق ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك بىر پۈتۈن كېلشىم ھاسىل قىلماقچىمۇ ياكى جوڭگو بىلةن سۆۋېتنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمةن ھةمكارلىق مةسلىسى ئۈستىدة سۆھبةت ئېلىپ بېرىلىپ شةرتنامة تۈزةمدۇ؟ تةكشۈرۈپ بىكىتىلسة.
مةنبة: ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن شىنجاڭ تىنىچ ئازاد بولغانغا قةدةر (جاڭ جىجۇڭ)ناملىق كىتاپ
مەنبە:تۇرپان ئۈندىدار گىزىتى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:40 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.146562 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش