تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1093|ئىنكاس: 0

شەنگەن ئېرىقى ۋەقەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
ئاسىم بوۋاي بىتاپ بولۇپ يىقىلغىلى ھەپتە- ئون بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنى يالغۇز،ئوغلىنى يېرىم قىلىپ، يورۇق دۇنيادىن ۋاقىتسىز كېتىپ قالغان مومىيىنى تولا ئەسلەپ ھالى قالمىدى. بىچارەمەزلوم ھايات بولغۇنىدا ئىدى، دەپ ئويلايتتى ئۇ، مېنىڭ بۇنداق يېتىپ قېلىشىمغاھېچ بىر چىداپ تۇرالمايىتتى. ئەتىياز كېلىپ قالدى، يەنە قۇرۇق ئىسسىقلىرى ئۆرلەپ قالمىسۇن، دېگىنىچە ئۆزى ۋە يالغۇز ئوغلىغا يېگۈزمەي ساندۇقىغا سېلىپ ساقلاۋاتقان خەشەك ئۆرۈكنى قېقى بىلەن يېشىل ئۈزۈمدىن بىر چاڭگالدىن ئالغىنىچە قۇم چۆگۈنگە سېلىپ قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ مۇزلىتاتتى- دە، مۇزدەك قاق سۈيىنى بوۋايغازورمۇزور ئىچكۈزەتتى. ئۆرۈك قېقى ۋە يېشىل ئۈزۈم سېلىپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلانغان سۇ قورۇق ئىسسىقنى كېسەتتى. بۇ ئەقىل- پاراسەتلىك، ئەمگەكچان تۇرپان خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا يېتىلدۈرگەن ئاددىي رېتسىپلىرىنىڭ بىرى.لېكىن ھازىر ئۇنى تەييارلاپ بېرىدىغان موماي ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتكەن، ئائىلىنىڭ چىرىقى، بوۋاينىڭ يۈرەك پارىسى بولغان ئوغۇل بولسا بەگلەر تەرىپىدىن ھاشارغا تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
    «ئىۋارا خۇداتا، يالغۇزئوغلۇمنىڭ تېنىنى ساق، جېنىنى ئامان قىلغايسەن»بوۋاي ئەنە شۇنداق خىياللاربىلەن ئۆمىلەپ يۈرۈپ ساندۇقىنى ئاقتۇرىۋېدى، قولىغا بىر تۆگۈنچەك ئۇرۇلدى. تۆگۈنچەككە بىر چاڭگال ئۆرۈك قېقى ۋە بىر قۇشۇقچە يېشىل ئۈزۈم تۈگۈلگەن ئىدى.ئۇ چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئۈزۈم بىلەن ئۆرۈك قېقىنى سۇدا پاكىزە يويۇپ چايقىغاندىن كېيىن، ئىنجىقلىغىنىچە ھويلىغاچىقتى ۋە ئۆينىڭ كەينىدىكى باغدىن ئوتۇن ئېلىپ كىرىپ، ئوچاققا ئوت ياقتى. مەرھوم موماي ھايات چېغىدا بىرسائەت ئىچىدە پۈتتۈرىدىغان ئىشلارغا يېرىم كۈن ۋاقىت كەتتى. قايناپ قىيامىغا كەلگەن سۇئەمدى مۇزلىشى كېرەك ئىدى. بوۋاي قۇم چۆگۈننى ئاۋايلاپ كۆتۈرگىنىچە ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، پۇتلاشمايدىغان جايغا قويغاندىن كېيىن ئۆيىگە يېنىپ كىردى- دە، ئوچاققا يېقىن سېلىنغان تۆشەككە كىرىپ يېتىپ خىيالغا پاتقىنىچە ئۇخلاپ قالدى.سەھەردە ئوچۇق تومۇرغا ئىچىلگەن قاق سۈيى پايدا قىلدىمۇ، بوۋاي ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا سەل يېنىكلەپ قالغاندەكبولدى.
   -ئۇھ،خۇداغا مىڭ شۈكرى،-بوۋاي قاق سۈيىنى پاك- پاكىز ئىچىۋەتكەندىن كېيىن، تېرە جۇۋىسىنى يېپىنچاقلىغىنىچە تالاغا چىقتى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي ئاۋاتلىشىپ، ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ۋاژىلداپ قايناپ تۇرىدىغان كوچىلار چۆلدەرەپ قالغان، كوچا- كويدا ئىنسۇ- جىن كۆرۈنمەيىتتى. «بىچارىلەرنىڭ ھەممىسى ھاشارغاكېتىپتۇ-دە»، بوۋاي شۇلارنى ئويلاپ تۇرىۋېدى، خۇددى يەردىن ئۈنگەندەكلا ئالدىدا بىر ئاتلىق كىشى پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ مەھەللىلەردە ھاشارغا بارمايقېپ قالغان كىشىلەرنى ئالغىلى كەلگەن يايى بولۇپ، بوۋاي ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ سالام بەرگۈچە تىل سالدى:
   -ھۇئۆلۈمتۈك قېرى، يۇرت ئەھلىنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ شەنگەن غوجام ئۈچۈن ئېرىق چېپىۋاتسىزە، سەن گاڭ- غوجامنىڭ ئاپتىپىغا قاقلانغىنىڭچە راھەت سۈرۈپ ئولتۇرسىنا!؟
   -كايىمىسىلا بېگىم، شۇ بىتاپ بولۇپ قېلىپ....
   -يەنەگەپ ياندۇرىسىنا تېخى- غەزەپلەنگەن يايى ئۇزۇن تىللىق قامچىسى بىلەن بوۋاينى ساۋاپ، قوينى ھەيدىگەندەك دۈكۈرلىتىپ قوغلاپ، ھاشارچىلار ئېرىق چېپىۋاتقان جايغا ئېلىپ چىقتى:
   -ئۇلۇغ شەنگەن غوجام يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئېرىق چاپتۇرىۋاتىدۇ،- دېدى ئۇ پېتىنى بۇزماي تۇرۇپ،-سەنمۇ بار كۈچۈڭنى ئىشقا سېلىپ گۇناھىڭنى يۇي...
   پىچاندا ناھىيە قۇرۇلۇپ 11 يىلدىن كېيىن، يامۇل مەھكىمىسى ناھىيىلىك مەھكىمىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئامبالنىڭ ئورنىغا شەنگەن قويىش تۈزۈملەشتى ۋەجاڭ فامىلىلىك بىرى شەنگەن بولۇپ كەلگەن ئىدى.ئۇ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىش بېگى ياڭ زىڭشىڭنىڭ بىر يۇرتلۇقى بولۇپ، ئۆلكىلىك تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ «بوز يەر ئېچىپ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش» چاقىرىقىغائاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنى باشلىغان ئىدى.«بوز يەر ئېرىپ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش» چاقىرىقىغائاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنى باشلىغان ئىدى.«بوز يەر ئېچىپ، سۇ باشلاپ كېلىپ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش» دېگەن بۇ چاقىرىق چىرايلىق ئاڭلانغىنى بىلەن، ئۇنىڭ تېگىدە «سىر»يۇشۇرۇنغان، دېھقانلارنىڭ قولى بىلەن ئېچىلغان يەرلەر، چېپىلغان ئېرىقلاردىكى سۇلار ئۆلكىدىن ئېلىنغان قەرزنى تۆلەش ھېسابىغا دېھقانلارغا يۇقىرى باھادا ئىجارىگە بېرىلەتتى-دە، جىگىرتىكى ئۆلكىگەيوللىنىپ، قالغان ساپ مايلار شەنگەن ۋە ئۇنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتەتتى. ئۈچ يىل جاپالىق قان- تەرئاققۇزۇش ئارقىلىق لەمجىن چۇۋاڭقىرغا ئىككى تال كارىز چېپىلدى، ئۇنىڭ سۈيى بولسالۈكچۈن خەلقى ئەزەلدىن ئىچىپ كېلىۋاتقان ئېقىن سۈيىگە قوشۇلۇپ، سىركىپكە كەلگەندەتۇما ئارقىلىق ئايرىۋېلىنىپ، دېھقان سۇ ۋە سىپاھسۇ تەرەپلەرگە چېپىلغان «شەنگەن ئېرىق» لىرىغا قۇيۇلاتتى- دە، دېھقان سۇ تەرەپتىكىسى بولساسايقىردىكى يېڭىدىن ئېچىلغان 1000 مو يەرنى كۆكەرتىشكە، سىپاھ سۇ تەرەپتىكىسى بولساباباققىردا ئېچىلغان 800 مو يەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلەتتى. سۇ ۋە يەر تەييار بولغاندىن كېيىن، يېڭىدىن ئېچىلغان يەرلەر دېھقانلارغامەجبورىي ھالدا يۇقىرى باھادا ئىجارىگە بېرىلدى.نەتىجىدە، ئۈنۈمسىز يەرلەرگەتېرىلغان زىرائەتلەر ئىجارە ھەققىنى تۆلەش تۈگۈل، چېچىلغان ئۇرۇقلارمۇ چىقماي نۇرغۇنلىغان دېھقانلار پاتاڭ بىلەن تەڭ قەرزگە بوغۇلۇپ يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبور بولدى.
   بۈگۈن سەھەردە تۆۋەن مەھەللە تەرەپتىن ياڭرىغان ناغرا- سۇناي ئاۋازى يۇرت ئەھلىنى ھەيرەتتە قويدى. چۈنكى لۈكچۈن يۇرت بولۇپ تا مۇشۇ كەمگىچە يۇقسۇللار تويقىلغاندا ناغرا چېلىش قەتئىي مەنئىي قىلىنغان بولۇپ، بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازاغا تارتىلاتتى. بۇ چاغ مىلادىيە1926- يىلى كەچكۈز ئايلىرى بولۇپ،گەرچە پىچاندا 1902- يىلىلاناھىيىلىك مەھكىمە قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھىيلىگەر جاللات ياڭ زىڭشىڭ لۈكچۈندەۋاڭلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرماي، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتاتتى.بىر تەرەپتىن گاڭ- غوجاملارنىڭ زۇلۇمى، بىرتەرەپتىن شەنگەننىڭ ھەر خىل ھاشارلىرى ئالدىدا تۈگمەندىكى ئۈگۈتتەك يەنچىلىپ،جاننى ساقلاشمۇ تەس كېلىپ ئاران تۇرغان دېھقانلار ئۆز تويىدا ناغرا چېلىش ئارقىلىق زۇلۇم سالغۇچىلارغا قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئىدى.بىر ئۈمۈر بەگ- غۇجاملارنىڭ زۇلۇمى دەستىدىن يەنجىلىپ، ئەمدى ئۇنىڭغا قۇشۇلغان شەنگەن ھەر خىل ھاشار-ئەمگەكلىرى ئالدىدا قىينىلىپجان ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاسىم بوۋاي ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئېختىيارسىز كۆزلىرىگەياش ئالدى:
   -خۇدايىم بەختىڭلارنى بەرسۇن بالىلىرىم، ھەر ھالدا تويۇڭلاردا ناغرا چېلىش سىلەرگە نېسىپ بوپتۇ....
   بوۋاي ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى، مەھەللەجامائىتى ئۇنى چاقىرىپ قالدى. ئۇ جامائەتكە قوشۇلغان ھالدا، ئېشەك قېتىلغان ھارۋىلارغائولتۇرغىنىچە تويغا- تۆۋەن مەھەللە تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.
   بۈگۈن تۆۋەن مەھەللە ھېيىت تەنتەنىسىگەچۆمۈلگەن بولۇپ، كوچا- كويلار پاكىز سۈپۈرۈلگەن، ناغرىچىلار بولسا توي قىلغان يىگىتنىڭ تۈۋىدەتۇرۇپ زوق- شوخ بىلەن ناغرا چالماقتا ئىدى. تارىختىن بۇيان «مۇقام بۆشۈكى» ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئەزىز ماكاندىكى قېرىنداشلارمۇئۆز كارامىتىنى ئىشقا سالغان، «تاپقىنى گۈل كەلتۈرسە، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دېگەندەك، ساھىبخاننىڭ قۇلۇم- قوشنىلىرىمۇ ئۆز ھالىغا يارىشاداستىخان ھازىرلىشىپ، يىراق- يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنى ئۆيلىرىگە باشلىماقتا ئىدى. بۇ تويغا يەنە لۈكچۈندىكى ياشلارنىڭ سەرخىللىرىمۇ يىغىلغان بولۇپ، دېھقان سۇ خەلىپە جەمەتىدىن چىققان گاڭگۇڭ يىگىت سىدىق خەلىپە، ئامانشادىن كەلگەن سېتنىياز يۇمۇلاق باش دېگەن گاڭگۇڭ يىگىت چاقچاقلىشىۋاتاتتى. ئەتراپىدا بولسا نۇرغۇنلىغان يىگىتلەر ھېرىسمەنلىك بىلەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماقتا ئىدى. ئۆي- ئۆيلەردىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇقام كۈيلىرى يۈرەكلەرنى لەرزىگەسالاتتى. ئەنەشۇنداق قىزىقچىلىق ئىچىدە ۋاقىتمۇچۈشكە يېقىنلاپ قالدى. بۇ چاغدا يىگىتلەر ئاتلىرىغا مىنگىنىچە قىزنى كۆچۈرۈشكە ئاتلاندى. قىز دېھقان سۇلۇق بولۇپ،دېھقان سۇلۇق ياشلارمۇ بوش كەلمىدى. ئۇلار يىگىت تەرەپتىن كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتىۋېلىپ،دېھقانسۇدا ئىككى- ئۈچ مەيدان توي قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ قىزنى كۆچۈرۈپ مېڭىشىغا ئىجازەت بەردى. ياشلار قىزنى چىرايلىق بېزەلگەن يارىيار ھارۋىسىغائولتۇرغۇزۇپ كۆچۈرۈپ ماڭغاندا، كوچا- كويلاردا چارچاڭ قىلىنىپ، توي بولغان قىز- يىگىتنىڭ ھۆرمىتى قىلىندى.
   قىز كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇيۇن خۇمارتۆۋەن مەھەللىلىكلەر سورۇن تۈزۈپ توينى باشلىۋەتتى.بۇ چاغدا «شەنگەن ئېرىقى» نىڭ مىراپلىقىنى ئىككى يامبۇغاسېتىۋالغان ئەسمىتۇل مىراپ گىدەيگىنىچە توي مەيدانىدا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ زۇلۇمىنى يەتكۈچە تارتقان خەلق بولسا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ناغرا چېلىنغان توينى بوزۇپ، گاڭنىڭ ھىممىتىگە ئېرىشىشنى كۆزلەپ تويغا كەلگەن ئەسمىتۇل مىراپقا بۇ ئىش قاتتىق ئەلەم بولدى-دە، ئۇزۇن تىللىق قامچىسىنى كۆتۈرگىنىچە مەيدانغا كىردى، ۋە:
   -توختاڭلار،-دېدى ئۇقامچىسىنى ناغرىچىلارغا شىلتىپ تۇرۇپ: -گاڭ-غوجاملار تەرىپىدىن ئۇزۇندىن بويان يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەمىر- مەرۇپنى بۇزۇپ ناغرا چالدۇرغان قايسىڭ؟
   ئەسمىتۇل مىراپنىڭ سۈر- ھەيۋىسىدىن قورققان ناغرىچىلارناغرىنى چېلىشتىن توختىۋېدى، ئوتتۇرىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارمۇ ئۆزلىرىنىئەپقېچىشىپ سورۇننى قالايمىقان قىلىۋەتتى.ئۆز ھەيۋىسىنىڭ تەسىركۆرسەتكەنلىكىدىن خۇشال بولغان مىراپ قاقاھلاپ كۈلۈشكە باشلىدى:
   -شۇھالىڭلارغا ناغرا چىلىشقا نىمە كەپتۇ سىلەرگە، نىمە كەپتۇ سىلەرگە، ناغرا دېگەننى گاڭ- غوجامغائوخشاش،، مانا ماڭغا ئوخشاش كاتتىلار چالدۇرىدۇ، گاڭ-غوجام بىلەن ئىكەرەشكىچە،ئىشىڭلارنى قىلساڭلار بولمامدۇ؟ بىر چەتتە تۇرۇپ توي مەيدانىنى باشقۇرۇۋاتقان سىدىق خەلىپە بىلەن سىتنىياز يۇمۇلاقباش ئەسمىتۇل مىراپنىڭ بۇ خىل قىلىقلىرىغاچىداپ تۇرالمىدى-دە، ئىككىسى تەڭلا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى:
   -ناغرىنى چالدۇرغان مانا بىز، بىز گاڭ- غوجاملار بىلەن ئىكەرىشىپ نېمە قىپتىمىز، ناھايىتى تويداناغرا چالدۇرۇق شۇ، تويدا ناغرا چېلىش دېگەن مىللىتىمىزنىڭ قەدىمايەندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ- ئادىتى، تويىمىزدا ناغرا چالدۇرماي، گاڭ- غوجاملار باشقا، بىز باشقاخەقمۇ؟
   شۇ ھامان توي ئەھلىمۇ غەيرەتكە كېلىپ غۇدىراشقا باشلىدى، «شۇ ئەمەسمۇ، ئالتە ئاي يازىچە گاڭ-غوجا، شەنگەن دارىنلارغائىشلەڭ، ئەمدى قولىمىز بوشىغاندا بولسىمۇ ئوينىساق نېمە بوپتۇ؟»
   ئەتراپتىن كېلىۋاتقان پاراڭلارنى ئاڭلاپ تاۋۇزى قولتۇقىدىن چۈشكەن ئەسمىتۇل مىراپ بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتكۈسى كەلمىدىمۇئەيتاۋۇر، سىدىق خەلىپىگە قامچىسىنى شىلتىدى.
   -سەن ئۆز ئالدىمغا يەر، سۈيۈم بار دەپ ماڭا تولا پۇت ئاتما جۇمۇ، مەن دېگەن شەنگەننىڭ مىراپى، ھېلى بىكار كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىپ قويماي-ئۇ شۇنداق دەپلا سىدىق خەلىپىنىڭ بېشىغا بىر قامچا ئۇردى، سىدىق خەلىپە كەينىگە بىر چامدام داجىدى. بۇ چاغدا بىر يىگىت ئۇنىڭ قولىغا بىر تال چىلان توقماق تۇتقۇزۇپمۇ ئۈلگۈردى.شىنىڭ بىلەن سىدىق خەلىپە چىلان توقماق بىلەن ئەسمىتۇل مىراپنى ئۇرۇپ دۇمبالاپ ۋاي دات دېگۈزدى ۋە بىر پۇتىنى ئۈزىۋەتتى. يۇرت ئەھلى بۇنىڭلىق بىلەنلا  بولدى قىلمىدى. توي ئۆتۈپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، پۈتۈن لۈكچۈن خەلقى بىر يەرگە يىغىلدى ۋە سىدىق خەلىپىنىڭ باشلامچىلىقىدا «ئەسمىتۇل مىراپنىڭ كۆتىنى يۆلىگەن  شەنگەن ئېرىقىنى تۈپتۈزقىلىۋېتەيلى» دەپ توۋلاشقىنىچە، «شەنگەن ئېرىق» لىرىنى بۇزۇشقا ئاتلاندى. بۇ كەچكۈز ئايلىرىنىڭ ئاخىرى بولغاچقا ئېرىق- ئۆستەڭلەردىكىسۇلار مۇز تۇتقان مەزگىل ئىدى، دېھقانسۇلۇق توختى دېگەن كىشى پاختىلىق كىيىملىرىبىلەنلا سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، توسمىلارنى بۇزۇشقا باشلىدى.توختى ئاخۇننىڭ پىداكارانەروھىدىن تەسىرلەنگەن لۈكچۈن خەلقى تۇمىلارنى چېقىپ، ئېرىقلارنى بۇزۇشقا باشلىدى.
   ناھىيىلىك مەھكىمىدە ئەپيۇن خۇمارى تۇتۇپ كۆزلىرى قىيسىيىشقا باشلىغان فىڭ شەنگەن ئەسمىتۇل مىراپ ئەۋەتكەن چاپارمەندىن ئۆزچېغىدا جاڭ شەنگەن چاپتۇرغان ئېرىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋەرتېپىپ قويقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى ۋە پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تېپىرلىغىنىچە بىرمۇنچە يايىلارنى ئەگەشتۈرۈپ، ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ لۈكچۈنگە قاراپ يول ئالدى. يۈرۈپ نەزەر باغنىڭ يۇقىرىسىدىكى توغانساق دېگەن جايغا كەلگەندە فىڭ شەنگەننى كۆرگەن يۇرت ئەھلى بىرگەزۇلۇم سالغان فىڭ شەنگەننى ئېرىقلىرى بىلەن قۇشۇپ يۇقىتايلى، دەپ توۋلاشقىنىچەكەتمەن- گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈگۈرۈشتى.توپا توزۇتۇپ كېلىۋاتقان بىرتوپ ئالاماننى كۆرگەن فىڭ شەنگەن ئېتىنى كەينىگە بۇراپ، كەلگەن يولى بىلەن چىچانغاقاراپ قاچتى. مان بۇ شۇچاغلاردا پۈتۈن تۇرپان ئويمانلىقىنى لەرزىگە سالغان «شەنگەن ئېرىقى ۋەقەسى»ئىدى.
   شەنگەن ئېرىقلىرى تۈپتۈز قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن، بەزىلەر سىدىق خەلىپىنى بۇ ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىشقا ئۈندىدى.
   -ئۇكام سىدىق ئاخۇن، -دېدىتۇمىنىڭ ئالدىغا كىيىملىرى بىلەنلا سەكرەپ چۈشكەن توختى ئاخۇن سۆز باشلاپ:-بىزدە«دەريا ئۇخلىسىمۇ، دۈشمەن ئۇخلىماس» دېگەن ھېكمەت بار. شەنگەننىڭ ئېرىقلىرىنى بۇزۇپ تىتما- كاتاڭ قىلىۋەتتۇق.ئەسمىتۇل مىراپ دېگەن دۆيۈزنىڭ بىر پۇتىنى ناكا قىلدىڭ، ئەمدى ئۇلار بىزنى ساق قويۇرمۇ، بولسا ئاۋال گاڭ ئوردىسىغاھۇجۇم قىلايلى، ئېگىز ئوردىدىكى قورال- ياراغلارنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ، پىچانغا ھۇجۇم قىلايلى، ئېگىز ئوردىدىكى قورال- ياراغلارنى قولغا چۆشۈرگەندىن كېيىن، پىچانغا ھۇجۇم قىلىپ، فىڭ شەنگەن دېگەن سۆيۈزنىڭ كۆتتىدىن ئىس چىقىرىۋېتەيلى...
   -ھەي،ھەي، -دېدى يەنەبىرەيلەن ئارىغا چۈشۈپ، خوراش چېغىدا «كەك» دېگەن خورازنى قوغلىمايدۇ، فىڭ شەنگەن بىزنى كۆرۈپ قاچتىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنچە ئىشلار بولۇپ كەتسىمۇ لۈكچۈن گاڭدىن سادا چىقمىدى. دېمەك، ئۇلار بىزدىن قورقتى،بىز دېگەن ئادەم، پوق يەيدىغان توخو جېنىدا قورققان خورازنى چوقۇمايدۇ-يۇ، بىز بىر ئادەم تۇرۇپقورققانلارنى ئۇرساق سەت بولامدىكىن؟!
   يۇرت ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى تاقىلىپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلىشتى. خەلق ئىچىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ تۇرغان سىدىق خەلىپىمۇ ئېغىزئاچتى:
   -بولدى قىلايلى تۇغقانلار، ھەممىڭلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقاڭلار بار، بىر كۈن بولسىمۇكۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەيلى، ئەگەر گاڭ ۋە شەنگەن ھۆرۆ-پۆرۆ قىلغۇدەك بولسا يەنە سىلەربار ئەمەسمۇ، بولسا شۇ چاغدا كۆتۈرۈلسەكمۇ كېچىكمەيمىز...
   توختى ئاخۇن قايىل بولماي، «ھەي سىلەرنى...» دېگىنىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا قايىتتى.
   «دەياسۈيى ئۇخلىسىمۇ، دۈشمەن ئۇخلىماس» دېگەن گەپ راسىت ئىكەن.يۇرت ئەھلى جىمىقىپ قالغاندىن كېيىن، پىنھانلاردا سۇقۇنۇپ يۈرۈپ پۇتىنى تاڭدۇرۇپ سەل ئىسكەتىگە كېلىۋالغان ئەسمىتۇل مىراپ لۈكچۈن ۋاڭىنى كۈشكۈرتۈپ يۈرۈپ فىڭ شەنگەننى قولغا كەلتۈردى ۋە بىرمۇنچە سوۋغا- سالاملاربىلەن ئەرز ئۈچۈن تۇرپان يامۇلىغا قاراپ يول ئالدى.تۇرپان ئامبىلى ئەرزنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن،  غەزەپكە كەلدى ۋەسىدىق خەلىپىنى تۇتۇپ كېلىشكە مەخسوس بىر لىيەن چېرىك بەلگىلەپ، لۈكچۈنگە قارىتىپ يولغا سالدى. چېرىكلەرئەسمىتۇل مىراپنىڭ يول باشلىشى بىلەن خۇپىيانە ھالدا لۈكچۈنگە يېتىپ كەلدى ۋەئۆيىدە ئۇخلاۋاتقان سىدىق خەلىپىنى تۇتۇپ كەتتى.
   ئامبال سىدىق خەلىپىنى تۆت يىللىق قاماققاھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، لۈكچۈن خەلقىنىڭ ئۆشنىسىدىكى سېلىق بىر ھەسسە كۆپىيىپ كەتتى.
   يامۇل تۈرمىسى مەھبۇسلار بىلەن تۇلۇپ كەتكەنب ولۇپ، تۈرمىدىكى ھەر خىل قىيناق ئۇسۇللىرى سىدىق خەلىپىنى جېنىدىن جاق تويغۇزدى، «ھەي»دەيىتتى ئۇ تايا- توقماق دەستىدىن پۈكۈلگەن قەددىنى تۈزلەشكە تىرىشىپ، «ئۆز ۋاقتىدا توختى ئاكامنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولسام،بەلكى بۇ كۈنلەرمۇ يوق بولغىيدى، ئەگەر تۈرمىدىن ساق چىقىپ كېتەلەيدىغان بولسام بۇزومىگەرلەردىن ھېساب ئالماي قويمايمەن!...»
   سىدىق خەلىپە تۈرمىدىن چىققان كۈنلەردە،قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلاپ، قوزغىلاڭ ئوتى تۇرپان ئېتەكلىرىگەتۇتىشىشقا باشلىغان ئىدى. قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى باشلىقى غوجىنىياز ھاجى لۈكچۈنگەكەلگۈدەك، دېگەن پاراڭ كېچە ئاسمىنىدا چاقماق چاققاندەك نۇرغۇنلىغان قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى، «خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئالدىغا چىقايلى، ئۇ زاتى كېرەمنىڭ پەشلىرىنى يۈزىمىزگەسۈركەپ تاۋاب قىلايلى» دېگەندەك سادالار تەرەپ- تەرەپتىن ياڭراشقا باشلىغان كۈنلەردە، تۆت- بەش كىشى چالقان تاغلىرى تەرەپكە ئات سالدى. ئۇلاردىن ئارا بوي، دوغىلاق كەلگىنى سىدىق خەلىپە ئىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:01 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.144675 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش