تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1179|ئىنكاس: 0

ئىلىخان تۆرىنىڭ سوۋىتكە كىتىشى ۋە سىرلىق شەخس ‹‹سېيىت ھۆججەت››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

2016-01-24
سىرلىق شەخس ‹‹سېيىت ھۆججەت›
1945-1946-يىللىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىينىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىدا خىزمەت قىلغان ھەبىبۇللا مۇتەللىپنىڭ قەلىمىدە ئالمۇتادا چىقىدىغان «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ 1996-يىللىق 30-ئاۋغۇست سانىدا «يوچۇن ئادەم» بىزنى نادامەتتە قالدۇردى» ناملىق ئەسلىمىسى بېسىلىپ چىققان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنىدىغان «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2001-يىللىق 2-3-سانلىرىدا سەيدۇللا سەيپۇللايېفنىڭ «مەن شاھىت بولغان ئىشلار» ناملىق ئەسلىمىسى ئېلان قىلىنغان.
ئىلى ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى بىلەن تەقدىرداش بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىككى شاھىتنىڭ ئەسلىمىلىرى بىردەك ئېلىخان تۆرىنىڭ سىرلىق رەۋىشتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلىشىدە «يوچۇن ئادەم» سېيىت ھۆججەتنىڭ ئىشپىيونلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، 1946-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلىخان تۆرىنىڭ ھۇزۇرىدا سېيىت ھۆججەت ئىسىملىك بىر يوچۇن ئادەم تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان. شۇ ۋاقىتتا خەلق ئىچىدە تارالغان گەپ سۆزلەرگە قارىغاندا، موڭغۇلكۈرە ۋە تېكەس ھاۋا بوشلۇقىدىن كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۆتكەن. ئارقىدىنلا ئۈستىگە گىمناستوركا، پۇتىغا پارقىراپ تۇرغان خۇرۇم ئۆتۈك كىيگەن بۇ كىشى پەيدا بولغان. سەيدۇللا سەيپۇللايېفنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا بۇ كىشى ئۆزىنى «بۇخارا ئەمىرىنىڭ شاھزادىسى بولىمەن، ئافغانىستاندىن كەلدىم. غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكقمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مۇزداۋاندىن ئۆتۈپ كەلدىم» دەپ تونۇشتۇرغان.
قىزىقارلىقى شۇكى، سېيىت ھۆججەت دېگەن بۇ كىشى ئۇزاق ئۆتمەيلا ئېلىخان تۆرىنىڭ ھۇزۇرىدىن جاي ئېلىپ، ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كەتكەن. ئۇ ئېلىخان تۆرە بىلەن ئۆزبېكچە سۆزلەشكەن. ئۆز قولى بىلەن ماي بوياقتا ئېلىخان تۆرىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتىنى سىزىپ چىقىپ ئىشخانىسىغا ئېسىپ قويغان. سېيىت ھۆججەت كۆپ تىللارنى بىلىدىغان كىشى بولۇپ، ئەرەبچە، پارسچىنى راۋان سۆزلەش ئارقىلىق ئېلىخان تۆرىنى قايىل قىلغان. ئۇندىن باشقا ئۇ ئۇستا رېمونتچى، تېخنىك شۇنداقلا ھەربىي ئىشلاردىن خەۋەردار كىشى بولغان. كۆپ ئۆتمەيلا ئېلىخان تۆرىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر قىسىملىرىغا ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل بولغان.
ئۆز دەۋرىدە غۇلجىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىدا خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر، شۇ جۈملىدىن سەيپۇللايېف، ھەبىبۇللا مۇتەللىپ ھەمدە باشقا شاھىتلار سېيىت ھۆججەتنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېلىخان تۆرىگە سوڭدىشىپ ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرىپ-چىقىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن.
ئارىدىن بىرقانچە ئايلار ئۆتۈپ «11 بىتىم» ئىمزالىنىش ئالدىدا تۇرغان كۈنلەردە سېيىت ھۆججەت تۇيۇقسىزلا غايىب بولىدۇ. ھەبىبۇللا مۇتەللىپ ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئېلىخان تۆرە سېيىت ھۆججەتتىن ئىبارەت بۇ جاسۇسنى ‹ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كەلگەن› دەپ بىلىپ، قىلچە گۇمان قىلماستىن ھەممە ئىچ-سىرلىرىنى ئۇنىڭغا تۆككەن. سېيىت ھۆججەت خوجايىنلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىنى تولۇق بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىچىگە قانداق تاسادىپىي پەيدا بولغان بولسا، بىر كېچىدىلا شۇندا تاسادىپىي غايىب بولدى.
سەيپۇللايېفمۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە:
«مەن سېيىت ھۆججەتنىڭ بۇخارا ئەمىرىنىڭ شاھزادىسى ئىكەنلىكىگە، جەنۇبىي شىنجاڭدىن مۇزداۋان ئارقىلىق قېچىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەنمىگەن. شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، تاغ ئاتلاپ كەلگەن ئادەم موڭغۇلكۈرەگە يېڭى كىيىم ۋە پارقىراپ تۇرغان خۇرۇم ئۆتۈك بىلەن كېلەلەمدۇ؟ ئافغانىستاندىن كەلگەن ‹شاھزادە› ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىگە كىرىشى بىلەنلا توپ-توغرا تۈرمىگە كىرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما سېيىت ھۆججەت ئۇدۇل ئېلىخان تۆرىنىڭ بىقىنىغا ئورۇنلىشىپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر مېھمان سۈپىتىدە كۈتۈلگەن. مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا قاراپ سېيىت ھۆججەتنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم پەرەز قىلالىسا كېرەك» دەپ يازىدۇ.
مەزكۇر تىمىنىڭ كىلىش مەنبەسى - بەشتاش تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:41 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.215073 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش