تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2010|ئىنكاس: 1

بىر خىتاينىڭ نەزەرىدە - ئۇيغۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580

يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇر ناخشا ئۇسۇل ،ئۇسۇل سەنىتىمىز توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشتىكى بەس مۇنازىرىلەر مەيدانغا كېلىپ ھەتتا بەزىلىرىمىز ناخشا،ئۇسۇل سەنىتىمىزنى سۆكۈش ۋە چەتكە قېقىش پوزىتسىيەسىدىمۇ بولدى.مەن سەنئەتكارمۇ ئەمەس ياكى بىرەر ساھەدە نەتىجەم بار دىگۈدەك كەسىپ ئەھلىمۇ ئەمەس ،ئاددى بىر ئۇيغۇر ناخشا،ئۇسۇل سەنىتىمىزنىڭ ھوزۇرلانغۇچىسى شۇڭا ئۇيغۇر ناخشا،ئۇسۇل مەدەنىيىتىگە باھا بېرىش سالاھىيىتىم يوق شۇنداقتىمۇ ئۆزەم ئاڭلىغىنىم بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا،ئۇسۇل سەنىتى بىر خەنزۇنىڭ نەزىرىدە قانداقلىقىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى لايىق تاپتىم .ھەرقانداق بىر شەيئىنى ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۈزۈتۈش نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ ھەم چۈشەنچىسى ئوخشىمايدۇ شۇڭا بەزى قاراشلار مەلۇم توپقا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلىرىمىز توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
جەمىيىتىمىزدە ئۇيغۇرلاردا ناخشا،ئۇسۇل سەنىتى قىزغىنلىقنىڭ يۇقۇرى كۈتۈرلىشى بىلەن ئالاھىدە مەقسەت،مۇددىئامۇ يوق ئاددى بىر سۆھبەتتە ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشقا كەلگەن بىر كارخانىچى خەنزۇ بىلەن ئۇيغۇر ناخشا،ئۇسۇل سەنىتى توغرىسىدا ھەم سۆھبەت بولۇپ قالدىم.ئۇ
-مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا،ئۇسۇل سەنىتىنى چۈشەنمەيمەن لېكىن ئۇنىڭدىكى بىرخىل سېھرىي كۈچنى ھىس قىلالايمەن.مەن
-مەنمۇ ئۇيغۇر بولساممۇ ئۇيغۇر ناخشا،ئۇسۇل سەنىتىمىزنى بىۋاستە ئاڭلاپ،چۈشەنسەممۇ لېكىن بىر خەنزۇنىڭ نەزىرىدە قانداق ھىس قىلىدىغانلىقىغا قىزىقىمەن دەپ سورىدىم.ئۇ
-مەن باشقا مىللەت ھەم كارخانىچى بولۇش نۇقتامدىن ھىس قىلغانلىرىمنى دەپ باقسام بولىدۇ ،ئېنىقىنى دىسەم مېنىڭ ھىكايەم دىسەم بولىدۇ دەپ سۆز باشلىدى.
مەن تۇنجى قېتىم ئۇچىراشقان ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭغا قىزىقىشىم
  مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ دېڭىز ياقىسى رايۇنى تەرەققى تاپقان شەھەرلىرىدە چوڭ بولغان،شىنجاڭ،ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈزەكى تونۇشۇم مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش ماتىرياللىرىدا ئۇچىراشقان مەزمۇنلار ئىدى.كېيىن ئۇيغۇرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۇچىراتقىنىم ئاۋات شەھەرلەرنىڭ كىچىك بازارلىرى،ئارقا كوچىلىرىدا بېشىغا دۇپپا كىيىپ ئاددى كاۋاپداندا مەززىلىك كاۋاپنى قىزغىن، خۇش چاقچاق،ياڭراق،ئاھاڭلىق قوشاقلىرى بىلەن قىزىقارلىق ماھارەتلىرى بىلەن سېتىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتلىرى بولدى.مەن شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى خەنزۇلارنىڭ،كورىيە ۋە ياپۇنيەنىڭ ئېسىل ئاشپۇزۇللىرىدىكى ئالاھىدە كاۋاپلىرىمۇ بەزىدە شۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئاددى كاۋاپدانلىرىدىكى كاۋاپلارغا يەتمەيىتتى ،بارا-بارا شىنجاڭ لەغمەن ئاشپۇزۇللىرى ئېچىلىپ شىنجاڭ تائاملىرى،ئۇيغۇر ناخشا،ئۇسۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچىرىشىپ قايىللىقىمىز ئاشتى شۇنىڭ بىلەن ئەتىراپىمىزدا ئۇيغۇرلار كۆپەيدى ،ئۇيغۇرلار،ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئارا بەزىدە جىدەل ماجرالار كۆزگە چېلىقىدىغان بولدى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ قىياپەت مىللى ئالادىلىكى گەۋدىلىكلىكىدىنمۇ ئۇيغۇرئوغرى يانچۇقچىلار تەسىرى يامان بولدى(ئويلايمەن- ئۆچكىنىڭ قوڭى كۈندە ئوچۇق ۋايىم يوق،قوينىڭ بىرە- بىر ئېچىلسا سازايىم ، ئۆزىمىزنىڭكىنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويۇپ باشقىلارنىڭكىنى داپ سوقۇپتۇ دىگەندەك ئۇيغۇرلارنى پۇلنى دەپ ھەممىنى قىلىشتىن يانمايدىغان قارام دىيىش يامرىدى). بىز ئۇيغۇرلاردىن ئېھتىيات قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولسىمۇ لېكىن شىنجاڭ لەغمىنى ۋە كاۋىپى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن سودا ئېڭى بىلەن  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى.
ئەنە شۇنداق كۈنلەردە بىر بۇرادىرىمىز شىنجاڭدىن تېلىفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك مەيدانىدا بىر ئۇيغۇر يولداشنىڭ ھادىسىگە ئۇچىراپ قازا قىلغانلىقنى،ھادىسىنىڭ سەۋەبى ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى شۇڭا قاتتىق قورقىۋاتقانلىقنى خەۋەر قىلدى.بىز شۇ چاغدا دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان خەتەرلىك مەنزىرلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ بىر نەچچىمىز ئىقتىساد غەملەپ بۇرادىرىمىزگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تەيارلاندۇق. ئەتىسى يەنە تېلىفۇن قىلىپ -كەلمىسەڭلارمۇ بولىدۇ ،قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ھىچقانداق دەۋا قىلمىغۇدەك،يەنە ھىچقانداق تۆلەم تەلەپ قىلمىدى ھەتتا ئىستراخانىيە تۆلىمىنى ئېلىشنىمۇ رەت قىلۋاتىدۇ ھازىر مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار قانۇنى رەسمىيەتلەرنى بىجىرۋاتىدۇ دىدى.
   بىز تېخىمۇ جىددىلەشتۇق ،دەۋا قىلمىسا ھەم تۆلەم تەلەپ قىلمىسا ئۇچۇقلا خۇن تەلەپ قىلغىنى بولمامدۇ دەپ قارايىتتۇق  يوشۇرمايمايمەن ناۋادا بىز خەقتە بولسا بۇنداق ھادىسلەردە ئەمدىلا تاي-تاي بولغان سودىگەرلەر ۋەيران بولىدۇ ياكى قەرىزدار بولۇپ تۈگۈشۈپ كېتىدۇ.بۇ ئىش پەقەت ئەقلىمدىن ئۆتمىدى شۇڭا بۇرادىرىمگە نەچچە قېتىم قايتىپ كېلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدىم.ئۇ
   -سەن شىنجاڭنى ،ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيسەن شىنجاڭ خەلقى مېھمان دوست،كەڭ قوساق،چىقىشقاق شۇڭا شىنجاڭغا ساياھەت قىلىپ بولسىمۇ كۆرۈپ كەت دەپ نەچچە رەت تەكلىپ قىلدى.مەن يەنىلا ئىشەنمەسلىك ،قورقۇش ئىچىدە يۈردۈم ئويلىمىغان يەردىن ئۈرۈمچى تومۇز ۋەقەسى يۈز بېرىپ تېخىمۇ رايىم ياندى لېكىن تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىلىرى،تەرەققى تېپىۋاتقان كۆرۈنىشلىرىنى كۆرۈۋاتقان بولساممۇ يەنە بۇرادىرىمنىڭ شىنجاڭدا داۋاملىق تەرەققى قىلدى دەپ چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ تەسىر قىلمايىتتى ،خىيال دېڭىزىمدا ئۇرۇش مالمانچىلىق قاينىمىدىكى ئافغانىستان،ئىراق ئۇرۇش كارتىنىلىرى يەنە ئوتتۇرا شەرىقتىكى مۇرەككەپ ئىسلام مۇھىتىدىكى تېرورىزىم ۋەھىمىلىرى بىلەن تولغان بولۇپ مىنىڭ كاللامدا يەنىلا ئۆچمەنلىك بىلەن ھۆرپىيىشىپ يۈرگەن چىرايلار سىماسى ئىدى.بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر كۈنى مېنى تەكلىپ قىلىپ  يەنە تېلىفۇن قىلىپتۇ؛
  -بۇ قېتىم شىنجاڭغا چوقۇم كەل مېنىڭدەك بىر بۇرادىرىڭگىمۇ ئىشەنمەمسەن بۇ قېتىم سېنى ساياھەت قىلىش بىلەن بىرگە ماشىنا رىمنوتچىلىق ساھەيىڭنى شىنجاڭغا كەڭەيتىش توغرىسىدا بازار تەكشۈرۈش نىشانى بىلەن كېلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئۆزەمچە
  -بۇرادىرىم ھېلىمۇ شىنجاڭنى ماختاپ ئۇنداق تەرەققى قىلدى،مۇنداق تەرەققى قىلدى دەپ مېنى خېلى قىزىقتۇرۇپ ئۈلگۈردى، مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپتىكەن شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭغا سەپەر قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.

شىنجاڭغا تۇنجى سەپىرىم
   گۈزەل ئاۋغۇسىت ئايلىرىدا شىنجاڭغا سەپەر قىلىپ ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچى خەلىقئار ئايرىپورتىغا قوندۇم .بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قەدىمىم ھەم شىنجاڭغا قارىتا رەسمى چۈشەنچەمنىڭ باشلانمىسى ،ئۈرۈمچى خەلىقئارلىق ئايرىپورتى شىنجاڭنىڭ تەرققىياتىنى نامايەن قىلىدىغان بىر كۆزنەك مەن تەسەۋۇرىمدىكى شىنجاڭ بىلەن رىئاللىقتىكى شىنجاڭنى سېلىشتۇرۇپمۇ ئۈلگۈردۈم.بۇرادىرىم ئالدىمغا كۈتۈۋېلىشقا چىقىپتۇ ؛ئۇ
-ئاغىنە شىنجاڭغا كەلگەندىكىن ئالدى بىلەن شىنجاڭچە مۇھىتلاردىن ھوزۇرلان دەپ ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى ئايلانغاچ ئاۋال ئۈرۈمچى خەلىقئار چوڭ بازارغا باشلىماقچى بولدى ،مەن ئۇ جايدا ئۇيغۇرلار مەركەزلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دەپ ئاڭلىغان شۇڭا كېيىنچە (ئىچىمدە ئازراق قورقۇشمۇ بار ئىدى) بارساق .ئۇ
-شۇڭا سېنى كۆرۈپ باقسۇن دەۋاتىمەن ،بارغاندا بىلىپ قالىسەن ،تېخى نىمىشقا شىنجاڭغا بۇرۇنراق كەلمىگەندىمەن دەپ قالامسەن دىدى.
خەلىقئارا چوڭ بازار ماڭا ئۆزگىچە بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلسا ،نەپىس مىللى قول ھۆنەرۋەن بۇيۇملار ئەقلىمنى لال قىلدى يەنە ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ،خۇش تەبەسسۇم بىلەن يۈرۈشلىرىدىن يېقىندىلا بۇ جايدا ۋەھىمىلىك تومۇز ۋەقەسنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمىدى چۈنكى ھىچقانداق بىر مىللەتتىن ئۇنداق بىر چىراي ئىپادىنى ئۇچىراتمىدىم. بىزدە نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىدەك ۋەقەلەرنىڭ  جاراھىتى ھېلى ھەم ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىز ئەۋلاتلىرى قەلبىدە ساقلىنىپ تارىخ پەيدا قىلغان پاجىئەنى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە روھىيىتىمىزگە يۈك قىلىپ ياشاۋېتىپتىمىز مەن شۇندىلا شۇنى ھىس قىلدىم بىز ئۆتمۈشىمىزدىن ساۋاق ئېلىپ ھازىرقىنى قەدىرلەپ ،كەلگۈسىمىزگە يۈزلىنىشىمىز كېرەككەن.چۈشلۈك تاماق مەزگىلىدە بۇرادىرىم ئۇيغۇرلارنىڭ تامىقى بىلەن مېھمان قىلىش ئۈچۈن مىراج تاماقخانىسىگە ئېلىپ باردى بۇ يەر ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ خان ئوردىسىدەك تۇيغۇ بەردى. كاللامدا مەن كۆرگەن تۈركىيە دۆلىتىدىكى خەلىقئارالىق مەنزىرلەر بىلەنمۇ سېلىشتۇرۇپ ئۈلگۈردۈم قالتىس!،قالتىس!.
   چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات مەنزىرلىرىنى تاماشا قىلىپ بولۇپ بۇرادىرىمنىڭ ئوقەتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۇرپانغا قاراپ يولغا چىقتۇق تېز سۈرئەتلىك يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ئېسىل ماشىنىلار خىيالىمدىكى كاتاڭ يوللاردا قاتناۋاتقان ئەبجەق ماشىنىلارنى يوقاتتى .ئىككى سائەتتە ياپ-يېشىل بوستانلىق ناھىيەگە كىردۇق،كەڭ، ئازادە يوللار،رەتلىك سېلىنغان بىر خىل ئۇسلۇپ،ئوخشاش رەڭدە بىزەلگەن ئاھالىلەر ئۆيلىرى، قاتار-قاتار كەنىتلەردىن ئۆتۈپ ناھىيە بازاردىكى بۇرادىرىمنىڭ ئۆي مۈلۈك شىركىتىگە كەلدۇق.راستىنى دىسەم شىنجاڭنىڭ،بۇرادىرىمنىڭ بۇنچىلىك تېز تەرەققى قىلغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىم.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇش
بىر كۈنلۈك سەپەر،قايناق ،ئاۋات مەنزىرىلەر،بۇرادىرىمنىڭ ئۆي مۈلۈك شىركىتىدىكى ئىللىق تەبەسسۇم خۇش چىرايلار،ھەر مىللەتتتىن بولغان خەلىقنىڭ قىزغىن مۇئامىلىلىرى  مىنىڭ قەلبىمدە تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىق ،خاتىرجەملىك تۇيغۇسى قىسقىسى خىيالىمدىكى شىنجاڭغا چۈشەنچەمنىڭ ئالەمچە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقى بولدى.كەچ كىرىپ گۇگۇم چۈشكەندە ؛بۇرادىرىم
-سېنى كەچلىك تاماققا ئۇيغۇر دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە مېھمان قىلاي دىدى.مەن
-بولدىلا !چارچاپ قاپتىمەن،باشقا كۈنى بولسۇن دىدىم.ئىچىمدە يەنىلا بىرخىل تەشۋىش بار ئىدى.ئۇ
-بىلىمەن ،چارچىدىڭ شۇڭا سېنى ھاردۇقىنى چىقارسۇن دەپ ئۇيغۇر ئاغىنىلىرىمنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇردۇم،ئۇلارمۇ سېنىڭ كەلگەنلىكىڭدىن خەۋەر تېپىپ ساقلاۋاتىدۇ ،بارمىساڭ ئۇلارنى ئۆز كۆرمەپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ يەنە ئۆزەڭ ئۆزەڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغىنىڭ بولۇپ قالىدۇ.دەپ يول باشلىدى.
   ناھىيە بازارغا يېقىن بىر مەھەللىگە باردۇق ،مەھەللىنىڭ ئۆزگىچە يېشىللاشتۇرلغان،گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان مەنزىرىسى بايلارنىڭ ئارامگاھىدەك تۇيغۇ بېرەتتى .ماشىنا بىر چوڭ نەقىشلىك دەرۋازا ئالدىدا توختىدى.ئۆيدىن بېشىغا يارىشىملىق دوپپا كەيگەن ساقاللىق ئۇيغۇر بوۋاي باشلىق چوڭ كىچىك ئون قانچىسى ئالدىمىزغا چىقتى،ماشىنىدىن چۈشۈۋېتىپ نىمانچە جىق ئادەم بۇ؟ قايسىسى بۇرادىرىمنىڭ ئاغىنىسى بولغاي دەپ قارىدىم ،ئەرلەر مەن بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى،ئاياللار يېرىم تەزىم بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ھال سورىدى.ئۇلار مېنى ئۆيگە باشلىدى .قورا ئۈزۈم تەك باراڭلىق ،ئەتىراپى خىلمۇ خىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن ئازادە ھويلا ئىكەن.بۇرادىرىم ئۆي ئىگىسىگە
-ئاكا ھويلا سالقىن شۇڭا ھويلىدا ئولتۇرايلى يەنە كەڭ ئازادە ئولتۇرالايمىز دىدى.ئوتتۇرا ياش ئۆي ئىگىسى
-مېھماننى ئۆيگە باشلىمىساق سەت تۇرامىكىن ،كېيىنكى قېتىملاردا مەيلىتى دىدى.بۇرادىرىم
-ئۇنداق بولامدۇ،بۇ مېنىڭ يېقىن بۇرادىرىم باشقىچە ئويلىمايدۇ دىدى.شۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە چوڭ كارۋاتقا كۆپىلەر سېلىپ، بىزنى يۇقۇرغا باشلىدى.بۇرادىرىم مېنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇپ بولۇپ ئۇلارنى چوڭدىن باشلاپ بىرمۇ بىر تونۇشتۇردى. قاراپ باقسام بۇرادىرىمۇ خۇددى ئۇلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تونۇش ھەم قىزغىن ئىدى.مەنمۇ قىزغىنلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تاماكا تۇتقان ئىدىم ،ئۇلار قۇبۇل قىلمىدى،ئۆزەممۇ سەل تارتىنىپ قالدىم.بۇرادىرىم
-بۇرادىرىم توغرا چۈشەنگىن ،ئۇيغۇرلاردا تۇنجى كۆرۈشۈپ تاماكا تۇتمايدۇ ھەم چوڭلار،ئاياللار،بالىلار ئالدىدا تاماكا چىكىشنى پەرھىز تۇتىدۇ دىدى.شۇنىڭ بىلەن چىرايىمدىكى ئوڭايسىزلىقمۇ تارقىلىپ كەتتى.قىزغىن مۇڭدىشىشلار بىلەن مول يەل يىمىش،مىزىلىك تائاملار تارتىلىپ مېھماندارچىلىق باشلاندى بولۇپمۇ ماڭا شورپىدا پۇشۇرۇلغان قوي گۆشى بەك تېتىدى.تاماق يىيىلىپ بولغاندا ساقاللىق بوۋاي،ھەدىمىز يەنە خوشنا ئەر ئاياللار بىزنى ئۆيلىرىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلىپ قايىتتى.مەنمۇ قايتىشقا تەرەدلىنىۋىدىم بۇرادىرىم بىز ئالدىرماي قايتىمىز دەپ نوقۇپ قويدى.
  ھويلىدا يازنىڭ سالقىن ھاۋاسىغا جۆر بولۇپ ئائىلە مەشىرپى باشلاندى،ساھىپخان دۇتتارنى بەك ياخشى چالىدىكەن،چوڭ قىزىمۇ دادىسىغا ياندىشىپ ناخشا ئېيتىپ سورۇننى ئەۋجىگە چىقارسا ،كىچىك قىزى (بەش ياش)بىلەن ئاكىسى(ئون ياش) پىشقان ئارتىسلاردەك ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مېنى ھەيران قالدۇردى.بەزىدە ئوغۇلنىڭ رېتىملىق داپ ئۇرۇشلىرى،ئاپىسىنىڭمۇ قىزلىرى بىلەن مەشرەپ ئۇسۇللىرى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى.تېخى ئۇيغۇر ناخشا،ئۇسۇلىنى تۇنجى قېتىم نەق كۆزۈم بىلەن كۆرگۈنۈممۇ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن مېھماندوستلىقىدىنمۇ ۋەياكى ئۇيغۇرغا بولغان چۈشەنچەمنىڭ بۇرۇلىشىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۆزەممۇ بىلمەي شامال سوققان دەرەختەك قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۇسۇل ئويناپ كېتىپتىمەن ،ئويلاپ باقسام شۇنچە ئۇزۇن سەپەرلەردىن چارچىغانلىقتىن ئەسەرمۇ يوق، شۇنداق  ئېچىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
  بىز ساھىپخانلار بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتۇق.ماشىنىدا كېتىۋېتىپ بۇرادىرىم
-بۈگۈن مېھماندارچىلىق قانداق بولدى،رازى بولدۇڭمۇ؟ مەن
-سەن ئۇلار بىلەن بەك يېقىن ئىكەنسەن،قىلچە قورۇنۇش يوق ،ياخشى ئۆتىدىكەنسەن،ئۆي ئىگىسى سېنىڭ شىركىتىڭدە ئىشلەمدۇيا ! بۇرادىرىم
-سەن بىلىسەن! بۇرۇن قۇرۇلۇش ئورنۇمدا بىر ئادەم قازا قىلغان،ئايال ساھىپخان شۇ ئادەمنىڭ ئايالى.بۇ ئەر مەمۇر خىزمەت قىلىدۇ ،بۇ ئاكىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالى تۈگەپ كېتىپ بۇ يەڭگىمىز بىلەن توي قىلغان،چوڭ قىز ئەرنىڭ،ئوغۇل ئايالنىڭ ،كىچىك قىز بۇلار توي قىلغاندىن كېيىن تۇغۇلغان يەنە بايىقى ياشانغان بوۋاي ئاشۇ ۋەقەدە تۈگەپ كەتكەن كىشىنىڭ دادىسى،بوۋاينىڭ ئايالى ئىككى يىل بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن يېقىندا مۇشۇ ئاكىمىز باش بولۇپ ئۇ بوۋاينى ئۆيلەپ قويدى ،يېنىدىكى يېقىندا ئالغان ئايالى ،مۇشۇ ئاكىمىز بۇ بوۋايلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىدۇ يەنە بىللە كەلگەن ئەر ئاياللار ھازىرقى ئەرنىڭ تۇققانلىرى،بۇ ئۆيدىكى يەڭگىمىز شىركىتىمدە مۇھىت ئاسىراش ئىشى قىلىدۇ .ئۇيغۇرلاردا ھالال ياشاش ،تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش ئېڭى يۇقۇرى ،ئىناقلىقنى قەدىرلەيدۇ دەپ كۆپ تەرىپلىدى. بۇ ئائىلىدىكى خوشاللىقلار بىلەن ئارقىسىدىكى رىئاللىقلار مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ خىل تۇرمۇش مۇمكىنچىلىك بولمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى بۇ يەنىلا شۇ كەڭ ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.

شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلەش
   شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمول تەرققىياتلار،شىنجاڭلىقلارنىڭ كەڭ قوساق،ياتلارنى چەتكە قاقمايدىغان ،باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئىسىل روھى مېنى شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىقتۇردى.بىر نەچچە كۈنلۈك بازار ئارىلاش،كۈزۈتۈش نەتىجىسىدە مەن بۇ ناھىيەدە ئوتتۇرا تىپتىكى ماشىنا رىمنوتچىلىق،بىزەكچىلىك شىركىتى قۇرۇشنى قارار قىلىپ تەيارلىقنى باشلىدىم.رىموتچىلىق سېخلىرىم قۇرۇلۇش باشلىنىپ خادىم تەكلىپ قىلماقچى بولۇپ ئۇستىلار بىلەن ئالاقىلاشتىم لېكىن خەنزۇ ئۇستاملار مۇئاشنى بەك يۇقۇرى قويۇۋالدى،ئۇيغۇرلاردىن تەلەپكە يېتىدىغان ئۇستام يوق دىيەرلىك ئىكەن ،بېشىم قېتىپ تۇراتتىم مېنى تۇنجى قېتىم مېھمان قىلغان شۇ ئۇيغۇر ئاكىمىز ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ،ناھىيەلىك كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ماشىنا رىمنوتچىلىق كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن قىرىق ئوقۇغۇچىدىن ئوتتۇز نەپەرنى تاللاپ ئىچكىرىگە بېرىپ يۇرتۇمدا ئۈچ ئاي تەربىيەلەشنى ،تەربىيەلىنىپ كەلگەندىن كېيىن يىگىرمە نەپەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ،تەربىيەلەش چىقىمنى ناھىيە ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ پۈتۈشتۇق.قارىسام ھەممىسى ئۇيغۇر بالىلاركەن مەن
- كۇرسانىتلار خەنزۇ تىلىدا قىينىلىپ قالارمىكىن ،ھۆنەرنى ئالتە ئاي ئۈگەنسە دەپ تەلەپ قويدۇم.مەكتەپ تەرەپ
-بىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىمىز ناۋادا ئۈچ ئايدا تەلەپكە يەتمىسە قايتا تەربىيەلەنسە بولىدۇ دەپ ئىشەنىچ بىلەن ئېيىتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرىدە تۇرمۇشتىكى قىزغىن ،خۇش چاقچاقلىقى ،كۇرۇستىكى تىرىشچانلىقى،ئەپچىل چاقان قوللىرى ۋە مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ماھىرلىقى بىلەن ئۈچ ئايدا رەسمى ئۇستىلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.يۇرتۇمدىكى ھەم شېرىكلىرىممۇ بۇرۇن ئۇيغۇر كۇرسانىتلارغا ئىشەنىچ قىلالماپتۇ قىسقىسى ئۇلارغا ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيەسىدە ئىدى .بىراق ئۇلارنىڭ ھۆنەرنى شۇنداق تېز ئىگەللەپ بولىشى ئۇستاملار ئۈچۈن چۈشەنگۈسىز سېھىرلىك ئىدى.شىركىتىممۇ يۈرۈشلىشىپ ئىشلىرىم ئوڭغا تارىتتى لېكىن ئوقۇغۇچىلار ماڭا مۇئاش،تەمىنات توغرىسىدا ئالاھىدە تەلەپلەرنى قۇيۇپ باقمىدى شۇنداق قانائەتچان بىلىشىمچە بەزى رىقابەتچىلىرىمىز ئۇلارنى يۇقۇرى مۇئاش بىلەن تەكلىپمۇ قىلىپتۇ لېكىن ئۇلار سەمىمىلىك بىلەن رەت قىلىپتۇ ماڭىمۇ شىنجاڭدا،ئۇيغۇرلار بىلەن مۇئامىلىدە بولغىلى تۆت يىل بولۇپتۇ بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا دائىر ھىكايەم ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ،ئۇسۇل سەنىتىگە قارىتا ئۆزەمنىڭ ئاددى چۈشەنچەمنى دەپ باقسام دەپ سۆز باشلىدى.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئۇسۇل سەنئىتى
   مەن تۇنجى قېتىم ئۇچىراشقان ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭغا قىزىقىشىم، شىنجاڭغا تۇنجى سەپىرىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇش، شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن شۇ كەچمىشلەرنى ئويلاپ باقسام يەنى شىنجاڭدا ئۆتكەن نەچچە يىللىق ھايات مۇساپەمنى يىغىنچاقلاپ ئېيىتسام ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئۇسۇل سەنئىتى بىلەن چەمبەر چەس باغلىنشلىق ئىكەن.چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىچىكىدىنلا ناخشا،ئۇسۇلغا قىزىقىشى ئائىلە ،جەمىيەتتىكى سەنئەت مۇھىتى شۇنداقلا ۋۇجۇدىدىكى سەنئەت ئىلمىنتى دىسەم ئارتۇقچە كەتمەس چۈنكى ئۇيغۇرلاردا مۇنتىزىم سەنئەت تەربىيەسى قوبۇل قىلمىسىمۇ بىر خىل ئىچكى تالانىت مەۋجۇت، ئۇيغۇرلاردا ناخشا،ئۇسۇلنى مۇنتىزىم قېلىپقا سېلىۋالىدىغان تار بىكىنمىچىلىك يوق ،ئەركىن ،باراۋەرلىكنى سىڭدۈرىدىكەن بۇ بىز خەنزۇلاردا ياڭگىر ئۇسۇلى،ئەجدىھا ئوينىتىش ئۇسۇلى،چاڭچىلە ئېيتىش ۋە تېز قوشاق ئېيتىش(كۇئەيبەر) سەنئەتلىرىمىز كوللىكتىۋىزىمنى تەرغىپ قىلسىمۇ ئاممىۋى ئاساسى ئاجىز ئىكەن بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەشىرەپلىرى ئاممىنىمۇ ،سەنئەتچىنىمۇ ،ئېنىقىنى دىگەندە جەمىيەتنى ئادىمىيلىك بىلەن تەربىيەلەيدىكەن بۇ مېنىڭ خاس چۈشەنچەم.خوش ئۇنداقتا مەن ئۇچىراتقان ئاشۇ كارتىنىلاردىن ئۇيغۇر ناخشا ئۇسۇل سەنئىتىگە چۈشەنچەمنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشسام.
   ئۇيغۇرلاردا بالا تۇغۇلۇپلا ئانا سۈتى بىلەن بۆشۈكتە يېقىملىق ئەللەي ناخشىلىرى ئارقىلىق پەرزەنىتلىرىگە بىر خىل مىھىر مۇھەببەت ،ئىللىقلىقنى سىڭدۈرسە،ئايىقى چىقىشى بىلەن ئۇسۇل ئويناش ئارقىلىق ئەركىنلىك،مۇستەقىللىقنى،چىدامچانلىقنى،تىلى چىقىش بىلەن ناخشا ئېيتىپ جاسارەتنى،ئۆزىنى تونۇشنى يەنە ئۆزىنى  نامايەن قىلىشنى بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرسە مەشىرەپ،نورۇز بايرام،ئاممىۋى پائالىيەتلەردىن مىللەت،ئەنئەنە،ئىناقلىق،ئۆملۈك تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرىدىكەن ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا ئۇيغۇرلاغا خاس ئادىمىيلىك بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىقىدىكەن.شۇڭا ئۇيغۇرلاردا ھاياتنى ،تەبىئەتنى،ئەمگەكنى توغرىسىنى دىگەندە ئۆزىنى قىزغىن سۆيۈش روھى يېتىلىدىكەن.شۇڭا ئۇيغۇرلار مەيلى ئۆز يۇرتىدا بولسۇن ياكى شىنجاڭدىن چىقىپ يىراق ئىچكىرى ئۆلىكىلەر ھەتتا چەتئەللەرگە يۈزلىنىپ سودا،تۇرمۇش پائالىيەتلىرىدە باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلىشى ھەم سىڭىشىپ كېتەلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا،ئۇسۇل ئارقىلىق قىزغىنلىق،مىھىر مۇھەببەتكە تۇيۇنغان ۋۇجۇدى يەنە جىسمىدىن باشقىلارغا تارقىتىلىۋاتقان مۇھەببەتتىن ئىبارەت ئاكىتىپ ئىنىرگىيە بەلكىم باشقىلارنى جەلىپ قىلىۋاتقان ئاكىتىپ ئامىل، سېھرىي كۈچ بولسا كېرەك.
   ئۇيغۇرلارنىڭ تەملىك كاۋاپلىرى،مىزىلىك لەغمەن تائاملىرى ...ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىنلىقنى،يېڭىلىققا ماھىرلىقى ۋە ئەپچىللىكى بىلەن تۇرمۇشنى تېتىملىق رەڭدارلىق بىلەن گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ.شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تائاملىرى ھەرقانداق بىر جايدا ئالقىشلىنىشىنىڭ سىرىمىكىن دەيمەن.
ئۇيغۇرلار ناخشا ،ئۇسۇل سەنىتى ئارقىلىق ئېڭىغا سىڭگەن ئۆملۈك،تەبىئەتنى سۆيۈش،ئەمگەكنى سۆيۈش يەنە تاۋلانغان جاپاغا چىداش روھى بوستانلىق شىنجاڭنى يەنى ئون ئىككى مۇقام،كارىز،يىپەك يولى ...دەك دۇنياۋى مۆجىزاتلارنى يارىتىپ دۇنيا ئەللىرىنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ.تومتاق ئاددى تىل بىلەن دىسەم ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ،ئۇسۇل سەنئىتى ئۇيغۇرلاردا تىل ئەۋرىشىملىكى ۋە بەدەن نەپىس ھەركەتلىرى بىلەن باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا تىل ئۈگۈنۈش،ھۆنەر ئىگەلەشتە ،تېز قۇبۇل قىلىشتا ئالاھىدە تالانىت،ماھارەت بار دەپ قارايمەن.بەزىدە شۇنىمۇ ئويلايمەن ئۇيغۇرلاردىمۇ ئالەمشۇمول نەتىجىلەرنى ياراتقان ساھىبلارمۇ ئاز ئەمەسكەن لېكىن ئۇلارنىڭ تونۇلىشى يىتەرلىك ئەمەسكەن بۇ ئۇيغۇرلاردا شەخىسلەرگە چوقۇنۇش،غايىۋىلاشتۇرۇپ ئىنتىلىش روھىنى ئانچە تەشەببۇس قىلىنىپ كەتمەسلىكىدىن بولسا كىرەك.ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا،ئۇسۇل سەنىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كچەك،يىمەك-ئىچمەك،قۇرۇلۇش مىمارچىلىق،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى ...قاتارلىق خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە رېستۇران مەدەنىيىتىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ خەلىقئارادىمۇ جەلىپ قىلىش كۈچى بارمىكىن دەپ قارايمەن.ئۇيغۇرلار يەنە ناخشا ،ئۇسۇل سەنئىتى بىلەن تائام،مېھماندارچىق،مەي شارابچىلىقتىمۇ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ دۇنيا ھاراق مەدەيىتىدىمۇ ئۆزگىچە يېڭىلىق ياراتقان مىللەت.لېكىن ئۇيغۇرلاردا ناخشا،ئۇسۇلغا بەك بېرىلىپ قىسمەن ئاممىدا بارغا شۈكرى قىلىش،زىيادە ئادەمگەرچىلىك،سەمىمىيەتسىزلىك خائىشلارمۇ ئۆسمە بولۇپ باشقىلارنى دوراش،داغۋازلىق ئەۋىج ئېلىپ نەغمە سورۇن كۆپىيىپ ۋاقىت،كىيىم كېچەك ئىسراپچىلىقى ھەم مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىللەتلىرى گەۋدىلىنىۋېتىپتۇ. بۇ ھال ئۇيغۇرلادا ئىقتىساددا چىكىنىش ،چۈشكۈنلىشنى ئۇلغىيتىۋېتىپۇ ئەمما ئۇيغۇرلاردىمۇ تىرىشچان كارخانىچىلار،كۈچلۈك كارخانىلارمۇ بارلىققا كېلىۋېتىپتۇ. ئۇيغۇرلار ناخشا،ئۇسۇلدىن ئىبارەت ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى غايەت زور بايلىق ئارقىلىق ئۇلار تېخىمۇ يۈكسەلگۈسى.  ئۇيغۇر ناخشا،ئۇسۇل سەنىتى ئارقىلىق رەھبەر بىلەن ئامما يېقىنلىشالدىغان ،باي بىلەن نامراتلا تەڭ باراۋەر بولالايدىغان ،ھۆكۈمەت بىلەن خەلىقنى باغلىيالايدىغان كۆرۈك .ھەممە ئادەمنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا،ئىلىم يولىنى ،ساخاۋەت يولىنى تۇتۇشقا ئۈندىيەلەيدىغان ،ئىناقلىقنىڭ تۈرۈكى دىيشكە بولىدۇ. ھەرقانداق بىر مىللەتتە ئارتۇقچىلىق،كەمچىللىك ئوخشاش مەۋجۇت شۇڭا ئارتۇقچىلىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىشىمىز ،كەمچىللەرگە چىڭ ئېسىلۋالماي توغرا تەرەپكە تەرەپكە تەرققى قىلدۇرساق چوقۇم كەلگۈسىمىز پارلاق بولىدۇ ھەم شۇنداق بولىشىغا ئىشىنىمەن دەپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويدى.
بۇ خەنزۇ بۇرادەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ،ئۇسۇل سەنئىتىگە قارىتا يۈزەكى قاراشلىرى بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنى شۇنچىلىك چۈشۈنۈشنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى .چۈشۈنۈش ئارقىلىق ئىشىنىش پەيدا بولىدۇ.بۇ بىر ئاددى سۆھبەت بولغاچقا نامۇۋاپىق جايلارنى توغرا چۈشەنگەيسىزلەر.

0

تېما

1

يازما

120

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
120
ۋاقتى: 2016-1-19 10:12:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىتتاي دېگەن  ھامىنى خىتتايلىقىنى قىلىدۇ دە . مۇشۇ سۆھبەتتىمۇ خىتايلىقىنى بوش قويماپتۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:47 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.151146 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 26 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش