تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 708|ئىنكاس: 0

قومۇل كالام شېرىپ ئىسكىلاتىنىڭ كۆيدۇرۋېتىلگەنلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
  1931-يىلى 8-ئاي جىن شۇرىن 6500 كىشىلىك زور قوشۇنغا غۇلجىدىكى ھەربى ئەمەلدار جاڭپىييۇەننى قوماندان ، شىڭشىسەينى سەنمۇجاڭ قىلىپ تەيىنلەپ ماجۇڭيىڭ بىلەن غوجىنىياز ھاجىنىڭ قوشۇنلىرىنى تەلتۆكۇس يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ . زور قوشۇن ئۆرۇمچىدىن يولغا چىقىپ فۇكاڭ ، جىمسار ، گۇچۇڭ ، مورى ، يەتتە قۇدۇق ئارقىلىق فاماتاڭ )يەتتە قۇدۇق ۋە لىياۋدۇڭنىڭ ئارىلىقى ( غا يىتىپ بارىدۇ . بۇ يەردە ماجۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكى ماشىمىڭ ، ماچۇەنلۇ بىلەن بىرقېتىم جەڭ قلىشىدۇ . ئىككى مانىڭ بۇ قېتىمقى توسۇپ زەربە بىرىش جېڭىنى قوزغاشتىكى مەقسىتى جەڭدە غەلبە قىلىش ئەمەس ئىدى . بەلكى جىن شۇرىن قوشۇنىنىڭ ئىلگىرلىشىگە توسۇق سېلىش ئىدى . ئۇلار قارا ئاتلىق قوشۇنىى باشلاپ جاڭپييۇەننىڭ سول قاناتتىكى قوشۇنىغا ئوڭ ياندىكى تاغ ئېغىزىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ ھۇجۇم قىلغاندا جاڭ پېييۇەن 3-يول قىسمىغا ئىككى ماغا قارشى ئاتلىنىشقا بۇيرۇق بىرىدۇ . ۋە 1-،-،2- يول قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىپ ئوڭ ۋە سول قاناتتىن قورشاپ ئىككى مانى چېكىنىشكە مەجبور قىلىدۇ ، ئىككى مانىڭ قوشۇنى چىكىنىۋاتقاندا ،باپپىنگورت مىڭدىن ئارتۇق ئەل قىلىنغان روس ئەسكىرگە قوماندانلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ قىرىپ ماڭىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ جەڭ ناھايىتى تىز ئاخىرلىشىدۇ . بۇ جاڭ پييۇەننىڭ قومۇلنى قورشاۋدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا قىلغان تۇنجى جېڭى شۇنداقلا ئۇ پو ئېىتپ كۆرەڭلىگەن ئاتالمىش «فاماتاڭ «جېڭى ئىدى .
   جاڭپېييۇەن قوشۇنى قومۇل شەھرىنىڭ يېققىن ئەتراپىغا يىتىپ بارغاندا قومۇل كونا شەھەردە قورشۇلۇپ قالغان شۈڭ فا يۇ نىڭ لۇيى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاللىقاچان بوش قالغان خۇيچىڭ شەھەر ئىچىگە كىرىپ ، شەھەرنى ئىشغال قىلغان بولىۋالىدۇ . شۈڭ فا يۇ بۇ يەردىن ئالتۇن كۆمۇش ،پۇل بىسات تېپىش ئۇچۇن ،ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق قىلىپ قومۇل ۋاڭ ئوردىسىنى قېزىپ ئوڭتەي -توڭتەي قىلۋېتىدۇ ، ھېچى يەردىن ھېچى نىمە تاپالمىغانلىقتىن ئەسەىبيلىك بىلەن 400 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ئوردىغا ئوت قويۇپ تۇپتۇز قىلۋېتىدۇ ، ھەتتا نەچچە يۇز يىللىق تارىخقا ئىگە «كالام شېرىپ ئىسكىلاتىمۇ «موشۇ قېتىملىق ئوتتا كۆيۇپ كۈلگە ئايلىنىپ كىتۇدۇ. بۇ ۋەھشىيانە ھەركەت ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ . جاڭ پېييۇەن جىن شۇرىن ھۆكۈمىتىگە يوللىغان مەلۇماتىدا ۋاڭ ئوردىسىنى كۆيدۇرۇۋېتىلگەنلىك ۋەقەسىنى ماجۇڭيىڭغا دۆڭگەپ ، شۇڭ فا يۇنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق ئاقلايدۇ ، شيۇڭ فا يۇ قومۇلدا دائىم بىگۇناھ كىشلەرنى قىرغىن قىلىپ قومۇل دىھقانلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ .
.مەن تارىخ ۋاراقلاۋېتىپ بۇنىڭدىنمۇ دۆت ئەمەلدارنى كۆرمەپتىكەنمەن . بۇ ئىشەكتەك دۆت ئەمەلدارغا پۇل كېركقۇ شۇ ،ئۇنداق بولغاندىن كىيىن كالام شېرىپ ئىسكىلاتىدىكى كىتاپلارنى ساتىمەن دەپ تەنزە يايغان بولسا بىر كىتاپنى بىر قويغا ساتقىلى بولۇشى مۇمكىن ئىدى . ئىشەكنىڭ ئەقلىگە تاۋۇز شاپىقىنى كەلتۇرۇپ قويدىغان ئادەم چىقمىدى . ماجۇڭيىڭ قاراقچىلىقتا چېكىگە يەتكەن بولسىمۇ بۇ قارا قورساق ۋە ئۇنىڭ قاراقچى قوشۇنى  نىمىلا بولمىسۇن مۇسۇلمانلىق تەربىيەسى ئالغان بولغاچقا كالام شېرىپ ئىسكىلاتىغا تىگىشتىن ھەزەر قىلغان ئىدى . ۋاھ ھەسراتا شۇنداق قىلىپ نەچچە يۇز يىللىق كالام شېرىپ ئىسكىلاتى يەنى قومۇل ۋاڭ ئوردا كۈتۇپخانىسى كۆيۇپ كۇل بولدى  .


http://bbs.bagdax.cn/thread-43509-1-1.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-10 21:15 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.213212 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش